tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-6-23 15:01:34

تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا (تارىخىي خاتىرە)

تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا


(تارىخىي خاتىرە)


مۇھەممەتئىمىن قۇربانى


1935- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەر خەلقىگە غەيرىي بىر خەۋەر يېتىپ كەلدى، ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى ئىدى. بۇيرۇقتا مۇنداق دېيىلگەنىدى: «بۇرۇن قەشقەردە ئافاق خوجىنىڭ خېلى كۆپ يەر-زېمىنلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر يىللىق ھوسۇللىرىدىن ئەۋلادلىرى بەھرىمەن بولۇپ كەلگەن، لېكىن كېيىنكى كۈنلەردە شىئەندە ياشاپ كەلگەن بىر قىسىم ئەۋلادلىرى شىنخەي ئىنقىلابى مەزگىلىدە يول توسۇلۇپ قېلىش سەۋەبىدىن 20 نەچچە يىللىق ئاشلىقتىن بەھرىمەن بولالمىغان، ئۇلار ھازىر تېگىشلىك ھەققىنى تەلەپ قىلىپ مەھكىمىمىزگە ئەرز قىلدى. تەپتىش قىلىشىمىزچە ئافاق خوجىنىڭ زېمىنلىرى قەشقەردە بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەسەۋۋۇپ قىلىپ كەلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن قەشقەردىكى ئۇيۇشما مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئالالمىغان ھەقلەرنى بېرىشى لازىم...». بۇيرۇققا ئۆلكە رەئىسى لى يۇڭ تەستىق سالغانىدى.


بۇ «بۇيرۇق» قەشقەر جەمئىيىتىدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى، چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئالىدىغىنى ھەربىرىنىڭ يىلىغا نەچچە ئون چارەك ئاش بولۇپ، ئون نەچچە كىشىنىڭ 20 نەچچە يىلىغا ئالدىغىنى بىر قانچە مىڭ چارەك ئاشلىقتىن ئىبارەت ئىدى.


بۇ ئاشلىقلارنىڭ ھازىر بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى، بۇنچە كۆپ ئاشلىق ئۇيۇشمىسىنىڭ ئامبىرىدا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. يىللاردىن بېرى ئافاق خوجىنىڭ نامىدىكى ۋەخپە زېمىنلار شۇلار ئىشلىتىپ كەلگەن، ھازىر ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يوق، بار بولغاندىمۇ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئىشلىتىپ كەتكەن. كىشىلەر يەپ- ئىچىپ تۈگەتكەن مۇنچىۋالا كۆپ ئاشلىقنى ئۇيۇشمىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ ۋەخپە- زېمىننى يېقىندىن بېرى ئۇيۇشما ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئۇيۇشما تەمىنلەپ كېلىۋاتقان مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، دارىلئاجىزىن، دارىلئېتام، قېرى- چۆرى، مېيىپ، يېتىملەرنىڭ خىراجەتلىرى ئەنە شۇ يەرلەرنىڭ كىرىمىدىن بېرىلىپ كېلىۋاتاتتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يېتىم- يېسىرلارنى ئەنە شۇ كىرىمدىن تەمىنلەشكە توغرا كېلەتتى. مانا شۇ سەۋەبتىن قەشقەر جەمئىيىتى بۇ ھەق تەلەپ داۋاسىنى رەت قىلدى.


بۇ رەت قىلىش ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى، «قايتۇرۇش كېرەك» دېگەن بېسىم كۈچەيگەنىدى. «ئۇيغۇر ئېلىدە زادى ئافاق خوجىنىڭ نېمىسى بار؟!» دېگەن سۇئال قەشقەر خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسى ئىدى.


ئافاق خوجىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە قەشقەردە چىقىدىغان «يېڭى ھايات» گېزىتى ئافاق خوجىنىڭ تەرجىمىھالى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە كۆرسەتكەن «خىزمەتلىرى»، كەلتۈرۈپ بەرگەن قىرغىنچىلىقلىرى، خەلقنى ئۇزۇن يىللاپ نادانلىققا، خۇراپاتلىققا باشلىغان بىر «زات» ئىكەنلىكىنى ئاممىغا كەڭ تۈردە تونۇشتۇردى.


زېمىن مەسىلىسىدە: ئافاق خوجىنىڭ زېمىنى ئەينى زاماندا زالىم ھۆكۈمەت بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، خەلققە ئالۋان- ياساق سېلىپ توپلىغان زېمىن ئىكەنلىكى، ھەر خىل ئالۋان- ياساققا چىدىمىغان خەلق يەرلىرىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتا بەزىلىرى ئافاق خوجىغا يەرلىرىنى سېلىق ھېسابىغا بىكارغا بېرىش بىلەن ئافاق خوجىغا مەنسۇپ كەتكەنلىكىنى، ئافاق خوجىنىڭ مال- مۈلكى جۈملىدىن يەر- زېمىنلىرى خەلقتىن تارتىۋېلىش بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ زېمىندا مىراسى يوقلۇقىنى بىر- بىرلەپ تونۇشتۇردى. بۇنى چۈشەنگەن خەلق: يەر يەرلىكنىڭ، نېمە ھەققى بار ياقا يۇرتلۇقنىڭ، دېگەن «پەتىۋا»نى چىقىرىپ ئافاق خوجىنىڭ ئەۋلادىغا ھېچنېمە بەرمەيمىز، دېيىشتى.


بۇ ئىش ئافاق خوجا تەرەپدارلىرى بولغان بىر تۈركۈم ھوقۇقدارلارنىڭ ئوغىسىنى قايناتماي تۇرالمىدى. قەشقەردىكى ئافاق خوجىنى «پەيغەمبەر ئەۋلادى» دەيدىغان شۇم ئېغىزلار «خوجامنىڭ زېمىنىنى قايتۇرۇش كېرەك» دەپ جار سېلىپ، مەخپىي ھالدا ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنۇپ قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنى تاقىۋېتىشنى ياكى ئۇنىڭ ھېساباتىنى تەكشۈرۈشنى، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىپ باشقۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشىپ، ھەق تەلەپ داۋاسىنى ئاشكارا قوللىدى.


قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى بۇ مىراس ئېتىراپ قىلغاندا، ئۇيۇشما تەمىنلەيدىغان يېتىم- يېسىرلەر ئىگە- چاقىسىز قالىدىغانلىقى توغرۇلۇق قايتا- قايتا ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، مىراسخورلارنى يۆلەشنى ئاساس قىلغان ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى ئۇيۇشمىنىڭ مالىيىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرىمىز ھەتتا ئۆتكۈزۈۋالىمىز، دەپ بېسىم قىلغان بولسىمۇ بۇ داۋا بىر يىلغىچە سۆرۈلۈپ كەتتى.


ئاخىرى ئۈرۈمچى «شىنجاڭ گېزىتى» باش مۇھەررىرى مەنسۇر ئەپەندى (ۋەتەن ئوغلى) باشچىلىقىدىكى ھېساب تەكشۈرۈش كومىسسىيىسى قەشقەرگە ئەۋەتىلدى. لېكىن ئۇلار قارشىلىققا ئۇچرىدى. زورلۇق قوللىنىش خەۋپى تۇغۇلغاندا، بىر نەچچە قېتىم ئېچىلغان مەجلىسلەردە قەشقەرنىڭ قازىسى، ئۆلىما ئابدۇغۇپۇر داموللىنىڭ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈۋالغانلىقى ھەممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغانىدى.


ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن تەكشۈرۈش كومىسسىيىسى تەرىپىدىن تەقىب ئاستىغا  ئېلىنغانلىقتىن، ئەمدى قەشقەر خەلقى ئالدىدا بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش كېرەكمۇ قانداق؟- دېگەن سۇئال تۇغۇلدى. خەلقنىڭ قان- تەرىگە كەلگەن بۇ مەبلەغلەرنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ھېچكىم خالىمايتتى. بۇ ھەقتە ھەيئەت تەشكىل قىلىندى. بىر قانچە قېتىملاپ يىغىنلار ئېچىلدى، كومىسسىيىگە ئەھۋال چۈشەندۈرۈلگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرىۋەردى، سۈركىلىش كۈچەيدى، تالاش- تارتىشلار كۆپەيدى. ئاخىرى ئىش خەتەرلىك باسقۇچقا كېلىپ قالدى.


قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن گارنىزون قوماندانى، ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكىرى ئالتىنچى دۋىزىيىنىڭ قوماندانى مەھمۇت مۇھىتى يىغىنغا قاتنىشىپ خەلق تەرەپتە تۇرۇپ پىكىر قىلىش قارارىغا كەلدى:


- ئەپەندىلەر،- دېدى، ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ،- سىلەر ئۇيۇشمىمىزدىن راستىنلا ھېساب ئالامسىلەر؟ ئۇيۇشمىمىز مالىيىسىدىكى توپلانغان مەبلەغ پۈتۈنلەي خەلقنىڭ، ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن بېرىلگەن ئۆشرە- زاكات، ئىئانە، مازار ۋەخپە كىرىمى قاتارلىقلاردىن كەلگەن. ئۇيۇشمىمىز بۇ كىرىم بىلەن نەچچە يۈزلىگەن قېرى، مېيىپ، ئىگە- چاقىسىز كىشىلەرنى ئاساس قىلغان دارىلئاجىزىن، نەچچە يۈزلىگەن يېتىمنى ئاساس قىلغان دارىلئېتاملارنى باقىدۇ، ئۇنىڭدىكى بالىلارنى ئوقۇتىدۇ، تەربىيىلەيدۇ، شەھەر ئەتراپلىرىدىكى يۈزلىگەن مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار بۇ كىرىملەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ، بۇ ھەقتە نەچچە قېتىملاپ چۈشەنچە بەرسەك قۇلاق سالمىدىڭلار، سىلەرنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئۈمىدى، مىللەتنىڭ ئاجىزلارغا سەرپ قىلىدىغان بۇ مەبلەغنى ئاشۇ مىراسخورلارغا ئېلىپ بېرىشىڭلارغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن؟! قەتئىي قارشى تۇرىمەن!


ئۇ يىغىندا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇپ ئولتۇرۇۋالغان قازى رەئىس، كاتتا ئۆلىما ئابدۇغۇپۇر داموللىغا نەپرەت كۆزى بىلەن تىكىلدى- دە، پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتتى:


- سىلەر ھېساب ئالامسىلەر، ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولساڭلار ھېسابنى مانا مۇشۇ بېرىدۇ؟!!...


مەھمۇت مۇھىتى بەتلەنگەن تاپانچىنى غەزەپ بىلەن شىرە ئۈستىگە تاشلىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كەتتى. ئۇ ئۆز ئىرادىسىدىن ۋاز كېچىپ مەجلىستىن چىقىپ كېتىۋاتقان «ھېسابچىلارغا» مەغرۇرلۇق بىلەن قاراپ تۇراتتى.


مەھمۇت سىجاڭنىڭ بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئارىلىشىشى ۋە خەلق تەرەپتە تۇرۇپ ھەققانىيەتنى ياقلىشى، كەڭ خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشى، ئۇرۇش ۋە مالىمانچىلىق ئىقتىسادنىڭ بولمىغانلىق سەۋەبلىك تەپتىش كومىسسىيىسى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتتى. كېيىنكى ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىيات داۋامىدا بۇ دەۋامۇ بېسىلىپ قالدى.


«تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-23 17:54:01

شىئەندە ياشاپ كەلگەن بىر قىسىم ئەۋلادلىرى ؟؟؟؟


كىمكەن ئۇلار ؟؟؟ھازىرمۇ بارمىكەن ؟؟

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-23 23:17:03

تارىخ بېتىمىزدە ۋاراقلىغۇدەك ئىشلار كۆپ...

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 14:13:54

ئافاق غوجا دىگەن چۈپۈرەندى،دىنى بۇرمىلىغانلىقى ئۈچۈن نىمە كۈنلەرنى كۆرۋاتقاندۇ.

بەت: [1]
: تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا (تارىخىي خاتىرە)