(ياردەم)macمەشغۇلات سىستىمىسى توغرىسىدا
ئۇزۇندىن بۇيان mac سىستىمىسى ئىشلىتىپ بىقىش ئارزۇيۇم بار ئىدى. لىكىن كومپىيۇتىرىم سەپلىمىسى تۆۋەن بولۇش سەۋەپلىك سىنىمىغان ئىدىم. يىڭى كومپىيۇتىر ئالدىم. win7 قاچىلاغلىق. ئاساسىي تاختام asus نىڭ P8H61 تىپلىق. i5-cpu.
ئاساسىي تاختام winXP نى قوللىمايدىكەن.
ئەمدى مەن كومپىيۇتىرىمغا mac سىستىمىسى قاچىلىسام ئاساسىي تاختام قوللامدۇ؟ ئەڭ مۇھىمى قاتتىق دىسكامدىكى ماتىرىياللار بىرەر ھادىسىگە يولۇقماس؟ قىنى ئۇستىلار بەھۇزۇر......
دىسكىغا ئويىۋىلىپ قاچىلاش توغرىسىدا ئازراق سۆزلەپ بىرىڭە... ئاۋۇ مۇنبەردىكى تىمىدا بىر باسقۇچتىن باشقا ھەممە يىرى ئوخشاش ئىكەنغۇ.402339731 خالىسىڭىز.... Mana Bu Inkasni Kompiyuterimdiki Mewhum PC Gha Qachilghan Ubuntu Da Yeziwatimen , Lekin Xetler Normal Emes , Yol Korsetsenglar@زىلتار:
تور كۆرگۈچتىكى خەتلەرنى دەمسىز؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى ئىچىپ مەن يازغان ئىنكاس بويىچە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلاڭ.
http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=591&extra=page%3D1
خەت نۇسخىسى قاچىلاشنى شۇ رەسىمدىكىدەك قىلسىڭىزبولا بولىدۇ. يەنى ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدا خالىغان قاچلىماقچى بولغان خەت نۇسخىسىنى ئاچسىڭىزلا ئىچىلغان خەت نۇسخا كۆزنىكىدە قاچىلاش كۇنۇپكىسى بار. خەت نۇسخىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن Firefox نىڭ ياكى باشقا تور كۆرگۈچلەرنىڭ تەڭشىكىگە كىرىپ خەت نۇسخىسى ئۈچۈن قاچىلىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا تەڭشەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. خەت نۇسخىسى نورمال قاچىلانغان بولسىلا سىستىمىدىكى ھەممە دېتالنىڭ (Firefox, OpenOffice دىگەندەك)خەت نۇسخا تاللاش تىزىملىكىدە شۇ قاچلانغان خەت نۇسخىسىنى تاپالايسىز.
ئەگەر ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى تاللىماقچى بولسىڭىز سىستىما تەڭشىكىگە كىرىپ كۇنۇپكا تاختىسى دىگەن يەرنى تىپىڭدە، كۇنۇپكا تاختىسى تەڭشىكىدىن كۇنۇپكا تاختا قۇرۇلمىسى/قىلىپ دىگەن يەرگە تىزىملىكتىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى تاللاپ قويسىڭىزلا بولدى. ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەكچى بولغاندا ئىكراننىڭ ئەڭ ئۈستى ئوڭ بۈرجىكىدە پەيدا بولغان كۇنۇپكا قېلىپى تاللاش تىزىملىكىدىن ئۇيغۇرچىنى تاللاپ قويسىڭىزلا بولدى، رەسىمدىكىدەك:
تىمام چۈشىنىكسىز مۇ؟ بىلىدىغانلار يوقمۇ؟ بۈگۈن ئىزدىنىشقا ئاز ئادەم كىردىمۇ؟
قاچىلاپ ئىشلەتسڭىز بولىدۇ.
بۇ مۇنبەرنىڭ mac سېستمسغا ئائىت تېملىرنى ئوبدان كۆرسىڭىز چۈشىنسز. سزگە كېرەكلىك ماتېرىياللار شۇ يەردىن تېپىلىدۇ.
Mac OS X Leopard 10.6.3 نى قاچىلسىڭىز بولىدۇ.
ئالدى بىلەن بىر نەرسە ئىنىق بولۇشى كىرەك! مەكىنتوش سىستىمىسى ھەممە كومپيۇتىرغا قارىتا لايھىيلەنگەن ئەمەس، شۇڭا ئۇدۇللا ئەكىلىپ خالىغان كومپيۇتىرغا ۋىندوۋس قاچلىغاندەك قاچلىغىلى بولمايدۇ. ئالما كومپيۇتىرلىرى ئىنتىل ئۆزەكلىرىنى ئىشلەتكەندىن ياقى خىلى خاككىرلار مەكىنتوشنىڭ شىفىرىنى ئۆزگەرتىپ ھەكىنتوش (en:Hackintosh) (خاككىرلانغان مەكىنتوش دىگەندەك مەنىدە) نامىدا مەزكۇر سىستىمىنى ئالما كوميپۇتىرلىرىدىن تاشقىرى دۇنيادا ئىشلىتىشنى سىناپ كىلۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، پاتنىت ھوقۇقى ھەم مونوپوللىقىغا زىيادە سەزگۈر ئالما شىركىتى ئۈچۈن مەكىنتوش سىستىمىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىش قەتئىلا قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەتتۇر! ھىسابتا بۇ خىل نۇسخىلارنى ئىشلەتتىڭىز دىگەن گەپ قانۇنسىز/ئوغىرلىق قىلمىشى ئۆتكۈزدىڭىز دىگەن گەپ.يەنە بىرىگە، مەكىنتوش سىستىمىسى پەقەت ئالما دېتاللىرى بىلەنلا گۈزەل، چۈنكى سىسىتىما شۇلارنىڭ قاتتىق دېتالىنى مەقسەت قىلىپ ئىشلەنگەن. شىفىرى ئۆزگەرتىلگەن ياكى مەۋھۈم بوشلۇق ئۇسۇلىدا مەكىنتوشنى ئىشلەتسىڭىز سىسىتىمىنىڭ تۇراقلىق بولۇشى ياكى سىز كۈتكەن ئۈنۈمنى بىرىشى ناتايىن.
يۇقارقى ئىككى سەۋەبكە كۆرە سىزگە يەنىلا ئەگەر ۋىندوۋستەك تۇراقسىز (بولۇپمۇ ئىشلەتكەنسىرى ئاستىلايدىغان) ھەم ۋىرۇستىن قورقۇپلا تۇرىدىغان سىستىمىدىن باشقا سىسىتىما ئىشلىتىشكە قىزىقسىڭىز لىنۇكس سىستىمىسى تەۋسىيە قىلىمەن. بولۇپمۇ ئۇبۇنتۇ نىڭ ئەڭ يىڭى نەشىرى سىزگە مەكىنتوشتەك قولايلىق ھەم تۇراقلىق بىرەلەيدۇ. ۋىرۇستىن قەتئىلا ئەنسىرمەيسىز (ۋىرۇسخۇر ئىشلىتىشمۇ ھاجەتسىز). ئۇششاق دېتاللارنى قانچە كۆپ قاچلىسىڭىزمۇ سىستىمىڭىز ئاتتەك چاپىۋىرىدۇ، ھەم ھىسابلاش ئىقتىدارى ۋىندوۋس ئىشلەتكەندىن تىز بولىدۇ.
ماڭا ئىشخانىدا ئۇبۇنتۇ 10.04 نىڭ 64بىت نۇسخىسىنى ئىشلىتۋاتقىلى بىر يىلدىن ئاشقان ئىدى. سىستىما قاچلىغاندا 20 GBئايرىپتىكەنمەن. ئۇششاق دېتاللارنى بەك قاچلىۋىتىپ يىقىندا بۇ بوشلۇق توشۇپ كەتتى، بولمىسا بىر يىلدىن ياقى بىر قىتىممۇ چاتاق چىقماي ئاتتەك مىڭىۋاتقانتى، ئامالسىز بوشلۇقنى چوڭايتىشقا مەجبۇر بولدۇم(ئەمەلىيەتتە سىستىما ئۈچۈن 5GB يىتىدۇ). بۈگۈن ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ 64 بىتلىق نۇسخىسىنى قاچلىدىم، بۇ نەشىرى تىخىمۇ پەيزى بولۇپ كىتىپتۇ، قولايلىقلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ(2006-يىلى ئىشلەتكەن ئۇبۇنتۇ 6.06 كە سىلىشتۇرغاندا ئاسمان-زىمىن پەرىق بار ئىكەن). ئۆيدە مەكىنتوش ئىشلىتىمەن، نەزىرىمدە مەكىنتوش لىنۇكسقا يەنىلا يەتمەيدۇ. ئەگەر سىز لىنۇكس ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان بولسىڭىز ياخشىسى مەكىنتوشقا ئۆتمەڭ، لىنۇكىستىكى ئەركىنلىك مەكىنتوشتا يوق. بۇلتۇر مەكتەپتىكى كومپيۇتىردا تىخنىكىلىق ياردەم بىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەم بىر ئاداش ئالما خاتىرە دەپتىرىگە ئۇبۇنتۇ قاچىلاپ ئىشلىتىۋىتىپتىكەن، تازا چۈشەنمىگەن ئىدىم شۇ چاغدا، ئىشلىتىپ باققاندىن كىيىن ئاندىن بىلدىم. ھىسابتا مەكىنتوشتا شىفىرى ئوچۇق دېتللارنىڭ ھەممىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ، لىكىن ئۇنداق ئاددى ئەمەسكەن. Xterm نى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقتىم، يەنىلا دېتاللار لىنۇكس مۇھىتىدا ئىشلىگەندەك ئىشلىمەيدىكەن. مەكىنتوشنىڭ شۇ بىر ئالاھىدە يىرى ئالما قاتتىق دېتالىنىڭ سۈرەت كارتىسىنى ياخشى كۆرسىتىشىدە ئوخشايدۇ، باشقا ئارتۇقچىلىقىنى ھىس قىلالمىدىم. مۇتلەق كۆپ ساندىكى مەكىنتوش يۇمتاللىرى قاتتىق دېتاللىرىدەكلا قىممەت.
يەنە بىر گەپ: خۇددى لىنۇكس قا ئوخشاش، مەكىنتوش سىستىمىسى QQ, MSN, Yahoo messnger دەك دېتاللارنىڭ ئاۋاز ھەم سۈرەت ئىقتىدارىنى قوللىمايدۇ، بۇنىسى ئىسىڭىزدە بولسۇن. بۇ ھەرگىز سىستىمىدىكى گەپ ئەمەس، بەلكى شۇ تىڭشۈن دەك شىركەتلەرنىڭ مونوپوللۇقى سەۋەبلىك
http://v.youku.com/v_show/id_XMjYzMTc3MDk2.html
بۇ پەقەت بىر مىسال، ئازىراق ئېتىشسىڭىز بۇنىڭدىنمۇ نوچى ئۈنۈملەرنى چىقارغىلى بولىدۇ. ubuntu 11.04 دەپ ئىزدىسىڭىزلا بولدى، يەتكۈدەك ئۇچۇرغا ئىرىشىسىز
دىمەك مىنىڭ ئاساسىي تاختام قوللىماسلىقى مۇمكىن ئىكەندە...
قاتتىق دىسكام دىكى ماتىرىياللار ئۆچۈپلا كەتمىسە سىناپ باقىمەن...
رەخمەت سىلەرگە.
يەنە بىرسىگە مەن بىر فىلىم كىرىشتۈرگۈچى. پىرىمىر ، ئەفتىر ، فۇسىيون دىگەندەك دىتاللارنى ئۈگىنىپ بولدۇم ، ھازىر چىقىۋاتقان شىنجاڭنىڭ نەرسىلىرىنى دىگۈدەك قىلىمەن. ئەمدى گەپ تۈنۈگۈن تور ئارلاۋىتىپ ئالمىنىڭ بىرنەچچە تال يۇمتالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم . چۈشەندۈرىشىدە فىلىم كىرىشتۈرىدىغان ، ئالاھىدە ئۈنۈم يۇمتالى ، ئالاھىدە ئۈنۈم قوشۇمچە دىتالى ، دەپتۇ. بۇ يۇمتاللار windows 7 دا قوزغىتالمىدىم. ئىسمىدىمۇ ئالما دىتالى دەپ بار ئىكەن. بۇرۇن ئاڭلىغان ، پىچەت ئۈنۈملەرنى ئالما كومپىيۇتىردا ئىشلەيدۇ دەپ. شۇڭا مەنمۇ كومپيۇترىمغا ئالما مەشغۇلات سىستىمىسىنى قاچىلاپ ، كومپىيۇتىرىمنى ئالما قىلىۋالاي دىگەنتىم . (ئوتتۇز چىشىنى چىقىرىپ كۈلگەن رەسىم) oghuzkb بۇرادەر،تەپسىلىيرەك توختىلىپ بىرىڭە ubuntu توغرىسىدا.بىز Windows تا ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان نەرسىلەرنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ياكى ubuntu نۇسخىسىنى تېپىش كىرەكمۇ؟يەنە مەسىلەن كۆپىنچە توردىن مال سېتىۋالغاندا IEدىن باشقا كۆرگۈلەردە پۇل تۆلىگىلى بولمايدۇ،ubuntuقانداق؟؟يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يۇلۇققان بۇلىشىڭىز مۇمكىن ئىشلەتكۈچە،سۆزلەپ بېرىڭە،ubuntuغا قىزىقىپ قالدىم. غەرىبتە لىنۇكسنى بىلىدىغانلار كۆپ بولغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر، بۇ تەرەپلەردە IE غىلا تايىنىپ قالىدىغان ئىشلار ئاز، كۆپىنچە توردا پۇل تۆلەش، توردىكى بانكا مۇلازىمىتىگە ئوخشاش مۇلازىمەتلەرنى Firefox ئاساسەن قوللايدۇ، opera, google-chrome مۇ ھەم شۇ، شەخسەن بۇ تەرەپتە بىرەر مەسىلىگە ئۇچراپ باقمىدىم. شۇ ***چە تور بەتلەردە IE غىلا تايىنىدىغان ئىش بەك ئىغىر. بۇنىڭ ھەم شەخسى بىخەتەرلىككە زەخمى بەكىرەك بار. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ سايىسىدىن ئۈركىپ يۈرىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن لىنۇكس تىپىدىكى مەشغۇلات سىستىمىسى ئەڭ بىخەتەر دىسەك ئارتۇقچە كەتمەيدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى خاككىر ھوجۇمى ياكى ئاخبارات ئوغىرلاش دېتاللىرى ھەم ۋىرۇسلار ۋىندوۋسنى ئاساس قىلغان بولىدۇ، دىمەك بۇنداق دېتاللار لىنۇكس مۇھىتىدا چەكسىڭىزمۇ ئىجرا بولمايدىغان ئادەتتىكىلا بىر ھۆججەت. بۇ نۇقتىدىن سىز ۋىندوۋس exe ھۆججىتىنى لىنۇكس مۇھىتىدا بىۋاستە ئىشلىتەلمەيسىز، لىكىن لىنۇكىسنىڭ wine دېتالىغا ئوخشاش مەۋھۈم بوشلۇق ياساپ ۋاستىلىك ئىشلىتەلەيسىز. wine سىزنىڭ لىنۇكس سىستىمىڭىزدا ۋىندوۋسقا تەقلىد مۇھىت ياساپ exe ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىش مۇھىتى يارىتىپ بىرىدۇ.يەنە بىرىگە سىز wubi غا ئوخشاپ كىتىدىغان دېتال ياردىمىدە ۋىندوۋس ئىچىگە ئۇبۇنتۇ قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز، يەنى سىستىمىنىڭ ئىچىدە سىستىما بولىدۇ، بۇمۇ بىر ئۇسسۇل. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل قاتتىق دىسكىنى ئوخشىمىغان رايونلارغا بۆلۈپ بىر كومپيۇتېرغا لىنۇكس ھەم ۋىندوۋسنى تەڭلا قاچىلاش. كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا قايسى سىستىمىغا كىرمەكچى بولسىڭىز شۇ سىستىمىنى تاللىسىڭىزلا بولىدۇ. بۇ ھەقتە قىزىقسىڭىز UKIJ دا ھەم باشقا تور بەتلەردە نۇرغۇن كۆرسەتمىلەر بار. ئەگەر بۇ ئۇسۇلنى سىنىماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن ۋىندوۋسنى قاچلىۋىلىپ ئاندىن يەنە بىر رايونغا ئۇبۇنتۇنى قاچىلاڭ، ئاۋارچىلىقى ئازىراق بولىدۇ.
بۇ ھەقتە بۇرۇنمۇ بىر نەرسە يازغان ئىدىم
http://achinuq.blogbus.com/logs/63621124.html
تىخىمۇ كۆپ:
http://www.ukij.org/munber/forumdisplay.php?fid=36
مەن ئىستەمى بۇرادەر دىگەن توربەتكە كىرىپ ، ئالمىنىڭكىنى قاچىلىدىم. ئەڭ ئاخىرقىق نەچچە باسقۇچ قالغاندا خاتا مەشخۇلات ئىلىپ بىرىپ قاتتىق دىسكامنى تونىمايۋاتىدۇ. ھازىر كونا كومپىيۇتىرىم بىلەن تورغا چىقىپ ئامالىنى ئىزدەپ ئوڭشاۋاتىمەن. بەك خۇشال بولدۇم لىكىن... ئۇزۇن بوپتىكەن كومپىيۇتىر بىلەن بۇنچىلىك ئىتىشمىغىلى. يىڭى نەرسە ئۈگەنسەم جاپا تارتساممۇ خۇش بولىمەن. پۈتۈن بىركۈن ھەپىلىشىپتىمەن. قاتتىق دىسكامنى ئوڭشاپ بولۇپ ، يەنە قاچىلايمەن ، ئالمىنى. رەخمەت........قاچىلاش جەريانىدا مەسىلگە يولۇقسىڭز بۇ يەرگە قالدۇرۇڭ تەڭ ھەل قىلىمىز.
ھەممىدىن مۇھىمى ئاۋاز تاخىتسى بىلەن كۆرسەتكۈچ كارتسىنڭ ماس كېلدىغان قوزغاتقۇچ پروگراممسىنى تېپۋىلىش.
mac نى ياقتۇرۇپ قالىسىز.
يىغلايمۇ ئەمدى...... كىچىككىنە سەۋەنلىك تۈپەيلى قاتتق دىسكامدىكى بارلىق ماتىرىياللار يوقاپ كەتتى. قايتىدىن رايۇنغا ئايرىدىم. مەن كومپىيۇتىرىمغا سىستىما ھۆججەتنى ساقلاپ قويغاچ ، سىستىما پىلاستىنكا يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بازاردىن ئەكىلىپ قاچىلىدىم. لىكن بۇنىڭ 磁盘管理 دىگەندەك ئىقتىدارلىرى ئىچىلمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن winpe ئارقىلىق ئىككى كىچىك رايۇن تەييارلىۋالدىم.
http://bbs.pcbeta.com/viewthread-592288-1-1.html مۇشۇ ئادرىستىكى قەدەم باسقۇچلار بويىچە قىلغان ئىدىم.
leopard硬盘安装助手 نى قاچىلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە 写入 قىلغىلى بولمىدى.(ئالدىنقى قىتىم بولغان ئىدى. ) ئاۋۇ قىزىل كاتەكنىڭ ئىچىدىكى خەتنىڭ ئورنىدا Driver j: not hard disk driver,try another! دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدى....
توۋا ، mac نى قاچىلاش مۇشۇنداق ئاۋارچىلىق بولسا كىممۇ ئىشلىتەر؟
چوقۇم قاچىلايمەن. ئاددىيراق ئۇسۇل يوقما؟
قايتا سىناڭ.
مۇھىمى كۆپرەك Leopard نى قاچىلاش توغۇرلۇق تېمسدا تېملارنى كۆرۈڭ. بۇ ھەقىقەتەن بىر مۇشكۈل ھەم كۆڭۈللۈك جەريان.
ئەسىلى قاتتىق دېسكىدىن قاچىلماي ، دېسكغا ئويۋىلىپ قاچىلىغان بولسىڭىز ئاۋارچىلىق بولسىمۇ ئاددىي بىخەتەر بولاتتى.
تامامەن قاچىلغىلى بولىدۇ. دېسكىڭزىدىكى مۇھىم نەرسىلەرنى كۆچۈرۋىلىپ ئوبدان ئېيتشارسىز.
ئۇف........... ئاخىرى مۇئاپىقىيەتلىك ھالدا قاچىلىدىم. ئەمدىكى مەسىلە تور كارتىسى ، ئاۋاز كارتىسى . كۆرسىتىش كارتىسى قاتارلىقلارنى تونىماپتۇ. كۆرسىتىش كارتىسىنى مەن 1200 سومغا ئالغان. بىكالىق كەتسە بولماس. .قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلاش توغرىسىدا خەنچە تورلاردىن خىلى ئىزدەپ باقتىم ، ھىچ چۈشەنمىدىم ئۇلارنىڭ دىگىنىنى. يەنە ئازراقلا ياردەم قىلىۋەتمەمسىلەر؟ قوزغىتىش پىروگراممىلىرىنى تولۇق قاچىلاپ بولۇپ ، ئالمامدا ئولتۇرۇپ تەسىراتىمنى يازىمەن...
ھىي... نىمە دەي ، ئوڭۇشلۇق قاچىلىدىم. لىكىن توردىن شۇنچە ماتىرىيال كۆرەپمۇ تور كارتىسى ، سۈرەت كارتىسى ، ئاۋاز كارتىلىرىنى تونىتالمىدىم. تەجرىبىسى بارلار سۆزلەپ بەرسەڭلار.
يەنە ئويلاپ قالدىم. ئاۋال تور كارتىسىنى بىر ئامال قىلىپ تونۇتۇپ تورغا چىقىۋالسام ، ئاندىن windows دىكى 驱动精灵 دىگەنگە ئوخشاش بىرەر دىتالى بولسا ئالمىنىڭ ، شۇنى قاچىلاپلا باشقىلىرىنى تونىتىۋالسام..... مۇمكىنمىدۇ؟
يەنە بىرسى ، مەن پۈتۈن ھۆججەتلىرىنى قاچىلاپ بولۇپ ، windows نڭ ghost لىۋالغاندەك mac قاچىلانغان رايۇننى ghost لىۋالسام بولامدۇ؟