ئاجايىپ سۈرەتلەر! ھەيران قالىسىز...
ئەنگلىيەنىڭ ئىككى سەنئەتكارى جىمى بىك بىلەن كەيۋېن بوگې بىر خىل يېڭى سۈرەتنى خاتىرلەش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلدى ـــ ھەرىكەتلىنىدىغان سۈرەت. بۇ خىل «ھەرىكەتچان سۈرەت» قاراشقا ئادەتتىكى سۈرەتلەردىن ھىچقانداق پەرقى يوقتەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئالاھىدىلىكى شۇكى سۈرەتنىڭ ئاز بىر قىسمى مىدىرلىغاچقا سىز ئۇنىڭغا ئۇزاققىچە قاراپ قالىسىز.
ئىككىنجى سۈرەت ۋوللىۋودنىڭ 80-يللىرىدىكى shiningدىگەن كىنوسى شۇكەنغۇ،شۇ زامانلاردىكى ۋەھىيمىلىك كىنولارنىڭ ئالدىمىشكەن بۇ كىنو........
بىزگە يېڭى Word ئۆتكەندە، خەتلەرنىڭ ھەركەتلىك ئۈنۈمىنى سۆزلىگەندە، قىز ساۋاقداشلىرىمىزدىن بىرى: - بۇنى قەغەزگە باسسىمۇ مۇشۇنداق مىدىراپ تۇرامدۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى، راست شۇنداق بولسا، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى رامكىغا ئېلىپ تاملارغا ئېسىپ قوياتتۇق. ھازىر سۈرەت ئېكىرانى ئىشلەتسەك بولىدۇ، لېكىن كاساپەت بەك قىممەت توختايدۇ بىر سۈرەت ئۈچۈن تامغا ئېسىپ قويۇشقا..قانداق رەسىملەركىن دەپتىمەن تېخى ھەممىسىgifرەسىملەركەنغۇ،باچكىنىڭ قىز ساۋاقداشلېرى دىگەندەك قەغەزغىمۇ ھەركەتلىك قىلىپ باسقىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.بۇنداق رەسىملەرنى ئۆيگە قويۇش ئۈچۈن ئىلىكتىرونلۇق رەسىم رامكىسى ئىشلەتمەكتىن باشقا ئامال يوق.بۇ نەرسىنىڭ ئەرزانلېرى توردا 200يۈەنلەر ئەتراپىدا سېتىلىدىكەن.
ھەركەتلىك رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ياردىمىدە سىن ھۆججەتلىرىدىن GIF قا ئايلاندۇرۇلۇپ ياسىلىدۇ.ئۇلارنىڭ سىنلار بىلەن بىردىن بىر پەرقى ئاۋازى يوق. ئەگەر ئاۋازلىق ھەركەتلىك رسىملەر بولسا ئۇ سىن بولىدۇ. ھازىرقى بىز كۆرىۋاتقان كىنولار ئەمىليەتتە مۇشۇنداق نۇرغۇن GIF لەرنىڭ يىغىندىسى. مەن بىر GIF ھەۋەسكارى. بەزى GIF رەسىملەرگە قاراپ بەك كۈلۈپ كېتىمەن.تىكە ئاداش
باش رەسىمىڭنى ئالماشتۇرمايدىغان بوپ قالدىڭغۇ
ئالماشتۇردۇمغۇ، بۇ ھازىرقى ئەڭ يېڭىسى!
