جىددىي ئۇقتۇرۇش
ئەسسىلام ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ بارلىق ئەزىز ھېرىسمەنلىرى! ھەر قايسىڭلارنىڭ ھەرتەرەپلىمە قوللاش ۋە قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىر بېرىشى ئاساسىدا مۇنبەر ئۆزگىچىلىك بىلەن قايتا روياپقا چىقىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى. مۇنبەرنى يەنىمۇ ئىلغار، مۇكەممەل، رەڭدار- جەلبكار ۋە سەرخىلىققا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، ئەزىزلەرنىڭ كۈندۈزلۈك ئەركىن زىيارەت مەشغۇلاتىغا تەسىر يەتكۇزۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇشۇ يېقىنقى بىر مەزگىل كېچە سائەت 10 دىن 12 گىچە «ئۈرۈمچى ۋاقتى» سېستىما تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر قايسى ئەزىزلەر ئۈچۈن قولايسىزلىك ئېلىپ كەلگىنىمىز ئۈچۈن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمىز، ۋاقىپ بولغايسىزلەر!
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى
شىنجاڭ ئىزدىنىش سودا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
2011-يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى
ئىزدىنىشنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن... تېخنىكىلىق مەسىلىلەر دەممۇ - دەم ھەل قىلىنىۋاتىدۇ . گەپ بىز؛ەرنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىشىمىزدا ئۈرۈمچى ۋاقتىدىمەكچى
بۈگۈن كەچ سائەت 10 دىن 12 گىچە ئىزدىنىش ئېچىلمايدۇ
شۇنداقمۇ؟
بۈگۈنلا ئەمەس بىر مەزگىلگىچىكەن
ئۇنداق بولسا بۇ 10 دىن 12 گىچە دىگەن ۋاقىت بېيجىڭ ۋاقتىمۇ،ئۈرۈمچى ۋاقتىمۇ ياكى ئاقسۇ ۋاقتىمۇ؟
بۇ قېتىملىق تەڭشەكتىن كېيىن ئىزدىنىشنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بۇلۇپ كېتىشىنى ئۈمد قىلىمەن،ھەمدە بەزى ئەزالار تېما ۋە ئىنكاسلاردا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئويلىشىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمد قىلىمەن.
ئۆزگەرتىشنى سائەت11دىن1گىچە ئېلىپ بارغان بولساڭلار تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى.چۈنكى نۇرغۇن ئەزالار مەسىلەن مەن سائەت10دا ئۇخلىمايمىز،دەل ئىزدىنىشتە بۇلىدىغان ۋاقتىمىزتى.
taklimakan10
بۇ قېتىملىق تەڭشەكتىن كېيىن ئىزدىنىشنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بۇلۇپ كېتىشىنى ئۈمد قىلىمەن،ھەمدە بەزى ئەزالار تېما ۋە ئىنكاسلاردا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئويلىشىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمد قىلىمەن.
ئۆزگەرتىشنى سائەت11دىن1گىچە ئېلىپ بارغان بولساڭلار تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى.چۈنكى نۇرغۇن ئەزالار مەسىلەن مەن سائەت10دا ئۇخلىمايمىز،دەل ئىزدىنىشتە بۇلىدىغان ۋاقتىمىزتى.
بولىدۇ، سائەت 11 دىن ئەتىسى 1 گىچە بولسۇن.
سىز ئۇخلىمىغان بىلەن مۇنبەر پىروگىرامىلىرىنى تۈزۈتۈپ بولۇپ مىسسران ئۇخلايدۇ
ziyali
سىز ئۇخلىمىغان بىلەن مۇنبەر پىروگىرامىلىرىنى تۈزۈتۈپ بولۇپ مىسسران ئۇخلايدۇ
ئىزدىنىشنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر نەچچە سائەت كەچ ئۇخلىغانغا ھېچنىمە بولمايدۇ.
مىسراننىڭ تەكلىپىمنى قۇبۇل قىلغىنىغا كۆپ رەھمەت.
بۇ ياخشى ئىش بوپتۇ، مۇشۇ ئەزالىق نامىمىز ۋە مەخپى نومۇرىمىز پەقەتلا ساقلانمايۋاتىدۇ، ھەر قېتىم بەتنى يېڭىلىغاندا ياكى قايتا ئاچقاندا تىزىملاشقا مەجبۇر بولۇپ قالدۇق، بولسا مۇشۇ مەسلىنىمۇ نورمال تەڭشەپ قويساڭلار.Tumaris خانقىز، ئىزدىنىشنىڭ كاتىپىمۇ نېمە؟ :)
قوللايمىز. مىنىڭ تەكلىۋىم: يوقارقى تورداشلار دىگەندە بەتنى يېڭىلىساقلا قايتىدىن تىزىمىلىتىشىمىز لازىم بولىدۇ، ئادەمىنىڭ ئىچىنى بەكلا پۈشۈرۋىتىدۇ بۇ ئەھۋال.
يەنە بىرى ئىنكاسلارنى تەستىقلاش تۈزىمىنى ئەمدى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتسەڭلار بولاتتى، بۈگۈن يېزىپ قالدۇرغان ئىنكاسىمىنى بالدۇر بولسا ئەتىسى كۆرىمەن، ئۇنىڭغا بىرىسى ئىنكاس يازسا ئىككى كۈندىن كىين كۆرىمەن، ئۇ ھالدا مۇنازىرە مۇنازىرە بولمايدۇ، باشقا مۇنبەرلەردە بۇنداق كونا تۈزۈم ئەمەلدىن قالغىلى نەۋاق، مەيلى قۇبۇل قىلىڭلار ياكى قىلماڭلار ئىنكاسنى تەستىقسىز چىقىرىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن.
22 دىن 24 كىچە بولامدۇ؟ ھېچقىسى يوق. قوللايمىز.ئىزدىنىش ۋاقتىنىڭ am بىلەن pm سى ئالمىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.
ئىزدىنىش مۇدىرىيىتى قارىمىقىدىىكى ئىزدىنىش تەجرىبىخانىسىغا جىددىي ئىنكاس:
1. مەن تەكشۈرگەن بارلىق ئىزدىنىش ئەزا ئارخىپلىرى ئىچىدە، ICQ بىلەن MSN نىڭ مەزمۇنى پۈتۈنلەي باچكىنىڭ ئارخىپىغا ئوخشاش كۆرۈنۈۋاتىدۇ، بۇ cookise غا ئوخشاش نەرسىدىن كېلىپ چىققان خاتالىقمۇ، ياكى سانداندا پۈتۈنلەي مېنىڭ بېسىلىپ كېتىپتىمۇ؟ سىلەر كۆرسەڭلار بۇ ئىككى تۈر ئۆزەڭلارنىڭ بولۇپ كۆرۈنۈۋاتامدۇ؟
2. باشقۇرغۇچىلار IP كۆرەلەيدىغان ئىقتىدار ۋاقتىدا ئېچىۋىتىلسە بوپتىكەن.
Firefox تا بىۋاستە ئۇيغۇرچە يازغىلى بولىدىغان قىلىپ قويۇڭلار! ئۇيغۇرچىنى يۇلغۇن توردا ئۇيغۇرچە كىرگۈز سېستىمىسىدا يېزىپ چاپلاپ ئىنكاس يىزىۋاتىمەن. IE بىلەن پەقەتلا خوشۇم يوق!جاۋابەن ھە، مەن بۇ مەسىلىنىڭ سىرتىدا بولساممۇ، نىمىشقا IE8 ياكى IE9 نى ئىشلەتمەيسىز؟ مەنغۇ MS نىڭ ھەممە مەھسۇلاتىنىڭ سادىق فەنى..
يېرىم كىچە ( 子时 ) ( 23 دىن بىرگىچە ) ( 23:1:00 )
بۇ ۋاقىتتا ئۆت تۇمۇرى ئەڭ كۈتۈرەڭگۈ بۇلىدۇ . جۇڭگو تىبابىتى نەزەريىسىدە مۇنداق دىيىلىدۇ : « جىگەردىكى ئارتۇق كۈچ ئۆتكە يىغىلىدۇ ھەمدە خىللىنىپ چىقىدۇ . ئۆت ئادىل بولغان ئەزا . بەش چوڭ ئىچكى ئەزا ، ئالتە كىچىك ئىچكى ئەزانىڭ ئىقتىدارى ئۆت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . ئادەمنىڭ يۈرىكىنى توختىتىدۇ ، يامان ئىللەتلەر كىرەلمەيدۇ . ئۆت قۇۋۋىتى ئاجىز بولسا ئۇنداق بولمايدۇ . نەپەس دەم سىقىلىدۇ ،پىلان تۈزلىشى كەسكىن بولمايدۇ » بۇنىڭدىن ئۇنىڭ مڭھىملىقىنى چۈشۈنۈشكە بۇلىدۇ . بەزىدە دوختۇرلار بىمارلارنىڭ ئۈتىنى ئوراتسىيە قىلىپ ئېلىۋىتىدۇ ،بۇ بىر خىل مەسئۇليەتسىزلىك . ئۆت سۇيۇقلىقى ماددا ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بۇلىدۇ . يېرىم كىچە مەزگىلىدىن ئىلگىرى ئۇخلىغاندا ئۆت ماددا ئالماشتۇرۇشنى تۇللۇق تاماملىيالايدۇ . « ئۆت قانچىلىك سۈزۈك بولسا ، مىڭە شۇنچىلىك سۈزۈك بۇلىدۇ » ئۇمۇمەن يېرىم كىچە مەزگىلىدىن ئىلگىرى ئۇخلىغۇچىلار ئەتىگىنى ئويغانغاندىن كىيىن مىڭىسى ناھايىتى سەگەك بۇلىدۇ . ئەكىسچە بولسا، ناھايىتى تاتىرىپ كىتىدۇ . تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ئۆت سۇيۇقلىقى نورمال ماددا ئالماشتۇرۇشقا ئامال بولماي قېتىپ كىرىستالغا ئايلىنىپ كىتىدۇ . بۇخۇددى دېڭىز سۈيىنى ئاپتاپقا قاقلىسا تۇزغا ئايلانغىنىغا ئوخشاش ، تاش چۈشۈش كىسەللىگى شەكىللىنىدۇ . ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر يەنى شۇ سەۋەپتىن « قورقۇنچاق »بۇلۇپ قالىدۇ .