tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-7-20 22:47:13

قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلارنىڭ تەرجىمىسى

                                           قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلارنىڭ تەرجىمىسى

                                                            گېڭ شىمىن تەرجىمە قىلغان

بۇ يەردە ئېلان قىلىنغان تۈرك خانلىقىغا مەنسۈپ بولغان بەش دانە مەڭگۈ تاش بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە بولغان بىر دانە مۈڭگۈ تاشنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى، قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى ئەسلىدىكى تېكىستكە ئاساسەن تەرجمە قىلىنغان. دەسلەپكى ئورىگىنالى 50- يىللاردىلا تەرجىمە قىلىنغانىدى. «قەدىمكى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق» دەرسىنى ئۆتۈۋاتقان چېغىمدا، قايتا يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ، تۈزىتىپ، «قەدىمكى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق» دەرسلىكىنىڭ بىرىنچى قىسىمى )شاپىگىراف نۇسخا( غا كىرگۈزگەنىدىم. سەھىپە چەكلىمىلىكى ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى سەەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ يەردە قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى ئەسلى تېكىستنى لاتىن يېزىقى ھەرىپى بىلەن يېزىشقا ھەمدە ئىزاھاتلارنى قىسمەن قىسقارتىشقا توغرا كەلگەنىدى. تەرجىمىدە ئىشلىتىلگەن لاتىن يېزىقى ھەرىپى خەلقئارا تۈركولۇگىيە ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان لاتىن يېزىقىنى ئىپادىلەشتە يازىدىغان بەلگىلەردۇر، ‏-‏- گېڭ شىمىن قوشۇمچە قىلغان ئىلاۋە.

(1) تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى

(بىرىنچى قۇر) مەنكى بىلگە  تۇنيۇقۇق، ئۆزۈم تابغاچ ئېلىدە ئۆستۈم.

[ئۇ چاغلاردا] تۈرك ئېلى تابغاچقا قارايتتى.

(ئىككىنچى قۇر) تۈرك خەلقىنىڭ قاغانى بولمىغانلىقى(تاپالمىغانلىقى) ئۈچۈن تابغاچتىن ئايرىلدى؛ قاغانلىق بولدى، يەنە قاغانىنى تاشلاپ تابغاچقا تەۋە بولدى. تەڭرى مۇنداق دېگەن [مەن سىلەرگە] قاغان بەرگەن.

(ئۈچۈنچى قۇر) [بىراق]سىلەر قاغانىڭلارنى تاشلاپ، [تابغاچقا] تەۋە بولدۇڭلار. تابغاچقا يەنە تەۋە بولغىنىڭلار ئۈچۈن تەڭرى [سىلەرگە] جازا بەردى (ئۇدۇل تەرجىمىسى: ئۆلۈم بەردى) . تۈرك خەلقى ئۆلدى، ھالەك بولدى، يوقالدى. تۈرك sir خەلقى يېرىدە.

(تۆتىنچى قۇر) [دۆلەتتىن] ئەسەر قالمىدى، دالىلاردا قالغانلىرى يىغىلىپ يەتتە يۈز ئادەم بولدى. بۇلارنىڭ ئىككى ئۆلۈشى ئاتلىق، بىر ئۆلۈشى پىيادە ئىدى. بۇ يەتتە يۈز كىشنى باشلاپ يۈرگۈچى.

(بەشىنچى قۇر) قوشۇن ئۇلۇغى شاد ئىدى. ئۇ ماڭا: [قوشۇنىمىزغا] قوشۇلغىن دېدى.  قاتناشقىنى مەنكى- بىلگە  تۇنيۇقۇق ئىدىم. مەن ئۇنى قاغان قىلاي دېدىم. مەن مۇنداق ئويلىدىم: مۇبادا ئۇرۇق بۇقا بىلەن سېمىز بۇقا يىراقتا

(ئالتىنچى قۇر) بىرى- بىرى بىلەن ئۇسۇشسە كىشىلەر قايسىسىنىڭ سېمىز بۇقا ئىكەنلىكىنى ئايرىۋالالمايدۇ، مەن شۇنداق ئويلىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن تەڭرى (ماڭا) ئەقىل بەرگەنلىكى ئۈچۈن مەن (ئۇنى) قاغان بولۇشقا دەۋەت قىلدىم بىلگە  تۇنيۇقۇق، بويلا باغا تارقان.

(يەتتىنچى قۇر) ئېلتىرىش قاغان بىلەن بىرلىكتە، جەنۇپتا تابغاچلارنى، شەرقتە قىتانلارنى، شىمالدا ئوغۇزلارنى كۆپ ئۆلتۈردۇق. مەن ئۇنىڭ ئەقىلچىسىگە، تامغىچىسىگە ئايلانغانىدىم: بىز چوغاي غۇزى ۋە قارا قۇرۇم (دېگەن جاي) دا ئولتۇراقلاشقان ئىدۇق.

(سەككىزىنچى قۇر) بىز كىيىك يەپ، توشقان يەپ كۈن كەچۈرەتتۇق، خەلقنىڭ قارنى (ئۇدۇل تەرجىمىسى: گېلى) توق ئىدى، بىز جانسىز ھايۋانلاردەك ئىدۇق(؟). بىز شۇنداق تۇرغىنىمىزدا، ئوغۇزلاردىن چارلىغۇچى كەلدى.

(توققۇزىنچى قۇر) چارلىغۇچىنىڭ سۆزى مۇنداق ئىدى: توققۇز ئوغۇز خەلقنىڭ ئۈستىدە قاغان ئولتۇرۇپتۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، تابغاچلارغا quni سانغۇننى، قىتانلارغا tongra sam نى ئەلچىلىككە ئەۋەتىپتۇ. ئۇلار مۇنداق سۆزنى ئېلىپ بېرىپتۇ: ئازغىنە تۈرك خەلقى

(ئونىنچى قۇر) ھەرىكەتلىنىپ يۈرۈپتۇ، ئۇلارنىڭ قاغانى باتۇر، ئەقىلچىسى دانىشمەن ئىكەن، مۇبادا ئۇ ئىككىسىلا تىرىك بولىدىكەن، ئۇلار سەن تابغاچلارنى قىرىپ تاشلايدۇ، شەرقتە قىتانلارنى قىرىپ تاشلايدۇ. بىز

(ئون بىرىنچى قۇر) ئوغۇزلارنى قىرىپ تاشلايدۇ. تابغاچلار سىلەر جەنۇپتىن تېگىڭلار! قىتانلار سىلەر شەرقتىن تېگىڭلار! بىز شىمالدىن تېگەيلى! تۈرك خەلقىنىڭ يېرىدە قاغاننىڭ بولۇشىغا يول قويمايلى مۈمكىن بولسا ئۇلارنى يوقىتايلى!

(ئون ئىككىنچى قۇر) بۇ سۆزلەرنى ئىشىتىپ تۈنلىرى ئۇيقۇم كەلمىدى، كۈندۈزلىرى ئولتۇرغۇم كەلمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن قاغانىمغا ئېيتىم. قاغانىمغا مۇنداق دېدىم: تابغاچ، ئوغۇز، قىتان بۇ ئۈچى بىرلىشىۋالسا

(ئون ئۈچۈنچى قۇر) بىز قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالىمىز، بىز ئالدى- ئارقا تەرەپتىن دۈشمەنگە تۇتىلىمىز. كونىلار يۇقا نەرسىنى ئېگىش ئاسان، ئىنچىكە نەرسىنى سۇندۇرۇشمۇ ئوڭاي، يۇقا قېلىن بولۇپ كەتسە، ئېگىش تەسكە چۈشىدۇ؛ ئەگەردە ئىنچىكە

(ئون تۆتىنچى قۇر) توم بولۇپ كەتسە ئۇنى سۇندۇدۇرۇش تەسكە چۈشىدۇ، دەپ ئېيتقان. مەن شەرقتە قىتانلاردىن، جەنۇپتا تابغاچلاردىن، غەربتە qurdan )غەربىي تۈركلەر؟( دىن، شىمالدا ئوغۇزلاردىن ئىككى- ئۈچ مىڭچە قوشۇن كېلىشى مۈمكىن دەپ پەملىدىم، مەن ئۇنىڭغا شۇنداق دېدىم.

(ئون بەشىنچى قۇر) قاغانىم مەن ئۆزۈم- تونيۇقۇقنىڭ سۆزىگە قوشۇلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆزۈڭنىڭ كۆڭلۈڭچە [قوشۇنغا] قوماندانلىق قىلۋەر!kök öng دىن ئۆتۈپ، قوشۇننى ئۆتۈكەن تېغىغا باشلىدىم. ئوغۇزلار ئىنەك كۈلۈكلىرى بىلەن تولا[دەرياسى]دىن كەلدى.


(ئون ئالتىنچى قۇر) ئۇلارنىڭ ئەسكىرى ئۈچ مىڭ، بىزنىڭ ئەسكىرىمىز ئىككى مىڭ ئىدى، بىز ئۇرۇشتۇق. تەڭرىم ساقلىدى، بىز ئۇلارنى تارمار قىلدۇق، ئۇلار دەرياغا چۈشتى. تارمار بولۇپ قايتىش يولىدا يەنە (نۇرغۇنلىرى) ئۆلۈپتۇ. كېيىن ئوغۇزلارنىڭ ھەممىسى كەلدى (يەنى بويسۇندۇرۇلدى.)


(ئون يەتتىنچى قۇر) [تۈرك قاغاننىڭ]، تۈرك خەلقىنىڭ ئۆتۈكەندە تۇرۇۋاتقانلىقىنى مەنكى- بىلگە  تۇنيۇقۇقنىڭ ئۆتۈكەندە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، جەنۇنتىكى، غەربتىكى، شىمالدىكى، شەرقتىكى خەلقلەرنىڭ بارلىق كېلىپ [بەيئەن] قىلدى.


(ئون سەككىزىنچى) بىز ئىككى مىڭ كىشى ئىدۇق، ئىككى قوشۇنىمىز بار ئىدى. تۈرك خەلقى تارىختىن بۇيان، تۈرك قاغانى تەختە ئولتۇرغاندىن تارتىپ، Santong شەھەرلىرى بىلەن دېڭىزغا تېگىپ باقمىدى. قاغانىمغا ئۆتۈنۈپ قوشۇن تارتتىم.


(ئون توققۇزىنچى قۇر) [قوشۇنىمنى] ئېلىپ Santong شەھەرلىرى بىلەن دېڭىزغا يەتتىم، [قوشۇنۇم] 23 شەھەرنى ۋەيران قىلدى، شەھەرلەر خارابىغا ئايلاندى، تابغاچ پادىشاھى دۈشمىنىمىز ئىدى، ئون ئوق قاغانى دۈشمىنىمىز ئىدى.


(يىگىرمىنچى قۇر) بۇنىڭدىن باشقا قىرغىز كۈچلۈك قاغانىمۇ دۈشمىنىمىز ئىدى. ئۇ ئۈچ قاغان مەسلىھەتلىشىپ، ئالتاي تېغىدا ئۇچراشماقچى بولۇپتۇ. ئۇلار مۇنداق مەسلىھەتلىشىپتۇ: بىز شەرق تەرەپتىن ەسكەر چىقىرىپ تۈرك قاغانىغا [ھۇجۇم قىلايلى] ئەگەر ئۇلارغا ئەسكەر چىقارمىساق، ئۇلار بەرىبىر بىزنى يوقىتىدۇ.


(يىگىرمە بىرىنچى قۇر) ئۇلارنىڭ قاغانى باتۇر، ئەقىلدارى دانىشمەنىكەن، بىز ئۈچەيلەن بىرلىكتە ئەسكەر چىقىرايلى! ئۇلارنى ئۈزۈل- كېسىل يوقىتايلى! تۈرگەش قاغانى مۇنداق دەپتۇ: بىزنىڭ ئېلىمىز ئۇ يەرگە بارىدۇ.


(يىگىرمە ئىككىنچى قۇر) تۈرك خەلقى قالايمىقانلىشىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئوغۇز [خەلقىمۇ] تارقىلىپ كەتتى. بۇ گەپلەرنى ئىشىتىپ، تۇنى ئويقۇم كەلمىدى، كۈندۈزى ئولتۇرغۇم كەلمىدى. شۇ چاغدا مەن:


(يىگىرمە ئۈچۈنچى قۇر) ئالدى بىلەن قىرغىزلار بىلەن ئۇرۇش قىلساق ياخشىراق بولارمىكىن دەپ ئويلىدىم. گۆگمەن تېغىغا [بارىدىغان] بىرلا يول بار، ئۇنى [قار] قاپلىۋاپتۇ دەپ ئاڭلىدىم. بۇ يول بىلەن ماڭسا بولمايتتى. يولچى ئىزدىدىم، چۆلدىكى ئاز پۇقراسىدىن بىرنى تاپتىم.


(يىگىرمە تۆتىنچى قۇر) ئاز يېرىگە بارىدىغان يولنىڭ ani دەرياسىغا يېقىن ئىكەنلىكىنى، پەقەت بىرلا ئات بىلەن مېڭىشقا بولىدىغان يول ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئۇ بۇ يولدا ماڭغانىكەن. مەن ئۇنىڭدىن يەنە سورىسام ئۇ بىر ئاتلىق كىشىنىڭ بۇ يول بىلەن ماڭغانلىقىنى ئېيتتى، ئويلىنىپ بولۇپ، مۇنداق دېدىم:


(يىگىرمە بەشىنچى قۇر) بۇ يول بىلەن ماڭسا بولىدىكەن قاغانىمدىن ئۆتۈندۈم. قوشۇن چىقارتتىم مەن دەريادىن ئاتلىق ئۆتۈڭلار دېدىم. aq tarmal دىن كېچىپ ئۆتتۇق، قوشۇنلارنى توختاتتىم، ھەمدە ئاتلىق يول ئېچىپ مېڭىڭلار دېدىم. ئاتلارنى يېتىلەتكۈزۈپ، تاياقلارغا تايانغۇزۇپ، پىيادە [تاغقا] چىقارغۇزدۇم، ئالدىدىكىلەر[تۇرشاۋۇللار]


(يىگىرمە ئالتىنچى قۇر) [قار مۇزلارنى] يېرىپ يول ئاچتى، بىز ئورمانلىق چوققىلاردىن ئاشتۇق. ناھايتى مۈشكۈلدە تاغدىن چۈشتۇق. ئون كېچە- كۈندۈز تاغنىڭ يېنىدىكى توسالغۇلارنى ئەگىپ يۈرۈپ ماڭدۇق. يولچى ئاداشقاچقا، ئۆلتۈرۈلدى، ئەھۋال خەتەرلىك بولغاچقا، قاغانىمىز: تېز مېڭىڭلار دېدى.


(يىگىرمە يەتتىنچى قۇر) بىز ani دەرياسىغا يېتىپ باردۇق، دەريانى ياقىلاپ تۆۋەنگە ماڭدۇق. ئاتلارغا بوغۇر بېرىشكە بۇيرۇدۇم. بىز ئاتلارنى دەرخكە باغلاپ قويدۇق، تۈننى تۈن دېمەي، كۈندۈزنى كۈندۈز دېمەي تېز يۈردۇق. قىرغىزلارنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدۇق.


(يىگىرمە سەككىزىنچى قۇر) بىز نەيزى بىلەن... نى ئاچتۇق، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قاغانى بىلەن قوشۇنلىرى توپلىنىپ بولۇپتىكەن. بىز ئۇرۇشتۇق، قاغانىنى ئۆلتۈردۇق. قىرغىز خەلقى قاغانىمىزغا بويسۇندى. [شۇنىڭ بىلەن] بىز قوشۇنلارنى ياندۇردۇق، كۆگمەن [تېغىدىن] ئايلىنىپ ئۆتتۇق.


(يىگىرمە توققۇزىنچى قۇر) قىرغىزلارنىڭكىدىن ياندۇق. تۈرگەش قاغانىدىن چارلىغۇچى كەلدى، ئۇنىڭ سۆزى مۇنداق ئىدى: بىز شەرقىي [تۈرك] قاغانىغا قوشۇن چىقارمىساق، ئۇلارغا يۈرۈش قىلمىساق، ئۇلار بەرىبىر بىز نى يوقىتىدۇ، ئۇلارنىڭ قاغانى باتۇر، ئەقىلدارى دانىشمەنىكەن.


(ئوتتۇزىنچى قۇر) تۈرگەش قاغانى يولغا چىقىپ بوپتۇ، ئون ئوق خەلقى پۈتۈنلەي قوزغىلىپ بوپتۇ، [بۇلارنىڭ ئىچىدە] تابغاچلارنىڭ قوشۇنلىرىمۇ بار ئىكەن. بۇ گەپلەرنى ئىشتكەندىن كېيىن قاغانىم: مەن ئۆيگە [بىر] بېرىپ كېلەي.


(ئوتتۇز بىرىنچى قۇر) [سەۋەبى] خاتۇنۇم قازا قىپتۇ، ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىنى بىر تەرەپ قىلىۋېتەي. سىلەر قوشۇن بىلەن ئىلگىرىلىۋېرىڭلار! ئالتاي تېغىغا ئورۇنلىشىڭلار! inal qaghan بىلەن تاردۇق شاد قوشۇن بېشى بولۇپ، ئىلگىرلىسۇن دېدى. ئۇ مەنكى بىلگە  تۇنيۇقۇققا مۇنداق دېدى:


(ئوتتۇز ئىككىنچى قۇر) سەن بۇ قوشۇنغا قوماندانلىق قىل، ئۆز كۆڭلۈڭچە قارار چىقىرىۋەرگىن! مەن ساڭا يەنە نېمە دەي؟ ئەگەر ئۇلار كېلىپ خەۋەرچىلەرنى كۆپەيتكىن، كەلمىسە ئۆزلۈكسىز خەۋەر توپلاپ (ئۇدۇل تەرجىمىسى: تىل تۇتۇپ) تۇرغۇن. بىز ئالتاي تېغىغا ئورۇنلاشتۇق.


(ئوتتۇز ئۈچۈنچى قۇر) ئۈچ چارلىغۇچى قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئوخشاش ئىدى: ئۇلارنىڭ قاغانى قوشۇن چىقىرىپتۇ، ئون ئوق قوشۇنلىرى پۈتۈنلەي قوزغىلىپتۇ. ئۇلار yaris تۈزلەڭلىكىدە توپلىنايلى دېيىشىپتۇ. بۇ سۆزلەرنى ئىشتىپ قاغانىمغا مەلۇم قىلدىم. قانداق قىلسام بولار دەپ تۇرغىنىمدا جاۋاب


(ئوتتۇز تۆتىنچى قۇر) كەلدى: ئورنۇڭلاردا تۇرۇۋېرىڭلار، ئاتلىق قاراۋۇللارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن ئېھتىيات قىلىڭلار دېگەن  سۆزنىbögü قاغان ماڭا يەتكۈزۈپتۇ. لېكىن ئۇ [تەڭلا يەنە] ئاپاتارقانغا مەخپىي گەپ ئەۋەتىپ بىلگە  تۇنيۇقۇق يامان ئادەم، كۆڭلىدە قارا نىيىتى بار.


(ئوتتۇز بەشىنچى قۇر) ئەگەر ئۇ قوشۇن چىقىرىمىز!، دېسە بىلەن ئۇنىماڭلار دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئىشىتىپ قوشۇن چىقاردىم. بىز ئالتاي تېغىنىڭ يولىسىز جايلىرىدىن ئاشتۇق. ئېرتىش دەرياسىنىڭ كېچىكسىز جايلىرىدىن ئۆتتۇق. بىز تۈن بويى ئىلگىرىلىدۇق، سەھەردە bolču غا يېتىپ باردۇق.


(ئوتتۇز ئالتىنچى قۇر) كىشىلەر تىل تۇتۇپ كەلتۈردى، ئۇنىڭ سۆزى مۇنداق ئىدى: yaris تۈزلەڭلىكىدە ئون تۈمەن ئەسكەر توپلاندى. بۇ سۆزنى ئىشىتكەندىن كېيىن بەگلەرنىڭ ھەممىسى:


(ئوتتۇز يەتتىنچى قۇر) بىز يانايلى، ساپ نومۇس ئەلا (يەنى«شەرەپلىك مەغلۇبىيەت» دېگەن مەنىدە) دېدى. مەنكى بېلگە  تۇنيۇقۇق مۇنداق دېدىم: بىز [بۇ جايغا] ئالتاي تېغىدىن ئېشىپ، ئېرتىش دەرياسىدىن ئۆتۈپ كەلدۇق.


(ئوتتۇز سەككىزىنچى قۇر) ئۇلار [بۇ يەرگە] كەلمەك قىيىن دەپ بىلىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ [بۇ جايغا] كەلگىنىمىزنى تۇيمىدى. ئۈستىمىزدىكى تەڭرى، ئۇماي ۋە مۇقەددەس سۇ، يەر [بىزگە] مەدەت بېرىدۇ. بىز نېمە ئۈچۈن كەتكىدەكمىز؟


(ئوتتۇز توققۇزىنچى قۇر) ئۇلارنىڭ ئادىمىنىڭ كۆپلۈكىدىن نېمە ئۈچۈن قورقۇپ كېتىمىز؟ ئادىمىمىزنىڭ ئازلىقى تۈپەيلى ئۇلاردىن يېڭىلىپ قالاتتۇقمۇ؟ بىز ھۇجۇم قىلايلى!- دېدىم. بىز ھۇجۇم قىلدۇق ھەمدە [دۈشمەننى] تارمار قىلدۇق. ئىككىنىچى كۈنى ئۇلار [يەنە] كەلدى.


(قىرىقىنچى قۇر) ئۇلار ئوتتەك باستۇرۇپ كەلدى. بىز ئۇرۇشتۇق. ئۇلارنىڭ ئىككى قاناتتىكىلىرى بىزنىڭكىلەردىن يېرىم ھەسسە كۆپ ئدى. تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلاردەك كۆپ بولمىساقمۇ


(قىرىق بىرىنچى قۇر) قورقۇپ كەتمىدۇق. بىز ئۇرۇشتۇق، تاردۇش شاد جەڭگە قاتناشتى. بىز [ئۇلارنى] مەغلۇپ قىلدۇق. قاغانىنى تۇتتۇق. يابغۇسى ۋە شادى


(قىرىق ئىككىنچى قۇر) شۇ يەردە ئۆلتۈرۈلدى. ئەللىكچە ئادىمىنىنى ئەسىر ئالدۇق. شۇ كېچىسى ھەر قايسى خەلقلەرگە [ئەلچى] ئەۋەتتۇق. بۇ خەۋەرنى ئىشىتىپ ئون ئوق بەگلىرى بىلەن خەلقى پۈتۈنلەي


(قىرىق ئۈچۈنچى قۇر) كەلدى، تېز پۈكتى. ئەل بولغان بەگلەر بىلەن خەلقلارنى تەشكىللەۋاتقىنىمدا، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى قېچىپ كەتتى. ئۇلارنى قوغلاشقا ئون ئوق ئەسكەرلىرىنى چىقارتتىم.


(قىرىق تۆتىنچى قۇر) بىزمۇ ئەسكەر چىقاردۇق! ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تاپ بېسىپ ماڭدۇق، يىنچۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، تەڭرى ئوغلى دەپ ئاتىلىدىغان مۇقەددەس ak——tagh تاغدىن ئاشتۇق...


(قىرىق بەشىنچى قۇر)تاكى تۆمۈر [قاپقىغىچە] باردۇق. قوشۇننى شۇ يەردىن ياندۇردۇق. تەزىك، توخار


(قىرىق ئالتىنچى قۇر) ۋە بۇ جايدا [تۇرۇشلۇق] asuq باشچىلىقىدىكى سوغدى خەلقلىرىنىڭ ھەممىسى كېلىپ ئەل بولدى. ئىلگىرى تۈرك خەلقى تۆمۈر [قاپقىغا]


(قىرىق يەتتىنچى قۇر) ۋە تەڭرى ئوغلى دەپ ئاتىلدىغان تاغقا ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغانىدى. مەنكى بىلگە  تۇنيۇقۇق ئاشۇ جايلارغا بارغانلىقىم ئۈچۈن


(قىرىق سەككىزىنچى قۇر) ئۇلار سانساناقسىز سېرىق ئالتۇن ئاق كۈمۈش، قىز- ئاياللارنى، ئېسىل ئىگەر جابدۇقلارنى، ئۈنچە- مەرۋايىتلارنى كەلتۈردى. ئېلتىرىش قاغان دانا بولغانلىقى


(قىرىق توققۇزىنچى قۇر) ۋە باتۇر بولغانلىقى ئۈچۈن تابغاچ بىلەن 17 قېتىم، قىتانلار بىلەن يەتتە قېتىم، ئوغۇزلار بىلەن بەش قېتىم ئۇرۇش قىلدى. شۇ چاغدىمۇ ئۇلارنىڭ ئەقىلدارى


(ئەللىكىنچى قۇر) يەنىلا مەن ئىدىم، قوشۇن قوماندانى يەنىلا مەن ئىدىم. ئېلتىرىش قاغانغا... تۈرك بۆگۈ (bogu) قاغانغا، تۈرك بىلگە قاغانغا...


(ئەللىك بىرىنچى قۇر) قاپاغان (qapaghan) قاغان يىگىرمە يەتتە ياش ۋاقتىدا، مەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، ئۇنى تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم، تۈنلىرى ئۇخلىمىدىم.


(ئەللىك ئىككىنچى قۇر) كۈندۈزلىرى خاتىرجەم ئولتۇرمىدىم. قىزىل قانلىرىمنى تۆكتۈم، قارا تەرلىرىمنى ئاققۇزدۇم. [دۆلەت] ئۈچۈن كۈچۈمنى قوشتۇم. مەن ھەم يۈرۈشكە [قوشۇن] چىقارتتىم.


(ئەللىك ئۈچۈنچى قۇر) مەن ئوردا قاراۋۇللىرى (؟) نى كېڭەيتتىم، يېنىپ- يېنىپ (؟) ئىسيان كۆتۈرگەن دۈشمەنلەرنى بويسۇندۇردۇم. قاغانىم بىلەن بىرگە [كۆپ قېتىم] يۈرۈشكە قاتناشتىم، تەڭرى ساقلىدى،


(ئەللىك تۆتىنچى قۇر) مەن تۈرك خەلقىنىڭ ئارىسىدا تولۇق قوراللانغان دۈشمەنلەرنى ماڭدۇرمىدىم. تامغىسى بار ئاتلارنىڭ ھەممىلا يەردە چېپىپ يۈرۈشىگە يول قويمىدىم. ئەگەر ئېلتىرىش قاغان تىرىشمىغان بولسا،


(ئەللىك بەشىنچى قۇر) ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مەن تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن


(ئەللىك ئالتىنچى قۇر) دۆلەت يەنىلا دۆلەت بولدى، خەلق يەنىلا خەلق بولدى. مەن ئۆزۈم قېرىدىم، ئۇلۇغ بولدۇم، ھەر قانداق جايدىكى قاغانلىق خەلقتە


(ئەللىك يەتتىنچى قۇر) پەقەت [مەندەك] ئادەملا بولىدىكەن، نېمە غەم قايغۇ بولسۇن!


(ئەللىك سەككىزىنچى قۇر) مەنكى بىلگە  تۇنيۇقۇق تۈرك بىلگە قاغان ئېلى ئۈچۈن [بۇ تاشتىكى سۆزلەرنى] يازدۇردۇم.


(ئەللىك توققۇزىنچى قۇر) ئەگەر ئېلتىرىش قاغان تىرىشمىغان بولسا، مۇھىمى ئۇ بولمىغان بولسا، مەن ئۆزۈم بىلگە  تۇنيۇقۇق تىرىشمىغان بولسام، مەن بولمىغان بولسام،


(ئاتمىشىنچى قۇر) قاپاغان (qapaghan) قاغان ۋە تۈرك سىر (sir) خەلقىنىڭ زېمىنىدە پۈتۈنلەي [دۆلەت]، خەلق ۋە ئىنسان بولمىغان بولاتتى.


(ئاتمىش بىرىنچى قۇر) ئېلتىرىش قاغان ۋە مەنكى بىلگە  تۇنيۇقۇق تىرىشقانلىقىمىز ئۈچۈن قاپاغان (qapaghan) قاغان ۋە تۈرك سىر (sir) خەلقى مۇشۇنداق ياشاپ قالالىدى.


(ئاتمىش ئىككىنچى قۇر) تۈرك بىلگە قاغان تۈرك سىر (sir) خەلق بىلەن ئوغۇزلارنى باقماقتا.


خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىزاھاتى:


تونيوقۇق مەڭگۈ تېشى 1897- يىلى كلېمېنتس (Klements D.E) ئەر- خوتۇنلار تەرىپىدىن ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇلانباتۇردىن 60 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى بايىن چوقتۇ(bayin tsokto) رايونىدىن تېپىلغان. مەزكۇر مەڭگۈ تاش ھازىرمۇ تېپىلغان ئورنىدا، جەمئىي 62 قۇر خەت بار، تەخمىنەن مىلادىنىڭ 712-، 716- يىللار ئارىلىقىدا ئورنىتىلغان.


مەڭگۈ تاشنىڭ ئەسلىدىكى تېكىستلىرىنىڭ رەسىملىرىنى ۋ. رادلوۋ ئېلان قىلغان:


Atlas der Alterthuümer der mongolei


cv———cxvⅢ رەسىم Virte Liefung, 1899


(«موڭغۇلىيە ئارخېئولوگىيىسىنىڭ رەسىملەر مۇندەرىجىسى» 4- قىسىم) دىن كۆرۈڭ.


مەڭگۈ تاشنىڭ ئەسلى تېكىستى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ يېزىلغان ئەسەرلەردىن ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەر بار:


W.Radloff: Die Aittürkischen Inshcriften der


Mongolei. Zweite Folge. 1899


(«مۇڭغۇلىيىدىكى قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاش تېكىستلىرى»2- نەشرى)


V.Thomsen: Altürkische Lnschriften aus der


Mongolei, ZDMG, t: 78, Leipzig (1924-1925)


(«موڭغۇلىيىدىكى قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاش تېكىستلىرى»، دانىيە تىلىدىكى ئەسلى نۇسقىسىنى


V.Thomsen: Samlede Afhandlinger


Ⅲ,Kopenhagen, 1922 دىن كۆرۈڭ.


Huseyin Namik Orkun: EskiTurk Yazit lari.


Ⅰ, Ⅰstanbul. 1936. («قەدىمكى تۈرك يادىكارلىقلىرى»)


Ross E. D Enenisson: The Tonyukuk lnscrip tions


BSOS. London,t, Ⅵ, 1930-1932


(« تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى توغرىسىدا تەتقىقات»)


ئونگاۋا خېدىمى «تۈرك مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىنىڭ تەرجىمىسىگە ئىزاھات»


(مانجۇ، مۇڭۇل تارىخىغا ئائىت مەجمۇئەسى Ⅳ) نىڭ 1943- يىل   


S.E.Malov: Pamyatniki Drevnetyurks koy


Pis"mennosti, Moskva _ Leningrad, 1951


(«قەدىمكى تۈرك يادىكارلىقلىرى»)


G.J.Ramstedt, J.G.Grano und Pentti Aalto:


Materialien zu den alttürkis chen lnschriften oer Mongolei, JSFOU,60,1958


(«موڭغۇلىيىدىكى قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى ماتېرىياللار»)


Giraud R.:L"inscription de Bain Tsokto.


Edqtion Gritique, paris, 1961


(«بايىن چوقتۇ مەڭگۈ تېشى- سېلىشتۇرۇلغان نۇسخىسى»)


Talat Tekin: A Grammar of Orkhon Turkic, 1968


(«ئورخۇن تۈرك تىلى گىرامماتىكىسى»)


(2) كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى


(جەنۇب تەرىپى)


(بىرىنچى قۇر) مەنكى تەڭرىدەك، تەڭرىدىن تۆرەلگەن تۈرك بىلگە قاغان، بۇ چاغدا [تەختتە] ئولتۇردۇم. سىلەر سۆزۈمنى تولۇق ئاڭلاڭلار، ئالدى بىلەن ئىنىلىرىم ۋە ئوغۇللىرىم، ئاندىن قالسا جەمەتىم ۋە خەلقىم، ئوڭ تەرەپتىكى شادىپىت (sadapit) بەگلەر، سول تەرەپتىكى تارقانلار، بۇيرۇق بەگلەر، ئوتتۇز...


(ئىككىنچى قۇر) توققۇز ئوغۇز بەگلىرى ۋە خەلقلىرى، سىلەر ياخشى تىڭلاڭلار، ئېسىڭلاردا مەھكەم تۇتۇڭلار، ئالدى بىلەن (شەرق) تىن كۈن چىقىشقىچە، ئوڭ تەرەپ (جەنۇپ)تىن كۈن ئوتتۇرىسىغىچە، ئارقا تەرەپ (غەرب)تىن كۈن پېتىشقىچە، سول تەرەپ (شىمال) دىن تۈن ئوتتۇرىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەلقلەر


(ئۈچۈنچى قۇر)نىڭ ھەممىسى ماڭا قارايدۇ. مەن مۇشۇنداق كۆپ خەلقنى ئويۇشتۇردۇم، ئەمدى ئۇلارغا ھېچقانداق يامانلىق يوق. تۈرك قاغانى ئۆتۈكەن تېغىدا تۇرىۋەرسە، ئەلدە غەم قايغۇ بولمايدۇ. ئالدى (شەرق) تەرەپتىن سەنتۇڭ (santung) تۈزلەڭلىكىگىچە قوشۇن تارتتىم. دېڭىز [ساھىلى]غا يېتىپ بېرىشقا ئاز قالدىم؛ ئوڭ تەرەپ (جەنۇپ) تا توققۇز ئەرسەن (toquzarsan) گىچە قوشۇن تارتتىم. تىبەتكە يېتىپ بېرىشقا ئاز قالدىم. ئارقا تەرەپ (غەرب) تە يىنچۇ دەرياسىنى كېچىپ ئۆتۈپ،


(تۆتىنچى قۇر) تۆمۈر (قاپقىغىچە) تارتتىم؛ سول تەرەپ (شىمال) تە بايىرقۇ (yir bayirqu) زېمىنىغىچە يۈرۈش قىلدىم. مەن مۇشۇنداق كۆپ جايلارغا [قوشۇن] تارتىپ باردىم. ئۆتۈكەن تېغىدىن ياخشى جاي زادى يوق ئىكەن. ئەلنى ئىدارە قىلىدىغان جاي ئۆتۈكەن تېغى ئىكەن. بۇ يەردە ئولتۇرۇپ، تابغاچ خەلقى بىلەن


(بەشىنچى قۇر) ياراشتىم. ئۇلار [بىزگە] ئالتۇن- كۈمۈش، ھاراق- شاراپ، يىپەك ماللارنى غەم قىلمايلا بېرىدۇ؛ تابغاچ خەلقىنىڭ سۆزلىرى چۈچۈك، سوۋغىللىرى ئېسىل (ئەسلى تېكىستە «يۇمشاق» دېيىلگەن) ئىكەن، ئۇلار تاتلىق سۆزى، ئېسىل سوۋغىلىرى ئارقىلىق يىراقتىكى خەلقلەرنىمۇ [ئۆزلىرىگە] شۇنچە يېقىنلاشتۇرالايدىكەن، يېقىنلاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يامان ھىلىلىرى چىقىدىكەن.


(ئالتىنچى قۇر) ئۇلار ھەقىقىي بىلىملىك كشىلەرنى، ناھايتى باتۇر كىشىلەرنى ئىلگىىر كەلتۈرمەيدىكەن. بىر كىشى خاتالاشسا ئۇنىڭ جەمەتى، قوۋمى ۋە بۆشۈگىدىكىگىچە روناق تاپقۇزمايدىكەن. ئۇلارنىڭ چۈچۈك سۆزى، ئېسىل سوۋغىللىرىغا ئالدىنىپ، تۈرك خەلقى سىلەردىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى. تۈرك خەلقى سىلەردىن بىر قىسىمىڭلار ئوڭ تەرەپ (جەنۇپ) تىكى چوغاي (čughay) تېغىدا ئولتۇرغان ھەمدە تۈن (tun) تېغىدىكى


(يەتتىنچى قۇر) تۈزلەكلىكتە ئولتۇرغان ۋاقتىڭلاردا يامان نىيەتلىك كشىلەر ئاراڭلاردىكى بىر بۆلۈم تۈرك خەلقىنى قۇترىتىپ: ئەگەر يىراق ئولتۇرساڭلار ناچار سوۋغا بېرىدۇ، يېقىن ئولتۇرساڭلار ياخشى سوۋغا بېرىدۇ دېدى. نادان كىشىلەر ئاشۇ گەپلەرگە ئىشىنىپ، يېقىن بېرىپ، نەتىجىدە سىلەردىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلدۈڭلار.


(سەككىزىنچى قۇر) ئەگەر ئۇ يەرگە بارساڭلار، تۈرك خەلقى ئۆلىسىلەر، ئۆتۈكەن زېمىنىدە ئولتۇرۇپ، [بۇ جايدىن] كارۋانلارنى ئەۋەتسەڭلار ئۇندا غەم- قايغۇ بولمايدۇ. ناۋادا ئۆتۈكەن تېغىدا تۇرۇۋەرسەڭلار ئەلنى مەڭگۈ تۇتۇپ تۇرالايسىلەر.[لېكىن] تۈرك خەلقى سىلەر قانائەتچانسىلەر، ئاچ توق قالىدىغانلىقىڭلارنى ئويلىمايسىلەر تويغان ۋاقتىڭلاردا ئاچ قالىدىغانلىقىڭلارنى ئويلىمايسىلەر، شۇنداق قىلغىنىڭلار


(توققۇزىنچى قۇر) ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى بېقىۋاتقان قاغانىڭلارنىڭ سجزىنى ئالماي، ھەر تەرەپكە پېتىراپ كەتتىڭلار، [نەتىجىدە] ئۇ يەرلەردە ھالەك بولدىڭلار، قالغىنىڭلار تەرەپ- تەرەپتە [سەرسان] بولۇپ، ئۆلۈم گىرداۋىغا كېلىپ قالدىڭلار، تەڭرى مەدەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بەختىم بولغانلىقى ئۈچۈن قاغان بولدۇم. قاغان بولۇپ،


(ئونىنچى قۇر) يوقسۇل خەلقنى يىغدىم، يوقسۇل خەلقنى باي قىلدىم، ئاز خەلقنى كۆپ قىلدىم، ئەجابا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمدە يالغانچىلىق بارمۇ؟


تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقى سىلەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاڭلار! مەن بۇ يەرگە تۈرك خەلقىنى يىغىپ ئەل تۇتقانلىقىڭلارنى ئۆيدۇردۇم، [يەنە] سىلەرنىڭ [قانداق] خاتالىشىپ، ئۆلگەنلىڭلارنىمۇ ئويدۇردۇم.


(ئون بىرىنچى قۇر) مەن بارلىق سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بۇ مەڭگۈ تاشقا ئويدۇردۇم. بۇ سۆزلەرنى كۆرسەڭلار ھەممىنى بىلىسىلەر، ھازىرقى تۈرك خەلقى [ۋە] بەگلىرى، تەختكە قارايدىغان بەگلەر [يەنە] خاتالىشامسىلەر؟! مەن [مەنگۈ تاش ياساتتىم]، تابغاچ خانىدىن نەققاشچى كەلتۈرۈپ، [قەبرىنى] زىننەتلىدىم، ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى ياندۇرمىدى.


(ئون ئىككىنچى قۇر) ئۇلار تابغاچ  خاننىڭ ئوردا نەققاشچىلىرىنى ئەۋەتتى. مەن ئۇلارغا ھەيۋەتلىك ئىمارەت سالدۇردۇم. ئۇلارغا [ئىمارەت] نىڭ ئىچى ۋە تېشىغا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نەقىشلەرنى ئويدۇردۇم. مەڭگۈ تاش ياساتتىم، ئۇلارغا كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى ئويدۇردۇم. ئون ئوق ئەۋلادلىرى ۋە يات قوۋىم پۇقرالىرى (tat) غىچە ھەممىڭلار بۇنى كۆرۈپ بىلگەيسىلەر.


(ئون ئۈچۈنچى قۇر) مەن مەڭگۈ تاش ئورناتتىم. بۇ يەر ئادەملەر كۆپ ئۆتىدىغان جاي بولغاچقا، مۇشۇ جايغا مەڭگۈ تاشنى تۇرغۇزدۇم. [سۆزلىرىمنى] ئۇنىڭ [ئۈستىگە] يازدۇردۇم. كۆرۈپ بىلگەندە ئۇ تاشنى مېنىڭ... ... بۇ مەڭگۈ تاشقا خەت يازغۇچى جيەن ئوغلى يوللىغ تېگىن.


(شەرق تەرىپى)


(بىرىنچى قۇر) ئۈستىمىزدىكى كۆك ئاسمان بىلەن ئاستىمىزدىكى قوڭۇر تۇپراق يارىلغاندا، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئىنسان بالىسى يارىتىلىپتۇ. ئىنسان بالىسى ئۈستىدە ئاتا بوۋام بۇمىن قاغان بىلەن ئىستەمى قاغان ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلار تەختتە ئولتۇرۇپ تۈرك خەلقىنىڭ ئېلىنى قۇرۇپ، قانۇن تۈزۈمىنى تۈزۈپ بېرىپتۇ.


(ئىككىنچى قۇر) [بۇ چاغدا] ئەتراپىدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى دۈشمىنى ئىكەن، ئۇلار قوشۇن چىقىرىپ، تۆت ئەتراپىدىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ، بارلىقىنى [ئۆزلىرىگە] بويسۇندۇرۇپتۇ. بېشى بارلارنى باش ئۇردۇرۇپتۇ، تىزى بارلىرىنى تىزلاندۇرۇپتۇ، ئۇلارنى شەقتىن تاكى قادىرقان تاغلىرى، غەبتىن تا تۆمۈر [قاپقىغىچە] بولغان جايلارغا ئولتۇراقلاشتۇرۇپتۇ.


(ئۈچۈنچى قۇر) ئۇلار ئىككىسى ئارىسىدا قاغانسىز قالغان كۆك تۈركلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپتۇ. ئۇلار دانا قاغان ئىكەن، باتۇر قاغان ئىكەن. بۇيرۇقلىرىمۇ دانا، باتۇر بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭ بەگلىرى بىلەن خەلقىمۇ سادىق ئىكەن. شۇڭا ئۇلار دۆلەتكە ئەنە شۇنداق ھۆكۈمرانلىق قىلىپتۇ، ئەلنى باشقۇرۇشنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپتۇ. [كېيىنچە] ئۇلار


(تۆتىنچى قۇر) قازا قىلىپتۇ. تەزىيە بىلدۈرگۈچىلەر، قايغۇ بىلدۈرگۈچىلەر كۈن چىقىشتىكى بۆكلى (bokli) چۆللۈك ئېلىدىن، تابغاچلاردىن، تۈبۈتلەردىن، ئاپارلاردىن (apar)، پۇرۇملاردىن (purum)، قىرغىزلاردىن، ئۈچ قورىقانلاردىن، ئوتتۇز تانارلاردىن، قىتانلاردىن، تاتابىلار (tatabi) دىن بولۇپ، شۇنچە كۆپ ئادەم كېلىپ، ئۇلارغا قايغۇسىنى ئىپادىلەپتۇ. ئۇلار ئەنە شۇنداق داڭلىق قاغانلاردىن بولغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن


(بەشىنچى قۇر) ئىنىلىرى قاغان بولۇپتۇ. ئوغۇللىرىمۇ قاغان بولۇپتۇ. كېيىن ئىنىسى ئاكىسىنى دورىماپتۇ، ئوغلى ئاتىسىنى دورىماپتۇ. بىلىمسىز قاغان تەختتە ئولتۇرۇپتۇ. بۇزۇق قاغان تەختتە ئولترۇپتۇ. بۇيرۇقلىرىمۇ ئېھتىمال بىلىمسىزلەردىن، بۇزۇقلاردىن بولسا كېرەك.


(ئالتىنچى قۇر) ئۇلارنىڭ بەگلىرى ۋە خەلقىدە ساداقەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن تابغاچلارنىڭ ھىيلىسى ۋە ئالدامچىلىقى ھەم ئازدۇرۇشى تۈپەيلىدىن، ئىنى بىلەن ئاكىنى ئۆچمەنلەشتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن بەگلەر بىلەن خەلق ئارىسىغا سوغاقچىلىق سېلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن تۈرك خەلقى تىكلىنىپ بولغان دۆلىتىدىن مەھرۇم بولۇپتۇ.


(يەتتىنچى قۇر) قاغان دەپ ئاتالغان قاغانىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ، ئېسىلزادە ئوغۇللىرى تابغاچلارنىڭ قوۇللىرىغا، ئىپپەتلىك قىزلىرى دىدەكلەرگە ئايلىنىپ قاپتۇ. تۈرك بەگلىرى تۈرك دېگەن نامدىن ۋاز كېچىپ، تابغاچ پەرەس بەگلەر تابغاچ دېگەن ناملارنى قوللىنىپ، تابغاچ خانىغا بېقىنىپتۇ.


(سەككىزىنچى قۇر) [ئۇلار ئۈچۈن] ئەللىك يىل كۈچ چىقىرىپ ئىشلەپتۇ. ئۇلار ئوڭ تەرەپ كۈچ چىقىشتىن تا بۆكلى خاقان يۇرتىغچە، غەرىبتىن تا تۆمۈر [قاپقىغىچە] ئۇلارنىڭ دۆلىتى ۋە ھاكىمىيىتىنى تابغاچ خانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. بارلىق تۈرك پۇقرالىرى:


(توققۇزىنچى قۇر) ئىلى بار خەلق ئىدۇق، ھازىر ئېلىمىز قېنى؟ كىمنى ئەل قىلدۇرىمىز؟ قاغانلىق خەلق ئىدۇق، ھازىر قاغانىمى قەيەردە؟ قايسى قاغانغا خىزمەت قىلىمىز؟ دەپتۇ. مۇشۇنداق دېيىشىپ تابغاچ خانىغا دۈشمەن بولۇپتۇ.


(ئونىنچى قۇر) دۈشمەن بولۇپ، [ئەمما] قائىدە تۈزۈملىرىنى تۇرغۇزالمىغانلىقتىن يەنە بېقىنىپتۇ. [تابغاچ خانى تۈرك خەلقىنىڭ] ئۇنچىۋالا كۆپ ئىشلەپ بەرگەنلىكى ۋە كۈچ چىقارغانلىقىغا قارىماي، «تۈرك خەلقىنى يوقۇتاي، ئۇرۇقىنى قويماي» دەپتۇ. ئۇلارنى يوقىتىشقا ئاتلىنىپتۇ. [لېكىن] ئۈستىمىزدىكى تۈرك تەڭرىسى، [تۆۋەندىكى] تۈرك مۇقەددەس يەر سۈيى


(ئون بىرىنچى قۇر) مۇنداق دەپتۇ: «تۈرك خەلقى يوقالمىسۇن! ئۇلار خەلق بولسۇن!» [شۇنىڭ بىلەن] ئاتام ئېلتىرىش قاغاننى، ئانام ئېلبىلگە قاتۇننى تەڭرى تۆپىسىدىن تۇتۇپ ئېگىز كۆتۈرۈپتۇ. ئاتام قاغان 17 ئەر بىلەن سىرتقا


(ئون ئىككىنچى قۇر) چىقىپتۇ. [ئۇلارنىڭ] سىرتتا يۈرگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شەھەردىكىلەر تاغقا چىقىپتۇ. تاغدىكىلەر پەسكە چۈشۈپتۇ، يىغىلىپ 70 ئەر بوپتۇ. تەڭرى كۈچ- قۇۋۋەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئاتام قاغاننىڭ ئەسكەرلىرى بۆرىدەك، [ئەمما] ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى قويدەك ئىكەن، شەرقتىن غەربكە يۈرۈش قىلىپ توپلىغان


(ئون ئۈچۈنچى قۇر) ئادىمى يەتتە يۈز بوپتۇ، يەتتە يۈز ئادەم بولغاندىن كېيىن


[ئاتام قاغان] ئاتا- بوۋامنىڭ قانۇن- تۈزۈملىرى بويىچە دۆلىتىدىن، قاغانىدىن ئايرىلغان خەلقلەرنى، دېدەككە ئايلانغان، قۇل بولغان خەلقلەرنى تەشكىللەپتۇ ۋە تەربىيىلەپتۇ، ئۇ يەردە تۇلىس، تاردۇش خەلقىنى تەشكىللەپتۇ.


(ئون تۆتىنچى قۇر) ھەمدە ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىغا يابغۇ ۋە شاد [دېگەن ئۇنۋانىنى] بېرىپتۇ. ئوڭ تەرەپ (جەنۇب) تە تابغاچلار دۈشمىنى ئىكەن، سول تەرەپ (شىمال) تە باز قاغان ۋە توققۇز ئوغۇزلار دۈشمىنى ئىكەن. قىرغىز، قورىقان، ئوتتۇز تاتار، قىتان، تاتابىلارنىڭ ھەممىسى دۈشمىنى ئىكەن. ئاتان قاغان بۇنچە كۆپ... ...


(ئون بەشىنچى قۇر) ئۇ قېرىق يەتتە قېتىم ئەسكەر چىقىرىپتۇ، يىگىرمە قېتىم جەڭ قىپتۇ. تەڭرى مەدەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن دۆلىتى بارلارنى دۆلىتىدىن مەھرۇم قىپتۇ. قاغانى بارلارنى قاغانىدىن مەھرۇم قىپتۇ. دۈشمەنلەرنى بويسۇندۇرۇپتۇ. تىزى بارلارنى تىزلاندۇرۇپتۇ، بېشى بارلارنى باش ئۇردۇرۇپتۇ ئاتام.


(ئون ئالتىنچى قۇر) قاغان ئاشۇنداق قىلىپ دۆلەت قۇرغان ۋە قانۇن تۈزۈم ئورناتقاندىن كېيىن دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ. ئاتام قاغاننى ختىرلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن باز (baz) قاغاننى بالبال (balbal) قىلىپ تىكلەپتۇ. كېيىن قانۇن تۈزۈمگە ئاساسەن تاغام [تەختكە] چىقىپ قاغانلىققا ئولتۇرۇپتۇ. تاغام قاغان بولغاندىن كېيىن تۈرك خەلقىنى قايتىدىن تەشكىللىدى ۋە بېقىپ تەربىيىلىدى. يوقسۇللارنى باي قىلدى، ئازنى كۆپ قىلدى.


(ئون يەتتىنچى قۇر) تاغام قاغانلىققا ئولتۇرغان ۋاقىتتا مەن تاردۇش خەلقى ئۈستىدىكى شاد ئىدىم. مەن تاغام قاغان بىلەن بىرلىكتە ئالدى تەرەپ (شەرق) تىن تا يېشىل دەريا (yasil uguz) بىلەن سەنتۇڭ (san tong) تۈزلەڭلىكىگىچە قوشۇن تارتتۇق، ئارقا تەرەپ (غەرب) تىن تا تۆمۈر [قاپقىغىچە] قوشۇن تارتتۇق ھەمدە كۆگمەن تېغىدىن ئېشىپ قىرغىزلارنىڭ زېمىنىغىچە قوشۇن تارتىپ باردۇق.


(ئون سەككىزىنچى قۇر) جەمئىي يىگىرمە بەش قېتىم قوشۇن چىقاردۇق. ئون ئۈچ قېتىم ئۇرۇشقا قاتناشتۇق. دۆلىتى بارلارنى دۆلىتىدىن مەھرۇم قىلدۇق، قاغانى بارلارنى قاغانىدىن ئايرىدۇق. تىزى بارلارنى تىزلاندۇردۇق، بېشى بارلارنى باش ئۇردۇردۇق، تۈرگەش قاغانى تۈركلىرىمىزدىن ئىدى، ئۆز خەلقىمىز ئىكەنلىكى


(ئون توققۇزىنچى قۇر) بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىزنىڭ ئالدىمىزدا خاتا ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قاغانى ئۆلدى. بۇيرۇقلىرى، بەگلىرىمۇ ئۆلدى، ئون ئوق خەلقى زۇلۇم چەكتى. ئاتا- بوۋام ھۆكۈمرانلىق قىلغان جايلار ئىگىسىز قالمىسۇن ئۈچۈن ئاز خەلقىنى تەشكىللىدىم...


(يىگىرمىنچى قۇر) ئۇ ئەسلىدە بارس بەگ (bars bag) ئىدى، بىز ئۇنىڭغا قاغان دېگەن نامنى بەردۇق ھەمدە ئۇنىڭغا مەلىكە سىڭلىمنى ياتلىق قىلدۇق. ئۆزلىرى خاتا ئىش قىلدى، قاغانى ئۆلدى، خەلقى قۇل ۋە دېدەككە ئايلاندى. كۆگمەن زېمىنى ئىگىسىز قالمىسۇن دەپ ئاز ۋە قىرغىز خەلقىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن باردۇق، ئۇرۇش قىلدۇق.


(يىگىرمە بىرىنچى قۇر) يەنە [دۆلىتىنى] ئۆزلىرىگە بەردۇق. شەرق تەرەپتىن قادىرقان تېغىدىن ئېشىپ، خەلقلەرنى ئاشۇنداق ئورۇنلاشتۇردۇق، ئاشۇنداق تەشكىللىدۇق. غەربتىن تاكەنگۇ تارمان (kangu tarman) غىچە بېرىپ، تۈرك خەلقىنى ئاشۇنداق ئورۇنلاشتۇردۇق، ئاشۇنداق تەشكىللىدۇق. ئۇ چاغدا قۇللار قۇللۇق بولدى، دېدەكلەر دېدەكلىك بولدى. ئىنىسى ئاكىسىنى تونۇماس، ئوغلى ئاتىسىنى تونىماس ئىدى.


(يىگىرمە ئىككىنچى قۇر) بىز قۇرغان دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈمى ئەنە شۇنداق ئىدى. تۈرك، ئوغۇز بەگلىرى ۋە خەلقى ئىشىتىڭلار! ئۈستىمىزدىكى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمىسە، ئاستىمىزدىكى يەر يېرىلىپ كەتمىسە، تۈرك خەلقى دۆلىتىڭلار ۋە قانۇنىي تۈزۈمىڭلارنى كىم بت- چىت قىلالايدۇ؟ تۈرك خگلقى سىلەر خاتالىقىڭلارغا ئۆكۈنۈڭلار.


(يىگىرمە ئۈچۈنچى قۇر) سىلەر باشباتاقلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى بېقىۋاتقان دانا قاغانىڭلار ۋە ئەركىن، ياخشى دۆلىتىڭلارنىڭ ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۈزدىڭلار [بۇنداق بولمىسا] قوراللىقلار قەيەردىن كېلىپ [سىللەر] نى ھەيدىۋېتىدۇ؟ نەيزىلىكلەر قەيەردىن كېلىپ [سىللەر]نى قوغلىۋېتىدۇ؟ مۇقەددەس ئۆتۈكەن تېغىدىكى خەلقلەر كەتتىڭلار، شەرققە كەتكىنىڭلار شەرققە


(يىگىرمە تۆتىنچى ) كەتتىڭلار، غەربكە كەتكىنىڭلار غەربكە كەتتىڭلار؛ سىلەرنىڭ بارغان يېرىڭلاردا [ئېرىشكىنىڭلار]: سۇدەك ئاققان قېنىڭلار، تاغدەك دۆۋىلەنگەن سۆڭىكىڭلار بولدى، بەگ بولىدىغان ئوغۇللىرىڭلار قۇل، پاك قىزىڭلار دىدەك بولدى، [سىللەر]نىڭ بىلىمسىزلىكىڭلاردىن، ساداقەتسىزلىكىڭلاردىن تاغان قاغان ئالەمدىن ئۆتتى.


(يىگىرمە بەشىنچى قۇر) مەن دەسلەپتە قىرغىز قاغاننى [بالبال] قىلىپ تىكلىدىم. تۈرك خەلقىنىڭ نام ئابرويىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاتامنى قاغان، ئانامنى خاتۇن قىلىپ كۆتۈرگەن تەڭرى، ئەل بەرگەن تەڭرى، تۈرك خەلقىنىڭ نام شۆھرىتى يوقاپ كەتمىسۇن دەپ، مېنى


(يىگىرمە ئالتىنچى قۇر) قاغانلىققا ئولتۇرغۇزدى. مەن روناق تاپقان خەلق ئۈستىدە ئولتۇرمىدىم، يىگىلى ئېشى، كەيگىلى كىيىمى يوق، يوقسۇن بىچارە خەلقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردۇم. ئىنىم كۆل تېگىن بىلەن سۆزلەشتۇق، ئاتام، تاغام قولغا كەلتۈرگەن خەلقلەرنىڭ نام ئابرويىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن،


(يىگىرمە يەتتىنچى قۇر) تۈرك خەلقى ئۈچۈن تۈنلىرى ئۇخلىمىدىم، كۈندۈزلىرى خاتىرجەم ئولتۇرمىدىم. ئىنىم كۆل تېگىن ۋە ئىككى شادىم بىلەن بىرلىكتە ئۆلە- تىرىلىشىمگە قارىماي تىرىشتىم. ئاشۇنداق ۋە تىرىشىپ يۈرۈپ، خەلقنى ئوت سۇ قىلمىدىم. مەن قاغانلىققا ئولتۇرغان ۋاقتىمدا


(يىگىرمە سەككىزىنچى قۇر) ھەر تەرەپكە پېتراپ كەتكەن خەلق ئۆلە- تىرىلىشىگە قارىماي، پىيادە قايتىپ كەلدى. خەلقنى باقاي دەپ شىمالدا ئوغۇزلار، شەرقتە قىتان، تاتابى تەرەپكە، جەنۇپقا تابغاچقا، زور قوشۇن باشلاپ ئون ئىككى قېتىم يۈرۈش قىلدىم.


(يىگىرمە توققۇزىنچى قۇر) ئاندىن كېيىن تەڭرى مەدەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، بەختىم بولغانلىقى ئۈچۈن، تەلىيم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمگە يۈز تۇتقان خەلققە جان كىرگۈزدۈم. يالىڭاچ خەلقنى تونلۇق، يوقسۇل خەلقنى باي قىلدىم. ئاز خەلقنى كۆپ قىلدىم. [ئۇلارنى] كۈچلۈك دۆلىتى بار، كۈچلۈك قاغانى بار [خەقلەردىنمۇ] ياخشىراق ياشايدىغان قىلدىم. تۆت ئەتراپتىكى


(ئوتتۇزىنچى قۇر) خەلقنىڭ ھەممىسىنى بويسۇندۇردۇم، ياۋسىز قىلدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قارىدى، ھەممە (ماڭا) ئىش كۈچىنى بەردى. ئىنىم كۆل تېگىن مۇشۇنچە قانۇنىي تۈزۈمنى تۇرغۇزۇپ تۇيۇقسىزلا قازا تاپتى. ئاتان قاغان دۇنيادىن ئۆتكەندە ئىنىم كۆل تېگىن يەتتە ياشتا ئىدى. [ئۇ]... ... ياشتا


(ئوتتۇز بىرىنچى قۇر) ئۇمايدەك (umay) ئانام خاتۇننىڭ دۆلىتىدە ئىنىم كۆل تېگىن ئەر ئاتالدى. ئۇ ئون ئالتە ياش ۋاقتىدا تاغام قاغان دۆلەت ۋە قانۇنىي تۈزۈمنى ئەنە شۇنداق قولغا كەلتۈردى. بىز ئالتە جۈپ (alti cub) سوغداق (soghadaq) قا يۈرۈش قىلدۇق. تابغانىڭ ۋاڭ تۇتۇقى (ong tutuq) بەش تۈمەن ئەسكەر باشلاپ كەلدى، ئۇرۇشتۇق.


(ئوتتۇز ئىككىنچى قۇر) كۆل تېگىن پىيادە ھۇجۇمغا ئۆتتى، ۋاڭ تۇتۇقنىڭ قېينى ئىنىسىنى قوراللىق پېتى ئەسىرگە ئېلىپ [ئۇنى] قاغانغا تەقدىم قىلدى. [بىز] ئۇ قوشۇننى شۇ يەردە يوقاتتۇق. ئۇ يىگىرمە بىر ياش ۋاقتىدا، بىز چاچا (caca) سەنگۈن بىلەن ئۇرۇشتۇق. دەسلەپتە [ئۇ] كۆل تېگىن تادىقىن (tadiqin) چور (čur) نىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى. بۇ ئات ئۇ يەردە


(ئوتتۇز ئۈچۈنچى قۇر) ئۆلدى. ئىككىنچى قېتىم ئىشبارا (čšbara) يامتار(yamtar) نىڭ بوز ئېتىنى مېنىپ جەڭگە كىردى. بۇ ئات ئۇ يەردە ئۆلدى. ئۇنىڭ ساۋۇت ۋە دوبۇلغۇسى، يەلمەسىگە يۈزدىن ئارتۇق ئوق تەگدى. [لېكىن] ئۆزىنىڭ يۈزى ۋە بېشىغا بىر تال ئوقنىمۇ تەگكۈزمىدى...


(ئوتتۇز تۆتىنچى قۇر) تۈرك بەگلىرى سىلەر ھەممىڭلار ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلغىنىنى بىلىسىلەر. بىز بۇ قوشۇننى ئۇ يەردە يوقاتتۇق. ئاندىن كېيىن يىر بايىرقۇنىڭ ئۇلۇغ ئىركىننى (ulungh irkin) [بىز] بىلەن دۈشمەن بولدى. ئۇنى چېكىندۈرۈپ، تۈرگى- يارغون (turgi yarghun) كۆلى بويىدا تارمار قىلدۇق. ئۇلۇغ ئىركىن ئازغىنە ئادىمى بىلەن قېچىپ كەتتى. كۆل تېگىن يىگىرمە ئالتە ياش ۋاقتىدا


(ئوتتۇز بەشىنچى قۇر) قىرغىزلارغا يۈرۈش قىلدۇق. نەيزە بويى قېلىنلىقتىكى قارنى بۆسۈپ، كۆڭمەن تېغىدىن ئېشىپ، قىرغىزلارنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدۇق. بىز ئۇلارنىڭ قاغانى بىلەن سۇڭا (sunga) تېغىدا ئۇرۇش قىلدۇق. كۆل تېگىن بايىرقۇنىڭ ئاق ئايغىرىنى مېنىپ


(ئوتتۇز ئالتىنچى قۇر) جەڭگە كىردى. ئۇ بىر ئەرنى ئوق بىلەن ئۆلتۈردى. [ھەمدە] ئىككى ئادەمگە [نەيزە] سانچىدى. ئۇ  جەڭ قىلىۋاتقاندا، بايىرقۇنىڭ ئاق ئايغىرىنىڭ يوتىسى چېپىپ تاشلاندى. بىز قىرغىز قاغانىنى ئۆلتۈردۇق، ئۇلارنىڭ ئېلىنى ئالدۇق، شۇ يىلى ئالتاي تېغىدىن ئېشىپ


(ئوتتۇز يەتتىنچى قۇر) ئېرتىش دەرياسىدىن ئۆتۈپ تۈرگەشلەرگە يۈرۈش قىلدۇق. تۈرگەشلەرنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدۇق، تۈرگەش قاغانىنىڭ قوشۇنى بولچۇ (bolču)دىن ئوتتەك، بوراندەك كەلدى، بىز ئۇرۇشتۇق. كۆل تېگىن باشغۇ (basghu) [دېگەن] بوز ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى. باشغۇ [دېگەن] بوز ئات...

(ئوتتۇز سەككىزىنچى قۇر) ئىككىسىنى ئۆزى ئەسىرگە ئالدى، ئاندىن كېيىن يەنە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، تۈرگەش قاغانىنىڭ بۇيرۇقىنى، ئازلارلار تۇتۇقىنى تۇتۇۋالدى. ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ قاغانىنى ئۆلتۈردۇق، ئېلىنى ئالدۇق. ئاددىي تۈرگەش خەلقىنىڭ ھەممىسى بىزگە بويسۇندى، بىز بۇ خەلقلەرنى تاپار (tabar) غا ئورۇنلاشتۇردۇق.


(ئوتتۇز توققۇزىنچى قۇر) سوغداق خەلقىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن، يىنچۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، تا تۆمۈر [قاپقىغىچە] يۈرۈش قىلدۇق. [ئاندىن كېيىن] ئاددىي تۈرگەش خەلقى بىزگە دۈشمەن بولۇپ، كەنگەرس (kangaras) كە باردى. ئۇ چاغدا بىزنىڭ ئاتلىرىمىز ئورۇق، ئوزۇقىمىز يوق ئىدى، بۇزۇق ئادەملەر...


(قىرىقىنچى قۇر) بىزگە ھۇجۇم قىلغانلار باتۇر ئەرلەر ئىدى. ئۇ چاغدا بىز ئۆكۈنۈپ، كۆل تېگىنگە ئاز ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ ئەۋەتتۇق. ئۇ [بىر قېتىم] چوڭ ئۇرۇش قىلىپتۇ. ئۇ باتۇر شالچى (salči) نىڭ ئاق ئېتىنى مېنىپ جەڭگە كىرىپتۇ. ئاددىي تۈرگەش پۇقرالىرىنى ئۇ يەردە ئۆلتۈرۈپتۇ ۋە ئەل قىپتۇ. يەنە يۈرۈش قىلىپ


شىمال تەرەپ


(بىرىنچى قۇر)... ... بىلەن (ھەمدە) قوشۇ (qušu) تۇتۇق بىلەن ئۇرۇش قىپتۇ. ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپتۇ، ئۆيى ۋە مال- مۈلۈكلىرىنى پۈتۈنلەي كەلتۈردى. كۆل تېگىن يىگىرمە يەتتە يېشىدا، قارلۇقلار ئۆزىگە ئۆزى خۇجا بولدى ۋە [بى بىلەن] دۈشمەنلەشتى. بىز ئۇلار بىلەن تاماغ (tamagh) ئىدۇق دېگەن بۇلاق بېشىدا ئۇرۇشتۇق.


(ئىككىنچى قۇر) كۆل تېگىن بۇ قېتىمقى جەڭدە ئوتتۇز ياشلاردا ئىدى. ئۇ باتۇر شالچى  (salči) نىڭ ئاق ئېتىنى مېنىپ جەڭگە كىردى. ئارقا- ئارقىدىن ئىككى ئەرگە [نەيزا] سانچىدى. قارلۇقلارنى ئۆلتۈردۇق. ئۇلارنى بويسۇندۇق. ئاز (az) خەلقى [بىزگە] دۈشمەن بولدى، بىز قارا كۆلدە (qara kol) جەڭ قىلدۇق. [ئۇ چاغدا] كۆل تېگىن ئوتتۇز ياشتا ئىدى. ئۇ باتۇر شالچى (salci)نىڭ ئاق ئېتىنى مېنىپ،


(ئۈچىنچى قۇر) جەڭگە كىردى. ئۇ ئازلارنىڭ ئېلتەبىرى (altabar) نى تۇتتى، ئاز خەلقى شۇ يەردە يوقىتىلدى. تاغام قاغاننىڭ دۆلىتى قالايمىقانلاشقان، خەلق ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ئىككىگە  بۆلۈنگەن چاغدا، بىز ئىزگىل (izgil) خەلقى بىلەن ئۇرۇشتۇق. كۆل تېگىن باتۇر شالچى (salči) نىڭ ئاق ئېتىنى مىنىپ،


(تۆتىنچى قۇر) جەڭگە كىردى. ئۇ ئات شۇ يەردە ئۆلدى، ئىزگىل خەلقى يوقىتىلدى. توققۇز ئوغۇزلار ئەسلىدە ئۆز خەلقىم ئىدى، جاھان قالايمىقانلاشقانلىقى ئۈچۈن [بىز بىلەن] دۈشمەنلەشتى. بىر يىلدا بەش قېتىم ئۇرۇشتۇق، دەسلەپتە بىز توغۇ (toghu) شەھىرىدە ئۇرۇشتۇق.


(بەشىنچى قۇر) كۆل تېگىن ئازمان (azman) دېگەن ئاق [ئېتىنى] مىنىپ جەڭگە كىردى. ئالتە ئەرگە [نەيزە] سانچىدى. [ئىككى] قوشۇن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا، بەشىنچى ئەرنى چېپىپ تاشلىدى. ئىككىنچى قېتىم قۇشلاغاق (quslaghaq) دا ئەدىز (adiz) بىلەن ئۇرۇش قىلدۇق. كۆل تېگىن ئازلارنىڭ تورۇق [ئېتىنى] مىنىپ جەڭگە ئېتىلىپ كىردى بىر ئەرگە [نەيزە] سانچىدى.


(ئالتىنچى قۇر) توققۇز ئەرنى ئەگىپ يۈرۈپ چېپىپ تاشلىدى، ئاز خەلقى شۇ يەردە يوقىتىلدى. ئۈچۈنچى قېتىم بىز بولۇدا (bolču) ئوغۇزلار بىلەن ئۇرۇشتۇق، كۆل تېگىن ئازمان (azman) دېگەن ئاق [ئېتىنى] مىنىپ [نەيزە] سانچىدى. ئۇلانرىڭ قوشۇنىنى [نەيزە] سانچىپ ئۆلتۈردۇق ھەمدە ئېلىنى ئالدۇق. تۆتىنچى قېتىم بىز چۈش (cšu) دېگەن بۇلاق بويىدا ئۇرۇشتۇق، تۈرك


(يەتتىنچى قۇر) خەلقى تەۋرىنىپ قالدى (؟) ئەھۋال يامانلاشتى. كۆل تېگىن باستۇرۇپ كەلگەن [دۈشمەن] قوشۇنىنى چېكىندۈرۈپ، توغرا تېگىن (tongra tegin) مازىرىدا توڭرا ئۇرۇغىدىكى بىر باتۇر بىلەن ئون ئادەمنى ئۆلتۈردى. بەشىنچى قېتىم بىز ئەزگنتى قاداز (azganti qadaz) دا ئوغۇزلار بىلە ن ئۇرۇشتۇق. كۆل تېگىن


(سەككىزىنچى قۇر) ئازلارنىڭ تورۇق ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى، ئىككى ئەرگە [نەيزە] سانچىدى ھەمدە ئۇلارنى پاتقاققا پاتۇردى. ئۇ قوشۇننى شۇ يەردە يوقاتتى، بىز ئامغى (amghi) قورغىنىدا قىشلىدۇق. ئەتىيازدا ئوغۇزلارغا قوشۇن چىقاردۇق، كۆلتېگىننى ئۆيگە قاراشقا قالدۇردۇق (؟) دۈشمەنلىرىمىز ئوردىغا بېسىپ كەلدى، كۆل تېگىن


(توققۇزىنچى قۇر) ئۆگسىز (ogsiz) دېگەن ئاق ئېتىنى مىنىپ، توققۇز ئەرگە [نەيزە] سانچىدى. ئوردىنى بەرمىدى،  [شۇنداق قىلمىغان بولسا] ئانام خاتۇن قاتارلىق ئانىلىرىم، ئاچىلىرىم، كېلىنلىرىم، مەلىكىلىرىمنىڭ تىرىكلىرى دېدەك بولاتتىڭلار، جەسىتىڭلار بولسا خارابىلىقتا، يولدا قالغان بولاتتى!


(ئونىنچى قۇر) كۆل تېگىن بولمىغان بولسا ھەممىلار ئۆلەتتىڭلار! ئىنىم كۆل تېگىن قازا تاپتى، ئۆزۈم ھەسرەت چەكتىم، كۆرەر كۆزۈم كۆرمەستەك بولدى، ئەقىل ھوشۇمدىن ئاداشقاندەك بولدۇم، ئۆزام ھەسرەت چەكتىم، ئۆمۈرنى تەڭرى بەلگىلەيدۇ. ئىنسان بالىسى ئۆلۈش ئۈچۈن تۆرەلگەن.


(ئون بىرىنچى قۇر) شۇنداق ئويلىدم، كۆزۈمگە ياش كەلسە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم، كۆڭلۈم بۇزۇلسا ئۆزۈمنى باستىم. مەن چەكسىز ھەسرەتلەندىم، ئىككى شاد ۋە ئىنىلىرىم، بالىرىم، بەگلىرىم، خەلقىم يىغىلىۋېرىپ، كۆزلىرىدىن ئايرىلىپ قالارمۇ دەپ ئويلىدىم. تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن


(ئون ئىككىنچى قۇر) قىتان ۋە تاتابى خەلقىدىن ئۇدار (udar) سەنگۈن كەلدى، تابغاچ خانىدىن ئىسيى (御史) لىكەڭ (吕向) كەلدى، ھەمدە نۇرغۇنلىغان ئۈنچە- مەرۋايىت ۋە ئالتۇن- كۈمۈشلەرنى كەلتۈردى. تۈبۇت خانىدىن بولۇن (bolon) كەلدى.غەربتىن كۈن پېتىش تەرەپتىكى سوغداق، بەرچەكەر (barcakar)، بۇقاراق (buqaraq) ئەللىرىدىكى خەلقلەردىن نەڭ (nang) سەنگۇن ۋە ئوغۇل (oghul) تارقان كەلدى.


(ئون ئۈچۈنچى قۇر) ئون ئوق ئوغلۇم تۈرگەش قاغانىدىن ماقراچ (maqrac)تامغىچى ۋە ئوغۇز بىلگە (oghuz bilga) تامغىچى كەلدى؛ قىرغىز قاغانىدىن تاردۇش ئىنانچۇچور (tarduš inančučur) كەلدى. ئىمارەت ياسايدىغان ئۇستىلار، نەققاشلار، پۈتۈك تاش ياسايدىغان ئۇستىلارنى [باشلاپ]، تابغاچ خانىنىڭ مۇئەررىرىخى (؟) جاڭ سەنگۇن كەلدى.


(شەرقىي شىمال تەرىپى) كۆل تېگىن قوي يىلىنىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى، توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى ماتەم مۇرسىمىنى ئۆتكۈزدۇق. قەبرىسى، نەققىشى، تاش پۈتۈگى مايمۇن يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى پۈتۈنلەي ياسىلىپ بولدى. كۆل تېگىن قىرىق يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى. تاش... ... بۇ ئۇستىلارنىڭ ھەممىسىنى تويخۇن (toyghun) ئەلتەبىر كەلتۈردى.


(شەرقىي جەنۇپ تەرىپى) كۆل تېگىننىڭ جىيەن ئوغلى مەنكى يوللىخ (yollugh) تېگىن بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ تېكىستىنى يېزىپ چىقتىم. مەن يىگىرمە كۈن سەرپ قىلىپ، مەڭگۈ تاش ۋە تامدىكى خەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يازدىم، سىز [خەلقنى] ئۆز بالىلىرىڭىز ۋە ئەۋلادلىرىڭىزدىن ئارتۇق كۆرەتتىڭىز. سىز قازا تاپتىڭىز. سىز كۆكتە خۇددىي تىرىك ۋاقتىڭىزدىكىدەك...


(غەربىي جەنۇپ تەرىپى) كۆل تېگىننىڭ ئالتۇن- كۈمۈش، گۆھەر، مال- مۈلكى ۋە تۆت مىڭ يىلقىسىغا قارىغۇچى تۇيخۇن (؟tuyghun)... ... بىگىم تېگىن [يۇقىرى] تەڭرى.


... ... مەنكى يوللىغ تېگىن مەڭگۈ تاشقا خەت پۈتتۈم.


(غەرب تەرىپى) غەربتىكى سوغداقلار ئاسىيلىق قىلدى، ئىنىم كۆل تېگىن كۈچىنى ماڭا بەرگەنلىكى ئۈچۈن، مەنكى تۈرك بىلگە قاغان ئۆزۈمنىڭ قوغدىغىچى (؟ayuq) لىرى بىلەن ئىنىم كۆل تېگىننىڭ [مازىرىنى] گۈزەت قىلدۇردۇم. مەن ئۇنىڭغا ئىنانچۇ ئاپا يارغان تارقان دېگەن دېگەن نامنى بەردىم. ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇتتۇم.


خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىزاھاتى:


بۇ مەڭگۈ تاش 1889- يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆكشىن ئورقۇن دەريا ۋادىسىدىكى قوشۇ سەيدام دېگەن جايدىن تېپىلغان، بۇ مەڭگۈ تاش ھازىرمۇ ئاسلىدىكى ئورنىدا. مەڭگۈ تاش چوڭ مەرمەر تاشتىن ياسالغان بولۇپ، ئۈستىگە خەنزۇ يېزىقى بىلەن قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىل يېزىقتا خەت ئويۇلغان، مەڭگۈ تاش مىلادىيە 732- يىلى ئورنىتىلغان. قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى تېكىست قىسىمى جەمئىي 66 قۇر.


مەڭگۈ تاش پۈتۈكى چوڭ- كىچىك ئىككى پارچە تاشقا ئويۇلغان، كىچىك تاشنىڭ بىر تەىپىگە 13 قۇر خەت يېزىلغان، ئۇ مەڭگۈ تاشنىڭ باش قىسىمى ھېسابلىنىدۇ. قالغان قىسىملىرى چوڭ تاشنىڭ ئالدى ۋە يان تەرىپىگە ئويۇلغان، ئارقا تەرىپى خەنزۇچە تېكىست قىسىمى ھېسابلىنىدۇ.


مەزكۇر مەڭگۈ تاش پۈتۈكىنىڭ رەسىملىرىدىن رادىلوفنىڭ «رەسىملەر مۇندەرىجىسى» (XCVⅢ-XCIX-CⅡ-CIⅤ) دىن باشقا، فىنلانچە نۇسخىسىمۇ بار:


Lnsciption de l"Orhhon rocueilles par l"expedition finnoise1890 et publiées parlea SocietéFinno – ougrienne. Helsingfors, 1982.Ⅱ, plates 2-12



بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ تېكىستى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى، تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىدا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىزاھاتتا كۆرسىتىلگەن پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىدىن كۆرۈڭ.


(3) بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى


(شەرق تەرىپى)


(بىرىنچى قۇر) تەڭرىدەك تەڭرى ياراتقان تۈرك بىلگە قاغان مېنىڭ سۆزۈم. ئاتام تۈرك بىلگە قاغان... ... تى سىر (sir)، توققۇز ئوغۇز، ئىككى ئەدىز مەشھۇر بەگلىرى ۋە خەلقى تۈرك تەڭرىسى... ...


(ئىككىنچى قۇر) ئۈستىدە مەن قاغان بولۇپ ئولتۇردۇم، مەن تەختكە ئولتۇرغىنىمدا، ئۆلگىدەك ھەسرەتتە قالغان تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقى ئىنتايىن سۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ جانسىز كۆزلىرىگە جان كىرى. ئۆزۈم تەختكە ئولتۇرۇپ تۆت ئەتراپتىكى [خەلقلەر] ئۈچۈن نۇرغۇن مۇھىم قانۇنىي تۈزۈملەرنى [ئورنىتىپ بەردىم].


خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىلاۋەسى: 3- قۇرى بىلەن 23- قۇرىغىچە بولغان تېكىست كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى 1 - قۇردىن 30- قۇرغىچە بولغان مەزمۇنلار بىلەن ئوخشاش بولغاچقا، قىسقارتىلدى. لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىنىڭ شەرق تەرەپ 14- قۇرى (كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىنىڭ شەرق تەرەپ 16- قۇرىغا توغرا كېلىدۇ) دىكى تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئارتۇق: "[... ... ئالدى بىلەن باز قاغاننى بالبال قىلىپ تىلەپتۇ]. ئاتام قاغان ئالەمدىن ئۆتكەندە، مەن سەككىز ياشتا ئىدىم. [قانۇن- تۈزۈمگە ئاساسەن تاغام قاغان بولۇپتۇ. تاغام قاغان بولغاندىن كېيىن تۈرك خەلقىنى قايتىدىن تەشكىللىدى ۋە بېقىپ تەربىيىلىدى، يۇقسۇللارنى باي قىلدى، ئازنى كۆپ قىلدى. تاغان قاغانلىقتا ئولتۇرغاندا] مەن تېگىن ئاتىلىپ تاغام قاغان ئۈچۈن كۈچ چىقاردىم. تەڭرى مەدەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئون تۆت يېشىمدا تاردۇش خەلقى ئۈستىگە شاد بولدۇم [مەن تاغام قاغان بىلەن بىرلىكتە ئالدى تەرەپتىن تاكى ياشىل ئۆگۈزگىچە قوشۇن تارتتۇق... ...].


ئۇنىڭدىن باشقا، بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىنىڭ شەرق تەرەپ 21- قۇرى (كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىنىڭ شەرق تەرەپ 26- قۇرىغا توغرا كېلىدۇ) دا يەنە بىر جۈملە بار: "ئىككى شاد ۋە ئىنىم كۆل تېگىن بىلەن سۆزلەشتۇق" (ھالبۇكى كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىدا "ئىنىم كۆل تېگىن بىلەن سۆزلەشتۇق" دېيىلگەن). قالغانلىرىدىمۇ سەل- پەل ئوخشىماسلىقلار بولسىمۇ، مەزمۇنلىرىدا چوڭ پەرق بولمىغاچقا، بىر- بىرلەپ كۆرسىتىپ ئولتۇرمىدۇق.


(يىگىرمە تۆتىنچى قۇر) ئاز خەلقىنى كۆپ قىلدىم، [ئۇلارنى] قۇدرەتلىك دۆلىتى بار، كۈچلۈك قاغانلىقى بارلاردىن ياخشى ياشايدىغان قىلدىم. تۆت ئەتراپتىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنى بويسۇندۇردۇم. ئۇلارنى دۈشمەسىز قىلدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قارىدى. ئون يەتتە يېشىمدا تاڭغۇت (tangut)قا قوشۇن ئەۋەتتىم، تاڭغۇت خەلقىنى تارمار قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئوغۇل- قىزلىرىنى ۋە مال- مۈلكىنى قولغا چۈشۈردۈم. ئون سەككىز يېشىمدا ئالتە جۈپ سوغداققا،


(يىگىرمە بەشىنچى قۇر) قوشۇن ئەۋەتتىم. [سوغداق] خەلقىنى تارمار قىلدىم. تابغاچتىن ۋاڭ تۇتۇق بەش تۈمەن ئەسكەر[باشلاپ] كەلدى. بىز ئىدۇق باش (iduq bas) دېگەن بۇلاق بېشىدا ئۇرۇشتۇق، بۇ قوشۇننى شۇ يەردە يوقاتتۇق. يىگىرمە يېشىمدا، باسمىل ئىدىقۇت (basmil iduqut) ئۆز ئۇرۇقىمىزدىكى خەلق ئىدى. ئۇلار تارتۇقچىلارنى ئەۋەتمىدى دەپ [ئۇلارغا] يۈرۈش قىلدىم. [ئۇلارنى] بويسۇندۇردۇم. نۇرغۇنلىغان (ئولجىلارنى) ئۆيگە كەلتۈردۈم، يىگىرمە ئىككى يېشىمدا،


(يىگىرمە ئالتىنچى قۇر) تابغاچقا يۈرۈش قىلدىم. چاچا سەنگۇننىڭ سەككىز تۈمەن لەشكىرى بىلەن ئۇۇرشتۇم، بۇ قوشۇننى شۇ يەردە يوقاتتىم. يىگىرمە ئالتە ياش ۋاقتىمدا چىك (cik) خەلقى قىرغىزلار بىلەن بىرلىكتە [بىزگە] دۈشمەن بولدى. كەم (kam)دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈپ، چېكلارغا يۈرۈش قىلدىم. ئورپەن (orpan)دا ئۇرۇشتۇق. ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلدۇق، ئاز خەلقىنى  قولغا چۈشۈردۈم... ... بويسۇندۇردۇم. يىگىرمە يەتتە يېشىمدا قىرغىزلارغا يۈرۈش قىلدىم. نەيزە بويى قېلىن قارنى


(يىگىرمە يەتتىنچى قۇر) بۆسۈپ، كۆگمەن تېغىدىن ئېشىپ، قىرغىزلارنى ئۇيقۇدا باستىم. قاغانى بىلەن سوڭا (songa) تېغىدا ئۇرۇشتۇم. قاغانىنى ئۆلتۈردۈم، ئېلىنى ئالدىم. شۇ يىلى تۈرگەش خەلقىگە ئالتاي تېغىدىن ئېشىپ، ئېتىش دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈپ، يۈرۈش قىلدىم. تۈرگەش خەلقىنى ئۇيقۇدا باستىم، تۈرگەش قاغاننىڭ قوشۇنى ئوت بوراندەك كەلدى.


(يىگىرمە سەككىزىنچى قۇر) بولچو (bolču) دا ئۇرۇشتۇق. قاغانىنى، يابغۇسىنى، شادىنى شۇ يەردە ئۆلتۈردۈم، ئېلىنى ئالدىم. ئوتتۇز يېشىمدا بېشبالىق (biš baliq) قا يۈرۈش قىلدىم، ئالتە قېتىم ئۇرۇشتۇم... ... قوشۇنىنى پۈتۈنلەي يوقاتتىم، شەھەر ئىچىدىكى ھەممە ئادەم يوقىتىلاتتى... ... ئۇلار بىزنى تەكلىپ قىلىپ كەلدى، بۇنىڭ بىلەن بېشبالىق [ۋەيرانىچىلىقتىن] ساقلىنىپ قالدى. ئوتتۇز


(يىگىرمە توققۇزىنچى قۇر) بىر يېشىمدا قارلۇقلار غەم- قايغۇسىز، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغانلىقتىن بىزگە دۈشمەن بولدى. مەن تاماخ (tamagh) ئىدۇق دېگەن بۇلاق بېشىدا ئۇرۇشتۇم. قارلۇق خەلقىنى ئۆلتۈردۈم ھەمدە ئېلىنى ئالدىم. [مەن ئوتتۇز ئىككى] يېشىمدا، قارلۇق خەلقى يىغىلىپ [بىزگە قارشى تۇردى.] مەن [ئۇلارنى] يوقاتتىم. توققۇز ئوغۇزلار [ئەسىلدە] مېنىڭ خەلقىم ئىدى. جاھان قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن.


(ئوتتۇزىنچى قۇر) ۋە ئىچىدە ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن [بىزگە] دۈشمەن بولدى. بىر يىل ئىچىدە تۆت قېتىم ئۇرۇشتۇم. دەسلەپتە تۇغۇ (tughu)بالىلىقتا ئۇرۇشتۇم. قوشۇنۇم تۇغلا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ قوشۇنىنى يوقاتتى. ئىككىنچى قېتىم ئاندارغۇ (antarghu) دا ئۇرۇشتۇم. قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدىم. ئۈچىنچى قېتىم چۈش (čus) دېگەن بۇلاق بېشىدا ئۇرۇشتۇم. تۈرك خەلقى تەۋرىنىپ قالدى،


(ئوتتۇز بىرىنچى قۇر) ئەھۋال ياماشقانىدى. مەن بۆسۈپ كەلگەن [دۈشمەن] قوشۇنىنى چېچىۋەتتىم. جېنىدىن ئايرىلىشقا ئاز قالغان نۇرغۇن كىشىلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى، شۇ چاغدا توڭرا تېگىن (tongra tegin) مازىرىدا توڭرا باتۇرلىرىدىن [تەشكىل تاپقان] بىر ئۇرۇققا ئايلىنىپ يۈرۈپ زەربە بەردىم. تۆتىنچى قېتىم ئەزگەندى قاداز (azgan di qadaz) دا ئۇرۇشتۇم، قوشۇنىنى شۇ يەردە مەغلۇپ قىلدىم، يوقاتتىم... ... يېشىمدا ماغا (maggha) قورغاندا قىشلىغىنىمىزدا جۇت بولدى. ئەتىيازدا،


(ئوتتۇز ئىككىنچى قۇر) ئوغۇزلارغا يۈرۈش قىلدىم. بىرىنچى قوشۇن سىرتتا ئىدى. ئىككىنچى قوشۇن ئوردىدا ئىدى. ئۈچ ئوغۇز قوشۇنى بېسىپ كەلدى، ئۇلار بىزنى پىيادە قالدى، قىيىن ئەھۋالدا قالدى دەپ [ئەسىرگە] ئالغىلى كەلدى. ئۇلارنىڭ قوشۇنىنىڭ يېرىمى ئوردىكى مال بايلىقىنى بولىغىلى ماڭدى، [قالغان] يېرىمى ئۇرۇشقىلى كەلدى. بىز ئاز قالدۇق، قىيىن ئەھۋالدا ئىدۇق. ئوغۇز... دۈشمەن... تەڭرى كۈچ- قۇۋۋەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئاشۇ يەردە ئۇلارغا زەربە بەردىم.


(ئوتتۇز ئۈچۈنچى قۇر) تەڭرى مەدەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن مەن تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن تۈرك خەلقى غەلىبە قازاندى، مەن ئىنىم بىلەن باشلامچىلىق قىلىپ تىرىشمىغان بولساق، تۈرك خەلقى ئۆلگەن بولاتتى، يوقالغان بولاتتى. تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقى بىلەن شۇنداق ئويلاڭلار ۋە شۇنداق بىلىڭلار! ئوغۇزلار [تارتۇقچىلارنى] ئەۋەتمىدى دەپ [ئۇلارغا] يۈرۈش قىلدىم.


(ئوتتۇز تۆتىنچى قۇر) ئۇلارنىڭ ئوردىسىنى ئالدىم، ئوغۇز خەلقى توققۇز تاتارلار بىلەن بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئاغۇ (aghu) دا ئىككى قېتىم چوڭ ئۇرۇش قىلدىم. قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدىم. ئېلىنى ئالدىم. مەن شۇنداق تىرىشتىم... تەڭرى مەدەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈم ئوتتۇز ئۈچ يېشىمدا... ئۇلار ئۆدىسىگ ئۆتۈلۈگ (od sig otulug)... ...


(ئوتتۇز بەشىنچى قۇر) بېقىۋاتقان... ... باتۇر قاغانى ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزدى، ئۈستىمىزدىكى تەڭرى، مۇقەددەس يەر سۇ ۋە ئەجدادىم، قاغاننىڭ روھى خۇشال بولمىغان بولسا كېرەك، توققۇز ئوغۇز خەلقى يەر سۈيىنى تاشلاپ تابغاچقا باردى. ئۇلار تابغاچتىن يەنە بۇ يەرگە قايتىپ كەلدى. مەن [ئۇلارنى] باقاي دەپ ئويلاپ، ... خەلق ... ...


(ئوتتۇز ئالتىنچى قۇر) جەنۇپتا ... ... تابغاچتا نام شۆھرىتى يوق بولدى. بۇ يەردە ماڭا قۇل بولدى. مەن ئۆزۈم قاغانلىققا ئولتۇرغانلىقىم ئۈچۈن تۈرك خەلقى ... ... قىلمىدىم، مەن دۆلەتنى، قانۇنىي تۈزۈملەرنى ياخشى باشقۇرۇشقا تىرىشتىم... بىرلىشىپ... ...


(ئوتتۇز يەتتىنچى قۇر) ئۇ يەردە ئۇرۇشتۇم. قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدىم. بوي سۇنغانلىرى بويسۇندى، [مېنىڭ] خەلقىم بولدى، ئۆلگەنلىرى ئۆلدى. سېلىنگا دەرياسىنى بويلاپ تۆۋەنلەپ مېڭىپ، قاراغىن (qaraghin) دېگەن قىستاڭدا ئوردىسىنى ۋەيران قىلدىم ...  ... ئۇلار تاغقا چىقىۋالدى. ئۇيغۇر ئېلتەبىر (yughur altabar) يۈزچە ئەر بىلەن شەرققە قېچىپ كەتتى ...


(ئوتتۇز سەككىزىنچى قۇر) ... ... تۈرك خەلقى ئاچ ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ يىلقىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ، تۈرك خەلقىنى باقتىم. ئوتتۇز تۆت يېشىمدا، ئوغۇزلارقېچىپ بېرىپ تابغاچقا قوشۇلدى، مەن ئۆكۈنۈپ ئەسكەر چىقاردىم ... ... ئوغۇل- قىزلىرىنى قولغا چۈشۈردۇم. ئىككى ئېلتەبىرلىك خەلق... ...


(ئوتتۇز توققۇزىنچى قۇر) تاتابى خەلقى تابغاچ خانىغا قارىدى. ئەلچى ئەۋەتمىگەنلىكى، ھال- ئەھۋال سورىمىغانلىقى ئۈچۈن يازدا [ئۇلارغا] قوشۇن چىقاردىم، خەلقىنى شۇ يەردە مەغلۇپ قىلدىم. ئۇلارنىڭ يىلقىسىنى ... ... قوشۇنى يىغىلىپ كەلدى، قادىرقان تېغىدا


(قىرىقىنچى قۇر) ... ... ئۇلار بۇرۇنقى ماكانلىرىغا ئورۇنلاشتى. جەنۇپتىكى قارلۇق خەلقىگە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن باستار تۇدۇن (yamtar tudun) نى ئەۋەتتىم. ئۇ باردى ... [قارلۇق] ئېلتەبىر يوقىلىپتىمىش، ئىنىسى بىر ...


(قىرىق بىرىنچى قۇر) ...  ... تارتۇقچىلار كەلمىدى، ئۇلار جازالاي دەپ يۈرۈش قىلدىم. مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى ئىككى- ئۈچ كىشىنى باشلاپ قېچىپ كەتتى. ئاددىي خەلق: «قاغانىمىز كەلدى» دەپ مەدھىيە ئوقۇدى ... مەن نام مەرتىۋە بەردىم. ئەمىلى كېچىكلەرنى ...


(جەنۇب تەرىپى)


(بىرىنچى قۇر) بىرىنچى كۈنى تابغاچنىڭ ئون يەتتە مىڭ ئاتلىق ئەسكىرىنى يوقاتتىم (ئەسلى تېكىستتە «ئادەم» دېگەن سۆز «ئەسكەر» دەپ يېزىلىپ قالغان)، ئىككىنچى كۈنى پىيادە ئەسكىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتتىم ... ... ئۇلار ... دىن ئېشىپ ... كەتتى.


(ئىككىنچى قۇر) ... ... قېتىم ئەسكەر چىقاردىم، ئوتتۇز سەككىز يېشىمدا، قىشتا قىتانغا يۈرۈش قىلدىم ... ... ئوتتۇز توققۇز يېشىمدا تاتابىلارغا يۈرۈش قىلدىم.


(ئۈچۈنچى قۇر) مەن يوقاتتىم ... ... ئوغۇل قىزلىرى، ئاياللىرى ۋە مال- مۈلۈكلىرىنى ... ...


(تۆتىنچى قۇر) بۇ ... ... ئاياللىرىنى يوق قىلدىم.


(بەشىنچى قۇر) ... بار ... ...


(ئالتىنچى قۇر) ئۈچۈن ... ... ئۇرۇش قىلدىم ... ...


(يەتتىنچى قۇر) ... ... بەردىم (؟) باتۇرىنى ئۆلتۈرۈپ بالبال قىلىپ تىكلىدىم، ئەللىك يېشىمدا، تاتابى خەلقى قىتاندىن ئايرىلدى ... تۈڭكەر (tÜngkar) تېغىدا ئولتۇردى ... ...


(توققۇزىنچى قۇر) ئۇلار يوقىتىلدى. چوڭ ئوغلۇم ئاغرىپ ئۆلگەندە، قۇغ سەنگۇننى بالبال قىلىپ تىكلىدىم. مەن ئون توققۇز يىل شاد بولدۇم. ئون توققۇز يىل قاغان بولدۇم. دۆلەتنى باشقۇردۇم، ئوتتۇز بىر ... ...


(ئونىنچى قۇر) تۈركلىرىمگە، خەلقىمگە نۇرغۇن ياخشى ئىش قىلىپ بەردىم، مۇشۇنچىۋالا غەلىنىلەرنى قازىنىپ ئاتام قاغان ئىت يىلى ئونىنچى ئاينىڭ يىگىرمە ئالتىنچى كۈنى قازا تاپتى. چوشقا يىلى بەشىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدۈم. بۇقاغ تۇتۇق... ...


(ئون بىرىنچى قۇر) ئاتىسى لىسۇن دېگەن چوڭ سەنگۇن بەش يۈز ئەرنى باشلاپ كەلدى. خۇش پۇراق ... ئالتۇن- كۈمۈشلەردىن ناھايتى نۇرغۇن كەلتۈردى. دەپنە مۇراسسىمى ئۈچۈن [ئىشلىتىلىدىغان] ئىسرىقدان ۋە ئىپارلارنى كەلتۈرۈپ ھەممىسىنى ئورنىتىپ بەردى. ساندال ياغىچىدىن كەلتۈرۈپ ... ...


(ئون ئىككىنچى قۇر) مۇنچىۋالا كۆپ خەلق چېچىنى كەستى، قۇلىقىنى تىلدى. (ئۇلار مىنىشكە ئىشلىتىدىغان) نەسىللىك ئات، قارا بۇلغۇن، كۆك تىيىنلەرنى ھەددى- ھېسابسىز كەلتۈرۈپ قويدى.


(ئون ئۈچۈنچى قۇر) تەڭرىدەك تەڭرى ياراتقان تۈرك بىلگە [قاغان] مېنىڭ سۆزۈم، ئاتام تۈرك بىلگە قاغان تەختتە ئولتۇرغان ۋاقىتتا، تۈرك ھازىرقى بەگلىرى، ئارقا تەرەپ (غەرب) تىكى كۇلچۇر (kÜlčur) باشچىلىقىدىكى تاردۇش بەگلەر ۋە شاداپىت (šadapit) بەگلەر، ئالدى تەرەپ (شەرق) تىكى ئاپا (apa) تارقان باشچىلىقىدىكى تۆلىس بەگلەر


(ئون تۆتىنچى قۇر) ۋە شاداپىت بەگلەر، ئوڭ تەرەپ (جەنۇپ تەرەپ) تىكى تامان (taman) تارقان، تۇنيۇقۇق بويلا باغا تارقان ۋە بۇيرۇق ... ... بۇيرۇق سەبەگ كۈل ئىركىن (sabagkÜl irkin) باشچىلىقىدىكى ھەر قايسى بۇيرۇق بەگلەر، ھازىرقى بەگلەر ئاتام قاغانغا ئىنتايىن ... ...


(ئون بەشىنچى قۇر) ئىنتايىن مەدھىيە ئوقۇدى ... ... تۈرك بەگلىرى، خەلقى (بىرلىكتە) ئىنتايىن مەدھىيە ئوقۇدى ... ... ئاتام قاغان [قازا تاپقاندا]، تۈرك بەگلىرى ۋە  خەلقى ئېغىر تاش ۋە يوغان ياغاچلارنى ئەكەلدى، ... ... ئۆزۈم شۇنچە


(شىمالىي تەرىپى)


(1-8- قۇرلىرى كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىنىڭ 1- 11- قۇرلىرى بىلەن ئوخشاش بولغاچقا قىسقارتىلدى).


(سەككىزىنچى قۇر) (ئاتام)


(توققۇزىنچى قۇر) قاغان بىلەن تاغام قاغان تەختتە ئولتۇرغاندا، ئۇلار تۆت ئەتراپتىكى شۇنچىۋالا كۆپ خەلقنى تەشكىللىگەن ئىكەن ... ... تەڭرى مەدەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن مەن تەختتە ئولتۇرغىنىمدا تۆت تەرەپتىكى خەلقنى تەشكىللىدىم، تەرتىپكە سالدىم ... ... قىلدىم ... ... ئىنتايىن داغدۇغىلىق توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ قىزىمنى تۈرگەش قاغانىغا ياتلىق قىلدىم.


(ئونىنچى قۇر) [يەنە] ئىنتايىن داغدۇغىلىق توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭ قىزىنى ئوغلۇمغا ئېلىپ بەردىم ... ... بېشى بارلارنىڭ باش ئۇرغۇزدۇم، تىزى بارلارنى تىزلاندۇرۇدۇم، ئۈستىمىزدىكى تەڭرى، ئاستىمىزدىكى يەر- زېمىن ساقلىغانلىقى ئۈچۈن.


(ئون بىرىنچى قۇر) كۆزى بىلەن كۆرۈپ باقمىغان، قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ باقمىغان خەلقلىرىمنى شەرقتە كۈن چىقىشقىچە، جەنۇپتا [تابغاچقىچە] غەربتە كۈن پېتىشقىچە، شىمالدا تۈن ئوتتۇرىسىغىچە بولغان [مۇشۇنداق كەڭ زېمىنگە]. ئالتۇن، ئاق كۆمۈش، مەشۇتلىق يىپەك، ئاشلىقتىن ئىشلەنگەن ئىچىملىك، كۆمۈش، مەشۇتلۇق يىپەك، ئاشلىقتىن ئىشلەنگەن ئىچىملىك، نەسىللىك يۈگۈرۈك ئات- ئايغىر،  قارا بۇلغۇن، كۆك تىيىنلەرنى تۈركلىرىمگە خەلقىمگە قازىنىپ بەردىم.


(ئون ئىككىنچى قۇر) [ئۇلارنى] غەمسىز قىلدىم. ئۈستىمىزدىكى تەڭرى كۈچلۈك ... ...


(ئون ئۈچۈنچى قۇر) بېقىڭلار، ئازابلىماڭلار، قىينىماڭلار، تۈرك بەگلىرى، تۈرك خەلقىم ... ... قازىنىپ ... ... [سىلەر] بۇ قاغانىڭلاردىن، بۇ بەگلىرىڭلاردىن،


(ئون تۆتىنچى قۇر) ۋە [يەر] سۈيىڭلاردىن ئايرىلمىساڭلار، سىلەر ياخشىلىق كۆرەلەيسىلەر، غەمسىز ياشىيالايسىلەر، قايغۇسىز بولالايسىلەر ... ...[شۇنىڭدىن] كېيىن تابغاچ قاغانىدىن نۇرغۇم نەققاشلارنى كەلتۈردۈم. ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى قايتۇرمىدى، ئوردىكى نەققاشلىرىنى ئەۋەتتى. ئۇلارغا ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش سالدۇردۇم، ئىچى- تېشىنى ئاجايىپ نەقىشلەتتىم. مەڭگۈ تاش تىكلەتتىم، كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى ئويدۇردۇم ...


(ئون بەشىنچى قۇر) ئون ئوق ئەۋلادلىرىمدىن يات ئورۇقلىرىغىچە، بۇنى كۆرۈپ بېقىڭلار! مەڭگۈ تاش ياساتتۇردۇم ... ... سۆزلۈرىمنى ئويدۇردۇم ... ئۇ تاش قۇرۇلۇش ...


(غەربىي جەنۇپ تەرىپى) بىلگە قاغان مەڭگۈ تاش تېكىستىنى مەنكى يوللۇغ (yolugh) تېگىن يازدىم. بۇنچە كۆپ قۇرۇلۇش، نەقىش، ۋە سەنئەت بۇيۇمىنى بىلگە قاغاننىڭ جيەن ئوغلى مەنكى يوللۇغ تېگىن بىر ئاي تۆت كۈن ئولتۇرۇپ يېزىپ چىقتىم، زىننەتلىدىم ... ....


(شەرقىي جەنۇبىي تەرىپى) كۆك ئۆڭ (Öng)نى بويلاپ يۈرۈشقىلىپ، كېچە- كۈندۈزلەپ [مېڭىپ] يەتتە- كېچە- كۈندۈزدە مەن سۇسىز [چۆللەرنى ] كېسىپ ئۆتۈپ، چوراق (čoraq) غا يېتىپ باردىم. تاكى كەچىن (kačin) گە ... ...


(غەرب تەرىپى)


(بىرىنچى قۇر) ... ... ئۈستىدە


(ئىككىنچى قۇر) بىلگە قاغان قازا تاپتى ... ...


(ئۈچىنچى قۇر) مەن ياز بولسا ئۈستىمىزدىكى تەڭرى


(تۆتىنچى قۇر) دۇمبىغى گۈلدۈرلىگەندەك


(بەشىنچى قۇر) تاغدىكى بۇغىلار ۋارقىرىغاندەك ھەسرەت چەكتىم.


(ئالتىنچى قۇر) ئاتام قاغاننىڭ تېشىنى ئۆزۈم


(يەتتىنچى قۇر) ئورناتتىم.


خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىزاھاتى: بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر جايدىن تېپىلغان، ھازىرمۇ ئۆز ئورنىدا، قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا ھەم خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلغان، چوڭ مەرمەر تاشتىن ياسالغان بولۇپ، جەمئىي 80 قۇر خەت بار. مىلادى 735- يىلى ئورنىتىلغان.


بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ تېكىستى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارنى، تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى بىلەن كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىدىكى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىزاھىدا كۆرسىتىلگەن پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدىن كۆرۈڭ.


(4) ئۆنگىن مەڭگۈ تېشى


(ئالدى تەرىپى)


(بىرىنچى قۇر) ئەجدادىمىز يامى (بۇمىن؟) قاغان قۇدرىتىنى تۆت ئەتراپقا تاراتقان ئىكەن. ئۇ قاغان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئېلى يوقۇلۇپتۇ ... ...


(ئىككىنچى قۇر) [تۈرك خەلقى] قاغان ئاتالغان قاغانىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ. تۈرك خەلق ئىلگىرى شەرقتە كۈن چىقىشتىن، غەربتە تاكى كۈن پېتىشقىچە، شىمالدا تاكى تاغ- ئورمانلارغىچە بولغان [مۇشۇنداق كەڭ جايلارنى] بويسۇندۇرغانىكەن.


(ئۈچۈنچى قۇر) [ھەمدە] باتۇر ئادەملىرىنى بالبال قىلىپ تىكلىدى. [لېكىن كېيىن] تۈرك خەلقىنىڭ نام ئابرويى كۈندىن- كۈنگە يوقالدى. [ئاندىن كېيىن] ئۈستىدىكى تەڭرى: تۈرك خەلقى يوقالمىسۇن ... ... دەپتۇ.


(تۆتىنچى قۇر) مەن قاپاغان (kapaghan)، ئېلتەرىش قاغانلارنىڭ ئېلىدە ئۆسۈپ چوڭ بولدۇم، بىز ئەلئەتمىش يابغۇنىڭ ئوغلى [ۋە] ئىشپارا تامغان چور (iŠbara tamghančur) ياپغۇنىڭ ئىنىسى، مەن بىلگە ئىشپارا تامغان تارقان (tamghan tarqan bilga iŠbara) ئاتام مەرتىۋىلىك ... ... ئەلئەتمىش


(بەشىنچى قۇر) ئۇ چاغدا تابغاچنىڭ شىمالىدا، ئاتىغ بىلەن ئوغۇزلارنىڭ ئارىسىدا يەتتە ئادەم [بىزگە] دۈشمەن بولدى. ئاتام ... تەڭرىكەن تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈچىنى بارلىقىنى ئايىماپتۇ ... ...


(ئالتىنچى قۇر) تەڭرىكەن ئۈچۈن بارلىقىنى ئايىمىغاچقا، [ئاتامغا] شاد (Šad) نامى بېرىلىپتۇ. ئۇ ۋاقىتتا توققۇز ئوغۇزلار بىلەن ئاتىغلار [بىزنىڭ] دۈشمىنىمىز بولدى. ئۇلار ناھايتى كۈچلۈك ئىكەن. تەڭرىكەن [ئۇلارغا] يۈرۈش قىلىشقا ئاتلىنىپتۇ.


(يەتتىنچى قۇر) ئۇ چاغدا [ئاتام] سەن بىزنى ئەھۋالى قىيىن، ئادىمى ئاز، [ئۇلارنىڭ] ئادىمى كۆپ دېمە، [شۇنداق بولسىمۇ] [بىزنىڭ ئادەملىرىمىز باتۇر] بولغانلىقتىن، ئۇلارغا تېگىش قىلايلى دەپتۇ. بەگلەرگە: بىز ئادىمىمىزنىڭ ئازلىقىدىن ئۇلاردىن قوقۇپ قالاتتىقمۇ دەپتۇ ... ...


(سەككىزىنچى قۇر) ئاتام شاد يەنە مۇنداق دەپتۇ: تەڭرىكەننىڭ تۇغى تۇغلۇق بولسۇن، تۈرك خەلقى بەختسىزلىككە ئۇچرىمىسۇن! ...


(ئوڭ تەرىپى)


(توققۇزىنچى قۇر) مەن قامىل (qamil) شەھىرىگە تەگدىم، ئەنتىمنى ئالدىم، ئىشغال قىلدىم، ئۇلارنىڭ قوشۇنى كەلدى. خەلقىنى يەڭدىم، بىراق بەگلىرى قاچقى، مەن ... تابغاچ خەلقىنى ... يەڭدىم ... ...


(ئونىنچى قۇر) كەلدۇق، ئىككىسىنىڭ ئارىسىغىچە، ئاتىغ (atig) لار [بىزگە] دۈشمەن بولدى. [دەسلەپتە] ئۇلارغا تەگمەي دەپ ئويلىدىم. تەڭرى بىلگە قاغاننى ئويلاپ، بارلىقىمنى، كۈچۈمنى بەردىم، ئۇلار [بىزگە] تەگكەنلىكى ئۈچۈن [ئۇلارغا] زەربە بەردىم. تەگكەندىن كېيىن،


(ئون بىرىنچى قۇر) ئۆيگە قايتىپ، ئىنىم بىلەن ئوغلۇمغا مۇنداق نەسىھەت قىلدىم: بىزنىڭ ئاتىمىز ئەزەلدىن ئېلتىرىش قاغاندىن ئايرىلغان ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەن ئەمەس. بىزمۇ تەڭرى بىلگە قاغاندىن ئايرىلمايلى ۋە يۈز ئۆرىمەيلى دەپ ئاشۇنداق دېدىم. كېتىدىغانلار كەتتى، بىلگە قاغاننىڭ خەلقى ... ... باردى. بىلگە قاغاننىڭ نام ئابرويى ئۈچۈن ئايىمىدى.


(ئون ئىككىنچى قۇر) ئۈستىكى تەڭرى قاغان قوي يىلى (بۇنى تالات تېكىننىڭ تەرجىمىسى بويىچە ئالدۇق، ئىلگىركىلەرنىڭ ھەممىسى "ئەجدىھا" يىلى دەپ ئاتالغان) نىڭ 7- ئېيىدا بىز كۈچلۈك، باتۇر قاغانىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق، مېھرىبان بىلگە ئاتامدىن، دەپنە- مۇراسىمىڭىزنى ئۆتكۈزدۈم، مۇقەددەس يەر- سۇغا كىرەتتى ... ...


(ئوڭ تەرەپنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان خەت)


(ئون ئۈچۈنچى قۇر) ئاتامغا تاش پۈتۈك


(ئون تۆتىنچى قۇر) ئورناتتىم. بۇ مەڭگۈ تاشقا خەت


(ئون بەشىنچى قۇر) پۈتتۈم.


(ئون ئالتىنچى قۇر) بىلگە ئاتام.


(ئون يەتتىنچى قۇر) ئەجدىھا يىلى (؟) [بۇ مەڭگۈ تاشقا] خەت پۈتتۈم،


(ئون سەككىزىنچى قۇر) نام شۆھرىتى تۆت ئەتراپقا تارالسۇن دەپ، مەدھىيە ئوقۇدۇم.


(ئون توققۇزىنچى قۇر) ياخشى خان(؟)


تاش بالبالنىڭ ئۈستىدىكى خەت


(يىگىرمىنچى قۇر) [بۇ] ئىشپارا تارقاننىڭ بالبالى.


خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىزاھى:


ئۆنگىن مەڭگۈ تېشى 1891- يىلى يادرىنتوىسېۋ تەرىپىدىن ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى قۇشۇ سايدامنىڭ جەنۇبىدىن 180 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۆنگىن دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى ئەتراپىدىن تېپىلغان، ھازىرمۇ ئەسلىدىكى ئورنىدا، مەڭگۈ تاشتىكى يېزىقلار مەڭگۈ تاشنىڭ ئىككى يان تەرىپى بىلەن بىر دانە تاش بالبالنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان، جەمئىي 20 قۇر خەت بار، تەخمىنەن مىلادى 731- يىلى ئەتراپىدا ئورنىتىلغان.


مەڭگۈ تاشنىڭ رەسىملەر مۇندەرىجىسى ۋە بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار:


1. رادىلوفنىڭ رەسىملەر مۇندەرىسىجىسى 1-5- بەت.


2. رادىلوف «موڭغۇلىيىدىكى قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاش تېكىستلىرى»7- 11- بەتلەر.


3. ئورخۇن «قەدىمكى تۈرك يادىكارلىقلىرى»1، 128- 132 Ⅲ؛ 216-، 217- بەتلەر


4. مالوۋ «موڭغۇل ۋە قىرغىزىيدىكى قەدىمكى تۈرك يادىكارلىقلىرى»


5. G.Clauson: The Ongin lnscription, JRAS,1957 P. 177-192


6. ئونگاۋ خېدىمى «ئۆنگىن مەڭگۈ تېشىنىڭ  تەرجىمىسىگە ئىزاھ»، «دوكتور تورۇنى خاتىرىلەش شەرقىي ئوكيان تارىخى مەجمۇئەسى» گە بېسىلغان، 341-، 447- بەت.


(5) كولىچۇر مەڭگۈ تېشى


(غەرب تەرىپى)


(بىرىنچى قۇر) بولغاچقا... ... [ئۇنىڭغا] سىقان تۇنيۇقۇق (ciqan tonyuquq) دېگەن نام بېرىلگەنىدى... ....


(ئىككىنچى قۇر) دەل ... چاغدا [شۇنىڭدەك] مەرتىۋىسى ئۆستى. [بۇنىڭ بىلەن] ئۇ ئىشپارا سىقان كۆلىچۇر (ciqan kuličor) دەپ ئاتالدى ... ...


(ئۈچۈنچى قۇر) [ئېلتىرىش] قاغاننىڭ ئېلىدە ياشاپ ھەمدە [ئىزچىل] ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا سادىق بولۇپ كەلگەن نام شۆھرىتى يۇقىرى كۆلىچۇر سەكسەن يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى... ...


(تۆتىنچى قۇر) ئۇ دائىم بوز ئېتىنى مىنەتتى، ئۇنىڭ، ئىگىنى (تۇرقى؟) بىلەن پەزىلىتىگە كىشلەر مەدھىيلەر ئوقۇيتتى. ئۇ تۈرك خەلقى ئۈچۈن ... ...


(بەشىنچى قۇر) لار ... ... [بىز بىلەن] دۈشمەنلەشكەندە .. ...


[كۆلىچۇر] ئۆلتۈردى ... ... ھەمدە ئۇنىڭ خاتۇنى بىلەن ئوغلىنى قولغا چۈشۈردى ... ...


(ئالتىنچى قۇر)  ئۇ ئاز خەلقىنىڭ زېمىنىنى بويسۇندۇردى ... كۆلىچۇر، تۈرك خەلقى ۋە بەگلىرى ... ...


(يەتتىنچى قۇر) دانا، باتۇر ۋە نام ئاتىقى يۇقىرى بولغانلىقتىن ئۇ


(سەككىزىنچى قۇر) ئىشپارا بىلگە كۇلىچۇر [نامىغا] ئېرىشتى.


(توققۇزىنچى قۇر) ئۇ بىلەن ... ئۇرۇش قىلغان ۋاقتىدا، شىكار قىلغاندا خۇددىي بۈركۈتتەك ... ...


(ئونىنچى قۇر) ئۇ ... ... چېپىپ تاشلىدى، ئۇ كەچىن زېمىندىا تۈمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلدى، كۇلى چۇر بېسىپ كىردى ھەمدە ئۇلارنىڭ قوشۇنىنى ...


(ئون بىرىنچى قۇر) ... ئالتە ... ... بېشبالىقتىكى تۆت قېتىملىق ئۇرۇشتا، كۇلىچۇر [دۈشمەنلەرنى] پاتپاراق قىلىۋەتتى.


(ئون ئىككىنچى قۇر) ئۇ تابغاچلار بىلەن بولغان كۆپ قېتىملىق ئۇرۇشلاردا باتۇرلۇق، قەيسەرلىك كۆرسەتكەچكە نام شۆھىتى چىقتى.


(شەرق تەرىپى)


(ئون ئۈچۈنچى قۇر) ... ... (ئىشپارا بىلگە كۈلىچۇر) ئۇنىڭ خاتۇنى بىلەن قىزىنى ئەسىرگە ئالدى ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلدى.


(ئون ئۈچۈنچى قۇر) ... ... (ئىشپارا بىلگە كۇلىچۇر) ئۇنىڭ خاتۇنى بىلەن قىزىنى ئەسىرگە ئالدى ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلدى.


(ئون تۆتىنچى قۇر) ئىشپارا بىلگە چور تاردۇش خەلقىنى باشقۇردى ...


(ئون بەشىنچى قۇر) ئۇ ئۆزىنىڭ ... ئىتىنى مېنىپ، ئۈچ ئەرگە [نەيزە] سانچىدى ... ... ئۇرۇشتا كۇلىچۇر ئۆزىنىڭ چىلان تۇرۇق ئېتىنى مىنىپ (بۇسۇپ كىردى) ... ...


(ئون ئالتىنچى قۇر) ... ... ئۇ يەردىن غەربتە يىنچۇ دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈپ تاكى تۆمۈر [قاپقا] بىلەن تەزىك (tazik) گىچە باردى. ئۇ توققۇز ئوغۇزلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان يەتتە قېتىملىق ئۇرۇشتا


(ئون يەتتىنچى قۇر) (قان؟) تۆكتى. قىتان، تاتابىلار بىلەن بولغان بەش قېتىملىق ئۇرۇشتا كۇلىچۇر قاغاننىڭ مەسلىھەتچىسى، قوماندانى ۋە باتۇرى بولغانىدى.


(ئون سەككىزىنچى قۇر) ... ... كۇلىچۇر يەتتە ياش چېغىدا ... ئۇ ... ئۇ ... ياش ۋاقىتدا [دۈشمەننىڭ] توققۇز باتۇرىنى چېپىپ ئۆلتۈردى. قارلۇقلار [بىز] بىلەن دۈشمەن بولغاندا، ئۇ ئاتىز (atiz)لارنىڭ زىمىنىدا ئىدى.


(ئون توققۇزىنچى قۇر) ... ... دىن كېيىن بىلگە كۇلىچۇر يەنە قارلۇقلاغا [يۈرۈش قىلدى]، ئۇ ئۆزىنىڭ ... ... ئېتىنى مىنىپ، [دۈشمەننىڭ قوشۇنىنى] تارمار قىلدى... ...


(يىگىرمىنچى قۇر) ئۇ داۋاملىق زەربە بەردى ... ئۇ قارلۇقلارغا كەڭچىلىك قىلدى، ئۇلارنى يوقاتمىدى، ئۇ قارلۇقلارغا ... ... بىراق ئۇلار ئۇرۇشنى يۈرتلىرىغىچە سۆرەپ باردى. قارلۇقلار قوزغىلىپتۇ.


(يىگىرمە بىرىنچى قۇر) ئاشۇ قېتىم قارلۇقلار ئۇنىڭ تورۇق ئېتىنىڭ پۇتىنى ئۈزۈەتتى، قارلۇقلار ... ... ئۇلارنىڭ ئېلتەبىرى كەلدى، سىرئېركىننىڭ ئوغلى يىغان چۇرمۇ كەلدى.


(يىگىرمە ئىككىنچى قۇر) ئۇ ... ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېلىنى ئالدى، ئوغلى بىلەن خاتۇنىنى ئەسىرگە ئالدى. شۇڭا ئىشپارا بىلگە كۆل چور [ئاتىنىپ] ... ...


(يىگىرمە ئۈچۈنچى قۇر) ... ... ئۇنىڭ ھاياتى مۇشۇنداق ئۆتتى. ئۇ تەنھا ئۆزى دۈشمەن قوشۇنىغا بېسىپ كىرىپ [بەختسىزلەرچە] ھالاك بولدى.


(يىگىرمە تۆتىنچى قۇر) ... ... قاغاننىڭ ئىنىسى ياك (yak)چورتېگىن [ۋە ئۇنىڭ بىلەن تۆت نەپەر] تېگىن ئىشپارا بىلگە كۇلىچۇرنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا كەلدى. [ئۇنىڭغا ئاتاپ] سۈرەت سىزدۇرۇپ، [مەڭگۈ تاش] تىكلىدى.


(يىگىرمە بەشىنچى قۇر) ئۇ ... ... غا ئېرىشكەنىدى، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئاتلىرى بار ئىدى.


(جەنۇپ تەرىپى)


(يىگىرمە ئالتىنچى قۇر) ... ... ياك تىگىن كەلدى ... ...چۇرنىيڭ ئوغلى يىغان چورمۇ كەلدى ... ...


(يىگىرمە يەتتىنچى قۇر) ... ... ئۇنىڭغا ... ... مۇشۇنداق كۆپ خەلق يىغىلىپ ماتەم تۇتتى. [مەڭگۈ تاش تېكىستىنى] مەن پۈتتۈم.


(يىگىرمە سەككىزىنچى قۇر) مېنىڭ ... ... بىلىمىم چوڭقۇر بولمىسىمۇ، پۈتۈن بىلىمىمنى ئىشقا سېلىپ [بۇ مەڭگۈ تاشنى] پۈتتۈم.


(يىگىرمە توققۇزىنچى قۇر) ئاھ دەردىما!... ...


خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىزاھى:


كۇچۇر مەڭگۈ تېشى 1912- يىلى پولشا ئالىمى كوتۋېزىچ تەرىپىدىن ھازىرقى موڭغۇلىيىدىكى ئۇلانباتۇردىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى ئىخى خوشۇتۇ دېگەن جايدىن تېپىلغان. مەڭگۈ تاش ھازىرمۇ ئەسلىدىكى ئورنىدا، مەڭگۈ تاش تېكىستى مەڭگۈ تاشنىڭ تۆت تەرىپىگە ئويۇلغان، جەمئىي 29 قۇر خەت بار، كۆپ قىسىمى بۇزۇلۇپ كەتكەن، مىلادىيە 721- يىلى (؟) ئورنىتىلغان.


رەسىملەر مۇندەرىجىسى ۋە بۇ مەڭگۈ تاش توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار:


W.Kot wicz et A. Samoil owitch,le monn ment turc d lkhe- khuchtu en Mongo lie centrale, Ro, Ⅳ,1928. PP. 60-107


2. ئورخۇن «قەدىمكى تۈرك يادىكارلىقلىرى» 133-، 151- بەت


3. مالوۋ «موڭغۇل ۋە قرغىزىيىدىكى قەدىمكى تۈرك يادىكارلىقلىرى» 25- 30- بەت.


4. تالات تېگىن «ئورقۇن تۈرك تىلى گرامماتىكىسى» 257- 258-؛ 293-، 295- بەتلەر


(6) بايانچۇر مەڭگۈ تېشى (ئۇيغۇر)


خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ چۈشەندۈرىشى


بۇ مەڭگۈ تاشنى 1909- يىلى فىنلاندىيە ئالىمى رامستېد (G.T. Ramsted) ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى شىمالىدىكى سېلىنگا دەرياسى بىلەن شىنە ئۇسۇ (xine-usu) كۆلىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆرگۈتۇدىن تاپقان. بۇ مەڭگۈ تاش تەخمىنەن 759-يىلى ئورنىتىلغان، جەمئىي 50 قۇر خەت بار، كۆپ قىسىمى بۇزۇلۇپ كەتكەن.


فوتو نۇسخىسى ۋە بۇ مەڭگۈ تاش توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار:


Ramstedt, G.J.:Zwei uigurische Runenins schriften inder Nord- Mongolei, JSOu, ⅩⅩⅩ, 3, 1913


(موڭگۇلىيىنىڭ  شىمالىدىن تېپىلغان ئۇيغۇرلار ئائىت رونىك يېزىقىدىكى ئىككى پارچە مەڭگۈ تاش).


S.E.Malov: Pamyat niki Drevnet yurksoy Pis" menos ti


Mongolii I kirgizii.  M.L.1959,str.30-44


(موڭغۇل ۋە قىرغىزىيىدىكى قەدىمكى تۈرك يادىكارلىقلىرى)،


H.NOrkun : Eski turk yazit lari l.s. 114-185


(قەدىمكى تۈرك يادىكارلىقلىرى)


بايانچۇر مەڭگۈ تېشىنىڭ تەرجىمىسى


(شىمالىي تەرىپى)


(بىرىنچى قۇر) تەڭرىدىن بولغان ئەلئەتمىش بىلگە قاغان  ...  تۆلىس...


(ئىككىنچى قۇر) ئۆتۈكەن ئەتراپى ئېلى ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا  ئولتۇرىدىكەن، سۈيى سېلىنگا [دەرياسى] ئىكەن، ئۇ يەردە قالغان خەلق ... ...


(ئۈچۈنچى قۇر) ئون ئۇيغۇر ۋە توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ئۇستىدە يۈز يىل ئولتۇرۇپ ... ... ئورقۇن دەرياسى ... ...


(تۆتىنچى قۇر) ئەللىك يىل ئولتۇرغانىكەن ... ... تۈرك ئېلىگە يىگىرمە ئالتە يېشىمدا ... ... ئۇ چاغدا بويلا ... ...


(بەشىنچى قۇر) ئۇلار [ئۇ جايدىن] قايتىپ كەلدى، توققۇز ئوغۇز خەلقنى تېرىپ يىغىپ ئالدىم. ئاتام كۆل بىلگە قاغان ... ...


(ئالتىنچى قۇر) قوشۇن بىلەن ئاتلاندى، مېنى مىڭبېشى قىلىپ ئەۋەتتى، ئالدى (شەرق) تەرەپكە بېرىپ كەيرە (kgyra) نىڭ شەرقىدىن يانغىچە ... ...


(يەتتىنچى قۇر) ... بويسۇندۇرۇپ يەنە يۈرۈش قىلدىم. كەيرى بېشىدا (ياكى تاغ چوققىسى؟) ياكى ئۇچ بۈركۈ (bÜrkÜ) دېگەن جايدا قاغاننىڭ قوشۇنى بىلەن قوشۇلدۇم. ئۇ يەر ... ...


(سەككىزىنچى قۇر) قوغلىدىم. ئۇلار قارا قۇمدىن ئۆتۈپ كۆگۈر (kogur) دە، كۆمۈر تاغ (komur tagh) دا يار (yar) دەرياسىدا ئۈچ تۇغلۇق تۈرك خەلقى ... ...


(توققۇزىنچى قۇر) ئۇزمىش تېگىن (ozmiŠ tigin)قاغان بولۇپتۇ، قوي يىلى (يەنى 743- يىلى) دا مەن يۈرۈش قىلدىم. ئىككىنچى قېتىمقى ئۇرۇشنى بىرىنچى ئاينىڭ ئالتىنچى كۈنى قىلىپ، ئۇزمىش تېگىننى ... ...


(ئونىنچى قۇر) تۇتتۇم. خانىشىنى ئۇ يەردە قولغا چۈشۈردۈم، تۈرك خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يوقالدى. كېيىن توخۇ يىلى (يەنى 745- يىلى) دا ... ... خەلق ... تۇيۇپ ...


(ئون بىرىنچى قۇر) ئۈچ قارلۇق كۆڭلىدە يامانلىق ئويلاپ قېچىپ كەتتى. غەربتىكى ئون ئوق [خەلقىگە] (يەنى غەربىي تۈركلەرگە) قوشۇلدى.


توڭگۇز يىلى (يەنى 747- يىلى) دا تارمار قىلدىم ... ... تاي بىلگە تۇتۇقنى ... ...


(ئون ئىككىنچى قۇر) يابغۇ دەپ ئاتىدى، كېيىن ئاتام قاغان قازا تاپتى، ئاددىي خەلق قىلىنغان.... .... سانچىدىم ...


(شەرقىي تەرىپى)


(ئون ئۈچۈنچى قۇر) تۇتتۇم ... ... [ئۇ چاغدا] مەن بۈكە گۈك (bÜkagÜk) دېگەن [جايغا] يېتىپ باردىم. كەچقۇرۇن كۈن پاتقاندا ئۇرۇش قىلدىم، ئۇ يەردە سانچىدىم. ئۇلار كۈندۈزى قېچىپ كېتىپ، كېچىسى توپلاندى. بۇكە گۈكتە سەككىز ئوغۇز، توققۇز تاتالارنى قالدۇرمىدۇق. ئىككىنچى كۈنى كۈن چىققاندا،


(ئون تۆتىنچى قۇر) ئۇرۇشتۇم. قۇل دېدەكلىرىم، خەلقىمنى تەڭرى ۋە زېمىن ساقلىدى. ئۇ يەردە [نەيزە] سانچىدىم. گۇناھكار مۆتىۋەرلىرىنى تەڭرى [ماڭا] تۇتۇپ بەردى. لېكىن ئاددىي خەلقنى يوقاتمىدىم. ئۆي- بېساتىنى مال- مۈلكىنى يىلقىلىرىنى بۇلىۋالمىدىم. [ئۇلارنى] جازالىدىم. [لېكىن] ئۇلارنى [بۇرۇنقىدەك ياشاۋېرىشكە] يول قويدۇم. سىلەر ئۆز خەلقىم دېدىم، ماڭا ئەگىشىپ كېلىۋېرىڭلار دېدىم. مەن ئۇلارنى قالدۇرۇپ قويۇپ كەتتىم. ئۇلار كەلمىدى. مەن يەنە


(ئون بەشىنچى قۇر) قوغلىدىم، بۇرغۇ (burghu) دا يېتىشىۋېلىپ زەربە بەردىم. تۆتىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى [كۈنى] ئۇرۇشتۇم. شۇ يەردە سانچىدىم، يىلقىلىرىنى، مال- مۈلۈكلىرىنى، قىزلىرىنى، خاتۇنلىرىنى كەلتۈردۈم. بەشىنچى ئايدا ئۇلار ئەگىشىپ كەلدى. سەككىز ئوغۇز، توققۇز تاتارلارنىڭ ھەممىسى كەلسى. سېلىنگا [دەرياسىنىڭ] غەبىي، يىلۇن دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن تارتىپ، شىپ بېشىغىچە قوشۇن ئورۇنلاشتۇردۇم.


(ئون ئالتىنچى قۇر) ئۇلار كەرگۈ، ساقىش ۋە شىپ بېشى ئارقىلىق كەلدى ... ... قوشۇنلارنى سېلىنگا دەرياسىغىچە ئورۇنلاشتۇردۇم. 5- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۇرۇشتۇم. ئۇ يەردە سانچىدىم. [ئۇلارنى] سېلىنگا دەرياسىنىڭ تۆۋىنىدىكى ئوقىننى بويلاپ قېچىپ كەتتى. مەن سېلىنگا دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈپ، داۋاملىق قوغلىدىم. ئۇرۇشتا ئەن ئەرنى قولغا چۈشۈردۇم. [ئۇلارنىڭ بېرىپ مېنىڭ يارلىقىمنى جاكارلاشقا] ئەۋەتىپ:


(ئون يەتتىنچى قۇر) "تاي بىلگە تۇتۇقنىڭ رەزىلىكى تۈپەيلىدىن، بىر ئىككى باشلىقنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن مېنىڭ ئاددىي خەلقىم سىلەر ھالەك بولدۇڭلار. ماڭا بېقىنساڭلار ھالەك بولمايسىلەر" دېدىم. «قايتىدىن ماڭا كۈچ بېرىڭلار" دېدىم. ئىككى ئاي كۈتتۈم، كەلمىدى. سەككىزىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى قوشۇن چىقىرىپ زەربە بېرەي دېدىم. قوشۇن يولغا چىققاندا، بىر ئاتلىق چارلىغۇچى كېلىپ "دۈشمەن كېلىۋاتىدۇ" دېدى. ئۇلار باشلىقى بىلەن دۈشمەنلىك نىيەتتە كەلدى، سەككىزىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى ئاچىغ ئالتىر كۆلىدە قاسۇيدىن ئۆتۈپ ئۇرۇشتۇم. ئۇ يەردە [نەيزە] سانچىدىم. داۋاملىق قوغلاپ زەربە بەردىم. شۇ ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى كەيرە باشى ۋە ئۈچ بىر كۈدە تاتارلار بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدىم، خەلقنىڭ يېرىمى


(ئون توققۇزىنچى قۇر) بويسۇندى، يېرىمى ... ... غا كىردى. ئۇ يەردىن يەنە قايتىپ كەلدىم. ئۆ تۈكەن تېغىدا قىشلىدىم، دۈشمەندىن قۇتۇلۇپ ئەركىن [تۇرمۇش] كەچۈردۈم. ئىككى ئوغلۇمغا يابغۇ، شاد نامىنى بەردىم. ئۇلارنى تاردۇش، تۆلىس خەلقىگە ھۆكۈمران قىلدىم. شۇنداق قىلىپ، يولۋاس يىلى (يەنى 750- يىلى) چىكلەرگە يۈرۈش قىلدىم. ئىككىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كەم دەرياسىدا ئۇرۇش قىلدىم.


(يىگىرمىنچى قۇر) شۇ يىلى ... ... بويسۇندى، ... ... بېشىدا ئاق ئوردىنى ياساتتىم، ئوردا تېمىنى ياساتتىم. يازدا شۇ يەردە يازلىدىم. بەلگەمنى، پۈتۈگۈمنى ئويدۇردۇم. شۇنداق قىلىپ، شۇ يىلى كۈزدە، شەرققە يۈرۈش قىلدىم، تاتارلارنى سوراققا تارتتىم. توشقان يىلى (يەنى 751- يىلى)


(يىگىرمە بىرىنچى قۇر) بەشىنچى ئايغىچە.. ... ئۆتۈكەن تېغىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېڭىز (ingiz) بېشىدا، مۇقەددەس بۇلاق بېشىنىڭ غەربىدە، باش ۋە توقۇش قوشۇلىدىغان جايدا يازلىدىم. ئۇ يەردە ئوردا سالدۇردۇم، ئوردا تېمى ياساتتىم. مەن مىڭ يىللىق تۈمەن كۈنلۈك (يەنەى مۈڭگۈلۈك) پۈتۈك ۋە بەلگەمنى يېسى تاشقا يازدۇردۇم، مۇستەھكەم تاشقا ئويدۇردۇم.


(يىگىرمە ئىككىنچى قۇر) توققۇز ئوغۇز ... ... بەگلىرى كەلدى ... ... دۈشمەنلەشتى. ئۆگۈنبەگ ۋە قارا بۇلۇقتا تۇرۇشلۇق قىرغىزلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، "سىلەر قوشۇن تارتىپ چىقىرىڭلار، چىكلارنىمۇ چىقىرىڭلار" دەپتۇ. "دىققەت قىلىڭلار، ئورمانلىقتا


(يىگىرمە ئۈچۈنچى قۇر) ئۇچرىشايلى" دەپتۇ. ئۆتۈكەن ... ... دەپتۇ ... ... توققۇزىنچى كۈنى قوشۇن چىقاردىم. ئىتتىپاقچىلىرىنىڭ بېرىگە ئاز ساندىكى ئادەملەرنى ئەۋەتتىم. "سىلەر پەخەس بولۇڭلار" دېدىم. قىرغىز خانى كۆگمەن [تېغى]


(يىگىرمە تۆتىنچى قۇر) ئىچىدىكى چېدىردا ئىكەن، ئاتلىق پايلاقچىسىنى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭكىگە ئەۋەتىپتۇ، [لېكىن] مېنىڭ ئادەملىرىم يېڭىپ، تىل قىلىپ تۇتۇپتۇ. ئۇ (تۇتۇلغان تىل):


(جەنۇپ تەرىپى)


(يىگىرمە بەشىنچى قۇر) قاغانغا ئىتتىپاقداشلىرى كەلدى. [لېكىن] قارلۇقلار كەلمىدى دەپتۇ. قارلۇقلار كەم (دەرياسى) ... ... ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئارقار باش دېگەن يېرىنى مۇز قاپلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئارقامىشنىڭ تۆۋەن يېنىدىن سال سېلىپ ئۆتتۈم. ئون بىرىنچى ئاينىڭ ئون سەككىزىدە [ئۇلارغا] ئۇچرىدىم، بولچۆ (bolču) [دېگەن جايدا] ئۈچ قارلۇقلارنى


(يىگىرمە ئالتىنچى قۇر) مەغلۇپ قىلدىم. ئۇ يەردىن قايتىپ كەلدىم، مېنىڭ مىڭ ئادىمىم چىك خەلقىنى سۈرۈپ كەلدى ... ... سىز بېشىدىكى پاسىلىم ئىچىدە [ئۆيۈمدە] يازلىدىم. ئۇ يەردە تەڭرىگە تاۋاپ قىلدىم. چىك خەلقىگە تۇتۇق ئەۋەتتىم ۋە ئىشپارا ھەم تارقانلارنى ئەۋەتتىم ... ... ئەر كەلدى. قازلۇق (qazluq) كۆلىدە


(يىگىرمە يەتتىنچى قۇر) ئۇلار [تاغدا] دۈشمەن ... ... دەپ چۇقان سېلىپ كەلدى. ئون بەشىنچى كۈنى ... ... تايغان (tayghan) كۆلىدە [قوشۇنلارنى] توپلىدىم. ئالدىن يۈرەر قىسىملىرىنى ئەۋەتتىم. ئەرلەر كەلدى، قارا بوتالىقتىن ئۆتۈپ [دۈشمەننى كېلىشكە] مەجبۇر قىلدى. مەن ئالدىدا يۈرۈش قىلدىم ... ... بولدى. ئۇ [باسمىللاردىن بولغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ] قارلۇقلارغا


(يىگىرمە سەككىزىنچى قۇر) ئادەم ئەۋەتىپتۇ. "ئىچكى ۋە سىرتتىن قاپسايلى" دەپتۇ. بامىلار [بىز بىلەن] دۈشمەنلىشىپ، تۇرالغۇيىمغا بېسىپ كەلدى. ئۇلارنى بويسۇندۇرالمىدىم، سىرتتا ئۈچ قارلۇق، ئۈچ تاتار ... ... تۈرگەش ... ... ئۆتۈكەندە ... مەن


(يىگىرمە توققۇزىنچى قۇر) [ئۇلارغا] زەربە بەردىم. بەشىنچى ئاينىڭ يىگىرمە ئالتىسى سوقۇشتۇم، ئۇ يەردە سانچىدىم. ئىچۇي (ičuy) دەرياسىدىن ئۆتۈپ ... ... كۈن چىققاندا سانچىدىم، ئاندىن كېيىن تۈرگەشلەر قارلۇقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مال- مۈلكىنى بۇلۇۋېلىپ تۇرار جايلىرىغا قايتىپتۇ. مېنىڭ تۇرار جايىمغىمۇ بېرىپتۇ ... ...


(ئوتتۇزىنچى قۇر) ... ... دۈشمەن بولدى ... ... تۇرۇپ يېرىگە باردى. ئۇلارنى قوغلاپ ... ... سەككىزىنچى  ئايدا يولغا چىقتىم. مەن ئۆيۈمنى ئەرسەگۇن (arsagun) دە يۇلار (yula) كۆلى بويىدا ئورۇنلاشتۇردۇم. ئۇ يەردىن قوغلاپ ماڭدىم ... ...


(ئوتتۇز بىرىنچى قۇر) باسمىللارنى قالدۇرۇپ ... ... ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى قارلۇقلارنى ... ... يوغرا (yoghra) تۈزلەڭلىكىدە، ئەسكەرلىرىگە نەيزە سانچىدىم، ئۆيى ئون كۈن ئىلگىرى قېچىپ كېتىپتۇ. ئۇ يەردىن قوشۇنلىرىمنى قايتۇرۇپ كەلدىم ... ...


(ئوتتۇز ئىككىنچى قۇر) ئون بىرىنچى كۈنى ... ... سانچىدىم. مەن ئۆز خەلقىم ئارىسىغا قايتىپ كەلدىم، ئىرلۇن (irlÜn) ۋە تالاقىمىن (talaqimin) دا قوغلاپ يەتتىم. بۇرۇن تابغاچتىكى ئوغۇز ۋە تۈرك خەلقى [ئۇلاردىن ئايرىلىپ] يولغا چىقىپتۇ، ئۇ يەردە قوشۇلدى. ئۇ يەردە بەگلەر ... ...


(ئوتتۇز ئۈچۈنچى قۇر) مېنىڭ قوشۇنۇم ئۈچ ... ... تۇغ ... ... بەش يۈز كىشىلىك تولۇق قوراللانغان پىيادە ئەسكەر بىر ئىككى قېتىم بېسىپ كەلدى. ئۇ چاغدا تەڭرى ۋە يەر دېدەك قوللىرىمنى، خەلقىمنى ساقلىدى. ئۇ يەردە [نەيزە] سانچىدىم.


(ئوتتۇز تۆتىنچى قۇر) ئۇ يەردە خەلقلەر بويسۇندى ... ... قېچىپ قارلۇقلارغا قوشۇلدى. ئۇ يەردىن قايتىپ كېلىپ، ئورقۇن (دەرياسى) بىلەن بالىلىق (baligligh) [دەرياسى] نىڭ قوشۇلۇش جايىدا قاغان ئوردىسى سالدۇردۇم، ئوردىنى ... ...


(ئوتتۇز بەشىنچى قۇر) ئون بىرىنچى ئاينىڭ يىگىرمىسى قارا بۇلاقنىڭ شەرقىدە، سوقاق يولىدا چېگىل (čigil) تۇتۇق ... ...


(ئوتتۇز ئالتىنچى قۇر) توغۇرغۇ [دەرياسىدىن] ئۆتۈپ، [نەيزە] سانچىدىم. قارلۇق، باسمىلار ... ... يىغىلىپ ... ...


(ئوتتۇز يەتتىنچى قۇر) چۈشتۈم ... ... باسمىلغا ... ...


(ئوتتۇز سەككىزىنچى قۇر) ئاپا ... ... توسۇلۇپ قاپتۇ ... ... بىلمەس ... ... ھەممىسى قېچىپ پېتراپ ... ...


(ئوتتۇز توققۇزىنچى قۇر) ... مەن سالدىم. بۇنچە كۆپ پۈتۈكلەرنى ... ... مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىنى يازدۇردۇم.


(غەرب تەرىپى)


(قىرىقىنچى قۇر) كەلدى... ... قارلۇقلار قايتا مۇستەقىل ... ... شۇنداق قىلىپ، سەككىزىنچى ئاينىڭ ئۈچىنچى كۈنى يۈرۈش قىلدىم، قارلۇقلارنىڭ تېرىكلىرىنىڭ ھەممىسى تۈرگەشلەرگە كەلدى. قايتىپ كەتكەندىن كېيىن..


(قىرىق بىرىنچى قۇر) ئونىنچى ئاينىڭ ئىككىسى باردىم ... ...  دېگىنى ئۈچ ... ... زەربە بەردىم. [قايتىپ] كەلدىم. شۇنىڭدىن تارتىپ باسمىل ۋە قارلۇقلار يوقىتىلدى. قوي يىلى (يەنى 755- يىلى) دا


(قىرىق ئىككىنچى قۇر) يازلىدىم ... ... تابغاچ خانى... قاغان بېرىپتۇ. بىرى قىزى، سەككىز ئوغلىنى ئەسىرگە ئالدىم. قايتىپ كەلدىم ... ئىككى [قىسىم] خەلقىنى ئېلىپ ... ئۆتۈكەندە ... زەربە بەردىم ... ... ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ، مىڭدەك ئەسكەرنى (؟) ئەۋەتتىم. بەخت يارىتىدىغان تۇغىنى ... ...


(قىرىق ئۈچۈنچى قۇر) ئۇ يەردە ... ... ... خەلقنى ... ... ئىككىنچى ئاينىڭ ئالتىسى ئۆيۈمگە چۈشتۈم، توخۇ يىلى (يەنى 757- يىلى) دا بېرىپتۇ ... ... يوقىتىپتۇ شۇنداق قىلىپ كەلدى. ئىككى قىزىنى [سوۋغا]


(قىرىق تۆتىنچى قۇر) قىلىپ بەردى ... ... بېرىپتۇ ... ... ... "گېپىڭىزنى يىرماي دېدىم" دېدى. "خاتا ئىش قىلماي" دېدى. [لېكىن] بويسۇنمىدى، ... ... سوغداق ۋە تابغاچلارغا سېلىنگا دەرياسىدا بايبالىقنى سالدۇردۇم.


(قىرىق بەشىنچى قۇر) ... ... [يىگىرمىسى؟] ئۇ يەردىن قايتىپ بېرىپ، ... ... ئۈچ توغنى ... ... بىرلەش ... ... يىگىرمە بىرى ئوردىنى ... يىگىرمە ئۈچى ئۇ يەردە [نەيزە سانچىدىم]. يارىش (yaris) ۋە ئاغۇلىغ (aguligh) ئارىلىقىدا


(قىرىق ئالتىنچى قۇر) ... ... ئۈچ تۈمەن ... ... نەيزىلىگەن يەردە ... ... ئويلاپتۇ ... ... ئىككىنچى  ئاينىڭ ئون ئالتىسى ئۈچ تۇغلۇق


(قىرىق يەتتىنچى قۇر) تۈرك خەلقى ... ... سەككىز ئوغۇز، توققۇز تاتار ... ... خاتۇن جيەنى ئۇز بىلگە ... ...


(قىرىق سەككىزىنچى قۇر) مىڭ يىلقىنى قالدۇرۇپتۇ. بىر تۈمەن قوينى قالدۇرۇپتۇ.


(قىرىق توققۇزىنچى قۇر) ... ...


(ئەللىكىنچى قۇر) [قوشۇن قوماندانى] مەن ... ...


ئېلتەبىر، مەن مىڭ يىلقا، بىر تۈمەن قوينى تۇتتۇم ... ... كەلتۈردۈم... ...


مەنبە: تۈرك تارىخى ناملىق كىتاپتىن


كىتابتىكى مەزمۇنلارنى يېزىش جەريانىدا ئازدۇر ئىملا خاتالىقلىرى ساقلانغان بولىشى مۈمكىن، تۈزىتىپ ئوقارسىلەر


ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-7-20 22:56:31

قىرغىزلادىن ياندۇق دەپ باشلايدىغىنى تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىغۇ دەيمەن\"\"


ئاقسا گۇيكەنتۇق.ئۇرۇشتىن يىڭىلىپ كىلىپ يەنە يۈزى قىزارماي تۇرۇپ پو ئاتىدىغان\"\"

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-7-21 08:37:41

ساقلىۋېلىپ ئالدىرىماي كۆرەي

QAYDU يوللانغان ۋاقتى 2011-7-21 11:32:07

زىيالى چالا ئوقۇپلا ئىنكاس يازمايلى!


قىزغىزلاردىن ياندۇق دېگىنى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئەل قىلىپ يۇرتىمىزغا ياندۇق دېگىنىكەن.

qunchuy يوللانغان ۋاقتى 2011-7-21 15:34:16

كۆپ ئەجىر قىپسىز، بۇ مەڭگۈ تاشلارنى تېخىمۇ كۆپ كىشلىرىمىز بىلسە بولاتتى.ئوتتۇرا مەكتەب دەرسلىكىدە بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار بەكمۇ ئاز.
بەت: [1]
: قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلارنىڭ تەرجىمىسى