ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 17:51:53

ھەزىل سۇئالغا ھەزىل جاۋاب «ئوينامدۇق؟»

ھەزىل سۇئالغا ھەزىل جاۋاب «ئوينامدۇق؟»



بۇ پائالىيەتنىڭ تەرتىۋى بىرىمىز سۇئال قويىمىز، بىرىمىز ئەستايىل جاۋاب بېرىمىز. بۇمۇ بىر خىل ئەقىلنى قوزغاتقۇچى قىزىقارلىق ئىش جۇما باللا، ھەر ئىشلار بىلەن چارچاپ كەتكەن نېرۋىلارنى ئارام ئالدۇرغاچ ئويناپ قويايلى، قاندىغى.... باشلامدۇق ئەمىسە؟ئاۋۋال بىر مىسال قوياي، شۇ بويىچە راۋاجلاندۇرىمىز. ئەمما لېكىن تاشلىغان سۇئالغا «نېمىدۇ؟ قانداقتۇ؟ بىلمىدىم؟ كىم بىلىدۇ؟» دېگەندەكگەپ بىلەن جاۋاب يېزىپ ئۇشبۇ تېما لۇغىتىدە يوق پاراڭنى سالماڭلار...


مىسال:


سۇئال: «كىتاب بىلىم بۇلىقى» دەيدىكەن. مەن شۇ بۇلاقنى ئىچىپ، ئۇسسۇزلۇقۇمنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە كۆپ كىتابلارنى ئوقۇغان بولساممۇ، بىرەرسىدىن بۇلاق چىقمىدى. بۇ زادى قانداق ئىش؟


جاۋاب: ۋاھ، ماۋۇ گەپنى قاراڭ،بىلىم سىز دېگەندەك بۇلاقتىن ئېتىپ چىقىدىغان نەرسە بولسا، بۇلاقتىن قىش- ياز سۇ ئىچىپ چوڭ بولغان ئات، ئىشەك، كالا- قويلارمۇ، كىتاب ئوقۇپ چوڭ بولغان سىزدىن ئېشىپ كەتمەمدۇ؟


مانا مۇشۇنداقراق قېلىپتا، ئاساسلىقى ماقال- تەمسىللەرنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ راۋاجلاندۇرىمىز...


مەن ئاۋۋال سۇئالنى تاشلاي:


سۇئال: كونىلار «ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى يورۇق» دەيدىكەن، ئاسماندىكى ئاي ئون بەش كۈن چىقىپ ئون بەش كۈن يوقاپ كېتىدىكەنيۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزگىرىش بولمايدىكەن، بۇنىڭغا قارىغاندا شۇ گەپنىڭ باشقىچىرەك مەنىسىمۇ بارمۇ- قانداق؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 19:06:26

بۇ دىگىنى ئىزدىنىش تورىغا ئوخشايدۇ ،ئون بەش ھەپتە نورمال ئېچىلسا ،ئون بەش ھەپتە تالادا قۇيىدۇ

islamhuja يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 22:47:43

ئەلمىساقتىن ئاياللارنى ئاي دەپ تەرىپلەيدىكەن.ئاياللارنىڭ بىر كۈن ئېچىلىپ بىر كۈن تۇتۇلۇپ قالىدىغان چىرايىغا قارىتىلغان بولسا كېرەك.


سۇئال: ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا دەيدىكەن.ئۆتكەندە بىر ئوپراتسىيىنى سىرتتىن كۆزەتكەن ئىدىم.ئۇ ئادەمنىڭ ھېچقانداق ئالىسىنى كۆرمىدىم قىپقىزىل گۆش تۇرمامدۇ؟

almashan يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 08:51:05

ئالىسى بولمىغاچقا ئوپراتسىيە قىلغان گەپ

almashan يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 08:51:09

ئالىسى بولمىغاچقا ئوپراتسىيە قىلغان گەپ

almashan يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 08:51:14

ئالىسى بولمىغاچقا ئوپراتسىيە قىلغان گەپ

almashan يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 08:52:41

ئىنكاسلار سۇزۇلاپ چىقىۋاتىدا

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 09:26:50

قارنىنى يارغان ۋاقىتتا قان چىقىپ ئالىسىمۇ قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن گەپ.


سۇئال: ئىزدىنىشتا نىمىشقا قىزلار ئاز؟

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 10:18:41

islamhuja نەق ئويۇننىڭ تەرتىۋىنى چۈشۈنۈپتۇ...


islamhuja نىڭ سۇئالىغا جاۋاب: ئەگەر ئادەملەر بىر- بىرىنىڭ ئالىسىنى كۆرگىلى بولسا ئىدى بىر- بىرىگە ئۇنچە سىرلىق تېپىشماقتەك تۇيۇلمىغان بولار ئىدى؟! سىز ئادەمنى ئوپىراتسىيە قىلىپ ئالىسىنى كۆرمەكچى بوپسىز، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە دېگىنى كۆرگىلى بولمايدىغان، تۇتقىلى بولمايدىغان ئىچكى ئامىلغا تەۋە شۇڭا سىز كۆرەلمىگەن گەپ، ئەگەر كۆرگىلى بولسا ئادەمنىڭ ھايۋاندىن نېمە پەرقى؟!


hx1 نىڭ سۇئالىغا جاۋاب: مۇنبەردە قىز- ئاياللار ھەقىقەتەن ئاز، ئەمما ئاجايىپ ساز! يەنە كېلىپ داڭلىق ماركىلىق!!! \"\" ئاز بولغىنى ھەر بىر قىز- ئايال نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈز قىز- ئاياللارنىڭ رولى قالتىس ئوينىۋېتىدۇ، شۇڭا تېتىملىق! قاندىغى؟!!! \"\"


سۇئال: مەيلى خىزمەتداشلىرىم بولسۇن ياكى دوستلىرىم بولسۇن ھەممىسى مېنى مۇز چىراي دەيدۇ، قانداق قىلسام ئىللىق چىراي بولالايمەن؟


ھەي باللا بىر چەتتە تۇرۇپ تاماشىبىن بولماي قاتنىشىپ قوياڭلا ماندا ماۋۇ پائالىيەتكە... ياخشى راۋاجلىنىپقالسا ژورنالغىمۇ تاللاپ ئىۋەتىپ قالامدۇق تېخى؟!

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 10:35:08

ئىپار ئاينىڭ سۇئالى: مەيلى خىزمەتداشلىرىم بولسۇن ياكى دوستلىرىم بولسۇن ھەممىسى مېنى مۇز چىراي دەيدۇ، قانداق قىلسام ئىللىق چىراي بولالايمەن؟


جاۋاب: رامىزاندا يۈزىڭىزگە توكلۇق قىززىيدىغان ماسكا تاقاپ يۈرۈپ بېقىڭ، چوقۇم ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.


سۇئال: قىزلار نىمىشقا پولۇغا قارىغاندا راڭپىزىغا بەك ئامراق؟

terjime يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 10:55:17



سۇئال: قىزلار نىمىشقا پولۇغا قارىغاندا راڭپىزىغا بەك ئامراق؟



جاۋاپ : ئەر- ئاياللار باۋاۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن!(ئوغۇللارمۇ ئامىراقكەن).



سۇئال : مۇنبەردە بىر توپ باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغانلار باركەن ، \" بۇ يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس\" دىگەن تەمسىلگە رىئايە قىلغانلىقىمۇ قانداق ؟\"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 12:03:56

باشقىلارنى چەتكە قېقىش بىلەن يالغۇز ئاتنىڭ نىمە ئالاقىسى بار تەرجىمە...چۈشەنمىدىم تەمسىلىڭىزنى.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 12:34:13

بۇ ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە سۇغا كىرسەڭ بىلىڭچە ،دىگەن گەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك ،چەتكە قېقىلسڭىز قۇشۇلۇپلا كەتسڭىىز بۇلىدۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 16:25:33

ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ بىر ئىتوتى چىققاندىن كىيىن بەزىلەر مىنى :


سىز ھاراقمۇ ئىچمىسىڭىز ،تاماكىمۇ چەكمىسىڭىز ،(بولدىلاخەقنىڭ گىپىنىڭ ھەممىسىنى دىگىلى بولمايدىكەن )ئۇيۇن ئوينىمىسىڭىز ،سىزدەك ئادەم بۇ دۇنياغا يۈك دەيدۇ ،راۋرۇس كىلىشتۈرۈپ دەككىسىنى بەرگەن بولساممۇ ،كىيىن ئارتۇق كەتتىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ،شۇڭا مۇشۇ گەپكە ھەزىلراق جاۋاپتىن بىرسى لازىم بۇلۇپ قالدى ،ئايىمىغايسىلەر .....

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 21:38:19

مەن دۇنياغا يۈك،ئەمما سىز ئائىلىڭىزگە،مىللەتكە،ئىسلامغا،دۇنياغا تەڭلا يۈك.دوت ئىشەكنىڭ يۈكى جىق دەپلا جاۋاپ بەرسىڭىز كۇپايە.

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 22:19:46

مەن دۇنياغا يۈك،ئەمما سىز ئائىلىڭىزگە،مىللەتكە،ئىسلامغا،دۇنياغا تەڭلا يۈك.دوت ئىشەكنىڭ يۈكى جىق دەپلا جاۋاپ بەرسىڭىز كۇپايە



بۇ جاۋاپ يىتەرلىك بولماپتۇ!ئىشەكنىڭ دۆتى بولمايدۇ،ئاللا ئىشەكنى ئىنسانلارغا خىزمەت قىلدۇرۇشقا ياراتقان ،ئۆي ھايۋانلېرى ئىچىدە جاپاغا ھەمىدىن بەك چىدايدۇ.ئابدۇكېرەم ئابلىز ئىشەكنىڭ ئالدىغا بىرەر چىلەك پىۋا ياكى ھاراق قۇيۇپ بېرىپ باقسۇن ئەگەر ئىشەك ئىشمەي قالسا ئۆزگە بىرەر ئىسىم ئويلۇشۇپ قويسا بۇلىدۇ.

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 22:26:36

سۇئال: قىزلار نىمىشقا پولۇغا قارىغاندا راڭپىزىغا بەك ئامراق؟


قىزلارنىڭ تۇرقى كۆپىنچە ھالاردا راڭپىزىغا ئوخشايدۇ،شۇڭا راڭپىزىغا ئامىراق.



سۇئال؛قەشقەردە ھازىرمۇ ئاففاق خوجىنىڭ ئەۋلاتلېرى بارمۇ؟

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 23:12:26

ۋىجدانلىق باللا يىغىلىپتۇ جۇمۇ ما تېمىغا

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-7-25 09:49:37

سۇئال؛قەشقەردە ھازىرمۇ ئاففاق خوجىنىڭ ئەۋلاتلېرى بارمۇ؟


جاۋاب: بولغان تەقدىردىمۇ ئىسسىق ھاۋادا بۇ چاغقا ئاللىقاچان قارىداپ قارىخوجا بولۇپمۇ كەتكەندۇ.


سۇئال: مەن نىمىشقا مۇنبەرگىلا كىرىدىغاندىمەن؟

azhar007 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-25 10:55:42

مەن نىمىشقا مۇنبەرگىلا كىرىدىغاندىمەن؟


------------------------------


سىز كىرىدىغان باشقا يەر بارما؟ بولغان بولسا شۇ يەرگە كىرىپ مۇنبەرگە كرمەيتىڭىز!!!

بەت: [1] 2
: ھەزىل سۇئالغا ھەزىل جاۋاب «ئوينامدۇق؟»