tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-27 21:09:21

كازافېي توغۇرسىدا پاراڭلاشمايلىمۇ

ئۇنى بۇنى دىمەي بىر نەچچە سۇئال قوياپ باقاي ، نەتىجىسى قانداق چقىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز كۆز قارشىمىزنى سۆزلەپ باقايلى.

1.كازافېي ئۆلەرمۇ ؟

2.كازافېينى ئۆلۈپ قالسا كىمنىڭ قولىدا ئۆلىشى مۇمكىن ؟

3.كازافېينىڭ مۇشۇ ۋاقىتتا تەخىتتىن چۈشمەسلىكى توغرىمۇ ؟

4.كازافېي تەخختتىن چۈشىشى كىرەكمۇ ؟

5.كازافىينى كىم ئۆلتۈرسە مۇۋاپىق ؟

6.ئامىركا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە دۆلەت ئارمىيسىنىڭ قىلمىشى توغرىمۇ ؟

7.ئۆتىچىلەر مۇستەقىلىقنى قولغا كەلتۈرگەن قورچاق ھاكىمىيەتكە ئايلىنىپ قالارمۇ ؟

8.بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ لىۋىيەگە كىرىشىدىكى مەقسىدى نىمىدۇ ؟

9.لىۋىيە ئىككىنچى ئېراق بولۇپ قالارمۇ ؟

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-27 21:47:49

1. مەن قاچانلىققا ئۆي سىتىۋالغۇدەك بولارمەن ؟

2. قاچانلىققا خوتون ئالالايدىغاندىمەن ؟

3. ئىقتىسادىي كىرزىس قاچانمۇ تۈگەر ؟

4.  مەن ئۆلگەندە ياتقان قەبرەممۇ  يول ياكى بىنا قۇرۇلىشىغا توغرا كىلىپ قالارمۇ ؟

5. ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۆسۈملۈك قەرىز تۆلەپلا ئۆتەرمەنمۇ ؟

  6.   نېمىشقا ؟

   7. نېمە ئۈچۈن ؟

   8.   ؟؟؟

    9 . !!!

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-27 21:49:09

ھەراست   قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تارىخى دىكى شەخىسما بۇ ؟

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-27 22:14:45

ئىنكاس قىززىقكەن...........

murad يوللانغان ۋاقتى 2011-7-27 23:10:32

1.كازافېي ئۆلەرمۇ ؟

چوقۇم ئۆلىدۇ.

2.كازافېينى ئۆلۈپ قالسا كىمنىڭ قولىدا ئۆلىشى مۇمكىن ؟

ئەزرائىلنىڭ قولىدا ئۆلىدۇ.

3.كازافېينىڭ مۇشۇ ۋاقىتتا تەخىتتىن چۈشمەسلىكى توغرىمۇ ؟

خاتا.

4.كازافېي تەخختتىن چۈشىشى كىرەكمۇ ؟

ئۈچىنچى جاۋابقا قارالسۇن.

5.كازافىينى كىم ئۆلتۈرسە مۇۋاپىق ؟

لىۋىيىلىكلەردىن بىرى.

6.ئامىركا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە دۆلەت ئارمىيسىنىڭ قىلمىشى توغرىمۇ ؟

ياق.

7.ئۆتىچىلەر مۇستەقىلىقنى قولغا كەلتۈرگەن قورچاق ھاكىمىيەتكە ئايلىنىپ قالارمۇ ؟

شۇنداق.

8.بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ لىۋىيەگە كىرىشىدىكى مەقسىدى نىمىدۇ؟

كىرمىدىغۇ؟

9.لىۋىيە ئىككىنچى ئېراق بولۇپ قالارمۇ ؟

ئېھتىمالى چوڭ.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-7-27 23:37:31

muradنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2.كازافېينى ئۆلۈپ قالسا كىمنىڭ قولىدا ئۆلىشى مۇمكىن ؟

ئەزرائىلنىڭ قولىدا ئۆلىدۇ.

================

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

ئۇيغۇر مەدداھلىرى ئەللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش، دېگەن قاتاردا  جان ئالغۇچى ئەزرائىل،دېگەن پەرىشتەنىڭمۇ بارلىقىنى ساناپ ئۆتىدۇ.بىراق، ئەزرائىل دېگەن بىدئەت ئىسىم بولۇپ، قۇرئان،ھەدىستە يوق.ئۇ يەھۇدىي- ناسارالاردىن كىرگەن. شۇڭا، ئۇنىڭ بارلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش خاتا.جان ئالغۇچى پەرىشتە قۇرئان كەرىمدە: قۇل يەتەۋەففاكۇم مەلەكۇلمەۋتى(قۇرئان كەرىم سەجدە سۈرىسى)يەنى: جانلىرىڭلارنى ئۆلۈم پەرىشتەسى ئالىدۇ، دېگىن، دېيىلگەن.

دېمەك، جان ئالغۇچى پەرىشتەنى:ئەزرائىل، دېيىش خاتا. مەلەكۇلمەۋت يەنى ئۆلۈم پەرىشتەسى، دېيىش توغرا.

function يوللانغان ۋاقتى 2011-7-28 01:17:59

بۇ تېما قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تارىخى دېگەن سەھىپىگە يېزىلىپتۇ، كازافىنىڭ قايسى چوڭ دادىسى ئۇيغۇر بولغىيتى؟

مەن مۇشۇ سادام، بۇش، ئوتتۇرا شەرق، كازاىفى دېگەنلەرگە قىزىقماس بولۇپ قالغىلى نەچچە يىل بولۇپ كەتتى، قىزىقىدىغىنىم، ئەتە جاڭ چۈنشىيەن شۇجىنىڭ قايسى يىغىننى ئېچىپ قانداق ياخشى قارارلارنى چىقىرىشى، قەشقەر شەھىرىدە شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان ئۆي باھاسى، قەشقەر شەھىرىنىڭ قانداق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئالاھىدە شەھەر بولىشى، بىزنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى يېڭىدىن پەيدا بولۇپ كەيفاچۈ دەپ ئاتالغان جايغا نۇرغۇن زاۋۇتلارنىڭ سېلىنىشى ۋە يوللىرىغا غەيرى ئىسىملارنىڭ قويۇلىشى، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىل كەمسىتىلىشلەرگە ئۇچراپ گاڭگىراپ قېلىشى، دېھقاننىڭ پويىز ئىستانسىسىدا بېلەت ئېلىشتا قىينىلىشى.... دېگەندەك مەسلىلەر.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-7-28 06:41:52

面试 نىڭ خەنزۇچە ئېلىنىشى توغرىمۇ؟

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-7-28 07:29:07

6.ئامىركا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە دۆلەت ئارمىيسىنىڭ قىلمىشى توغرىمۇ ؟

قانۇنى جەھەتتىن توغرا، چۈنكى ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللاپ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ لىۋىيىگە قورال كۈچى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلدى.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yuksal327 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-28 09:54:30

كازافىينى بىز زادى قانچىلىك چۈشىنىمىز ، ئۇ زادى قانداق ئادەم ، نىمىلەرنى قىلغان ، قايسى قىلمىشلىرى ئۆلۈمگە لايىق ، نىمە ئۈچۇن كازافى چوقۇم تەختىتىن چۈشۇشى كېرەك ،يۇقىرىقى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشتە ئاۋۋال ماۋۇ سۇئاللارغا توغرا ، مۇۋاپىق جاۋاب تېپىپ ئاندىن جاۋاب بېرىش كېرەكمىكىن .

  چۈنكى كازافى بىزدىن تولىمۇ يىراقتا ، ئوخشاش بىر مەسلىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدا تۇرۇپ ئوخشىمىغان باھاغا ئېرىشكىلى بولىدۇ ، چۈنكى ئارىمىزدا لىۋىيدە ياشاپ باققان ، ھېچبولمىسا بېرىپ باققانلار يوققۇ دەيمەن ،ئاددىيسى مەن  ھەر خىل ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىقلا كازافىينى بىلگەن ، بەلكىم ئۇ ھەقىقەتەن ئۆلۈمگە لايىقتۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ھاياتىغا بىز باھا بەرسەك تازا قاملاشمايدىغاندەك ، بىزنىڭ تازا سالاھىيتىمىز توشمايدىغاندەك تۇيۇلدى .

QAYDU يوللانغان ۋاقتى 2011-7-28 10:47:13

قەزافىغا باھا بېرىش- بەرمەسلىكىمىز ئۇنىڭ تەقدىرىگە قىلچە مۇناسىۋەتسىز. بىز پەقەت كۆز قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز، بۇنىڭ سالاھىيەت بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى، دېھقان بىلەن ئىشچى، زىيالى بىلەن قەلەندەرنىڭمۇ ھەر قانداق ئىشقا باھا بېرىش سالاھىيىتى بار، ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتمىگۈچە بۇ سالاھىيەتتىن مەھرۇم قالمايدۇ.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-28 11:52:46

abdulehedنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

muradنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2.كازافېينى ئۆلۈپ قالسا كىمنىڭ قولىدا ئۆلىشى مۇمكىن ؟

ئەزرائىلنىڭ قولىدا ئۆلىدۇ.

================

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

ئۇيغۇر مەدداھلىرى ئەللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش، دېگەن قاتاردا  جان ئالغۇچى ئەزرائىل،دېگەن پەرىشتەنىڭمۇ بارلىقىنى ساناپ ئۆتىدۇ.بىراق، ئەزرائىل دېگەن بىدئەت ئىسىم بولۇپ، قۇرئان،ھەدىستە يوق.ئۇ يەھۇدىي- ناسارالاردىن كىرگەن. شۇڭا، ئۇنىڭ بارلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش خاتا.جان ئالغۇچى پەرىشتە قۇرئان كەرىمدە: قۇل يەتەۋەففاكۇم مەلەكۇلمەۋتى(قۇرئان كەرىم سەجدە سۈرىسى)يەنى: جانلىرىڭلارنى ئۆلۈم پەرىشتەسى ئالىدۇ، دېگىن، دېيىلگەن.

دېمەك، جان ئالغۇچى پەرىشتەنى:ئەزرائىل، دېيىش خاتا. مەلەكۇلمەۋت يەنى ئۆلۈم پەرىشتەسى، دېيىش توغرا.

مېىڭ دىنى بىلىمىم ئانچە يوقىرى ئەمەس،پەقەت ھەپتىيەك ساۋادىم چىققان.ئەمما قىسەسسۇل ئەنبىيانى نەچچە قېتىم ئوقۇغانمەن.ئەزرائىل دېگەن بىدئەت نام بولسا ئەزرائىل ئەلەيھىسالام ھەققىدىكى قىسسىلەر،ئاللاھنىڭ ئىنساننى ياراتقاندا ئەزرائىلنى تۇپراق ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇشتەك قىسسىلەرنىڭ ھەممىسى بىدئەتمۇ؟ئۇنداقتا شۇ قىسسىلەرنى يازغان دىنى ئالىملىرىمىزمۇ بىدئەتمۇ؟ئۇنداقتا ئاشۇ دىنى ئالىملار ئىسلام دىنىمىزنىڭ يىتەكچىلىرى بولۇپ كەلگەن،دىنىمىزچۇ؟..................

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-7-28 14:51:42

atella0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىسسەسۇل ئەنبىيا دېگەن دىنى كىتاب ئەمەس ، پەقەت ئەدەبىي ئەسەر ، ئۇنىڭدىكى مەنبەلەرگە ئىشەنىگىلى بولمايدۇ .

azhar007 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-28 23:24:46

veyraniنىڭ مۇنۇ ئىنكاسىنى ---------

مەن مۇشۇ سادام، بۇش، ئوتتۇرا شەرق، كازاىفى دېگەنلەرگە قىزىقماس بولۇپ قالغىلى نەچچە يىل بولۇپ كەتتى، قىزىقىدىغىنىم، ئەتە جاڭ چۈنشىيەن شۇجىنىڭ قايسى يىغىننى ئېچىپ قانداق ياخشى قارارلارنى چىقىرىشى، قەشقەر شەھىرىدە شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان ئۆي باھاسى، قەشقەر شەھىرىنىڭ قانداق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئالاھىدە شەھەر بولىشى، بىزنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى يېڭىدىن پەيدا بولۇپ كەيفاچۈ دەپ ئاتالغان جايغا نۇرغۇن زاۋۇتلارنىڭ سېلىنىشى ۋە يوللىرىغا غەيرى ئىسىملارنىڭ قويۇلىشى، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىل كەمسىتىلىشلەرگە ئۇچراپ گاڭگىراپ قېلىشى، دېھقاننىڭ پويىز ئىستانسىسىدا بېلەت ئېلىشتا قىينىلىشى.... دېگەندەك مەسلىلەر.

--------------------

كازافىيدەك بىزگە دىنداشلىقىدىن باشقا ھىچقانداق  مۇناسىۋېتى يوق ئادەمنىڭ پارىڭىنى قىلماي يۇقارقى ئىنكاستا دىيلگەن مەسىللەرنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ ئويلىنىشقا تىگىشلىك دەپ قارايمەن . كازافىي تىنىچ ھاكىميەت سۇرگەن دەۋېردىمۇ بىزلەرنى چۈشىدە بولسىمۇ  كۆرگەن بولغىيمىتى؟ .............

upukjan يوللانغان ۋاقتى 2011-7-29 17:18:08

كازافى بۇيۇك ئەرەپلەرنىڭ بىرلىشىشى،قودرەتلىك ئەرەپ ئىمپىريىسىنى جۇملىدىن ئەرەپ مىللەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا پەيدا بولغان ئىككىنجى نەپەر رەھبىرى. بىرىنجى رەھبەر بولسا سادام ئىدى.غەرپ ئىزچىل ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن  كىيىن ، غەرپنىڭ  يالتا كىلىشىمىنى بۇزۇپ  ،بىرلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈپ،  ئەرەپلەرنىڭ بۈلىنىشىدىن ئىبارەت تاكتىكا كىلىق سىياسىنىڭ قۇربانى بولغان  .سادام يۇقۇتۇلدى ،كازافى يۇقۇتۇلسا غەرپ ھاپلا قىلىپ يېۋېتىشى مۇمكىن پۇتكۈل ئەرەپ زىمىنى .قارىماققا ئامىرىكا ۋە غەرپ دىمىگىراتىيىنى بايراق قىلىىپ بۇ ئۇرۇشقا ئارلاشقان بولسىمۇ تىگىدىن ئالغاندا، بۇ غەرپ كۈشلىرىنىڭ ئەرەپلەرنى يىمىرىپ تاشلاشنىڭ قەدىمى بولسا كېرەك .مەنچە كازافى دۇشمەنلىرىنى خائىن دىگىنى توغرادەك تۇيغۇ بىرىدۇ ماڭا.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-29 17:34:13

بۇزۇلمىغۇچە تۈزەلمەيدۇ ، ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېىلىش ئۇچۈن ھەرخىل تونلارغا ئورىلىپ ھەرخىل  كوزىرلارنى كۆتىرىپ چىقىشىدىن قەتئى نەزەر ،ئەرەپلەرنىڭ مەنپەتىدىنمۇ بەكرەك پۇل مۇھىممىكى بۇ سادام (ئۆلگەن ئادەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلماي ) ياق مۇشۇ كازافىي دىگەنلەرگە ........

ئادەمىنىڭ نەپسى تويسا دۇنيا ئوڭشىلىدۇ ،نەپسى تويمايدىكەن ،دۇنيا مالىمانچىلىققا تۇلىدۇ ،

بۇش  ،سادام ، كازافى  ،ئوباما  ...يەھۇدىي   ...ئەرەب .....

bardam يوللانغان ۋاقتى 2011-7-29 18:29:37

خېلى ئىرادىسى بار ئوغرىكەن  بولمىسا

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-7-29 21:32:48

tarim722نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئامىرىكا بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ قىلمىشى توغرا ، خەلقئارا قانۇنغا تامامەن ئۇيغۇن .  بىر دۆلەت ئىچىدە ھۆكۈمەت تەرەپ  پۇقرالارغا قارىتا  قىرغىنچىلىق خاراكتىرىدىكى ھەركەت قوللانسا  ۋە  مەلۇم قىسقا  ۋاقىت ئىچىدە  تىنىچلاندۇرماي ، ئۈزلۈكسىز داۋاملاشسا  ......يەنى  مۇشۇ خىل ئەھۋالغا  ماس  كىلىدۇ .

بۇخىل ئەھۋالمۇ ھەممە دۆۋلەتلەرگە ماس كىلىۋەرمەمدىكىن دەيمەن، بەزى كۈچلۈك دۆۋلەتلەرگە كەلگەندە شەمشەرنىڭ بېسى ئىگىلىپ كېتىپ.

elwida يوللانغان ۋاقتى 2011-7-29 21:39:59

خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دولەتلەر قايسىدۇ ..........
بەت: [1] 2
: كازافېي توغۇرسىدا پاراڭلاشمايلىمۇ