uyguryigiti يوللانغان ۋاقتى 2011-8-3 14:47:47

مەنمۇ تەرجىمانلىقنى باشلىدىم ئەمىسە!

ماقال-تەمسىل تەرجىمە قىلىشقا سەۋىيە يەتمەيدىغاندەكقىلىدۇ، يۇمۇردىن باشلاي ھە!




بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىر توپچىنىڭ قول بارمىقى ئېغىر يارلىنىپتۇ، مۇسابىقىدىن كېيىن ئۇ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ سوراپتۇ، «دوختۇر ، قولۇم ساقايغاندىن كېيىن پىئانىنو چالالايمەنمۇ؟ »


دوختۇر ئۇنىڭغا « چاتاق يوق ، چوقۇم چالالايسىز » دەپتۇ. پۇتبولچى خوشال بولغان ھالدا ، «نېمىدىگەن ياخشى ئىلگىرى پەقەتلا پىئانىنو چالامايتىم» دېگۈدەك.





بىر تەنتەربىيە خەۋەرلىرى مۇخپىرى بىلەن بىر پۇتبولچى بىر ياتاقتا يېتىپ قاپتۇ، ئەتىسى سەھەردە پۇتبولچى بېرىپ كوماندا دوختۇرىغا كۆرۈنۈپتۇ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇخپىر ئۇنىڭدىن «دوختۇر نېمە دىدى ؟» دەپ سوراپتىكەن، پۇتبولچى « دوختۇر مېنى تىنىچ مۇھىتتا ، ياخشى ئارام ئالغىن دېدى، ھەم ماۋۇ تېنىچلاندۇرۇش دورىسىنى يېزىپ بەردى» دەپتۇ، مۇخپىر ئۇنىڭغا «ئەمىسە مەن بېرىپ قايناقسۇ ئەكىلەي، دوراڭنى ۋاقتىدا ئىچىپ ياخشى ئارام ئالغىن» دەپتىكەن، پۇتبولچى مۇخپىرغا « دوختۇر بۇ دورىنى ماڭا ئەمەس ساڭا كېسىپ بەردى» دېگۈدەك.





بىر كۈنى ئەتىگەندە ئالتىنچى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان بىرتوپ مەستانىسى بەشىنچى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان قوشنىسىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ،« تۆنۆگۈن ئاخشامقى گىرمانىيە بىلەن كوستارىكا نىڭ مۇسابىقىسىنى كۆردىڭىزمۇ» دەپ سوراپتىكەن، قوشنىسى «كۆرمىدىم ،بىراق تۆتتە ئىككى بولغىنىنى بىلىمەن» دەپتۇ، توپ مەستانىسى « ھە، ئۇنداقتا مۇسابىقىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنى كۆرۈپسىز دە » دەپتىكەن، قوشنىسى «ئۇنىمۇ كۆرمىدىم » دەپتۇ . توپ مەستانىسى « ئۇنداقتا مۇسابىقە نەتىجىسىنى قانداق بىلدىڭىز؟» دەپ سوراپتىكەن. قوشنىسى « سىز ئاخشام تۆت قېتىم داسنى چالدىڭىز ئىككى قېتىم بوتولكا چاقتىڭىز» دەپتۇ.




زىدانى: «پەرەز قىلىپ باقققىنا ، مەن مۇئاشىمنى ئالغاندىن كېيىن قانداق قىلىمەن؟»


فىيگو:« بىر موچەننىمۇ قالدۇرماي ئايالىڭغا تاپشۇرىسەن»


زىدانى: «خاتا، مەن پۇلنىڭ ھەممىسىنى بانكىغا قويىمەن»


فىيگو:« خو، ئوغۇل بالا ئەكەك »


زىدانى: «پۇلنى بانكىغا قويۇپ بولۇپ، پۇل چېكىنى ئايالىمغا تاپشۇرىمەن»





بىر-جۈپ ئەر-ئايال پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرۈۋېتىپ، ئايالى ئېرىدىن «ئالدىمىزدا ئولتۇرغان ئاۋۇ ئادەم نېمىشقا يېنىدىكى ئادەمنى تىللايدۇ؟» دەپ سوراپتىكەن، ئېرى «ئۇنىڭ يېنىدىكى ئادەم باياتىن رىپىر غا بوتولكا ئاتقانلىقى ئۈچۈن» دەپتۇ، ئايالى« ۋاي ئۇ ئاتقان بوتۇلكا رىپىرغا تەگمىدىغۇ»دېسە، ئېرى« تەگمىگەچكە ئىزاسىنى ئىشتىۋاتىدۇ» دەپتۇ.




مەلۇم بىر پۇتبولچى باشقا كوماندىغا ئالماشماقچى بوپتۇ، كوماندا ئالمىشىشتىن بۇرۇن توپچىلاردىن مەدەنىيەت بىلىملىرىدىن ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن، ئۇ توپچىنىڭ تېرنىرى ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئىمتىاھان ئالغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ« توپچىلىرىمىزنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيىسى سەل تۆۋەنرەك ئىدى، سوئالنى بەك تەس چىقىرىۋەتمىسەڭلار » دەپ ئۆتۈنۈپتۇ، ئىمتىھان ئالغۇچىلار ماقۇل بوپتۇ. ئىمتىھان باشلىنىپ، ئىمتىھان ئالغۇچى توپچىدىن «بەش نى يەتتىگە كۆپەيىتسە قانچە بولىدۇ؟» دەپ سوراپتىكەن، توپچى سەل ئويلىنىپ كېتىپ« ئوتتۇز بەش» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ، ئىمتىھان ئالغۇچى ئەمدى بىر نېمە دەي دەپ بولغىچە ياندا تۇرغان تېرىنېر« ئۆتۈنۈپ قالاي،ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم جاۋاپ بېرىش پۇرسىتى بەرگەن بولساڭلار» دېگۈدەك.


uyguryigiti يوللانغان ۋاقتى 2011-8-3 15:46:01

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرىدە چەك تارتىش ئارقىلىق بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن جۇڭگو كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشىدىغان بولۇپ بەلگىلىنىپتۇ. مۇسابىقىدىن بۇرۇن بىرازىلىيە كوماندا ئەزالىرى ياباۋ يولىدىكى بىر قاۋاقخانىدا مەي-شاراپ ئىشكەچ پاراڭلىشىپ قاپتۇ، كۆپچىلىك بىردەك «بىز دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا ، ھەممىمىز بېرىپ مۇسابىقىگە چۈشسەك قىزىپ كېتىپ توپنى بەك كۆپ ئۇرىۋىتىپ قېلىشىمىز، ساھىبخاننىڭ يۈزىنى بەك سەت تۆكۈۋىتىشىمىز مۈمىكىن، شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشىسى بىرلا ئادەم بېرىپ مۇسابىقىگە چۈشسۇن، قالغانلار ئولتۇرۇپ ھارىقىمىزنى ئىچىۋېرەيلى» دېگەن قارارغا كەپتۇ، ھەمدە كوماندا باشلىقى رونالدىنخو نىڭ پىكىرى بويىچە مىلان ھۇجۇمچىسى پاتو نى مۇسابىقىگە چۈشۈشكە ئەۋەتىپتۇ. پاتو خوشياقمىغان ھالدا مۇسابىقىگە چۈشكىلى كېتىپتۇ. قالغانلار مۇسابىقە ئەھۋالىنى تېلىۋىزوردىن كۆرگەچ ھارىقىنى ئىچىشىۋىرىپتۇ. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇت بولغاندا پاتو ئۆزى يالغۇز قارشى تەرەپنىڭ 11 ئادىمىنى ئالداپ ئۆتۈپ ۋارتاغا بىر توپ ئۇرۇپتۇ، بۇنى كۆرگەن رونالدىنىخو ناھايىتى خوشال ھالدا« قۇيە ھارىقىڭنى، بولدى تېلىۋىزورنى ئۆچۈرىۋەت، بىز چوقۇم يېڭىمىز» دەپتۇ. ئارىدىن ئىككى سائەت ئۆتۈپ پاتو كەيپىياتى ناھايىتى ناچار ھالدا قاۋاقخانىغا قايتىپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن رونالدىنىخو پاتوغا: «پاتو ئۇكام، نېمە بولدۇڭ، بېشىڭ ساڭگىلاپلا كېتىپتىغۇ؟» دەپ سوراپتىكەن ، پاتو يىغلامسىراپ تۇرۇپ «بىز ئىككىدە بىر نەتىجە بىلەن مۇسابىقىدە ئۇتتۇرىۋەتتۇق» دەپتۇ، رونالدىنىخو پاتوغا تەسەللىي بېرىپ، «بوپتۇ ئۇكام ، بىر ئادەم 11 ئادەم بىلەن مۇسابىقە ئويناپ ئىككىدە بىر قىلماقمۇ ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساھىبخان كوماندىغا ئانچە-مۇنچە يۈز بەرمىسەكمۇ بولمايدۇ» دەپتىكەن. پاتو «ئۇنىسىغۇ شۇ، لېكىن قاملاشمىغان يېرى مەن مۇسابىقە باشلىنىپ ئالتە مىنۇت بولغاندا دۇڭفاڭجو نى پۇتلاپ سېلىپ قىزىل كارتا يەپ كەتتىم. دېگۈدەك.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-8-3 16:22:56

ئالدىنقى يېرىم مەيداننىڭ يېرىم سائىتى بىلەن كېيىنكى پۈتۈن مەيداندا قاراۋۇلسىز ۋارتاغا جەمئىي ئىككى توپ چۈشۈپتۇ-دە..\"\"

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2011-8-3 16:27:39

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !


ئەگەر رېفىرنىڭ بەدىنىگە تېگىپ قاڭقىمىغان بولسا ئۇ ئىككى توپنىڭ كىرىشىمۇ ناتايىن \"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-8-3 19:02:35

باچكىنىڭ ئىنكاسىنى ئوقىمىغان بولسام، ئاۋۇ يۇمۇرنى چۈشەنمەسكەنمەن، قاتىل يۇمۇركەن ئۇ .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-8-3 19:17:17

مەنمۇ ئاۋازىمنى چىقىرىپ كۈلىۋەتتىم\"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-8-3 20:11:13

ھا ھا ھا ... راستلا قاتىل يۇمۇركەن...


بۈگۈن مەن بەك قۇيۇلۇپ كەتتىم بالىلار. ئەتىگەن سائەت ئۈچ بولغاندا قارىسام جەمئى ئەزا 9995 تۇرۇپتىكەن. 10000 -ئەزا بولاي دەپ ئارقا-ئارقىدىن 5 ئىسىم تىزىملاتساممۇ مۇنبەردە ھازىرغىچە يەنىلا 9995 نەپەر ئەزا دەپ تۇرۇپتۇ...

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-4 15:26:09

تۆنۈگۈن گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە خان جەمەتى مادرىد كۇماندىسى خېڭدا كۇماندىسىنى 7دە1نەتىجە بىلەن ئۇتىۋاپتۇ،ئاۋۇ يۇمۇرغا جۆر بولغۇدەك نەتىجە بوپتۇ.

ehsan99 يوللانغان ۋاقتى 2011-8-4 15:38:40

\"\"\"\"\"\"


دۆلەت كوماندىسىغا يۇمۇر دىگەن دەششەت كەپ قويىدىدە ئشقىلىپ ،ئۆتتۈرىدىغان يۇمۇركەن !!!

بەت: [1]
: مەنمۇ تەرجىمانلىقنى باشلىدىم ئەمىسە!