Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-6-28 10:34:12

Windows8 گە ئىككى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قوشۇش توغرىسىدا مىكروسوفىتقا خېرىدار ئىنكاسى

Windows 8 ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.

ئۇيغۇر يېزىغىمىز ئۈچۈن تەر تۆكۈۋاتقان مۇنەۋۋەر شىركەتلىرىمىز ۋە تۆھپىكارلىرىمىز بەلكىم Windows7 گە ئۇيغۇر يېزىقى قوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان (ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلدى، MS Uighur نامىدا خەت نۇسخىسى قوشۇلدى) چىرايلىق نەتىجە ئاساسىدا، تەخىرسىزلىك بىلەن Windows 8 گە يەنىمۇ كۆپ، ئۆلچەملىك، ئىشلىتىشلىك ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى قوشۇش، Windows نىڭ ئۇيغۇر يېزىقى قوللىشىنى مۇكەممەل، نۇقسانسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز ۋە ئۇلارنى قوللايمىز، رەھمەت ئېيتىمىز.



كۆپچىلىكنىڭ ئېسىگە سالىدىغىنىم:


Windows 8 دىكى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئائىت يېڭىلىق مۇنداق بولۇشى كېرەك:

1. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىمكان بولسا تېخىمۇ ئىلغارلاشسا، بولسا ئاپتوماتىك سۆز تاللاش ئارقىلىق كىرگۈزۈش سۈرئىتى تېخىمۇ كۆتىرىلسە، بۇنداق بولغاندا، ئۇيغۇر يېزىقى ئىملاسى پۈتۈن دۇنيا بويىچە بىرلىككە كېلىپ كېتىدۇ! بىزمۇ تور، كىتاپ، ھۆججەت ئۈستىدە ئىملا خاتالىقىدىن بەك ساقلىنالايمىز. ( مەسىلەن MS پىنيىن كىرگۈزگۈچ بەك قولايلىق)؛

2. Windows 8 نىڭ Fonts مۇندەرىجىسىگە يەنە ئىككى خەت نۇسخىسى قوشۇلسا. بۇ، ئەسلىدىكى MS Uighur خەت نۇسخىسى ساقلانغان ئاساستا، ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ Alkatip tor tom نۇسخىسى بىلەن Alkatip Kofi نۇسخىسىغا ئوخشاش؛ ھازىر بىز ھۆججەت يېزىش ۋە تور بەت ئىشلەشتە، تېما ۋە تېكىست ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئىككى خەت نۇسخىسىنى كىرگۈزۈش تەكلىپى سۇنساق بولىدۇ، ئەلۋەتتە، بەك كۆپ خەت نۇسخىسى ئىلتىماسى سۇنۇش، تەلەپنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، شۇڭا، دوستلارنىڭ پەقەت ئىككىلا خەت نۇسخىسى ئىلتىماسى يوللاش بىلەن كۇپايىلىنىشىنى سورايمىز. تېخىمۇ كۆپ خەت نۇسخىسى توغرىسىدا، چوقۇم بىر قىسىم پەخىرلىك كىشىلىرىمىز رەسىمي يۇسۇندا تىرىشىۋاتىدۇ..

   


بۇ تەكلىپ ئۈستىدە، پېقىر شەخسەن تەشەببۇسى مۇنداق:  Alkatip tor tom نۇسخىسى ۋە Alkatip Kofi نۇسخىسى ئۈچۈن بېلەت تاشلاپ تالىشىدىغانغا ئېشىنچە ۋاقتىمىز قەتئىي يوق، شۇڭا، كۆپچىلىكنىڭ ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ خەت نۇسخىسى ياساش ئىقتىدارىغا ئىشىنىشىنى، ھەم بىر كومپيۇتېر تەجرىبە ئىگىسىنىڭ ھۆكۈمىگە ھازىرچە ئىشىنىپ تۇرۇشىنى سورىغان ئاساستا، مىكروسوفت شىركىتى تور بېكىتىنىڭ ئالاقىلىشىش بېتىدىكى خېرىدار ئىنكاسى بېتى ئارقىلىق، مىكروسوفىتنى تەلەپ خېتى بىلەن بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ دېققىتىنى تارتىپ، Windows 8 تارقىتىلىشقا پەقەت ساناقلىقلا ئاي قالغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ Windows  ئۈستىدىكى يەنە بىر چىرايلىق نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشساق!



ئەمدى،كۆپچىلىكنى كونكىرىت مۇنداق  ئىشقا تەكلىپ قىلماقچى:


مىكروسوفت شىركىتىنىڭ خېرىدار ئىنكاسى بېتى ئادرىسى بېرىلدى، بۇ بەتتە مەشغۇلات قىلىش ئىنتايىن ئاددى، تىزىملىتىش ھاجەتسىز، پەقەت بەش كاتەكچىنى تولدۇرۇپلا تاپشۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتسەك بولىدۇ!



بۇ شەكىلدە خېرىدار ئىنكاسى يوللىغانلار، ئەگەر خالىساڭلار، ئۆز- ئارا بىر- بىرىمىزگە ئىلھام بولۇشى ئۈچۈن، يوللىغانلىقىڭلارنى ئەسكەرتىپ قوشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئىشىنىڭلار، پۈتۈن دۇنيادىكى بىزگە ئوخشاش ئېھتىياجى بارلارنىڭ ھەممىسى ئۇخلاپ قالماستىن مىكروسوفتقا رەسمىي يۇسۇندا ۋە بۇ خىل شەكىلدە تەلەپلىرىنى توختىماي سۇنۇۋاتىدۇ!..


خېرىدار ئىنكاس بېتى ئادرىسى ( www.microsoft.com  نىڭ بەت ئاستىدا 联系微软 ياكى ContactUs بار، بۇ بەتكە كىرىپ، 客户反馈 گە يۆتكىلىپ، باشقا خېرىدار ئىنكاسلىرىنى يوللاش، دىگەن جاينى باسسىڭىزلا بولىدۇ.

تۈۋەندىكىسى نەق ئادرىس:

  


https://support.microsoft.com/contactus/emailcontact.aspx?scid=sw;zh-sim;1208&ws=china




بەش كاتەكچىنىڭ مەزمۇنى:

ئىسىم (ھەقىقىي ياكى تور نامىڭىزنى كىرگۈزسىڭىز بولىۋېرىدۇ)؛

ئېخەت ئادرىسىڭىز (Hotmail ئېخەت ئادرىسىڭىز بولسا تېخى ياخشى)؛

خىزمەت ۋاقتىدىكى تېلېفۇنىڭىز (+86-13888888888 شەكلىدە يانفۇن ياكى +86-991-2888888 شەكلىدە تولدۇرسىڭىز بولىدۇ)؛

پىكىر تېمىسى؛

پىكىرنىڭ تەپسىلاتى؛



مېنىڭ تاپشۇرغىنىمنىڭ شەكلى مۇنداق:


姓名:


电子邮件地址:

yamghur77@hotmail.com


工作时间(9:00-18:00)联络电话:

+86-13899300740


问题的主题:

Uyghur fonts in the Windows8 (ئەسلى Add two new Uyghur(Uighur) fonts in to the Windows 8 دەپ يازسام بوپتىكەن)


问题的详细描述:

First, we thanks Microsoft for Microsoft Uighur fonts in the Windows 7.

the MS Uighur fonts look like too small, we still use our other fonts, but we so hope use like MS Uighur fonts in the Windows/Fonts.

Please consider add two new Uyghur(Uighur) fonts in the windows8, like UighurSoft Alkatip tor tom, Alkatip Kofi.

by the way, this is the url for UighurSoft: www.uighursoft.com


دوستلارنىڭ خەنزۇچە يازالىسا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە بولسىمۇ مەيلى، ئېنگىلىزچە يازالىسا ئېنگىلىزچە تولدۇرۇپ، ئىنكاس ئەۋەتىشكە ئاكىتىپ كۈچ چىقىرىپ قويۇشىنى سورايمىز.

بىر ئادرىستا بىرلا قېتىم ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ، ئېنگىلىزچىسى تېخىمۇ ياخشىلارنىڭ تېخىمۇ ئۆلچەملىك، ئىخچام يازالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.


پىكىر يوللايدىغان بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق ئۇلانما بولسىمۇ دوستلارنىڭ ئاۋارىچىلىق كۆرمەي قوشۇپ قويۇشىنى سورايمىز.



بۇ، راستىنلا ئۆزىمىزنىڭ ئىشىمىز..

atella يوللانغان ۋاقتى 2011-6-28 20:56:08

باچكا دېگەن تەرتىپ بويچە بىر ئىلتىماس يوللىۋەتتىم،


您的支持请求号码是 1156971864。


بۇنى نېمگە ئىشلىتىدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-6-28 10:45:24

microsoft yahei غا ئۇيغۇرچە قوشۇلغۇدەك.


يەنە بەزى ئىشەنچىلىك كوچا خەۋىرىگە قارىغاندا windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچىسىمۇ چىققۇدەك. بەزى شىركەتلەر مىكروسوفىت بىلەن ئالاقىلىشىپ شۇ ئىشنى قىلۋېتىپتۇ.

faith يوللانغان ۋاقتى 2011-6-28 11:36:37

فونتقا دائىر گەپلەر بىلىكتە خېلە بۇلۇنغان، مىكروسوفىتنىڭ سېستىمللىرىغا  ئەلكاتىپنىڭ خەت نۇسقىللىرنى قوتۇپ بېرىش تەلىپ ئاقمايدۇ، بۇ خەت نۇسقىللىرى مىكورسوفىنتنىڭ تەلىپىدىن سەتلا يىراق.چۈنكى ئەڭ مۇھىم يېىر بۇ خەت نۇسقىللىرى بارلىق ئەرەپ يېزىق سېستمىدىسىكى يېزىقلارنى كۆرسىتىدىغان بەلگە ،شەكىل، ھەرىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان.

MS Uighur دا بار. ئىشەنمىسەڭلار فونت ئاچىدىغا دېتالدا ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭلار، ئەلكاتىپتىكى ئېلىمنتلارنىڭ سانى ms uighur نىڭكىدىن كۆپ ئاز. بۇنىڭغا يەنە كۈچ ،مەبلەغ سېلىپ ياساشقا توغرا كېلىدۇ. خەت نۇسقىللىرىنىڭ ئۆلچەملىك ۋە كۆركەملىك (شەكلى جەھەتتىن دېمەكچى)  ۋىكتورلۇق جەھەتتە alpida unicode system غا يېتىدىغىنى يوق. ئەمما بۇ خەت نۇسقىسى پەقەتلا ئۇيغۇرچىنى كۆرسىتىشكىلا خىزمەت قىلىدۇ. ياخېيگە ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى قوتۇش پىلانى بار ئىكەن. بىلكتە مۇنازىر بولۇنۇپ ئاخىر چىقماي يوقاپ كەتتى. ھازىرغا كەلگۈچە يا ms uighur تۈزتىلمىدى. مىكروسوفىت ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىللىرىنى چەتئەللىك ئەرەپ مۆمىن ساقالغا ياسىتىدىكەن. ياخېيگە ماسلاشتۇرۇپ ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى ياسالسا بەك ياخشى بولاتتى. ئۇچاغدا سېستمىا كۆرۈنمە يۈزلىرىمۇ بىۋاستە ئۇيغۇرچە يازساقلا كۆركەم كۆرۈنەتتى. ئۆلچەملىك خەت نۇسقىسى ياساش بىلكەت بولۇنغان، ھەم بىر فونتمۇ ياسلىۋاتىتى، ئەمما ئۇ ئىشنىڭمۇ ئاخىرى چىقمىدى. ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىللرىنىڭ ۋىكتورلۇق ئۆلچىمىگە چۈشىدىغانلىرى بەكلا ئاز، ئەلكاتىپ ، ukij لاردىن ئۇ ئۆلچەملەر سۆز ئېچىشنىڭمۇ ئورنى يوق. مېنىڭ كۆز قارىشىم ئەلپىدا يۇنىكود سېستما دېگەن خەت نۇسقىسنىڭ ئۇمۇرتقىسىنى ياخېيگە تەڭشەپ، ئۇنىڭ ئىچگە بارلىق ئەرەپچە ھەرىپلەرنى كۆرسىتىدىغان ھەرىپلەرنى، بەلگىلەرنى ياساپ مىكورسوفىنتىڭ ئۆلچىمىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. ۋە ياكى ئەڭ ئۆلچەملىك بىر فونتنى چوقۇم ياساش كېرەك. بۇ ھەرگىزمۇ ۋىندۇس سەككىز چىققانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بۇ بوشلۇقنى چوقۇم تولدۇرۇش كېرەك. ئۇلار بىزنىڭ ھېسياتىمىزنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلارغا ئۆلچەم ،پىرىسنپ مۇھىم.بىلمدىن بۇ ئىشلارغا ئەمدى ئۈلگەرگىلى بولامدۇ بولمامدۇ؟

ۋۇىندۇس سەككىزنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقنى ئىشلەۋاتىدۇ دېگەن پاراڭلار بار. دىمەك مىكروسوفىت بەلكىم ئۇيغۇرچە ۋىندۇس سەككىزنى دېسكىغا ئۇيۇپ ماركىسىنى چاپلاپ ئۇنى ئۇيغۇر بازىرىغا سېلىشى ياكى تىل بولىقنى ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىپ بىزنىڭ پايدىلىنىشمىزغا سۇنىشى مۇمكىن.مەنچە كېينكىسىنىڭ ئېھتماللىقى يۇقىرىراق.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-6-28 12:36:19

بىر خەنزۇچە يېزىلغان بىر ئىنكاس مىكروسوفتقا كەتتى!

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-6-28 12:42:13

بولىدىغان تەكلىپ ئىكەن.


ئايرىم قوشىدىغان ئىش بولسا «ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى-  UKIJ » نىڭ خەت نۇسخىلىرىدىن قوشسا بولىدۇ. چۈنكى خەت نۇسخىلىرى  بۇ يىل قايتىدىن يېڭىلاندى.


تەۋسىيە : UKIJ فونتلىرىنىڭ يېڭىلانغان 3.1 نەشرىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ!


http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=876

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-6-28 15:26:51

yolyar

بولىدىغان تەكلىپ ئىكەن.


ئايرىم قوشىدىغان ئىش بولسا «ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى-  UKIJ » نىڭ خەت نۇسخىلىرىدىن قوشسا بولىدۇ. چۈنكى خەت نۇسخىلىرى  بۇ يىل قايتىدىن يېڭىلاندى.


تەۋسىيە : UKIJ فونتلىرىنىڭ يېڭىلانغان 3.1 نەشرىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ!


http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=876



يېڭىلانغان بىلەن داۋاملىق ئېھتىياجىمىزدىن چىقالمايدۇ.

faith يوللانغان ۋاقتى 2011-6-28 17:16:39

فونتقا دائىر بىلىكتىكى تېمىلار



http://bbs.bilik.biz/viewthread.php?tid=23769&extra=&highlight=%811%874%811%839%811%846%811%948%811%874&page=1



http://bbs.bilik.biz/viewthread.php?tid=23712&extra=&highlight=%D9%8A%D8%A7%D8%AE%DB%90%D9%8A&page=1

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-6-30 10:04:56

atella

您的支持请求号码是 1156971864。


بۇنى نېمگە ئىشلىتىدۇ.



بۇ ئارقىلىق يوللىغان مەزمۇننى ساقلىۋالغىلى، كېيىن سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ.




خوتمايىلدا ئېخەت يوللىغاندا، Comic Sans MS نۇسخىسىغا تەڭشىسە، ئۇيغۇرچە خەت نورمال كۆرۈنىدىكەنغۇ، لېكىن كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىدىكىسى ئۇنداق ئەمەس..

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-6-30 10:38:05

ئەمدىكىسى سىلەرگە دوكىلات ھە بالىلار..\"\"


مىكروسوفتنىڭ ئىنكاس بېتىدە، بىر خىزمەت كۈنى ئىچىدە جاۋاپ قايتۇرىمىز، دەپ يېزىلغان، بەلكىم ئىنكاس يوللىغان سىلەرمۇ جاۋاپ تاپشۇرۇۋالدىڭلار ھەقىچان...



تۈۋەندىكىسى، مىكروسوفت تور ئۈستىدىكى خېرىدار مۇلازىمىتى قايتۇرغان ئاددىي جاۋاپكەن، ئەگەر، تەرجىمىدە كۈتۈلمىگەن خاتالىق چىقمىسىلا، مەزمۇنى تەرجىمىدىكىسىدەك ئىكەن، ئاددىي بولسىمۇ نەتىجىسىنى كۆرۈپ باقمامدۇق، ئەمەلىي تەر تۆكۈۋاتقانلارنى قولىمىزدىن كېلىشىچە قوللىغاچ..:



Microsoft Online Customer Service Microsoft Online Customer ServiceCNTUS.GNCS.AS.CN.ZH.WIC.SHA.CS.T01.CUS.00.WB@css.one.microsoft.com



发送电子邮件

查找电子邮件 添加至联系人收件人:yamghur77#hotmail.com

发件人: Microsoft Online Customer Service (CNTUS.GNCS.AS.CN.ZH.WIC.SHA.CS.T01.CUS.00.WB#css.one.microsoft.com)

发送时间: 2011年6月28日 16:00:40

收件人: yamghur77@hotmail.com




Dear Customer,


Thank you for contacting Microsoft Customer Care & Technical Support Center.


Based on your e-mail, I understand that you want to give us the suggestion that we could add two new Uyghur(Uighur) fonts in the windows 8.


Thank you for your suggestion about Microsoft products. We will help you to record your feedback and deliver it to Microsoft related department.


بىڭنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى:












尊敬的客户,



谢谢您联系微软客户服务和技术支持中心。



基于您的电子邮件,我知道你要给我们的建议,我们可以在 windows 8 中添加两个新 Uyghur(Uighur) 字体。



好的谢谢你关于 Microsoft 产品的建议。我们将帮助您记录您的反馈,并提供给微软相关部门。




尊敬的客户,





谢谢您联系微软客户服务和技术支持中心。





基于您的电子邮件,我知道你要给我们的建议,我们可以在 windows 8 中添加两个新 Uyghur(Uighur) 字体。





好的谢谢你关于 Microsoft 产品的建议。我们将帮助您记录您的反馈,并提供给微软相关部门。



ئۇيغۇرچە مەزمۇنى:











尊敬的客户,



谢谢您联系微软客户服务和技术支持中心。



基于您的电子邮件,我知道你要给我们的建议,我们可以在 windows 8 中添加两个新 Uyghur(Uighur) 字体。



好的谢谢你关于 Microsoft 产品的建议。我们将帮助您记录您的反馈,并提供给微软相关部门。




قەدىرلىك خېرىدار، سىزنىڭ مىكروسوفت خېرىدار ئىنكاسى ۋە تېخنىكىدا قوللاش مەركىزى بىلەن ئالاقىلاشقىنىڭىزغا رەھمەت.


ئېخېتىڭىز ئارقىلىق، مەن سىزنىڭ بىزگە تەكلىپ بەرمەكچى بولغىنىڭىزنى بىلدىم. بىز Windows 8 گە يېڭى ئىككى ئۇيغۇر خەت نۇسخىسى قوشالايمىز.


مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىغا تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. بىز سىزگە ياردەملىشىپ سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى ساقلاپ، مىكروسوفت مۇناسىۋەتلىك بۈلۈمىگە يوللايمىز.

faith يوللانغان ۋاقتى 2011-6-30 14:25:33

مايكروسوفىتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورنىغا يەتكۈزمەي تۇرۇپ بىز يېڭى ئىككى ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسنى قوتالايمىز دېگىنى قىزىقتە؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يېڭى ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسىنىڭ زادى قايسى ئىكەنلىكى تېخى ئېنق ئەمەس!



I understand that you want to give us the suggestion that we could add two new Uyghur(Uighur) fonts in the windows 8

Thank you for your suggestion about Microsoft products. We will help you to record your feedback and deliver it to Microsoft related department

مەن سىزنىڭ ۋىندۇس 8 گە يېڭى ئىككى ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسى قوتىدىغان تەكلىپىڭىزنى چۈشەندىم. سىزنىڭ مايكروسوفىت مەھسۇلاتلىرىغا بەرگەن تەكلىپڭىزگە رەھمەت، بىز سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى خاتىرلەپ مايكورسوفىتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورنىغا يەتكۈزىمىز. دەپ چۈشەندىمغۇ مەن!



I understand that you want to give us the suggestion,  we could add two new Uyghur(Uighur) fonts in the windows 8



مۇنداق بولسا ئاندىن يۇقارقى باچكا دېگەندەك مەنە چىقامدۇ قانداق؟!

ياكى بولمىسا بۇ ئاپتوماتىك ئەۋەتىلگەن جاۋاپ\"\"



مەيلى قانداق بولسۇن بۇ ئىككى يېڭى ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسىنى ئۇلار ئۆلچەملىرىنى قايرى قويۇپ قوتىۋەتسە مەيلىتى. سېستما خەت نۇسقىللرى چوقۇم شۇر تۈردىكى بارلىق بەلگىلەرنى ئۆز ئىچگە ئېلىش دېگەن ئۆلچىمى بار ئىكەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-6-30 15:06:22

مەن بىڭنىڭ تەرجىمە بېتى خەنزۇچىغا ئاپتوماتىك ئۆرگىنىنى بەكراق ئاساس قىلغانچۇ، سەۋىيەم يوقىرى ئەمەس، مەنمۇ بۇنى يېرىم ئاپتوماتىكقا يېقىن جاۋاپ دەپ قارايمەن، مېنىڭ بۇ خىل شەكىلدە ئۈمىد قىلىدىغىنىممۇ ئۇلارنىڭ دەل شۇ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمگە يەتكۈزىمىز، دىگەن يېرىلا.. بۇ شەكىلدە، خەت نۇسخىسى يوللاپ، تېخنىكىلىق مەسلىھەتلىشىۋاتقانلارغا ياردەملىشىپ جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىپ بېرىشتىنلا ئىبارەت. چۈنكى ئەڭ ئەمەلىي خىزمەتنى قىلىۋاتقان باشقا كىشىلىرىمىز بار.


بۇ خىل تەلەپ كۆپرەك يەتكۈزۈلگىنى، ئەگەر بۇ ئارزۇلار ئەمەلگە ئاشسا، دىيارىمىزدا ھەقىقىي نەشىر سېتىۋىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلار توغرىسىدىمۇ مەلۇم ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىك بولىدۇ.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2011-7-20 15:52:09

بەلكىم ھېچكىم «ياق!» دەيدىغان جاۋابقا ئىرىشمەسلىكى مومكىن... \"\"

بەت: [1]
: Windows8 گە ئىككى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قوشۇش توغرىسىدا مىكروسوفىتقا خېرىدار ئىنكاسى