tarimugli يوللانغان ۋاقتى 2011-7-22 10:38:27

ئىنگىلىزتىلى ھەققىدە ياردەم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم



مەن ئۆزلۈگۈمدىن ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنەي دەپ، مۇشۇ ماتېرىيال جەھەتتە ئازراق قىينىلىپ قالدىم.

ئەسلى new interchange نىڭ كىرىش قىسىمىنى سېتىۋېلىپ، مۇشۇ بىر يۈرۈش كىتابتىن ئۆگىنەي دەپ ئويلىغان، لېكىن بۇ كىتابنىڭ ئوقۇغۇچىلار قىسمىدا 2 دانە ئاڭلاش پىلاستىنكىسى تەمىنلەنگەن ئىكەن.

بىر دەرسنىڭ پەقەت 3 بۆلىكىنىڭلام ئاڭلاش قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. باشقا بۆلەكلەرنىڭ ئاڭلاش ھۆججىتى ئۇقۇغۇچىلار نۇسقىسىدا تەمىنلەنمەپتۇ. مەنغۇ 2 دەرسكىچە ئۆگەنگۈچە كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ ئوقۇتۇپ ئۆگەنگەن، لېكىن ۋاقىتنى بەك ئالىدىكەن.

مەزكۇر كىتابنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قىسىمدا ئاڭلاش ھۆججىتى تولۇقكەن. شۇنى سېتىۋالاي دەپمۇ ئويلاشقان لېكىن يەنە بىر كىتاب ئۇچراپ قالغانتى شۇڭا بۇ كىتاب ئارقىلىق ئۈگۈنۇپ باققان تورداشلار بولسا مەسلەھەت بىرەمدىكىن دىگەن ئىدىم. مەزكۇر كىتابنىڭ ئىسمى Side by Side بولۇپ Longman نەشىر قىلغان ئىكەن. ئۆزلىگىدىن ئۆگەنكۈچىلەرگە بىرقەدەر ماسكىلىدىغاندەك ھېس قىلدىم. ئاڭلاش قىسمىمۇ تولۇقكەن. لېكىن بىر كىتابتا ئاران 800 سۆزلۈك تەمىنلەنگەن ئىكەن.

شۇ مۇشۇ ماتېرىيال تاللاشتا مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ ئىككىلىنىپ قالغان ئىدىم. تورداشلار مۇشۇنىڭغا بىر مەسلىھەت كۆرسەتكەن بولساڭلار.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 07:22:38

Side by Side مۇ ياخشى ماتېرىيال ...


ھازىر ئېنگلىزچە ماتېرىياللارنىڭ تۈرلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ، دەسلەپ ئۆگەنگۈچىلەرمۇ زادى قايسىسىنى ئۆگىنىشنى بىلەلمەي، گاڭگراپ قېلىۋاتىدۇ ....... ئوقۇتقۇچى ۋە ئۇستازلاردىن مەسلىھەت سورىسىڭىزمۇ ھەممىسى ھەرخىل جاۋابلارنى بېرىدۇ ...


مەنمۇ ئېنگلىزچەنى \"يېڭى ئۇقۇم ئېنگلىز تىلى\" دىن باشلىغان ئىدىم، 1996-يىلى بولغاچقا، ئاۋازلىق بۇيۇملار تۈگۈل، ماتېرىيالنى تاپماقمۇ بىر قەدەر مۇشكۈل ئىدى (بولۇپمۇ مەندەك نامرات ئوقۇغۇچىلارغا)....


مېنىڭ مەسلىھەتىم شۇكى، سىز ئالدى بىلەن مۇقىم بىر كىتاپنى بېسىپ ئۆگىنىڭ، ئېشىپ كەتسە 2 ماتېرىيال كۆرۈڭ. پۈتۈن دىققەتنى ئاشۇ بىرلا ماتېرىيالنى چۆرىدىگەن ئاساستا مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىڭ. كىتاپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم سەۋىيەگە ئۇلىشىپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز ........


مەنچە بولسا، ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىشتىكى گەپ ماتېرىيالدا ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ ئۆزىدە، ھەمدە شۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىشىدا.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 19:57:23

مەنمۇ يېڭى ئۇقۇمنى ياخشى كۆرىمەن ، ھازىر  4- قىسىمىنى كۆرىۋاتىمەن . كۆنۈپلا قاپتىمەن بۇ كىتابقا  باشقىسى خوشياقمايدۇ . بولۇپمۇ ئۇنۋېرسىتىت ئېنگلىز تىلى .

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 00:18:45

ئاڭلاش ماتېرىياللىرىنىمۇ توپلاپ قويۇڭ، مۇھىتىڭىزدا ئېنگىلىزچە كۆپراق بولسۇن. چەۋەندازلار بىلوگىنىڭ تىل باغچىسى سەھىپىسىدە ئېنگىلىز تىلىدىن 8000 جۈملە قاتارلىق ماتېرىياللار بار. مۇشۇ ماتېرىياللارنى كۆرۈپ بېقىڭ. بولۇپمۇ مۇشۇ 8000 جۈملىنى سىز ئاڭلاپ بەرسىڭىز ئېنگىلىز تىلى ئۈگەنگەچ نۇرغۇنلىغان تۇرمۇشتىكى كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنى ۋە جۈملىلەرنى ئۈگىنىۋالالايسىز.


http://qawandazlar.blogbus.com/c3690248/

بەت: [1]
: ئىنگىلىزتىلى ھەققىدە ياردەم