خاككېر ۋە ھاماقەت
خاككىر:مەن سېنىڭ كومپىيوتۇرۇڭنى كونتۇرۇل قىلىۋالدىم،ھې ھې ھې
ھاماقەت:قانداق كونتۇرۇل قىلىۋالدىڭ؟
خاككىر:تىروجان ۋىروسى ئىشلىتىپ
ھاماقەت:قېنى ئۇ .؟؟؟؟؟؟؟مەن كۆرمەيمەن يا؟؟؟؟؟؟؟
خاككىر:سېنىڭ پىراگىرامما قوزغاتقۇچۇڭدا!!!!
ھاماقەت:پىراگىرامما قوزغاتقۇچ نەدە؟؟؟
خاككىر:سېنىڭ كومپىيوتۇرۇڭنىڭ ئاستىدا
ھاماقەت:<مېنىڭ كومپىيوتۇرۇم>(我的电脑) نىڭ ئىچىدە يوقكەن....
خاككىر:بولدىلا ،مەن ھېچنىمە دېمىگەن بولاي
~~~~~~~~~
خاككىر:مەن ھازىر سېنىڭ كومپىيوتۇرۇڭنى پۈتۈنلەي كونتۇرۇل قىلدىم،قانداق يامانمىكەنمەن......
ھاماقەت:ئوۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ
خاككىر:قوقتۇڭما؟؟؟؟؟؟؟؟؟ھې ھې ھې
ھاماقەت:كەلگىنىڭ ياخشى بولدى،ماڭا ياردەم قىلىشىپ كومپىيوتۇرۇمدىكى ۋىروسلارنى يۇيۇشۇپ بېرە،بۇ يېقىندىن بۇيان كومپىيوتۇرۇمنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس
خاككىر:........................................
~~~~~~~~~
ھاماقەت:سەن نىمىشقا دايىم مېنىڭ كومپىيوتۇرۇمغا كىرىپ چىقىپ يۇرىسەن؟؟؟؟؟؟؟
خاككىر:سەن قوغدىغۇچى تام(防火??ئورناتساڭ بولدىغۇ
ھاماقەت:قوغدىغۇچى تام ئورناتسەم سەن كىرەلمەمسەن
خاككىر:ياقەي ،مەن پەقەت سەل ئەھمىيەتلىك بۇلۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن...سېنىڭ كومپىيوتۇرۇڭنى بۇنداق ئاسانلا كونتۇرۇل قىلسام ئۆزەمنى دۆتتەك ھېس قىلىپ قالىدىكەنمەن.......
~~~~~~~~~
ھاماقەت:ئاڭلىسام سېنى ۋىروس ياسىيالايدۇ دەيدىغۇ؟
خاككىر:ھەئە
ھاماقەت:سەن خەقنىڭ كومپىيوتۇرىنى كونتۇرۇل قىلالامسەن؟
خاككىر:ئادەتتكى ئىشلارغۇ ئۇ
ھاماقەت:ئۇنداقتا توربەتلەرنى بۇزىۋېتەلەمسەن؟>>>>
خاككىر:ئەلۋەتتە،سەن باشقىلارنىڭ مېنى قارا مېھمان دەپ ئاتىغىنىنى ئاڭلىمىدىڭما؟
ھاماقەت:ئوۋ ،،،،،،،ئاڭلىغان،مەن تېخى سېنى چىرايى قارا بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتىمەن
خاككىر:................................
~~~~~~~~~
خاككىر:مەن يەنە كەلدىم
ھاماقەت:سەن ھەركۈنى كېرىپ زېرىكمەمسەن؟؟؟
خاككىر:ئەلۋەتتە زېرىكىمەن،سېنىڭ كومپىيوتۇرۇڭ مەن كۆرگەن كومپىيوتۇر ئىچىدىكى ئەڭ قوتاسى
ھاماقەت:ئۇنداق ئەمەستۇ،بۇ داڭلىق ماركىلىق كومپىيوتۇر
خاككىر:مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم سېنىڭ كومپىيوتورۇڭ ئىچىدىكى ئۇيۇنلاردىن باشقىسى ۋىروسكەن..........
ھاماقەت:ئوۋ ۋ...........ئۇنداقتا سەن مېنىڭ تۇتاشتۇرۇش ئويۇنى<连连眿gt;نى كۆردۇڭما؟؟قەيەرگە قويغىنىم ئېسىمدە يوق،خېلى بولغان ئىزدىگىلى.....
خاككىر:خوش.............
~~~~~~~~~
خاككىر:ھەي ،مەن كەلدىم
ھاماقەت:بىر نەچچە كۈن بولدى سېنى كۆرمىگىلى ،مېنىڭ قوغدىغۇچى تېمىم (防火??سېنى توسىۋالدىمۇ>>....
خاككىر:ھا ھا،قىزىقچى سەن ھە،سېنىڭ كومپىيوتۇرۇڭغا كىرىش ئۆزەمنىڭكىگە كىرگەندىنمۇ ئاسان....مېنى سېغىنمىدىڭم
ھاماقەت:سەندىن بىر ياردەم تەلەپ قىلاي بولامدۇ؟
خاككىر:نىمە ئىش؟
ھاماقەت:سەن مېنىڭ كومپىيوتۇرۇمنىڭ سانلىق ئامبىرىنى بىر ئۆزگەرتىپ بەرسەڭ بولاتتى....
خاككىر:سەن نىمە قىلماقچى؟؟؟؟؟؟؟
ھاماقەت:ياردەم قىل،بۇ ئايلىق توك پۇلۇمنى يوق قىلىۋەتكىن،،،،،،،،،....
خاككىر:ۋاي ئۆلە
~~~~~~~~~
خاككىر:سەن ئۆلدۇڭما،يوقاپ كەتتىڭ؟
ھاماقەت:بىر نەچچە كۈن سىرتتا ئوينىغان،مېنى ئىزدەپ نىمە قىلاتتىڭ؟
خاككىر:مەن بىر نەرسە ئىزدىۋالاي دېگەن
ھاماقەت:مېنىڭ كومپىيوتۇرۇمدا نىمە ئىزدەيسەن؟
خاككىر:ۋىروس،نەچچە يىل بولغان بىر ۋىروس بارتى،سېنىڭ كومپىوتۇرۇڭدىلا ئۇنى ئەڭ ئىشەنچىلىك ساقلىغىلى بولىدۇ
ھاماقەت:.......................
~~~~~~~~~
خاككىر:مەن كەلدىم
ھاماقەت:........................
خاككىر:نىمە بولدى گەپ قىلمايسەنغۇ؟
ھاماقەت:كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس
خاككىر:كىم سېنى بوزەك قىلدى
ھاماقەت: مېنىڭ چ چ رىم يۈتۈپ كەتتى،ئىچىدە نۇرغۇن مۇھابەتلىرىم باتى
خاككىر:بۇ ئاسان،مەن قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرەي
ھاماقەت:ئەكىلەلمەيسەن
خاككىر:مۇمكىن ئەمەس،دېگىنە ،نۇمۇرى قانچە
ھاماقەت:شۇ........ئۇنتۇپ قاپتىمەن نۇمۇرىنى
~~~~~~~~~
ھاماقەت:بۇ ياققا چىقە؟؟؟
خاككىر:نىمە بولدى؟؟؟
ھاماقەت:سەن مېنىڭ ئىسمىمدا كەپسىز مۇنبىرىگە خەت يازدىڭما؟
خاككىر:سەت بولدى،ساڭا دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،بىراق مەن ئەسكى ئىش قىلمىدىم،شۇ بىر نەچچە پارچە كىشلەرنى جىلە قىلغۇدەك ئەسەر يېزىپ قويدۇم..ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن.....
ھاماقەت:ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ
خاككىر:سەن نىمە قىل دېمەكچى
ھاماقەت:مەن بۇرۇندىن تارتىپ ھېچكىمنى جىلە قىلالمىغان،بۇ بىرىنجى قېتىملىقى ،بەك كۆڭۈللۈك ئىكەن،سەن يەنە بىر قېتىم شۇنداق قىلە....
خاككىر:ئوۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ................
~~~~~~~~~
خاككىر:مەن بايا بىر قىزىقارلىق ئىش قىلدىم
ھاماقەت:نىمە ئىش؟
خاككىر:كەپسىز مۇنبىرىگە كىرىپ تېما يازدىم
ھاماقەت:بۇ نورمال ئىشقۇ؟
خاككىر:مەن يازغان تېمامدا باشقۇرغۇچىنى تىللىدىم...ئاچچىقىمنى چىقىرۋالدىم
ھاماقەت:ۋاھ،يامانغۇ سەن ...مەن ئەزەلدىن بۇنداق قىلمىغان،قىلسام مېنىڭ ئارخىپىمنى يۇيۋېتىدۇ
خاككىر:توغرا ،ئۇلار ئارخىپنى يۇيۋەتتى
ھاماقەت:بۇنىڭ نەرى قىززىق
خاككىر:مەن سېنىڭ ئىسمىڭنى ئىشلەتكەن
ھاماقەت:.................
~~~~~~~~~
ھاماقەت:سەن كومپىيوتۇرغا ماھىرمۇ؟
خاككىر:شۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ
ھاماقەت:قايسى دەرىجىدە
خاككىر:ئوۋ ،مەن بەزىدە زېرىكىپ قالغاندا ئۆزەمنىڭ كومپىيوتۇرىنى ئۆزەم قارا ھۇجۇم قىلىپ ئوينايمەن ،چۈشەندىڭما؟
ھاماقەت:بۇنى مەنمۇ قىلالايمەن............
خاككىر:قانداق دەيسەن،سەنمۇ قىلالامسەن؟
ھاماقەت:ئەلۋەتتە،كومپىيوتۇرۇمنى بىر ئۆچۈرۋەتسەم ئېكران قاپقارا بوپ قالىدۇ......
خاككىر:يوقال،بېرىپ ئۆل>..............
مەنبە :Internet
يوقاپ كەتتىڭىز... سىزنىڭ تېمىللىرىڭىز مەيلى نىمىلا بولسۇن ئىزدەپ كۆرگۈم كىلىدۇ، چۈنكى بىر خىل كۆڭۈل ئازادىلىك ۋە يۇمۇر تۇيغۇسى بار.
سالامەت بولۇڭ قېرىندېشىم، رامىزان مۇبارەك!
قىزىقارلىق يۇمۇرلاركەن.
يوقاپ كەتتىڭىزخاككىر:سىنىڭ كومپيوتىرىڭدىكى ۋىروسلارنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ مىنىڭ ئىچىم پۇشۇپ كەتتى، بۇ كومپيوتىرنى قانداق ئىشلىتەلەيدىغىنىڭغا مىنىڭ ئەقلىم ھەيران.
ھاماقەت:بەك ئوبدان ئىشلىتىۋاتىمەن بۇ كومپيوتىرنى، نىمىشقا ياخشى ئىشلەيدۇ سەۋەبىنى مەن دەپ بىرەيمۇ؟
خاككىر:قېنى دەپ باقە.
ھاماقەت:زەھەر بىلەن زەھەر قايتۇرغاندەك، ۋىرۇس بىلەن ۋىرۇس ئۆلتۈرىمەن.
خاككىر ئايلىنىپ كىتىپتۇ.
خاككېر: بارمۇ سىلى جەۋلان؟جەۋلان : بارغۇ ، يوقاپ كەتتىڭلىغۇ؟
خاككېر : يوقىمىدىم ،تېخى ھېلىلا ئىزدىنىشقا بىر تېما يوللىدىم.
جەۋلان : ۋوي مۇبارەك بولسۇن ، بىر نېمە يازالىغۇدەك بولدۇڭلىما؟
خاككېر : ياقەي باشقا مۇنبەردىكى ئانچە مەنىسى يوق بىر تېمىنى كۆچۈرۈپ قويدۇم!
جەۋلان : قېنى ئۇ ؟ ئىسمىڭلىدە ئۇنداق بىر نەرسە كۆرۈنمەيدىغۇ؟
خاككېر : مەن ئۇنى سىلىنىڭ نامىڭلىدا كۆچۈرۈپ قويدۇم ،ھى ..ھى..ھى...
رامىزان مۇبارەك ! قېرىنداشلار ...
بار ، بار ، ھەممىسى بار ، گۇيتوزىلار ... ۋاقتى سائىتى كەلگەندە كىرىدۇ مارىشىپ... يەنە قاينايمىىز تېخى .
بۇمۇ مىسراننىڭ يۇمۇرىدىكى خاككىر بولسا كېرەك
جەۋلانبايغا سالام يوللاپ قويارسىلەر
