Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-6-29 09:34:49

ئەڭ يىڭى تەتقىقات نەتىجىسى: ئۇيغۇرلار موڭغۇل ئىگىزلىكىدىمۇ شەھەرلەنى قۇرغان

مەنبە: [جېك بىلوگىدىن كۆچۈرۈلمە. http://jeckblog.com]



بۇ ماقالا ئامرىكىدا چىقىدىغان ئىلىم -پەن(Science ) ئىلمى ژورنىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى سانىنىڭ «يىڭى فوكۇس»(NEWS FOCUS) سەھىپىسىدە خەۋەر تەرىقىسىدە بىرىلگەن.تەتقىقات نەتىجىسى  بۇ يىل ئېچىلغان ئامرىكا ئارخىئولۇگىيە جەميىتىنىڭ 76-قېتىملىق يىللىق يىغىلىشىدا جامائەتكە سۇنۇلغان.  ماقالا شۇ پېتى تەرجىمە قىلىندى.

ئەسلى مەنبە:

Science 22 April 2011:

Vol. 332 no. 6028 pp. 416-417

DOI: 10.1126/science.332.6028.416-a




قاقاس يايلاق تەكتىدە، مۇڭغۇلدا قالدۇق ھەيراندا

Beneath a Barren Steppe, a Mongolian Surprise


بۇ يىل ئېچىلغان ئامرىكا ئارخىئولۇگىيە جەميىتىنىڭ يىللىق يىغىلىشىدا مەركىزى موڭغۇلىيەنىڭ ئورخۇن جىلغىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئورۇنلاردا كەڭ كۆلەمدە ئولتۇراقلاشقان ئورۇنلار بايقالغانلىغى ۋە ۋاقىت جەھەتتىن بۇ ئولتۇراق رايۇنلارنىڭ مىلادى  8-،9-ئەسىر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئىمپيرىيسى (Uigher empire) دەۋرىگە توغرا كىلىدىغانلىغى ئىلان قىلىنغان بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن بۇ يىراق رايۇنلاردا  كەڭ كۆلەمدە ئولتۇراقلىشىش بولغانلىغى مەلۇم ئەمەس ئىدى.


موڭغۇل ئىمپرىيسى دۇنيا تارىخىدا ئۆتكەن ئەڭ باي ۋە چوڭ بولغان ئىمپرىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئۇنىڭ تىرىتورىيەسى موڭغۇلىيەنىڭ يايلاقلىرىنى مەركەز قىلىپ ۋېيتنامدىن ۋىنگىرىيەگىچە سوزۇلغان. چىڭگىزخان ھەتتا غەربى ياۋرۇپاغىمۇ تەھدىت سالغان ئىدى. شۇڭلاشقا بۇرۇن موڭغۇل پايتەختى قاراقۇرۇم (Karakorum) نى قىزىپ چىققان بون ئۇنۋېرسىتى (University of Bonn ) ئارخىلوگى جەن بېممان (Jan Bemmann) يىقىندا يىراق ئورخۇن جىلغىسىدا چوڭ كۆلەمدىكى قەدىمقى ئولتۇراقلىشىشنى بايقىغاندا ئۇ ئولتۇراقلىششىنى 13-ئەسىردىكى موڭغۇلىيەنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىگە توغرا كىلىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. لېكىن ئۇنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغىنى، ئۇ بۇ غايەت زور ئولتۇراق رايون ۋە ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ  ۋاقىت جەھەتتىن بۇرۇن بۇ جايدا كەڭ كۆلەمدە ئولتۇراقلاشقانلىغى مەلۇم بولمىغان مىلادى  8-،9-ئەسىر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئىمپيرىيسى دەۋرىگە توغرا كىلىدىغانلىغىنى بايقىغان. «بىز ئەسلى نۇرغۇنلىغان موڭغۇل توپا دۆۋىلىرىنى بايقايمىز دەپ ئويلىغان ئىدۇق، لېكىن پۈتۈنلەي خاتالىشىپتىمىز» دەيدۇ  ئارخىلوگ جەن بېممان يىغىندىكى دوكلاتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا.


رادار نوقتىسىدىن بەك يىراقلىغى ۋە يەر يۈزى شەكلىنىڭ كەمتۈكلىگى تۈپەيلىدىن بۇ چاققىچە موڭغۇلىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان يەرلىرى رادارنىڭ تەكشۇرۇشىدىن چۈشۈپ قالاتتى. لېكىن ئارخىلوگ جەن بېممان ۋە يىڭى بىر ئەۋلاد تەكشۈرگۈچىلەر يىراق، ئادەملەر ئاز ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يىڭى ئىلغار تېخنىكا ئىشلەتكەن. بۇ گېرمان قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئۈمىكى بىر سەككىز قانات (octocopter) ، يەنى ئىچى نۇرغۇنلىغان ئەسۋاپلارغا لىق تولغان كىچىك تىپتىكى تىك ئۇچارنى قويۇپ بىرىپ ئۇ ئارقىلىپ يەر يۈزىنىڭ رەقەملىك مودىلىنى قۇرغان. تۈۋەندە بولسا دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆتكۈزگۈچلۈك كۇۋانتۇم كاشىلا ئەسۋابى (superconducting quantum interference devices) ئارقىلىق يەر يۈزىنىڭ، تىز، يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى ماگىنىت مەيدانىغا رەسىمىگە ئىرىشكەن. بۇ ئىرىشكەن مەلۇماتلار  بولسا يەر يۈزىنىڭ ئاستىدىكى قۇرۇلمىنىڭ تەپسىلى خەرىتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، چۇنكى چىڭ مۇستەھكەم قۇرۇلمىلار ئاەتتىكى تۇپراققا نىسبەتەن مانا مەن دەپلا كۈرۈنۇپ تۇرىدۇ. «مۇڭغۇللار بىزنى مازاق قىلىپ كۈلۈشۈپ كەتتى»، دەيدۇ  جەن بېممان ، « ئۇلار بۇ يەردە ھىچنىمە يوق دىيىشىتى».


لېكىن ئىشلەتكەن يۇقىرى تېخنىكا ئەسۋاپلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى، بۇ يەرگە تىك-تۆت بولۇڭ شەكلىدە تامدا قورشالغان، يەر مەيدانى 30 كۇۋادىرەت كىلومىتېر دائىرىسىدا بولغان ئولتۇراق رايۇن جايلاشقان بولۇپ ئىسمى قارابالغاش( Kharbalgas)، بۇ ئورۇننىڭ يەر مەيدانى موڭغول پايتەختى قاراقۇرۇمدىن 10 ھەسسە چوڭ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە نۇرغۇنلىغان توخۇمىسمان تاملار بولۇپ بۇ بەلكىم ئات-ئۇلاق قوتىنى بولىشى مۇمكىن. بۇ ئورۇننىڭ ئىنىق ۋاقىت دەۋرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ، لېكىن بەزى قىزىپ چىقىلغان چىنە ۋە باشقا ئاسارە ئەتىقىلەر بۇ ئولتۇراق رايۇننىڭ ئۇيغۇر ئېمپېرىيسى ( Uigher empire)دەۋرىگە توغرا كىلىدىغانلىغىنى كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلار تۈركى خەلىقلەر بولۇپ ئۇلار شۇ دەۋىردە موڭغۇلىيەنى كونتىرول قىلغان ۋە جۇڭگۇغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ يېزىقى، تىلى ۋە مەدىنىيتى كىيىنكى دەۋىردىكى موڭغۇللارغا كۆچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. لېكىن ھىچكىم ئۇلارنى بۇ رايۇندا شەھەرلەرنى قۇرغان دەپ ئويلاپ باقمىغان.


باشقا تەكشۈرۈشلەر يەنە شۇ جىلغىدا نۇرغۇنلىغان ئولتۇراق رايۇن نوقتىلىرىنى كۆرسەتتى. «بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان يىڭى ئۇچۇر ئىكەن » دەيدۇ  ئۇيغۇر ئېمپېرىيسى دەۋرى تارىخى مۇتەخەسسىسى،  ۋاشىڭتوندىكى سىمىسونىيان ئىنستىتوتى تەبىئەت تارىخى دۆلەتلىك مۇزىيى (the Smithsonian Institution National Museum of Natural History in Washington, D.C) دىن  ئارخىلوگ دەن روجىرز ( Dan Rogers) « موڭغۇللارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان سىتىراتىگىيە بىلەن موڭغۇلىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنى قورۇپ چىقىپتىكەن. موڭغۇللار يايلاق تۇرمۇشىنىڭ تەلىۋى بىلەن شەھەرلەردىن يىراق ياشايدۇ ». موڭغۇلىيەدە جىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، كالىفورنىيەنىڭ پالو ئالتودىكى ستانفورد ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئارخلوگى جۇشۇۋا رايت ( Joshua Wright) يەنە بۇ يىڭى بايقاشلار يىراق يايلاقلاردا يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئەسۋاپلىرىنى ئىشلىتىشىنىڭ قىممىتنى بىلدۈردى دىدى.


جەن بېممان يەنە بون ئۇنۋېرسىتىدىن  Hans-Georg Hüttel ۋە ئۆزىنىڭ موڭغۇل كەسىپدىشى  Ulambayar Erdeneba قاتارلىقلارنىڭ يەنە بۇ شەھەرنىڭ پىلان قىلىنىشى ۋە بىنالىرىنىڭ رولى توغرىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى تېپىش ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قىزىۋاتقانلىغىنى بىلدۈردى.



تۈگىدى.

باشقا يەرگە كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ.

ئوقۇپ بۇلۇپ بىكار قالسىڭىز بىر قېتىم ئىلان چىكىڭ

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-6-29 15:50:22

arislan

Erktekin

تەكتىماكان  قۇملىرى  ئاستىدا  قانچىلىك  سىرلار  كۆمۈلۈپ  ياتىدۇ  تېخى ........................



تەكلىماكان قۇملىرى ئاستىدا ھەر قانچە كاتتا ئارخىلوگىيىلىك بايقاشلارغا ئېرىشسىڭىزمۇ يەنىلا سىزگە ئاشمايدۇ ئەرك بوۋاي. باشقىلارنىڭ قارىشىدا بىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمىزگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغان.

تېكىن  دىگەن  سۆزنى  بوۋاي  دەپ  چۈشىنىۋالدىڭىزما ؟؟؟؟

mehman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-29 16:09:42

baqka نىڭ :-دائىم ئوچۇق ھاۋا بولسىكەن دەيمەن.


مۇشۇ تەپەككۇرىنى ھەر قېتىم كۆرسەم دۇفۇ كاۋاپ ساتامدىكىن دەپ ئۇيلاپ قالىمەن \"\"

arislan يوللانغان ۋاقتى 2011-6-29 16:19:09

ئەركنى شاھزادە دەپ چۈشىنىمەن. ئىزدىنىشنىڭ قېرىسى بولغاندىكىن ئەكىلىتىپ بوۋاي دەپ قويدۇم. دىدار غەنىمەت ئەرك شاھزادە.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-6-29 17:46:45

mehman

baqka نىڭ :-دائىم ئوچۇق ھاۋا بولسىكەن دەيمەن.


مۇشۇ تەپەككۇرىنى ھەر قېتىم كۆرسەم دۇفۇ كاۋاپ ساتامدىكىن دەپ ئۇيلاپ قالىمەن \"\"



ھا..ھا..ھا.. بۇنداق پەرەزنىمۇ ئاڭلاپ قالغۇلۇق.


ئۆتكەن يىل تاقىلىشتىن بۇرۇن ئىزدىنىشتا بىر- بىرىگە قەغەز ئوقيا ئېتىشقانلار ئاز ئەمەسچۇ، شۇنىڭغا قارىتىپ يېزىپ قويغانتىم..

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-6-29 17:47:44

قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ (ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئەمەس) موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدە شەھەرلەرنى قۇرغانلىقى ھەققىدە تارىخى ئىسپاتلار بار. مانا ئەمدىلىكتە ماددىي ئىسپاتلارمۇ تېپىشلىقا باشلاپتۇ. ھەق ئىگىلەر سۇنماس دىگەندەك، تارىخ ھامىنى ئۆزىنى ئاشكارا قىلىدۇ.


ئۇيغۇر ئىىپېرىيىسى پەقەت موڭغۇل ئىگىزلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى، ھازىرقى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قىسىم رايونلىرىغا بولغان كەڭ زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقى سىياسىي چىگراغىلا باغلاپ، قەدىمكى ئىمپېرىيەلەرنىڭ پاسىللىرىنى بەلگىلەپ چىقىش مۇۋاپىق ئەمەس.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-6-29 17:54:01

\"ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى\" دىگەن سۆزنى قورۇنماستىن ئاڭلاپ قويۇڭلار بۇرادەرلەر، كۆڭلۈڭلار كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. تارىختا ھون ئىمپىرىيىسى، رىم ئىمپىيىرىيىسى، چارروسىيە ئىمپىرىيىسى، ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى، بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيىسى... يەنە نىمىتتى، تولۇقلاپ قويۇڭلار، بىزمۇ باركەنمىز. گىرماننىڭكىنى ئىمپىرىيە دەپ ئاتىغانمۇ ئەينى ۋاقىتتا؟

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-6-29 10:28:57

تەكتىماكان  قۇملىرى  ئاستىدا  قانچىلىك  سىرلار  كۆمۈلۈپ  ياتىدۇ  تېخى ........................

رەنا يوللانغان ۋاقتى 2011-6-29 10:58:45

بۇلاردىن  بىزنىمۇ خەۋەرلەندۈرگەنلىكىڭىزگە ئىنتايىن رەھمەت......

arislan يوللانغان ۋاقتى 2011-6-29 12:13:35

Erktekin

تەكتىماكان  قۇملىرى  ئاستىدا  قانچىلىك  سىرلار  كۆمۈلۈپ  ياتىدۇ  تېخى ........................



تەكلىماكان قۇملىرى ئاستىدا ھەر قانچە كاتتا ئارخىلوگىيىلىك بايقاشلارغا ئېرىشسىڭىزمۇ يەنىلا سىزگە ئاشمايدۇ ئەرك بوۋاي. باشقىلارنىڭ قارىشىدا بىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمىزگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغان.

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-29 13:14:36

تارىخ-ئۇ ھامان تارىخ...

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-6-29 20:42:29

ئۇيغۇر ئېمپىريىسى ....ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالاي دىگەندە  سۇمۇ يوق يوغان بىر تەخسە گۆش-پولۇ ئەكەلگەندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم.


قارىغاندا دائىملا ئاچ يۈرىۋەرسە ،مەڭگۈ مۇشۇنداق يۈرگەن ئوخشايمەن ھەم يۈرۈيدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ قالدىغان ئوخشايدۇ ئىنسان دىگەن .

arislan يوللانغان ۋاقتى 2011-6-29 21:29:46

تارىمخان ئەڭ ياخشىسى بۇ پولونىمۇ يېمەڭ. ھە دەپ قويۇڭ. ئۇزۇن ئۆتمەي گېلىڭىزنى ئاغرىتىپ قويمىسۇن يەنە...

durak يوللانغان ۋاقتى 2011-6-30 08:08:38

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ  قەدىمىي  ئەجداتلىرىدىن نۇھ قەۋمىگە تەۋە سۇمېرلار مېسوپوتامىيەدە يەرشارىدىكى  تۇنجى شەھەر  مەدىنىيىتىنى  بەرپا  قىلغان ، ئۇيغۇرچىدا 70 قانچە  تاق  سۆز  سۇمېر تىلىدا  مەنبەسى  بار  ئىكەن ، ئەلبەتتە نۇھ ئەلەھىسسالام جىمى  ئىنسانلارنىڭ ئادەم ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن  كېيىنكى  ئورتاق  ئەجدادى .


ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ئاسىيا مەركىزى  ئەتراپىدىكى مىنونىنىسكىي ، پازىرىق ، سىبىرىيە ... دەيدىغان  مەدىنىيەتلەرنىڭ  ساھىپلىرى  بولغان ، ئەلبەتتە  بۇ  مەدىنىيەتلەر  بىزگە مۇنداقلا  تۇيۇلغان  بىلەن ئارخولوگلارنى  ھاڭتاڭ  قالدۇرىدىكەن .


تارىختا ئۇيغۇرلار شەرقتە شۇ  دەۋرنىڭ  دۇنيا مەدىنىيىتىگە ۋەكىللىك  قىلىدىغان ئورخۇن شەرقىي  ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسى  قۇرغان بولسا غەرپتە ۋولگا- شەرقىي ياۋروپالارغىچە ھازار - غەربىي  ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسى  قۇرۇپ ياۋروپالىقلارنى ، جۈملىدىن سىلاۋيانلارنى مەدىنىيەتكە  باشلاپ  كىرگەن ، ئەلبەتتە  بۇ ھازار ئۇيغۇرلىرى ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدى  دىنىغا  ئېتىقات  قىلغاچقا كېيىنچە گېرمان سېستىمىسىدىكى يەھۇدىلارىنىڭ ئەجدادى  بولۇپ  قالغان ( گېنلىق تەكشۈرۈشتىن  ئېنىقلىنىپتۇ ، مەندە ماقالە بار دۇنيادىكى يەھۇدىغا تەۋە نۇرغۇن ئالىملار ، پۇل- مۇامىلە كاپىتالىستلىرى ، نوبېل  مۇكاپاتى  ساھىپلىرى  گېرمان سېستىمىسىدىكى تۈرك- ئۇيغۇر نەسىللىك  يەھۇدىلەردىن  بولغان ئىكەن...  )  ئۇيغۇرلار ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن نۇرغۇن دۆلەتلەرنى قۇرغان ، قاراخانىلار ، غەزنەۋىلەر ، سەلجۇقىيلار ، خارەزىملەر ...موڭغۇل ئىستىلاسىدىن  كېيىنكى چىڭگىزخاننىڭ  دۇنيانى  ئىدارە  قىلىشىدا  سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، مەدىنىيەت  جەھەتتىن  ئاساسىي  جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ قابىلىيىتىگە  تايانغان .


  تېخى يېرىم  ئەسىرنىڭ ئالدىدا جەنۇپتىكى مەلۇم يېزىنىڭ بىر  كەنتىدە ئاخۇنلۇق  قىلىدىغان بوۋام ھۆرمەتلىك داۋۇت  ئاخۇنۇم كىچىگىدىن يازدا ئىشلەپ  قىشتا  قەشقەردە  ئوقۇپ 20 يىلدىن كېيىن ئەرەپ ، پارىسچە  تىللارنى  ئۆزلەشتۈرگەن ، ئىسلام  پەلسەپەسى  بويىچە  ھازىرقىغا  سۇندۇرغاندا  \" دوكتۇرلۇق \" ئۇنۋانىغا توغرا  كېلىدىغان ئىلمى بىلەن كەنت  خەلقىگە ئېتىقات  جەھەتتە  يار- يۆلەك ، ئۇستاز  بولۇپ كۈنلىرىنى  مەنىلىك  ئۆتكۈزگەن ...



  يېقىندىن  بېرى  ئۇيغۇرلاردا  ئېتىقات  كىرىزىسى  سەل  ئېغىر ، بولۇپمۇ زىيالىلىرىمىزدا، يېقىندىن  بېرى  كەيپ- ساپا ، ئىچىملىك  بىلەن  ھەپىلىشىش سەل  ئېغىر ، بۇ  تارىختىن  بۇيان كۆرۈلۈپ  باقمىغان ئىشلار ، بولۇپمۇ ھازىرقى  سانائەتلەشكەن يۇقۇرى نىسبەتتىكى  ئىسپىرت  بىلەن  ھەپىلىشىش مىللىتىمىز  تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق  ئىشلاردۇر،  كېيىنكى  ئىشلاردىن ئەۋلادلىرىمىز  خەۋەر  بەرگۈسى ...

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2011-6-30 10:44:49

تۈركىيىلىك  ئالىم   Dr. Haluk BERKMEN  


نىڭ  ئۇنتۇلغان ئۆتمۈش دىگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ قويغۇلۇق .


http://www.sonsuz.us/book/export/html/1861


\"\"





ئۇندىن باشقا جېمىس چۇرچۋارد ئەپەندىنىڭ  « غايىپ قىتئە مۇ » دىگەن ماقالىسىمۇ بار .


http://campbellmgold.com/archive_esoteric/lost_continent_mu_churchward_1931.pdf




gunes يوللانغان ۋاقتى 2011-6-30 22:53:22

دۇراكنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ ئازراق بىر نەرسە يېزىش قارارىغا كەلدىم. ھەم كەسىپ دائىرەمدىكى مەزمۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزەمنى مەجبۇرىيتى بار دەپ قاراپ بۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتىمەن.



سۈمەرلەر كىم؟



سۈمەرلەر، مىلاددىن بۇرۇن 3500-2000 يىللىرى ئارىسىدا جەنۇبىي ئېراقتا ياشىغان (مېسسوپوتامىيە) مەدەنىيەت بۆشۈكى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بىر قەدىمقى ئىنسانلار توپلىمى. جەنۇبىي ئېراق، يەنى مېسسوپوتامىيە ئوتتۇرىغا چىققان مەدەنىيەتلەرنىڭ باشلانغۇچى سۈمەرلەرگە تەۋە دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. بۇندىن باشقا يېزىق بىلەن ئاسترونومىيىدىن پايدىلىنىشمۇ بۇ رايوندا ئەڭ دەسلەپتە سۈمەرلەرگە تەۋە بولغان. سۈمەرلەرنىڭ تۈركلەرنىڭ ئاتىلىرىمۇ ياكى ئەمەسمۇ دېگەن مەسىلە ئۈلۈكسىز دۇنيا ئالىملىرى تەرىپىدىن تارتىشىلىپ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى.  سۈمەرچىنى تەتقىق قىلغۇچىلار تۈركچە، ۋىنگىرچە قاتارلىق ئۇرال-ئالتاي سېستىمىسىدىكى تىللار بىلەن بۇ تىل ئوتتۇرىدا مەلۇم بىر باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەمما تۈركچە يېپىشقاق تىللارغا تەۋە، سۈمەرچىدە بولسا ئالدى قوشۇمچىلارمۇ بار. شۇنداق بولسىمۇ تۈركچە بىلەن سۈمەرچىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى بىر جىددى بىر مۇناسىۋەتتۇر. ھەم بۇ تۈر تەتقىقاتلار داۋام قىلماقتا. يېقىنقى زامانلاردا تۇركولوگ ئوسمان نەدىم تۇنا تۈركچە بىلەن سۈمەرچە ئوتتۇرىسىكى 168 سۆزلۈكنىڭ ئوخشاشلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ئۈزۈك-سوزۇق-ئۈزۈك تەڭلىمىسىگە ۋە كوۋاننىڭ قارىشى بويىچە ئۈچ، ج. گرىنبىرىگنىڭ كۆز قارىشىچە ئۈچ ياكى تۆت سۆزنىڭ ئوخشاش بولىشى ئىككى تىل ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە يېتىدۇ. ئوسمان ئەپەندى تېپىپ چىققان بۇ 168 سۆز تۆۋەندىكى ئىككى خىل نەتىجىنى ئوتتۇرىغا قويالىشى مۇمكىن.(دىققەت: بۇ يەردە مۇمكىن دېگەن گەپ بار، تېخى شۇنداق بولسىمۇ كېسىپ ئۇيغۇر ياكى تۈرك سۈمەردىن كەلگەن، سۈمەرچە تۈركچىنىڭ ئاتىسى دەپ نەتىجە چىقىرىشقا بولمايدۇ. چۈنكى قولىمىزدا بۇ ئىككى تىلنىڭ بىر تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىدىغان ئىسپات يېتەرلىك ئەمەس.)1. ئىككى تىلنىڭ يىلتىزدىن قارىغاندا بىر تىل ئىكەنلىكى، 2. تىللار ئوتتۇرىسىدىكى سۆز ئېلىش ۋە بېرىش. بۇ 168 تال سۆزنى تېپىپ چىققان ئوسمان ئەپەندىمۇ تۈركچە بىلەن سۈمەرچە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەتنىڭ 2. تۈرگە چۈشىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. يەنى ھازىرغا قەدەر تېخى تۈركلەر بىلەن سۈمەرلەرنىڭ بىر ئاتىدىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتىمىز يوق.



شۇنداق بولسىمۇ ،بۇ ئىككى تىل ئارىسىدىكى بۇ سۆزلەرنىڭ ئېلىش-بېرىش مۇناسىۋىتىدە بولىشىنىڭ ئەھمىيىتى، بۇنىڭدىن 5000يىل مىڭ بۇرۇن تۈركچىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭلىق بىلەن ھازىرغا قەدەر داۋام قىلىۋاتقان دۇنيا تىللىرى ئارىسىدا تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بىر تىل بولالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.



قەدىمقى تۈركچىگە ئائىت ئەڭ دەسلەپكى يازما ئەسەر دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئەسەر تارىختىن كۈنىمىزگە يېتىپ كەلگەن چويىر مەڭگۈ تېشىدۇر. بىر كۆكتۈرك ئاھالىسىنىڭ ئىلتەرىش خاقانغا قېتىلغانلىقىنى بايان قىلغان بۇ مەڭگۈ تاش 687-693 يىللىرى يېزىلغان.



تارىختا ئۇيغۇر ئىسمى تۇنجى قېتىم بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىدا 716-يىلىدىكى ۋەقەلەر بايان قىلىنغاندا، ئۇيغۇر ئىلتەبىر شەكلىدە كۆرۈلىدۇ.



تىلنىڭ سۆڭىكى يوق نەرسە، كىم نېمىگە تارتسا شۇنىڭغا تارتالايدۇ. لېكىن تىلنىڭ ئىچىدىمۇ مەلۇم قائىدە- قانۇنىيەتلەر، تېئورېمىلىرى بار. بۇ تېئورېمىلاردىن ھالقىپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنساق ، چوقۇم ئاساسى بار گەپ قىلىشىمىز، قولىمىزدا ئىسپاتىمىز بولىشى كېرەك. بولمىسا قۇرۇق ھاياجانغا يول ئاچقان بولىمىز. مىللەتتىن پەخىرلىنىش ھەممىمىزنىڭ مەسئولىيىتى. ئۇنداق بولغان ئىكەن بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-1 10:50:44

بەلگە سېلىپ قوياي.......

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-7-1 14:40:00

باچكىنى موشۇ ئاددى ئىنكاسىم بىلەن مۇكاپاتلاپ تۇراي. باشقىسى ھازىرغىچە مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدىكەن.


ئامان بولغايسىز. خەقىنىڭ پەغىزىگە قۇنماي ياشاش نېسىپ بولسۇن .

baykux يوللانغان ۋاقتى 2011-7-8 17:08:41

ئاجايىپتە بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز. بۇرۇن مۇڭغۇل يايلىغىدا قۇرۇلغان خانلىقلارنى كۆكتۇرك خانلىقى دەيتتۇق، چىن يىلنامىلىرىدە بۇنى شەرقى تۇرك خانلىقى دەيىتتى، ھازىر بىراقلا ئۇيغۇر خانلىقى دەپ ئاتايدىغان بولدۇق، تېخى چىن يىلنامىلىرىدىن پايدىلىنىپ شەرقى ئۇيغۇر خانلىقى، غەربىي ئۇيغۇر خانلىق دەپ ئايرىۋالىمىز،( بۇمۇ بىزنىڭ يېڭلىقنى ئاسانلا قۇبۇل قىلىۋالدىغانلىقىمىزنى بىلدۇرمەمدۇ، سۆز ئېلىش، ياكى بىرىش دىگەن بۇنىڭ ئالدىدا ئادەتتىكى بىر ئىش تە.) شۇنىڭ بىلەن تۇرك مىللەتلىرى ئوتتۇرسىدا ئختىلاپ پەيدا بولدى. چۇنكى، ئۇلار بۇرۇن تۇرك دىيىلگەن، ھەممە تۇرك مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق ئەجدادى بولسا، ھازىر يالغۇز ئۇزىمىزنىڭ ئەجدادى قىلىۋالدۇق. بۇ بىزنىڭ شارائىتقا كۇنۇشچان ئىكەنلىگىمىزنى تېخىمۇ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

kuchtunggur يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 21:00:28

مۇشۇ ئىمپېرىيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تېررىتورىيىسىنىڭ خەرىتىسى بارتى،رەسىمنى پەقەتلايوللىغىلى بولمىدى.


ھەرقانچەقىلساممۇ يوللىيالمىدىم.


باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاش بەك ئاسان،مۇشۇ ئىزدىنىشكە بىرنىمە يوللىماقنىڭ ئاۋارىچىلىغى بەك تولا.


ئېھتىمال مەن بەك دۆت بولسام كېرەك.


قايسىڭلار قانداققىلغاندا يوللاشقا بولىدىغانلىغىنى دەپ بېرەلەيسىلەر.


رەھمەت.

بەت: [1] 2
: ئەڭ يىڭى تەتقىقات نەتىجىسى: ئۇيغۇرلار موڭغۇل ئىگىزلىكىدىمۇ شەھەرلەنى قۇرغان