hekemi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 08:59:02

ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ (5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ)

1943 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى كۇرىسكى جىڭى پارتلىدى


       كۇرىسكى جىڭى - فاشىست گىرمانىيە ئارمىيىسى سوۋىت - گىرمانىيە جەڭ مەيدانىدا قوزغىغان ئەڭ ئاخىرقى بىرقىتىملىق كۆلىمى زور بولغان جەڭ، شۇنداقلا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان جەڭلەرنىڭ بىرى ، ئۇنىڭ كۆلىمىنىڭ زورلىقى ، ماتور لىشىش دەرىجىسىنىڭ يۇقۇرىلىقى بىلەن پۈتكۈل 2 - دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا ئالاھىدە سانىلىدۇ .

1943 - يىلى باھاردا قىشلىق جەڭ (سىتالىنگرادجىڭى) نىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى غەرپكە قاراپ 600 كىلومىتىردىن كۆپرەك ئىلگىرلىدى ، كۇرىسكىنىڭ يەر تۈزۈلىشى ئالاھىدە بولۇپ جەڭ مەيدانىنىڭ ۋەزىيىتى سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىگە پايدىلىق تەرەپكە يۈزلەندى . فاشىستلار گىرمانىيىسى خاركوۋدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، كۇرىسكىنى ئىگىلەش ئارقىلىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنى قورشاپ يوقاتماقچى ، شۇنداقلا قولدىن بىرىپ قويغان ئىستىراتىگىيىلىك ئۈستۈنلىكنى قايتۇرىۋىلىپ، كۈنسىرى پايدىسىز بولغان ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ھەمدە سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىش جاسارىتىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن، زور كۆلەملىك يازلىق ھۇجۇم قوزغىماقچى بولدى ، گىتلىر "قورغان ئۇرۇشى" پىلانىنى تۈزۈپ، تانكا قىسىملىرىنىڭ ئۈنۈملىك ھالدا تارراق بۆلەكتىن زىچ ھالدا تۇيۇقسىز زەربەبىرىشىگە ئۈمۈد باغلاپ، "كۇرىسكىدىكى غەلىبىنى پۈتۈن دۇنياغا مەشەل قىلىش كىرەك" دەپ داۋراڭ سالدى .

سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئالىي باش قوماندانلىق شىتابى گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ مەقسىتىنى ھىس قىلىپ ، كۇرىسكىنىڭ يايسىمان يەرشەكلىگە ماس كىلىدىغان ئۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، تىغمۇتىغ تاقابىل تۇردى .

"قورغان ئۇرۇشى"ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن فاشىستلار گىرمانىيىسى 900 مىڭ ئوفىتسىر ۋە ئەسكەر، 50 دىۋىزىيە، تەخمىنەن 10 مىڭ زەمبىرەك ۋە مىنامىيوت، 2700 گە يىقىن تانكا ۋە زىنت توپ، 2000 دىن كۆپ ئايرۇپىلاندىن تەركىپ تاپقان غايەت زور كۈچنى توپلىدى . بۇجەڭدە >ئەڭ سەرخىل پولك، ئەڭ ياخشى قوراللار، سەرخىل قوماندانلار ۋە زور مىقتاردىكى ئوق دورا< ئىشقا سىلىندى، دىيىشكە بولاتتى .

ئوخشاشلا سوۋىت ئىتتىپاقىمۇ بۇقىتىمقى جەڭ ئۈچۈن ئۈچتىن بىرقىسمىغا جەڭ قىلغۇچى قىسىم ۋە ئايرۇپىلان، ئىككىدىن بىر قىسىم تاڭكا ۋە كاتيۇشا، شۇنداقلا تۆتتىن بىرقىسىم زەمبىرەك ۋە مىناميۇتنى توپلىدى ، پەقەت ئالدىنقى سەپكە توشىغان ئوق دورا، يىقىلغۇ ۋە ئاشلىق قاتارلىق ماددىي ئەشيالارلا 171 مىڭ ئاپتوموبىل قىتىمغا يەتتى .

1943 - يىلى 7 - ئاينىڭ باشلىرىدا فاشىستلار گىرمانىيىسى تەييارلىق پۈتتى دەپ ھىساپلاپ، گىتلىر ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ : >جەڭچىلەر، بۈگۈن سىلەر بىر ئۇلۇغ ھۇجۇم ئۇرۇشىنى باشلايسىلەر ، ئۇ پۈتكۈل ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، سىلەر مۇشۇ قىتىمقى جەڭ ۋەزىيىتىنىڭ ھەممىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار كىرەك < دەپ جار سالدى . 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سەھەردە گىرمانىيە ئارمىيىسى جەنۇپ ۋە شىمال تەرەپتىن سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى جەڭ شۇنىڭ بىلەن باشلاندى . گىرمانىيە ئارمىيىسى جەڭ باشلىنىشى بىلەنلا تەخمىنەن 500 تانكا ۋە زەمبىرەكنى جەڭگە سېلىپ، تانكا دىۋىزىيىسى ئارقىلىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىيە سىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئۇدۇل كۇرىسكىغا قاراپ ئىلگىرلىمەكچى بولدى . ئىككى تەرەپ ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادا ناھايىتى كەسكىن جەڭ قىلدى . سوۋىت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ قەيسەرلىك بىلەن باتۇرلۇق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا يۆلىنىش ئارمىيىسىگە قىلغان ھۇجۇمى پۈتۈنلەي توسۇپ قىلىندى . 7 كۈنلىك جەڭدە گىرمانىيە ئارمىيىسى ھوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىيە سىپىگە ئاران 10 - 12 كىلومىتىرغىچە ئىچكىرلەپ كىرەلىدى . سوۋىت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا يۆلىنىش ئارمىيىسى زاپاس قىسىمنى يۆتكەپ كىلىپ، مۇداپىيە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىدى . شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا گىرمانىيە ئارمىيىسىنى پۇرۇخلوفكا تەرەپكە قىلغان ھۇجۇمىمۇ مەغلۇپ بولدى . شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيە ئارمىيىسى ئاساسلىق كۈچىنى پۇرۇخلوفكا تەرەپكە يۆتكەپ، جەنۇپتىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق كۇرىسكىنى ئىگىلىمەكچى بولدى . 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى پۇرۇخلوفكىدا 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ تانكا ئۇرۇشى بولدى . جەڭگە جەمى 1200 تانكا ۋە زەمبىرەك قاتناشتۇرۇلدى . گىرمانىيە ئارمىيىسى 400 تانكا، 100 مىڭدىن كۆپ ئەسكىرى ۋە ئوفىتسىرىنى زىيان تارتتى . 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى گىرمانىيە ئارمىيىسى ھۇجۇم باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى جايىغا چىكىندۇرۇلۇپ ئىستىراتىگىيىلىك ئۈستۈنلىكنى تارتىۋىلىش خىيالى يوققا چىقتى ."قورغان ئۇرۇشى" پالانى مەغلۇپ بولدى . 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن باشلاپ كۇرىسكى جىڭىنىڭ ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش بولۇپ، سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى مۇداپىيەدىن ھۇجۇمغا ئۆتتى . گىرمانىيە ئارمىيىسى مۇداپىيەلىنىشكە مەجبۇر بولۇپ، جەڭنىڭ كۆلىمى بارغانسىرى زورايدى . قايتۇرما زەربە بىرىش ئۈچۈن سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى 5 يۆلىنىش ئارمىيىسىنى كۆپەيتتى، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە "كوتوزوۋ"جىڭىنى ئىلىپ باردى، گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 37 دىۋىزىيىسى يوقىتىلىپ، پۈتكۈل سوۋىت - گىرمانىيە ئۇرۇش مەيدانىدىكى ۋەزىيەت سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىگە پايدىلىق تەرەپكە يۈزلەندى .

50 كۈن داۋاملاشقان كۇرىسكى جىڭى سوۋىت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى . پۈتكۈل كۇرىسكى جىڭىگە ئىككى تەرەپتىن جەمى 4 مىليوندىن كۆپرەك ئەسكەر، 69 مىڭ زەمبىرەك، 13 مىڭدىن كۆپ تانكا، 12 مىڭدىن كۆپ ئايرۇپىلان قاتناشتۇرۇلدى .




1996-يىلى 5-ئىيۇل، شوتلاندىيەنىڭ روسلىن ئىنىستىتوتىدا ئالىملار دۇنيادىكى تۇنجى كلون قوينى ئاپرىدە قىلدى. بۇ قويغا دوللي دېگەن ئىسىم بېرىلگەن بولۇپ، قورامىغا يەتكەن بىر قوينىڭ ھۈجەيرىسىدىن كۆپەيتىلگەن. ئالىملار 1997-يىلى فېۋرالغا كەلگەندە ئاندىن بۇ سىرنى ئاشكارىلىغان.

دوللي تۇغۇلۇشى بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، نۇرغۇن مۇنازىرىلەر بولغان. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا دەرھاللا ئادەمنى كلونلاشقا بولامدۇ دېگەن سۇئال كەلگەن ۋە ئەندىكىپ، "ئادەم ھەرگىزمۇ كلونلانماسلىقى كېرەك... چۈنكى ئادەمنى بۇ دۇنيادا پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھلا يارىتىشى كېرەك..." دېيىشكەن. نۇرغۇن دۆلەتلەر ئادەمنى كلونلاشنى قەتئىي چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ئەمما يەنىلا بىر قىسىم كىشىلەر ئادەمنى كلونلاش ئارقىلىق تىببى ساھەدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىشكە ئۇرۇنماقتا.

دوللي 2003-يىلى 14- فېۋرال ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.






esir يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 09:43:06

2009- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۈرۈمچىدە تىنچلىقپەرۋەر خەلقلەرنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتقۇچى زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئېغىر ۋەقە يۈز بەرگەن.

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-7-6 09:17:07

1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كىلون كالا دۇنياغا كەلگەن. ياپونىيەلىك ئالىملار يېتىلگەن ھايۋان ھۈجەيرىسىدىن پايدىلىنىپ ئىككى كالىنى كىلونلاپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى.




1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، شياڭگاڭ چىدې ئايرودۇرومى رەسمىي تاقالغان. شياڭگاڭ ئۈچۈن 73 يىل خىزمەت قىلغان شياڭگاڭ چىدې ئايرودۇرومى كېچىدە تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان. يەرشارىدا ئاز ئۇچرايدىغان 13 سائەتتە ئايرودۇرومنى كۆچۈرۈش ھەرىكىتى شۇ كۈنى كېچىدە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى، 6-ئىيۇل سەھەر سائەت ئالتىدە چېجياۋ يېڭى ئايرودۇرومىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.




1996-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى تۇنجى كىلون قوي دوللى دۇنياغا كېلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.بۇ قوينىڭ كىلون قىلىش ئۇسۇلى:بىر قوينىڭ تەن ھۈجەيرىسىنىڭ بارلىق ئېرسىي ماددىسىنى يەنە بىر بارلىق ئېرسىي ماددىسى چىقىرىۋېتىلگەن تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، تۆرەلمە ھاسىل قىلىدۇ، ئاندىن بۇ تۆرەلمىنى قوينىڭ بالىياتقۇسىغا سېلىپ قويىدۇ.




1976-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو تۇنجى قېتىم ئوكيان تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان. يەنى تىنچ ئوكياندا ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئىلمىي تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.




1811-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ۋېنېسۇئىلا مۇستەقىل بولغان. ۋېنېسۇئىلا دېگەن سۆز ئىسپان تىلىدا كىچىك ۋىنىستىيە دېگەن مەنىدە. ۋېنېسۇئىلا بۇرۇن ھىندىيانلار ۋە كارب مىللىتىدىكىلەر ئولتۇراقلاشقان ئىدى. 1567-يىلى ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1811-يىلى ۋېنېسۇئىلا ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل بولغان تۇنجى جەنۇبىي ئافرىقا قىتئەسى دۆلىتىگە ئايلانغان. 1830-يىلى ۋېنېسۇئىلا جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلغان.


مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى


President يوللانغان ۋاقتى 2011-7-8 18:13:18

ۋېنېسۇئىلا جەنۇبىي ئافرىقىما؟


2011-يىلى 8-ئىيۇل، ئۇيغۇربەگ ۋېنېسۇئىلا دۆلىتىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكىلىقىنى بايقىغان!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-7-8 18:21:14

سىز بايقىغان بولسىڭىز دۆلەت ئىسىمىنى ئۈزىڭىزنى ئىسمىدا قويمامسىز دەيمەن شاھزادە0997 دەپ\"\"



ۋىنسۇئىلا جەنۇبى ئامرىكىدا

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2011-7-13 11:26:44

بۇ كۈنى يەنە مېنىڭ ئوغلۇم لۇتپۇللا تۇغۇلدى.
بەت: [1]
: ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ (5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ)