izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-8-7 17:58:09

AC مىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى

كارۋانىم بلوگى خەۋەر قىلىدۇ:



8-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 20دە دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانى «چاڭگا» بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرىكى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئوخشاشلا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. 80 مىڭغا يېقىن پۇتبول مەستانىسى دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان پۇتبول مۇسابىقىسىدىن ھوزۇرلاندى.



AC مىلان كوماندىسى بىر توپ كەينىدە قالغان بولسىمۇ،پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ تىركىشىش نەتىجىسىدە كەينى-كەينىدىن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئىنتىر مىلان كوماندىسىنى يېڭىپ، ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى چىمپىيۇنلىقىنىڭ لوڭقىسىغا ئېرىشتى. AC مىلان كوماندىسى بۇنىڭ بىلەن 6 قېتىم چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.





ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابىقىسى ئىتالىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بەزى مۇسابىقىلەرنى دۆلەت سىرتىدا ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بولۇپ.بۇ قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن،بۇ ئىتالىيە لوڭقىسىغا ئائىت مۇسابىقىنىڭ بېيجىڭدا ئىككىنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلىشى ھېسابلىنىدۇ
.

















مۇناسىۋەتلىك فىلىم



مەنبە:http://karwanim.com/?p=494



بۇ تىما كارۋانىم تور مەھەللىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىزدىنىش مۇنبىرىگە يوللاندى.






http://karwanim.com

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2011-8-7 19:28:59

مانچېستېر بىلەن مىلان قەلبىمگە پۇتبول مېھرى سالغان كوماندىلار ئىدى ، تۈنۈگۈن خەلق مەيدانىدا قىزىم، ئايالىم ئۈچىمىز ئولتۇرۇپ كۆرۈپتۇق ، ئۇزۇن بوپتىكەن توپ كۆرمىگىلى ... بەك خوش بولدۇم.

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2011-8-7 20:40:21

تەلىيى كەپقالدى\"\"

uyguryigiti يوللانغان ۋاقتى 2011-8-8 08:43:54

ئېنتېرھەر ئىككىلا قېتىمدا ئۇتتېرۋىتىپ قالدى دە ھەي،    ئوقۇش پۈتتۆمەي تۇغان بوساق نەق مەيدان كۆرەكەممىزتۇق

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-8 15:09:10

لۈكچەك سىنانىڭ سىن ئۇلىنىشىنى بايقۇت قىلىمەن


تېمىنى ئېچىش بىلەنلا ئۆزلىكىدىن ئېلانى قويىلىدىكەن.


مەن سىن كۆرمەكچى بولسام مەيلىتى ئېلانىنى كۆرسەم.ئەمما سىننى كۆرمەي تۇرۇپ ئېلانىنى ئاڭلاشنى رەت قىلىمەن.


qutyar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-9 09:57:00

Muzepperنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تەلىيى كەپقالدى\"\"



\"\" مىلان ئۇتقان مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىدە تەلىيى كەپ قالغان بولىدۇ سىللىگە قويۇپ بەرسە .




Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2011-8-9 13:19:29

ئالغا مىلان !
بەت: [1]
: AC مىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى