ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2011-7-26 14:12:58

ئاگنى دېگەن زادى قايسى يۇرتنىڭ نامى؟

تارىخقا ئىشتىياقىم بولغاچ ئارىلاپ ئىزدىنىپ قويىمەن، شۇ جەرياندا بىر قانچە كىتاپلارنى كۆرۈش ئارقىلىق «ئاگنى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ زادى قايسى يۇرت نامى ئىكەنلىكى توغرىسىدا كاللامغا سۇئال كىرىۋالدى.

قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار ناملىق كىتابتا ئارىلىقتا مۇنداق بىر جۈملە بايان قىلىنغان. «ئوتتۇرا يول كىرورەندىن ئۆتۈپ غەربىي جەنۇبىي كېنگىت(ھازىرقى قاراشەھەر)، ئاگنى (ھازىرقى بۈگۈرنىڭ شەرقى)، كۇچار (كۈسەن)، سوللۇق (قەشقەر) ئارقىلىق پامىر ئېگىزلىكىدىن ئېشىپ، توپتوغرا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ يېنىغا يېتىپ باراتتى... ... »

ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ناملىق كىتابتا مۇنداق بايان قىلىنغان: «... ... [خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى] دە يېزىلىشىچە، شۇ زاماندىكى ئاساسلىق شەھەر دۆلەتلىرى [چارقىلىق، پىشامشان، چەرچەن، كىچىك فەرغانە، رۇڭلۇ، خوتەن، نىيە، گۇما، ياركەنت، سۇلى(قەشقەر)، يېڭىسار، تاشقۇرغان، قۇم (ئاقسۇ)، ئۇنسۇ )ئاقسۇ كونىشەھەر(، كۈسەن، (كۇچا)، ئاگىنى (قاراشەھەر)، بۈگۈر، چۇققۇ، كۈرلى، قارا قۇرۇم، قوش، ئالدى قوش، ئارقا قوش] قاتارلىقلاردىن ئىبارەت» ... ...

تۈرك تارىخى ناملىق كىتابتا: «ئېۋىرغول (ھازىرقى شىنجاڭنىڭ قۇمۇل ناھىيىسى) نىڭ غەربىي، ئاگنى (ھازىرقى شىنجاڭنىڭ قاراشەھەر ناھىيسى) نىڭ شىمالىدا، ئاق تاغ (يەنى تەڭرى تېغى بولۇپ، ھازىرقى شنجاڭنىڭ تۇرپان شەھىرىنىڭ شىمالىدا) نىڭ ئېتەكلىرىدە، چۈبە، بۇلاق، چىگىل، سىۋات، ناغ، ئوغۇز ... ... »  مانا يۇقارقىدەك مەزمۇنلار، بىلىدىغانلار ئورتاقلىشىپ باقساق.



QAYDU يوللانغان ۋاقتى 2011-7-26 17:01:29

ئاگىنى قەدىمدە قاراشەھەر ئويمانلىقىدىكى بىر شەھەرنىڭ نامى.

simsim يوللانغان ۋاقتى 2011-7-26 21:04:06

QAYDUنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاگىنى قەدىمدە قاراشەھەر ئويمانلىقىدىكى بىر شەھەرنىڭ نامى.




شۇ جاينىڭ نامىنى ھازىر نىمە دەپ ئاتايمىز ؟ ھازىر بىز ئاتاپ كىلىۋاتقان قايسى جاي شۇ؟


مىنىڭچە تىما يوللىغۇچىنىڭ مەخسىتىمۇ شۇ .

QAYDU يوللانغان ۋاقتى 2011-7-27 08:30:14

كونكرېت ئورنى توغرىلىق ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمەن، قاراشەھەر دەپ ئالساق بولىدۇ.

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2011-7-28 10:30:19

ئاگنى ھازىرقى قاراشەھەر ناھىيسى ئەتراپىنى كۆرسىتىدۇ. خەنسۇچىسى 焉耆县。

QAYDU يوللانغان ۋاقتى 2011-7-28 10:37:49

قاراشەھەر تارىختا كىنگىت، ئاگىنى، سۈلمى، قاراسار دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. ھازىر يەنجى دەپ ئاتىلىپ قېلىۋاتىدۇ.

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2011-7-28 11:33:32

artan قاراشەھەر ناھىيسى ئەتراپى دېگىنىڭىز قەيەرنى كۆرسىتىدۇ؟ ھازىرقى ئېنىق ئورنى قەيەر؟


QAYDU يەنجى ئەمەس يەنچى بۇ خەنزۇچە ئاتىلىشى يەنى 焉耆،  ھازىر ئۇيغۇرتىلىدا قاراشەھەر دەپ ئاتىلىدىكەن.


يەنە شۇنى سورىۋالاي: سۈلمى، قاراسار دېگەن ئاتالغۇ قانداق بارلىققا كەلگەن؟ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەرسەڭلار... قاراسار دېگەن ئاتالغۇنى ھازىرقى قاراشەھەر دېگەن نامىغا يېقىن ھېس قىلدىم، ئىككىسىنىڭ قانداق باغلىنىشى بار؟

QAYDU يوللانغان ۋاقتى 2011-7-28 14:09:23

يەنچى دەپ ئوقۇلىدىغىنىنى بىلىمەن، ئەمما ئېغىزدا يەنجى دەپ ئومۇملىشىپ كەتكەن، ھەتتا بەزى ئىدارىلەرنىڭ نامىدىمۇ يەنجى ناھىيەلىك ??? ئىدارىسى دەپ ئېلىنىدۇ.


سۈلمى دېگەن نام مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانىدا تىلغا ئېلىنغان.


قاراسار دەپ ئاتالغانلىقى توغرىسىدا كۆپ مەلۇمات يوق، ئالىي مەكتەپتىكى چېغىمدا ئوقۇتقۇچىم قاراسار دەپمۇ ئاتىلىدۇ، دەپ بەرگەن. شۇ ئوقۇتقۇچۇم قاراشەھەر دېگەن نام قاراساردىن ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىكەن.

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2011-7-28 17:59:11

رەھمەت سىزگە بۇ توغرىسىدىمۇ ئازدۇر مەلۇماتقا ئىگە بولدۇم...!


سۈلمى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىيرەك چۈشەنچە يوقمۇ؟

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 20:41:34

قاراسار دېگىنى قاراشە دېگىنىمىكىن،بۇ ئىككى سۆز يىلتىزداش بۇلۇشى ئېىتىمالغا ناھايىتى يېقىن.
بەت: [1]
: ئاگنى دېگەن زادى قايسى يۇرتنىڭ نامى؟