ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ ( 6- ﺋﯩﻴﯘﻝ)
موپاسسان (Guyde Maupassant . 1850 - 1893)
جىي دې موپاسسان 19 - ئەسىرنىڭ كىيىنكى يىرىمىدا ئۆتكەن فىرانسىيىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنقىدىي رىيالىست يازغۇچىلىرىدىن بىرى
موپاسسان فىرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى نورماندىيە ئولكىسىگە قاراشلىق كىچىك شەھەر دىف ئەتراپىدىكى زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1893 - يىلى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ۋاپات بولغان . شۇيىلى ئۇ 43 ياشتا ئىدى . موپاسسان مەملىكىتىمىز دىكى كىتاپخانلار غا ئەڭ تونۇش بولغان داڭلىق چەتئەل يازغۇچىلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ بىر قەدەر ياخشى ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان . ئۇنىڭ "دونداق" ، "چىرايلىق دوست"، "ھايات" ، "ئارشاڭ" ، "قەلبىمىز" ، "ئۆلۇمدەك قۇدرەتلىك" ، "پىر ۋە جان" ، "ھازازۇل چوڭ ئانا" ، "مارجان" ،"بىر تال ئىنچىكە ئارقان" ،"شېئىرلار توپلىمى" ، "بىر ئائىلە كىشىلىرى" ، "ئىككى دوست " ... قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
1994-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلىپ ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشى 68 يېشىدا قازا قىلغان. ئۇ 1971-يىلى يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلغان. لېكىن ئۇنىڭ قازا قىلىشىنىڭ ئۇنىڭ يۈرىكى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن.
1946-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھوللىۋۇدنىڭ داڭلىق ئارتىسى سىتاللون ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى نامرات مەھەللىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ نۇرغۇن كىنولىرى كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە تەسىرى ھەممىدىن بەك زور بولغىنى «روككى»،«1-تامچە قان» قاتارلىق فىلىملەردۇر.
izdiniman

رامبۇ(سىتاللۇن) 65ياشلارغا كىرىپ قاپتۇ،،ھە،،ھەي ۋاقىت نىمە دىگەن تىز ئۇتكەن ھە،،،،،ئۇتكەندىلا،،،ئافغانىستان،،،ۋىيىتناملاردا دۇشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ يۇرەتتى،،،،