danko يوللانغان ۋاقتى 2011-7-21 23:04:05

سىزنىڭمۇ ئېشىنچە پۇلىڭىز بارمۇ؟

   نۆۋەتتە كۆپۈنچە ئائىلىلەرنىڭ بولۇپمۇ ھۆكۈمەتتىن مۇئاش ئالىدىغان مۇقىم مۇئاشلىق ئائىلىلەرنىڭ ئاز بولسا ئىككى، ئۈچ مىڭ كۆپ بولسا ئوننەچچە مىڭ يۈەن ئېشىنچە مەبلىغى بولىدۇ. شەخىسلەر بۇ ئېشىنچە مەبلىغى بىلەن ھەر خىل مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىگە مەبلەغ سالسا بولىدۇ. بانكىغا قويۇش، زايۇم، يەر-مۈلۈك، پايچەك، تاشقى پروۋوت، فوند، ئالتۇن، سۇغۇرتا قاتارلىق مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى نۆۋەتتە مۇئاشلىقلار قاتلىمى بەكرەك مەبلەغ سېلىۋاتقان تۈرلەر بوپ قالدى. ئەمما مۇسۇلمانچىلىقتا بانكىنىڭ ئامانەت ئۆسۈمى ھارام بولىدۇ. يەر-مۈلۈككە كۆپ مەبلەغ كېتىدۇ. تاشقى پروۋوت بىلەن پايچىكىنىڭ خېيىم-خەتىرى يۇقۇرى،شۇنداقلا سىزدىن خېلى بىلىم-سەۋىيە تەلەپ قىلىدۇ. ئالتۇننى ئاساسەن ئاياللار سېتىۋېلىۋاتىدۇ. بۇغۇ نۆۋەتتىكى خېلى ياخشى مەبلەغ سېلىش بولىۋاتىدۇ. ئەگەر يۇقۇرىقى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ بىرىگىمۇ قىزىقمىغاندا، ئېشىنچە پۇلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ پۇلىڭىزنى ئۆيىڭىزدە ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئەمما  ھازىر پۇل پاخاللىقى ۋەزىيىتى كۆرۈلمەكتە. نەرسە-كېرەكلەرنىڭ باھاسى كۈندىن-كۈنگە ئۆسمەكتە. ئەگەر پۇلىڭىزنى ئۆيىڭىزگە ساقلاپ قويسىڭىز، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن پۇلىڭىزنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. چۈنكى بۇ يىل 100يۈەنگە ئىككى كىلو گۆش ئالالىسىڭىز، كېلەر يىلى بەلكىم ئوخشاش 100يۈەنگە بىر يېرىم كىلو گۆش ئالالىشىڭىز مۇمكىن. دىمەك پۇلىڭىزنىڭ سانى ئۆزگەرمىگەن بىلەن قىممىتى چۈشتى. نەتىجىدە قاراپ تۇرۇپ زىيان تارتتىڭىز. ئۇنداقتا بۇ پۇلنى نېمىگە ئىشلىتىش كېرەك؟ باشقىلارنىڭ ياخشى تۈرلىرىگە مەبلەغ سالاي دېسىڭىز، يا پۇلىڭىز ئاز، يا بولمىسا ھازىر قويمىچىلار جىقلاپ كەتتى دەپ ئەنسىرەيسىز. ئەمما سىز مۇشۇ پۇلىڭىزنى قانداق كۆپەيتىشنى ياكى ھېچ بولمىسا قىممىتىنى بولسىمۇ ساقلاپ قېلىشنى ئويلاپ بېشىڭىز قېتىۋاتقاندا يەنە بىر تەرەپتە مەبلەغقە ئىنتايىن ئېھتىياجلىق بىر توپ بارلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇلار دەل بىزنىڭ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىزدۇر. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا% 90ئۇيغۇر كارخانىسى مەبلەغقە جىددى ئېھتىياجلىق. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى، ئەمما مەبلەغ يوقلىقىدىن قىلالمايۋاتقان تۈرلىرى بار. شۇڭا مۇشۇ ئېشىنچە پۇلىڭىزنى مەيلى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئۇيغۇر كارخانىلىرىغا مەبلەغ سالسىڭىز ھەم پۇلىڭىزنى كۆپەيتەلەيسىز ھەم مىللەت ئىقتىسادىغا تۆھپە قوشالايسىز. ئۇنداقتا بۇ پۇللارنى مەبلەغكە ئېھتىياجلىق ئۇيغۇر كارخانىچىلارغا قانداق يەتكۈزۈش كېرەك؟ سىز پاي قوشقان كارخانىچى قويمىچى بولسا قانداق قىلىسىز؟ ئاڭلىشىمچە ئىسلام بانكىلىرىدا بىر ياخشى ئەندىزە بار ئىكەن. سىزنىڭ 5000يۈەن ئېشىنچە پۇلىڭىز بولسا بىرەر بانكىغا بېرىپ، مۇشۇنچىلىك پۇلۇم بار مەبلەغ سەپ بەرسەڭلار دەيدىكەنسىز. بانكا پۇلىڭىزنى ئېپ قالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن سىزگە ئوخشاش ئاز-ئازدىن پۇلىنى بانكىغا مەبلەغ سېلىشقا قويغانلارنىڭ پۇلىنى يىغقاندا خېلى كۆپ پۇل بولىدىكەن. ئاندىن بانكا بۇ پۇللارنى بىرەر شىركەتكە مەبلەغ سالىدىكەن. ئەلۋەتتە بانكىنىڭ قايدە-تۈزۈملىرى بويىچە، شۇ كارخانىنىڭ قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى مۆلچەرلىگەن ئاساستا، ئۇنىڭدىن باشقا ئىسلام شەرىئىتى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇنچە پىرسەنلىك پايدا-زىيىنىغا مەبلەغ سالىدىكەن. پايدا چىقسا بانكا پۇل قويغۇچىلارغا پايدىسىنى بۆلۈپ بېرىدىكەن. بانكا ئۆزى مۇلازىمەت ھەققى ئالىدىكەن. زىيان چىقسا بانكا ۋا پۇل قويغۇچىلار زىياننى تەڭ ئۈستىگە ئالىدىكەن. بىزنىڭ رايونىمىزدا ئىسلام بانكىسى قۇرۇشقا يول يوق. ئەمما فوند شىركىتى قۇرۇشقا يول بار ئىكەن. نۇرغۇن كىشىگە فوند سېتىپ، كىرگەن پۇلنى ئوخشاشلا ئۇيغۇر كارخانىلىرىغا ئىشلەتسە بولىدىكەن. مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئۇيغۇر شىركەتلىرىنىڭ فوندىنى سېتىۋالىدىكەن. ئەگەر مۇشۇنداق بولسا ئۇيغۇر شىركەتلىرىگە نەچچە يۈز مىليون يۈەن مەبلەغ جۇغلىغىلى بولاتتى. ئەلۋەتتە بۇنچىلىك پۇل بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋەتكىلى بولىدۇ. بۇ مېنىڭ كۆز-قارىشىم. سىلەرمۇ پىكىر بېرىپ باقساڭلار؟

nuris يوللانغان ۋاقتى 2011-7-22 21:58:41


مۇشۇنداق يىغىم مەبلەغ تۈرلىرىدىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىلسا ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق ،شۇغۇنىسى پىلانغا چۈشلۈق ئىشەنچنىڭ بولىشى تەس .

terjime يوللانغان ۋاقتى 2011-7-22 22:30:31

ئەپلەشمەي قالسا چاتاق . ئەلىشىر شىركىتىگە ھەر چارشەنبە بىر چىقسىڭىز ئىشخانىدىكى جېدەلگە قاراپ ھەممىنى چۈشۈنىسىز .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 13:29:36

ئېشىنچە پۇلىنى قويمىچىغا بىرىپ دەرد يۇتۇۋالغانلار ئاز ئەمەس بىزدە


ياخشى پىلان ئىكەندۇق ،فوندى قۇرغۇچى قېچىپ كەتمىسلا

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 14:32:30

ئارمان شىركىتى پاينى بازارغا سالىدۇ دەۋاتاتتى سالدىمۇ؟؟؟

FinalFantasy يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 14:32:58

dankoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

   ئەمما مۇسۇلمانچىلىقتا بانكىنىڭ ئامانەت ئۆسۈمى ھارام بولىدۇ.

مۇشۇ نەرسىنى راست بىلىدىغانلار بىر چۈشەندۈرۈپ قويسا.  ئاندىن يەنە ماۋۇ «ئولتۇراق ئۆي قەرز پۇلىمۇ ھارام» دەيدىغان كۆز قاراش بار ئىكەن، مۇشۇنىمۇ راست بىلىدىغانلار بىر چۈشەندۈرۈپ قويسا.


رەھمەت.

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 18:56:05

ھەممە ئادەمنىڭ پۇل تاپقۇسى بار ، ئەمما ...

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-7-23 21:57:34

پۇل تاپسا خەجلىمەي يىغىدىغانلار قانداق كىشىلەردۇ، مەن قولۇمغا قانچىلىك پۇل كىرسە شۇنچىلىك خەجلىۋىتىمەن.

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 12:31:24

FinalFantasyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

dankoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

   ئەمما مۇسۇلمانچىلىقتا بانكىنىڭ ئامانەت ئۆسۈمى ھارام بولىدۇ.

مۇشۇ نەرسىنى راست بىلىدىغانلار بىر چۈشەندۈرۈپ قويسا.  ئاندىن يەنە ماۋۇ «ئولتۇراق ئۆي قەرز پۇلىمۇ ھارام» دەيدىغان كۆز قاراش بار ئىكەن، مۇشۇنىمۇ راست بىلىدىغانلار بىر چۈشەندۈرۈپ قويسا.


رەھمەت.



http://www.musulmanlar.com/?p=682


http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-3405.html


«تىجارەت ۋە ئۆسۈم»دەيدىغان بىر كىتاپ بولىدىغان،مۇشۇ مۇنبەرگىمۇ يوللانغانغۇ دەيمەن.

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-24 12:43:43

پۇلنىڭ سانى كۆپ بولسا قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ھېساپلىنىپ مەبلەغ توپلىغۇچى جازالىنىدىكەن.ئالدىنقى يىلى قانۇنچىلىق گېزىتىدە شۇنداق خەۋەرنى كۆرگىنىم ئېسىمدە.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-26 21:58:07

فۇندى شېركىتىنىڭ ئۆزىمۇ خۇددى مەبلەغ سېلىش شىركىتى ،بانكا ۋە سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە ئوخشاشلا پۇل مۇئامىلە ئورگىنى بولۇپ ،بۇنداق شىركەتلەرنى قۇرۇش ئۈچۈن پاي چىكلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن  10نەچچە مىليۇنلۇق پۇلنى نەقلەش كىرەك .


پاي چىك بولغۇچىنىڭمۇ ئاز بولغاندا مۇشۇ شىركەتنىڭ  مانچە پىرسەتن پايچىكىنى ئۈستىگە ئالالىغۇدەك ئىقتىدارى بولۇشى كىرەك .


دانكو ئېيتقاندەك ئاز-ئازدىن مەبلەغ توپلاپ بۇ خىل شىركەتنى قۇرۇش ياكى گۈليۈرەك شىركىتىدەك پاي چىك توپلايمىز دەپ ئېلان بېرىش يولى ئارقىلىق ئاشكا را مەبلەغ توپلاشنىڭ ئۆزى بايقىلىپلا قالسا قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىدۇ .شىركەتنىڭ قانۇنى  ۋەكىلى  ۋە شىركەت قوشۇلۇپ جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ .


دىققەت قىلغايسىلەر .

danko يوللانغان ۋاقتى 2011-7-27 13:08:55

ئەلۋەتتە ئاۋال بىر مەبلەغ سېلىش شىركىتى قۇرۇلۇپ ئوننەچچە مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئاندىن بۇ تۈرنى باشلاش كېرەك. ئۆتكەندە بىرەيلەن بەش مىليون پۇل بىلەن مۇشۇنداق بىر پۇل-مۇئامىلە ئورگىنى قۇرماقچى بوپتىكەن، مەبلىغى يېتىشمەي قاپتۇ. ئەمما ئوننەچچە مىليون مەبلەغ سالسا چوقۇم قىلغىلى بولىدۇ. مېنىڭ بىلمەكچى بولغۇنۇم 1.ئېشىنچە پۇلى بارلار قانچىلىك(تەخمىنەن) 2.ئېشىنچە پۇلى بارلار ئۇيغۇر شىركەتلىرىنىڭ فوندىنى سېتىۋالامدۇ؟ دېگەندەك ئىشلار. ئەگەر بىرەرسى بۇ تۈرگە مەبلەغ سېلىشنى ئويلاشسا بۇ تېما شۇ كىشىگە بەلكىم كىچىككىنە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ قېلىشى مۇمكىن.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-7-27 16:01:58

ھازىرقى ياشلار ئاز-ئازدىن پۇل يىغىپ قويالسا، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە يەنە يىگىرمە - ئوتتۇز  يىللاردىن كېيىن ھازىرقى ياتاقلىق يەسلى ۋە ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەر تەرەققىي قىلىۋاتقاندەك ياشانغانلار ساناتورىيىسىمۇ تەرەققىي قىلىپ، مەبلەغنى ئاشۇنداق ساناتورىيىلەرگە سالغانلار تازا باي بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.
بەت: [1]
: سىزنىڭمۇ ئېشىنچە پۇلىڭىز بارمۇ؟