uyguryigiti يوللانغان ۋاقتى 2011-8-4 10:38:34

سوتچى بىلەن ئوغرى [تەرجىمە]


سوتچى:« سەن ئوغرىلىق قىلغان ۋاقتىڭدا ئەجىبا خوتۇن-باللىرىڭنى ئويلاپ قويمىدىڭما؟»


ئوغرى:« ئويلىغان، بىراق مەن ئوغرىلىققا چۈشكەن دۇكاندا ئاياللار ۋە بالىلارغا لازىملىق نەرسىلەر يوقكەن.»




سوتچى:« نېمىشقا ساڭا ئىشەنگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ئالدايسەن؟ »


جاۋاپكار:«ماڭا ئىشەنمەيدىغانلارنى ئالدىيالمىسام»




سوتچى:« بۇگۈن مېنىڭ ساڭا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سوت ئېچىشىم بۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن»


ئوغرى :« سوتچى جاناپلىرى كەسىپ ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىۋاتقان ئوخشىماملا؟»




سوتچى:«ئويلاپ باق، سەن بۇ ئۆمرۈڭدە جەمىيەت ئۈچۈن بىرەر تۆھپە قوشۇپ باقتىڭمۇ؟»


جاۋاپكار:« ساقچى ۋە سوتچىلارنىڭ ئىشسىز قالماسلىقى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتۇم»




سوتچى:«نېمىشقا يالغان پۇل ياسايسەن؟»


جاۋاپكار:« راست پۇل ياسىيالمىسام»




سوتچى:«داۋاملىق سوتقا كېلىپ نومۇس ھىس قىلمامسەن؟»


جاۋاپكار:« ئۆزلىرىمۇ كۈندە سوتتا يۈرۈپ نۇمۇس قىلمايدىكەنلىغۇ.»




سوتچى:« ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا پەلتو ئوغىرلىدى دەپ ساڭا بىر قېتىم سوت ئاچقانغۇ؟ يەنە پەلتو ئوغىرلىدىڭما؟»


جاۋاپكار:«بىر پەلتونى ئون يىل كەيسەم بولامتى؟»




ساقچى:« سىزنى ئۇرغان ئادەمنىڭ تەقى-تۇرقىنى سۈپەتلەپ بىرەلەمسىز؟»


دەۋاگەر:«ئەلۋەتتە سۈپەتلەپ بىرەلەيمەن، سۈپەتلەپ بىرەلىگەنلىكىم ئۈچۈن تاياق يېگەن تۇرسام.»


abida يوللانغان ۋاقتى 2011-8-4 17:31:32


  بەك قىززىق يۇمۇرلار ئىكەن، ئىزدىنىشتە ھەممە ۋىتامىنلار تولۇقلىنىدىغان بولدى.

mehmut يوللانغان ۋاقتى 2011-8-5 23:08:27

مەندە كالىتسىي كەم ئوخشايدۇ، قانداقلا ئۇقىسام ھىچ كۈلەلمەيۋاتىمەن.. يا قىزىقلىقىدىن تازا چۈشۈنەلمىدىممۇ؟  

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-5 23:53:18

mustakil يوللانغان ۋاقتى 2011-8-6 10:54:28

نېمدىكەن قىززىق يۇمۇرلار بۇ، غۇلجىدىكى چاخچاقچىلارنىڭ ئاغزىغا چىقىپ قالسا تېخىمۇ قىززىق بوپ كېتەتتى
بەت: [1]
: سوتچى بىلەن ئوغرى [تەرجىمە]