تەرجىمە يۇمۇرلار
بىر ئايال قىزىنى ئېلىپ بېرىپ نېرۋا كېسەللىرى دوختۇرىغا كۆرۈنۈپتۇ، ھەمدە دوختۇرغا: «قىزىم يېرىم يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۆزىنى بىر مېكيان دەپ قاراپ كېلىۋاتىدۇ» دەپتۇ. دوختۇر ھەيران بولغان ھالدا «يېرىم يىل بولغان بولسا نېمىشقا دوختۇرخانىغا ئەمدى كەلدىڭىز؟» دەپ سوراپتىكەن، ئايال تەمكىنلىك بىلەن« يېرىم يىلدىن بۇيان بىز بىر ئائىلە كىشلىرى ئۇنىڭ تۇخۇم تۇغىشىنى ساقلاپ كەلدۇق» دېگۈدەك.
ئوغلى دادىسىدىن سوراپتۇ: «ئىقتىسادچىللىق بىلەن پىخسىقلىقنىڭ قانداق پەرقى بار؟»
دادىسى: « مەن ئۆزەمگە لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا كۆزۈم قىيمىغاندا ئاپاڭ مېنى ئىقتىسادچىل دەيدۇ، ئاپاڭغا لازىملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى توللۇق ئېلىپ بەرمىسەم ئۇ مېنى پىخسىق دەيدۇ.»
كەچلىك تاماق ۋاقتىدا قىزى ئاپىسىدىن سوراپتۇ:« ئاپا، سىز قانداق قىلىپ دادام بىلەن توي قىلىپ قالغان؟» ئاپىسى ئېرىگە قاراپ دەپتۇ:« مانا قاراڭ، سىز بىلەن توي قىلىپ قالغانلىقىم قىزىمىزنىڭمۇ كاللىىسىدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ.»
ئوغلى:«دادا، بۇگۈن مۇئەللىم ماڭا ،ئاتىسى قانداق بولسا، بالىسى شۇنداق بولىدۇ دەيدۇ، بۇ نېمە دىگەن گەپ؟»
دادىسى:« بۇگۈن سەن مەكتەپتە چوقۇم ئەسكى ئىشتىن بىرنى قىلىپ قويغان گەپ.»
يېرىم كېچىدە بالىسى قاتتىق يىغلاپ كەتكەنلىكتىن دادىسى ھەدەپ ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بالىسىنى بەزلەۋاتسا قوشنىسى:«بالاڭلارنى خاتىرجەم يىغلىغىلى قويساڭلار بولمامدۇ؟»دەپ ۋاقىرىغۇدەك.
مۇزىكانىت:« بۇ ئۇخلىتىش مۇزىكىسىنى ئىشلەشكە ساق ئون يىل ۋاقىت سەرىپ قىلدىم .»
نەشىريات سودىگىرى:«نېمىشقا ئۇنچىۋالا ئۇزاق ۋاقىت سەرىپ قىلدىڭىز؟ »
مۇزىكانىت:« ھەر قىتىم ئازىراق ئىشلەپلا ئۇخلاپ قېلىپ.»
مەنمۇ داۋاملىق تېمىنى ئوقۇۋىلىپلا قاچماي بىر يۇمۇر دەپ بىرەي :
1.باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالىسى مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ دادىسىدىن سوراپتۇ : دادا ، ئەمگەكچىلەرنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقوقى دېگەن نېمە ؟
دادىسى خىلى تەپسىلى چۇشەندۇرگەن بولىسىمۇ بالىسى يەنىلا چۇشەنمەپتۇ ، ئاخىرى دادىسى مۇنداق چۇشەندۇرۇپتۇ : ئاپاڭ ئىشتىن چۇشۇپ بىزگە تاماق ئېتىدۇ ، كىر يۇيىدۇ ، ئەلۋەتتە ئۇنى ئازراق كوتۇلدىغىلى قويمىساق بولامتى ؟!
1.1 ئىدارىمىزنىڭ ئائىلە قۇرۇسى بىلەن خىزمەت بىناسى يىقىن بولغاچ بەزىلەرنىڭ بالىسى ئشخانىلاردا ئويناپ يۇرەتتى ، بەزىلەر باللىرىنى باشلىق كۆرسە خاپا بولىدۇ ، باشلىق كۆرسە ئۇنداق بولىدۇ ، بۇنداق بولىدۇ دەپ قورقۇتاتتى ، بىر كۇنى بىرسىنىڭ بالىسى مۇنداق دەپتۇ : ئاپا باشلىق دېگەن خۇدامۇ ؟!
ۋاخاخاخا!!!بەك قىززىككەن!!ئۇيغۇر يىگىتى ئۆيىگە كېلىشىگە ئانىسى كايىپلا كەتتى:
--بۇ نىمە قىلغىنىڭ، ئوقۇش باشلىنار باشلانمايلا سىناقتا 0 نومۇر ئاپسەنغۇ؟
ئۇيغۇر يىگىتى: مۇئەللىم بىزگە ھەر قانداق ئىشىڭلارنى 0 دىن باشلاڭلار دىگەن ئىدى.
يېرىم كېچىدە بالىسى قاتتىق يىغلاپ كەتكەنلىكتىن دادىسى ھەدەپ ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بالىسىنى بەزلەۋاتسا قوشنىسى:«بالاڭلارنى خاتىرجەم يىغلىغىلى قويساڭلار بولمامدۇ؟»دەپ ۋاقىرىغۇدەك.
___________________________________
ھا...ھا.... ماۋۇ، ۋەھشى ئۆلتۈردىغىنىكەن جۇمۇ!...
ئاۋۇ يۇمۇردا ، ئۇيغۇر يىگىتى دەپ ئالماي ، بىر ئوقۇغۇچى دەپ ئالساق بولماسما ؟ ئالامەت يۇمۇرلار كەن ،،،، بۇگۈن سەن مەكتەپتە چوقۇم ئەسكى ئىشتىن بىرنى قىلىپ قويغان گەپ.»