ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 06:42:42

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭺ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﺎﻏﺎﻧﻰ

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭺ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﺎﻏﺎﻧﻰ


      يوللانغان ۋاقتى: 25-01-2011  بۇ يازمىنىڭ تەۋەلىكى:  تارىخ سەھنىسى

ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭺ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﺎﻏﺎﻧﻰ


ﻛﻮﻝ ﺑﻮﻳﻼ-ﺗﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﺭ ﺧﻪﻥ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺗﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯘﺗﯘﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﭽﯩﺴﻰ ھىسابلىنىدۇ.


ﻛﻮﻝ ﺑﻮﻳﻼﺩﯨﻦ ﻛﻪﻳﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﯘﻳﯘﻧﭽﯘﺭ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﺪﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ يېڭى ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﯩﺪﻯ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻧﯩﻘﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﻳﺘﻘﺎﻧﺪﺍﻕ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (582-630) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻳﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (680-742) ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻳﯘﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ.


ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ (ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ) ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (552-582) ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ھۆكۈمرانلىقى ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﻟﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ھۆﻛۈﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ سىستېمىسىدىكى ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻳﯩﻨﻜﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﻳﻪﯕﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﻟﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﺩﯗﻛﻰ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 605-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻪﻟﯩﻼ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺑﺎﺭﻏﯘﺕ، ﺗﻮﯕﺮﺍ ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺗﯘﺭﻙ ﺋﺎﻗﺴﯘﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯘﺯ ﺋﻮﺭﯗﭖ، ﺋﻮﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ كىيىن ﺑﯘ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ”ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ“ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.


ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋۆﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 611-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ كىرگەندە ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗۈﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھۆﻛۈﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﭼﯘﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ 691-ﻳﯩﻠﻰ ﻛﻪﻳﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﭼﯘﺷﻪﻧﭽﻪ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ھﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﻩﺭﻧﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﯞﻩ ﻗﯩﭙﭽﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ھﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﻛﻪﻳﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ھﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﺋﺎﻗﺴﯘﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﻳﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﯕﻰ ﻛﯘﭼﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.


ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ﯞﯨﺌﯩﺌﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ، ﻳﻪﻧﻰ 742-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺑﺎﻣﯩﻞ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﭺ ﺗﻪﻟﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﻛﻪﻳﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻘﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﭖ، ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﺗﯘﺭﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻪﺭﯨﺪﯗ. 744-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﺳﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻰ ﻳﺎﻏﻼﻗﻼﺭ ﻛﻮﻝ ﺑﻮﻳﻼ ﺋﻮﺯﯨﻨﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﻛﻮﻝ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﭖ، ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺋﻮﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﺎﻏﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﺋﻮﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﻏﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﻳﯩﻨﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﺎﻟﺴﺎﻏﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺑﺎﻟﯩﻖ (ﻗﯘﺗﺒﺎﻟﯩﻖ) ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﺑولدى.


ﻛﻮﻝ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻛﻮﻝ ﺑﻮﻳﻼ (744-747-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ) ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﺪﻯ. خەﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﻮﺷﯘﺧﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﻛﯘﭼﻠﯩﻨﯩﭗ ﺩﻭﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﻪﺗﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﯞﺍﻳﯩﻐﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﻮﻝ ﺑﻮﻳﻼﻧﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﺋﯘ ﺳﯩﺮﺗﺎﺭﺩﯗﺵ، ﺗﯘﺭﻙ ﯞﻩ ﺑﺎﺳﻤﯩﻞ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﺪﺍ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻳﻪﯕﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ھﺎكىمىيىتى-ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﻳﺪﯗ. ئىلگىرىكى ﺗۈﺭﻙ ﺋﺎﻗﺴۆﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھۆﻛۈﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ خانلىقىنىڭ ﺋﯩﻠﻜﯩﮕﻪ ﺋۆتىدۇ.


ﻛﻮﻝ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﻛﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯘﻧﮕﻪﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻯ ﺗﯘﺑﺎﺳﻼﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﯨﻘﺎﻧﻼﺭ، ﻳﻪﻧﯩﺴﻪﻱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﻪﻗﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻛﺎﺱ (ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ) ﻻﺭ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ، ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﻜﻪﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﻝ ﺗﯘﺭﻛﻠﯩﺮﻯ، ﭼﻮﻏﺎﻱ ﺋﻪﺗﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻧﻐﮕﯘﺕ ﯞﻩ ﻗﺎﺩﯨﺮﻗﺎﻥ ﺗﺎھﮕﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺮﯞﻯ، ﻗﯘﻣﯘﻕ ﯞﻩ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ-ﻛﻪﻳﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ، .ﺋﯘﻟﯘﺳﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻛﻮﻝ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺩﻭﻟﻪﺕ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺯﻭﺭ ﻛﻮﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻛﻪﯕﻪﻳﺘﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺩﻭﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﭘﺎﺋﺎﻝ ﺗﯘﺭﺩﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻮﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺯ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ، ﺑﺎﺳﻤﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﺯﯨﮕﻪ ﻗﻪﺗﯩﯟﻩﻟﯩﭗ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻳﯩﻦ ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﺗﯩﻜﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﻛﯘﭼﻠﯩﻚ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ھﺎﻛﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﻛﻮﻝ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻰ ﺑﯘ ھﺎﻛﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﻮﺭﻩﺭ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺯﺍﺕ ﺋﯩﺪﻯ، ﺩﻩﭖ ئېيتالايمىز.


ﻗﺎﻏﺎﻥ ﻣﯘﻳﯘﻧﭽﯘﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﻧﯩﯔ 759-ﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯘ ھﺎﻳﺎﺕ ﭼﻪﻏﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻳﺎﺑﻐﯘﻧﻰ ﺗﻪﺧﺖ ﯞﺍﺭﯨﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻳﺎﺑﻐﯘ ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﯩﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ( 759-780-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ) ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻮﻝ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ھﺎﻛﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺷﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻳﯩﻦ ﺋﺎﺗﺎ-ﺑﻮﯞﻩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻮﯞﻩﺕ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﯕﻠﯘﻙ، ﺳﻮﻳﮕﯘﻥ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﻮﮔﯘ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﻟﻮﻳﺎﯕﺪﯨﻦ ﺗﻮﺕ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﻪﻳﯩﻦ ﺋﯘ ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﻛﯘﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ كىڭەيتىپ، ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﻨﯩﻨﻰ ﺩۆﻟﻪﺕ ﺩﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ بىكىتىپ، ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭىخىدا ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﻯ.



مەنبە : http://www.uyghurlar.tv/?p=1723


izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 23:42:47

ئۆزىمىزنىڭ يىراق مەزگىللەردىكى تارىخىمىزغا ئائىت تىمىلارنى ئىزدەپ سوراپ،ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇسام... ئەۋلادلار كىلەچىكى ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا پاتىمەن...


دەپ يىزىپتىكەن بىرسى بىر ماقالىدە...

esil808 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-8 21:46:08

ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى بىلمەسلىك ياخشى ئىش ئەمەس ، بىزنى تارىخى بىلىملەردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .

uyhur880 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-7 15:12:01

بەك ھاياجانلاندېم    \"\" كۆپ رەھمەت

almas333 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-7 15:27:07

بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز يىراق قەدىمى زامانلاردىن  بۇيان تارىم ۋادىسىدا ياشاپ كەلگەن. ھەرگىز باشقا يەرلەردىن كۆچۈپ كەلگەن ئەمەس. كىم كىرورەن گۈزىلىنى بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئەمەس دىيەلەيدۇ؟ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئاتالغۇسى بىلەن قەدىمى ئۇيغۇر ئاتالغۇسى ھەرگىز تەڭداش ئەمەس.ئالدىنقىسى  ھازىرقى زامان پۈتۇن بىر مىللەتنىڭ نامى بولسا،كېيىنكىسى مەلۇم قەبىلىلەر توپىنىڭ نامى.840-يىلىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر قەبىللىرى  دىيارىمىزغا كۆچۈپ كەلمەستىن بۇرۇنلا،ئەجدادلىرىمىز دىيارىمىزدا شانلىىق مەدىنىيەتلەرنى ياراتقان. 840-يىللاردىن كېيىن موڭغۇل دالاسىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر قەبىللىرى غەرپكە يۈرۈش قىلىپ، دىيارىمىزدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىچكى نىزاھىدىن پايدىلىنپ،يەرلىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ ،دىيارىمىزدائۇيغۇر خانلىقنى قۇرغان ،ئاخىرىدا يەرلىك خەلق بىلەن سىڭىشپ كەتكەن.  تارىختا قارارقىتانلارمۇ،موڭغۇللارمۇ  غەرپكە يۈرۈش قىلىپ، دىيارىمىزدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىچكى نىزاھدىن پايدىلىنپ،دىيارىمىزدا  ئۆز خانلىقنى قۇرغان.  ئاقىۋەت بۇلاريەرلىك ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ئاسمىلىىياتسىيە قىلىنغان.دىمەك 840-يىللاردىن كېيىن موڭغۇل دالاسىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر قەبىلىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولماستىن،بەلكى قىسمەن تەركىبى خالاس. مۇشۇ مەنىدىن ئېييتقاندا\" ئۇيغۇر \"،\"قارا قىتان\"،\"موڭغۇل\" ئاتالغۇلىرىنىڭ ھازىرقى زامان \"ئۇيغۇر\"ئاتالغۇسىدا ئىگىلەيدىغان سالمىقى ئاساسەن ئوخشاش.

aman121 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-22 14:48:46

دىمەك 840-يىللاردىن كېيىن موڭغۇل دالاسىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر قەبىلىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولماستىن،بەلكى قىسمەن تەركىبى خالاس. مۇشۇ مەنىدىن ئېييتقاندا\" ئۇيغۇر \"،\"قارا قىتان\"،\"موڭغۇل\" ئاتالغۇلىرىنىڭ ھازىرقى زامان \"ئۇيغۇر\"ئاتالغۇسىدا ئىگىلەيدىغان سالمىقى ئاساسەن ئوخشاش

-------------------------------------------

بۇ گەپنىڭ ۋەزنى خىلى باركەن... جۈرئىتىڭىزگە بارىكاللا.
بەت: [1]
: ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭺ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﺎﻏﺎﻧﻰ