hekemi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-3 09:03:43

ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ ( 3- ﺋﯩﻴﯘﻝ)

1853 - يىلى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى قىرىم ئۇرۇشى پارتلىدى


قىرىم ئۇرۇشى - " شەرق ئۇرۇشى" دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۇرۇش 1853- يىلدىن 1856- يىلىغىچە قىرىمنى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى قىلىپ ئىلىپ بىرىلغان، ئۇرۇشقا ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى ۋە ساردىن پادىشاھلىقى بىر تەرەپ بولۇپ روسىيە بىلەن ئۇرۇشقان.


ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى روسىيە- تۈركىيە ئۇرۇشىدىن باشلاندى، بۇنىڭغا روسىيەنىڭ تۈركىيەنى بويسۇندۇرۇپ ، قارا دىڭىز چىقىش ئىغىزىنى كونتىرول قىلىۋىلىشقا ئۇرۇنۇشى سەۋەپ بولدى. 1853- يىلىنىڭ بىشىدا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى روسىيە پراسلاۋ ( ئورتۇدوكس) دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى ئىرۇسالىمنى داۋاملىق باشقۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلىپ ، فىرانسىيە كاتولىك دىنىنىڭ باشقۇرىشىغا قوشۇلدى. 2- ئايدا روسىيە تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. 7- ئاينىڭ 3- كۈنى روسىيە ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى ھۆكۈمىتى پراسلاۋ دىنىي مۇرۇتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلدى دىگەننى باھانە قىلىپ پراسلاۋ دىنىي مۇرۇتلىرىنى قوغداش نامى بىلەن ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق مولدۇۋا ۋە ۋالاخىيە قاتارلىق ئىككى كىنەزلىككە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى، بۇ ئەمىلىيەتتە ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىگە ئۇرۇش ئىلان قىلماي تۇرۇپ ئۇرۇش قىلغانلىق ئىدى. 10- ئاينىڭ 16- كۈنى ئوسمان تۈركلىرى روسىيىگە ئۇرۇش ئىلان قىلىپ ، بالقاندا ھۇجۇم قوزغىدى. 11- ئاينىڭ 30- كۈنى روسىيە دىڭىز پىلوتى 6 ئۇرۇش پاراخوتى ، 2 تىز يۇرەر قوغدۇغۇچى پاراخوت ۋە بىر قوش ماچتىلىق كىمە ئەۋەتىپ سىنوپ پورتىغا ھۇجۇم قىلدى، 3 سائەتلىك كەسكىن جەڭ ئارقىلىق ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ پورتتا تۇرۇۋاتقان بىر پىلوتىنى پۈتۈنلەي دىگۇدەك يوقىتىپ ، 2960 ئادىمىنى چىقىم تارتقۇزدى، ئەمما روسىيىدىن ئاران 37 ئادەم چىقىم بولدى .


ئەنگىلىيە، فىرانسىيە بىلەن روسىيەنىڭ كۈندىن - كۈنگە زەيىپلىشىپ كىتىۋاتقان ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ " مىراس " لىرىنى تالىشىش ، بولۇپمۇ يىقىن شەرق ۋە بالقاننىڭ زومىگەرلىكىنى تالىشىش زىددىيەتلىرى يىغىلىپ قالغان ئىدى ، روسىيە باشتىن - ئاخىر ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنى بويسۇندۇرۇشنى ئوتتۇرا شەرق ۋە بالقان رايۇنىغا كىڭەيتىشتىكى ئالدىنقى تاجاۋۇزچىلىق نىشانى قىلدى . ئەنگىلىيە ، فىرانسىيەلەر روسىيەنىڭ بالقاننى تەنھا ئىگىلىۋىلىشغا نارازى بولۇپ ، 1840- يىلى ئاۋسترىيە بىلەن بىرلىشىپ لوندۇندا يىغىن ئۆتكۈزۈپ ، 4 دۆلەت تۈركىيىنى " ئورتاق قوغداش " كىلىشىمىنى ئىمزالاپ ، روسىيەنىڭ بالقان رايۇنىدىكى كىڭەيمىچىلىكىنى چەكلىدى . 1853- يىلدىكى سىنوپ ئۇرۇشى ئەنگىلىيە، فىرانسىيەنى روسىيەنىڭ پوسپور دىڭىزى بوغۇزىدا توختىتىپ قويىلغان پىلوتىغا ئۇرۇش ئىلان قىلدۇرۇپ ، ئۆز پىلوتلىرىنى قارا دىڭىزغا كىرگۈزۈشكە سەۋەپ بولدى . 1854- يىلى 3- ئايدا ئەنگىلىيە ، فىرانسىيىلەر روسىيىگە ئۇرۇش ئىلان قىلىپ ، ئوسمان تۈركلىرىگە ياردەم بىرىش ئۈچۈن قوشۇن چىقاردى ، روسىيە- تۈركىيە ئۇرۇشى كىڭىيىپ ، ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە ، تۈركىيىلەرنىڭ روسىيىگە قارشى ئۇرۇشىغا ئايلاندى . 1855- يىلى 1- ئايدا ساردىنىيىمۇ روسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى .


1854- يىلى 9- ئايدىن 1855يىلى 9- ئايغىچە بىرلەشمە ئارمىيە قىرىم يىرىم ئارىلىدىكى روسىيە قارا دىڭىز پىلوتىنىڭ ئاساسلىق بازىسى بولغان سۋاستپول قورغىنىشا قورشاپ ھۇجۇم قىلدى . 349 كۈن داۋام قىلغان جەڭدە روسىيە مەغلۇپ بولۇپ ، قارا دىڭىز پىلوتىدىكى 14 ئۇرۇش پاراخوتى ، 100 دەك كىمە ، شۇنداقلا باشقا كىمىلىرىنى ۋە سۋاستپول قورغىنىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر بولدى . 1855- يىلى 3- ئاينىڭ 2- كۈنى سۋاستپول مۇھاسىرگە ئىلىنىپ ، جەڭنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئۇرۇش قوزغىغۇچى چار پادىشاھى نىكولاي- 1 زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالدى . شۇنىڭدىن كىيىن ئالېكساندىر- 2 تەخىتكە ئولتۇردى. 1856- يىلنىڭ بىشىدا روسىيە ئۇرۇشتا يىڭىلىپ ، سۈلھى تەلەپ قىلدى. 3- ئاينىڭ 30- كۈنى ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەر " پارىژ سۈلھى شەرتنامىسى " نى ئىمزالىدى.


قىرىم ئۇرۇشىدا روسىيە ئارمىيىسىدىن 300 مىڭدىن كۆپ ئادەم ئۆلۈپ ، غايەت زور ماددىي زىيان تارتتى، روسىيەنىڭ خەلىقئارادىكى ئورنىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى ، روسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق يىقىن شەرقتىكى كىڭەيمىچىلىكى ئىغىر زەربىگە ئۇچرىدى ، مەملىكەت ئىچىدە يانچىلىق تۈزۈم كىرىزىسى يەنىمۇ ئىغىرلاشتى. ئۇرۇشتىن كىيىن فىرانسىيە ياۋرۇپانىڭ زومىگەرلىكىنى يىڭىۋاشتىن ئىگىلىدى، ئەنگىلىيە يىقىن شەرق ۋە بالقاندىكى تەسىر كۈچىنى كىڭەيتىۋالدى، روسىيە يىراق شەرق رايۇنىغا قاراتقان كىڭەيمىچىلىكىنى جىددىيلەشتۈردى.

tepixmak يوللانغان ۋاقتى 2011-7-4 15:47:42

1988-يىل 7-3-كۈنى مەن تۇغۇلغان.\"\"
بەت: [1]
: ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ ( 3- ﺋﯩﻴﯘﻝ)