wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-26 13:41:53

ھەي ،بېسەرەمجان چۈشلەر ؟

كەچقۇرۇندە چۈش ئۆرۈمە دەيدىغان ئانىلار ،ئاخشامقى كۆرگەن چۈشۈمنى ئۆرۈي دېسەم كۈندۈزدە ئۆرىگۈدەك ۋاقىت ،ئۆرۈپ بەرگۈدەك بالىخان يوق ،كەچتە مۇشۇ توردىلا ئۆرىدىم ،مۇنۇلارنى ئوقۇپ بولۇپ "ئىلاھىم ،ئادەمدەك  ياشارسەن ،خۇدا ئۆمرۈڭنى بەرسۇن، ۋاپادارىم" دەپ قويارسىلەر تۇغقانلار .

ئالىيئوقۇلدىكى  ۋاقىتلاردا جۈمە چۈشلۈكى ئۈرۈمچى نۇرباغدىكى مەسچىتتە ناماز ئوقۇپ كەچلىكى ئاغىينىلەر بىلەن بىللە ئۈرۈمچىدىكى دىبايۇ جۇبا دېگەندەك يەرلەرگە بېرىپ ئۇچۇپ كېلەتتۇق ،ئەسلەپ باقسام جۈمە چۈشتە نامازدا ،كەچتە قاۋاقتا يۈرۈپ 5يىل ئۆمرىمىز ئۆتۈپتۇ .يېقىندىن بۇيان سالامەتلىك يار بەرمەي ئىچشتىن توختاپ قالدىم ،دەسلىپىدە ئاغىينىلەر ۋاپادارىم قارى ھاجىم دەپ خېلى مازاق قىلىشتى ،شۇنىڭ بىلەن ئاتىلارنىڭ "يېتىپ ئۆلگۈچە ئېتىپ ئۆل "دېگىنى بويىچە  سېسىق گەپ ئاڭلىغۇچە سېسىق ھاراق ئىچەي دەپ بىر ئىككىدىن ئۆتكۈزۈپ ئىچىپ يۈردۈم ،لىكىن ئىككى ئاي بۇرۇنقى بىر كەچلىكى سورۇندا قورساق ئاغرىقىدىن  بىر رومكا ئىچىپ بولۇپلا  توختىماي ئوسۇرغاندىن كىيىن  ئاغىينىلەر شۇنچىلىك كەلتۈرۈپ كەتتىكى ،ئۆزۈممۇ كۈلۈپ ئوسۇرۇپ ،ئوسۇرۇپ كۈلۈپ دېگەندەك.....

-ئاداش ،سېنىڭكىنى مەن ئىچىتىۋەي ،مۇڭلۇق بىرنى  ئوسۇرۇپ بەرگىنا ،

-يېتىمنىڭ بېشىدا ئامەت تۇرمايدۇ ،

ۋاپادارىمدا تاھارەت ...

-سورۇنغا قۇرۇق كەلمەيمىز ،ناخشىسى بارلار ناخشا ،چالىدىغانلار ساز ،پۇلى بارلار ئۆرۈمە قىلىدۇ ،ۋاپادارىم ئىچمەيدۇ، ئەمما ئۈچ رومكىغا بىرنى ئوسۇرۇپ بېرىدۇ ..ۋەيىت ...

مانا ،مۇشۇنداق تېتىقسىز كەلتۈرۈشلەر ،چاقچاق گەپلەر بىلەن ھاراق ئىچمەي يۈرگىلى 2ئاي بولغان ،تۈنۈگۈن ئىچىپ سالدىم .

   مۇشۇ مەھەلىمىزدىكى ئۇيغۇرنى سانىسا تولىسۇ 4-5ئۇرۇققا چېتىلغان قۇلۇم قوشنايۇ ئۇرۇق تۇغقانلار ،لىكىن مۇشۇ كىچىككىنە مەسچىتىمىزدە جېدەل ماجرا قۇرۇماي كەتتى ،ئامىننى ئېچىدە دېيىش بىلەن تېشىدا دېيىش ،باغاقنى ئىچىدە ئوقۇش بىلەن سىرىتىدا ئوقۇش توغرىسىدىكى جېدەلنىڭ ئۆزىگىلا 3يىل بولۇپ قالدى .تۆنۈگۈنمۇ بالدۇرراق بېرىپ مۇڭلۇق قىرائەتلەردىن ئاڭلارمىز دېسەم ،يەنە شۇ جېدەلنىڭ ئىچىگىلا چۈشۈپتۇق .كۆڭۈل غەش بولدىغۇ تۇغقانلار ،كۆڭۈل غەش ،توۋا خۇدايىم ،مۇسۇلمان بار يەردە جېدەل ،مۇسۇلمان بار يەردە ماجرا ،مۇسۇلمان بار يەردە ئىختىلاپ بولامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىدىغۇ كىشى  ،بىر جەينامازغا سىغىشمىغان ئادەم دۇنياغا ھەرگىز سىغمايدىغۇ ئاخىر ،كەچلىكى بالىلار بىلەن يىغىلىپ قالدۇق ،چۈشتىكى كۆڭۈل غەشلىكىدىن بولمامدۇ ،كۆڭلۈم چاغ ئەمەس ئىدى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ماۋۇ گۇيلار يەنە ئۈچ ئاي بۇرۇنقى ئوسۇرۇقنىڭ گېپىدە:

ئاداش،چۈشتە مەسچىتتەبىرنى ئوسۇرۇپ قويغان بولساڭ جېدەل باشقا ياققا بۇرۇلاتتى ...

بۇ گۇيلار  چاقچاق قىلىۋىرىپ خۇيۇمنى تۇتتۇرۇپ قويۇپ ھاراقنى ئىچىپ ،توۋا ،بىز مۇسۇلمانلارغا نېمە بولدى ،ئۇيغۇر دېگەن نېمانچە چىقىشماس خەقتۇ ،ئۇيۇشقاق دېگەن تەنە گەپكەن ئەسلى ،ھېلىمۇ خۇدايىم بىزنى ئىت قىلىۋەتمەپتۇ ،ھەممە ئىش ئىمامغا بوي سۇنمىغانلىقتىن چىقىدۇ ،بىزگە چەتئەللىكتىن بىرسىنى ئىمام قىلسا چوقۇم گېپىنى ئاڭلايمىز ....تازا قايناپتىمەنغۇ !

سورۇندىن بىرلەر بولغاندە تارقىدۇق ،يەر ئاستى ئۆيىمىزنىڭ دالىنىغا مەھەلىدىكى لالما ئىتلار توپلىشىۋالىدىغان ،مەسچتىلىكتە 3-قەۋەتكە چىقىمەن دەپ يەر ئاستى ئۆيى تەرەپكە چۈشۈپتىمەن ،ھاۋ ھاۋ ھاۋ دەپ 7-8كۆرۈمسىز ماشكا قاۋاپ كەتكەن ،بەكمۇ قورقۇپ كەتتىم ،يا خۇدايىم دەپ ھوشۇمنى تېپىپ تىترەك باسقان پۇتلىرىم بىلەن ئۆيگە ئاران چىقىپ،ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرسا دەپ دېرىزىلەرنى ئېچىۋىتىپ  مېھمانخانىدىلاياتتىم ، ئىتلار نىڭ ئۇيقىسىنى ئېچىۋەتكەن چېغىم ،تولا قاۋاپ ئارام بەرمىدى ،دېرىزىنى ياپاي دېسەم ،ئورنۇمدىن تۇرۇپ قۇسۇپ سالماي دەپ مەجبۇرەن يېتىپ قاۋاپ توختىمىغان ئىتلار بىلەن سورۇندىكى قايناشلىرىمنى ، چۈشتە مەسچىتتىكى ماجرالارنى ئويلاپ بىر چاغلاردا ئۇيقىغا كېتىپتىمەن .

چۈش دېگەن ئاجايىپ  ،بىردەم ئامېرىكىدە ،بىردەم شەيتانكەرىشتە ،ئۇچۇدۇ ھە چۈش دېگەندە ئۇچۇپ ئۇچۇپ .....

چۈشۈمنىڭ بىرىنچى پەردىسىدە مەسچىتىمىزدە باغاق ئوقۇش توغۇرلۇق جەڭگى جېدەل بولۇپ كېتىپ بىر مەھەلە كىشىلىرى باغاقنى مەسچىتتە ئوقۇش گوروھى بىلەن باغاقنى مەسچىت ئىشكىگە چاپلاش گوروھى بولۇپ كېتىپتۇدەكمىز ،جېدەل ماجرا بېسىقىدىغان ئەمەس ،مەسچىت ھويلىسىغا چاپلاپ قويۇلغان باغاقنى بەزەنلەر جامائەت سەجدە قىلىۋاتقاندا قەستەن مەسچىت ئىچىگە تاشلاپ قويۇپمۇ ماجرا بولۇپ كەتكۈدەك ...ھېچكىم ھېچكىمنىڭكىنى ئاڭلىمىغۇدەك ،مەن پالانى قارىمدىن سورىغان دېسە ،مەن پۇستانى ھاجىمدىن سورىغان دەپ ،شۇنىڭ بىلەن جېدەلنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىشىپ ئىش تېرىغان ئىمامنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەكمىز .چۈش دېگەن ھە ،شۇنىڭ بىلەن مەسچىتىمىزگە ئالتە ئايلىق گۇاجى بولۇپ  كۆرۈمسىز قىز لىتسىيەنىڭ دادىسى كەپتۇدەك  ،جامائەت شۇندىن بۇيان ئوڭلىنىپ كەتكۈدەك ،ئىمام نېمە دېسە ھەقراس دەپ ئىمامنىڭ سىزىقىدىن چىقماس بولۇپ كېتىپتتۇدەك ،بۇرۇنقى ئىمام ۋە قارىيلارنى  ئۆزلىرى قۇرئان ئوقۇتۇپ پۇل بېرىپ بولغاندىن كىيىن ئىمام قارىي  دېگەن گۇي ئىلمىنى پۇلغا  ساتتى،بۇ گۇيلار قۇرئاننى تېز ئوقۇيدۇ ،كىم بىلىدۇ ،قۇر ئاتلاپ ئوقامدۇ دەپ ...........  گەپلەر  تاپقان بولساق  ،مونۇ ئىمامنى "ھەققىنى ئالدى،بىز رازى ،ھەققىنى ئالدى"شۇنچە يىراقتىن بىزگە ئىلىم ئۆگىتىمەن دەپ كەلدى ئۆيىنى تاشلاپ ،مۇشۇ كىشىگىمۇ ئاسان ئەمەس دەپ تەرىپىنى قىلىپ  چەكسىز  ھۆرمەت بەرگۈدەكمىز ،تېخى بەزەنلەر لىتسىيەنىڭ دادىسىنى ئۆيلەپ  قويۇش توغرىسىدا مەھەلىدىكى چىرايلىق قىزلارنىڭ تەرىپىنى قىلغۇدەك . .قىسقىسى مەسچىتىمىزدە ئاجايىپ گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلگۈدەك ،ئەلنىڭ ئىناقلىقىغا خۇرسەن بولغان بۇرۇنقى ئىمام ،بۇنداقلىقىمىزنى بىلگەن بولسان بۇرۇنلا .ئۆزىمىزدىن بولمىغان بىرسىنى ئىماملىققا تەكلىپ قىلاتتۇق ئەمەسمۇ دېگۈدەك ..

توۋا خۇدايىم ،چۈشۈمنىڭ ئىككىنچى  پەردىسىنى ئۆرۈشتىن ئۇيىلىۋاتىمەن ،تىللاپ يۈرمەڭلار ،بوپتۇ ،مەسلىك -پەسلىك دەپ مەن دەي ...

ئاخشامقى سورۇن ،ياندىكى يازودا غا بىر ئازدىن كىيىن بىر توپ قىزلار كىرىپ ئىچكۈدەك ،ئارىمىزدىكى شاشىراقلىرى سورۇننى رەڭلىك قىلىمىز ،بۇ قىزلارنى خۇدا بەردى دەپ ئاتايىن ئۇلارغا ئاڭلىتىپ ھەزىل گەپلەرنى قىلىپ ئۇلارنىڭ سورۇنىغا سورۇننى بىرى قىلماق ئۈچۈن 10 بوتولكا پىۋا بىلەن قوناق ئېتىلدۇرمىسىنى ئېلىپ ئەلچىلىككە كىرگۈدەك ....سورنۇننى رەڭلىك قىىلپ ۋەھشى ئىچىپ كەتكۈدەكمىز ،نە ئۆيدىكى بالا ،نە خوتۇننىڭ گېپى يوق ،بىز توي قىلمىغان ،بۇ نازىنىلارمۇ توي قىلمىغان بولۇشۇپ تازا ئىچىشىپتۇدەكمىز ...تانسىغا ئىككى ئىككىدىن قۇچاقلىشىپ يېنىمىزدىكى ئولتۇرغانلارنىڭ ،تانسا ئويناۋاتقانلارنىڭ غەيۋەتلىرىنى،نادان ،ئىناقسىز دەپ مىللەتنىڭ ،دۇنيانىڭ غەيۋەتلىرىنى قىلىپ كەتكۈدەكمىز ....

ھاراقنىڭ ،غەيۋەتنىڭ سېھربى بىلەن ھەننىۋارىمىز تۇيۇقسىز  بىر بىرسىدىن چىرايلىق  ئىتقا ئايلىنىپ كەتكۈدەكمىز .ھېلقى يەر ئاستى ئۆينىڭ سەيناسىدا ياتقان ئىتلارنى سورۇندىكى بالىلار دېگۈدەكمەن .

ۋاي ئۆيۈم مۇشۇ 3-قەۋەتتە ،مەن چىقاي دېسەم باشقا ئىتلار :ۋاي سەن ئىت تۇرساڭ ،خوتۇنۇڭ سېنى كىگۈزمەيدۇ ئۆيگە .بولدى ،ئەمدى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىتلا بولۇپ كېتىلى يۈرە دەپ مېنى سىرىتقا تارتقۇدەك ،ۋاي ياق ،بايام سورۇندا ئىت بولۇپ قالغان ئىدۇق ،ھازىر مەن ،سىلەر ھەممىمىز مۇسۇلمان ،قالايمىقان سۆزلىمەي قايتىڭلار بولدى بۇ يەردە يىغىلىپ تۇرماي دېسەم ،ياق ،ھاۋ ھاۋ ،سەنمۇ ،بىزمۇ ئىت ،ھەممىمىز ئىت ،يۈرە ،سۆڭەڭ غاجىلىغىلى بارىمىز ئون ئادەمنى غاجىلىماي تۇرۇپ ئادەمگە ئايلىنالمايمىز يۈرە دەپ مېنى ئىتتۈرگۈدەك ،ئون ئادەمنى چىشلىمىسەڭ،غاجىمىساڭ  ئادەمگە ئايلىنالمايسەن !

تېزىراق ئادەم ئەپتىگە قايتىش ئۈچۈن ،تېزىراق ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ھەممىمىز ھاۋشىپ تىللىغۇلى ،غاجىغىلى ،چىشلىگۈلى ،مەنسىتمىگىلى ،يوقاتقۇلى ،ئۆز ئارا قان قان بولۇشقىلى، ئادەملەر بار يەرگە چاپقۇدەكمىز ...

.....ھېلىمۇ بالام يوتقانغا سىيىپ يىغلاپ قوپۇپ كېتىپ چۈشۈمدىن ئويغىنىپ كەتتىم ،بولمىسا نەلەردە ،كىملەرنى چىشلەر ،غاجار سۆكەر بولغىيتۇق ...

ھېچ ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس ،يىراقلاردىن چۈشۈمدىكى ھېلقى گەپ  سادابولۇپ يانماقتا :

سەن ،مەن ،ھەممىمىز بەئەينى ئىتقا ئوخشايمىز ...



"ئىت ۋاپا_ خوتۇن جاپا" دېگەندىن باشلاپ ،

ۋاپاسىز ئىتلارنى يېقىن بىلگەن بىز .

تۇغقاننى غاجىلاپ، ياتنى يالاشتا ،

بىز بەئەينى ئىتقا ئوخشايمىز .....




izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-27 20:58:46

بالىڭىز سىيىپ قۇيۇپ يېغلاپ قوپۇپ سىزنى ئويغىتىپتۇ... شۇنداق ئىنسانلارنى مەلۇم بىر ئىش،مەلۇم بىر شەيئى ئاشۇنداق ئويغۇتىدۇ...

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2011-6-26 17:51:57

توۋا~~~ ماۋۇ چۈش خۇددى كىنو كارتىنسىدەك كۆز ئالدىمدىن غىل پال قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەندك تۇيۇلۇپ كەتتا.


خۇدايىم ھەممىزگە ئىنساپ دىنايەت ئاتا قىلسۇن.


ھاراقتىن نىېرى تۇرساق بولغىدەك. مەسچىلىك پەسچىلىك دەپ بىكار ئېيتىلماپتىكەن.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-6-27 03:42:17

wapadarim912

،ئامىننى ئېچىدە دېيىش بىلەن تېشىدا دېيىش ..



بۇ، بارلىق ئىسلام دۇنياسىدا تۈگىمەيۋاتقان تالاش - تارتىش.



ئەسلىدە رەسۇلۇللاھنىڭ: مەن نامازنى قانداق ئوقۇغان بولسام شۇنداق ئوقۇشۇڭلار لازىم(بۇخارىي توپلىغان)، دېگەن بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلساق، بۇ ئىختىلاپقا ئورۇن قالمايتتى. ئەمما، مەزھەبچىلەر بۇنىڭغا كەلمەيدۇ.


ھەدىس بويىچە بولغاندا، ئامىننى ئاۋازلىق دېيىش توغرۇلۇق ھەدىسلەر كۆپ بولۇپ مۇتەۋاتىر دەرىجىسىدە. ئامىننى ئىچىدە دېيىش توغرۇلۇق بىرمۇ سەھىھ ھەدىس يوق. شۇنداقلا، رۇكۇدىن كېيىن رەفئۇليەد( قول كۆتۈرۈپ) قىلىپ ناماز ئوقۇغانغا ھەدىسلەر كۆپ بولۇپ مۇتەۋاتىر دەرىجىسىدە. رەفئۇليەد قىلماي ئوقۇش توغرۇلۇق بىرمۇ سەھىھ ھەدىس يوق.


دېمەك، ئامىننى ئىچىدە دېيىش، رەفئۇليەد قىلماي ئوقۇشلار رەسۇلۇللاھنىڭ: مەن نامازنى قانداق ئوقۇغان بولسام شۇنداق ئوقۇشۇڭلار لازىم، دېگەن سۆزىگە زىت.









ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-6-27 07:10:14

يا ! غەزەپ چۈشلەرنى كۆرىۋاتىسىز جۇمۇ



ۋاي ئۆيۈم مۇشۇ 3-قەۋەتتە ،مەن چىقاي دېسەم باشقا ئىتلار :ۋاي سەن ئىت تۇرساڭ ،خوتۇنۇڭ سېنى كىگۈزمەيدۇ ئۆيگە .بولدى ،ئەمدى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىتلا بولۇپ كېتىلى يۈرە دەپ مېنى سىرىتقا تارتقۇدەك ،ۋاي ياق ،بايام سورۇندا ئىت بولۇپ قالغان ئىدۇق ،ھازىر مەن ،سىلەر ھەممىمىز مۇسۇلمان ،قالايمىقان سۆزلىمەي قايتىڭلار بولدى بۇ يەردە يىغىلىپ تۇرماي دېسەم ،ياق ،ھاۋ ھاۋ ،سەنمۇ ،بىزمۇ ئىت ،ھەممىمىز ئىت ،يۈرە ،سۆڭەڭ غاجىلىغىلى بارىمىز ئون ئادەمنى غاجىلىماي تۇرۇپ ئادەمگە ئايلىنالمايمىز يۈرە دەپ مېنى ئىتتۈرگۈدەك ،ئون ئادەمنى چىشلىمىسەڭ،غاجىمىساڭ  ئادەمگە ئايلىنالمايسەن !


ما گەپلەر يامان پەيزى چىقىپتۇ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-6-27 11:24:42

abdulehed

wapadarim912

،ئامىننى ئېچىدە دېيىش بىلەن تېشىدا دېيىش ..



بۇ، بارلىق ئىسلام دۇنياسىدا تۈگىمەيۋاتقان تالاش - تارتىش.



ئەسلىدە رەسۇلۇللاھنىڭ: مەن نامازنى قانداق ئوقۇغان بولسام شۇنداق ئوقۇشۇڭلار لازىم(بۇخارىي توپلىغان)، دېگەن بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلساق، بۇ ئىختىلاپقا ئورۇن قالمايتتى. ئەمما، مەزھەبچىلەر بۇنىڭغا كەلمەيدۇ.


ھەدىس بويىچە بولغاندا، ئامىننى ئاۋازلىق دېيىش توغرۇلۇق ھەدىسلەر كۆپ بولۇپ مۇتەۋاتىر دەرىجىسىدە. ئامىننى ئىچىدە دېيىش توغرۇلۇق بىرمۇ سەھىھ ھەدىس يوق. شۇنداقلا، رۇكۇدىن كېيىن رەفئۇليەد( قول كۆتۈرۈپ) قىلىپ ناماز ئوقۇغانغا ھەدىسلەر كۆپ بولۇپ مۇتەۋاتىر دەرىجىسىدە. رەفئۇليەد قىلماي ئوقۇش توغرۇلۇق بىرمۇ سەھىھ ھەدىس يوق.


دېمەك، ئامىننى ئىچىدە دېيىش، رەفئۇليەد قىلماي ئوقۇشلار رەسۇلۇللاھنىڭ: مەن نامازنى قانداق ئوقۇغان بولسام شۇنداق ئوقۇشۇڭلار لازىم، دېگەن سۆزىگە زىت.












بەلكىم سىزنىڭ دىگىنىڭىز بويىچە ئامىننى ئاۋازلىق دىيىش كېرەكتۇ.ئەمما بۇنچە تالىشىپ كەتكىدەك مەسلە ئەمەسكەن.گەرچە جىگۇڭدەك ھاراق شاراپ گالدىن ئۈتەر، قالغىنىغا ئامىتابا دىگەنگە ئوخشاش ئىدىيەنى قۇبۇل قىلالمىساممۇ،نىيەت دۇرۇس بولسا قانداق بولسا بولىۋېرىدۇ دەپ قارىدىمغۇ.


ھازىرقى بىزگە نىسپەتەن شەكىلگە قارىغاندا نىيەت مۇھىمراقتەك بىلىندى.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-6-27 13:33:30

شۇنداق، تالاشمىساقلا ياكى بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر چارىسى: قۇرئان، ھەدىسكە قايتىش، دېسەكلا  ئىش تۈگەيتتى. ئەمما، رىئاللىق ئۇنداق ئەمەس.


ئەمەلگە ئايلانمىغان نىيەت نىشىكەشنىڭكىدىن پەرقى يوق.ئوخشىتىشلار ھەممىگە ماس كەلمەيدۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-6-27 14:01:17

دىگىنىڭىزنى خاتا دىمەيمەن.ئەكسىنچە قوشۇلىمەن



ئەمما نىيىتى دۇرۇس بولۇش دىگەننى قايتا ئويلىنىپ بېقىڭ.


نىيىتى دۇرۇس بولۇشنى ئادەم بولۇشنىڭ بىرىنچى شەرتى دەپ قارايدىكەنمەن.


ئادەم بولالماي تۇرۇپ مۇسۇلماندارچىلىقتىن ئېغىز ئېچىش بالدۇر بولسا كېرەك.

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2011-7-27 13:21:24

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !


ئىزدىنىشتا ئۈچۈنچى ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم ، ئەمدى << نەۋرىلەر >> نىمۇ ئوقۇپ چىقاي . << ۋاپادارىم >> خانەڭىز ئېسىل قەلەم ، ۋەھشى چۈشلەرگە تولۇپ كېتىپتۇ . پات - پات چۈش كۆرۈپ تۇرۇڭ ، چۈشىڭىزدىن بىزنى خەۋەرلەندۈرۈشنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭ .

بەت: [1]
: ھەي ،بېسەرەمجان چۈشلەر ؟