jallat يوللانغان ۋاقتى 2011-6-27 22:19:52

نىزار قەببانىي:بىلقىس(داستان)

بىلقىس






نىزار قەببانىي




1

رەھمەت سىلەرگە!

رەھمەت سىلەرگە!

چۈنكى سۆيۈملۈكۈم ئۆلتۈرۈلدى




قولۇڭلاردىن كېلىدۇر يەنە

مەي ئىچىشىپ، بەزمە قىلىشمۇ

شەھىدەنىڭ تۇپراق باشىدا




سۇيقەستكە ئۇچرىدى مېنىڭ داستانىم!...

داستان دېسە كۈن بەرمەيدىغان

بىزدەك بىر مىللەت بارمۇ زېمىندا؟

2

ئەي، بىلىقىس!

بابىل* تارىخىدىكى ئەڭ گۈزەل خانىش ئىدىڭسەن

ئەي، بىلقىس!

ئىراق زىمىنىدىكى ئەڭ ئىگىز خورما ئىدىڭسەن

يوللاردا ماڭار بولساڭ

كېتەلمەيتتى يېنىڭدىن توزلار

ئەگىشىۋالاتتى يەنە كىيىك، جەرەن




بىلقىس!

ئەي، مېنىڭ ئاغرىقىم!

بارماقلار تېگىۋاتقاندىكى داستاننىڭ ئاغرىقىسەن

قىنى ئەيتقىنا؟!

ئەمدى ساچىڭ يوق

سۇمبۇللار بوي تارتىپ ئۆسەلەمدىكىن؟

ئەي، مېنىڭ ياپيېشىل نەينەۋا* شەھرىم!

ئەي، مېنىڭ بۇغداي ئۆڭ سىگان گۈزىلىم!

ئەي، دەجلە دولقۇنى نەۋ باھاردىكى!

پۇتىدا بىلەيزۈك، بوپ كەتكەن لەۋەن

3

ئەي، بىلقىس!

ئۇلار سېنىڭ بېشىڭغا چىقتى

قانداق مىللەت ئىكىن بۇ ئەرەب دېگەن؟

بۇلبۇللارغا ھىچ كۈن بەرمەگەن

سەمەۋئىل* قىنى؟

مۇھەلھەل* قىنى؟

قىنى شۇ بۇرۇنقى مەردلەر؟ ئەلگە ئەرزىگەن

نىمە دېگەن بىلەن

يەپ كەلدى قەبىلىلەر قەبىلىلەرنى

يەپ كەلدى تۈلكىلەر تۈلكىلەرنى

يەپ كەلدى ئۆمۈچۈكلەر ئۆمۈچۈكلەرنى

مىليۇنلاپ يۇلتۇزغا ئارامگاھ بولغان

بىر جۈپ كۆزۈڭ بىلەن ئانت ئېچىپ، ئايىم!

ئەرەبنىڭ غەلىتىلىكىدىن باشلايمەن سۆزنى

ئەرەب يالغانچىلىقنى باتۇرلۇق دەمدۇر؟

ياكى بولمىسا تارىخ

توقار بوپ قالدىمۇ بىزدەك، يالغاننى؟


4

بىلقىس!

مەندىن جۇدا بولمىغىن

سەن بولمىساڭ

ساھىللار يورۇماس كۈن بولغان بىلەن

مەن تەرگەۋدە شۇنداق ئەيتىمەن:

قاراقچى

ئوخشاش كىيىنەر بولدى پالۋان بىلەن

مەن تەرگەۋدە شۇنداق ئەيتىمەن:

ھۆددىگەرگە ئوخشاپلا قالدى

نى تالانتلىق رەھبەرمۇ مەن- مەن دېگەن

مەن شۇنداق ئەيتىمەن:

شەرەف چۆچىكى

چۆچەكلەر ئارا ئەڭ بىمەنە چۆچەك

بىز تىخى بىر قەبىلە جاھان كۆرمەگەن

ئەي بىلقىس!

مانا شۇنداق كەلدى بىزدىكى تارىخ

ئايرىيالماي قىينىلىپ كىشى

باغ بىلەن ئېغىلنى يۈرگىنى يۈرگەن

5

بىلقىس!

ئەي، شەھىدە! ئەي، قەسىدە!

شۈنچىلىك پاك، ئىرىغسەن نەزىرىمدە

سەبەئ* ئىزدىمەكتە ئۆزخانىشىنى

سالام بەر كۆپچىلىككە مۇشۇ دەمدە

ئەي، ئۇلۇغ خانىش!

ئەي، ئېسىل ئايال!

سۇمىر دەۋرىنىڭ باركى شان- شەۋكەتى

ئىدى ئەمەسمۇ مۇجەسسەم سەندە؟!

بىلقىس!

ئەي، تاتلىق قۇچقۇچۇم!

ئەي، بىباھا ئايكون*ۇم!

ئەي، ياش چېچىلىپ ياتقان

قورۇق باسقان مەڭز ئۈستىدە!

ئۇۋال قىپ قويغان بولغىمىدىم، دەيمەن ساڭا

قايسى بىر كۈنى

ئەئزەمىيە* بويىدىن ئېلىپ كەلگۈچە

بىرۇت ھەر كۈنى

بىرىمىزنى ئۆلتۈرمەكتە

ئۇ ھەر كۈنى

قۇربانلىق ئىزدەپ يۈرمەكتە.

ئۆلۈم بىزنىڭ قەھۋە ئىستاكانىمزدا

ئۆيىمىزنىڭ ئاچقۇچىدا

بالكوندىكى گۈللەردە

گىزىتلەرنىڭ قەغىزىدە

ئەلىفبا ھەرفلىرىدە.

ئەي، بىلقىس!

مۇشۇ مانا بىزنىڭ ھالىمىز

بىز قايتىدىن كىرمەكتەمىز

جاھىلىيەت دەۋرىگە

بىز ياۋايىلىقىنى باشلادۇق يەنە

قالاقلىق، قەبىھلىك، قاششاقلىق

نەگىلا قارىساق ئەنە

بىز يەنە بىر قېتىم

بەربەر(ۋارۋار)لىك دەۋرىگە كىردۇق

ئەمدىكى يېزىق

تاغمۇ-تاغ يۈرۈشتۇر كېزىپ ھەمىشە

بۇندا كىپىنەكلەرنى ئىتىزلىقدىلا ئۇجۇقتۇرۇش

بولۇپ قالغان ئاددىي مەسئەلە

6

سىلەر مېنىڭ دىلبىرىم بىلقىسنى بىلەمسىزلەر؟

ئۇ سۆيگۈ كىتابلىرىدىكى مەزمۇنلارنىڭ جەۋھەرى ئىدى

ئۇ پايانداز بىلەن مەرمەرنىڭ ئۆزگىچە بىر ئارىلاشمىسى ئىدى

ئۇ ئۆزى ئۇخلىمىسىمۇ ئىككى كۆزى ئاراسىدا

بىنەپشەگۈلى ئۇخلار ئىدى

بىلقىس!

سەن بىر خۇشپۇراقسەن

ئەسىمدىن يەر ئالغان

ئەي، قەبرە كېتىۋاتقان بۇلۇتلار ئارا!

ئۇلار سېنى بىرۇتتا ئۆلتۈرۈش بىلەن

بولدى بىر ئاھۇنى ئۆلتۈرگەن

كىيىن سۆزلەرنىمۇ ئۆلتۈردى بىراقلا

بىلقىس!

بۇ يازغىنىم مەرسىيە ئەمەس

لىكىن، دېگەنلىك:

كۆزۈم كۆرمىسۇن ئەرەبنى قايتا!

كۆزۈم كۆرمىسۇن ئەرەبنى قايتا!

كۆزۈم كۆرمىسۇن ئەرەبنى قايتا!

7

بىلقىس!

سېنى سېغىنغان نۇرغۇن- نۇرغۇنلار

يەنە سەن ياشىغان بۇ ھۇجرا ئۆي

پەشلىرىدىن خۇش بۇي تارايدىغان شۇ خانىشىنىڭ

نەدىلىكىنى سوراشماقتا

خەۋەرلەرگە قۇلاق سالدۇق

سەندىن دېرەك يوق

مىش- مىش گەپلەر

ئۇسۇزلۇقنى باسمىدى ئەسلا

بىلقىس!

ئەلەمدىن يەتكۈچە بوغۇلۇۋاتقانلار

بالىلار

ئۇقماي قالدى نە بولارىنى

مەنمۇ قالدىم

نىمە دىيىشنى بىلەلمەي ئادا

بىردەمدىن كىيىن

ئىشىكنى چىكىپ قالارسەنمۇ؟

ئۈستۈڭدىكى قىشلىق كىيىمنى سالىپ

ئالدىمغا كېلەرسەنمۇ؟

كۈلۈپ، جىلمىيىپ

ئىتىز گۈللىرىدەك يالتىراپ گويا

8

بىلقىس!

توختىماستىن ياش تۆكەر بۈگۈن

تام تۆپىسىدىكى ئوتياشلىرىڭ.

تۇرۇپ ئەينەك ئالدىدا

تۇرۇپ پەردە يېنىدا

چىلىقىپلا تۇرار شۇ چىھرىڭ

ئۆچمىدى تىخى

سەن ئوت ياققان سىگارتنىڭ ئوتى

تارقىغۇسى يوق

سىگارت ئىسىنىڭ

بىلقس!

بۇندا تۇرغىنى

جاندىن ئۆتكۈچە زەربە يىگەنلەر

ھالسىزلىق جاي ئالغان قارچۇقلاردىن

بىلقىس!

نېمىشقا ئېلىپ كېتىسەن؟

مېنىڭ كۈنلەرىمنى، چۈشلەرىمنى

يەنە تىخى ئەسەر قويمۇدۇڭ

فەسىللەردىن، باغلاردىن

ئەي، مېنىڭ ئايالىم!

كۆرنۇرۇم...

قەسىدەم...

دىلبىرىم...

سەن مېنىڭ ئوماققىنە قۇشقۇچۇم ئېدىڭغۇ

نېمىشقا تاشلاپ كېتىدىغانسەن مېنى بىلقىسىم ؟!

9

بىلقس!

مانا شۇ تاپتا

ئىراقنىڭ قەدىمىي، خۇشپۇراق چايىنى

ئېسىل مەي ئورنىدا ئېچىش پەيتى كەلدى

ئەي زىلۋا بويلۇقۇم!

ئەمدى قەدەھلەرنى كىم ئۈلەشتۈرەر؟!

فۇرات دەرياسىنى

باغدات خىيابانلىرىنىڭ

دەجلە بويىنىڭ گۈللىرىنى

ئۆيىمىزگە كىم ئېلىپ كىرەر؟!

بىلقىس!

قايغۇ مېنى تېشىپ كىردى

سېنىڭ قاتىلىڭ شۇ بىرۇت

ئۆز جىنايىتىنى بىلمەيدۇ

ساڭا ئاشىق شۇ بىرۇت

ئۆز مەئشۇقىنى ئۆلتۈرگىنىنى بىلمەيدۇ

ھالبۇكى

ئاي ئاللىبۇرۇن ئۆچۈپ بولدى

11

بىلقىس!

بىزنى نىمىشقا بوراندا قويۇپ كېتىسەن؟

بىز ياپراقتەك تىتىرىمەكتىمىز

بىز ئۈچەيلەننى تاشلىۋەتتىڭ سەن

يامغۇردا قالغان پەيدۇر تۇرقىمىز

سەن مېنى بىر ئويلاپ قويدۇڭمۇ؟

مەن سۆيگۈڭگە مۇھتاج ئادەمدىم

خۇددى مۇھتاج بولغاندەك

زەينەب بىلەن ئۆمەر بالامىز



12

بىلقىس!

ئەي، ئەفسانەۋىي خەزىنە!

ئەي، ئىراقتىن چىققان نەيزە!

ئەي، بامبۇكزار!

ئەي، يۇلتۇز بىلەن بوي تالاشقۇچى!

بۇ قەدەر قىرانلىق نىدىن ساڭا يار؟

بىلقىس!

ئەي، مېنىڭ سىرداشىم!

ئەي، قاياشىم!

ئەي، مامۇق تەن!

بابۇنە گۈلىگە ئوخشار

ساڭا بىرۇتمۇ، دېڭىزمۇ تار كەلدى

سەن ئەمەسسەن ھىچ يەرگە سىغار

بىلقىس! ئەمدى دۇنياغا قايتا كەلمەيسەن

سەندەك يەنە بىرى

ئەمەس تېپىلار

13

بىلقىس!

ئالاقىمىزدىكى ھەر بىر ئۇششاق تەپسىلات

قىنايدۇ مېنى

ئەشۇ ئۇنتۇلماس سىكۇنت، مىنۇتلار

ساۋايدۇ مېنى

ھەر بىر تال چاچ قىسقۇچىڭدا باردۇر

بىردىن ھىكايە

ھەر بىر تال بويۇنچاقىڭدا باردۇر

ئىككى ھىكايە

ھەتتا زەررەڭ چاچ ئىلغۇچۇڭمۇ

كۈندىكى ئادىتى بويىچە

مىھر يامغۇرلىرىغا ئورايدۇ مېنى




چۇلغىماقتا ئىراقچە بىر گۈزەل ئاۋاز

دەرپەردەلەر

دىۋانلار

قاچا - قۇچالارنى




ئەينەكلەردىن

ئۈزۈكلەردىن

قەسىدەدىن

شاملاردىن

قەدەەھلەردىن

بېغىر رەڭ شاراپتىن

كۆرمەكتىمەن نىگاھىڭنى.

بىلقىس!

بىلقىس!

ئاھ، بىلقىس!

ئۇلار بىلسە بولاتتى

بۇ ماكاننىڭ ئاغرىق- دەردىنى

سەن خۇددى بىر قۇشقاچ بولۇپ

بۇلۇڭ قويماي قونۇپ يۈرىسەن

سەن خۇشپۇراق تاراتماقتىسەن

بولۇپ گويا بەلسان* ئورمىنى


ئۇ يەردە تاماكا چېكىۋاتىسەن

بۇ يەردە كىتاب كۆرۈۋاتىسەن

ئەنە ئۇ يەردە خۇددى خورما دەرەختىگە ئوخشاپ

چاچ تاراۋاتىسەن

شۇ تاپتا مىھمانلارنىڭ قېشىغا كىرىۋاتىسەن

نۇرانە چىھرىڭ بىلەن ئەسلىتىپ

خۇددى يەمەن قىلىچىنى*




بىلقىس!

قىنى سەن ئامراق شۇ (گىرلان)* شىشەسى

يشىل چاقماق

قىنى ئەشۇ(كەنت)* تاماكىسى

چىشلەپ تۇرغان، سەن كۆتىگىنى

قىنى شۇ، ياڭراۋاتقان (ھاشىمىي)* كۈيى

چاڭ كەلتۈرۈپ كۆرەك سەھنەسىنى

تارغاقلار ئۆتمۈشنى ئەسلەپ

تۆكمەكتە بۇندا ئاچچىق يېشىنى

قارىمامسەن ئەي بىلقىس؟

تارتماقتا ئۇلارمۇ سېغىنچ دەردىنى

بىلقىس!

قىيىندۇر ماڭا قانىمدىن كەچمەك

يالقۇن تىللىرى بىلەن تۈتۈن تىللىرى

ئېلىۋالدى قورشاۋغا مېنى

14

بىلقىس!


ئەي، بىكە!


سەن مانا كۆيمەكتىسەن

تۇققانلار ئارا پارتلىغان جەڭدە

نىمە دەپ يازاي

خانىشىمنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن

سۆزلىسەم رەسۋا بولىمەن پۈتۈن

بىز جەسەد دۆۋىلىرى ئارىسىدىن

ساقىغان بىر يۇلتۇزنى ئىزدىمەكتىمىز

ئەينەك سۇنغاندەك چۇل- چۇل بوپكەتكەن

بىر جەسەدنى ئىزدىمەكتىمىز

ئەي، دىلبىرىم! بىز مانا شۇ تاپتا:

بۇ قەبرە سىنىڭمۇ يا ئەرەبنىڭمۇ؟ دەپ

ھاڭ- تاڭ بولۇپ سورىماقتىمىز

15

بىلقىس!

ئەي مەجنۇن تال

ئۈستۈمگە تاشلاپ تۇرغان ئۆرۈم ساچىنى

ئەي، زۇرافە!

مەغرۇر تۇتۇپ تۇرغان قەددىنى

بىلقىس!

ئەرەبنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن تەقدىر

ئۇنىڭ بىزنى قەستلەپ يۈرگىنى

ئەرەب يەپ تۈگىتىدۇر گۆشىمىزنى

ئەرەب يېرىپ تاشلايدۇ قارنىمىزى

ئەرەب ئاچىدۇر گۆرىمىزنى

بۇ تەقدىر- پىشانە قىلماي قۇتۇلماس

ئەرەب خەنجەرى ئايرىپ ئولتۇرماس

گېزى كەلگەندە ئەرنى، ئايالنى

بىلقىس!

ئۇلار سېنى بومبىغا يەم قىلدى

توساتتىن بىز كۆرگەندەك بولدۇق

بارلىق تاۋۇتلارنىڭ كەربالادىن چىقىپ

يەنە كەربالاغا ئېقىۋاتقىنىنى

16

بۈگۈندىن باشلاپ تارىخ ئوقۇمايمەن

بارماقلىرىم قىزىپ كەتتى

كىيىملەرىم قانغا بويالدى

بىز ئەمدى تاش دەۋرىگە كىردۇق

ئارقىغا قايتۇرۇمىز

ھەر بىر كۈننى، مىڭ يىلنى

17

بىرۇتتىكى دىڭىز

كۆزلىرىڭ كېتىپ قالغاندىن كىيىن

دېڭىزلىقتىن ئىستېفا بەردى

شىئىر سوراۋاتىدۇ

تىخى پۈتمىگەن قەسىدىسىنى

ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگىلى

ئادەم يوق ئەمدى

18

ئەي، بىلقىس!

قايغۇ مېنى ئاپلىسىننى سىققانچە سىقماقتا

مەن تالاي ئەسەرلەرنى يازغان بولساممۇ

يازماقچى بولغان بۇ ئەسىرىمنى

نىمە دەپ باشلاشنى ئۇقماي قالدىما!


مەن سۆزلەرنىڭمۇ تەڭقىسلىقتا قالىدىغانلىقىنى ئەمدى بىلىۋاتىمەن


تىلنىڭ باشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەنلىكى ئايان بولدى ماڭا




بىر قىلىچ گاھ مېنىڭ بېقىنىمغا

گاھ سۆزلەرنىڭ بېقىنىغا تىقىلماقتا


ئەي، بىلقىس! سەن بارلىق مەدەنىيەتسەن

مەدەنىيەت دېگەن ئايال ئۆزىلا

19

بىلقىس!

سەن ماڭا كەلگەن بۈيۈك بىشارەت ئىدىڭ

بۇ بىشارەتنى كىم ئوغۇرلاپ كەتتى؟

سەن يېزىق پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنقى يېزىق ئىدىڭ

سەن بىر ئارال ئىدىڭ ھەم تۇر ئۇندىكى

بىلقىس!

ئەي، ئايىم!

ئۇلار سېنى تاشلارنىڭ ئارىسىغا كۆمۈۋەتكەن ئىدى

دەرپەردە كۆتۈرۈلمەكتە ئەمدى

دەرپەردە كۆتۈرۈلمەكتە ئەمدى

20

مەن تەرگەۋدە شۇنداق ئەيتىمەن:

مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى

ناملارنى

تۈرمىلەرنى

شەھىدلەرنى

كەمبەغەللەرنى

بىۋە- بىچارەلەرنى بىلىمەن

يەنە تىخى ئايالىمنىڭ قاتىلىنىمۇ بىلىمەن

تونۇيمەن بارلىق پايلاقچىلارنى

يەنە شۇنداق دەيمەن:

بۇزۇقلۇقتۇر بىزدىكى ئىففەت

تەقۋالىقىمىز ئەسلى نەجاسەت

يالغاندۇر بىز قىلغان كۆرەشلەر

فەرقلەنمەيدۇر بىزدە ھىچ قاچان

نامۇسىنى ساتىش بىلەن سىياسەت*

مەن تەرگەۋ پەيتىدە شۇنداق دېمەكچىمەن :

مەن قاتىللارنىڭ كىملەر ئىكەنىنى بىلىمەن

ئەرەب زامانىغا خاستۇر ھەرقاچان

ياسەمىن گۈللىرىنى نابۇد قىلىش

پەيغەمبەر بولسىلا ئۆلتۈرۈش

ھەتتا ئۇلار يالماپ- يەۋىتەر

سۈيىنى ئىچكەن سۈزۈك بۇلاقنى

ئۆرۈم چاچلار، ئۈزۈكلەر

بىلەيزۈكلەر، ئەينەكلەر، ئويۇن- تاماشالار

ھەتتا يۇلتۇزمۇ قورقار بۇ يۇرتتىن

بىلەلمەيمەن ھىچ سەۋەبىنى




ھەتتا قۇشلارمۇ قاچار بۇ يۇرتتىن




يۇلتۇزلار،كىمىلەر، بۇلۇتلار

دەپتەرلەر، كىتابلار

بارلىق... بارلىق گۈزەل شەيئىلەر

ئۆزىگە دۈشمەن بىلەر ئەرەبنى

21

ئەي، بىلقىس!

سېنىڭ نۇرانە تېنىڭ يەرگە سورۇلغان شۇ چاغدا

بىر ئېسل ئۈنچىنى كۆرگەن بولدۇم مەن

مەن ئويلاپ قالدىم:

ئەرەبنىڭ ھەۋىسمىدۇر ئايال ئۆلتۈرۈش دېگەن؟!

ياكى بۇرۇندىن بوپ كەلگەنمۇ بىز

جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئۇستا- ھۈنەرۋەن

22

بىلقىس!

ئەي، مېنىڭ چىرايلىق ئاتىم

مەن پۈتكۈل تارىخىمدىن ئۇيالماقتىمەن

بۇ يۇرت

ئات بولسىلا ئۆلتۈرۈپ كەلگەن

بۇ يۇرت

ئات بولسىلا ئۆلتۈرۈپ كەلگەن.

ئەي، بىلقىس!

ئەي،مېنىڭ شىرىن يۇرتۇم

ئۇلار مېنى بوغۇزلىغاننىڭ بۇيانى

ئىنسان بۇ يۇرتتا قالدى بىلەلمەي

قانداق ياشاپ، قانداق ئۆلۈشنى

23

مەن دائىم

دۇنيانى بەختكە چۈمدۈرىمەن دەپ

ئەڭ ئېسىل تارتۇقلارنى

قانلارىمدىن بېرىپ كەلدىممەن

لىكىن پەلەك

راۋا كۆردى ماڭا

قىشتا قالغان غازاڭلار كەبى

قېلىشىمنى يالغۇز- يەككە تەن

بەختسىز تۆرىلەمدىغاندۇر مۇشۇنداق

شائىر دېگەن؟!

قەسىدە يۈرەككە يەتكەن زەخمىمۇ؟

ھىچ نەرسىدىن داۋا كۆرمىگەن

يا كى مەن بوپ قالدىممۇ بىر دىنبىر ئادەم

تارىختىكى بارچە يېغىنى

ئىككى كۆزۈمگىلا يىغقان- جەملىگەن؟

24

مەن تەرگەۋدە شۇنداق دېمەكچىمەن:

مېنىڭ ئاھۇ تەن گۈزىلىم قانداق بولۇپ

ئەبۇلەھەبنىڭ قىلىچىدا ئۆلۈپ كەتتى؟

فارس قولتۇقىدىن تىنچ ئوكيانغىچە

ئەرەبنىڭ ھەممىسى ھارام تاماق ئوغرى

ئۇلار ئوت قويىدۇر، ۋەيران قىلىدۇر

بۇلاپ - تالايدۇر، پارا يەيدۇر

ئاياللارغا ئۆچلۈك قىلىدۇر

ئۈلگە قىلىپ ئەبۇلەھەبنى

كادىرلارنىڭ ھەممىسى بىر توپ ئىت

يەپ - ئېچىپ مەست- ئەلەس يۈرىشەر

ئەبۇلەھەبدىن زادى يوق پەرقى

25

بىردانە بۇغدايمۇ ئۈنمەس زېمىندا

ئەگەر ئەبۇلەھەب قوشۇلمىسا

بىر بالىمۇ تۇغۇلماس

ئۇنىڭ ئانىسى

ئەبۇلەھەبنى بىر خوش قىلمىسا

تۈرمە ئىشىكىمۇ ئاچىلمايدۇر

ئۇنىڭدىن بىر رۇخسەت بولمىسا

بىرەر باشمۇ كېسىلمەس يەنە

ئۇ چۈشۈرگەن يارلىق بولمىسا

26

مەن تەرگەۋدە شۇنداق دېمەكچىمەن:

مېنىڭ خانىشىم قانداق بولۇپ

كېتىپ قالدى بۇلاڭ- تالاڭغا؟


ئۇلار قانداق بۆلۈشۈپ ئالغاندۇر؟

ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ مەرمەرىنى

يەنە ئۈزۈكىنى - سالغان تويىدا

چاچلىرىنى قانداق بۆلۈشۈپ ئالغاندۇر؟

ئاقار ئوخشاپ زەر دەرياسىغا




مەن تەرگەۋدە شۇنداق دېمەكچىمەن:

ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ قۇرئانىنى

قانداقمۇ تاشلەي ئالغاندۇر ئوتقا؟

قانلارىنى قانداق تۆككەندۇر؟

شىرىن سۆز ئاغزىنى قانداق ئېلىۋالغاندۇر؟

قىزىل گۈللەرى، ئۈزۈملەرىنىمۇ سالغانچە ئادا*

بىردىنبىر غەلبىمۇ بىلقىسنىڭ ئۆلۈمى

ئىشقا ئاشقان ئەرەب تارىخىدا؟

27

بىلقىس!

ئەي، مېنىڭ مەئشۇقۇم!

ئۇلا ئەمەس يېتەكچىم دەيمەن سېنى

بىلقىس!

يالغان پەيغەمبەرلەر بەدەشقان قۇردى بۈگۈن

پۈتكۈل خەلقنىڭ شىللىسىگە چىقىپ

پەيغەمبەرلىك بىلەن يوق ھىچ بىر ئىشى




سېنى ئۆلتۈرۈشكەن شۇ قاتىللار


ئەگەر بىزگە ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ

فەلەستىندىن بىر خەزىنەنى

بىر يۇلتۇزنى، بىر ئاپلىسىننى

ئۇلار بىزگە ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ

گازا قىرغاقلىرىدىن بىر كىچىك تاشنى

ۋە ياكى بىر قۇلۇلە قېپىنى

ئۇلار ئەگەر چارەك ئەسىردىن بىرى

ئازات قىلغان بولسىمۇ زەيتۇن دەرەختىنى

ياكى كۆشەپ ياتقان بولسىمۇ لىمۇننى

تارىختىن ئۆچۈرگەن بولسىمۇ ئارۇ- نامۇسنى

ئۇلارغا گەپ يوق رەھمەت ئەيتاتتىم، بىلقىس!

ئەي مەئبۇدە!

نە مەئبۇدە بەلكى يولباشچى!

بىراق ئۇلار...

فەلەستىننى دۈشمەنگە تاشلاپ بەردى

قەستلىسۇن دەپ ئاھۇلىرىنى

28

شېئىر نىمە دەيدۇ؟ ئەي، بىلقىس! ئەمدى بولغاندا

نىمە دەيدۇ شېئىر؟

قالاقلىق

خۇراپىيلىق

قورقۇنچاقلىق ئەۋجىگەن بۇ زاماندا

ئەرەب دۇنياسى كۆزۈمدە بۈگۈن

كۇكۇم- تالقان، ۋەيران، سوقۇندا

تىللىرى كېسىك، قىلالماس ئىنجا*

بىز بىر جىنايەت چىكىگە يەتكەن

«
ئىقدۇلفەرىد»*، «ئەغانى»* دېگەنلەرنى

كىملەر چىقارغان ئىدى رويابقا؟

دىلبىرىم! ئۇلار سېنى قولۇمدىن تارتىۋالدى

ئۇلار ئاغزىمدىن داستاننى تارتىۋالدى

تارتىۋالدى يېزىش، ئوقۇشنى

بالىلىقىمنى

ئارزۇ- ئىستەكلىرىمنى ھەتتا

بىلقىس! ئەي، بىلقىس!

ئەي، لىغىرلاپ تۇرغان ياش!

پەيكان يەڭلىغ كىرپىكلەر ئارا



مەن سېنى ئۆلتۈرگەنلەرگە نى چاغدىن بىرى

ئىشق سىرلىرىنى ئۈگۈتۈۋاتاتىم

بىراق ئۈگۈتۈشۈم ئاياغلاشماي تۇرۇپ

ئۇلار ئارغىماقلىرىمنى ئۆلتۈردى مانا

29

بىلقس!

مېنى شۇنداق دېيىشكە يول قوي:

بەلكىم سېنىڭ ھاياتىڭ

بەدەل بوپ كەتتى، دەيمەن ھاياتىمغا

مەن شۇنى ياخشى بىلىمەن

سېنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ئەسل مەقسىدى

قەست قېلىشتۇر شېئىرلىرىمغا

30

ئارامىخۇدا ئۇخلا ئەي گۈزەل!

سەن بولمىساڭ شېئىرمۇ بولماس

ئاياللىقمۇ سەن بىلەن كەتتى

قانچە ئەۋلات بالىلار سورايدۇ تىخى

«
قانداقتى؟» دەپ شۇ ئۇزۇن ئۆرۈم ساچىڭنى

نەچچە ئەۋلات ئاشىقلار ئۈگۈنۈپ چىقار

ئەي، ئېسىل مۇئەللىمە! ئىش- ئىزلىرىڭنى

ئەرەبلەر يېقىن بىركۈندە بىلىپ قالادۇر

بىر رەسۇلە*نى ئۆلتۈرگەنىنى...

بىر رەسۇلەنى ئۆلتۈرگەنىنى...

بىر- رە- سۇ- لە- نى...


ئۆل- تۈر- گە- نى- نى...



نزار قباني – بيروت في 15/12/1981





ئۇغدۇرمىش تەرجىمىسى







woriyat يوللانغان ۋاقتى 2011-6-28 17:54:11

\"\"

qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-11 08:50:14

چېكىتتىكى ئىزھاتلار يوقمىكەن جاللات.
بەت: [1]
: نىزار قەببانىي:بىلقىس(داستان)