hekemi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-4 08:12:42

ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ (4 - ﺋﯩﻴﯘﻝ)

كىيۇرى خانىم(Marie Curie .1867 - 1934)


كىيۇرى خانىمنىڭ ئەسلى ئىسمى ماريى سىكلودوۋسكا بولۇپ 1867 - يىلى 11 - ئايدا روسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى پولشىنىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا تۇغۇلغان . دادىسى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان . ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن شۇڭا ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا نامراتلىقتا ياشىغان .

مارىيە بالىلىق چىغىدىلا ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى ، ئىنتىلىش چانلىغى ۋە تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ ، 16 يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان . لىكىن ، ئۇچاغدا پولشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنمايتتى . ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن، چەتەلگە بىرىشقا توغرا كىلەتتى . شۇڭا مارىيە ئاۋال يىزىغا بىرىپ ئائىلا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ پۇل يىغىپ ، كىيىن چەتكە چىقىپ ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ .

1891 - يىلى مارىيە فىرانسىيىگە بىرىپ پارىج ئۇنىۋىرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ . ئۇ كۈندىزى دەرس ئاڭلىغاندىن تاشقىرى ، تەجرىبىخانىدا ئىشلەيدۇ . ئۇ تەجرىبىخانىغا ھەممىدىن بۇرۇن كىرىپ ، ھەممىدىن كىيىن چىقىدۇ . كەچقۇرۇنلىقى ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ كۈتۈپخانىسىدا بولىدۇ . كۈتۈپخانىدىن ئىشىك تاقىلىدىغان چاغدا ئاندىن چىقىپ كىتىدۇ . ئۇنىڭ ياتىقىنىڭ چىرىقى ھەمىشە يىرىم كىچە سائەت 1 - 2 گىچە يۇرۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئەتىسى ئۇ يەنە بالدۇر تۇرىدۇ . ئۇ يەر - بۇيەرگە قاتراپ يۇرمەيدۇ . ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئويۇن تاماشا قىلمىغانلىقىدىن نارازى بولىشىدۇ، ھەتتا ئۇنى "دەرۋىش راھىپ" ، "غەلىتە ئادەم" دىيىشكەندە، مارىيە بۇنىڭغا كۈلۈپلا قويىدۇ . بۇچاغدا ئۇنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق بولۇپ ، ھەر ئايدا دادىسى ئەۋەتكەن 100 فىرانكچە پۇلدىن ئوقۇش پۇلى تاپشۇراتتى ، مال باھاسىمۇ مۇقىم ئەمەس ئىدى، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى تۇرمۇشنى قامداشتىمۇ قىينىلاتتى . بىر قىتىم ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىۋىتىپ بىر دىنلا بېشى ئايلىنىپ يىقىلىپ چۈشىدۇ ، كىيىن ئۇقسا بىركۈن ھىچنىمە يىمەي ئاچ قوساق يۈرگەنىكەن . بەزى ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ ياتىقىغا بىرىپ قارىسا ، بىر بولاق چايدىن باشقا يىگۈدەك ھىچ نىمە يوق ئىكەن . ئەنە شۇنداق ئەھۋالدىمۇ ، ھەمىشە ئاچلىق ئىچىدە تىرىشىپ ئوقۇپ، ھەممە دەرستە ئالدىنقى قاتاردا ماڭىدۇ . ئۇ پارىج ئۇنىۋىرسىتىتىغا كىرىپ ئىككى يىلدىلا فىزىكا ماگىستىرى ئۇنۋانىغا ئىگە بولىدۇ . بىر يىلدىن كىيىن يەنە ماتىماتېكا ماگىستىرى ئۇنۋانىغا ئىگە بولىدۇ .

مارىيە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئۆز ئالدىغا تەتقىقات ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا فىرانسىيىنىڭ پارىج شەھىرىدىكى فىزىكا - خىمىيە مەكتىپىنىڭ تەجرىبىخانىسىدىكى ياش فىزىك پيېر كىيۇرى بىلەن تونىشىدۇ . ئىرادىدىكى بىرلىك، مىجەزدىكى ئوخشاشلىق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەتتە بىر بىرىگە ياردەملىشىش، تۇرمۇشتىكى بىر بىرىگە بولغان غەمخورلۇق ۋە ئورتاق غايە ئۇلارنى بىر بىرىگە باغلايدۇ . ئاخىرى 1895 - يىلى يازدا ، 28 ياشلىق مارىيە 36 ياشلىق كىيۇرى بىلەن توي قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ تويى ئاددىي ساددا، ئەمما مەنىلىك ئۆتكۈزىلىدۇ . توي كۈنى ئۇلار تويلۇق كىيىم كىيمەيدۇ، زىياپەت ئۆتكۈزمەيدۇ، چىركاۋغا بىرىپ دىننىي مۇراسىم ئۆتكۈزىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ ، بەلكى ئىككىسى بىردىن ۋەلىسپىت مىنىپ خۇشال ھالدا ئۆزلىرىنىڭ يىزىدىن ئىجارىگە ئالغان داچىسىغا كىتىدۇ . دىمەك ساياھەت ئۈستىدە توي قىلىدۇ . بۇ يېڭى ئەر - خوتۇن بىر ئايدىن كىيىن پارىجغا قايتىپ كىلىدۇ . شۇندىن كىيىن ئۇلار ئىلىم - پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش يولىدىكى مۇشەققەتلىك سەپەرگە بىرلىكتە ئاتلىنىدۇ .

تويدىن كىيىنكى تۇرمۇش كىيۇرى ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئۈچۈن تىخىمۇ مۈشكۈل بولىدۇ . ئۇلار كۈندنزى دەرس بىرىپ ئاخشىمى تەجرىبە قىلىدۇ . ئىككى يىلدىن كىيىن ئۇلار بىر قىز بالىلىق بولۇپ يۈكى تىخىمۇ ئىغىرلىشىدۇ، چۈنكى تەتقىقات ئىشىدىن باشقا ، ئۆينىڭ پارچە پۇرات ئىشلىرىنى قىلىشقا توغرا كىلىدۇ . شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىپ، رىدىئاكتىپ ئىلمىنتلارنىڭ مەنبەسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى باشلايدۇ . بىر ناچچە يىل تىرىشىش ئارقىسىدا ئاخىرى 1898 - يىلى رادىئاكتىپلىق ئىلمىنتنىڭ سىرىنى ئىچىپ، يېڭى رادىئاكتىپ ئىلمىنىتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاپىدۇ . كىيۇرى خانىم ئۇنىڭغا "پولونىي" دەپ نام بىرىدۇ . پولونىينى تىپىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنبە بىر خىل رادىئاكتىپچانلىقى تىخىمۇ كۈچلۈك بولغان يېڭى ئىلمىنتنى تاپىدۇ . كىيۇرى ئەر خوتۇن ئىككىيلەن بۇ نامەلۇم ئىلمىنتنى رادىي دەپ ئاتايدۇ .

رادىيغا يۈرۈش قىلىش باشلىنىدۇ، ئۇلار ئاستى تاختايلىق بولمىغان، ئۆگزىسىدىن يامغۇر ئۆتۈپ كىتىدىغان ئەسكى ياغاچ ئۆينى تەجرىبىخانا قىلىپ، شۇيەر دىن ئۆزلىرى يېڭى ئىلمىنىت دەپ ھۆكۈم قىلغان رادىينى نەچچە توننىلىغان قاراماي ، ئوران كان دەشقاللىرى ئىچىدىن تېپىپ چىقماقچى بولىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئىش ئىدى . 4 يىل مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىش ئارقىسىدا، ئاخىرى 1902 - يىلى 0.1 گىرام ساپ رادىي تۇزىنى غەلىبىلىك ئاجرىتىپ چىقىدۇ . كىيۇرى خانىم مۇشۇ دەۋر بۆلگۈچ ئۇلۇغ كەشپىياتى بىلەن 1903 - يىلى فىزىكا ساھەسىدە نوبىل مۇكاپاتىغا ئىگە بولىدۇ .

كىيۇرى ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن رادىي نى تاپقانلىقى بىلەن دۇنياغا تونىلىۋاتقاندا ، بىر پاجىئە يۈز بىرىدۇ، 1906 - يىلى 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچقۇرۇن كىيۇرى يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇت ئات ھارۋىسى بىسىۋىلىپ ، شۇ يەردىلا جان ئۈزۈپ كىتىدۇ، ئىرىنىڭ ۋاپات بولىشى كىيۇرى خدنىم ئۈچۈن قاتتىق زەربە بولىدۇ . ئەمما بۇھال ئۇنىڭ ئىلىم - پەن يولىدا تىرىشىپ كۆرەش قىلىدىغان قەتىي ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ . كىيۇرى خانىم داۋاملىق بىرىلىپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئىرىنىڭ تۈگىتەلمىگەن ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ .

ئۇ قايتا قايتا ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ ۋە تەجرىبە قىلىپ رادىينىڭ ئاتۇم مىقتارىنى ۋە رادوننىڭ ھەم باشقا نۇرغۇن ئىلمىنتلارنىڭ يىرىم يىمىرىلىش دەۋرىنى يەنە بىر قىتىم توغرا ئۆلچەپ بىكىتىدۇ ھەمدە مۇشۇ ئاساستا ، رادىئاكتىپلىق ئىلمىنتلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى سىستىما مۇناسىۋىتىنى رەتلەپ، رادىئاكتىپلىق ئىلمىنتنى ئاجرىتىش ۋە ئۇلارنىڭ رادىئاكتىپلىقىنى ئۆلچەپ بىكىتىش جەھەتتە غايەت زور تۆھپە يارىتىدۇ . كىيۇرى خانىم مۇشۇ بىرقاتار زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن 1911 - يىلى يەنە خىمىيە ساھەسىدە نوبىل مۇكاپاتىغا ئىگە بولىدۇ ، بىر ئادەمنىڭ ئىككى نۆۋەت نوبىل مۇكاپاتىغا ئىگە بولىشى تارىختا تۈنجى قىتىم ئىدى .

ئۇزاق مۇددەت جىددىي ئىشلەش ۋە ياشنىڭ چوڭىيىشى ئارقىسىدا ، كىيۇرى خانىمنىڭ تەن - قۇۋۋىتى بارغانسىرى ئاجىزلاشقان، لىكىن ئۇ ھامان كۈچلۈك ئىرادە ۋە غايەت زور سەۋرىچانلىق بىلەن، كىسەل ئازاۋىنى يىڭىپ، خىزمەتنى قەتىي داۋاملاشتۇرغان . ئۇ رادىي ئۈستىدە تەجرىبە قىلىشنىڭ زىينىنى ھىچقاچان نەزەرگە ئالمىغان . دەل مۇشۇنداق ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەت كىيۇرى خانىمنىڭ تىنىنى ئاجىزلاشتۇرغان .كىيۇرى خانىم 1934 - يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئىلىم - پەن ئىشى يولىدا قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان . كىيۇرى خانىم جەمىي 70 نەچچە پارچە ئىلمىي ،ماقالە ۋە ئەسەر قالدۇرغان . بۇ ئىنسانىيەتنىڭ قىممەتلىك ئىلمىي مىراسى ، ئۇنىڭدىن كىيۇرى خانىمنىڭ نامىغا ئوخشاش مەڭگۇ شانلىق نۇر چاقناپ تۇرىدۇ .



توماس جېففېر سون (1743 - 1826 . THOMAS JEFFERSON)



ئامىرېكىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك زوڭتوڭى، "مۇستەقىللىق خىتابنامىسى" نىڭ ئاساسلىق تۈزگۈچىسى توماس جېففېر سون 1743 - يىلى ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ شادۋىل شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى توپۇگراپ، باي فىرما خوجايىنى بولۇپ، ئوغلىغا كۆپ مال مۈلۈك قالدۇرغان . جېففېر سون ۋىليام ۋە مارىي ئىنىستىتوتلىرىدا ئىككى يىل ئوقۇغان، ئەمما ئىلمىي ئۇنۋانغا ئىرىشەلمىگەن، كىيىن يەنە بىر نەچچە يىل قانۇن ئۈگەنگەن، 1767 - يىلى ئادۇكاتلىق سالاھىيىتىگە ئىرىشكەن ، شۇنىڭدىن كىيىن، 7 يىلدەك بىر تەرەپتىن ئادۇكاتلىق قىلىپ ، يەنە بىر تەرەپتىن فىرما باشقۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولغان .

توماس جېففېر سون 1774 - يىلى تۈنجى موھىم ماقالىسى "ئەنگىلىيىگە قارام ئامىرىكا قىتەسى ھوقۇقى ھەققىدە بايان" نى يېزىپ چىققان، ئىككىنچى يىلى ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلىنىپ، ئىككىنچى قىتىملىق چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىغا قاتناشقان . 1776 - يىلى "مۇستەقىللىق خىتابنامىسى" نى يېزىپ چىققان، شۇيىلنىڭ ئاخىرى ۋىرگىنىيە پارلامىنتىغا قايتىپ كىلىپ، بىر قانچە تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىر لىرىنى بىكىتىشتە موھىم رول ئوينىغان . ئۇ ئىككى موھىم لاھىيىنى - "دىننىي ئىتىقات ئەركىنلىك لاھىيىسى" ۋە "مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش لاھىيىسى" نى ئوتتۇرغا قويغان .

توماس جېففېر سوننىڭ مائارىپ لاھىيىسى ھەربىر ئادەمنىڭ مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقى بار؛ شىتاتلاردا تەسىس قىلىنغان ئالىي مەكتەپلەردە قابىلىيىتى يۇقۇرلار تىخىمۇ يۇقۇرى تەربىيىگە ئىگە بولىشى لازىم ، ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ .... دىگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . شۇنىڭغا ئوخشاش مائارىپ پىلانلىرى كىيىنكى چاغلاردا ئامىرېكىنىڭ بارلىق شىتاتلىرىدا دىگۈدەك يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى چاغدا بۇپىلاننى ۋىرگىنىيە شىتاتلىق ھۆكۈمەت قوبۇل كۆرمىگەن .

توماس جېففېر سوننىڭ دىننىي ئەركىنلىك لاھىيىسىنىڭ قىممەتلىك يىرى شۇكى ، لاھىيىدە سىياسەت بىلەن دىننى ئايرىۋىتىش پىرىنسىپى ئوتتۇرغا قويۇلغان . مەزكۇر لاھىيە تەبى ھالسدا بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان . ئەمما ئاخىر 1786 - يىلى ۋىرگىنىيە پارلامنتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن، شۇنىڭغا ئوخشاش پىلانلارمۇ ناھايىتى تىزلا باشقا شىتاتلارنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن . كىيىن ئامىرېكا ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن .

1796 - يىلى توماس جېففېر سون زوڭتوڭ نامزاتىغا كۆرسۈتۈلگەن ، سايلام بىلىتى ئادامىسنىڭكىدىن سەل كەم بولۇپ قىلىپ زوڭتوڭلۇققا سايلىنالمىغان . شۇچاغنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسەن توماس جېففېر سون مۇئاۋىن زوڭتوڭلۇققا سايلانغان . 1800 - يىلى .ئىككىنچى قىتىملىق سايلام رىقابىتىدە غەلىبە قىلىپ زوڭتوڭلۇققا سايلانغان .

1804 - يىلى توماس جېففېر سون يەنە ئامىرېكا زوڭتوڭلىقىغا سايلانغان . 1808 - يىلى ئۇ ۋاشنگتون پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، 3 - قىتىم سايلىنىشنى خالىمىغان . شۇنداق قىلىپ ، 1809 - يىلى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان . شۇنىڭدىن كىيىن، ئۇ ھۆكۈمەتكە ئالاقىدار ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋىرگىنىيە ئۇنىۋىرسىتىتىنى قۇرۇپ چىققان (1819 - يىلى ) . بۇ ئالىي مەكتەپتە ئۇ 43 يىل ئىلگىرى ۋىرگىنىيە پارلامنتىدا ئوتتۇرغشا قويغان مائارىپ توغرىسىدىكى لاھىيە يولغا قويۇلغان . توماس جېففېر سون 1826 - يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ، يەنى "مۇستەقىللىق خىتابنامىسى" ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىدا ئالەمدىن ئۆتكەن . شۇ يىلى ئۇ 83 ياشتا ئىدى .


atella يوللانغان ۋاقتى 2011-7-4 15:22:39

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى مەن خوتۇن ئالغان كۈن

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2011-7-4 16:22:52

ھەر كۈنى مۇشۇنداق تارىختىكى بۈگۈنلەرنى يېزىپ تۇرساڭلار مەكتەپلەردە تارىخ دەرىسى ئۆتمىسىمۇ بۇلىدىكەن. تارىختىكى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نىمىشلار يۈز بەرگەن بولغىتى؟؟
بەت: [1]
: ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ (4 - ﺋﯩﻴﯘﻝ)