izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-23 16:42:03

كازافىينىڭ چىقىش يولى نەدە؟

كازافىينىڭ چىقىش يولى نەدە؟



فىرانسىيەنىڭ كۆرەشچى ئايروپىلانلىرى لىۋىيەنى بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن، لىۋىيەدىكى ئۇرۇش ئوتى ئۈچ ئايدىن كۆپىرەك داۋاملاشتى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ چىقىش يولى نەدە؟ لىۋىيەنىڭ چىقىش يولى نەدە؟ كازافىينىڭ چىقىش يولى نەدە؟ بۇلارغا ھازىر ھېچكىم بىر نېمە دېيەلمەيدۇ.



چىقىش يولىنىڭ بىرىنچىسى: سايلام ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىش



سايلام كازافىينىڭ ئوغلى سەيىف ئاتىسى ئۈچۈن پىلانلاپ بەرگەن بىر چىقىش يولى.



رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: 16-ئىيۇن سەيىف ئىتالىيەدە چىقىدىغان «كەچلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: سايلام ئۈچ ئاي ئىچىدە ئەڭ كېچىككەندىمۇ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ. سايلامنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. ئەگەر كازافىي سايلامدا مەغلۇپ بولسا، تەختتىن چۈشۈشكە قوشۇلىدۇ بىراق لىۋىيەدىن ئايرىلمايدۇ. سەيىف يەنە: كازافىي لىۋىيەدىن مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ، ئۇ مۇشۇ يەردە تۇغۇلغان، ئاخىرقى ئۆمرىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان كىشىلەر بىلەن بىرگە مۇشۇ دۆلەتتە دەپنە قىلىنىدۇ.



بۇنىڭغا ئۆكتىچىلەر قوشۇلمىدى، ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى شەرقىتىكى شەھەر بەنغازىدا سەيىفنىڭ سايلام ئۆتكۈزۈش تەكلىپىگە رەددىيە بېرىپ، بۇ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق دېدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسىمۇ سەيىفنىڭ تەكلىپىنى مەسخىرە قىلىپ: بۇ تەكلىپ سەل كېچىكىپ قاپتۇ دېدى. بۇنىڭدىن بۇ چىقىش يولىنىڭ مۈشكۈللۈكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.




ئىككىنچى چىقىش يولى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشى



لىۋىيەدە مالىمانچىلىق باشلانغاندىن بۇيان، كازافىي ئىچكى ئۇرۇشنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ئارىلاشقاندىن كېيىن، بۇ ئىچكى ئۇرۇشتا ئاقىۋەتتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دېگىنى ھېساب بولدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ پوزىتسىيىسى قارىماققا كازافىينىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغاندەك قىلاتتى.



ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى 19-ئىيۇن خەۋىرىدە: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى لىۋىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغاندىن بۇيان، ھۇجۇم ئون مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى. كازافىينىڭ ئوغلى ۋە نەۋرىسىمۇ ھۇجۇمدا قازا قىلدى. لىۋىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزگەن كازافىينىڭ ئوغلى ۋە نەۋرىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمى «قەھرىمانلار ئۈچۈن قىساس ئالىمىز» دېگەندە سۆزلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا: بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىرىدىن بىر ئۇسۇلى كازافىي ۋە ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرىنى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتتا ھالاك قىلىش دېدى.




دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ھەربىي تەشكىلات شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى لىۋىيەدە پۇل كۆيدۈرۈش ئويۇنى ئوينىدى. بۇ ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىشتىن بۇرۇن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ھەر قايسى ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرى ئويلاپ باقمىغان ئىش شۇ بولدىكى ھازىرغىچە، ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش چىقىمى يەتتە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى، ئامېرىكا ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇل ۋە كۈچ چىقىرىپ، «پۇل كۆيدۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ كۈچ ئۇۋۇلاش تاياقچىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي چىقىمى بۇندىن كېيىنكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك، كازافىينىڭ تەقدىرىگە تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالدى.




ئۈچىنچى چىقىش يولى: ئۆكتىچىلەر بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش



لىۋىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى غەربىي لىنىيە ۋە شەرقىي لىۋىيەدە جەڭ قىلىپ، پايتەخت ترىپوىلىغا ئىچكىرلەپ كىرمەكچى بولدى. كازافىينىڭ ئوغلى ئوتتۇرغا قويغان سايلام تەكلىپىگە قارىتا لىۋىيەدىكى ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى بولغان «مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى» بەنغازىدا مۇنداق دېدى: كازافىي ھاكىمىيىتى قانۇنلۇقلىقىنى يوقاتتى، سايلام ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىش سالاھىتى يوق، كازافىينىڭ تەختتىن ئايرىلىشتىن باشقا تاللىشى يوق.



رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ لىۋىيە مەسىلىسى بويىچە پەۋقۇلئاددە ۋەكىلى مىخايىل مارگىلوۋ 18-ئىيۇن تۇنىستا مۇنداق دېدى: لىۋىيە ھۆكۈمىتى بىلەن لىۋىيەدىكى ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى تەشكىللىگەن مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى قوشنىسى تۇنىستا تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ. لىۋىيەدىكى ئىككى گۇرۇھ راستتىنلا تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزەلەرمۇ؟ بۇ تېخى ئۆكتىچىلەر گۇرۇھىنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئېرىشمىدى.



پوزىتسىيىسى قاتتىق بولغان ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھالىمۇ خاراب، ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، غەربتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇندىن بۇرۇنقى كازافىينىڭ چەتئەلدىكى مەبلىغىنى توڭلىتىپ، مۇشۇ ئارقىلىق لىۋىيەدىكى ئۆكتىچىلەرگە مەبلەغ ياردىمى بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. لېكىن ئۆكتىچىلەر دائىرىلىرى بىز تېخى ياردەمگە ئېرىشمىدۇق دېدى. ھازىر، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىش مەبلىغى كەمچىل بولۇپ، غەرب ئەللىرىنى ۋەدىسى بويىچە ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرگە جىددىي مەبلەغ ياردىمى بەرمىدى دەپ ئەيىبلىدى.



بۇندىن باشقا، 19-ئىيۇن سەھەردە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترىپولىدىكى بىر ئاھالىلەر رايونىغا قوزغىغان ھۇجۇمىدا توققۇز ئادەم قازا قىلدى، 18 ئادەم يارىلاندى. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ ئوبزورىدا: بۇ لىۋىيە خەلقىنىڭ غەرب ئەللىرى دۆلەتلىرىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى كۈچەيتىۋەتتى دېيىلدى. بۇ چاغدا ئۆكتىچىلەر كازافىي بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى ياكى ئۇرۇشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشنى تاللىيالايدۇ، ئۇلار كازافىينىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغانلار.



مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى   

nankipi يوللانغان ۋاقتى 2011-6-23 17:16:59

ئەمدى جىنجىڭرى دىگەن مۇستەبىتكە كەلگەندۇ نۈۋەت.،.،،.،

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-6-23 20:21:18

بۇ ئاداشنىڭ ئىستىقبالى يوق ئەمدى

uyguryigiti يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 16:50:27

ئۇنىڭ  چىقىش يولى قالمىدى.

86 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 10:56:57

بۇ ئادەمنىڭ چىقىش يولى قالمىغان بولسا، كىرىش يولى قالغان چېغىۋا.

bardam يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 12:24:22

بۇ ئادەمنىڭ چىقىش يولى راسلا قالمىغاندەك ئەمما كىرىش يولىغا ماڭغۇچە بىرەر خەتەرلىك ئىش قىلىپ قويارمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن؟

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 14:38:25

بىزنىڭ مەلىدە بىر بالا بارتى ،  مەكتەبنى دەششەت ياخشى ئوقىغان .  ئىككى يىل بولدى مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىۋاتىدۇ ، داۋاملىق بىرىنچى بولىدۇ ، ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىغا كۆرۈپ باقمىغانلا بىرسى خىزمەتكە كېتىدۇ ...


يول ماڭاي دېسە ئىقتىسادى ياخشى ئەمەس ئىدى ... تۈگىشىپ كېتىپ بارىدۇ ... بىرەر ھۈنەر قىل دېسەك ئېغىر ئېلىۋاتىدۇ ، ئۇخلىماي ئۈگىنىش قىلغان ياشلىقىم مۇشۇنداق بولامدۇ دەپ ... شۇ بالا بىر چىقىش يولىغا ئېرىشسە بولىتى ...

axikyar يوللانغان ۋاقتى 2011-8-6 03:49:38

nankipiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەمدى جىنجىڭرى دىگەن مۇستەبىتكە كەلگەندۇ نۈۋەت.،.،،.،



ھەقىقىي كىمگە كەلگىنىنى بىلمەي دىكەنسىز   خەى بىلەن قالماي....چۈشىنەسىز

bardam يوللانغان ۋاقتى 2011-8-6 13:53:33

بۇ ئادەمدىن بۇرۇن ئوغلىغا كەلگەننىڭ گىپى بولۇۋاتىدىغۇ؟
بەت: [1]
: كازافىينىڭ چىقىش يولى نەدە؟