hekemi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-7 12:42:28

ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ ( 7- ﺋﯩﻴﯘﻝ)

ئارسۇر كونان دوئىل Sir Arthur Conan Doyle1859 - 1930  


  1930 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئارسۇر كونان دويل ۋاپات بولدى . ئارسۇر كونان دويل ئەنگىلىيىنىڭ مەشھۇر رازۋىتكا رومان يازغۇچىسى بولۇپ، رازۋىتچىك ھولمىسنىڭ تىپىنى يارىتىپ ، دۇنياغا داڭ چىقارغان . ئۇنىڭ "قان بىلەن يىزىلغان خەتنىڭ تەتقىقاتى " ، "تۆت كىشىلىك ئىمزا"، "بوگىمىيادىكى سىسىق خەۋەرلەر" ، "چىپار ئات" ، "قايتىپ كىلىش خاتىرىسى"،"قورقۇنىچلىق جىلغا" ، "ئەڭ ئاخىرقى سالام" ، "يېڭى تەكشۈرۈلگەن دىلو" ... قاتارلىق ئەسەرلىرى بار .




"7 - ئىيۇل" ۋەقەسى



   ياپون جاھانگىرلىكى جۇڭگونى مۇنقەرز قىلىپ ، دۇنياغا خوجابولۇش قارانىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە جۇڭگوغا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى . ئۇلار ئالدى بىلەن "18 - سىنتەبىر" ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ ئىلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالدىكى 3 ئۆلكىسىنى زورلۇق بىلەن بېسىۋىلىپ قونچاق مانجۇرىيە دۆلىتى قۇردى . يەنە داۋاملىق ھالدا رېخىغا تاجاۋۇز قىلىپ ، قونچاق ھاكىمىيەتنى يۆلىدى . 1937 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كىچىدە ياپونىيە ئارمىيىسى بىيجىڭنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يۇئەنپىڭ ناھىيە بازىرىنى ساقلاۋاتقان جۇڭگو قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، قورال كۈچى ئارقىلىق لۇگوچاۋ كۆۋرۈكىنى ئىلىپ بىيجىڭ، تيەنجىن ھەتتا پۈتكۈل شىمالىي جۇڭگو رايونىنى ئىگىلەپ، جۇڭگونى يۇتۇۋىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى . لۇگوچاۋنى ساقلاۋاتقان 29 - كورپۇستىكى ئوفىتسىر ئەسكەرلەر كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن ۋەتەن زىمىنىنى قوغداشتەك مۇقەددەس بۇرۇچنى ئۆزۈستىگە ئېلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلى بىلەن ھايات ماماتلىق كەسكىن كۆرەشنى قانات يايدۇرۇپ، دۈشمەنگە ئەجەللىك زەربە بەردى مانا بۇ جۇڭگو ۋە چەتەللەرنى زىلزىلىگە سالغان "7 - ئىيۇل" ۋەقەسىدۇر .

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-7-7 13:17:06

2005-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، لوندوندا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.شۇ كۈنى ئەتىگەندە لوندوندا ئۇدا يەتتە قېتىن پارتلاش يۈز بەرگەن. جەمئىي 52 كىشى قازا قىلغان.نەچچە مىترو ۋە ئاپتوبۇس دەل پارتلاش ئورنى بولغان.بۇ پارتلاش ۋەقەسى لوندوننىڭ 2012-يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىگە بىر كۈن بولغايلا يۈز بەرگەن. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ پارتلاش ۋەقەسىنى تېررورچىلار كەلتۈرۈپ چىقاردى دېدى. ئىككى ھەپتىدىن كېيىنكى 21-ئىيۇل لوندوندىكى ئۈچ مىترو يەنە پارتلاش ۋەقەسىگە ئۇچرىدى. 20-ئىيۇلغىچە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 56گە يەتتى. ئۆزلىرىنى«ياۋروپا مۇقەددەس ئۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ بازا مەخپىي تەشكىلاتى» دەپ ئاتىۋالغان تەشكىلات بۇ قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى جاكارلىغان.




1995-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فرانسىيە ئالاھىدە جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمرايى قويۇپ بېرىلگەن. بۇنىڭ بىلەن فرانسىيە ئامېرىكا، روسىيە ۋە ئىسرائىلىيەدىن كېيىنكى 4-رازۋېتكا سۈنئىي ھەمرايىنى قويۇپ بەرگەن دۆلەت بولۇپ قالغان. بۇ قېتىملىق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، چۈنكى بۇ فرانسىيە شۇنداقلا ياۋروپانىڭ رازۋېتكا جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل مۇداپىيە سېستىمىسى قۇرغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن.



1974-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 10-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا گېرمانىيە كوماندىسى چېمپىيون بولغان. بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. گېرمانىيە گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن چېمپىيونلۇقنى تالاشقان. گېرمانىيە 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭگەن. پولشا ئۈچىنچىلىككە، گېرمانىيە تۆتىنچىلىككە ئېرىشكەن.



مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

hekemi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-7 18:19:32

1974-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 10-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا گېرمانىيە كوماندىسى چېمپىيون بولغان. بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. گېرمانىيە گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن چېمپىيونلۇقنى تالاشقان. گېرمانىيە 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭگەن. پولشا ئۈچىنچىلىككە، گېرمانىيە تۆتىنچىلىككە ئېرىشكەن.



قىزىق ئىش بوپتۇ،گېرمانىيە كاماندىسى چېمپىيون بوپتۇ، گېرمانىيە تۆتىنچىلىككە ئېرىشىپتۇ.

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-7 19:39:32




1974-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 10-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا گېرمانىيە كوماندىسى چېمپىيون بولغان. بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. گېرمانىيە گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن چېمپىيونلۇقنى تالاشقان. گېرمانىيە 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭگەن. پولشا ئۈچىنچىلىككە، گېرمانىيە تۆتىنچىلىككە ئېرىشكەن.



مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى





\"\"

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2011-7-7 20:21:50

ئەسلى توغرىسى: پولشا ۋە بىرازىلىيە ئايرىم- ئايرىم ئۈچۈنچى، تۆتىنچىلىككە ئېرىشكەن.


چىكىڭ:      خەنزۇچە مەنبە



\"\"



\"\"



تېما يوللاش قىزغىنلىقىڭىزغا ئاپرىن، ئەمما ئالدىراپ قىلغان ئىش ھامىنى چالا قالىدۇ. ھېچ كىشى خاتالىق سادىر قىلمايمەن دەپ كېسىپ ئېيتالمايدۇ ئەمما بىر قېتىم تەكرارلانغان خاتالىق تەكرار يۈز بەرسە ياخشى بولمايدۇ.  ئىمكان بولسا تېمىنى يوللاشتىن ئاۋۋال بىرەر قۇر كۆزدىن كەچۈرۈپ بولۇپ ئاندىن يوللىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى، ئەستايىدىللىق ئېڭىڭىزنى يېتىلدۈرۈڭ.

elwida يوللانغان ۋاقتى 2011-7-8 11:41:32

Toghrak731




1974-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 10-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا گېرمانىيە كوماندىسى چېمپىيون بولغان. بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. گېرمانىيە گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن چېمپىيونلۇقنى تالاشقان. گېرمانىيە 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭگەن. پولشا ئۈچىنچىلىككە، گېرمانىيە تۆتىنچىلىككە ئېرىشكەن.



مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى





\"\"

چۇشەنمىدىميا !

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-7-8 12:04:24


\"\"

چۇشەنمىدىميا !


يازاي دەپتۇيۇ \" ھەيييي، بولدىلا\" دەپ  يازماپتۇ.
بەت: [1]
: ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ ( 7- ﺋﯩﻴﯘﻝ)