wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-30 21:55:43

قىز بالىمۇ ئوخشاشلا ئۇلۇغ (ۋاپادارىم912)

تېلىفون قىپتۇ بۇرادەرلىرىم ،

يىغىلىدۇق دەپ كەچلىك بازارغا ،

تەربىيەلىك سورۇنىمىزدىن ،

كېلىپ قالدى "ئىلھام " يازارغا .



تورداشلىرىم قېنى مەرھەمەت ،

باراتجاننىڭ ھېكايىسىگە  .

قېنى سىزمۇ باھا بېرەرسىز ،

ئوقۇپ بولۇپ -  ئىدىيەسىگە  .



رەپىقىسى  بارات دوستۇمنىڭ

بوشىنىپتۇ ئىككى كۈن ئاۋۋال  .

قىز بوۋاقنى كۆرۈپ دوستىمىز ،

سۈرۈپتىمىش ئېگىز-پەس خىيال .



نېمىشقىمۇ ئۇلۇغ خۇدايىم ؟


قىلمىغانسىز بالامنى ئوغول .

باشلىرىمغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ،

مىندۈرەتتىم ئەمەسمۇ دۇلدۇل .



-قىز بالا ئۇ  خەقنىڭ ئادىمى ،

بوپ كەتسىمۇ ئاسمانغا تۈۋرۈك .

ئوغول دېگەن ئەلگە يار بولۇپ ،

ياسىمامدۇ  دەرياغا كۆۋرۈك .



خوتۇنىمدىن شۇڭا خاپىمەن ،

-دەپ تۆكتى ئۇ بىزگە  "دەردىنى" .

بۇرادەرلەر گەپنى  باشلىدۇق ،

تىڭشاپ بولۇ پ ئۇنىڭ "ئەرزىنى."



-ئەزىز قىلدى ئىنساننى ئاللاھ ،

قىز بالىمۇ ئوخشاشلا ئۇلۇغ.

روزى موللا* "ئۇيغۇرنى "ساتتى  ،

رىزۋانگۈللەر كۆتۈردىغۇ تۇغ !



مەيلى ئوغول مەيلى قىز بولسۇن ،

ھەر ئىككىسى بىر بۈيۈك نىئمەت .

بىلگىن دوستۇم ئانا بوپ قىزلار  -

-مىللەت ئۈچۈن تۇغىدۇ ئەزىمەت !



ئەقىدىمىز ،پەرۋىشىمىزدىن ،

يېتىلگۈسى  ئىنسانغا لايىق ،

پەرزەنىتلەر بولسۇن،ئىلاھىم -

-مىللىتى ۋە دىنىگە سادىق !




كاللىسىدىن ئۆتۈپ دوستۇمنىڭ ،

مېڭىپ كەتتى دوختۇرخانىغا .

بۇ گەپلەرنى قىلىپ قويۇڭلار ،

يەنە بولسا باراتجانلارغا ............


* روزى موللا -ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى دۈشمەنلەرگە ساتقان كىشى .



2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ 10 دا :


شەھرى بورتالادا ۋاپادارىم خانىسىدە يېزىلىپ بېقىلدى .

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-1 07:10:02

نېمە دەيتتۇق ھېلىقىنى .


ھە يادىمغا كەچتى \"ئېغىر سۈكۈتتىمەن !\"

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2011-7-1 12:50:20

مەن قىز بەرسۇن دەپ تىلەپ يۈرسەم ئا ئاداش ،،،،،،،،،،،،،،،،،

Queen يوللانغان ۋاقتى 2011-7-1 13:41:17

كۆپىنچە ئەرلەرئوغۇل بالىغا بەك ئامراقلىق قىلىدۇ.


اللە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:


اللە نىمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ. ياكى ئۇلارغا ئوغۇل ،قىزنى ئارلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ،خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ. اللە ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. (سۈرە شۇرا 49-50-ئايەتلەر.)


- ئۇ تەلەپ قىلغان ئوغۇل (ئاتا قىلىنغان)قىزغا ئوخشاش ئەمەس. (بەلكى بۇ قىز ئارتۇقتۇر) -سۈرە -ئالئىمران36-ئايەت.


بىز بىلمەيمىز، بىز ئۈچۈن قىز پەرزەنت ئارتۇق ياكى ئوغۇل پەرزەنت، اللە بىلىدۇ. شۇڭا ئالدىن بىلىپ ئۆزى خالاپ بېرىدۇ.  بىز پەقەت شۈكۈر قىلىشىمىز كېرەك.


Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2011-7-1 14:21:54

\"ھەمشىرە\" دېگەن \"ئاچا- سىڭلىسى\" دېگەن گەپتۇ ئۇيغۇرچىدا؟

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-7-1 21:06:48

ۋاپادارىمنىڭ بۇ شېئىرى ماڭا ياقتى،بولۇپمۇ 9-كۇبلىتى...

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-1 23:36:40

\"ھەمشىرە\" دېگەن \"ئاچا- سىڭلىسى\" دېگەن گەپتۇ ئۇيغۇرچىدا؟

-------------------------------------



تولىمۇ خىجىلمەن ،ئۆزگەرتىۋەتتىم ،سىزگە كۆپ رەھمەت .

aman18 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-2 07:43:53

ۋاپادارىم 912 باشقورغۇچى بوپسىلەردە مۇبارەك بولسۇن

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-2 15:02:28

ئۆزەم يېزىپ ئۆزۈم ئورۇنلىغاندەك بوپ قاپتىمەن ھە\"\" ،ئەسلى ئۆزۈم تەستىقلىمىسام بولاتتى ئۆزۈم يازغان تېمىنى .

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-7-3 11:49:49

پەخرىيە ئەشرەپنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بېرىڭ.


ئەزەلدىن بىرەرسىگە يېزىلغان قەسىدىلەردىن بىزار ئىدىم،ئەلكۈيىدە پەخرىيە سىڭلىمىزغا يېزىلغان ئىككىسىنى ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ ئوقۇۋەتتىم،كىرپىكلىرىم نەم بولدى.


ۋاپادارىم،مۇشۇنداق سۆيۈملۈك قىزلىرىمىزغا يېزىپ باقسىڭىز بولمامدۇ؟

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2011-7-9 21:46:12

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !


ۋاپادارىمخانىڭىز ياخشى ئەسەرلەرنى ئېكىسپورت قىلىدىكەن ، تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىندى ، داۋاملىق تاشقى پېرۋوت ياراتقايسىز !


  

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2011-7-9 22:11:20

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !


ئىنكاس يوللىسام ئاز دېگەندە ئىككى بولمىسا ئۈچ بولۇپ چىقىۋاتىدۇ ، چۈشىنەمەسلىك كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن مەن بۇ ئىنكاس ئارقىلىق باشقۇرغۇچىلارغا تەكرار يوللىمىغانلىقىمنى دەپ قويماقچى .


بۇنداق بولسىمۇ ياخشىكەن بىردەمدىلا مىڭ بېشى بولۇپ قاپتىمەن \"\"

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-10 18:21:59

پەخرىيە ئەشرەپنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بېرىڭ.


ئەزەلدىن بىرەرسىگە يېزىلغان قەسىدىلەردىن بىزار ئىدىم،ئەلكۈيىدە پەخرىيە سىڭلىمىزغا يېزىلغان ئىككىسىنى ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ ئوقۇۋەتتىم،كىرپىكلىرىم نەم بولدى.


ۋاپادارىم،مۇشۇنداق سۆيۈملۈك قىزلىرىمىزغا يېزىپ باقسىڭىز بولمامدۇ؟


---------------------------------


ئۇ قىزغا يېزىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ قەلەم ،خۇدايىم شۇنداق كۈنلەرنى بەرسۇنكى ئۇ قىزغا ،10 يىللاردىن كىيىن ئۇنى ئىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن .

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-10 18:22:10

بەت: [1]
: قىز بالىمۇ ئوخشاشلا ئۇلۇغ (ۋاپادارىم912)