NALAN يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 16:14:37

قەغەزگە يېزىلغان تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى ئەسەرلەر

بۇ بىر 143 بەتلىك بىر ئەسەر بولۇپ، بىر مۇئەللىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن تەرجىمە قىلىندى. نەشىر قىلىنسا ئالي مەكتەپلەردىكى بۇ تۈر ئوقۇشلۇقلارنىڭ كەم بولۇش مەسىلىسىنى تولۇقلىشى مەقسەت قىلىندى.


ئەسەرنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەندىن باشقا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ساقلىنىۋاتقان تۈرك-رۇنىك يېزىقى بىلەن قەغەزگە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھازىرقى ساقلىنىش ئەھۋالى، تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى كىتاپخانلارغا سۇنۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېرىق بېتىگنىڭ ترانسىكرىپسىيونى، ئېرىق بېتىگ ھەققىدە تەتقىقات ېلىپ بارغان ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى سېلىشتۇرۇلۇپ، يېڭىدىن ترانسىكرىپسىيون ۋە تەرجىمە قىلىندى.


تۆۋەندە ئەسەرنىڭ كىرىش قىسمىدىن قىسقىچە بېرىلدى. قىزىققۇچىلار بولسا پايدىلانسا بولىدۇ.


ئىزدىنىشتىن باشقا ھەر قانداق يەرگە، ھەر قانداق باھانە بىلەن چاپلاشقا بولمايدۇ.


قەدىمقى تۈركچىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يازما ئەسەرلىرى تۇنيۇقۇق (720-725)ئابىدىلىرى بىلەن ئورخۇن ئابىدىلىرى دەپ ئىككىگە ئايرىلغان كۆلتىگىن(732) ۋە بىلگە خاقان (735) ئابىدىسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بەزى بىر قىسىم تۈركولوگلار چويىر(ياكى چويرەن 688-692؟) ئابىدىسىنىڭ يېزىلغان ۋاقتىنىڭ كۆلتىگىن ۋە تۇنيۇقۇق ئابىدىسىدىنمۇ بالدۇر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 2-تۈرك خاقانلىقى (682-744) دەۋرىدىن قالغان بۇ ئابىدىلەر  قەدىمقى تۈركچە رۇنىك ئېلىپبەسى بىلەن تاشلارغا ئويۇلۇپ يېزىلغان ئىدى. ئىككىنچى تۈرك خاقانلىقىنى يوقىتىپ ئورنىغا ئۇيغۇر خاقانلىقىنى (744-840)قۇرغان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئېلىپبە سېستىمىسىنى قوللانغان. بۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇرلاردىن بىزگە قەدىمقى تۈرك-رۇنىك ئېلىپبەسى بىلەن يېزىلغان ھەم تاشقا ئويۇلغان ئابىدىلەر(شىنە ئۇسۇ ئابىدىسى،759-760)، ھەمدە قەغەزگە يېزىلغان ئەسەرلەر يېتىپ كەلگەن. قەغەزگە يېزىلغان ئەسەرلەر ئاساسىي جەھەتتىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىن تېپىلغان بولغاچقا، بىز بۇ ئەسەرلەرنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا قۇچۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنى(850-1250)   قۇرۇپ، 400 يىلغا يېقىن ھاكىمىيەت سۈرگەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى ۋە بىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز. بىراق، سەمىھ تەزجان ئەپەندىم، "بۇ شىنجاڭدا تېپىلغان، مانى دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان ئۇيغۇرلاردىن قالغان قوليازمىلارنىڭ بىر قىسمى، 762 يىلىدا مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان بولىشىنى مۇمكىن، بۇ ئۇيغۇرلار 849 يىلىدا جەنۇپقا قاراپ كۆچكەندە ئۆزلىرى بىلەن  تارىم ئويمانلىقىغا بىللە ئېلىپ كەلگەن بولىشى مۇمكىن. " دېگەن كۆ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.


ئىملا شەكىللىرىدىن ۋە تىنىش بەلگىلەرنىڭ قوللىنىش ئالاھىدىلىكلىرىدىن مانى دىنى مۇھىتىدا يېزىلغانلىقى ناھايىتى ئېنىق چىقىپ تۇرغان قەدىمقى تۈركچە ئەسەرلەر بىلەن بىرلىكتە، پەرىقلىق دىن مۇھىتلىرىدا يېزىلغان باشقا ئەسەرلەرمۇ بار. مەسىلەن: سەككىز يۈكمەك. بۇ ئەسەر بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قەدىمقى ئۇيغۇرچە بىلەن يېزىلغان بىر دىنىي ئەسەربولۇپ، ئىچىدە يەنە رۇنىك ھەرىپلىرى بىلەن يېزىلغان بىر قۇر بار.


بەزى قەدىمقى تۈرك-رۇنىك ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ  ئارقا تەرەپلىرىدە باشقا ئېلىپبە سېستىمىلىرى  بىلەن يېزىلغان ئەسەر پارچىلىرى ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:  400 ( (T I-a Mainz كاتالوگىدىكى ئەسەر پارچىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئالتە قۇر قەدىمقى تۈرك-رۇنىك ھەرىپلىرى بىلەن يېزىلغان ئەسەر بار بولۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ ئارقا يۈزىدە خەنزۇچە يېزىلغان يەنە بىر ئەسەرنىڭ پارچىسى كۆرۈلمەكتە. بۇندىن باشقا يەنە پۈتۈن ئەسەر بويىچە تىبەتچە، مانىچە،براخمىچە ۋە يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان جۈملىلەربەزىدە ئەسەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا، بەزىدە ئەسەر يېزىلغان قەغەزنىڭ ئارقا تەرەپلىرىدە ئۇچرىماقتا.  رۇنىك ھەرىپلىرى بىلەن قەغەزگە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ تېپىلىشى، ئەسەر پارچىلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئېلىپ چىقىپ كېتىلىشى، بۇ پارچىلارنىڭ ئۇرۇش قاتارلىق خىلمۇ-خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ۋەيران بولىشى، ھازىرغىچە بۇ دۆلەتلەردە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ پارچىلارنىڭ كاتالوگلىنىپ رەتلىنىش ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەردە تۆۋەندە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز:


20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىنگىلىز، گېرمان، ڧرانسۇز، ياپون ۋە رۇس ئالىملىرى شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىدە، تۈرك مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان ماتىرىياللارنى قولغا چۈشۈرگەن. مەسىلەن: ئەنگىلىيەگە ۋاكالىتەن قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان سىتەيىن دۇنخۇاڭدىكى خىلمۇ-خىل قوليازما ۋە رەسىملەرنى ۋاڭ ڧامىلىلىك بىر راھىپتىن سېتىۋالغان  ۋە بۇلارنى لوندۇن دۆلەتلىك مۇزىسىغا توشۇغان. گىرمانىيەلىكلەر ئالبېرىت گرۈنۋەدەل (Albert Grünwedel) ۋە ئالبېرىت ئاۋگۇست ۋون لېكوك (Albert August Von Le Coq)باشچىلىقىدا 1902-يىلى بىلەن 1914-يىللىرى ئارىسىدا توپلام تۆت قېتىم ئېكىسپىدىتسىيە ئېلىپ بارغان. بۇ ئېكىسپىدىتسىيەلەردە گېرمانىيەگە مىڭدىن ئاشقا ئەسەر پارچىسى توشۇپ كېتىلگەن. ئەنگىلىيە ۋە گىرمانىيەدىن باشقا يەنە ياپونىيە، روسىيە، ڧرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ قوليازما ئەسەرلەرنى توشۇپ كەتكەن.


ئۇ زامانلاردا بۇ دۆلەتلەر تەرىپىدىن يۆتكەپ كېتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ كۆپچىلىكى بۈگۈن بىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن. مەسىلەن: لېكوك (Le Coq)نىڭ 1909 يىلىدا spaw ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان " Köktürkisches aus Turfan..." دېگەن   ماقالىىسىدىكى  TM 332 كاتالوگ نومۇرلۇق قوليازما بۈگۈنگە يېتىپ كېلەلمىگەن. شۇنداق بولسىمۇ، لېكوك (Le Coq)نىڭ ماقالىسىدا بۇ قوليازمىنىڭ رەسىمى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك بىر ماتىرىيال ھېساپلىنىدۇ.


بۇ ئەسىرىمىزدە ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزغا ئوخشاش،قەدىمقى تۈركچە رۇنىك ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ كونا ۋە يېڭى كاتالوگ نومۇرلىرى بار بولۇپ، يېڭى كاتالوگ نومۇرلىرى ئەلۋەتتە كونا كاتالوگ سىستىمىسىنىڭ يېتەرسىز قالغان تەرەپلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن قايتىدىن تۈزۈلگەن. مەسىلەن: گىرمانىيەدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن  بۇ ئەسەر پارچىلىرى ئۈچۈن قۇللىنىلغان كاتالوگ ۋە بەزى ئىشارەتلەرنىڭ يېتەرسىزلىكى  ئوتتۇرىغا چقىشقا باشلىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇرۇش جەريانىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بۇ ئەسەرلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش دەرىجىسى ئېنىق ئىستاتىستىكا قىلىنالمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن  ھەر بىر  ئەسەرگە ئايرىم ئىشارەت قويۇش سىستىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.2


قەدىمقى تۈرك-رۇنىك ھەرىپلىرى بىلەن قەغەزگە يېزىلغان بۇ ئەسەرلەر ئۈستىدە مۇشۇنچىلىك توختالغاندىن كېيىن، ئەمدى بۇ ئەسىرىمىز ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن. بۇ ئەسەر ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپماقتا بولۇپ:


1.          قەدىمقى تۈرك-رۇنىك ھەرىپلىرى بىلەن قەغەزگە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىكى


2.          ئىرىق بىتىگ(ئەسەرنىڭ ترانسىكرىپسىيەسى ۋە تەرجىمىسى)


3.          ئىرىق بىتىگدىن باشقا قەدىمقى تۈرك-رۇنىك ھەرىپلىرى بىلەن قەغەزگە يېزىلغان ئەسەرلەر


بۇ قېتىملىق تەتقىقاتىمىزدا ئالدى بىلەن ئەسەرنىڭ تەپسىلى مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ چىقىشقا توغرا كەلدى.  بۇ يەردە  ئوسمان ڧىكرى سەرتكايانىڭ 1985 –يىلىدا ئېلان قىلىنغان " Fragmente in Alttürkischer Runenschrift aus den Turfan-Funden " دېگەن ماقالىسى بىلەن 1990-يىلى ئېلان قىلىنغان "قەغەزگە يېزىلغان كۆكتۈرك ئەسەرلىرى ۋە قەغەزگە يېزىلغان كۆكتۈرۈك ئېلپبەسى"دېگەن ماقالىسى بىزگە يولباشچىلىق رولىنى ئوينىدى. سەرتكايا ئەپەندىمنىڭ بۇ ماقالىسىدىكى مۇندەرىجىلەردىن، ياپونىيەدە ساقلانغان ۋە سېما(2000)تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان كاتالوگ نومۇرلۇق بىر ئەسەر پارچىسى بىلەن ئەنگىلىيەدە ساقلانغان ۋە مورىياسۇ تەرىپىدىن(1997)ئېلان قىلىنغان نۇمۇرلۇق ئەسەر پارچىسىنىمۇ مۇندەرىجىمىزگە قاتتۇق.


بىزنىڭ بۇ تەتقىقاتىمىزدىكى مۇندەرىجىمىزدە، گىرمانىيەدىكى 34 پارچە، ئەنگىلىيەدىكى 13 پارچە، ياپونىيەدىكى 3 پارچە، رۇسىيەدىكى 1 پارچە ۋە ڧرانسىيەدىكى بىر پارچە ئەسەر يەر ئالدى. ئەنگىلىيەدە Or.8212/76 نومۇرلۇق پارچە بىلەن Or. 8212/76    نومۇرلۇق پارچە ئەسلى كاتالوگدىكى ررەت تەرتىپى بىلەن تىزىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەسلىدە ئەنگىلىيەدە كاتالوگ تىزىملىكى بويىچە يەتتە پاچە ئەسەر ساقلانماقتا.


بۇ تەتقىقاتىمىزدا، كىرىش سۆزىنىڭ باش قىسمىدا تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك،  تۈرك-رۇنىك ھەرىپلىرى بىلەن قەغەزگە يېزىلغان ئەسەر ھەقىقىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلار ۋە ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، قولىمىزدا بۇ تەتقىقاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىر سۈرەتنىڭ بار ياكى يوقلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھازىر قولىمىزدا بۇ مۇندەرىجىمىزگە كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سۈرەتلىرى ساقلانماقتا بولۇپ، بۇ رەسىملەر تەتقىقاتىمىزنىڭ ئۈچۈنچى قىسمىدا ھەر بىر ئەسەرگە بېرىلگەن قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن قوشۇپ بېرىلمەكتە.  يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ " Inter­national Dunhuang Project (IDP) ve Vorislamische alttürkische Texte elektronisches Corpus (VATEC) " تەتقىقات تېمىسى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان پۈتۈن تەتقىقاتلار ئىنتېرنېت تورىدا تەڭ ئېلان قىلىنماقتا بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن مۇندەرىجىدىكى ئەسەرلەرنىڭ رەسىملىرىگە، بۇ ئەسەرلەر ھەققىدىكى ئومۇمىي بىلىملەرگە ۋە بەزى ئەسەرلەرنىڭ ترانسىكرىپسىيەسى، تەرجىمىسىگە ئېرىشمەك تېخىمۇ ئاسانلاشتى.(بۇ تەتقىقات تېمىسىنىڭ ئىنتېرنېت ئادىرىسى ئىزاھاتلاردا يەر ئالماقتا).


بۇ تەتقىقات تېمىمىزدا  بېرىلگەن باشقا تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە، پەقەت تۈرك-رۇنىك ھەرىپلىرى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ترانسىكرىپسىيەسى بېرىلگەن بولۇپ، بەزى ئەسەرلەرنىڭ ترانسىكرىپسىيەسىگە بەزى ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلدى. تۈرك-رۇنىك ھەرىپلىرى بىلەن يېزىلغان يېزىلغان ئەسەرلەر ئىچىدە ھەجىم جەھەتتىن ئەڭ چوڭ ۋە ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل بولغان، بۈگۈن ئەنگىلىيەدە ساقلىنىۋاتقان  Or. 8212/161    نومۇرلۇق پال كىتابى "ئىرىق بېتىگ"دۇر. ئەسەر 104 بەت بولۇپ، جەمئىي 809 قۇردىن تەركىپ تاپقان. بۇ ئەسەر ھەققىدە ئەڭ دەسلەپتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان كىشى ۋىليام تومسۇن بولۇپ، 1912 –يىلىدا" Journal of the Royal Asiatic Society "   دېگەن ژورنالدا  " Dr. M. A. Stein"s Manuscripts In Turkish "Runic" Script from Miran and Tun-Huang " دېگەن ماۋزۇ بىلەن ئېلان قىلىنغان.


ئىرىق بېتىگ ھەققىدە 1912-يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇنلىغان ئەسەر ئېلان قىلىنغان، تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان. مارسەل ئەردال (marcel erdal)1977-يىلى ۋە 1997-يىللىرى پەرىقلىق نۇقتىلاردا تۇرۇپ يېزىلغان ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان. بۇ تەتقىقاتىمىزدا، بىز "ئىرىق بېتىگ"نى قايتىدىن ئوقۇپ چىقىش ئارقىلىق ترانسىكرىپسىيىسىنى يېڭىدىن يېزىپ چىقتۇق ۋە تەرجىمە قىلدۇق. ئىرق بېتىگ تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچىلاردىن كلاۋزۇن(clauson1961)، ئەردال(1977 ۋە1997marcel erdal تەكىن (1993ۋە2004tekin) ۋە ياكوۋلەۋ (2004yakovlev) قاتارلىقلار بار.


بۇ ئارىدا ئەسەردە قوللانغان پەرىقلىق تىرناق بەلگىلىرى( ""  «» “”) ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم. "ئىرق بېتىگ"دە ۋەقەلىك بايان قىلىنغاندىن كېيىن كەلگەن «.....تەر»(دەيدۇ) سۆزى ھەققىدە تومسۇن(1912)يىلىدا يېزىلغان ماقالىسىنىڭ ئىزاھات قىسمىدا مۇنداق چۈشەندۈرگەن: " تىر"  سۆزىنى"دىيىلىدۇ" ياكى "ئۇلار دەيدۇ" شەكلىدە ئىپادىلىگەندە بۇ سۆزنى دىگەن كىشىنىڭ ئاپتۇر ياكى شۇ ۋەقەلىكتىكى پىرسۇناژلىقىنى ئايرىماق تەس. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن تەرجىمەم جەريانىدا بۇ سۆزنى ئاتلاپ ئۆتتۈم."


ئەسلىدە بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئىرق بېتىگدە بىردىن كۆپ بايان قىلغۇچى بولۇپ، ئەسەردە بايان قىلىنغان ۋەقەلىكلەرنى سېمانتىلىكلىق بىر پۈتۈنلۈكنىڭ ئىچىدە چۈشىنىش بىر قەدەر قىيىن بولۇپلا قالماستىن، ئىچ-ئىچىگە جىپسىلەشكەن بايان قىلىش شەكلى  بىزنىڭ ۋەقەلىكنى چۈشىنىشىمىزنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ.



67 پاراگراڧتىن تەركىپ تاپقان ئىرق بېتىگنىڭ ھەر بىر پاراگراڧى بىر پالنىڭ سېلىنىشىنى ئاساس قىلماقتا. پاراگراڧلاردا ئالدى بىلەن پالنىڭ ۋەقەلىكى بايان قىلىنىدۇ، ھەر بىر پالدا نېمىلەرنىڭ بايان قىلىنغانلىقى"....تەر"دەيدۇ، دېيىلىدۇ" شەكلىدە بايان قىلىنماقتا. بىز بۇ ئەسەردە پالچىنىڭ سۆزىنى ياكى پالنىڭ بايان قىلىنغان قىسمىنىى «» بىلەن ئىپادىلىدۇق.   "....تەر"( دەيدۇ دېيىلىدۇ) شەكلىدىكى بايان قىلىش ئۇسۇلىنى "(پالدا شۇنداق) دېيىلىدۇ" شەكلىدە تەرجىمە قىلدۇق.


ئىككىنچىسى، پالدا بايان قىلىنغان ۋەقەلەر ئىچىدە تىلغان ئېلىنغان جانلىقلارنىڭ  (بۈركۈت، قىرغاۋۇل، يىلان) پاراڭلىرىنى “” بىلەن ئايرىپ كۆرسەتتۇق. ئۈچۈنچىسى، "" تىرناق ئىشارىتى بىلەن پالنىڭ ئاخىرىدىكى، پالنىڭ ياخشى ياكى يامان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان قىسمىنى كۆرسەتتۇق. مەسىلەن: "شۇنداق بىلىڭلار: (بۇ پال) ياخشىلىقتۇر."


" " تىرناق ئىشارىتى بىلەن  ۋەقەلىكنى بايان قىلغان كىشى ئەسلىدە پال كىتابىنى باشتىن-ئاياق بايان قىلغان كىشىنىڭ ئۆزىدۇر. بۇ كىشى  ئەڭ ئاخىرقى پاراگراڧتا كىتاپنى " ئەمدى قەدىرلىك بالىلىرىم! مۇشۇنداق دەپ بىلىڭلار:


بۇ پال كىتابى ياخشىدۇر. لېكىن ھەر بىر كىشى ئۆز تەقدىرىنىڭ ئىگىسىدۇر" دەپ ئاخىرلاشتۇرغان ۋە  ئۆزىنى"...تايگۈنتام مۇناستىرىدىكى راھىب" دەپ تونۇشتۇرغان كىشىدۇر.


ئاخىرىدا، ئىرق بېتىگنىڭ رۇنىك ھەرىپلىرى بىلەن يېزىلغان پارچىسىدا ئۇچرىغان بەزى خاتالىقلارنى ئەسەرنىڭ راۋانلىقىنى بۇزۇپ قويمىسۇن دەپ بۇ يەردە كۆرسەتمىدۇق. تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن ئەسەردە رەتلەپ چىقىلغان، يېزىشتا خاتالىقلار كۆرۈلگەن سۆزلۈكلەر بېرىلدى.

gunes يوللانغان ۋاقتى 2011-7-20 16:36:18

qunchuyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ھەققتىكى تەتقىقات كىتاپلىرى چەتئەلدە ناھايتى كۆپ، ئۆزىمىزنىڭ  بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ئەسىرى ئاللاھ خالىسا كىلەر يىلى يورۇقلۇققا چىقىشى مۇمكىن.



كېلەر يىلى چىقىدىغان تەتقىقات ئەسىرى ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىقراق ئۇچۇر بېرەلەمسىز؟ كىملەر تەرىپىدىن، قايسى تېما تەتقىق قىلىندى؟ بۇ ئىش ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى. رەھمەت!

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 20:33:24

بۇ بەك ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ. ئەسلى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىدىلا ئازراق ئۈگىنىۋالىدىغان ئىش ئىدى مۇشۇ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 22:52:49

يۈگرۈپ بېرىپ سېتىۋالىدىغان كىتاپ چىقمايۋاتقىلى خېلى بولغان ئىدى، بۇ چىقسا، بىر كونا ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشقۇدەك.. خەۋەر بېرىڭ ھە..

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2011-7-17 16:15:12

ئىلگىرى مەن مۇشۇ يېزىقتا ئەدەبىيات كىتابنىڭ ئىچىدىكى ھەرىپلەرنىڭ تونۇشتۇرۇلىشى بويىچە كىتابنىڭ تېشىغا ئىسمىمنى يېزىۋالغىنىم ئېسىمدە ئىدى. داۋامىنى ساقلايمەن.

qunchuy يوللانغان ۋاقتى 2011-7-19 16:18:55

ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، بىراق تەرجىمىدە سەل مەسلە باركەن،مەسلەن\"قەدىمقى تۈركچىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يازما ئەسەرلىرى تۇنيۇقۇق (720-725)ئابىدىلىرى بىلەن ئورخۇن ئابىدىلىرى دەپ ئىككىگە ئايرىلغان كۆلتىگىن(732) ۋە بىلگە خاقان (735) ئابىدىسىدۇر.\"دىگەن جۈملە ھەم مەزمۇن ھەم لوگىكا جەھەتتىن قاملاشمىغاندەك تۇرىدۇ، بۇ ھەققتىكى تەتقىقات كىتاپلىرى چەتئەلدە ناھايتى كۆپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ئەسىرى ئاللاھ خالىسا كىلەر يىلى يورۇقلۇققا چىقىشى مۇمكىن.

qunchuy يوللانغان ۋاقتى 2011-7-19 16:19:18

ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، بىراق تەرجىمىدە سەل مەسلە باركەن،مەسلەن\"قەدىمقى تۈركچىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يازما ئەسەرلىرى تۇنيۇقۇق (720-725)ئابىدىلىرى بىلەن ئورخۇن ئابىدىلىرى دەپ ئىككىگە ئايرىلغان كۆلتىگىن(732) ۋە بىلگە خاقان (735) ئابىدىسىدۇر.\"دىگەن جۈملە ھەم مەزمۇن ھەم لوگىكا جەھەتتىن قاملاشمىغاندەك تۇرىدۇ، بۇ ھەققتىكى تەتقىقات كىتاپلىرى چەتئەلدە ناھايتى كۆپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ئەسىرى ئاللاھ خالىسا كىلەر يىلى يورۇقلۇققا چىقىشى مۇمكىن.

qunchuy يوللانغان ۋاقتى 2011-7-19 16:19:48

ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، بىراق تەرجىمىدە سەل مەسلە باركەن،مەسلەن\"قەدىمقى تۈركچىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يازما ئەسەرلىرى تۇنيۇقۇق (720-725)ئابىدىلىرى بىلەن ئورخۇن ئابىدىلىرى دەپ ئىككىگە ئايرىلغان كۆلتىگىن(732) ۋە بىلگە خاقان (735) ئابىدىسىدۇر.\"دىگەن جۈملە ھەم مەزمۇن ھەم لوگىكا جەھەتتىن قاملاشمىغاندەك تۇرىدۇ، بۇ ھەققتىكى تەتقىقات كىتاپلىرى چەتئەلدە ناھايتى كۆپ، ئۆزىمىزنىڭ  بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ئەسىرى ئاللاھ خالىسا كىلەر يىلى يورۇقلۇققا چىقىشى مۇمكىن.

qunchuy يوللانغان ۋاقتى 2011-7-19 16:21:30

ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، بىراق تەرجىمىدە سەل مەسلە باركەن،مەسلەن\"قەدىمقى تۈركچىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يازما ئەسەرلىرى تۇنيۇقۇق (720-725)ئابىدىلىرى بىلەن ئورخۇن ئابىدىلىرى دەپ ئىككىگە ئايرىلغان كۆلتىگىن(732) ۋە بىلگە خاقان (735) ئابىدىسىدۇر.\"دىگەن جۈملە ھەم مەزمۇن ھەم لوگىكا جەھەتتىن قاملاشمىغاندەك تۇرىدۇ، بولسا تەرجىمىسگە بەكرەك ئىشلىسىڭىز.بۇ ھەققتىكى تەتقىقات كىتاپلىرى چەتئەلدە ناھايتى كۆپ، ئۆزىمىزنىڭ  بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ئەسىرى ئاللاھ خالىسا كىلەر يىلى يورۇقلۇققا چىقىشى مۇمكىن.

qunchuy يوللانغان ۋاقتى 2011-7-19 16:21:56

qunchuy يوللانغان ۋاقتى 2011-7-19 16:37:17

تۇنجى ئىنكاس يېزىشىم بولغاچقا يوللانمىغان ئوخشايدۇ دەپ قايتا يوللاپ ساپتىمەن.( نىمىشقا سېستىمىدا خاتالىق بار دىگەن خەت چىقىۋالىدۇ؟)

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2011-7-20 01:48:10

بۇ پارچە ئەڭ دەسلەپكى تەرجىمە ئورگىنالىدىن ئېلىنغان، شۇڭا خاتالىقلار بولىشى مۇمكىن. بۇ خاتالىقلار يەنە بىر تەرەپتىن، مېنىڭ مەيلى ئوقۇشتا مەيلى خىزمەتتە بولسۇن،تۈركچە بىلەن جىق ئۇچراشقانلىقىم ئۈچۈن، تەپەككۈرۈمنى تۈركچىنىڭ ئىگەللەپ كېتىشىگە يول قويغانلىقىمدىن كېلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن. (بەزىدە بىلىپ  بىلمەي جۈملىنى ئىچىمدە، تۈركچىنىڭ جۈملە شەكلى ياكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىلەن ئىپادىلىۋىلىپ ئاندىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىدىغان ئىشنىمۇ قىلىپ قويىمەن. بولمىسىغۇ ئادەتتە ئۆيغۇرچە پاراڭلىشىمىز،  شۇنداق بولسىمۇ تىل مۇھىتى يەنىلا كىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن) كۆرسەتكىنىڭىزگە رەھمەت.  بۇندىن كېيىن دىققەت قىلاي.   يەنە بىرسى بۇ ئەسەر ئىرىق بېتىگنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان ئەسەر. باش قىسمىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىلىرى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئەسەرلەرنىڭ رەسىمى، تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى، تەقتىق قىلغان كىشىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بۇندىن كېيىنكى تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ئاساس بولسۇن دىگەن مەقسەتتە خۇلاسىلەنگەن.  ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بۇ تۈر تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.



qunchuy يوللانغان ۋاقتى 2011-7-21 15:10:22

ئۇ تەتقىقات ئەسىرىنىڭ تەتقىقات دائىرىسى خېلىلا كەڭ، ئورخۇن، يېنىسەي، تۇرپان، تالاس، تاغلىق ئالتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان....قاتارلىق جايلاردىن ھازىرغىچە تېپلىغان قەدىمكى تۈركچە ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى كىرگۈزۈلگەن، كىتاب تېخى نەشىرگە سۇنۇلمىدى ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتناشقان تەتقىقاتچىلارنىڭ رۇخسىتىسىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلمەيمەن.كەچۇرسىز .

gunes يوللانغان ۋاقتى 2011-7-21 18:47:07

مەقسىتىڭىزنى چۈشەندىم ۋە پىكرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىمەن.  ئەمما ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كىملەر تەرىپىدىن قىلىنىۋاتىدۇ؟ تەتقىقات تېمىسى ئېلىنىپ قىلىندىمۇ ياكى باشقا ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتامدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بەرسىڭىز بولدى. رەھمەت!

بەت: [1]
: قەغەزگە يېزىلغان تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى ئەسەرلەر