izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-29 13:49:26

ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەر ۋە ئاياللارغا بەرگەن تەبىرى

ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەر ۋە ئاياللارغا بەرگەن تەبىرى



جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى: ئەرلەر ھاۋارايىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ نېگىزىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. ئاياللار سىم-سىم يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇلارنى ئەرلەرلا ھەم ياغدۇرالايدۇ، ھەم توختىتالايدۇ.



ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى: ئەرلەر ۋەقەلىككە تويۇنغان بىر رومان، ئۇنى ئاياللارلا ئوقۇيالايدۇ. ئاياللار گۈزەل بىر شېئىر، ئەمما ئۇنى ئەرلەر يازىدۇ، ئاياللار ئۆزلىرى ئوقۇيدۇ.



پىسخولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى: ئەرلەر پالچىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار سىزگە نېمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئەمما نەتىجىسى كۆپىنچە ھالدا خاتا چىقىدۇ. ئاياللارمۇ پالچىغا ئوخشايدۇ،ئەممە ئۇلار ئۆزلىرى پال سېلىپ، ئۆزلىرى ئىشىنىپ يۈرىدۇ.



ئىقتىساد پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى: ئەرلەر مال ساتقۇچىغا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ ياغلىما گېپىگە ئاسانلىقچە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. ئاياللار مال سېتىۋالغۇچىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار مال ساتقۇچىنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشىنىدۇ ۋە مال سېتىۋالىدۇ.



گېئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى: ئەرلەر يانار تاغقا ئوخشايدۇ، يىراقتىن تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ، ئەمما دائىم پارتلايدۇ. ئاياللار قاشتېشىغا ئوخشايدۇ، نۇرغۇن ئەرلەر كۆزى ئوچۇق تۇرۇپمۇ سۈزۈك قاشتېشىنى تاپالمايدۇ، يەنە نۇرغۇن ئەرلەر كۆزىنى ئېتىپ قويسىڭىزمۇ ئەڭ ياخشى قاشتېشىنى تاپالايدۇ، بىراق ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەڭ ياخشىسىنى تېپىۋالغان ئەرلەر ئەڭ ئىشەنچسىزدۇر.



مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى: ئەرلەر مەڭگۈلۈك ساز، ئۇنى ئاياللار چالىدۇ، ئەرلەر ئۆزلىرى ئاڭلايدۇ. ئاياللار لىرىك ناخشا، لېكىن ئۇنى ئەرلەر بۇزۇپ ئېيتىدۇ.



تىل ئوقۇتقۇچىسى: ئەرلەر ئۇزۇن قۇلاق، ئەمما ئايالىنىڭ گېپىنى ئاڭلىيالمايدۇ؛ ئاياللار پاڭ، ئۇلار بىر - بىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا ھېچكىمنىڭ گېپىنى ھېچكىم ئاڭلىيالمايدۇ، ئەمما ئەرلىرىنىڭ پىچىرلاپ قىلغان گېپىنى ئاڭلىۋالىدۇ.



ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى: ئەرلەر مۇرەككەپ تەڭلىمە، ئۇلار ئاياللارنىڭ يېشىۋېتىشىنى خالىمايدۇ، ئاياللار ئاددىي تەڭلىمە، ئەمما ئەرلەر ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنى يېشەلمەيدۇ.




مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

windboy يوللانغان ۋاقتى 2011-6-29 15:22:14

مىنىڭ تولۇق ئوتتۇردىكى جۇغراپىيە مالىمىم دېڭىز قۇرۇغلۇقنىڭ تېرمو دىنامىكىلق پەرقىنى سوزلىگەندە ئەرلەر دېڭىزغا ئوخشايدۇ،تاماقنى بىر قېتىمدا جېق يەۋالىدۇ(ئەمەلىيەتتە ئىسسغلىققا قارىتىلغان گەپ)،قوسىقى ئۇزۇنغىچە ئاچىمايدۇ،ئاياللار قۇرۇغلۇققا ئوخشايدۇ ئاز يەيدۇ،قوسىقى تىز ئاچىدۇ دىگەن~~~~~~

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-29 20:02:10

windboy

مىنىڭ تولۇق ئوتتۇردىكى جۇغراپىيە مالىمىم دېڭىز قۇرۇغلۇقنىڭ تېرمو دىنامىكىلق پەرقىنى سوزلىگەندە ئەرلەر دېڭىزغا ئوخشايدۇ،تاماقنى بىر قېتىمدا جېق يەۋالىدۇ(ئەمەلىيەتتە ئىسسغلىققا قارىتىلغان گەپ)،قوسىقى ئۇزۇنغىچە ئاچىمايدۇ،ئاياللار قۇرۇغلۇققا ئوخشايدۇ ئاز يەيدۇ،قوسىقى تىز ئاچىدۇ دىگەن~~~~~~

مېنىڭ جۇغراپىيە ئوقۇتقوچۇم ئەرلەر لەگلەككە  ئوخشايدۇ ، كڭلى تارتقان خالىغان يەرگە بېرىپ باققۇسى كېلىدۇ ، ئاياللارمۇ شامالغا ئوخشاش ئۇلارنى خالىغانچە ئۇچۇرۇپ مۇرادىغا يەتكۈزۈپ قويىشى كېرەك دىگەن .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-6-30 08:45:24

بىزنىڭ جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىمىز ھېچنىمە دېمىگەن !

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-6-30 12:01:33

تەتىمەي ئوقۇتقۇچىلاركەن

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2011-7-4 13:30:21

ماڭا ئەڭ ئىسىل گەپلىرنى دەپ بىرىپتىكەن بىزنىڭ مالىم
بەت: [1]
: ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەر ۋە ئاياللارغا بەرگەن تەبىرى