ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 06:24:11

لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرى

يالقۇن روزى


2007 – يىلى رۇسىيىنىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر پۇر باجىن-لايدىن ياسالغان قەلئە توغرىسىدىكى خەۋەر بولدى . بۇ خەۋە رۇسىيىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلانغاندىن كېيىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ نەزىرى پۇرباجىنغا تىكىلدى . رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پۇرباجىننى «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 2-قاغانى مويۇنچۇر سالدۇرغان بولۇپ بۇ ، ئۇ قەدىمى ئۇيغۇر قەلئەسىدۇر»دەپ جاكارلىغاندا، بۇنى ئۇققان دۇنيانىڭ جاي-جايدىكى ئۇيغۇرلار بىر-بىرىگە ھاياجان ئىلىكىدە خەۋەر يەتكۈزۈشتى . شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتتى . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسورى ، خەنزۇ تارىخچى چىن شۆشۈن ئەپەندى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2007-يىلى 11-ئۆكتەبىردىكى سانىدا «رۇسىيە پۇرباجىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرمەكتە» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى بۇ كاتتا ۋەقەدىن خەۋەردار قىلدى . ئارقىدىن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» مۇ رەھىمجان ھاكىم خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان «رۇسىيىدىكى ئۇيغۇرلار سالغان يازىلىق قەلئە پورباجىن» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ بۇ خەۋەرگە بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇردى .


لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرى


پۇرباجىن ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ باش-ئاخىرى زادى قانداق ؟ كىشىلەرنى شۇنچە ھاياجانغا سالغان بۇ قەلئە نېمە سەۋەبتىن ، قاچان ، قانداق سېلىنغان ؟ بۇ ، ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېڭى بايقاشمۇ ياكى كونا ئىشمۇ ؟ كىشىلەر بۇ قەلئەگە نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىزىقىدۇ ؟ دېگەن سوئاللار كىشىلەرنى قىزىقتۇردى .

پورباجىن رۇسىيە فېدراتسىيسىنىڭ توۋا جۇمھۇريتىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 1300 مېتىر ئېگىز جايدىكى تېرىخول كۆلىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىكى تۆت گېكتار كېلىدىغان ئارالغا تەمىرقىلىنغان قەلئە.«پۇرباجىن» دېگەن سۆز توۋا تىلىدا لايدىن ياسالغان قەلئە» . دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .


توۋا جومھۇرىيتى رۇسىيە بىلەن موڭغۇلىيىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، يەرمەيدانى 170 مىڭ كوۋادى كېلومىتىر ، نوپۇسى 310 مىڭ بۇنىڭ ئىچىدە تۇۋالارنىڭ نوپۇسى 200 مىڭ ، رۇسلارنىڭ نوپۇسى 100 مىڭغا يېقىن ، قالغانلىرى خاكاس ، ئوكرائىن قاتارلىق مىللەتلەردۇر . تۇۋالارنىڭ ئېتىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا ن . ئا . باسكاكوۋ «تۈركىي تىللار» دېگەن كېتاپتا ئېنىق قىلىپ : «توۋا تىلى تۈركىي تىللارنىڭ ئۇيغۇر-ئوغۇز گورپپىسىغا كىرىدۇ ھەمدە بۇگۇرۇپپىدىكى قەدىمكى ئۇغۇز ، قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۇفا(قاراغاس) تىللىرى بىلەن قوشۇلۇپ ، ئايرىم بىر ئۇيغۇر-تۈرۈك تارماق گورپىسىنى تەشكىل قىلىدۇ» دېگەن تارىخچى چىن شۆشۈن ئەپەندىمۇ تۇۋالارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى ھەققىدە «گەپنى قىسقارتقاندا ، ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەنبەسى تېللارغا تاقىلىدۇ» ، «ئۇلارنىڭ تىلى ئالتاي تىل سېتىمىسى تۈركىي تىل ئائىلىسى-شەرقىي ھون تىل تارمىقى-ئۇيغۇر تىل گورپپىسى –ئۇيغۇر-تۈركىي تىللار ئىككىلەمچى تىللار گورۇپپىسغا تەۋە» دەپ يازغان . توۋالارنىڭ كۆپ قىسمى لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ .

پۇرباجىن قەلئەسى بىر خارابە بولۇپ ، ئۇنى ئەڭ دەسلەپ-1891- يىلى رۇسىيىنىڭ مەشھۇر شەرقشۇناس ئالىي دېىتۇرىي كېلىمىن ئېنىقلىغان . ئۇ كېيىن قارا بالغاسۇننى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پۇرباجىن سېپىل-سارىيىنىڭ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەركىزىي شەھىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن ھالىتى ئىكەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىغان . پۇر باجىننى «ئۇيغۇر قاغانىنىڭ يازلىق سارىيى» دېگەن قاراشنى تۇنجى قېتىم سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋردىكى مەشھۇر ئالىم سېۋىيان ئىزرايلىۋېچ باينېشتېيىن 1957- يىلى ئوتتۇرىغا قويغان . بۇ قاراشنى 1960-ۋە 1970 يللاردا ل، ر ، كزلاسوۋ ۋە س . ۋ . كسلېۋلار ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن تەكىتلەشكەن . توۋا جومھۇرۇيتىنىڭ ئايال رەھبىرى تامارا ماشالوۋنا نوربىي ئۆزىنىڭ كىتابىدا پۇرباجىن قەلئەسىنىڭ ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ساراي-سېپىلى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن . ئەمما باشقىچە قاراشتىكى تەتقىقاتچىلارمۇ بولغان . ئۇلارنىڭ كۆپىپىنچىسى «ئۇيغۇر قاغانىنىڭ قەلئەسى» دەپ بېكىتىشكە پاكىت يېتەرلىك ئەمەس ، دەپ قاراشقان . شۇنداقتىمۇ رۇسىيە ئالىملىرى بۇ قەلئەنىڭ ئارخېئوگيىلىك قىممىتىگە قىلچە سەل قارىمىغان . 1995- يىلى رۇسىيە فېدىراتسىيسىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى بورىس يېلتىسىن پۇر باجىننى دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت مىراسى دەپ قارار چىقارغان . بۇ پۇرباجىن قەلئەسىنىڭ ھەر جەھەتتىن نەقەدەر يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .


لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرى


قەدىمكىلەرنىڭ ئېگىز تاغدىكى خىلۋەت كۆلنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا بۇنداق مۇستەھكەم ۋە چوڭ قەلئەنى سالمىقى ئىنتايىن مۈشكۈل . چۈنكى بۇنداق قەلئەنى سېلىش ئۈچۈن نەچچە مىڭ توننا توپا ، كېسەك ۋە ياغاچ – تاش كېتىدۇ . ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىش شۇكى ، بۇ جاي ئادەم ناھايىتىمۇ كەمدىن كەم كېلىدىغان تولىمۇ چەت رايون . شۇڭا زادى كىم بۇنداق خالى جايغا بۇنداق چوڭ قۇرغاننى سېلىش كويىغا كىرىپ قالغان ، ئۇنى كىم ئۈچۈن سالدۇرغان ؟ دېگەندەك سىرلىق سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەش كېرەك ئىدى .


دېمەك ئەمدىكى ۋەزىپە پۇر باجىننى «سۆزلىتىش» ئىدى .19- ئەسىردە ياشىغان رۇس يازغۇچىسى گوگۇل «ھەرقانداق خەلقنىڭ ئۆتمۈشى توغرىلىق ھېكايە ، ئەپسانە، چۆچەكلىرىمۇ ئۇنتۇلغاندا ، ئۇلار توغرىلىق شۇ خەلىققە تەئەللۇق بىناكارلىق ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملار كۆپلەپ ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ» دەپ كۆرسەتكەنىدى . پۇرباجىندىن ئىبارەت بۇ سىرلىق قەلئە تېپىشماقنى يىشىش ، مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۇيقۇدا ياتقان پۇرباجىن خارابىسىنى «سۆزلىتىش» ئۈچۈن روسيە ھۆكۈمىتى 2007- يىلى ئەتىيازدا مەخسۇس تەربىيىلەنگەن 600 نەپەر ستۇدېنتتىن تەشكىللەنگەن ، نەچچە ئون داڭلىق ئارخېئولوگ ، ئارختېكتور ۋە ئىكسپېدىتسىيچى باش بولغان زور تەكشۈرۈش ئەتىرتىنى توۋا جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتىشنى قارار قىلدى . بۇ زور «قوشۇن» مىڭ يىلدىن ئاشقان تارىخىي سىر يوشۇرۇنغان تېرىخول كۆلى بويىغا چېدىر تىكىپ تۆت ئايغا سوزۇلغان ئىنچىكە تەكشۈرۈشنى باشلىدى .

تەكشۈرۈش ئەتىرىتىدىكىلەر تۆت ئايغا سوزۇلغان ئەتراپلىق ، ئىنچىكە تەكشۈرۈش ، تېپىلمىلارنى تەتقىق قىلىش ، سۇنغان ساپاللارنى بىر-بىرىگە زېرىكمەي جىپىسلاش ، قەلئەنىڭ ئۇلىغا ئاساسەن ئومۇمى قۇرۇلمىسىنى قىياسەن تۇرغۇزۈش ، ماددىي بۇيۇملارنى تۈرگە ئايرىش ، سېلىشتۇرۇش ۋە يىل دەۋرىنى بېكىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق ئاخىرى خېلىلا ئىشەنچلىك يەكۈنگە ئېرىشكەن . قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەتىردىكىلەرنىڭ بۇ دەسلەپكى يەكۈنىنى رۇسىيە جىددىي سېرگىي شايگو ئاخبارات ۋاستىللىرىگە جاكارلاپ مۇنداق دېگەن : «ئارخېئولوگلارنىڭ خۇلاسىسىگە قارىغاندا ، پۇرباجىن قەدىمىي قەلئەسىنى قەدىمىي ئۇيغۇرلار سالغان . ھازىر بۇ قەلئەنىڭ ئاساسى بۆلىكى قېزىپ بولىندى ، قەغەز يۈزىدە يەنە  يەنە قەلئەنىڭ ئەسلىي ھالىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى . بىز ئۇزاققا بارماي بۇ جاينى دۇنياغا ئېچىۋېتىپ ، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونىتىمىز!»

تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئالىم – مۇتخەسىسلەرنىڭ دوكىلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : «بىز تۆت ئاي تەكشۈرۈش ئارقىلىق تېرىخول كۆلىنىڭ بويىدىن چوڭ تىپتىكى قەبرىدىن 100 نەچچىنى تاپتۇق . پۇر باجىن قەلئەسىنىڭ ئارخىتېكتورىيلىك قورلۇشى ، لايىھە پىچىلىشىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بېكىتىپ ، قەلئەنىڭ قەغەز يۈزىدىكى مودېلىنى ياساپ چىقتۇق . بۇ قەلئەنىڭ شەكلى  جۇڭگونىڭ تاڭ سولالىسى زامانىسىدىكى پايتەختى چاڭئەن (شىئەن) دىكى ئوردىغا ئوخشايدىكەن . قەلئەنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇش بۆلىكى ئادەمگە بۇددا دىنى ئىبادەتخانىلىرىنى ئەسلىتىدۇ . قەلئەدىن تېپلغان بىر تاش پۈتۈكتىن قەدىمى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەنبەسپتارى بولۇشنىڭ مۆھىرىنى تاپتۇق . بىز شۇ دەۋرگە ئائىت تارىخنامىلەر ۋە پۈتۈكلەردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسەن بۇ قەلئەنى ئۇيغۇرخانىلىقىنىڭ قاغانى مۇيۇنچۇر (مىلادىيە 747- يىدىن 759- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) خوتۇنى نىڭگو مەلىكە ئۈچۈن سالدۇرغان بولۇشى ئېھتىمال ، دەپ قارىدۇق . »


ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئۇتۇقلۇق بولۇپ ، زور ئۈنۈم قازانغاندىن كېيىن رۇسىيە فېدىراتسىيسنىڭ رەئىس جۇمھۇرى ۋىلادېمىر پۇتىن 2007- يىل 13 – ئاۋغۇستتا رۇسىيىگە زىيارەتكە كەلگەن مۇناكۇ دۆلىتىنىڭ شاھزادىسى ئالبېرت 2 بىلەن توۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى قىزىل شەھىرىگە بېرىپ ئۇ يەردىن تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا ئالمىشىپ پورباجىن قەلئەسى خارابىسى قېزىلىۋاتقان تېرىخول كۆلىگە بارغان ھەم خارابە ئىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەن . پۇتىن مۇخبىرلارغا : «بۇ رۇسىيە تارىخىدىكى كۆلىمى زور تەكشۈرۈش تۈرى . پورباجىن قەدىمى ئۇيغۇرلار سالغان قەلئە» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن ، بۇ خەۋەر كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىقىتىنى تارتتى .


ئالىملار پورباجىىندىن ئىبارەت بۇ لايدىن ياسالغان قەلئەنى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىككىنىجى ئەۋلاد قاغانى مۇيۇنچىرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەمىر قىلىنغان دەپ قارىشىدۇ ؟ بۇنىڭ سىرى نىڭگو مەلىكە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، ئەلۋەتتە .


نىڭگۇ مەلىكە كىم ، ئۇ قانداقسىگە مۇيۇنچۇر قاغانىغا خوتۇن بوپ قالغان ؟ بۇ سوئاللارغا بېرىلىدىغان جاۋاب پورباجىندىن ئىبارەت بۇ لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرىنى يېشىپ بېرىدۇ .

مۇيۇنچۇر قاغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىككىنىجى ئەۋلاد قاغانى بولۇپ ، دادىسى قوتلۇق بېلىگە قاغان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن 747- يىلى قاغانلىق تەختىگە چىققان .«جەسۇر ھەيۋىسى ئالەمگە تارالغان بىلگە قاغان» مۇيۇنچۇر باتۇر ھەم چېۋەر سەركەردە بولۇپ ، يېڭى قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانىلىقىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن «گوبى چۆللۈكى ۋە موڭغۇل يايلاقلىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئاتلىق قوشۇن» تەشكىللىگەن، ئۇزاققا سوزۇلغان شىددەتلىك ئۇرۇشلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىنى بويسۇندۇرۇپ ، خانلىقنىڭ تىرتوريىسىنى «ئىلگىرىكى ھون ۋە تۈرۈك ئىمپېرىيىلىرىنىڭ زېمىنى دائىرىسى» گىچە كېڭەيتكەن .

رۇس تارىخىچىسى كېلياشتۇرنىي «مۇيۇنچۇر نۇرغۇن قوۋمنى ئاتاق-دېڭى بىلەن مەغلۇپ قىلغانىدى» دەپ يازغان. قىرغىز تارىخچى ئەنۋەر بايتۇر ئەپەندى ئۆز كىتابىغا «تاڭنامە.ئۇيغۇرلار» دىن ئالغان نەقىلدە « ئۇلار كەلگەن چاغدا ھەر قانداق ئادەمنى تىترەك باساتتى» دېيىلگەن . بۇنداق بولۇشىدا مۇيۇنچىرنىڭ ئۆزىلا باتۇر ھەم چېۋەر بوپ قالماستىن ئايالى ئېل بىلگە خاتونمۇ باتۇر ھەم پاراسەتلىك ئايال ئىدى . ئوغۇللىرى تاي بىلگە تۇتۇق يابغۇ ۋە ئېدىگەن مۇيۇيمۇ تەڭدىشى يوق باتۇرلاردىن ئىدى . شۇڭا ئۇيغۇرلار مۇيۇنچۇرنى «قارا قاغان» دەپ ئۇلۇغلايتتى . ئومۇمەن مۇيۇنچۇر قاغان سەلتەنەت سۈرگەن مەزگىلدە ئۇيغۇر خانىلىقىنىڭ كۈچ قۇدىرىتى ۋە شان شۆھىرىتى ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.دەل شۇ يىللاردا يەنى 750- يىللاردا تاڭ سولالىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن پاراكەندىچىلىككە دوچ كەلگەن . 751- يىلى تاڭ سولالىسى ئەراپلەر بىلەن تالاشتا بۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىش ئۇرۇشىدا تاڭ سولالىسىنىڭ كورىئان مىللىتىدىن بولغان داڭلىق سەركەردىسى گاۋشەنجى قاتتىق مەغلۈپ بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىنگەن . ئارقىدىنلا يەنى 755- يىلى ئۆڭلۈك-سۈيگۈن ئىسيانى يۈز بېرىپ ، قالايمىقانچىلىقنى چېكىگە يەتكۈزگەن .


ئۆڭلۈڭ (ئەنلۇشەن) ئەسلىى يىڭجۇ (ھازىرقى لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنجۇ شەھىرى) لۇق بولۇپ ، دادىسى غۇز ، ئانىسى تۈرۈك ئىدى . تەيۋەنلىك يازغۇچى ، داڭلىق تارىخىچى باي ياڭ ئەپەندى «جوڭگۇلۇقلارنىڭ تارىخ تېزىسى» ناملىق كىتابىنىڭ ئىككىنىجى توم «ئۆڭلۈڭ-سۈيگۈن ھەربىي ئۆزگىرىشى» دېگەن بۆلىكىدە ئۆڭلۈكنى «ئۇناھايىتى مەردانە ھەم قابىلىيەتلىك سەركەردە ئىدى» دەپ يازغان . شۇنداق بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك سەركەردە تاڭ سولالىسى پادىشاھى لى لۇڭجى ، يەنى تاڭ شۈەنزۈڭنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان . تاڭ شۈەنزۇڭ پۈتكۈل مەملىكەتنى ئون ھەربىي مەھكىمىگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ ، لەشكىرى ھوقۇقنى ھەر قايسى ھەربىي مەھكىمە ھېراۋۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن . ئۆڭلۈك سەركەردە پىڭلۇ ، خەنياڭ ، خىدۇڭ ، يەنى ھازىرقى چاۋياڭ ، بېيجىڭ ، تەييۈەندىن ئىبارەت ئۈچ ئايماقنىڭ ھېراۋۇلى ئىدى . ئۇنىڭ ئىلىكىدە 150 مىڭ كىشىلىك ئارىلاشما قوشۇن بولۇپ ئاساسەن تۈكى قەبىلىلەر ۋە قېتاللاردىن تەشكىللەنگەن باتۇر چەۋاندازلار ئىدى . ئۇ كۆپ قېتىم چاڭئەنگە كېلىپ خان بىلەن كۆرۈشكەن . مۇشۇ جەرياندا ئوردىنىڭ چىرىكلەشكەنلىكى ، ۋەزىر باشلىق مەنسەپدارلارنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلىقى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان پادىشاھ تاڭ شۈەنزۈڭ ناھايىتى دانا پادىشاھ ئىدى . بىراق سەلتەنەت تەختىدە 40 يىلدىن ئارتۇق ئولتۇرغان بولغاچقا بارا-بارا بىخۇتلاشقان . ئۇ 61 ياشقا كىرگەن يىلى شاھزادىلىرىدىن بىرىنىڭ گۈزۈللىكتە تەڭدىشى يوق ئايالى – 26 ياشلىق ساھىبجامال ياڭيۈخۈەن (ياڭگۈيفىي) نى ئۆز ئەمرىگە ئېلىۋالغان ياشانغان پادىشاھ بۇ ساھىپجامالغا ناھاينتى ئامراق بولۇپ قالغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساھىپجامالنىڭ نەۋرە ئاكىسى ياڭگۇجۇڭنى ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن ، باشقا ئۇرۇق تۇغقانلىرىغىمۇ مۇھىم ھوقۇقلارنى بەرگەن . ياڭ گۇجۇڭ ۋەزىرلىككە ناباب ، پاسىق ئادەم بولغاچقا ئوردىدا چىرىكلىكنى يامرىتىۋەتكەن . بىر قېتىم ئۆڭلۈك بېيجىڭدىن چاڭئەنگە خان بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە ياڭ گۇجۇڭ ئۇنىڭدىن كۆپ پۇللۇق پارا سورىغان . ئۆڭلۈك بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا رەت قىلىۋەتكەن ھەمدە ئۇنىڭغا تېگىشلىك ھۆرمەتمۇ بىلدۈرمىگەن . ياڭگۇجۇڭ بۇنداق كەمسىتىشكە چىدىماي ئۆڭلۈكنى ئۇجۇقتۇرۇش نىيىتىدە بولغان . شۇنىڭ بىلەن «خانغا قارشى چىقىش سۇيىقەستىدە بولغان» دېگەن بەتنامنى ئويدۇرۇپ چىقىپ پادىشاھقا كۆپ قېتىم چېقىمچىلىق قىلغان . ئەمما پادىشاھ ئىشەنمىگەن . يازغۇچى ، تارىخچى باي ياڭ ئەپەندىنىڭ «جوڭگۇلۇقلارنىڭ تارخ تېزىسى» ناملىق كىىتابىدا يىزىشىچە ياڭ گۇجۇڭ 755- يىلى «مەجبۇرلاپ توپىلاڭ كۆتۈرگۈزۈش» ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ ئۆڭلۈكنىڭ چاڭئەندىكى قەسرىگە ئوردا ياساۋۇللار قوشۇنىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ قەسىردىكى مۇلازىملار ۋە مېھمانلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزگەن . ئۇنڭ مەقسىتى ئۆڭلۈكنى تىرىكتۈرۈپ تىغ تارتىشقا قىستاش ئىدى . ئۆڭلۈك دېگەندەكلا بۇ قىرغىنچىلىقلاردىن قاتتاق چۆچۈگەن ھەم غەزەپلەنگەن . ئۇ پادىشاھقا ئەرز قىلىشنىڭ ھېچ قانداق پايدىسى يوقلۇقىنى بىلەتتى . چۈنكى بارلىق مەلۇماتنامە ياڭگۇجۇڭنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۆڭلۈك ئىسيان كۆتۈرۈش قارارىغا كېلىپ 150 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا ياڭ گۇجۇڭغا جازا يۈرۈشى قىلىمىز ، دەپ جاكارلىغان . نەتىجىدە 755- يىلى نويابىردا بۇ قول ئاستىدىكى تۈرۈك سانغۇنى سۈيگۈن بىلەن بىرلىكتە ئىسيان كۆتۈرۈپ چاڭئەنگە قاراپ قوشۇن تارتقان . ياڭ گۇجۇڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى خۇشھال بولغان . چۈنكى ، ئۆكلۈكنىڭ بۇ ئىشى ئۇنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك بولغان . ئۇ ئەمدى ئۆڭلۈكنى ئۆز يولى بىلەن بابلاپ ئوجۇقتۇرغىلى بولىدىغان بولدى ، دەپ ئويلىغان . بىراق ئۆڭلۈكنىڭ ئارىلاشما قوغۇنى جەنۇبقا قاراپ توسالغۇسىز يۈرۈش قىلىپ ، 700 كىلىومېتىر ئىچكىرىلەپ ، خۇاڭخې ۋادىسىغا گويا كەلكۈندەك بېسىپ كەلگەن . تاڭ سۇلالىسىنىڭ داڭلىق سەركەردىلىرىدىن فېڭ چاڭچى ، گاۋ شەنجى لى گۇاڭبى قاتارلىقلار ئارقا – ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان . تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەن خەۋىپتە قالغان . ئوردىنىڭ ئىچى-تېشى پاتىپاراقچىلىق ۋەھىمىگە چۈشكەن . بىردىنبىر ئامال سەنشى ، شەنشى ۋە خېنەننىڭ مۇھىم ئۆتكىلى بولغان تۇڭگۈەننى مەھكەم ساقلاش بوپ قالغان . تۇڭگۈەن ئۆتكىلى قولدىن كەتسە چاڭئەننىڭ قولدىن كېتىشى بىردەملىك ئىدى.پادىشاھ تاڭ شۈەنزۇڭ تاڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتى مىسلىسىز خەۋپتە قالغان مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە،چارىسىز قالغان سەركەردە – سانغۇنلىرىغا قاراپ قاتتىق ئۆمۇتسىزلەنگەن ھالدا تۇڭگۈەننى زادى كىممۇ مۇستەھكەم ساقلاپ تۇرالار ؟ دېگەن سوئال ئۇنى قاتتىق قىينىغان.ئاخىرى ئۇ ئۈمىدىنى چاڭئەندىكى قەسىىرىدە كېسىلىنى داۋالىتىۋاتقان «غەرىپنى تىنجىتقۇچى سەركەردە   »دەپ نام ئالغان قوشۇخانغا باغلىغان.

قوشۇخان تاڭ سۇلالىسىنىڭ سەركەردىلىىرى ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىىق سەركەردە بولۇپ،ئۇنىڭ دادسى كۇسەنلىك ،ئانىسى ئۇدۇندىكى كاتتا جەمەت بولغان ۋايجىرا جەمەتىدىن ئىدى .دادىسى كۇسەندىكى قوشۇ قەبىىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئىدى.تاڭ سۇلالىسىدىكىلەر ئۇنى قە)  بىلىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتاپ قوشۇخان (哥舒翰) دەپ ئۇلۇغلىغان . ئۇ ناھايىتى قابىل سەركەردە بولغاچقا قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھۆزمىتىگە سازاۋەر بولغان  . پادىشاھ تاڭشۈەنزۈڭمۇ ئۇنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن .چىڭخەيدىكى ئۇرۇشتا تۈبۈتلەرنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ لىنتاۋنىڭ ئۇ تەرىپىگە قوغلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ شۆھرىتى ئالەمنى بىر ئالغان .

چىڭخەيدىكى پۇقرالار قوشاق توقۇپ :


شىمال ئاسمىنىدا چاقنار ئۈكەر يۇلتۇزى،

قىلىچ ئېسىپ تۇرار بۇندا قوشۇخان ئۆزى.


تۈبۈتلەر يايلاقتىن ھېچ كېچەلمەيدۇ ،

پېتىنىپ لىنتاۋدىن ھېچ ئۆتەلمەيدۇ .


دەپ ، قوشۇخاننىڭ تەڭداشسىز سەركەردە ئىكەنلىكىنى مەدھىيىلىگەن . ئۇنىڭ تاڭ سولالىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كۈچلۈك خانلىق بولغان تۈبۈتلەرنى باتۇرلۇق بىلەن توسۇپ تۇرۇشى تاڭشۈەنزۇڭنى بەك خوش قىلىۋەرتكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا «غەرىپنى تىقجىتقۇچى سەركەردە» دەپ نام بەرگەن . قىزىق يېرى شۇكى قوشۇخان بىلەن ئۆڭلۈكنىڭ مىجەزى پەقەت كېلىشەلمەيتتى ، ئىككىسى بىر يەرگە كەلسلا گەپ تالىشىپ قالاتتى . پادىشاھ تاڭشۈەنزۇڭ ئۇ ئىككىسىنى «دۆۋلەتنىڭ تۈۋرۈكى» دەپ قاراپ ، دائىم ئۇلارغا ئاغا ئېنى بوپقېلىڭلار دەپ نەسىھەت قىلاتتى . 752- يىلى بۇ ئىككىسى تەڭلا ئوردىغا كەلگەن . بۇ چاغدا ياڭ شۈەنزۇڭ مەھرەمبېگى ، ئاغۋات گاۋلىشىنى مەخسۇس ئۇلار ئۈچۈن زىياپەت ھازىرلاپ ، ئالاھىدە كۈتۈۋېلىشنى بۇيرۇغان قوشۇخان ئۈڭلۈكتىن نەچچە ئون ياش چوڭ ئىدى . شاراب زىياپىتىدە ئۆڭلۈك قوشۇخانغا يېقىنچىلىق قىلىپ : «مېنىڭ دادام غۇز ، ئانام تۈرۈك سېنىڭمۇ ئاناڭ غۇز ، داداڭ تۈرۈك ئىككىمىزنىڭ قېنىمىز بىر ، يېقىنراق ئۆتۈشكىنىمىز ياخشى» دېگەن . قوشۇخان بۇنىڭغا جاۋابەن «قەدىمكىلەردە دالادا تۈلدە ئۆز ئىنىگە قاراپ ھۈرىسە ، قوتۇر بولۇر ، دېگەن گەپ بار» دېگەن ئۆڭلۈك بۇنى «قوشۇخان ئۆزىنىڭ غۇز ئىكەنلىكىنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ» دەپ قاراپ قاتتىق غەزەپلىنىپ ، بىگىز بارمىقىنى قوشۇخانغا تەڭلەپ تۇرۇپ : «سەندەك ياۋايى تۈرۈك مۇشۇنداق دېيىشكە قانداق پېتىندىڭ ؟!» دەپ تىللىغان . نەتىجىدە ئىككىسى ئەپلەشمەك تۈگۈل جېدەللىشىپ كەتكەن ، كېيىن ئۆڭلۈك ۋەزىر ياڭ گۇجۇڭ قوشۇخاننىڭ مەنسەپ – دەرىجىلىرىنى ئۈستۈرۈپ ئۆڭلۈك بىلەن روبىرو تۇرالايدىغان قىلىپ قويماقچى بولۇپ ، 754- يىلى ئۇنىڭ مەنسىپىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگەن . كۈتمىگەن يەردىن مەي – شارابقا ئامراق قوشۇخان بىر قېتىم لەشكەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگىلى بارغاندا ، شاراپتىن زەھەرلەنگەنلىكى تۈپەيلى ھاممامدا يۇيۇنۇۋېتىپ ھوشىدىن كەتكەن . باشقىلار خەۋەرسىز قالغاچقا خېلىغىچە سوغۇقتا قالغان . شۇ سوغۇق تەككەنچە قوشۇخاننىڭ  بويۇم ياللۇغى ئېغىرلاپ كەتكەن . ئامالسىزلىقتىن چاڭئەنگە قايتىپ قەسرىدە كېسىلىنى داۋالىتىپ، تالا-تۈزگە چىقماي ياتقان ، دەل شۇ مەزگىلدە پادىشاھ تاڭ شۈەنزۇڭ ئۇنىغا ئەڭ يۇقىرى ھەربىي مەنسەپنى بېرىپ ، 200 مىڭ لەشكەر بىلەن تۇڭگۈەننى ساقلاشقا بۇيرۇغان ، ئۆزى ئۇنىڭغا كاتتا ئىنئام بەرگەن . بارلىق ئەمەلىي ، قەلىمىي مەنسەپدارنى شەھەر سىرتىغىچە ئوزىتىپ چىقىشقا بۇيرۇغان قوشۇخان چاڭئەندىن چىقىپ تۇڭگۈەنگە بارغىچە تىت-تىت بولغان پادىشاھ ئۇنىڭغا كەينى-كەينىدىن يېڭىدىن يېڭى مەنسەپلەرنى بەرگەن . بېرىپ-بېرىپ ئاخىرى ۋەزىر دەرىجىسىگە تەڭ ئالىي مەنسەپ بەرگەن .


قوشۇخان تۇڭگۈەنگە بېرىش بىلەن بىر مۇشاۋىرى ئۇنىڭغا «ئۆلۈكنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈشتىكى شوئارى ياڭ گۇجىڭنى جازالاش ، دېمەك ئۇ ياڭ گۇجىڭنى يوقىتىشنى باھانە قىلغان . ئەگەر بىزدە 30 مىڭ لەشكەرنى تۈڭگۈەننى ساقلاشقا قويۇپ ، قالغان 170 مىڭ لەشكەر بىلەن چاڭئەنگە بېرىپ ، ياڭگۇجۇڭنى ئۆلتۈرۈۋەتسەك ، ئۆڭلۈكنىڭ چاڭئەنگە باستۇرۇپ بېرىشقا باھانىسى قالمايدۇ» دەپ مەسلىھەت بەرگەن . قوشۇخان بۇ پىلانغا قايىل بولغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنداق قىلمىغان . لېكىن چېقىمچىلار بۇ مەخپىيەتلىكنى ياڭگۇجۇڭغا يەتكۈزۈپ قويغان . ياڭ گۇجۇڭ بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن قورقۇپ ، تاڭ شۈەنزۇڭغا مەكتۇپ سۇنۇپ

توختىماي مەسلىھەت بېرىپ ، قوشۇخاننى تۇڭگۈەننى ساقلاپ يېتىۋەرمەي ئۆڭلۈككە قارشى لەشكەر تارتىشقا دەۋەت قىلغان . قوشۇخان پادىشاھقا «ئۆڭلۈكنىڭ قوشۇنى توختىماي يۈرۈش قىلىپ ئۇرۇش قىلىپ پىشىپ كەتتى . مەن قوماندانلىق قىلىۋاتقان 200 مىڭ لەشكەر كۆپ يىلدىن بېرى بىر ئورۇندا تۇرۇپ مۇداپىئە كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن . شۇڭا بىز مۇداپىئەدە تورۇپ توپىلاڭچىلارنى توسۇپ ، ئىچكى قىسمىدا پارچىلىنىش كۆرۈلگەندە ھۇجۇم قىلغىنىمىز ئەۋزەل» دەپ ، ئۆز پىكرىدە تۇرغان . بىراق ياڭ گۇجۇڭ توختىماي كۈشكۈرتۈۋەرگەچكە ئاخىرى پادىشاھ قوشۇخانغا قوشۇننى باشلاپ ئۆڭلۈك قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇم قىلىشقا يارلىق چۈشۈرگەن . 756-يىلى قوشۇخان ئۆڭلۈكنىڭ قول ئاستىدىكى ناھايىتى ھىيلىگەر بىر سانغۇننىڭ قوشۇنىغا قوغلاپ زەربە بەرگەن، ئۆڭلۈكنىڭ بۇ سانغۇنى بىر تەرەپتىن ئۇرۇشۇپ، بىر تەرەپتىن قېچىپ قوشۇخاننىڭ 200مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى بىر تارچۇققا باشلاپ كىرىپ، ئۆزى ئالدى تەرەپتىكى ئېگىزلىكنى ئىگىلىۋەلغان . قوشۇخان جەنۇب تەرەپتە چىليەنشەن تېغى ، شىمال تەرەپتە خۇاڭخې دەرياسى ، ئالدىدىكى ئېگىزلىكتە دۈشمەن قوشۇنى توسۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتكەن . قوشۇخان قىلتاققا چۈشكەنلىكىنى ، باشقا يول تۇتۇشقا كېچىككەنلىكىنى بىلىپ ، سالغا ئولتۇرۇپ ، دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ جەڭگە قوماندانلىق قىلغان . ئۇرۇش تولىمۇ دەھشەتلىك بولغان قوشۇخان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ نەچچە يۈز چەۋەنداز بىلەن قورشاۋنى بۆسۈپ قاچقان . يول ئۈستىدە ئارام ئېلىۋاتقاندا قول ئاستىدىكى بىر سەركەردە ئۇنى باغلاپ ئۆڭلۈككە ئاپىرىپ بەرگەن .


قوشۇخاننىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتكەن پادىشاھ لى لۇڭجى ئوردا ئەھلىنى ئېلىپ ئالدىراپ – تېنەپ چاڭئەندىن 60 كىلومېتىر يىراقتىكى ما گۇيپۇ (شەنشىنىڭ شىپىڭ ناھىسىدە) غا قېچىپ بېرىۋالغان . بۇ چاغدا بارلىق بالا-قازانىڭ سەۋەپكارى بولغان ۋەزىر ياڭگۇجۇڭغا قارشى كەيپىيات كۈچۈيىپ كەتكەن . غەزەپلەنگەن ئوردا ياساۋۇللار قوشۇنى پادىشاھنىڭ ما گۇيپۇدىكى تۇرالغۇسىنى قورشاپ ، ياڭ گۇيفېيڭنىڭ چوڭ ھوقۇقىغا ئىگە ساھىبجامال ئاچا – سىڭلىسىمۇ بار ئىدى . ئوردا ياساۋۇللار قوشۇندىكىلەر ھەممە چاتاقنى تېرىغان ئوردىنى چىرتىۋەتكەن مۇناپىق ۋەزىر ياڭ گۇجۇڭنى يوقاتقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ سىڭلىسى ياڭ گۈۇفېينى قىساس ئېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پادىشاھ لى لۇڭجىدىن ياڭ گۈيفېينى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان . ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ بېسىمىغا چارىسىز قالغان پادىشاھ تاڭ شۈۋەنزۇڭ ئامالسىز ھالدا ئامراق خانىشى ياڭ گۈيۈيفېينى بوغۇپ ئۆلتۈرگەن . ئۆزىنىڭ ئىختىدارسىزلىقى تۈپەيلى ئوردىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا مىسىلسىز تەس كۈنگە قالغان مۇشۇنداق ئەھۋالدمۇ ، پادىشاھ لى لۇڭجى – تاڭ شۈەنشۇڭ ، سەلتەنەت تەختىنى بوشىتىشنى خالىمىغان . ئوغلى لى خىڭ ياشانغان دادىسىنىڭ بۇ قەدەر ئۆزىنى بىلمەسلىكىگە چىداپ تۇرالماي ، چاڭئەننىڭ 500 كىلومېتىر غەربىدىكى لىڭۋۇ (نىڭشىيانىڭ لىڭۋۇ ناھىيىسى) غا بېرىپ شىمالى ئايماق لەشكەرلىرىنىڭ ھېراۋۇلى ، سەركەردە گاۋزېيى بىلەن بىرلىكتە قالدۇق قوشۇنلارنى توپلاشقا كىرىشكەن . 756- يىلى نويابىردا ئۇ لىڭۋۇدا ئۆزىنىڭ تاڭ سولالىسىنىڭ سەلتەنەت تەختىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىى جاكارلىغان . لىخىڭنىڭ سەلتەنەتتىكى نامى تاڭ سۈزۈك دەپ ئاتالغان . ئۇ چىڭدۇغا قېچىپ بىرۋالغان دادىسى لىلۇڭجىڭنى شاھنىشاھ دەپ جاكارلىغان . بۇ چاغدا ئۆڭلۈك قوشۇنى غەربىي ئاستانە چاڭئەننى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئىشغال قىلىپ ، ئۆڭلۈك ئۆزى پادىشاھ دەپ ئاتىغان . پۇقرالار جىنىنى ئېلىپ قاچ – قاچقا چۈشكەن .


«تەيپىڭ يازمىلىرى» دېگەن كىتابتا «تىيەنباۋنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئەنلۇشەن توپىلاڭ چىقاردى ، ئوتتۇرا ئېقىم داڭقەندەك قاينىدى ، كىشىلەر جەنۇبقا قاراپ قاچتى» دېيىلگەن . ئۇرۇش خانىۋەيرانلىقى ئىچىدە جەنۇبقا قاراپ قاچقان ئاشۇ يۈز مىڭلىغان بىگۇناھ ئاۋام – پۇقرا ئىچىدە تاڭ سۇلالىسى ئىچىدىكى داڭلىق ئۈچ شائىرنىڭ بىرى بولغان دۇفۈ (712-770) مۇ بار ئىدى . ئۇ «يۈرەك سۆزۈم» دېگەن شېئىرىدا مۇنداق ئىپادىلەنگەن :


ياز كېلىپ باسقاندا يەرنى ئوت – گىياھ

يول ئېلىپ قاچتىم بەدەر مەغرىب تامان.


پۇتتا كەندىر كەش ، ئۇچام جۇل-جۇل ئىدى،

قىلدى قوبۇل مېنى شۇ تۇرقۇمدا خان .


ئوردىدا ھەم دوستلار ئېچىندى ماڭا بەك ،

كەپتۇ دەپ گۆر ئاغزىدىن ئېسەن-ئامان.


شائىر دۇفۇ ئىنتايىن خەلقپەرۋەر روخقا ،ھەم رېئال ، ئەملى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغدان ئىجادىيەت خاھېشىغا ئىگە شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆڭلۈك- سۈيگۈن توپىلىڭىنىڭ ئالدى – كەينىدە ، شۇ چادىكى تارىخى رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نۇرغۇن شېئىر يازغان . كېيىنكىلەر دۇفۇنىڭ بۇ خلدىكى شىېئىرلىرىنى تەرىپلەپ«شېئىرىي تارىخ» دەپ ئاتاشقان . ئۇ چاڭئەن شەھىرى قولدىن كەتكەندىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق رېئاللىقنى ئەلىس ئەتتۈرگەن «ماكانسىز قالغاندىكى جۇدالىق» ، «پالاق ئۇرۇپ خەنياڭغا بېرىش» دېگەن شېئىرلىرىدا مۇنداق مىسرالارنى يازغان :


تىيەنباۋ يىلى ئۆڭلۈك – سۈيگۈن غوۋغا پەيتى،

چوڭ – كىچىكلەر پىتىراپ ھەيران قېچىپ كەتتى.


مەلىمىزدە يۈز ئۆيكۈكتىن قالماي بىرى ،

باغۋاراننى خوخا – يانتاق بېسىپ كەتتى .


ھاياتلارنىڭ ئىز – دېرىكى بولماي تۈگەل ،

ئۆلگەنلەرمۇ يەر تەكتىدە چىرىپ كەتتى .


قوشۇنىمىز جەڭدە بولۇپ تىرپىرەن ،

شۇ قاچقانچە قەدىمىم ئۆز يۈرتقا يەتتى .


يىغا – جېدەل قايغاپ كەتتى پۈتۈن ئەلدە ،

نەگە بارساڭ يول – جىلغىلار ئىس – تۇمانلىق .


تەن – جەسەتلەر دۆۋە – دۆۋە ، گىياھ بوسلۇق ،

قان ئاقمىغان يا تۈزلەڭ يوق ، يا توقايلىق .


نە ھاياتلىق قالدى بۇندا ، ھەممىسى كەتتى ئۇچۇپ ،

ئۇزاتقىلى چىقماس بىرەرسى ياتىدۇ قورقۇپ مۈكۈپ .

قالدى كىشىنەپ ئوتتۇرا ئىقلىمدا روڭلانىڭ ئېتى ،

قانچە كۆز تىكسەڭ يىراققا كۆرەنمەس گىياھىي – چۆپ.


بۇ سېرىق باش دېدى قوۋۇمنىڭ پەرزەنتلىرى ،

غەربىي قاسناقتىن كېلىپ قىلدى پاراكەندە ئەجەب .

ئات مىنشسە توپ بولۇپ ، غۇي قىلىپ ئۆتەر ئۇيان ،

ئەگرى يادىن ئوق ئۆزەر ، تۇرار قىلىچلارنى بىلەپ .


قالمىدى بۇ قىشلىقى ئون ئۆيدە بىرمۇ ياش يىگىت ،

ئاقتى قان چىنتاۋ يېرىدە سۇ بولۇپ دولقۇنلىنىپ .

بىپايان ۋادا ياتار تىمتاس ، يوق جەڭدىن دېرەك ،

چۈنكى قېرىق مىڭ لەشكەر بىر كۈن ئىچىدە كەتتى ئۆلۈپ .


تاڭ سولالىسى ئىككى پايتەختتىن ئايرىلىپ ، قوشۇنلىرى تىرىپىرەن بولۇپ ، خەلق خانى ۋەيران كۈنگە قېلىپ ، ئىسيانچىلارنىڭ ئاتامانى ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىۋالغان مۇشۇنداق شارائىتتا ، تاڭ سولالىسى ئىسمى بارۇ جىسمى يوق ھالغا چۈشۈپ قالغان . ئۇنڭ ئۈستىگە تاڭ سولالىسى ئېغىر ھالدا قالغان مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە ، قوشۇخاندىن قۇتۇلغان تۈبىتلەر پۇرسەت پەرەسلىك قىلىپ گەنسۇ تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىپ زېمىن ئىگىلىۋېلىش كويىغا كىرگەن . تاڭ سولالىسى قاتمۇ قات قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىپ تېخىمۇ ئېغىر كۈنگە قالغاندا ، يېڭىدىن خانلىققا چىققان پادىشاھ لى خىڭ ۋەزىيەتنى ئوڭلاش ئۆمىدىنى سەددىچىڭننىڭ شىمالىدا دەۋران سۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر خانلىققا باغلاپ ، نائىلاج ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى مۇيۇنچوردىن ھەربىي ياردەم سوراپ گوزېي باشلىق ئىككى سەركەردىنى ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن . تارىخچى گومىيلېۋنىڭ «قەدىمكى تۈرۈكلەر» دېگەن كىتابتا يېزىشىچە «مويۇنچۇر قاغان تاڭ سولالىسى سەركەردىسى كوزىينى ئاۋۋال بۆرە باشلىق بايراققا تەزىم قىلدۇرۇپ ، ئۇشبۇ مۇراسىمىنى بېجىرگەندىن كېيىن ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغان » دەپ كېلىشىم تۈزۈلگەن ھەم «تاڭ سولالىسى ھەر يىلى ئۇيغۇر خانلىقىغا 20 مىڭ تو يىپەك مال سوۋغا بېرىش ھەم ئۇيغۇر ئاتلىرىنى سېتىۋېلىش » دېگەن مەزمۇندىكى سودا توختامنامىسىمۇ تۈزۈلگەن . كېىلىشىم بويىچە مۇيىنچۇر قاغان چوڭ ئوغلى تايبىلگە تۇتۇق يابغۇ بىلەن ۋەزىر دىدي (دەدە) باشچىلغىدا 4000 كىشىلىك خىللانغان ئاتلىق لەشكەرلەرنى تاڭ سولالىسىگە ياردەمگە ئەۋەتكەن . ئۇلارنى تاڭ سولالىسىنىڭ يېڭىدىن تەختكە چىققان پادىشاھى تاڭ سۈزۈك ئۆزى كۆتۈۋالغان . تاڭ سۈزۈك شۇ يەردىلا ئوغلى لى يۈنى تاي بىلگە تۇتۇق يابغۇ بىلەن ئاكا-ئۇكا بولۇشقا دالالەت قىلغان . ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنى سەركەردە گوىيىنىڭ قوشۇنى بىلەن 757- يىلى پايىتەخت چاڭئەننىڭ غەربىدىكى فېشۈي دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئۆڭلۈكنىڭ ئىسيانچى قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىشقا ھازىرلانغان . ئۆڭلۈكنىڭ ئىككى سەركەردىسى 100 مىڭ كىشىلىك لەشكىرى بىلەن شىمال تەرەپتە سەپ تارتىپ تۇراتتى . سەركەردە گوزىي باشچىلىقىدىكى تاڭ سولالسى قوشۇنىنىڭ سېپى 30 چاقىرىمغا سوزۇلغان . دەسلەپ ئۆڭلۈك قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى لى گۇيرېن ھەيۋە بىلەن كېلىپ تاڭ سولالىسى قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىپ ، قاتتىق ئەنسىزلىك پەيدا قىلغان . مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە «ئۇيغۇر قوشۇنى تۇيۇقسىز ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىپ قاراقچىلار قوشۇنىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان . چۈشتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكىچە قاراقچىلاردىن 60 مىڭى ئۆلتۈرۈلگەن» (لىۇزىشاۋ : «ئۇيغۇر تارىخى » 1.قىسىم 1.كىتاب 101-بەت). بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا توپىلاڭچى قوشۇننىڭ شەنشى تەۋەسىدىكى كۈچى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ، شۇنڭ بىلەن تاڭ سولالسىنىڭ پايتەختى چاڭئەن قايتىدىن تاڭ سولالىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەن . بۇ چاغدا چاڭئەندە ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىۋالغان ئۆڭلۈكنىڭ ئىككى كۆزى قارىغۇ بوپ قالغان بولۇپ ، شۇ سەۋەبتىن جىلىخۇر بوپقالغان . كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ تېرىكىپ ئادەم ئۆلتۈرىدىغان مۇتتەھەم ئادەتكە كۆنىۋالغان ، بىر قېتىم ئوغلى بىلەن ئىككىسىنىڭ ئوتتىرسىدا تالاش – تارتىش يۈز بېرىپ ئۇ ئوغلىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا ئوغلى ئەن چىڭشۇ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن . خېڭشۈي دەرياسى بويىدىكى ئۇرۇشتا ئۆڭلۈك قوشۇنى ئېغىر تالاپەتلە ئۇچرىغاندىن كېيىن ، چاڭئەننى تاشلاپ لوياڭغا قاچقان . توپىلاڭچىلارنىڭ ھەش-پەش دېگۈچە مەغلۇپ بولۇپ چاڭئەننى تاشلاپ قېچىشى تاڭ سولالىسىنىڭ پۇقرالىرىنى قاتتىق شادلاندۇرۇۋەتكەن . شائىر دوفۇ بۇ چاغدا «شىمالغا سەپەر» دېگەن مەشھۇر شېئىرىنى يېزىپ ئۇيغۇر قوشۇنلىرىغا ئاتاپ مۇنداق مىسرالارنى پۈتكەن:


كەپتۇ بەشمىڭ لەشكەرلىرى سەپ-سەپ بولۇپ ،

بىر تۈمەنچە ئارغىماقنى چاپتۇرۇپ .


لەشكىرى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇڭقارئىكەن،

ياۋ سېپىگە ئوقسىمان ئۇچار ئىكەن .


شاھ ئۆمىدىنى باغلىدى ،

باشقىچە گەپكە قولاقمۇ سالمىدى .


بۇ چاغدا ئۇيغۇر قوشۇنلىرى باشقا تۈزۈشكەن كېلىشىمدىكى شەرت بويىچە چاڭئەن شەھىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقچى بولغاندا ، پادىشاھنىڭ ئۇيغۇر شاھزادىسى بىلەن ئاكا-ئۇكا بولۇشقا ئوغلى لى يۈ شەرقىي ئاستانە لوياڭنى قايتۇرۇۋېلىش توغرۇلۇق تەكىپ بەرگەن .


شائىر دوفۇ گەرچە ئىككى تەرەپ ئوتتىرىسىدىكى ئىچكى كېلىشىمدىن خەۋەرسىز بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ لوياڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشىغا قاتلىششىنى تازا خالىمىغان . بۇ ئەندىشىلىك ھېسياتىنى تۆۋەندىكى مىسرالارغا پۈتكەن:


بىزگە شېئىرلىككە خان مايىل ئىكەن ،

ئات مىنىشكە لەشكەر قابىل ئىكەن .


بىلسىمۇ ئۇلارنى دەپ مىڭ قەيسىران ،

قانچە ئاز كەلتۈرسە ئەۋزەل بىگۇمان .


ئالغىلى لوياڭنى كۈچ كەتمەس ئىدى،

بەلكى چاڭئەنگە ھوجۇملا بەس ئىدى .


ئەمدىكى ئۇرۇش شەرقى ئاستانە لوياڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى ئىدى . بۇ قېتىمقى ئۇرۇش مۇھىم ھەرىبىي بازا شىندىيەن قەلئەسىدە بولغان. ئۆڭلۈكنىڭ ئوغلى ئەن چېڭشۈ بۇ يەردە 100 مىڭ كىشىلىك لەشكەر بىلەن تاڭ سولالىسى قوشۇنىنىڭ شەرىققە يۈرۈش قىلىشنى توسىماقچى بولغان تارىخچى ليۇزىشاۋ ئەپەنىدى «ئۇيغۇر تارىخى» ناملىق كىتابىدا «ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرى» نامىلىق مەشھۇر كىتابىنىڭ 220- جىلدىدە قالدۇرۇلغان بۇ قېتىمقى ئۇرۇش توغرىسىدىكى مۇنۇ خاتىرىنى نەقىل ئالغان : «گوزىيى سەردارلىقىدىكى تاڭ سولالىسى قوشۇنىنى شىندىيەندە باندىتلار بىلەن ئۇچراشقاندا باندىتلار تاغ بويىدا سەپ تۈزگەنىدى . گوزىي دەسلەپكى ئۇرۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى . باندىتلار تاغدىن چۈشۈپ ھوجۇمغا ئۆتتى . ئۇيغۇرلار تاغنىڭ جەنۇبىدىن باندىتلارنىڭ ئارقا تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىپ جاھاننى چاڭ – توزان قاپلاپ كەتكەن ئەھۋالدا ، باندىتلارغا قارتىپ يادىن ئون نەچچە تال ئوق ئۈزگەنىدىن كېيىن ، باندىتلار ۋەھىمىگە چۈشۈپ پادىشاھلىق قوشۇن بىلەن ئۇيغۇرلار باندىتلارنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ ئۇلارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇلارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى . دۈشمەن جەسەتلىرى پۈتكۈل دالانى قاپلاپ كەتتى» بۇ قېتىمقى ئەجەللىك زەربە ئارقىلىق تاڭ سولالىسى لوياڭنى قايتۇرۇۋالغان . ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىگە كەلگەن 4000 مىڭ كىشىلىك قوشۇننىڭ تەڭداشسىز باتۇرلۇقى نەتىجىسىدە 20 كۈندە تاڭ سولالسىنىڭ ئىككى پايتەختى قايتۇرۇۋېلىنغان . تاڭ سولالىسى ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ توپىلاڭنى تىنچىتىش داۋامىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىگە يۈكسەك ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر تارىخى» نامىلىق كىتابىدا «يېڭى تاڭنامە» ناملىق ئەسەرنىڭ 217-جىلدىدىن ئېلىنغان مۇنداق ئىككى كوپىلېت شېئىر مىسال قىلىنغان


خەۋپ-خەتەر كەلگەندە باشقا بولدى ھەمدەم بىر نىيەت ،

جەڭدە كۆرسەتتى جاسارەت، تۆھپىسى بولدى نىھەد .

گەرچە تۇرساقمۇ يىراقتا كۆڭلىمىز رىشتى تۇتاش ،

تا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس بۇنداق سۈپەت .


بىز ئۈچۈن چەكتى جاپا شەرتسىز كېرىپ كۆكرەنى كەڭ ،

ئالمىدى ئارتۇق نېسىۋە خىزمىتى ئۈچۈن پەقەت .

ئاي بىلەن كۈنگە ئۇلارنى بولىدۇ تەڭلەشتۈرۈپ ،

ياشىغاي پەزىلىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئەبەد


تارىخچى لىن گەن ، گاۋزىخۇ ئەپەندىلەر يازغان «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى» نامىلىق كىتابىدا ئۇيغۇر قوشۇنلىرى بىلەن ئۇيغۇر قاغانىنىڭ شاھزادىسى تاي بىلگە تۇتۇق بايغۇنى مەدىھلەپ «تاڭ يارلىقلىرى» توپلىمىغا پۈتۈنلەي تۆۋەندىكى قەسىدە مىسال كەلتۈرۈلگەن :


قەددى – قامەتتە كېلىشكەن پاراسەتتە تەڭداشسىز ،

ۋەدىسىدىن يانمايدىغان ئۇيغۇر قاغانى يابغۇ .

تۈمەنلىگەن ياۋ ئۈستىدىن كەلدى غالىپ ،

شۇڭا ئۇ بەگلەر سەردارى بولۇشقا لايىق …

ئۇ پەم-پاراسەت بىلەن ئاتلاندى جەڭگە ،

قالدى ئون مىڭ چاقىرىم مۇساپە يىراقتا، قىلدى شىددەتلىك يۈرۈش.

توختىماي يۈرگەچكە شۇنچە جاسارەت بىلەن ،

ياندى قولغا يىگىرمە كۈندە ئىككى پايىتەختىمىز …

ئاي-كۈن كەبى ئۆچمەس تۆھپىسى شۇنچە نۇرانە ،

ياشىغاي پەزىلىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تائەبەد


ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرى ئىككى خانلىقنىڭ ھەمكارلىق ، دوستلۇق تارىخىغا زور تۆھپە قوشقان بولسىمۇ ، ئەمما ئاخىرىدا يەنە ئەپسۇسلىنارلىق بىر سەھىپىنىمۇ قالدۇرغان . ئۇلار بۇنداق كۆڭۈلسىزلىكنى پەيدا قىلىشتا باشتا تۈزۈشكەن كېلىشىمدىكى شەرتكە ئېسلىۋېلىشقان ، ئۇلار كېلىشىم بويىچە «شەھەر – يۇرتلار قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن يەر زېمىن بىلەن پۇقرالار تاڭ سولالسىگە قايتۇرۇلىدى ، ئالتۇن – كۆمۈش بىلەن يىپەك – شايىلار ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولىدۇ («ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۆرنەكلەر » دىن ئېلىندى ) دەپ چاڭئەن بىلەن لوياڭ شەھىرىنى ئۈچ كېچە – كۈندۈز بۇلاڭ – تالاڭ قىلغان . تاڭ سولالىسىنىڭ قوشۇنلىرى كۆرمەسكە سالغان . بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن شائىر دوفۇ چەكتىن ئاشقان بۇ قىلمىشقا نەپرەتلىنىپ مۇنداق مىسرالارنى يازغان :


«ئۈزۈملۈك ئايۋان سارايلار ئىچىدە

گۆش يېمەكتە ئۇيغۇرلار بەزمە قورۇپ . »


«ئاخىرى نەشتەر سانجىغان زەھەرلىك ھەرە»


«تا قەدىم ئەييام بۇلار ئايەت ئىدى ،

شائىرلارنىڭ يازغىنى نەپرەت ئىدى .»


«غۇز دېگەن بۇ بىر نېمىلەرنى يېقىن تۇتساڭ ئەگەر ،

بول پەخەس ، بېرىش-كېلىشتە چىقار خەتەر .»


«يېنىمىزدا بار ئىكەن ئۇلار ھامان ،

تۈگىمەيدۇ دەد-ئەلەم ، دىلدا يىغان .»


ئۇيغۇر قوشۇنلىرى چاڭئەن ، لوياڭلارنى ھەددى ھېسابسىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلغاچقا «شەھەر ئاقساقاللىرى ئۇيغۇر لەشكەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ : تەرتىپسىزلىك توختىتىلسا ، سىلەرگە لازىم بولىدىغان يىپەك رەختلەرنى بىزلا بەرسەك ، دەپ نۇرغۇن نەرسىنى سوۋغا قىلغان .» پادىشاھ تاڭ سۈزۈك ئۇيغۇرلارنىڭ لەشكەر چىقىرىپ توپىلاڭنى تىنچىتىپ بەرگىنىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن 758 – يىلى پەزىمان چىقىرىپ مويۇنچۇر قاغانغا «تەڭرىدىن بولمىش ئەل ئەتمىش بېلىگە قاغان» (تەڭرى تەرىپىدىن ئولتۇرغۇزۇلغان ، دۆلەتنى تەشكىللىگەن دانىشمەن قاغان) دېگەن ئاتاقنى بەرگەن . كىچىك قىزىغا «نىڭگو مەلىكە – » دۆلەتنى ئەمىن تاپقۇزغۇچى مەلىكە ) دەپ نام بېرىپ ، مۇنچۇر قاغانغا ياتلىق قىلغان . «سۈي – تاڭ سولالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلەر» نامىلىق كىتابىدا «كونا تەڭنامە» 195- يىلىدا «ئۇيغۇر ھەققىدە قىسسە» دىن ئېلىنغان نەقىلدە مۇنداق دېيىلگەن : «پادىشاھ تاڭ سۈزۈك زىياپەتتە تاي بىلگە تۇتۇق يابغۇنى يۈز تۇرانە مەدھىيىلەپ : خانلىقىمىزدا مۇشۇنداق زور ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى پۈتۈنلەي سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ پىدايلارچە كۈچ چىقارغانلىقىڭلاردىن بولدى . ئۇيغۇر يابغۇسى جاپالىق شارائىتتا تۆھپە يارىتىپ قوشنا ئەلنى مەردىلىك بىلەن ساقلاپ قالدى . ئارىمىزدا ھازىرغىچە بۇنداق ئىشنى بىراۋ ئاڭلاپ باققان ئەمەس … ئۇيغۇر يابغۇسى تالانتتا تەڭداشسىز ، مەرتىۋىدە ئەڭ ئۈستۈن تۇرغۇسىدۇر . جاھان بۇزۇلۇپ ، يامانلىق ئەۋج ئالغان ، ئوتتۇرا ئىقلىم قولىمىزدىن كېتىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيتتە خانلىقىمىز قوشۇن تارتىپ چىقىپ ، پەم-پاراسەت بىلەن ياۋۇز دۈشمەنلەرنى جازالىدى . بىرلا غەيرەت بىلەن تۈمەن چاقىرىملاپ جاينى تازىلاپ ، 20 كۈن ئىچىدە ئىككى پايتاختنى قايتۇرۇۋالدى» دەپ كۆككە كۆتۈرگەن . پادىشاھ تاڭ سۈزۈك ئۇلارغا قوشۇپ نۇرغۇن زىبۇ – زىننەت ، تاۋار – دۇردۇندىن تىكىلگەن ھەرخىل كىيىم – كېچەك سوۋغا قىلغان . نەۋرە ئىنىسى لى يۈ بىلەن جىيەنى لى شۈننى مويۇنچۇر قاغانغا نام بەرگۈچى ئەلچى ، نىڭگو مەلىكىنىڭ توي مۇراسىم بېگى قىلىپ تەيىنلەپ ئۇيغۇر خانلىقىغا خانلىقىغا ئەۋەتكەن . ئەلچىلەر ئۆمىكى سەپەرگە چىققاندا تولىمۇ داغادۇغۇلىق ئۇزىتىلغان . لى يۇ قاتارلىقلار ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ، كېلىنچەك بىلەن تالاي سوۋغا – سالامنى ئېلىپ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى ئوردىبالىققا يېتىپ بارغاندا ، دەسلەپ مۇيىنچۇر قاغان ئۆز تۆھپىسىنى پەش قىلىپ ، تاڭ سولالىسىنىڭ ئەلچەللىرىنى كۆزگە ئىلمىغان . كېيىن ئەلچىلەر تاڭ سۇزۇڭنىڭ مەكتۇبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ، مەكتۇپتىكى «ساداقىتىڭىزگە تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن سۇلالىمىزنىڭ مەلىكىسنى ياتلىق قىلدۇق. مەن ئۆز قىزىمنى يىراق تامانغا ياتلىق قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ مېھرىنى ئىزھار قىلدىم. ئۇ چەت يىراق يۇرۇتقا بارىدۇ، ئۇنى قەدىرلىگەيسىز….››دېگەن مەزمۇنلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتكەن. ئىككىنچى كۈنى چوڭ توي ئۆتكۈزۈپ نىڭگو مەلىكىنى ئەمرىگە ئالغان. سوغدلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىدىن كەلگەن ھۈنەرۋەنلەرگە سېلىنگا دەرياسى بويىدا بايبالىق دېگەن شەھەرنى سېلىشقا بۇيرۇق بەرگەن. مويۇنچۇر قاغان بۇ تارىخىي ۋەقەلەرنى‹‹مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى›› دا مۇنداق خاتىرلەتكەن:‹‹توخۇ يىلى(757-يىل) دا…ئىككى قىزىنى(سوۋغات قىلىپ) بەردى. سۆزىڭىزنى يىرماي دېدى، خاتا ئىش قىلماي دېدى… سوغدلار ۋە تابغاچلارغا سېلىنگا دەرياسى بويىدا بايبالىقنى سالدۇردۇم… ››

‹‹تاڭ دۆلىتىگە ئەمىنلىك ئېلىپ كەلگۈچى مەلىكلەر›› دەپ ئاتالغان چوڭ – كىچىك نىڭگو مەلىكلەر مويۇنچۇر ئاتا – بالىغا ياتلىق بولۇپ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا كەلگەندىن كېيىن، بىر يىل بولار بولمايلا دادا بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرىسىدا ئېغىر زىددىيەت كۆرۈلۈپ، مويۇنچۇر قاغان ئوغلى تاي بىلگە تۇتۇق يابغۇنى نامەلۇم سەۋەب تۈپەيلى جازالاپ ئۆلتۈرگەن. ئۆزىمۇ ئارقىدىنلا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان. مويۇنچۇر قاغاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىدىگەن مويۇي‹‹بۆگۈ قاغان›› دېگەن نام بىلەن 759-يىلى تەختىكە ئولتۇرۇپ، 779-يىلىغىچە دەۋران سۈرگەن.

ئاجايىپ قىزىقارلىق ھەم مۇرەككەپ سۇژىتقا ئىگە كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىشلەشكە، تراگېدىيىلىك مەزمۇنغا ئىگە رومان – قىسسلەرنى يېزىشقا ماتېرىيال بولىدىغان بۇ ۋەقە ھادىسىلەر دەل پورباجىندىن ئىبارەت بۇ لاي قەلئەنىڭ سىرى تىخمۇ روشەن ئېچىلغۇسى.


مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى2008 -يىللىق 1-سانى

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 09:47:27

تارىخ ئۈزۈلمەس،


تارىخ كۆمۈلمەس...

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-6-23 19:23:41

باشقۇرغۇچى بولغاندىنىكىن سىزنىڭكىنى ئۈچۈرۋەتسە بۇلىدۇ.

بەت: [1]
: لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرى