surak يوللانغان ۋاقتى 2011-7-22 18:35:05

30000يۇۋەننى قانداق خەجلىشىم كىرەك

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قىرىنداشلار،مەن تۇلۇقسىزنى پۇتۇرۇپ مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇقۇشتىن چىكىنىپ شىنجاڭنىڭ جەنۇپ-شىمالىدا ئىشلەپ يۈرۈرۈپ ئازغىنە پۇل تاپقان ئىدىم،،بۇ،پۇلنى قانداق خەجلىسەم چىقىش يۇلى تاپالايمەن،،،مۇشۇ توغرىسىدا تەكلىپ-  پىكىر بىرشىڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن....قىزقىشىم،،،،،تىجارەت قىلىش،،،،ئارتۇقچىلقىم،،،جاپاغا چىدايمەن،،گەپ-سۆزگە ماھىر ،،تەۋەككۈلچى....

terjime يوللانغان ۋاقتى 2011-7-22 22:07:40

مۇقىمىراق تىجارەت قىلغىڭىز بارمۇ ياكى يۈگۈرەپ يۈرۈپ قىلاي دەمسىز؟ نەچچە ياشقا كىردىڭىز ؟ جەنۇپ -شىمالدا قايسى ئىشنى قىلىپ باقتىڭىز ؟  بۇلارغا قاراپ بىر يول كۆرسىتەي .

soul يوللانغان ۋاقتى 2011-7-22 23:13:19

تاشچىلىق قىلىڭ ...\"\"

sawirjan يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 09:58:24

باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپدىن دۇكان تاللاپ ئوقوش -ماتىرىياللرنى سىتىڭ ،تەڭگە تەڭ پايدا ئالىسىز.

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 10:21:29

كىچىكرەك بولسىمۇ بىر دۇكان ئېچىۋېلىڭ...

surak يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 17:09:00

terjimeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇقىمىراق تىجارەت قىلغىڭىز بارمۇ ياكى يۈگۈرەپ يۈرۈپ قىلاي دەمسىز؟ نەچچە ياشقا كىردىڭىز ؟ جەنۇپ -شىمالدا قايسى ئىشنى قىلىپ باقتىڭىز ؟  بۇلارغا قاراپ بىر يول كۆرسىتەي .  

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دۇستۇم،مەن بۇيىل 21ياش،ھازىرچە تۇخۇكاۋاپچىلقى،ناۋايلىق،زاۋۇتلاردا ئىشلەپ يۇرگەن ئەمما منىڭ بۇ ئىشلارنى قىلغۇم يوق،بولسا ياخشىراق تىجارەت يولى بولسا كۆرسىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن(ئاددى بولسىمۇ) مەسلەھەتڭىزگە رەھمەت

surak يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 17:12:14

izdinimanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كىچىكرەك بولسىمۇ بىر دۇكان ئېچىۋېلىڭ...



مەنمۇ يۇرتقا قايتىپ دۇكان ئاچاي دىگەن بىراق دەسمىرىم يەتمەسمىكى دەيمەن(مەسلەتىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر)

terjime يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 18:38:00




مەنمۇ يۇرتقا قايتىپ دۇكان ئاچاي دىگەن بىراق دەسمىرىم يەتمەسمىكى دەيمەن(مەسلەتىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر)


يېتىدۇ ، مۇۋاپىق ئورۇن تېپىپ، پىلانلىق مال كىرگۈزسىڭىز يېتىپ ئېشىپ قالىدۇ . يۇرتتا دۇكان ئاچقىڭىز باردەك قىلىدۇ قارىسام  ، لىكىن ئۆزىڭىز قىلىپ باققانغا يېقىنىراق كىلىدىغان سودىنى قىلىڭ . تازا ئېپى -جىپىنى بىلىپ كەتمەيدىغان ئىشقا ئالدىراپ دەسمى سالماڭ .

ajrim يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 11:14:03

باشقىلار يەنە ئوبدان مەسلىھەتلەرنى بېرىپ قېلىشى مۇمكىن.شۇنداقتىمۇ ئاددىلا مەسلىھەت.


يۇرتنىڭ ئوبدانراق،ئادەم كۆپ ئۆتىشىدىغان يەرلىرىدىن تاللاپ تاللا بازىرى ئېچىڭ.ئانچە چوڭ بۇلۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ:


1. تاللا بازىرىغا دۇكان ئىجارىسىنىڭ ئۈچ ئايلىقىنى بىر تۆلىسىڭىز بولىدۇ.


2.دۇكانغا جېق نەرسىلەر كەتمەيدۇ،بىر ئۇرۇندۇق،ئۈستەل،مال تىزىدىغان جازا بولسا بولىدۇ.تاملار مەينەت بولسا ئاقارتىسىز.


3.مال سېتىۋالسىڭىز دەسلەپتە پەقەت 30% تۆلەيسىز.بەزىدە ھەتتا پۈتۈنلەي نىسىگە سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.مال تەمىنلىگۈچىلەر سىزگە ئىشەنسىلا.


4.كېنىشكىلارغا جېق پۇل كەتمەيدۇ.تەخمىنەن 400 يۈەن ئەتىراپىدا كىتىشى مۇمكىن.باجغا كۆپ بولغاندا 100 يۈەن كىتىدۇ،.چۈنكى يېڭى ئاچتىم دىسىڭىز ھىچكىم ياق،مۇنداق تۆلەيسەن دىيەلمەيدۇ.


5. دۇكاننى ئېچىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزدىن يىراقراق ئۇرۇندىكى بىر قانچە تاللا بازارلىرىنى ئارىلاپ،مال سېتىۋالغان بولۇپ پاراڭلىشىپ،ئۇلاردىن كىملەر مال تەمىنلەيدۇ،كىملەرنىڭ مۇلازىمىتى ياخشى،يەنە كىملەرنىڭ مۇلازىمىتى ناچار،ئالاقە نۇمۇرلىرى،نەق دەمدۇ سېتىپ بولۇپ بەر دەمدۇ؟ شۇلارنى سورىۋېلىپ ئىش باشلىسىڭىز بولىدۇ.


5.كۈندە كەم بولغاندا 300 يۈەنلىك سودا قىلالىسىڭىز دەسلەپتە ئۆزىڭىزگە قالىدىغىنى 70،80 يۈەن بولىدۇ،مەيلى،چىداپ تۇرۇپ نىسى ماللارنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈپ ئۈچ ئايلا ماڭالىسىڭىز يەنە ئىجارە تۆلىگىدەك پۇل تاپالايسىز.مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشەلەيسىز.ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا ئازراق ئېشىنچە پۇل،دۇكان ۋە دۇكانغا تىزىلغان ماللار ئېنىق قالىدۇ.ئاز پايدا قىلسىمۇ تىز قولدىن چىقىدىغان مال سېلىڭ،چۈنكى سىز پۇلغا ئېھتىياجلىق. ئەگەر سوغاق ئىچىملىك،ماروژنى قاتارلىقلارنى ساتماقچى بولسىڭىز مەخسۇس ساتىدىغان يەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ۋېۋىسكىڭىزنى ياساپ بېرىدۇ،مۇزلاتقۇ،توڭلاتقۇلارنىمۇ ۋاقىتلىق ئىشلىتىشكە بېرىدۇ.ماللارنىمۇ نىسى بېرىدۇ.



تورداشلارنىڭ تۇلۇقلىشىغا ئىشىنىمەن..سىزگە بۇ مەسلىھەتنى بېرىشتىكى سەۋەپ نەچچە يىل سىرتلاردا يۈردىم دىدىڭىز.يۇرتىڭىزدا تۇرۇڭ...پۇت-قولىڭىزنى ئۇزۇن سۇنۇپ ياتىدىغان يەر يەنىلا يۇرتىڭىز بولىدۇ.


tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 12:17:40

ساۋىرجاننىڭ مەسلەھەتىمۇ ئورۇنلۇق.دەسمىي جىق كەتمەيدۇ،پايدىسى ياخشى .
بەت: [1]
: 30000يۇۋەننى قانداق خەجلىشىم كىرەك