ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 17:51:45

تاماكىنى مۇنداق تاشلىدىم


تاماكىنى مۇنداق تاشلىدىم





تاماكا چىكىۋاتقىنىمغا ئۇزۇن يىللار بۇلۇپ كەتكەندى .
ئىچىمدە خەپ دەيتتىم لىكىن تاشلىيالمايتتىم . ھاياتتا باشقا پۇشايمان قىلىدىغان ئىشىممۇ يوق ئىدى . شۇڭا خەپ دەيتتىم چىكەتتىم . مۇشۇ سەۋەپلىك تىل ئىشىتتىم  . پويىزدا جەرىمانە تۆلىدىم . ماي پونكىتىدا خەق بىلەن قان بۇلۇپ كەتكىلى قىل قالدىم . ئاغىنىلەر بىلەن بۇ ھەقتە رەنجىشتىم . نىمە ئىدى زادى بۇ تاماكا دىگەن دىگەن خىيالدا  نۇرغۇن ئويلاندىم لىكىن مەغلۇپ بۇلۇپ كەلگەندىم . بىرىنچى قىتىم قەشقەر سەنئەت مەكتەپتە ئۇسۇل دەرسى بىرىدىغان ئىلى
مۇئەللىمىنىڭ قەستەن قۇسۇر تىپشى بىلەن تاياق يىدىم . سەۋەبى تاماكا ئىدى . ئەگەر
مەن چەكسەم ئادىل ھامۇت بىلەن ئىلىجان مىنى تاماكا تۇتاشتۇرۇپ كىر دىمىگەن بۇلاتتى
. مەن چىقمىغان بولسام ئىلى پاكا مىنى ئۇرمىغان بۇلاتتى . شۇنداق قىلىپ مەن تۇنجى
قىتىم تاماكا چەكمەسلىك قارارىغا كەلدىم . لىكىن ئاددى خىيال بىلەن تاماكا تاشلىغلى بولمايدۇ . بۇ بىرىنچى قىتىملىق خىيال 93- يىلى
يازدا مۇشۇ خىيالغا كەلگەندىم . چەكمەيمەن دەيمەن خۇمارغا چىدىمايمەن . تولىستۇي
تاماكا تاشلىغان ئىكەن . شۇڭا ئۇ تاماكا تاشلاشقا ئىرادە كەتمەيدۇ دىگەندەك بىر
گەپنى قىلغان ئىكەن . مەن نىمىشقا چىكىمەن بىلمەيمەن . مەن سەنئەت مەكتەپتە ناخشىدا ئوقىۋاتقان چىغىمىدا  مۇئەللىم مىنىڭ تاماكا چىكىدىغىنىمىنى بىلىپ ناخشىچى
بۇلىمەن دەيدىكەنسەن تاماكا تاشلىشىڭ كىرەك . تاماكا تاشلىمىساڭ ناخشا ئىيتىش
ئەمەس گەپ قىلىشنىمۇ خىيال قىلما دەپ نەسىھەت قىلغان ئىدى . قايتىپ ياتاققا چىقىپ ئولتۇرۇپ
ھەسرەت چەكتىم . ئاچچىغىم كەلدى . نىمشقا تاشلىيالمايمەن دەپ ئۈزۈمنى تىللىدىم .
ئەيىپلىدىم . ئەقىلمنىڭ يوقلىغغا ئىشەندىم . بەلكىم چەككەنلىگىم ئۈچۈن ئەقلىم
قالمىغاندۇ ياك ئەقىل بوپ باقمىغانلغىى ئۈچۈن چەككەندىمەن دەپ ئويلىدىم . شۇنداق . ئىككىلىنىش . ئازاپلىنىش . گاڭگىراش ئىچىدە
ساق 19 يىل چەككەندىن كىين مەلۇم بىر كۈندە شۇنداق ئىرادىگە كەلدىمكىتولۇق تاشلاش قارىغا كىلىپ بۇ ھەقتە ماتىريال ئىزدەپ تورغا چىقتىم
.  تاماكىنىڭ زىيننى بىلەتتىم لىكىن
قانداق تاشلاش ھەققىدە ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقمىغاندىم . نۇرغۇن قىتىم تاشلىدىم .
باشقا بىر نەرسىلەرنى يەپ باقتىم . چىداپ باقتىم . بولمىدى . يەنە چەككەندىم .
شۇنىڭ بىلەن ئىدارىدىكى باللار بىلەن تاماكا تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا بىرىپ ياتماقچى
بولدۇق . لىكىن بۇ ئۇسۇلمۇ ئاقمايدىغاندەك ھىس قىلدۇق . ئى تاماكا تاشلىيالماي
ياتاقتا يىتىشمۇ مازلىقمۇ نىمە ؟ بولدىلا باشقا ئامال قىلايلى . شۇنداق قىلىپ
تورنى ئاختۇرسام ئاق تۇرۇپنىڭ تاماكا تاشلاشقا پايدا قىلىدىغانلىغىنى يىزىپتۇ . بازارغا چىقىپ ئالدىم . يەنە ئاق ئاچچىقسۇ . . ئاق
شىكەر دىگەنلەرنى ئەكىرىپ ئاق تۇرۇپنى قىلدەك پارچىلاپ بىر تەخسىگە سىلىپ ئاق
ئاچچىقسۇ بىلەن شىكەرنى ئىلىشتۇرۇپ چىقىپ كەتتىم . ئىككى سائەتتىن كىين كىرسەم بىر
ئىستاكان سۇ بوپتۇ . كۆزنى يۇمۇپلا ئىچتىم . ئاندىن ئاق تۇرۇپنى تەڭگىسىمان قىلىپ
توغراپ ئۈستىگە يەنە ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن ئاق شىكەرنى سىپىپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم .
كەچتە سەسكىنىپ تۇرۇپ . لىكىن غەزەپ ۋە ئاچكۇزلۇك بىلەن تازا يەپتىمەن . تاماكا چىكىش ئەمەس ، چىكىش دىگەن ئۇقۇم
كاللامغا كەلگەن ھامان كۈڭلۈم ئېلىشىتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇخلاپ قالدىم . تاڭ ئاتتى .
تاڭ سەھەردە ناشتا قىلماي چىكىش ئادىتىم بار ئىدى . يىرىم كىچىدە كۆزۈم ئىچىلىپ
قالسا بىر تال چىكىپ ياتاتتىم . تاڭ ئاتقان ھامان كۇڭلۈم تاماكا ئىزدەيتتى .
ئاخشام توڭلاتقۇغا سىلىپ قويغان ھىلىقى تەڭگىسىمان ئاق تۇرۇپتىن بەش پارچە يىدىم .
ئىشقا كەتتىم . بىر كۈن ئۆتتى . كەچتە توي بار ئىدى . پۇلنى خەقتىن ئەۋەتىپ ھىچ
يەرگە بارمىدىم . ئەمما كەچتە ئۈزۈم كوچا ئايلىنىپ نىمە ئۇچۇرسا ئاز تولىدىن يىدىم
.  لىكىن تاماكا چكىدىىغان مەيدانغا بارمىدىم . ئۇنداق ئادەملەر بىلەن ئۇچۇرشۇشۇشتىن ئۈزۈمنى تارىتتىم .  ئىنىق بىر ئىپادە بىشىام قايدى . كۆزۇم سەل غۇۋالاشتى .  بەك ئۇسسىسدۇم . سۇ ئېچىپ ئىچىپ قانمايتتىم . شۈ كۈنى كەچتە توختا ئەھۋال چاتاق دەپ ئويلاپ
ئۆيگە قوغۇن تاۋۇز . سۇ دىگەنلەرنى دۆۋلەپ قويۇپ تېلېۋۇزۇر كۆرگەچ ئىغىزنى بىكار قويمىدىم  .  چەككۈم كەلسە دەرھاللا ئاق تۇرپنى يەيمەن بولدى تاماكا خىيال قىلغان كاللام تۇرۇپنىڭ ئاچچىغىدا جىم بۇلۇپ قالىدۇ . بىر كۈن
ئۆتتى . ئۇسسىدۇم سۇ ئىچتىم . ئاندىن يۇيۇندۇم .  شۇنداق قىلسام نىكوتنىڭ ئىھتىياجى ئاجىزلاپ بەدەندىكى تاماكىغا بولغان ئىھتىياج ئاجىزلايتتى .  مەن بۇلارنى كىتاپتىن كۆرگەن ئىدىم . شۇنداق قىلىپ توختىماي بىر نەرسىلەرنى يىدىم ( مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە نەچچە
كىلو سەمىرىپ قالغاندەك بوپ قالدىم ) لىكىن سىمىرىش چىكىشتىن ياخشى ئىدى . ئىككى كۈن چىدىدىم
. شۇنىڭ بىلەن 72 سائەت ئۆتتى . مەندە بەش كۈن ئىچىدە تاماكا تاشلاش دىگەن بىر ئىل
كىتاپ بار ئىدى . ( ياپۇنلۇق يازغان كىتاپ بۇلۇپ ئەگەر مەن دىگەن دۇرىغا قوشۇپ
ئوقىسڭىز چوقۇم تاشلىۋىتىسىز ) ئۇنى ئوقۇدۇم . خەرىتسىدىن تارتىپ
ئادەم تىننىڭ ئاناتومىيىسىنى چۇشەندۇرىدىغان ۋە 48 خىل راكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشتا
ئاجايىپ تۆھپىسى بار بۇ نىجىسىنى نىمىشقا ئۈگۈنۈپ قالغانلىغىم ھەققىدە ئويلىنىپ
تاماكا چىكىۋاتقانلارنى كۆرسەم ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلىدىغان بولدۇم .  ئاندىن يەنە بىر كىتاپنى تاپتىم . ئۇ خەنزۇچە كىتاپ بۇلۇپ ئوتتۇز
ياشىنىڭ باش ئاخىرى دىگەن كىتاپ ئىدى . بۇكىتاپ بىر ئىنساننىڭ كىينكى ئۆمىرىنى
ئوتتۇز ياشتىكى ياخشى يامان ناچار ئادەتلەر بەلگىلەيدۇ دەپ يىزىپتۇ . بىز مۇسۇلمان
ئادەملەر بۇنداق گەپكە ئىشەنمەيمىز لىكىن ھاياتتا ھەممە ئىشقا سەۋەپ قىلىش كىرەك
دىگەن نوقتىدا تۇرۇپ باھا بەرسەك ئىشىنىش كىرەك دەپمۇ قارايمىز . كىين مەن تاماكا
تاشلاش توغۇرسىدىكى ئىككى پارچە ئىل كىتاپنى ئىشەكتىن ئىزدەپ چۈشۈردۈم . ھىچ ئىش
قىلماي بۇ ھەقتە ئويلاندىم . تۇرۇپنىڭ سۈيىنى ئىچتىم . كەچتە تەڭگىسىمان
توغرالغىننى يىدىم . چەككۇم ئاز تولا كەلدى ئەمما ئاق تۇرۇپ يامان نىمە ئىكەن .
ئەلۋەتتە ئىرادىمۇ بار . مەن ئەسلى ھەر كۇنى ئىككى قاپ چىكىشتىن ئۈچ قاپ چكىشكە
قاراپ ئىلگىرلەپ ماڭغان ئىدىم . ئىشخانام . كىيملىرىم . ئۆي . مەن ئولتۇرغان سافا
. مەن بارغان جاي ئىش قىلىپ ھەممە يەر مىنىڭ چىكەرمەن ئىكەنلىگىمنى ئىپادىلەپ
تۇراتتى . يازغۇچىلار چەكمىسە بولمايدۇ دىگەن بىر كۆز قاراش بار ئىكەن بەزىلەردە .
مەن خىيالمىدا چوقۇم چەكمىسە بولمىسا بۇنداق يازغۇچىلىقتىن كەچتىم دىدىم ئىچىمدە
شۇنداق بولدى . ھەممە نەرسە مەندە قىلىپ پەقەت تاماكدىنلا كەچتىم . قىرىق كۈن
بولغان كۈنى بىر ئاغىنەم ئاداش مەنمۇ تاشلىماقچى ئىدىم قانداق قىلسام بۇلار . بالا
ئىككى بولغاندا ئۆيدە تاماكا چىكىشمۇ بىر ئىش ئىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىم زىققا
كېسىلى ئىدى . چەكسەم تىخىمۇ بولمايدىكەن دىدى . مەن ئۈزۈمنىڭ تەجىرىبىسى ئارقىلىق
ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم . كىتاپنى بەردىم . ئۇ مەن دىگەن بويىچە دۇرا قىلىش ۋە
كىتاپنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تاماكا تاشلىيالماسلىغىدىكى سەۋەپ بىلەن ئۆزىنى
ئەخمەق قىلىپ كەلگەن باھانىلەرنى بىر بىرلەپ ئۇققاندىن كىين بولدى دەپ ئىرادىگەن
كىلىپ تاماكا تاشلىدى . ئەمما ھەپتىدىن كىينكى بىر چۈشتىن كىيندە ماڭا تېلېفۇن
ئۇرۇپتۇ . ئاداش . جاھاننىڭ ھەممىسى ماڭا تاماكا كۆرۇنۇشكە باشلىدى . بىر تال چىكىۋىتىپ
ئاندىن يەنە داۋاملىق تاشلىسام بۇلامدۇ ؟ دىدى تېلېفۇندا .





مەن ئۇنىڭغا : ئەگەر بىر تالنى چەكسەڭ سىنى تاشلىدى
دىگىلى بولمايدۇ . سەن ھازىرلا تاللا بازاردىن بىرگە بىرىپ مۇزدەك سۇدىن بىر
بۇتۇلكا ئىلىپ ھەممىنى ئىچىۋەت دىدىم . بۇ گەپ كاللامغا قانداق كىلىپ قالدى
بىلمەيمەن . مەن كىتاپتا نىكوتىن 48 سائەت ئىچىدە ئادەم بەدىنىدە جان تالىشىدۇ .
72 سائەتتە ئۈزۈل كېسىل يوق بۇلىدۇ . ئۇنىڭدىن ئۈتۈپ كەتكىنى خۇمار ئەمەس ئادەت
مەسىلىسى دىگەن گەپنى ئوقۇغان ھەم ھەر قىتىم خۇمار تۇتقاندا مۈنچىغا چۇشۇش . سۇ
ئېچىش ئارقىلىق بىر نەچچە قىتىم ئۆزىنى دالدىغا ئالغاندا تاماكا تاشلاش
مۇۋاپىقيەتلىك بۇلىدۇ دىگەن سۆزلەرنى ئوقۇغاندىم . شۇنىڭ بىلەن ئاغىنەم شۇ بويىچە
قىلىپ كەچتە تويغا بىرىپ بىر توپ ئادەمنىڭ چىكىشىلىرىگە قاراپ ئۆزىنى غالىپلارچە
ھىس قىلىپ قايتىپ كەپتۇ . ئەتىسى ماڭا تېلېفۇن ئۇرۇپ مەن تەسەللىگە مۇھتاج
بولغاندىم . لىكىن سۇنىڭ بۇنداق رولى بارلىغىنى ھەقىقەتەن ئويلىماپتىكەنمەن . سۇ
قالتىس نىمە ئىكەن دىدى . دىمەك ئۇمۇ تاشلىدى . كىين بىزدىن ئون ياش چوڭ بىر
ئاكىمىزمۇ مەندىن مەسلىھەت ئالدى شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغىمۇ بۇ ھۈنەرنى ئىشلىتىڭ دىدىم
. ئۇمۇ تاشلىدى . شۇنداق قىلىپ ئىككى ئايغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئۈچ ئادەم
تاماكا تاشلىدى . يەتتىدىن ئارتۇق ئادەم مەندىن تېلېفۇن ئارقىلىق مەسلىھەت
سوراۋاتىدۇ . مەن ئۇلارنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن تاشلاڭ دەپ ئاددى ئەمما كارغا
كىلىدىغان بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تاماكا تاشلىشىغا ياردەمدە بولدۇم .





خۇلاسە ؛ بىز دىمەتلىك ياشلارنىڭ ئاتا ئانىمىزنىڭ
يىشى بىر يەرگە باردى . ئالدىمىزدا باللىرىمىز بار . ئاتا ئانىمىز بىزنى
تايانچىمىز دپ قارىسا باللىرىمىز بىزنى تاغ دەپ بىلىدۇ . ھىلىمۇ كىچىك باللىقتا
ئۈگىنىپ قالغان بەزى ناچار ئادەتلەرنى تاشلىيالماي . قول ئۈزەلمەي نەچچە ئون يىل
ھەتتا يىگىرمە يىللاپ ئۈزىمىزگە ھەمرا قىلىپ كەلدۇق . ئەمدى يىتەر . مەن چوڭ
بولدۇم ئەقلىمنى تاپتىم . غۇرۇر ئۇچۇن ئەمەس . ۋىجدان ئۈچۈن ئەمەس . ئەركەكلىك
غۇرۇر يولىدا پىچاقنىڭ بىسدا ئەمەس تاماكىنىڭ ئىسىدا جان بىرىشىنى تەۋەككۈل قىلىپ
ئۇنىڭغا چىداشمۇ بىر ئىش ئىكەن شۇڭا ھەممە يەرگە بارسا يوقال دەيدىغان . ھىچكىم
ياقتۇرمايدىغان . ئالقىشلىمايدىغان بۇ ئىشتىن قول ئۈزۈپ پاكىزلىك ئىچىدە ياشاشمۇ
بىر ئىش ئىكەن شۇڭا باشتىن ئۆتكەن تەجىرىبە بىلەن ھىس قىلغاننى يىزىپ قويدۇق .
مىنىڭ دىگەن بۇ ئۇسۇلۇم يالغان تاماكا چىكىش . ياكى باشقا ئادەتلەردىن چوقۇم
ئۈنۈملۈك بۇلىدۇ دەپ قارىدىم . باشتا ئۈزۈم سىناپ ئاندىن باشقىلارغا بۇيرۇدۇم .
سىناق قىلىپ باقتۇق . غەلبە قازاندۇق . مىنىڭ ئاغىنەم تاماكا بولمىغان دۇنيانى
تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى . تاماكا چەكمەي ياشاش ئۇنىڭغا قورقۇنۇشلۇق تۇيۇلاتتى .
لىكىن ھازىر ئۇنىڭ بىر ئىغىز گىپى تاماكا تاشلاپ ئېچىم يورۇپ قالدى .





بۇ گەپنىڭ ئۆزى ئاددى گەپ ئەمەس
. تاماكا چەككەندە ئادەمنىڭ پۇراش سىزىمى . ئەستە تۇتۇش قابىليىتى . تەم تىتىش
دىگەنلەر ھەققىدە ئادەم ئويلىنىپ باقمايدىكەن . لىكىن تاشلىغاندىن كىين شۇنى ھىس
قىلدىكەنسىزكى خۇدا سىزگە بەخىش ئەتكەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى تاماكىنىڭ سەۋەبىدىن ھىس
قىلالمايدىكەنسىز . ئەگەر تاماكا تاشلاپ بىر ئاي ئىچىدە مەن دىگەندەك بەزى
مەسىلەرنى قايتا ئويلىنىشقا باشلسڭىز ئۇنداقتا تاماكا چىكىپ ئۆتكەن كۈنىڭىزگە
ئۈكۈنۈش بىلەن ئىككىنچى قىتىم بۇ نىجىسنى ئىغىزىڭىزغا ئالماسلىققا مەن ھۈددە
قىلىمەن . چۇنكى سىزنىڭمۇ ئىچىڭىز يورۇپ كىتىدۇ ئەمەسمۇ ؟



kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 18:17:42

مۇشۇ تاماكىنىڭ نىمىگە پايدىسى بارلىقىنى پەقەت بىلەلمىدىم. مىنىڭدىغۇ سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىش خاراكتىرلىق بۇرۇن ياللۇغى بار. قوشنام تاماكا چەكسە مېنىڭ بېشىم ئاغرىيدۇ.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 18:21:08

بۇ تىمىنى يوللاشتىكى مەخسەد ئۈزۈمنىڭ ئىرادىسىنى كۆز كۆز قىلىش ئەمەس تاماكا تاشلاش ئويى بار ئەمما تاشلىيالمايۋاتقان دوسلارغا تەجىربە تونۇشتۇرۇش  . ئىلھام بىرىش رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق تاماكا تاشلىشى ئۈچۈن ياردەمدە بۇلۇشىنى ئۈزۈمنىڭ بۇرچۇم دەپ بىلگەچكە شۇڭا يوللدۇم .  مەن ئەمدى بارلىق تاماكا تاشلاشقا ياردەمدە بۇلىدىغان   ئۇسۇل . رەسىم . كىتاپ . قاتارلىق تاپالىغان بارلىق ۋاستىلەرنى بۇ يەرگە ئىلىپ كىلىمەن .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 18:21:49

تاماكا تاشلىسام سەمىرىدىكەنمەن\"\"



مەن تاماكا چىكىشنى تەشۋىق قىلمايمەن.


مەن ئەسكى بالا


مىنى دورىماڭلار\"\"

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 18:44:14

بۇ تاماكا چېكىش ئادەتكە تەۋەمۇ خۇمارغىمۇ زادى؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 18:54:04

ئادەت چوڭراق ماڭا نىسپەتەن.


بىر كۈندە 10 تال تاماكا چەكتى دىسە.


بىر تال تاماكىنى چىكىش ئۈچۈن 30 قېتىم تارىتتى دىسە،بىر كۈندە 300 قېتىم قولنى ئېغىزغا ئۇزىتىدىغان ئىشكەن


كۈنىگە 300 دىن يەر بېغىرلاپ15-20يىل داۋاملاشتۇرۇپ بېقىڭە


بىرەر كۈنى يەر بېغىرلىمىسىڭىز تىپچەكلەپ تۇرالماي قالىسىز\"\"




يامان ئادەتلىرىم توغرىسىدا پاراڭ قىلغاندا ئەسكەرتىش قوشاي بۇندىن كىيىن



مەن ئەسكى بالا


مىنى دورىماڭلار


QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 19:10:14

تاشلىغىلى قانچىلىك بولدى؟


ماڭا چەككىلى يىگىرمە ئۈچ يىل،تاشلىغىلى سەككىز يىلدىن ئېشىپتۇ. تېخى تۈنۈگۈن بىر بالا يېنىمدا چەككەن تاماكىنىڭ پۇرىقى بەك سەسكەندۈرىۋەتكەن. دەھشەت سېسىق  نىمىكەن ئۇ...... تېخى سېسىق خالادا ئولتۇرۇپ ئىككى سېسىقتىن ھۇزۇرلىنىپ چېكىپ كەتكەن شۇ ئون بەش يىلنى ئويلىسام پۇشايمەن قىلىمەن. ھەم ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىپ ئاشۇنداق سېسىق نەرسىدىن يىراقلاشتۇرغىنىنى ئويلاپ شۈكرى قىلىمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 19:20:49

قۇياش ئەپەندى بىلمەيدىكەنسىز\"\"


1.تاماكا چىكىدىغان ئوبۇرنى سىسىق ئەمەس.بۇنىڭ ئىلمى ئاساسى بار\"\"


2. پوق پۇرىغاندىن تاماكا پۇرىغان ياخشىدۇ\"\"




تاشلىۋېتىپلا ئۇنداق تىللىماڭلار تاماكىنى ھەي


ھېلىمۇ ماڭا كىچىچە ھەمرا بولۇشۇپ بېرىدۇ.ئەپ قويغان خۇتۇنۇم بولغان بولسا بەلكىم كۈندە يامانلامدىكى كىچىچە ئۇخلاتمىسام

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 19:22:46

مەكتەپتە ئۇبۇرنىدا ئوغرىلىقچە تاماكا چېكىپ ئادەتلىنىپ قالغان بىر ئاغىنىمىز بولىدىغان. كېيىىنمۇ بۇ ئادىتىنى تاشلىيالماي ئۆيىدىمۇ تاماكىنى ئۇبۇرنىغا كېرىپ چېكىدىغان بۇلۇپ قاپتۇكەن...\"\"

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 19:25:05

نەقىل

بۇ تاماكا چېكىش ئادەتكە تەۋەمۇ خۇمارغىمۇ زادى؟



پىسخىكا جەھەتتىن ئادەت ھەم فىزېئولوگىيىلىك جەھەتتىن خۇمار قىلۋېتىدۇ. نىكوتىن گالدىكى مەلۇم بىرەر ئەزانى تاماكا چەكمىسە قىچىشىپ، يۈتەل تۇتقۇزۇپ جىم تۇرماس قىلۋېتىدىكەن. ئۇ مېنىڭ تەجىربەمدىن ئۆتكەن.


مەنمۇ بەك ئۇزۇن چەككەن، نەچچە تاشلاي دەپ، قاتتىق ئىرادىگە كەلسەممۇ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتياجدىن غالىپ كىلەلمىگەن ئىدىم. خۇددى قۇرسىقى ئاچسا تاماق يىمىسە بولمىغانغا ئوخشاش.


بىر چاغدا تاشقا ئوينىغىلى چىقىپ، تاغنىڭ مۇزدەك سوغۇق سۈيىدە بېشىمنى يۇيۇپتىكەنمەن، زۇكام تىگىپ، بەدىنىم قىززىپ 15 كۈنگىچە كارۋاتتىن چۈشمەي ياتتىم. 15-كۈنى 15 كۈندىن بېرى تاماكا چەكمىگىنىم تويۇقسىز ئىسىمگە كەلدى. تاغنىڭ ساپ ھاۋاسى پايدا قىلدىمۇ ياكى قىززىپ كەتكەندە مىڭەم تاماكا چىكىشنى ئۇنتۇلدۇرۋەتتىمۇ بىلمىدىم.


15 كۈن چەكمىگەندىن كېيىن ئەمدى تاشلىيالىغۇدەكمەن دەپ ئويلاپ چەكمىدىم، بىر نەچچە ھەپتىگىچە گېلىمدىن غەلىتە سېرىق سۇ يېنىپ تۇردى. بىر ئايدىن كېيىن سېرىق سۇلار كەلمىدى. تاماكىنىمۇ خىيال قىلماس بولدۇم. چىرايىممۇ ئاقىرىپ، كالتە يۈتەلمۇ توختاپ سالامەتلىكىممۇ ياخشىلىنىپ كەتتى.


GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 19:25:57

قول ئۈزەلمەي نەچچە ئون يىل ھەتتا يىگىرمە يىللاپ ئۈزىمىزگە ھەمرا قىلىپ كەلدۇق


--------------------------


ما گەپ بەك قىزىق بوپتۇ .





تاشلىدىم دېگەن كۈندىن باشلاپ، بىراقلا چەكمىسە تاشلىغىلى بولىدىغان نەرسە بۇ.  ئاز-ئازدىن چېكىپ تاشلارمەن دېگەننىڭ ھەممىسى ئاقماس پاراڭ. 20 نەچچە يىل تاماكا چەككەن دادام، تاشلاشنى نىيەت قىلىپ بىر قېتىمدىلا تاشلىدى. مۇھىمى شۇنداق نىيەتكە كېلىش ۋە نىيەتكە تۇشلۇق ئىرادە بولۇشكەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 19:26:03

سالامەتلىك ئۈچۈن ئىتقاد ئۈچۈن،ئىقدىسات ئۈچۈن تاشلىساڭلار مەيلى


ئەمما بۇرۇن چەككەن نەرسىنى ئۇنداق تىللاپ كەتمىسەكمۇ بولار


نىجاسەتتىنمۇ سېسىق بولسا،شۇ نىجاسەتتىنمۇ سېسىق نەرسىنى قانچە يىل شورىغان بولىمىزمۇ ...........


سىلەر نىمە چەككەن بولساڭلار چىكىڭلار. ئىشقىلىپ مەن چەككەن تاماكا مىزىلىك گەرچە موخوركىغا يەتمىسىمۇ\"\"




ماۋۇ تېمىدا تەتۈر قۇيۇن چىقىرىپ ھەجەپ سەت ئىش قىلدىم.


ئۆزھالكا كەچۈرۈڭ


تاشلايمەن ھازىرقىدىن سەمىرىپ كەتسەممۇ ھېچقىسى يوق بولغان بىر كۈنى\"\"

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 19:26:34

نەقىل

بۇ تاماكا چېكىش ئادەتكە تەۋەمۇ خۇمارغىمۇ زادى؟



پىسخىكا جەھەتتىن ئادەت ھەم فىزېئولوگىيىلىك جەھەتتىن خۇمار قىلۋېتىدۇ. نىكوتىن گالدىكى مەلۇم بىرەر ئەزانى تاماكا چەكمىسە قىچىشىپ، يۈتەل تۇتقۇزۇپ جىم تۇرماس قىلۋېتىدىكەن. ئۇ مېنىڭ تەجىربەمدىن ئۆتكەن.


مەنمۇ بەك ئۇزۇن چەككەن، نەچچە تاشلاي دەپ، قاتتىق ئىرادىگە كەلسەممۇ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتياجدىن غالىپ كىلەلمىگەن ئىدىم. خۇددى قۇرسىقى ئاچسا تاماق يىمىسە بولمىغانغا ئوخشاش.


بىر چاغدا تاشقا ئوينىغىلى چىقىپ، تاغنىڭ مۇزدەك سوغۇق سۈيىدە بېشىمنى يۇيۇپتىكەنمەن، زۇكام تىگىپ، بەدىنىم قىززىپ 15 كۈنگىچە كارۋاتتىن چۈشمەي ياتتىم. 15-كۈنى 15 كۈندىن بېرى تاماكا چەكمىگىنىم تويۇقسىز ئىسىمگە كەلدى. تاغنىڭ ساپ ھاۋاسى پايدا قىلدىمۇ ياكى قىززىپ كەتكەندە مىڭەم تاماكا چىكىشنى ئۇنتۇلدۇرۋەتتىمۇ بىلمىدىم.


15 كۈن چەكمىگەندىن كېيىن ئەمدى تاشلىيالىغۇدەكمەن دەپ ئويلاپ چەكمىدىم، بىر نەچچە ھەپتىگىچە گېلىمدىن غەلىتە سېرىق سۇ يېنىپ تۇردى. بىر ئايدىن كېيىن سېرىق سۇلار كەلمىدى. تاماكىنىمۇ خىيال قىلماس بولدۇم. چىرايىممۇ ئاقىرىپ، كالتە يۈتەلمۇ توختاپ سالامەتلىكىممۇ ياخشىلىنىپ كەتتى.


sevinch يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 19:30:54

ئەجەپ ياخشى تىمىكەن ماۋۇ.ئۆزھالكا رەھمەت جۇمۇ،


ئىنشائاللاھ تەتىلدە بىرىپ دادامغا مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە سىناق قىلدۇرمىسام..ئاۋۇ تۇرۇپتىن دورا تەييارلاش جەريانىنى يىزىپ قويسىڭىز تىخىمۇ بەلەن بولاتتى.

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 21:31:17

مەن ۋە ئەتراپىدىمدىكى دوستلىرىم قولىغا ئالمايدۇ بۇ ناكەسنى...

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 22:26:17

تاماكىنى تاشلىماي تۇرۇپ سېسىقلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.


تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن سەمرىپ كىتىش قىسمەن ئەھۋال،ھەممە ئادەمنىڭ سەمرىپ كىتىش ناتايىن.مەن تاماكا تاشلىغاندا سەمرىمەي، خوتۇن ئېلىپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئون كىلو سەمرىپ كەتكەن\"\"



------------------------------------------------------------------------


ھېلىمۇ ماڭا كىچىچە ھەمرا بولۇشۇپ بېرىدۇ.ئەپ قويغان خۇتۇنۇم بولغان بولسا بەلكىم كۈندە يامانلامدىكى كىچىچە ئۇخلاتمىسام.......


-----------------------------------------------------------------------


مېنىڭچە يەنىلا ئاۋال خوتۇن ئېلىڭ،بىر ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كىيىنمۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا خانىمىڭىز ئىنكاس يازسۇن. كېچىچە كىمنى كىم ئۇخلاتمىدى؟ كىم خورەكنى جىق تارتىدۇ؟ كىم يالغاندىن ئۇخلىغان بولىۋالىدۇ؟\"\" ئاندىن بىرنىمە دىيىشەيلى.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 22:41:11

مەنمۇ 25 يىللىق ئازغۇنلۇقۇمنىڭ 9- يىلىدا بىرخىزمەتدىشىم بىلەن تاشلىشىپ، قايسىمىز قايتىدىن قولىمىزغا ئالساق قارشى تەرەپكە 500 سوم(شۇ چاغلاردىكى بىر ئايلىق مۇئاشقا تەڭلىشىپ قالىدۇ)، جىرىمانە تۆلەيدىغان بولۇپ تاشلاشقان ئىدۇق، خىزمەت دىشىم 3 ئايلا تاشلاپتىكەن، ئەمما مەندىن ئوغۇرلۇقچە چىكىپ يۈرۈپتۇ، مەن ساق 6 ئاي بولغاندا ئۆزەمنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، بىرتال چىكىپ بېقىشنى ئىستەپ، شۇ ئىستەك بىلەن قايتا باشلىنىپ كەتكەنچە تاكى دادامنىڭ يەرلىكىدە ياتقان كۈنىگە قەدەر 15 يىل داۋاملاشتى. دادامنى يەرلىكدە ئۆز قولۇم بىلەن قويۇپ، تۇپراق بېشىدىن ئۆيگە يېنىپ كىرىپ، ئۆيىمىزنىڭ خالىجايىدا ئولتۇرۇپ، ئىختىيارسىز بىرتال تامكا چەكتىم، شۇ تاماكا بىلەن مۇنداق ئىككى ئوي كاللامدىن كەچتى، بىرى ئۆلۈم - يېتىم بولغانكەن ھەرقانداق ئىنسان ئاخىرەتنى ئويلايدىغان گەپكەن، بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلار ھەتتا ئەڭ قىزىللاشقان ئۇيغۇرمۇ. دادام رەھمەتلىك چاغاتايچە كىتاپلارنى راۋان ئوقۇيالايتى، ناھايىتى تەقۋا، ئىتىقاتى كۈچلۈك ئادەم ئىدى، شۇڭا مەن دادامنىڭ ئۇدۇنيالىقى ئۈچۈن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيمەن دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم، بىر ئىنساننىڭ قىلىشنى نىيەت قىلغان گۇناھدىن يېنىشىغىمۇ ساۋاپ بېرىلىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، دادام دايىم تاماكا چىىكىشنىڭ گۇناھلىقىنى دەپ تۇراتتى، ئاشۇ گۇناھدىن يانسام، ساۋاپ بولىدىكەن، بۇ ساۋاپنى دادامغا ھەدىيە قىلسام، ساۋابى دادامغا بولىدۇ، دەپ ئويلۇدۇم. ئەمما تاشلاش ئاسان ئەمەس، قانداق قىلىش كېرەك؟ كاللامدىن كەچكەن ئىككىنجى ئوي، دادام مېنى 45 يىلدىن بىرى ئەڭ سادىق، ئەڭ مىھرىبان، دۇنيادا ماڭا كۆيۈنۈشتە دادامدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يەنە بىر ئادەمنىڭ يوقلىقى ماڭا ئەڭ رۇشەن ئىدى، مەن مۇشۇ ئادەمنى ئۆز قولۇم بىلەن يەرلىككە كۆمۈپ قويۇپ، چىدىدىم، تاماكىغا شۇنداق دېدىم: ئەي تاماكا، سەن ماڭا ئىقتىسادى جەھەتتىن، جىسمانى جەھەتتىن، ئەقىدە ئىتىقات جەھەتتىن، زىيانلا ئېلىپ كەلدىڭ، بۇندىن كېيىنمۇ ئېلىپ كىلىسەن، شۇنداق تۇرۇپ، سەن ئاشۇ مىھرىبان دادامدىنمۇ ئۈستۈنمىدىڭ؟ دادامنى كۆمۈپ قويۇپ چىدىيالىغان مەن، سېنىمۇ كۆمۈپ قويۇپ چىدىيالماسمەنمۇ؟ دېگەن ئويلار بىلەن، ئەمدىلا پارچىلانغان پاپرۇسنى ۋە چاقماقلىرىمنى ھاجەتخانىغا تاشلىۋەتتىم، بۇ 2008- يىلى 1- ئاينىڭ 27 - كۈنى ئىدى. شۇ كۈندىن بىرى ھەرقانداق تاماكا خىيالى كەلسە، مۇشۇ ئىككى ئىشنى ئويلاپ، قولۇمغا ئالمايمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 22:49:08

ھازىر تۇتاشتۇرماقچى بولۇپ قۇلۇمغا ئەپ قويغان تاماكىنى قېپىغا ياندۇرۇپ قويدۇم.\"\"


ئەمما رېفىلىكىس بولۇپ كىتىپتۇ.


بىر قول تاماكىغا،بىر قول چاقماققا ئۇزىراپلا تۇرىدۇ.\"\"


ئىسىمدە يوق چىكىپ سالىمەن چوقۇم ئەتە كۈزۈمنى ئاچقاندا\"\"




\"\"\"\"

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-6-23 07:19:37

تاماكىنى قولىڭىزغا ئالغىنىڭىزدا تۆۋەندىكى 2 يازمىنى بىر قېتىم ئوقۇۋىتىپ ئاندىن شورىسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز.


ئاز - تولا تاماكا چىكىپ بېرىش پايدىلىق


تاماكا ۋە مەزى بېزى راكى


Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-6-23 08:21:18

زىيالىنىڭ ئالدى بىلەن ئاۋۇ تاماكا چىشلىگەن چىراي ئىپادىسىنى تاشلاتقۇزۇۋېتىش كېرەك، ئاندىن تاماكا خىمىيىلىك بىرىكمىنىڭ سېسىق ھاسىلاتى، دىگەننى يادلاتقۇزۇش كېرەك.


راست تاماكا چەكمەيدىغانلار پەخىرلەنسەك بولىدۇ جۇمۇ.



ئىچمىگەن چەكمىگەننى ئەر دىگىلى بولامدۇ، دىگەن جۈملىنىڭ ئىتوتقا كىرىپ قالغىنىغا ئىچىم مۈشۈك تاتلىغاندەك بىئارام بولغان ئىدى، چوڭ ئەيسانىڭ ئاشۇ ئىتوتىنى كىم يازغان بولغايدى..

بەت: [1] 2 3
: تاماكىنى مۇنداق تاشلىدىم