hekemi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 20:26:27

ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ (15 - ﺋﯩﻴﯘﻝ)


19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ياۋروپا ۋە روسىيىنىڭ تەنقىدىي رىئالىزم ئەدەبىياتىدا ئانتون پاۋلوۋىچ چېخوپ نىڭ ئىجادىيىتى شانلىق ئورۇننى ئىگەللەيدۇ . ئۇ ئاتاقلىق ھىكايىچى شۇنداقلا مۇنەۋۋەر دىراماتورگ .


چېخوپ تاگانروگدا تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى كىچىك بىر دۇكاندار ئىدى . چېخوپ ئاك - ئۇكىلىرى بىلەن كىچىكىدىن تارتىپلا دۇكاندا تۇرۇپ ، خىرىدارلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ۋە سودا - سېتىقنىڭ ئالدامچىلىقلىرىنى ئۈگىنىشكە مەجبۇر بولغان ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يەنە چىركاۋغا بىرىپ مۇناجات ئوقۇغان ، دۇئا - تىلاۋەت قىلغان . 1876 - يىلى ، چېخوپنىڭ دادىسى ۋەيران بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى موسكۋاغا كۆچۈپ كەتكەن . چېخوپ ئۆزى يالغۇز قىلىپ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان ھەم ئوقۇشتىن سىرت قوشۇمچە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ تۇرمۇشىنى قامدىغان . 1879 - يىلى ، چېخوپ موسكۋا ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ مىدىتسىنا پاكولتىتىغا كېرىپ ئوقۇغان ، 1884 - يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن دوختۇرلۇق ۋە يازغۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان .

چېخوپ ئۇلۇغ يېڭىلىق ياراتقۇچى . ژانېر، تېما، بەدى ئۇسلۇپ جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇ پەۋقۇلئاددە ئالاھىدىلىككە ئىگە . روسىيە ئەدەبىياتى تارىخىدا، ئۇ بىرىنچى بولۇپ ھىكايىنى ئاساسىي ژانېر قىلغان ھالدا دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ چوققىسىغا چىقالىغان . ئۇ تۇرمۇشنى چوڭقۇر قىزىش، تىپىك ئوبرازلارنى رۇشەن، مەركەزلىك يىغىنچاقلاش، تىلنى ئاددىي، توغرا ئىشلىتىش ئارقىلىق ھىكايىنىڭ ئەڭ زور يۇشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرغان . ئۇنىڭ ھىكايە ۋە كومىدىيىلىرىنىڭ ماتىرىيالى ئادەتتىكى تۇرمۇشتىن ئىلىنغان بولۇپ ، ئەگرى توقاي، غەلىتە ئەھۋاللار ئارقىلىق كىتاپخانلارنى جەلپ قىلماستىن، بىكى كۈندىلىك تۇرمۇشقا چوڭقۇر يۇشۇرۇنغان پاجىئەلەرنى ئىچىپ بىرىشكە ماھىر بولۇش ئارقىلىق غەلىبە قىلغان . تۈزۈلۈش جەھەتتە، ئۇنىڭ ھىكايىلىرىدە كونا فورمۇلىلار بۇزۇپ تاشلانغان ، ئىنتايىن زور جانلىقلىق ۋە ئىلاستىكىلىق ئىپادىلەنگەن؛ كومىدىيىلىرىدىمۇ ئەنئەنە بولۇپ قالغان توقۇنۇشلار ۋە كۇلمىناتسىيىلەر ئۇچرىمايدۇ . ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئىدىيىسى يۇشۇرۇن بىرىلگەن بولۇپ، كىشىنى ئىزلىنىشكە، ئويلىنىشقا سالىدۇ . نۇرغۇنلىغان يۇشۇرۇن ئىقىملار ۋە يۇشۇرۇن سەھنە سۆزلىرى كىتاپخانلارنىڭ ئاپتورنىڭ تولۇق ئىيتمىغان سۆزىنى ئىنچىكە ئويلىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ئىدىۋىي ھىسسىياتىنى بىر بىرىگە باغلايدۇ ، مانا بۇ چېخوپنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى .

چېخوپ 1904 - يىلى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ۋاپات بولغان .

hekemi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 20:27:49

م . يۇ . لېر مونتوۋ ( 1814 - 1841 Mikhail Lermontov )

مىخائىل يۇريېۋىچ لېرمونتوۋ روسىيىنىڭ 19 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغان، پوشكىندىن كىيىنكى موھىم شائىرى .

لېر مونتوۋ مودكۋادىكى ھەربىي سەپتىن قايتقان ئوفىتسىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . كىچىك چىغىدىلا ئاتىسىدىن يىتىم قىلىپ، بىناچا ئۆلكىسىدىكى تارخانىي كەنتىدە چوڭ ئاپىسىنىڭ يىنىدا تۇرغان . ئۇنىڭ مىجەزى غەمكىن، غەلىتە؛ كىسەلچان بولغاچقا نۇرغۇن قىتىم كاپكازغا بېرىپ داۋالانغان . 1828 - يىلى، لېر مونتوۋ موسكۋا ئۇنىۋىرسىتىتى قارمىقىدىكى ياتاقلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە كېرىپ، 1830 - يىلى ئەدەبىيات پاكولتېتىغا ئالماشقان . شۇچاغدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرېىشكەن . ئۇنىڭ \"تۈركلەرنىڭ ھەسرەتلىرى\" ، \"يەلكەن\" ، \"كافكاز\" ، \"شائىرنىڭ ئۆلۈمى\" ... قاتارلىق 400 پارچىدىن ئارتۇق مەشھۇر شېئىرلىرى ۋە داستانلىرى بار . ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ ، بىرقەدەر مەشھۇر لىرىدىن \"زامانىمىزنىڭ قەھرىمانى\" ناملىق رومانى ۋە \"داستانلار\" ناملىق داستانلار توپلىمى بار . 1841 - يىلى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ، مەشۇق تېغىنىڭ ئېتىكىدە، لېر مونتوۋ مارتىنوۋ بىلەن دۇئىلغا چىقىپ، دۇئېلدا ئۇق تېگىپ ۋاپاتبولغان . لېر مونتوۋ پوشكىندىن كېيىن سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىككىنچى روس شائىرى بولۇپ ، ئۇ ئۆلتۈرۈلگەندە تېخى 27 ياشقىمۇ تولۇق تولمىغانىدى .

zordun يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 22:44:08

تېما ئىگىسىگە تەشەككۇر، ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىدىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى مەرھۇم يازغۇچى زۇنۇن قادىرىنىڭ «چىنىقىش» دىگەن ھىكايىسى ئىدى. ھىكايىدىكى مەتنىياز ئوبرازى تولىمۇ ياخشى يارىتىلغان ، ھىكايىنىڭ تىلىمۇ ئىنتايىن يىقىشلىق.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 19:08:18

ھەسرەت ناملىق ھىكايە ئىسىمگە كىلىپ قالدى
بەت: [1]
: ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ (15 - ﺋﯩﻴﯘﻝ)