tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-7-29 11:58:13

يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق باش ئېپىسكوپ ۋە دىپلومات_ مارك

دۇنيا تارىخىغا بىر مەھەل زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشى، ئىمپېرىيە تەۋەسىدىكى ئىگىلىك، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، شۇنداقلا ئىمپېرىيە دائىرىسىدىكى ھەرقايسى ئەل، ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدىكى دوستانە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىتە ئۇيغۇرلار بەلگىلىك مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇيغۇرلاردىن چىققان مەسلىھەتچى، ئۇستاز، داڭلىق سانغۇن، مۆھۈرچى، سەنئەتكار، ئەدىب، دىپلومات، دېڭىزچى، دىنىي ئۆلىمالار ۋە بىناكارلار موڭغۇل ئىمېرىيسىنىڭ، جۈملىدىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشقان. بۇلاردىن موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە ياشىغان، نېستورى دىنىنىڭ داڭلىق باش ئېپىسكوپى، دىپلومات ئۇيغۇر ماركنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.

خەنزۇچە «سىخەي» (مەنىلەر دېڭىزى) نىڭ تارىخ- جۇغراپىيە قىسىمى (344.، 375، 385- بەتلەر) دىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلارغا، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دەلىللەرگە، جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى دىن تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە، ئالايلۇق، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى) ليۇ جۇڭكاڭ ئەپەندىنىڭ «نستورى دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، (نېستورى دىنى- خرىستىئان دىنىنىڭ ئاسايادىكى بىر مەزھىپى بولۇپ، ئىلىم ساھەسىدە بۇ دىن تەخمىنەن مىلادىيە 635- يىلى جۇڭگوغا تارقالغان، دەپ قارىلىدۇ) نىڭ ئاتاقلىق باش ئېپسكوپى، مەشھۇر دىپلومات مارك مىلادىيە 1245- يىلى خانبالىق (ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرى) دۇنياغا كېلىپ، مىلادىيە 1317- يىلى كىچىك ئاسىيانى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان ئېلىخانىيلار خانلىقىدا ۋاپات بولغان.

يازما يادىكارلىق ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، مارك ئۇيغۇر畏吾尔 (ئۇيغۇر دېگەن نامنىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەنزۇچە يېزىلىشى) بولۇپ، ۋانقۇ (汪古部) قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە ئىسمى نائېنىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مارك (mark) دېگەن نام بىلەن غەرب ئەللىرىگە مەشھۇر.


تەخمىنەن مىلادىيە 1275- 1276- يىللىرى، ئۇ دوستى راببان سائۇما بىلەن بىللە نېستورى دىنىنىڭ بۆشۈكى ھېسابلانغان يېرۇسالىم قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئۈچ يىل ئوقۇغان. شۇ جەرياندا ئۇ، نېستورى دىنىنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىنى ۋە دىننىي تەلىماتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ، نېستورى دىنىنىڭ ئېپىسكوپى بولۇپ يېتىشىپ چىققان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چېركاۋ ياسىتىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. بۇ چاغدا، ئېلىخانىيلار خانلىقىدا ئۇ ئالاھىدە ھۆرمەتلىنىپ ئىلىكۋىن (موڭغۇلچە «بەخت قۇشى، يەنى ھۇمايۇن قونغان ئادەم» دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىلىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا دۆلەتنى ڭھەرقايسى جايلىرىغا نېستورى دىنىنى تارقىتىش، كەلگۈسى دۇنيالىق ئۈچۈن سائادەت تىلەش تاپشۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، پارسلارنىڭ زېمىنى ۋە كىچىك ئاسىيانى مەركەز قىلغان ھالدا شەرقتە ئامۇ دەرياسى، غەربتە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى، جەنۇپتا ھىندى دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيە ئىچىدىكى ئاقسۆڭەك- ئەمەلدارلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا دىنىي دەرس بەرگەن. مىلادىيە 1280- يىلى، ئۇ، نېستورى دىنىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئېپىسكوپلۇقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىنكى يىلى ئۇنىڭ مەرتىۋىسى يەنە بىر دەرىجە ئۆسكەن. ئۇ ئۆز ئىسىمىنى ياخىخاللاخ دەپ ئۆزگەرتكەن ھەم دوستى راببان سائۇماتى ئۆزىگە مىرزا بېگى (باش كاتىپ) قىلغان.


مارك مىلادىيە 1284- يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا، شىنجاڭ ۋە خانبالىق قاتارلىق جايلاردا دىن تارقىتىپ نۇتۇق سۆزلىگەن. تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۇ خانبالىقتىكى چېركاۋىدا بىر قېتىمدىلا 400 نەچچە كىشىنى تەربىيىلىگەن.


مىلادىيە 1298- يىللىرىدا، ئۇ ئېلىخانىيلار خانلىقىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن كىچىك ئاسىياغا قيتىپ كېلىپ، خانداقلىقنىڭ دىنىي ئىشلىرىنى باشقۇرغان ۋە ئوردىنىڭ تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىغىمۇ مەسئۇل بولغان، شۇنداقلا ياۋرۇپادىن كەلگەن مېھمانلارنى، دىپلوماتلارنى كۈتۈۋالغان، ھۆكۈمەت نامىدىن بەزى دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان.


غەربىي موڭغۇللار (شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مڭغۇللار) غا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ماركنىڭ ئېلىخانىيلار خانلىقىدىكى ئورنى يۇقىرى بولغان. چۈنكى، ئۇ شۇ زاماننىڭ بۈيۈك مەرىپەت ئىگىسى، دىنىي ئۇستازى ھەم تىلشۇناسى بولغاچقا، كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ ھۆرمىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولغان. ئۇ، ياۋرۇپادىكى ئالىي دىنىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغان مەزگىللەردە، بىرنەچچە دۆلەتنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۆگەنگەن ھەم ئۇلارنىڭ مەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرىنى بىمالال ئوقۇيالايدىغان دەرىجىگە يەتكەن.


يازما يادىكارلىق ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆز زامانىسىدا ئۇنىڭ بىر قانچە پارچە رىسالە، تىل ۋە يېزىق ھەققىدىكى كىتابلارنى يازغانلىقى مەلۇم. لېكىن، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئۇ ئەسەرلەر يوقىلىپ كېتىپ، ھازىرغىچە بىر پارچە ئەسەرنىڭمۇ ئىز- دېرىكى بولمىغان.


جۇڭگو مىللەتلىرى ژورنىلىدىن ئېلىندى


بەت: [1]
: يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق باش ئېپىسكوپ ۋە دىپلومات_ مارك