ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 06:36:27

لوندۇندىكى قەشقەر كوچىسى

لوندۇندىكى قەشقەر كوچىسى


      يوللانغان ۋاقتى: 25-02-2011  بۇ يازمىنىڭ تەۋەلىكى:  تارىخ سەھنىسى

لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى Thames دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكىPlumstead بولىگىگە جايلاشقان.

لوندۇندىكى قەشقەر كۇچىسى توغرىسىدا


ئەگەردە سىز كۇنلەرنىڭ بىرىدە بۇيۇك برىتانىيىنىڭ لوندون شەھىرىگە كېلىپ زىيارەتتە بولغىنىڭىزدا، لوندون كوچا خەرىتىسىگە قاراپ ”ك“ ھەرپىدىن كوچا ئىسمىنى ئىزدىسىڭىز سىزگە ۋە پۇتكۇل ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇش بولغان بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ ئىسمى ”قەشقەر كوچىسى“ (Kashgar Road) كۇزىڭىزگە چېلىقىدۇ ۋە سىزنى ھەيرانلىققا چومدۇرىدۇ.


لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى بولسا بۇيۇك برىتانىيىنىڭ پايتەختى لوندون شەھەرنىڭ شەرقىگە، Thames دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى Woolwhich سانائەت رايونىنىڭ مەركىزى بولغان Plumstead بۆلىگىگە جايلاشقان. بۇ يەر بۇيۇك برىتانىيە پادىشاھلىقى تەرىپىدىن 1805 يىلى بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ كۇنسايىن ئېشىۋاتقان ھەربىي سانائىتى ئۇچۇ ئورۇن تەييارلاش مەقسىتىدە ”پادىشاھلىق توپ-زەمبىرەك ھەربىي ئەشيا ئىسكىلاتى“ (The Royal Arsenal) قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.


لوندۇندىكى قەشقەر كۇچىسى


بۇرۇن غەرب ئۇچۇن تامامەن ناتونۇش بولغان قەشقەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر پەقەت 1860 ۋە 1870- يىللىرىدىلا بۇيۇك برىتانىيە مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلىشكە باشلايدۇ بولۇپمۇ بۇيۇك برىتانىيە ۋە رۇسىيىدىن ئىبارەت ئىككى ئىمپېرال كۇچنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز تەسىر كۇچىنى كېڭەيتىش ئۇچۇن رىقابەتكە چۇشكەن ”كاتتا ئويۇن“ ئۇرۇشىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. قەشقەر ئىسمىنىڭ غەرب مەتبۇئاتلىرىدا تۇنجى تىلغا ئېلىنىشى ئاساسەن شۇ ئۆلكىدە يۇز بەرگەن يەرلىك ۋەقەلەرگە باغلانغان بولۇپ يەنى 1860- يىللىرىدىكى مانجۇ چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى چوڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ باشلانغان ھەم قوقەند قوماندانى ياقۇپ بەگنىڭ قەشقەرىيەگە ھۆكۇمدار بولغان بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. 1865- يىلى ياقۇپ بەگ قوقەندتىن قەشقەرگە كېلىدۇ. 1867- يىلى قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئۆزىنىڭ ھۆكۇمرانلىقى ئاستىغا ئالىدۇ.


 قەشقەر شەھىرى زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئىككى قېشىغا جايلاشقان قەشقەر دىكى ‹‹ قەشقەر كۇچىسى››ۋەھالەنكى ئاسىيانىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان، ئەمما بۇگۇنكى كۇندە غەربكە ناھايىتى ئاز تونۇلغان بۇ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى 11-ئەسىرلەردە ئۇيغۇر قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۇركىي خەلقلەرنىڭ سىياسىي، مەدەنىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان. ”قەشقەر“ سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى ”دەريا قېشى ياكى قاش“ دىگەن سۆزدىن كىلىپ چىققان بولۇپ، قەشقەر شەھىرى زەرەپشان دەرياسىنىڭ ئىككى قېشىغا جايلاشقان قەشقەر دىكى ‹‹ قەشقەر كۇچىسى››

ياقۇپ بەگ


ئەينى ۋاقىتتا بۇيۇك برىتانىيە يەنە ياقۇپ بەگنىڭ رۇسىيە بىلەنمۇ سۆزلىشۋاتقانلىغىدىن خەۋەردار بولۇپ، رۇسىيە 1871- يىلى ئىلى دەريا ۋادىلىرىنىڭ شىمالىنى ئۆز ئىشغالىيىتىگە ئالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتىنى تىزدىن شەرق ۋە شىمالغا كېڭەيتىپ قۇمۇل ۋە بۇگۇنكى ئۇرۇمچىنى ئۆز ھۆكۇمرانلىقىغا ئالىدۇ. 1873- يىلى بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھىندىستاندىكى باش ۋالىسى Lord Mayo 350 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان Douglas Forsythe رەھبەرلىكىدىكى بىر دىپلوماتىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قەشقەرگە ئەۋەتىدۇ. بۇ ۋەكىللەر ئاتلىق ئەسكەرلەر، تەرجىمانلار، ھۆكۇمەت ئىش بەجىرگۇچىللىرى، يولباشلىغۇچىلار ۋە مۇلازىمەتچى خادىملاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك دىپلوماتىك زىيارەتتىن كېيىن بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى ياقۇپ بەگ ھۆكۇمىتىنى رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇلىنىپ، بۇيۇك برىتانىيە ھۆكۇمىتى مانجۇ چىڭ ۋە ياقۇپ بەگ ھۆكۇمەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن برىتانىيە ھىندىستانى، رۇسىيە ۋە خەنزۇدۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا بىتەرەپ بولغان بىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قورۇلۇش ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە سۇلھى باشلايدۇ.


بۇيۇك برىتانىيە ئىمپەرىيىسى قەشقەرىيە ئەمىرى ياقۇپ بەگ ھۆكۇمىتىنى رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ.


ئەمما بۇيۇك برىتانىيىنىڭ ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتىگە بولغان قىزىقىشى ئۇزاققا بارمايدۇ چۇنكى لوندون قەشقەر بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن باشلاپ St Petersburg نى قەشقەرىيەنى ئوتتۇرىدىكى بىر مۇستەقىل بىتەرەپ دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىشى ھەققىدە بىر قانچە قېتىملاپ دىپلوماتىك سوھبەتلەر ئېلىپ بارغان بولىسىمۇ رۇسىيە ئىمپەرىيىسىنىڭ تۇركىستاندىكى مەنپىئەتى سەۋەبىدىن رەت قىلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ۋاقىتتا جۇڭگۇ مانجۇ چىڭ ھۆكۇمىتى جۇڭگۇ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە يۇز بەرگەن تەيىپىڭ قوزغىلىڭىنى غەلىبىلىك باستۇرۇپ قەشقەرىيەرنى قايتا ئىشغال قىلىش ئۇچۇن جىددىي ھەربىي يۇرۇش تەييارلىقى قىلىۋاتاتتى. مانا بۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ”كاتتا ئويۇن“ ئىشتىراكچىلىرى ئارىسىدا قەشقەرىيەگە بىرقەدەر ئادىلىلاراق مۇئامىلىدە بولۇپ كەلگەن بۇيۇك برىتانىيە ئىمپەرىيىسى ئۆز مەنپەئەتلىرىگە پايدىسىز بۇ ئۆزگىرىشلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىدۇ. 1876- يىلى مانجۇ چىڭ ھۆكۇمىتى *** گېنىرالى زو زۇڭتاڭنى 200، 000 كىشلىك زور قوشۇن بىلەن بىلەن 40، 000 كىشلىك ئەسكىرى بولغان ياقۇبەگنى يوقتۇپ، قەشقەرىيەنى ئىشغال قىلىشقا ئەۋەتىشى بىلەن تەڭلا بۇيۇك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى ئەگەر جۇڭگۇ چىڭ ھۆكۇمىتى بۇ رايوننى قايتىدىن ئۆز ھۆكۇمرانلىقى ئاستىغا ئالسا رۇسىيىگە قارشى كۇچلۇك بىر قالقان بولالايدىغانلىقنى جەزىم قىلىدۇ ۋە ياقۇپ بەگنى قوللاشتىن تامامەن ۋاز كېچىپ ئەكسىچە قارشىسىغا سىياسەت قوللۇنۇپ زو زۇڭتاڭغا قورال ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ. روسسىيە سودىگەرلىرىمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت تۇتۇپ زو زۇڭتاڭ ئەسكەرلىرىنى ئاشلىق بىلەن تەمىللەيدۇ. گەرچە زو زۇڭتاڭنىڭ قەشقەرگە ئېلىپ بارغان ھەربىي ئىستىلاسى ئاستا ۋە ئىقتىسادى چىقىمى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ئەمما مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ. زو زۇڭتاڭ ئۇرۇمچىنى 1876- يىلى 8- ئايدا ئىشغال قىلىدۇ ۋە زور كولەمدىكى …. ئېلىپ بارىدۇ. ياقۇپ بەگ 1877- يىلى 5-ئاينىڭ 28- كۇنى كورلىدا ۋاپات بولىدۇ ۋە شۇ يىلى 12- ئايدا قەشقەر مانجۇ چىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىغا چۇشىدۇ. زو زۇڭتاڭ 1878- يىلى 1- ئايدا قەشقەرنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى قەدىمي شەھەر خوتەننى ئىشغال قىلىپ قەشقەرىيەگە ئېلىپ بارغان ھەربىي ئىستىلاسىنى تاماملايدۇ.


1881- يىلى رۇسىيە ئىلى ۋادىسىنى مانجۇ چىڭ ھۆكۇمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. مانجۇ چىڭ ھوكۇمىتى 1884- يىلى قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ ”شىنجاڭ“ (يېڭى زىمىن، يېڭى چىگرا) دەپ نام بېرىدۇ ۋە رەسمىي شەكىلدە جۇڭگۇ مانجۇ چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىپ بېكىتىدۇ. يەنە شۇنىڭغا قارىماي بۇيۇك برىتانىيە ۋە رۇسىيە ئىمپېرىيىلىرى قەشقەرىيەدە ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كۆرسىتىشنى يىللارچە داۋام قىلدۇرىدۇ. كېيىنكى يىللاردا برىتانىيىلىك قېدىرىپ تەكشۇرگۇچىلەرنىڭ قەشقەرىيەدە ئېلىپ بارغان ئىش ئىزلىرى تەسۋىرلىنىپ يېزىلغان ئاجايىباتلىردىن برىتانىيە خەلقى يىللارچە ھۇزۇر ئالىدۇ بىراق ئەينى ۋاقىتتاشىنجاڭ رايۇنىدا ئۇچ ئىمپەرىيە ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ناھايىتى شەپقەتسىز، مۇرەككەپ سىياسىي ”كاتتا ئويۇن“ نىڭ قۇربانى بولغان قەشقەرىيەنى ياد ئېتىش ئۇچۇن مەڭگۇلۇك ئابىدە قىلىپ قويۇلغان لوندوندىكى قەشقەر كوچىسى (London Kashgar Road) شۇ تارىخنىڭ شاھىتى سۇپىتىدە بۇگۇنگىچە ئۇن-تىنسىز ساقلىنىپ كېلىدۇ.


مەنبە:ئەنئەنە بلوگى


kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 13:38:44

مۇنداق ئىشلارمۇ بار دەيلى..توۋا بىخەۋەر يۈرۈپتىمىز. ماۋۇ يۇرتىمىزدا يەنئەن كوچىسى، بېيجىڭ كوچىسى دەپ يۈرسەك ئاۋۇ يەر شارىنىڭ ئۇ تەرىپىدە يۇرت ناملېرىمىز ساقلانغىلى تۇرۇپتۇ...

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 14:11:28

ئەرەپىستاندىمۇ قەشقەر رابات، ئاتۇش رابات، خوتەن رابات دەپ يۇرتىمىزنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىغان قارارگاھلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىۋىدۇق.

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 14:28:05

بىر يەردە ئوقىغاندەكلا قىلىمەن.  ئىلگىرىمۇ يوللانغانمۇ؟

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 15:40:57

bilmdim

faith يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 17:28:38

گوگولىنىڭ خەرىتىسىدىن تېپلىدىكەن.Kashg دەپ يېزىپ بولۇشىمغا قەشقەرگە ئائىت 5 نەتىنجە چىقرىپ بەردى. رەسىمگە قارالسۇن.

يەنى شىنجاڭدىكى قەشقەر، قازاقسىتاندىكى ، قىرغىزىستاندىكى،ئەنگلىيەدىكى
جايلاردا قەشقەرگە ئائىت نەتىنجە بار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا
تۈركىمەنىستاندا قەشقەرىسكىي دەيدىغان نەتىنجىمۇ بار ئىكەن. گوگولنىڭ توربەت شەكلىدىكى  خەرىتىسىدىن ئىزدىسىەڭلار بولىدۇ. ئىزدەشتىن ئاۋال statellite يەنى سۈنئى
ھەمرا دەيدىغان يېرىنى بېسىۋەتسەڭلار، گوگول يەرشارىسىغا ئوخشاش ئۈنۈمىگە
ئېرىشىسىلەر.

مەن ئەنگىليىدىكى «قەشقەر» يولىنىڭ ئۇزۇنلىقنى ئۆلچەپ باقتىم.
تەخمىنەن160 مېتىر ئەتىراپىدا ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئەنگىليىدە «كەشمىر»
يولى دەيدىغان يولمۇ بار ئىكەن. بۇ يولنىڭ ئۇزۇنلىقىمۇ تەخمىنەن190 مېتىر
ئەتىراپىدا ئىكەن.


ئەپسۇس بىداركام ئېيتقان ئەرەپسىتاندا ئۇنداق نەتىنجە يوق ئىكەن. بەلكىم ئەرەپچە ئىزدەپ باقسا چىقىپ قالار.






\"\"


\"\"


\"\"

temur يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 18:27:17

لىكن مەن  قايسى كۈنى   مۇشۇ  تور  بىكەتتىمۇ  ئەيتاۋۇر  ،كاشىغەر دىگەن  ئىسىمنىڭ   مەنىسىنى  - بۆرە  ، بۆرىلەر  ئۇۋۇسى   دەپ  كۆرگەندەك  قىلغان .


   بۇ  توغرۇلۇق  نۇرغۇنلىغان  كۆز -قاراشلار   بار  .   <دەريا قىشى ،قاش > دىگەن  بۇ يىشىلمە  بىر  قەدەر  ئومۇملاشقان  كۆز-قاراشتۇر .  لىكن تىخى ئىنىق بىر  دەلىل-ئىسپات  يوق .




izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 23:39:50

سەئۇدى ئەرەبىستاندا قەشقەر،ئاتۇش،خوتەن...ناملىرى بىلەن ئاتالغان كوچىلار يوق بەلكى قۇنالغۇ(مېھمانخانا)لار بار...

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 23:43:42

كاشىغەر(قەشقەر) دىگەن سۆز ئەمەس...


قاشقىر دىگەن بۆرە دىگەن مەنىدىغۇ دەيمەن ئۆزبېكچىدە...

gherip يوللانغان ۋاقتى 2011-7-1 15:37:56

biz bilmaydighan ixlar bak kop...

uygur885 يوللانغان ۋاقتى 2011-7-19 12:49:46

بېزبېلمەيدېەن.ېشلار.باكەن ھە

Qal_kush يوللانغان ۋاقتى 2011-7-19 15:34:23

izdinimanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كاشىغەر(قەشقەر) دىگەن سۆز ئەمەس...


قاشقىر دىگەن بۆرە دىگەن مەنىدىغۇ دەيمەن ئۆزبېكچىدە...




بۇرۇن مەنمۇ شۇنداق ئاڭلىغاندەك ئىسىمدە.......




0998awat يوللانغان ۋاقتى 2011-9-11 21:22:15

بىزنىڭ قەشقەر خېلى  داڭلىقمۇ نىمە؟\"\"

بەت: [1]
: لوندۇندىكى قەشقەر كوچىسى