izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 10:29:21

گابائىن خانىم ۋە گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسلىقى

گابائىن خانىم ۋە گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسلىقى





- گابائىن خانىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىق خاتىرە كۈنىگە



ئىمىنتاجى تۈرگۈن




شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى نىسبەتەن بالدۇر باشلانغان ۋە تەتقىقات نەتىجىسى مولراق دۆلەت. گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسلىرى ئارىسىدا ئاننا مارىيا فون گابائىن خانىمنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتى دۇنيا ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .



گابائىن خانىم دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان ئاتاقلىق تۈركولوگ، ئۇيغۇرشۇناس، شۇنداقلا تۈركىي تىللىرى، بولۇپمۇ قەدىمكى زامان تۈركىي تىللىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى، شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىن، گۈزەل سەنئىتىنى ئۆمۈر بويى تەتقىق قىلغان ئالىم. ئۇ 1904–يىلى گېرمانىيەنىڭ مورچېنىگېن (ھازىر فىرانسىيە تەۋەسىدە) رايونىدا تۇغۇلغان. 1920-يىلى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاتاقلىق تۈركولوگ ۋە خەنزۇشۇناس ئالىم فرانكىي ۋە ۋىلھېلىم باڭ قاتارلىق پىروفېسسورلاردىن تۈركىي تىللىرى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقى ۋە خەنزۇشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن. 1926-يىلى خەنزۇ تىلى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تەشكىللەنگەن «گېرمانىيە تۇرپان ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى» نىڭ تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1928-يىلى «مانى دىنىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان شامان ئىلاھى ھەققىدىكى رىۋايەتتىن پارچە» ناملىق ئەسىرى بىلەن تەتقىقات ساھەسىگە رەسمىي قەدەم قويغان. 1929-يىلىدىن 1934-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇستازى ۋىلھېلىم باڭ بىلەن ئالتە توملۇق «تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى» نى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما پارچىلار ھەققىدە تەتقىقات» (1930-يىلى) قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.



گابائىن خانىم 1931-يىلى بېيجىڭغا كېلىپ، بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» نى ۋە 1933-يىلى كۈزدە پارىژدىكى گۇيمېت مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» نىڭ يەنە بىر نۇسخىسىنى تەتقىق قىلغان، 1935-يىلى «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى‹شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى›دىكى خەت-چەكلەر» قاتارلىق تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدۇرغان، كېيىن يەنە «قەدىمكى زامان تۈركىي تىللىرى گرامماتىكىسى» (1941-يىلى) ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يازغان. ئۇنىڭ بۇ كىتابى قەدىمكى تۈركىي تىللار ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشتىكى ئاساسلىق پايدىلىنىش ماتېرىيالى، شۇنداقلا، شۇ ساھەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئەسەر، دەپ قارالماقتا.



گابائىن خانىم 1949-يىلىدىن باشلاپ ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا «تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى» ناملىق ئەسەرنىڭ 8-، 9-، 10-توملىرىنى مۇستەقىل يېزىپ نەشر قىلدۇرغان، 1957-يىلى مايىنزى (مائىنز) شەھىرىدە ساقلىنىۋاتقان «مايتىرى سېمىتنىڭ ئۇچرىشىشى» نى نەشىر قىلدۇرغان. 1961-يىلى بۇ ئەسەرنىڭ شەرقىي بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر قىسمىنى تېپىپ نەشىر قىلدۇرغان. ئۇ يۇقىرىقىلاردىن باشقا، خەلقئاراغا مەشھۇر ئەسىرى «تۈركىي مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئاساسلىرى»، «قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «قەدىمكى كۈسەن ئەدەبىياتى» قاتارلىق مەخسۇس ماقالىلىرىدە قەدىمكى تۈركىي تىللارنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلغان.



گابائىن خانىم تۈركىي تىللار بويىچىلا ئەمەس، بەلكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ مۇتەخەسسىستۇر. 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 50-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىدا شەھەرلەرنىڭ رولى» (1949-يىلى)، «ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى تارىخى» 1952-يىلى)، «بۇددا دىنى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا (1954-يىلى) قاتارلىق مۇھىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇرغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ، تۇرپاننىڭ ماددىي مەدەنىيىتى، دىنىي ئەھۋالى ۋە سەنئەت بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلغان. بۇ چاغلاردا ئۇ «قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە يۈرۈش-تۇرۇش ئادەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات»، «تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان يازما يادىكارلىقلارنىڭ مەنبەسى»، «قەدىمكى تۇرپان رايونىنىڭ مەتبەچىلىك تېخنىكىسى»، «قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر»، «تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان قوليازمىلارنىڭ تارىخىي دەۋرى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بۇددا نومى ئابىدارما كۇشاۋاردى شاستىر»،«تۇرپاندىن تېپىلغان قىستۇرما سۈرەتلىك كىتاب–ئوتتۇرا ئاسىيا كىشتىگاربىھا (بۇدساتۋا) ئېتىقادى»، «قوچۇ ئۇيغۇرلىرىدا مەدەنىي ھايات»، «تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان ئارخات تېپىدىكى تۇتاش تام رەسىملىرى»، «قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى» (1961–يىلى)، «بايان ئۇسۇلىدا تەسۋىرلەنگەن تۇرپان سەنئىتى–سۆز ۋە ئوبراز» (1979–يىلى)، «كۇچادىن بامىيانغىچە بولغان رايونلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات» (1977-يىلى)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» (1980-يىلى)، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر مەركىزىنىڭ ئۆتۈكەن شەھىرىدىن قوچۇ شەھىرىگە يۆتكىلىشىگە نەزەر» (1982–يىلى)، «تارىم ۋادىسىدىن قېزىۋېلىنغان ئوتتۇرا ئەسىر تام رەسىملىرىدىكى ئورتاقلىق ۋە خاسلىق» (1983–يىلى)، «يىپەك يولى بويىغا جايلاشقان تارىم ۋادىسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبى ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرى» (1986–يىلى)، «قەدىمكى ئۇيغۇر گۈزەل سەنئىتىدىكى ھەيكەلتاراشلىق» (1987-يىلى)، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئۇيغۇرلار تەتقىقاتى» دېگەندەك مۇھىم ئەسەر ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.



گابائىن خانىم تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەنلا چەكلەنمەي، يەنە «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئات مەدەنىيىتى ۋە چەۋەندازلىق» (1965-يىلى)، «ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا ئىران دىنلىرىنىڭ تەسىرى» (1977-يىلى)، «ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىق تەتقىقاتىغا مۇقەددىمە» (1979–يىلى)، «يىراق قەدىمكى تۈركلەرنىڭ دالا ۋە شەھەر ھاياتى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى»، «1000 يىل ئاۋۋالقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوردا-قەسىرلىرى»، «تارىختىكى ھايۋانلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قىيا تاش سىزمىلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى»، «دىن تارقاتقۇچى بۇددىست تۈركلەر»، «قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ۋاقىت ھېسابلاش ۋە خاتىرىلەش سىستېمىسى»، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر»، «ئۇيغۇر خاقانلىرىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتى»، «تۈركىي خەلقلەردە رەڭ ئاتالغۇلىرىنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى»، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ يازما مەدەنىيىتى ۋە مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئېسىلزادىلىرىنىڭ ئۈچ قىرلىق باش كىيىملىرى»، «مەدەنىيەت ئۇقۇمى ھەققىدە قىسقىچە مۇھاكىمە»، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ پوتا تۈرلىرى توغرىسىدا»، «قاتلىما شەكلىدىكى يۇمۇلاق كىگىز چېدىرلار توغرىسىدا دەسلەپكى تەكشۈرۈش»، «سوغدى يېزىقىدىكى قەدىمكى تۈركىي تېكىستلەر» قاتارلىق ماقالە ۋە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدۇرغان. ئۇ يەنە ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركولوگىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بۇددا دىنشۇناسلىقى بويىچە پىروفېسسور ۋە گېرمانىيە ئورال-ئالتايشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى، «ئورال-ئالتايشۇناسلىق يىلنامىسى» نىڭ مەسئۇل باش مۇھەررىرلىك لاۋازىملاردا بولغان ھەم تۈركولوگىيە جەھەتتىكى ئاجايىپ تۆھپىلىرى بىلەن تۈركىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلىنغان، نۇرغۇن تۈركشۇناسلارنى يېتىشتۈرگەن. 1971–يىلى خەلقئارا ئالتايشۇناسلىق جەمئىيىتى دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.



گابائىن خانىم 1982-يىل 8–ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 9–ئاينىڭ 18–كۈنىگىچە ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار ساھەسىدىكىلەرگە «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيانقى تۈركىي تىللاردىكى يازما يادىكارلىقلىرى»، «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئويما رەسىم سەنئىتى ۋە جۇڭگو»، «خەلقئارا ئورال-ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەت ئەھۋالى» دېگەن تېمىلاردا ئىلمىي دوكلات بەرگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىمىز ئالىملىرىدىن گېڭ شىمىن، ئىبراھىم مۇتىئى ۋە ئۇيغۇر سايرانىلار بىلەن ئىلمىي سۆھبەت ۋە مۇھاكىمىلەردە بولغان.



تۈركولوگىيە، ئۇيغۇرشۇناسلىق، تۇرپانشۇناسلىق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا بىر ئۆمۈر ئەجىر سىڭدۈرگەن ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئىجتىھاتلىق ئالىم گابائىن خانىم 1993–يىل 1-ئاينىڭ 15–كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ۋاپاتى بۇ پەنلەر ساھەسى بويىچە چوڭ يوقىتىشتۇر. ئالىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ چوڭقۇر پىكىرلىك ئىلمىي ماقالىلىرىنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇش، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتتا ئۇنىڭ ئىزىدىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ مېڭىش ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىمىزدىكى مۇھىم ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.



مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 11:25:00

گابائىن خانىم بىر ئۆمۈر ئۇيغۇرشۇناسلىق ئۈچۈن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان بۈيۈك ئۇستاز!


گالاستۇك دىگەن سۆزنىڭ گالغا ئاستۇق دىگەن ئۇيغۇرچە سۆزدىن ئۆزگەرگەنلىكىنى شۇنداقلا گالاستۇكنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئېدىقۇت رايونىدىن غەرپكە تارالغانلىقىنى مۇشۇ خانىم دەلىللىگەن دەپ ئاڭلىغانتىم.


يەنە 27 پەردىلىك مايتىرى سېمىت دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرىلەنگەن دىرامما شۇنداقمۇ بالىلار؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 16:32:45

ئۇنداقتا گالىستۇك دىگەن سۆز   بىزدىن باشقا  قايسى مىللەتلەرگە ئۆزلەشكەن ،بىزنىڭ ئۇنى گالغا ئاستۇق دىيىشىمىز ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە بىز ئىجاد قىلغانلىقىمىزغا پاكىت بۇلالامدۇ ؟



ئاكامنىڭ ئېيتقان رىۋايەتلىرى ئىسىمگە كىلىپ قالدى :


بېيجىڭ :  بىرجىن


ئۈرۈمچى : ئۆرۈمچى ( ئادەملەر بىر-بىرىنى ئۆرۈيدىغان )(ئىشتانباغ ئۈرۈيدىغان )(سىۋەت تۇقۇيدىغان )


كەلپىننىڭ لەقىمى :(بۇنى دىمەي قۇياي )

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 16:46:08

گالاستۇك توغرىلىق بۇ گەپنى بىزگە بىر ئوقۇتقۇچى سۆزلەپ بەرگەن. يەنە بىر مەلوماتتا دىيىلىشىچە تۇرپان تېكىستلېرىنىڭ ئىچىدە مۇنداق بىر رېتسىپ باركەن. قەمەرىيە ئاينىڭ 15-كۈنى يەنە ئاي تولغان كۈنى ئاي يورۇقىدا قايسى بىر دورىنى لايغا قوشۇپ سوگالغا سۈركىسە سوگال چۈشۈپ كىتەرمىش. قايسى دورا ئىكەنلىكى ئېسىمدە قالماپتۇ. ئەمما گېرمانىيە ئالىملېرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە بۇ رېتسىپ ناھايتى ئۈنۈملۈك بۇلۇپ بىر ئاينىڭ ئىچىدە باشقا كۈنلېرى ماس كەلمەيدىكەن. بۇنىمۇ بۇرۇن ئوقۇتقۇچۇم دەپ بەرگەن.


ئەمما خىيالچى سىز دىگەن بېيجىڭ دىگەن بىر جىن دىگەن گەپ يالغاندۇ. ئۇنداقتا نەنجىڭ دىگەن ئەر جىن دىگەنلىك بولۇپ قالمامدۇ؟ يەنە توكيونى دوڭجىڭ دەيدۇ بۇنى توڭ جىن دەمدۇق؟

quka يوللانغان ۋاقتى 2011-7-25 01:04:12

مەنچىمۇ شۇنداق ،بولسا ئىنىقراق يازسىڭىز گالاستۇك دىگەن سۆزنى تۇغرا چۇشەندۇردىڭىز ،شۇنىڭ ئوخشاش<بىرجىن>نىمۇ توغرا چۇشەندۇرۇپ قويسىڭىز.ئادەمدە گۇمان پەيدا قىلماي.

quka يوللانغان ۋاقتى 2011-7-25 01:18:19


تارىخ دەلىل ئىسپات پاكىت تەلەپ قىلىدۇ . ئىزدىنىش، تەتقىقات قىلىش، مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى.



NALAN يوللانغان ۋاقتى 2011-7-25 03:53:14

قەدىمقى تۈركچىدە گ ھەرىپى بىلەن باشلانغان سۆز بولمايدۇ. قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا دىن ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان، \"گ\" بىلەن باشلانغان بىر قانچە سۆز بار.بۇلادىن بىر قانچىسى:


1. گانگ  (سانسىكرىتچە-گانگا، يەنى گانگ دەرياسىنىڭ ئىسمى.تۇرپان تېكىستلىرى،IV 10,28)


2.گانتاخاست (سانسىكرىتچە-گاندھاھاستى، خاس ئىسىم)


3. گوت (سانسىكرىتچە-گوتھا، كەسلەنچۈك.  ئۇيگۇرىكا،IV 55,121 -بەتلەر)


4.گىرىچانتىرى(خارىچانتىرى. ئۇيگۇرىكا،III 24,5-بەتلەر)


5. گاراشا ( كاسايا. ئىدىقۇت مەھكىمە سۆزلىكى 65-بەت)


6 گونماۋ ( تاج، باش كىيىم، ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلىكى،65-بەت)


7.گوڭلاۋ(تۆھپە، ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلىكى، 65-بەت)


گىرمانچىدا گالاستۇكنى halstuchدەيدۇ. رۇسچىدا  galstukدەيدۇ.  


(ئۇيغۇر ئىزاھلىق لۇغىتى 792-بەتتە گالىستۇك سۆزىنىڭ گىرمانچىدىن روسچىغا، روسچىدىن ئۇيغۇرچىغا كىرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن).


Hals   بويۇن دېگەن مەنىدە، Tuch   بولسا رەخت مەنىسدە كېلىدۇ.


سانسىكرىتچىدىمۇ گول سۆزى\" دۈگىلەك، سېلىندىر شەكلىدىكى\" دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. \"گال\" سۆزى بىلەن باغلاپ ئويلاپ بېقىڭ.


دېمەك، گالىستۇك سۆزى ئەگەر ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرگە تارقالغان بولسا،قەدىمقى تۈركچە ياكى قەدىمقى ئۇيغۇرچە  مەزگىلىدىكى لۇغەت تەركىبىدە چوقۇم گالىستۇك سۆزى بولىشى كېرەك. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىدىن تارقالغان دېگەن گەپنى دېيىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بۇ سۆزنى ئەينى چاغدا قوللىنىپ قوللانمىغانلىقىمىزنى تېپىشىمىز كېرەك. گال سۆزىنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرچە سۆز ئەمەس.   


\"ئاستۇق\" نى ئاس- پېئىلىنىڭ سۈپەتداش شەكلى دەپ چۈشەندۈرەلىسەكمۇ، گال سۆزىنى چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىمىز.


بېيجىڭ سۆزىنىڭ  بىر جىن دېگەن  گەپ بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق. جىڭ سۆزى چىغىناق تاغاق يېزىقى ۋاقتىدىلا 人工筑起的高土堆دەپ خاتىرىلەنگەن.كېيىنچە بۇ سۆز تەرەققىي قىلىپ، \"پايتەخت\"  دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىشكە باشلىغان. خەرىتىگە قارىساڭلار، دۇڭجىڭ، نەنجىڭ، شىجىڭ( غەربى خەن سۇلالىسى ۋاقتىدا شىجىڭ چاڭئەننى يەنى بۈگۈنكى شىئەننى كۆرسىتىدۇ. قىتان سۇلالىسى دەۋرىدە، سەنشىنىڭ داتۇڭ شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ)، بېيجىڭ  دەپ تۆت تەرەپنى كۆرەلەيسىلەر.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-7-25 08:12:32

چۈشەندىم. قارىغاندا ئوقۇتقۇچۇممۇ كوچا پارىڭى ئاڭلىۋالغان ئوخشايدۇ دە....ھە راست نالەن بىر قانچە ھىندىستان كىنوسى كۆرگـەنتىم مەسلەن ئىمپىراتور ئەكبەر ۋە باشقىلار ھېس قىلىشىمچە خېلى كۆپ سۆزلەر ئۇيغۇرچە بىلەن ئوخشايدىكەن. مەسلەن دۇنيا، مۇھەببەت، ھىساب دىگەندەك....بۇ سۆزلەر ھىندىستانلىقلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىلگەن سانسىكىرت يىزىقىنىڭ قالدۇقىمۇ ياكى ماڭا شۇنداق بىلىنىپ قالدىمۇ؟

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2011-7-25 15:57:48

ئالدى بىلەن سىز ئىنكاسىڭىزدا كۆرسەتكەن، دۇنيا، مۇھەببەت، ھېساپ دىگەندەك سۆزلەر سانسىكرىتچە سۆزلەر ئەمەس.


دۇنيا –ئەرەپچە، مۇھەببەت- ئەرەپچە، ھېساپ-ئەرەپچە.


ئۇيغۇرلار تارىختا بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىدە بىر مەزگىل سانسىكرىت يېزىقىنى قوللانغان. لېكىن بۇمۇ كەڭ كۆلەملىك ئشلىتىش ئەمەس. يەنى بىزنىڭ بۇنداق دىيىشتىكى ئىسپاتىمىز، قولىمىزدا سانسىكرىت يىزىقى بىلەن يېزىلغان، تىلى ئۇيغۇرچە بولغان ئەسەرلەر ناھايىتى ئاز. سانسىكرىتچىدىن بىزگە كىرگەن سۆزلەر ئاساسەن بۇددا دىنى ئاتالغۇلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالغان.  ھىندى تىلىنىڭ تەركىبىدىكى ئەرەپچە سۆزلەر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىشى بىلەن ھىندى تىلىغا كىرىپ قېلىپلىشىپ قالغان سۆزلەردىن ئىبارەت. شۇڭا بۇ خىل ئەرەپچە سۆزلەرنىڭ بىزگە تونۇش بىلىنىشى نورمال.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-7-25 21:21:32

ھە بۇنىمۇ بېلىۋالدىم. ئەرەپ تىلىنىڭ ھىندىلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئېسىمگە كەلمەپتۇ. رەھمەت نالەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-7-25 22:15:05

قوياش ئوغلى سىز كۆرگەن كىنودا يەنە \"مەلىكاي ئالىم\" دەيدىغان سۆزمۇ بارغۇ، بىزنىڭ \"مەلىكاي ئايىم\" دىگەن سۆزىمىزنىڭ ئەينى. ئەمدى بۇ ئىككى سۆزچۇ نالەن؟

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-26 05:04:47

ھىندىستان كىنولىرىدىكى بىز چۈشىنەلىگەن بەزى سۆزلەر بەلكىم ساپ تۈركچە بولىشىمۇ مومكىن. چۈنكى ئۇلار ئىشلىتۋاتقان ئوردۇ (ئوردا) تىلى (ھىندىستاندا ھىندى تىلى دەپ ئاتىلدۇ) ئەرەپچە، پارىسچە،تۈركچە ھەم يەرلىك تىللارنىڭ يۇغۇرلىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن تىل. شۇڭا ئۇلارنىڭ تىلىدا تۈركچە سۆزلەرمۇ  ئۇچرايدۇ. مەسلەن خاتۇن، بىگىم، ئەلچى، خاقان، ئاغا، قۇل، تامغا، تۆشەك دىگەندەك. ئۇندىن باشقا ئوردۇ تىلىدىكى پارىسچە، ئەرەپچە سۆزلەرنىڭ كۆپى بىزگىمۇ كىرگەن بولغاچ قۇلاققا تونۇش ئاڭلاندىغان سۆزلەر پات پات ئاڭلىنىپ قالىدۇ.


Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-26 05:46:33

بىر پۇشتۇن بۇرادىرىم بار ئىدى، پات پات بىللە تاماق ئىتەتتۇق. شۇ جەرياندا ئانچە مۇنچە ئۇيغۇرچە ئۈگىتەي دەپ ئىشلەتكەن نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە دەپ بەرسەم بىزمۇ شۇنداق دەيمىز دەپ ، سورىشپپ يۈرۈپ بىر مۇنچە سۆزلىرىمىز ئوخشاش چىقىپ قالدى،مەسلەن قوشۇق (كاشۇغا)، پىيالە، چەينەك، پولو، نان،تونۇر ...دىگەندەك.   شۇڭا سەن تاز دىگۈچە مەن تاز دىۋالاي دەپ بىزنىڭ تىلىمىزنى كۆچۈرۋاپسەن، بابۇرىيلار سىلەرگە ئاپىرىپتۇ بۇ سۆزلەرنى دەپ قۇتۇلدۇم \"\". بىراق تەكشۈرۈپ باقسام بۇلارنىڭ كۆپى پارىسچە سۆزلەركەن. بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ پارىس تىلىنىڭ تەسىرىگە بەكلا ئۇچراپ كەتكەنلىكىنى بىلەتتىم ئەمما بۇنداق ئىغىر دەپ ئويلىماپتىكەنمەن. مەسلەن ئاددى بىر مىسال :


ئىجرا،ئىھتىمال،ئىمكان،ئىلىم،ئىمتىھان،ئىمزا،ئىنتىزار،ئىقرار،ئىستىمال،ئىستىقلال،ئىزھار،ئىپتىخار  


دىگەن سۆزلەر ئۇيغۇرچىدا كۆپ ئىشلىتىدىلغان سۆزلەر، بىراق ھەممىسى پارىسچىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەركەن. تۈركلەر پارىسلارنى جەڭدە يەڭگەن بىلەن تىل ئۇرۇشىدا سەت ئۇتتۇرۋىتىپتۇق.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-7-27 08:21:28

مەن قارىشى!

\"\"

مېنىڭ باشقىچە پىكىرىم بار:

بىز دەۋاتقان بەزى سۆزلۈكلەر خەقنىڭ، دىگەنگە قارىتا، راستىنلا ئۇلارنىڭ بولۇشى ناتايىن.

قانداق دىسەڭلار، ئۇلار بىزدىن 50 يىل بۇرۇن لوغەت تۈزۈپ بولغان، دەيلى، چۈنكى 50 يىل بۇرۇن ئۇلاردا مەتبە ماشىنىلىرى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بىزدە ساناقلىقلا. بىزگە نۆۋەت كەلگەندە، تىلشۇناسلىرىمىز، خەقنىڭ لوغىتىگە مۇنداقلا قاراپلا، \"ۋوي! ماۋۇ پارىسنىڭ لوغىتىدە باركەن، ماۋۇ ھىندىنىڭ، ماۋۇ ...نىڭ ...\" دەپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىمىزمۇ بىلمەيلا سۆزلۈك سوۋغىسى قىلىۋەتكەن بولۇشىمىز مۇمكىن.


بىزنىڭ سۆزلۈكلەر ئۇلارغا بەك ئۇزۇن سىڭىپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئورتاق سۆزلۈكلەر خەققىلا تەۋە بوپ كەتسە بولمايدۇ.


ئۇيغۇرچىدا كۆپ ئىشلىتىدىغان، لېكىن ئوخشاش مەنىلىك باشقىسى يوق سۆزلۈك بولسا، بۇ دىگەن ئۇيغۇرچە، دەۋەرسەك بولىدۇ. پەقەت، سۆز تۇمۇرى باشقا يەردىن چىقىپ قالدى، دىيىلمىسىلا. سۆز تۇمۇرىنىمۇ تەكشۈرۈش لازىم.



ئۇزاق تارىخىمىزدا، خەقلەرگىمۇ نۇرغۇن سۆزلۈكلەرنى سىڭدۈرۈۋەتكەن ۋاقىتلىرىمىز بارلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى، بىر مەزگىللەردە، تۈركىيلەر ئىچىدە ئەڭ مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر بولغان ئىدۇق.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-7-27 08:21:40

مەن قارىشى!

\"\"

مېنىڭ باشقىچە پىكىرىم بار:

بىز دەۋاتقان بەزى سۆزلۈكلەر خەقنىڭ، دىگەنگە قارىتا، راستىنلا ئۇلارنىڭ بولۇشى ناتايىن.

قانداق دىسەڭلار، ئۇلار بىزدىن 50 يىل بۇرۇن لوغەت تۈزۈپ بولغان، دەيلى، چۈنكى 50 يىل بۇرۇن ئۇلاردا مەتبە ماشىنىلىرى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بىزدە ساناقلىقلا. بىزگە نۆۋەت كەلگەندە، تىلشۇناسلىرىمىز، خەقنىڭ لوغىتىگە مۇنداقلا قاراپلا، \"ۋوي! ماۋۇ پارىسنىڭ لوغىتىدە باركەن، ماۋۇ ھىندىنىڭ، ماۋۇ ...نىڭ ...\" دەپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىمىزمۇ بىلمەيلا سۆزلۈك سوۋغىسى قىلىۋەتكەن بولۇشىمىز مۇمكىن.


بىزنىڭ سۆزلۈكلەر ئۇلارغا بەك ئۇزۇن سىڭىپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئورتاق سۆزلۈكلەر خەققىلا تەۋە بوپ كەتسە بولمايدۇ.


ئۇيغۇرچىدا كۆپ ئىشلىتىدىغان، لېكىن ئوخشاش مەنىلىك باشقىسى يوق سۆزلۈك بولسا، بۇ دىگەن ئۇيغۇرچە، دەۋەرسەك بولىدۇ. پەقەت، سۆز تۇمۇرى باشقا يەردىن چىقىپ قالدى، دىيىلمىسىلا. سۆز تۇمۇرىنىمۇ تەكشۈرۈش لازىم.



ئۇزاق تارىخىمىزدا، خەقلەرگىمۇ نۇرغۇن سۆزلۈكلەرنى سىڭدۈرۈۋەتكەن ۋاقىتلىرىمىز بارلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى، بىر مەزگىللەردە، تۈركىيلەر ئىچىدە ئەڭ مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر بولغان ئىدۇق.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-7-27 08:22:51

مەن قارىشى!

\"\"

مېنىڭ باشقىچە پىكىرىم بار:

بىز دەۋاتقان بەزى سۆزلۈكلەر خەقنىڭ، دىگەنگە قارىتا، راستىنلا ئۇلارنىڭ بولۇشى ناتايىن.

قانداق دىسەڭلار، ئۇلار بىزدىن 50 يىل بۇرۇن لوغەت تۈزۈپ بولغان، دەيلى، چۈنكى 50 يىل بۇرۇن ئۇلاردا مەتبە ماشىنىلىرى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بىزدە ساناقلىقلا. بىزگە نۆۋەت كەلگەندە، تىلشۇناسلىرىمىز، خەقنىڭ لوغىتىگە مۇنداقلا قاراپلا، \"ۋوي! ماۋۇ پارىسنىڭ لوغىتىدە باركەن، ماۋۇ ھىندىنىڭ، ماۋۇ ...نىڭ ...\" دەپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىمىزمۇ بىلمەيلا سۆزلۈك سوۋغىسى قىلىۋەتكەن بولۇشىمىز مۇمكىن.


بىزنىڭ سۆزلۈكلەر ئۇلارغا بەك ئۇزۇن سىڭىپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئورتاق سۆزلۈكلەر خەققىلا تەۋە بوپ كەتسە بولمايدۇ.


ئۇيغۇرچىدا كۆپ ئىشلىتىدىغان، لېكىن ئوخشاش مەنىلىك باشقىسى يوق سۆزلۈك بولسا، بۇ دىگەن ئۇيغۇرچە، دەۋەرسەك بولىدۇ. پەقەت، سۆز تۇمۇرى باشقا يەردىن چىقىپ قالدى، دىيىلمىسىلا. سۆز تۇمۇرىنىمۇ تەكشۈرۈش لازىم.



ئۇزاق تارىخىمىزدا، خەقلەرگىمۇ نۇرغۇن سۆزلۈكلەرنى سىڭدۈرۈۋەتكەن ۋاقىتلىرىمىز بارلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى، بىر مەزگىللەردە، تۈركىيلەر ئىچىدە ئەڭ مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر بولغان ئىدۇق.

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2011-7-27 21:02:36

مەن قارشى دەپ كۈلگەننىڭ ئىپادىسىنى بېرىپسىز، شۇڭا مەنمۇ ئىنكاسىڭىزنى جىددىگە ئالمىدىم. چۈنكى تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ خەقنىڭ لوغىتىدە باركەن،بۇ لۇغەتنى بۇلار بالدۇر تۈزۈپتىكەن، شۇڭا بۇ سۆز بۇ شۇنىڭكەن دېيىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر بۇ خىل مەسئولىيەتسىزلىكنى قىلسا ئۇ كىشى تىلشۇناش دەپ ئاتىلالمايدۇ.


سۆزلۈكلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ياكى ئەرەپچە، پارىسچە ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ تاشلارنى، قەدىمقى ئۇيغۇرچە ۋە قەدىمقى تۈركچىدىكى يازما ئەسەرلەرنى ۋە تۈركى تىللار دىۋانىنى ئالدىمىزغا قويۇپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىمىز.   سىز دېگەندەك بەزى سۆزلەرگە ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. تىل دىگەننىڭ ئۇستىخىنى يوق نەرسە. بەزىدە شۇنداق بىر سۆزلۈكلەر ئۇچرايدۇ. ئۇ سۆز ئەسلى ئۇيغۇرچە، كېيىن باشقا تىلغا كىرگەن. باشقىلار ئۇنى ئۆزىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە بويسۇندۇرۇپ ئىشلەتكەن. كېيىن بىز ئۇ تىلدىن ئۆزگەرگەن شەكلىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن دېگەندەك.


مەسىلەن:  تۈركچىگە خاس بولغان چاتىر سۆزى پارسلار تەرىپىدىن چادىر شەكلىدە قوبۇل قىلىنغان. كېيىن بىز بۇنى چېدىر شەكلىدە قايتىدىن پارىسلەردىن قوبۇل قىلىپ ئىشلەتتۇق. بۇنداق دېيىشتىكى ئاساسىمىز، بىزدە چاتماق دەپ پېئىل بار.(چات+ئى+ر)


بۇنىڭدىن باشقا بۇ خىل سۆز ياساش ئۇسۇلىغا چۈشىدىغان ئۆرنەكلەردىن قىچىر، قوتۇر،بېغىر، ئايغىر قاتارلىقلار بار.


شۇڭا بىر سۆزنى تەھلىل قىلغاندا ئۇنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىش تىلشۇناشلار ياكى تۈركولوگلار تەرىپىدىن تەس دەپ قارىلىپ ئاۋايلاپ، ئايلىنىپ كېتىدىغان بىر بوشلۇق.نۇرغۇن ئادەم تۈركولوگ بولۇشنى خالايدۇ، ئەمما بۇ ئېتىمولىگىيە ساھەسىگە ئىچكىرىلەپ كىرىشنى خالىمايدۇ. \"چۈنكى سۆزلۈككە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ، بىر سۆزنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، سىز شۇ تىلنى سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى، شۇ مىللەتكە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىلىنى پىششىق بىلىشىڭىز كېرەك\".   بولمىسا، ئـۆتكەنكىدەك، \"تاڭ ئاتتى\" دېگەن گەپنى تاڭ سۇلالىسى بىزگە زەمبىرەك ئاتقاچقا، \" تاڭ سۇلالىسى زەمبىرەك ئاتتى\" دېگەن گەپ تەرەققىي قىلىپ \" تاڭ ئاتتى\" بولۇپ قالغان دېگەندەك ئاساسسىز، ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان چۈشەندۈرۈشلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

gunes يوللانغان ۋاقتى 2011-7-28 03:33:27

پارسچىدىكى بىرىنچى شەخس ۋە ئىككىنچى شەخسلەرنىڭ تۈركىيچە بولۇشىنىڭ ئۆزىلا بەزى نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىر تىلدىكى شەخسلەر ئۇنداق ئاسان بېرىلمەيدۇ ئېلىنمايدۇ چۈنكى.
بەت: [1]
: گابائىن خانىم ۋە گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسلىقى