hekemi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-2 21:31:14

ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ (1 - ﺋﯩﻴﯘﻝ)

لېيبىنىز


     دېفىرىنسىيال - ئىنتېگرال ئىلىمى 17 - ئەسىرنىڭ كىيىنكى يىرىمىدا ، نىيۇتون بىلەن لىيبىنىز تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدەغا ئىشلىشى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن . ئۇنىڭ بەرپا قىلىنىشى يىقىنقى زامان ماتىماتېكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ يول ئىچىپ بەردى .



   لېيبىنىز 1646 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى گىرمانىيىنىڭ لىيبسگ شەھىرىدە تۇغۇلغان . 15 يېشىدا لىيبسگ ئۇنىۋىرسىتىتىغا كېرىپ قانۇن ۋە پەلسەپە ئۈگەنگەن . شۇچاغدا ئۇنىڭدا ماتىماتېكا ۋە تەبىي پەنگە قارىتا كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولغان . لېيبىنىز 20 يېشىدىلا شۇ چاغدىكى دۇنيادا تارقىلىپ يۈرگەن تۇرلىك ئىلمىي ئەسەرلەرنى كۆرۈپ چىققان . 1666 - يىلى ئۇ تۈنجى ماتىماتېكا ماقالىسى - >توپلام< نى ئىلان قىلغان >توپلام< يىقىنقى زامان ماتىماتېكىسىنىڭ تارمىقى بولۇپ ، ماتىماتېكا - فىزولوگىكىسىنىڭ بىشارىتى ئىدى .



    لېيبىنىز مەكتەپ دەرۋازىسدىن چىقىشى بىلەنلا دىپلوماتىك ئەمەلدارلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن، لىكىن ئۇ ماتىماتېكا ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى تاشلاپ قويمىغان . 1672 - يىلى ئۇفىرانسىيىدە زىيارەتتە بولغاندا، گوللاندىيىلىك ئالىم ھويگنس بىلەن دوست بولۇپ، ئۇنىڭدىن ناھايىتى زور تەربىيە ئالغان .



   لېيبىنىز نىڭ ئىلمىي تەتقىقات دائىرىسى كەڭ بولۇپ ، ئۇ ماتىماتېكا، فىزىكا ۋە خىمىيىنىلا تەتقىق قىلىپ قالماي ، بەلكىم ماشىنېسازلىق ئىلمى، بىئولوگىيە، تىببىي .ئىلىم قاتارلىقلار ئۈستىدىمۇ ئۇنىڭ ناھايىتى يۈكسەك ئىجادىي قاراشلىرى بولغان . ئۇ قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۇش ۋە يىلتىز چىقىرىش ئەمەللىرىنى ئىشلەيدىغان ھىساپلاش ماشىنىسىنى ئىجات قىلغان چىغىدا تىخى 30 ياشقا كىرمىگەن،



  لېيبىنىز بىلەن نىيۇتون >دېفرىنسىيال - ئىنتىگرال < نى كەشپ قىلىشتىن ئىلگىرى، ئىتالىيىلىك كاۋالىلى چەكسىز كىچىكلىك چۈشەنچىسى بىلەن ئىنتىگراللىق ھىساپلاش ئىلىپ بىرىپ ، ئىنتىگرال فورمىلىلىرىنى تاپقان ئىدى . فىرانسىيىلىك فىرماتمۇ فونكىتسىيىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ، ئەڭ كىچىك قىممەتلىرىنى تىپىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، ئاخىرى دېفرىنسىيال - ئىنتىگرالغا يىقىنلاشقان ئىدى . لىبىنىز بىلەن نىيۇتون بۇرۇنقىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەپ قاتتىق تىرىشىپ ۋە بىرىلىپ ئۇگۇنىش ھەن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ھەر ئىككىلىسى ئىلگىركى كىشىلەر چىقالمىغان يۇقۇرى پەللىگە چىققان . دېفرىنسىيال - ئىنتىگرالغا دائىر ئومۇمى ئۇقۇملارنى يەكۈنلەپ چىقىپ، ھىساپلاش قائىدىلىرىنى تاپقان . بولۇپمۇ بۇ ئىككى خىل ھىساپلاش ئوتتۇرسىدىكى تەتۇر مۇناسىۋەتنى كەشپ قىلغان ۋە بۇنىڭ بىلەن، مىخانىكا، ئاستىرنومىيە، ماتىماتىكا جەھەتتىكى بەزى زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان .

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-7-2 22:27:32

ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ (2 - ﺋﯩﻴﯘﻝ)  



1994-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 36 نەپەر جۇڭگولۇق پاراخوت خادىمىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان. قاتناش مىنىستىرلىكى پانامانىڭ «ئاپولو» ناملىق پاراخوتىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان، بۇ پاراخوتتا خىزمەت قىلىدىغان 36 نەپەر جۇڭگولۇقنىڭمۇ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. «ئاپولو» ناملىق پاراخوت جەنۇبىي ئافرىقىدىن يولغا چىقىپ، ئېلىمىزغا قاراپ يول ئالغان. لېكىن سەپەردە ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان.




1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مەككىدە قۇربان ھېيت مەزگىلىدە پاجىئە يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى قۇربان ھېيتنىڭ 1-كۈنى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىككى مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان مەككىگە ھەج قىلغۇلى بارغان، كىشىلەر توپى تولىمۇ قىستا-قىستاڭ بولغاچقا، يەتتە كىشى تونېلنىڭ چىقىش ئېغىزىدە يىقىلىپ قازا قىلغان، تەرتىپ قالايمىقانلاشقان، ئۇ ۋاقىتتا تونېلدا 50 مىڭ ئادەم بار بولۇپ، تېمپېراتورىسى 43 سېلسىيە گىرادۇس كېلەتتى. نۇرغۇن ياشانغانلار ۋە تېنى ئاجىزلار دەسسىلىپ ئۆلگەن، بەزى كىشىلەر نەپەس ئالالماي ئۆلگەن، جەمئىي 1426 كىشى قازا قىلغان.


\"\"







\"\"



1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ھېمىڭۋاي ئالەمدىن ئۆتكەن. ئېرنېست ھېمىڭۋاي 1899-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چىكاگو شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر كاۋچوكزارلىقتا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى كلارون ھېمىڭۋاي دوختۇر بولۇپ، ئوۋچىلىق ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئامراق ئىدى؛ ئاپىسى سەنئەتكە ھەۋەس قىلاتتى. ئائىلىسىنىڭ تەسىرى بىلەن ھېمىڭۋايدا كىچىكىدىنلا ئوۋ ئوۋلاش، بېلىق تۇتۇش، بوكسىيورلۇق، مۇزىكا ۋە رەسىمگە كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولدى. 1917-يىلى ھېمىڭۋاي كاۋچۇكزارلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈردى؛ ھەربىي سەپكە ئۆتۈپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، كۆزى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئارزۇيىغا يېتەلمىدى ۋە نائىلاج كانزاس شەھرىدە چىقىدىغان «يۇلتۇز» گېزىتىدە پراكتىكانت مۇخبىر بولۇپ ئىشلىدى. 1918-يىلى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئىتالىيە ئۇرۇش مەيدانىدا ئېغىر يارىلاندى.


تاشقى ئۇنىڭ بەدىنىدىن 237 تال ئوق پارچىسى چىققان. ئۇنىڭ «قۇياش يەنە چىقىدۇ» دېگەن رومانى شۇ دەۋردىكى «گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد» ئەدەبىي ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئىجادىيەت مايىللىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر ئەسەر. بۇ ئەسىرى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ھېمىڭۋاي «ئۈچ ھېكايە ۋە ئون شېئىر» دېگەن توپلىمىنى ئېلان قىلدۇرغان. 1936-يىلى ئىسپانىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىدى. بۇ جەرياندا ھېمىڭۋاي ئىسپانىيەگە ئىككى قېتىم باردى ۋە مۇخبىر بولۇپ ھۆججەتلىك فىلىم «ئىسپانىيە تۇپرىقى» نىڭ سىنارىيەسىنى يېزىشقا قاتناشتى ھەم فىلىمدا رول ئوينىدى. يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ چوققىسى ھېسابلىنىدىغان «ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟» دېگەن نادىر رومانىدا دەل مۇشۇ قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش ئەكس ئەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھېمىڭۋاي باشتىن–ئاخىر ۋاقتىنى ئۇرۇش قاينىمىدا ئۆتكۈزدى.


1942-يىلى مەردانىلىك بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە ئۆزىنىڭ بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان قولۋىقىدا فلورىدا دېڭىز بوغۇزىدىكى ئەھۋاللارنى چارلاش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى ھەم بۇ پائالىيەتنى ئىككى يىلغىچە داۋاملاشتۇردى. 1944-يىلى ئۇ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئەنگىلىيىگە باردى. لوندوندا ئېغىر يارىلاندى، دوختۇرلار ئۇنىڭ بېشىنى 57يىپلىق تىكتى. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاجايىپ سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كەچۈرگەچكە، ئوبزورچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنىڭ مۇشۇ قېتىملىق ئۇرۇش توغرىسىدا بىرەر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدى. 1952-يىلى يازغۇچىنىڭ «بوۋاي ۋە دېڭىز» دېگەن مەشھۇر پوۋېستىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ئۇنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈردى. 1954-يىلى ھېمىڭۋاي ئافرىقىدا ئىككى قېتىم ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچرىدى.


بېشى قاتتىق سىلكىنگەچكە، شۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىكى ۋە زېھنىي كۈچى بارغانسېرى ناچارلاشتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى. 1961-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى دېئابىت، يۇقىرى قان بېسىمى، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ۋە ئېغىر روھىي ئازابنىڭ قىيىنىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، ئەمدى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغانلىقىنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ھېس قىلغان بۇ قەيسەر يازغۇچى ئىداخو شىتاتىدىكى ئۆيىدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوې مىلتىقى بىلەن ئۆلۈۋالدى. «دۇنيا ئوغلى» دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن، فرانسىيە، ئىتالىيە، كۇبا، ئىسپانىيە، ئەنگىلىيە، كانادا، جوڭگو قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگىچە قەدىمي يەتكەن بۇ مەشھۇر يازغۇچىنىڭ مول سەرگۈزەشتىلەرگە تولغان ھاياتى ئەنە شۇنداق ئاياغلاشتى.


izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-7-2 22:31:10

ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ (3 - ﺋﯩﻴﯘﻝ)  



2004-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، يامازون ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالانغان. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىرازىلىيە، پىرۇ قاتارلىق سەككىز دۆلەت «يامازون شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ، يامازون ھەمكارلىق شەرتنامىسى تەشكىلاتىنى قۇرغان. بۇ شەرتنامىدا شەرتنامە تۈزگۈچى دۆلەتلەر ئورتاق تىرىشىپ، تەجىربە ئالماشتۇرۇپ، زىچ ھەمكارلىشىپ بۇ رايوننىڭ ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداپ، سۇ، قۇرۇقلۇق، ئاۋىئاتسىيە ۋە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.




2004-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئالجېرىيە مۇستەقىل بولغان. يۈزمىڭلىغان ئالجېرىيەلىكلەر كوچىلاردا تەبرىكلەشتى. بۇنىڭ بىلەن فرانسىيەنىڭ ئالجېرىيەدىكى 132 يىللىق مۇستەملىكىسى ئاخىرلاشتى.




1993-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، خېنەن ئۆلكىسىدە دىنوزاۋرنىڭ تاشقا ئايلانغان توپى بايقالغان. ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، بۇ يەردىن يەتتە دىنوزاۋرنىڭ تاشقا ئايلانغان تۇخۇمى بايقالغان.




1978-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ۋېيتنامغا ياردەم بېرىشنى توختاتقان.ئامېرىكا ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ۋېيتناملىقلار ۋاپاغا جاپا قىلىپ جۇڭگو بىلەن ۋېيتنام چېگرىسى ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق چىقارغان، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنى چېگرىدىن قوغلىغان. شىمالدا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىمۇ ھەيۋە كۆرسىتىپ ۋېيتناملىقلارغا بولۇشقان، شۇڭا جۇڭگو ۋېيتنامغا ياردەم قىلىشنى توختاتقان. 1950-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە، جۇڭگو ۋېيتنامغا ئومۇمىي قىممىتى 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان ياردەم بەرگەن.




1916-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى ئەڭ باي ئايال خېرتى گىرىن 82 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئۆمرىدە بىر قىز، بىر ئوغۇللۇق پەرزەنتلىك بولغان. كىشىلەر ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشىنىدۇ. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسسىس شىتاتىدىكى بىر پاراخوت سودىگىرىنىڭ يالغۇز قىزى. ئۇ دادىسىنىڭ 9 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مىراسىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ دادىسى قازا قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ ھاممىسىمۇ قازا قىلغان، ھاممىسى ئۇنىڭغا 4 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بايلىقى تېخىمۇ كۆپەيگەن. ئۇنىڭ پىخسىقلىقى توغرىسىكى گەپلەر تولىمۇ كۆپ، ئۇ 1867-يىلى مانېلادىكى بىر ئامېرىكا ئەلچىسى بىلەن توي قىلغان، لېكىن خېرتى توي قىلىشتىن بۇرۇن كېلىشىم تۈزۈپ، بارلىق مال-مۈلكىنىڭ ئۆزىدە ساقلىنىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.




مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

gunes يوللانغان ۋاقتى 2011-7-3 02:24:21

ئالجىرىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈنى 2004-يىلى ئەمەس، 1962-يىلى 7-ئاينىڭ- 5-كۈنى.


Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2011-7-3 09:31:49

2011-يىلى 7.ئاينىڭ ئۈچىنچى كۈنى مەن سەھەر تۇرۇپ ناشتا قىلدىم.

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-7-3 09:44:25

تۈزىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن،بەيدۇدىن ئىزدىسەم ئۈستىدىكى ئۇچۇردا ھەقىقەتەن خاتالىق بار ئىكەن،ئالجىرىيە 1962-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇستەقىل بولغان ئىكەن...

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2011-7-3 17:30:35

独立日】7月5日(1962年)     


    【国庆日】11月1日(1954年)


بەت: [1]
: ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻥ (1 - ﺋﯩﻴﯘﻝ)