ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 12:08:50

يەنە قانداق قىزىقارلىق ئادەتلىرىمىز بار

گەپنى قانداق باشلىسام بولار.بايا شۇنداق بىر تاپشۇرۇق چۈشتى.


ئۈزىمىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى قىزىق ھىساپلانغان ئادەتلىرىمىزنى سۇئال قىلىپ چىقىرىش توغۇرلۇق.


مەسلەن


مىنىڭ بۇ سۇئالنى ئاڭلاپ خىيالىمغا تۇنجى بوپ كەلگىنى تۇنۇر چېقىش بوپتۇ


سۇئال چىقارماقچى بولسام،ئاكام بىر كۈنى تۇنۇر ياكى ئۇچاقنى
چېقىۋەتتى.نىمە ئۈچۈن چاققاندۇ............دىگەندەك سۇئال چىقىرىشىم
مومكىن.


ئەمما،بىرىنچى بولۇپ سۇئالنى قويۇشتىن بۇرۇن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاددى
چۈشىنىشلىك قىلىپ تۇنۇرنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بۇ خەققە چۈشەندۈرمىسەم
بولمايدىكەن.يەنە كىلىپ بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى پەرەز قىلىدىغانلار تۇلۇق
ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ياپۇن تىلىنى يېرىم ياما بىلىدىغان
چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار.جاۋابىنى چۈشەندۈرمەكمۇ سەل تەس قىلىدىغاندەك.......ھىكايە سۆزلىۋېتىدىغاندەك قىلىمەن مەن..............



مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان قىزىقارلىق ئادەتلىرىمىزدىن يەنە قانداقلىرى بار؟


تۇغۇتلۇق ئۆينىڭ ئىشىك بېشىغا قىزىل يىپ چىگىپ قويۇش دىگەندەك ئادەتلەر بولسا بولىۋېرىدۇ.


رەھمەت


قېنى بەھۇزۇر


Qunek يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 12:14:01

چوڭ بالامنىڭ خوتۇن ئالغۇسى كىلىپ ماڭا دىيەلمەي ، ساپما كەشىمنىڭ ئىچىگە سەۋزە سېلىپ قۇيۇپتىكەن . ئەتسى ئورنۇمدىن تۇرۇپ ساپما كەشىمنى كەيسەم ئىچىدە سەۋزە تۇرۇپتۇ . ھەي گۇينىڭ بالىسى دېدىم ئىچىمدە ئۇزاق ئۆتمەيلا تويىنى قىلىۋەتتىم

Qunek يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 12:15:24

توقسۇ دىگەن يۇرتتا يامغۇر ياغمىسا بىر توپ كىچىك بالىلار ئىشتىنىنى سېلىپ ئاسمانغا قاراپ دوڭغىيدىكەنتۇق \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 12:17:45

\"\"مۇشۇنداق قىزىق ئادەتلەر دىمەكچى

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 12:28:11

تۇنۇر ياكى ئۇچاقنى چېقىشقۇ،ئۇچاق ئايرىيمەن دىگەننى دىمەكچى بولۇپ شۇنداق قىلىدىكەن


ئەمما نىمىشقا سەۋزە سەپ قويىدۇ؟لوپا ياكى ياڭيو بولسا بولمامدىكەن.\"\"

faith يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 12:49:51

مېنىڭ بىر قىزىقارلىق ئادىتىم بار. ئۇ بولسىمۇ يول ماڭغاندا خەقلەرنىڭ ئوڭ تەرىپگە ئۆتىۋالىمەن. سول تەرىپىدە ماڭسام كۆنەلمەيمەن. چۈنكى مەن قوشقىزەك بولغاچ كىچىكمدىن ئۇكام بىلەن بىللە مېڭىپ تولىسى ئوڭ تەرىپىدە مېڭىپ كۆنۈپ قالغانئىكەنمەن. ھازىرمۇ شۇنداق تەبىيلا خەقنىڭ ئوڭ قول تەرىپگە ئۆتۈپ ماڭىدىكەنمەن ھەم شۇنداقلا سولغا ئېغىپراق ماڭىمەن. نۇرغۇن دوستلۇرۇم ياڭدىماي ماڭ دېيشىپ كېتىدۇ.مەن بۇ ئۆزۈم روشەن بايقىغان قىزىقارلىق ئادېتىم بولسا كېرەك.\"\"


matu يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 13:04:10

يېڭى ئاياق كىيسە دەسسەپ قويىدىغان ئىشى بار.


باشنى تاقىر قىلسا شاپىلاقلاپ قويىدىغان ئىشى بار.


تۈنجى سودىنىڭ پۇلىنى دەسسەيدىغان ئىشى بار.


كىچىك بالا ئۈسسىۋالغان يەرنى ئۇرۇپ دەردىنى ئېلىپ بېرىدىغان ئىش بار.


ئىشىكى ئۆلۈپ قالسا خەققە دىمەي كۆمۈۋېرىدىغان ئىشى بار........

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 13:08:17

توي كۈنى كېلىنچەكنىڭ يىغلىشىمۇ باشقا مىللەت كىشىلېرى ئۈچۈن قىزىق تۇيۇلىدىكەن. قوشنام بىر قىز بىلەن بەش يىل مابەتلىشىپ توي قىپتىكەن ئاۋۇ كېلىنچەك خوشاللىقىدا پەقەت كۈلەلمەپتۇ. يالغاندىن يىغلاي دەپ يىغلاپ بولالماي تېخىمۇ كۈلۈپ كەتكەنتى...\"\".


بۇنداق ئادەتلەر جىققۇ. مەسلەن لەقەم قۇيۇش ئادىتى. مەھەللىمىزدە ناھايتى ئېگىز بىر ئادەمنىڭ لەقىمى پاكىنەك، بىرەيلەن بۇرۇن شاڭخەيگە سودىغا بېرىپتكەن لەقىمى شاڭخەي، بىرى چىرايى كاۋلىغا ئوخشايدۇ ئىسمى لەقىمى بىلەن قۇشۇلۇپ غۇپۇر كاۋلى، يەنە بىر غۇپۇرنى غۇپۇر تاقىراق، يەنە بىرىنى غۇپۇر شاكال دىگەندەك....

رەنا يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 13:23:42

ئالتە- يەتتە ياش ۋاقىتلىرىمدا چېشىم چۈشۈپ كەتسە ئاپام ناننىڭ ئىچىگە سېلىپ ئىتقا تاشلاپ


بېرىۋەت دېگەن، چېشى چىرايلىق چىقىدۇ دەيدىكەن

rock يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 13:51:58

ما خەق يوغانراق بېلىق يېگەندە، ئۆرىسە بولمايدۇ، باشلىقلىقتىن ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ دەيدىكەنتۇق، ئۆتكەندە ئاغىنىلىرىم بىلەن تاماق يەپ ئولتاغان، ئارىسىدا نەق يوغان بېلىق باكەن، ئۈستىنى يەپ بولغان، ئەمدى ئۆرۈپ ئاستىنى يەي دېگەن چېغىۋا بىر ئاغىنەمنىڭ، يەنە بىر ئاغىنەم دەيدۇ، ماشىنا ھەيدەيدىغانلار ئۆرۈمەڭلا. ماۋۇ ئەڭ يېڭى قىزىق ئادەت جۇما.

ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 14:20:02

ئاجايىپ ئىشلارنى كۆرسە، ئاڭلىسا ياقىسىنى چىشلەيدىغان، ئېتىكىنى چىشلەيدىغان ئىش بار.


چۈشكەن چىشىنى دەرەخكە مىخلايدىغان ئىش بار.


بەزى يەردە خوتۇن ئالسا كېلىننىڭ پۇتىنى يۇدۇرۇپ ئاندىن ئىشىكتىن كىرەۈزىدىغان ئىش بار.


elwida يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 14:26:09

بىزنىڭ مەلىدە توي قىلسا قىزنىڭ قولدىشى قىزنىڭ ئايىغىنى كەيگۈزگەندە كىچىك كەپ قالدى دەپ ئاياغنى يىگىت تەرەپكە ئەۋىتىدۇ . يىگىت تەرەپ ئاياغ ئىچىگە مەلۇم مىقداردا پۇل سەپ قويسا ئاندىن ئاياغ نەخلا كەپ قالىدۇ . ھى ھى ھى مىنىڭ تۇيۇمدىمۇ شۇنداق بولغان !



قىززىق يىرى قىزلارنىڭ ئايىغىنى كەيگۈزۈپ بېقىپ ئالىدىغان بولمىسا !

bayram يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 14:34:01

سەل ئاغرىقچانراق بالىلارغا يەتتە ياشقىچە نىياز چاچ دەپ چوققىسىغا بىر ئۆرۈم چاچ قۇيۇپ قۇيىدىغان ئىش بار بىزنىڭ يۇرتتا.

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 15:08:33

قازاننىڭ قىسمىقىنى قىرسا تويىدا يامغۇر ياغىدۇ دەيدىغان گەپ بار بىزنىڭ يۇرىتتا. يەنە بىرسى كۈل بىلەن ئەخلەتنى بىللە ئالسا توي بىلەن ئۆلۈم بىر كۈندە بوپ قالىدۇ دەيدىغان تېخى.......بويىغا يەتكەن قىزلار ئۆي سۈپۈرگەندە ئىشىك تەرەپتىن ئۆينىڭ ئوتتۇرىغا قارىتىپ تۇرۇپ ئەخلەت يىغىدۇ، بولمىسا لايىق يېنىپ كىتەمىش بوسوغىدىنلا

murad يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 15:21:37

گېلىم ئاغرىۋاتىدۇ، دېسە، «پوق يەپ قاپسەن» دەپ قويىدىغان ئادەت بار. ئۇ گەپنى ئاڭلاپ تۈكۈرىۋەتسە گېلى ساقىيارمىش.


قىزلاردا لەغمەننىڭ توم چۈشۈپ قالغان يەرلىرىنى تالىشىپ يەيدىغان ئىش باركەن، «تويلىقى ئېغىر بولىدۇ» دەپ. بۇ گەپ راست بولسا تۆشۈككە چولتا خوتۇنلارنىڭ قىزىنىڭ تويلىقى ئېغىر بولغۇدەك.


سۈت ساغقان چېلەكنى چايقاپ يەرگە تۆكىۋەتسە كالىنىڭ ئەمچىكى ئاغرىپ قالىدۇ، دەيتتى، بىر ئاغىنەمنىڭ بوۋىسى. ئۇدۇللا سۈتكە تۆكەتتى، بۇ گەپنى سۈتچىلەرگە دەپ قويماڭلار، ئوبدان باھانە بولىدۇ بولمىسا، سۈيىگە سۈت ئارىلاشتۇرىدىغانغا.



يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

uyguryigiti يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 15:59:47

ئېپ تاشۋەتكەن تىرناقنى مەينەت نېرىكەت دۆلەت بېرىكەل دەپ بۇسۇغىغا تاشلايدىغان بىر ئادەت بار. مەن پەقەت ياقتۇرمايمەن.

uyguryigiti يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 16:01:51

ئاغان خوتۇن جا چىقىپ قالسا سەۋزىنى گىردىگە سانجىپ قېيناتىسىنىڭ ھويلىسىغا ئاپىرىپ تاشلاپ قويىدىغان بىر ئادەت با.

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 16:16:40

چۆگۈننىڭ ئاغزىنى توي قىلمىغان قىزغا قارىتىپ قويسا ئولتۇرۇپ قالامىش.(ئادەتتە قىزلار بار يەردە جىق ئاڭلىدىم، ئەمما چوڭلاردىن ئاڭلاپ باقمىدىم.ئۆتكەنددە سىڭلىم شۇنداق دېگەنتى، ئىچىمدە،\" ھە چوڭ بولۇپ، 、ئولتۇرۇپ قېلىشتىن قورقىدىغان بوپتۇدە \"دەپ ئويلىدىم  )


سەپەرگە چىققاندا چىققان ئادەمنىڭ كەينىدىن بىر تەخسە ئۇننى ئاچىقىپ دىۋانىغا بېرىۋىتىدىغان ئادەت بار.


دىۋانىغا سەدىقە بەرگەندە چۈشتىن بۇرۇن بېرىدىغان ئادەت بار.


چۈشتىن بۇرۇن شىمىشكا چاقسا، ئالدى قاتتىق بولۇپ قالىدۇ، ئىشى ئوڭ بولمايدۇ دەيدىغان گەپ بار.


جۈمە كۈنى سەپەرگە چىقسا بولمايدۇ دېگەن گەپ بار.   (مۇشۇ گەپ كاللامغا ئاجايىپ تەسىر قىپتىكەن، خۇددى جۈمە كۈنى يولغا چىقسام بىر ئىش بولىدىغاندەكلا قورقىمەن).


NALAN يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 16:20:14

يوللانمىدى دېسەم تەكرار يوللىنىپ كېتىپتۇ. خاپا بولماي ئۆچۈرىۋىتىڭلار، ماۋۇ ئىنكاس بىلەن قوشۇپ!
بەت: [1] 2 3 4
: يەنە قانداق قىزىقارلىق ئادەتلىرىمىز بار