izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 21:42:15

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى...


مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈ‍زۈلدى



جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18- مارت بېيجىڭ خەۋىرى:


مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 18-ئىيۇن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈ‍زۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر خۈي لياڭيۈ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومېسسارى ليۇ يەندۇڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋۇ يۈن چىموك، ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەي لىچىن، ئابلەت ئابدۇرېشىت قاتارلىق رەھبەرلەر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىرى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىلگىرى بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان مەكتەپداشلاردىن بولۇپ، 1000دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 23:50:38

يەكەن پېداگوگىكا مەكتىۋىدىن 7 ياش كىچىككەن بولمىسا، تەرەققىيات پۇرسىتى بېرىلگەن بولسا، يەنە 3 يىلدىن كېيىن يەكەن پېداگوگىكا مەكتىۋىنىڭ 70 يىللىق تويىمۇ بولۇپ قالاتتىكەن\"\". ھەي تارىخ، ھەي كەچمىشلەر.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-6-20 01:56:18

بىدار قۇتلۇق ئەپەندى ، يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى سېلىشتۇرۋاتامسىز ؟ بۇ جەمىيەتكە ئوتتورا تېخنىكوم سەۋىيىسىدىكى كىشلەر يەنە لازىممىدۇ ؟ تولا دەپ كەتتىڭىز مۇشۇ گەپنى  . يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپىگە بولغان مىھرىڭىزنى ۋە يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپىدە لېكتورلۇق ئۇنۋانى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغىنىڭىزنى چۈشەندۇق . بۇنىڭدىن كىيىن باشقىلارغا مەيدىڭىزگە جىجاپ تۇرۇپ «مەن دىگەن يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ لېكتور ئۇنۋانىدىكى ئوقۇتقۇچىسى » دىيەلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ ئەپسۇسلاندۇق . بولدى بەس ، قەلبىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپتىمىز . ئوقۇتقۇچى بولۇش سالاھىيتىڭىز بىلەن ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش تارىخى بىلەن تەربىيلەش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپلەردىن ۋاز كىچىشنىڭ مۇقەررەرلىكىنى ۋە توغرا يول ئىكەنلىكىنى چۈشىنىڭ ۋە قۇبۇل قىلىڭ .


ئەمدىكى ئىش ، ئۆيىڭىزگە قايتىپ دوپپىڭىزنى ئالدىڭىزغا ئېلىپ قۇيۇپ ، بىر پىيالە قايناق چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ قانداق قىلسام تاققا - تۇققا پاراڭ قىلمايدىغان بولارمەن دىگەننى ئويلىشىڭ .

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-6-20 10:25:49

سەۋىيىڭىز كاللىڭىزغا پاتماي، بېشىڭىز سەل قىززىپ قالغان ئوخشايدۇ.


خەخلەرنىڭ نەچچە يۈز يىللىق، نەچچە مىڭ يىللىق مەكتەپلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ تۇرغان چاغلىرىڭىزدا، ئۇ مەكتەپلەرنىڭ پەيدا بولۇپلا ئاشۇنداق داڭلىق كاتتا ئۇنۋېرسىتىتلاردىن بولۇپ قالغانمۇ؟  ياكى قەلبىي ئويغاق، مەسئۇلىيەتچان، يىراقنى كۆرەر كىشىلىرى بۆشىكىدىلا ئۇجۇقتۇرىۋەتمەي، ئاددى مەكتەپلىكىدىن ئۆزگەرتىپ، بۈگۈنكى ھالەتكە كەلتۈرگەنمۇ؟ سىز دىيارىمىزدا نېمىشقا ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەكتەپلەر يوق، بۇرۇنقى ئاتا بوۋىلىرىمىز مەكتەپ قۇرۇشنى بىلمەي، پەرزەنتلىرىنى قوي پاتىسى كەبى چوڭ قىلغانمۇ ياكى \"ساچىيە ئالى ئوقۇلى\"غا ئوخشاش مەكتەپلىرىمىز ئۆزىنى كاتتا بىلىملىك چاغلىۋالغان، قاپاق كاللا نانقېپىلارنىڭ قولىدا نابۇت بولۇپ، بىزگىچە ئۇلىشالمىغانمۇ، مۇشۇلارنى ئويلاڭ. خىلى چوڭ بولۇپمۇ قالدىڭىز، بالىلىقتىكى لۈكچەلىكىڭىزنى ئەمدە تاشلاپ كاللىڭىزنى سەل سىلكىۋىتىڭ، يەنە تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلار كۆرۈپ قويۇڭ، ھىلىھەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئاشۇ پېداگوگىكا مەكتەپلىرى  رايۇنىمىزدىن خىلى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردىكى مەكتەپلەر(قارىغاندا ئۇ شەھەرلەردە سىزدەك نوچىلار يوق ئوخشايدۇ):


http://yantai.dzwww.com/xinwen/ytxw/ytsz/201106/t20110615_6414679.htm


http://edu.qq.com/a/20110525/000372.htm


http://jc.gansudaily.com.cn/system/2011/06/16/012034018.shtml


http://ori.hangzhou.com.cn/ornews/content/2011-06/15/content_3765617.htm


http://edu.anhuinews.com/system/2011/06/10/004132866.shtml


http://roll.sohu.com/20110607/n309524531.shtml


......................................................


izchilar يوللانغان ۋاقتى 2011-6-20 11:12:12

مەنچە جەنۇبىي شىنجاڭدىمۇ 3~4ئالىي مەكتەپ سالسا ھەممىگە قولايلېق بولاتتى.

tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2011-6-20 12:05:08

نەقىل

بىدار قۇتلۇق ئەپەندى ، يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى سېلىشتۇرۋاتامسىز ؟ بۇ جەمىيەتكە ئوتتورا تېخنىكوم سەۋىيىسىدىكى كىشلەر يەنە لازىممىدۇ ؟ تولا دەپ كەتتىڭىز مۇشۇ گەپنى  . يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپىگە بولغان مىھرىڭىزنى ۋە يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپىدە لېكتورلۇق ئۇنۋانى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغىنىڭىزنى چۈشەندۇق . بۇنىڭدىن كىيىن باشقىلارغا مەيدىڭىزگە جىجاپ تۇرۇپ «مەن دىگەن يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ لېكتور ئۇنۋانىدىكى ئوقۇتقۇچىسى » دىيەلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ ئەپسۇسلاندۇق . بولدى بەس ، قەلبىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپتىمىز . ئوقۇتقۇچى بولۇش سالاھىيتىڭىز بىلەن ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش تارىخى بىلەن تەربىيلەش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپلەردىن ۋاز كىچىشنىڭ مۇقەررەرلىكىنى ۋە توغرا يول ئىكەنلىكىنى چۈشىنىڭ ۋە قۇبۇل قىلىڭ .


ئەمدىكى ئىش ، ئۆيىڭىزگە قايتىپ دوپپىڭىزنى ئالدىڭىزغا ئېلىپ قۇيۇپ ، بىر پىيالە قايناق چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ قانداق قىلسام تاققا - تۇققا پاراڭ قىلمايدىغان بولارمەن دىگەننى ئويلىشىڭ .




Algha يوللانغان ۋاقتى 2011-6-20 21:06:25

ئىزدىنىمەن،


سىز مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىما؟

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-20 23:12:23

مەركىزىي مىللەتلەر ئونىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى قانداقراق،جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەر تىزىملىكىدە قانداقراق ئورۇنغا تىزىلىدۇ؟تۇلۇق ئۈچكە چىققاندا بىزنىڭ سىنىپتىن ئىجتىمائىي پەنگە چىقىپ كەتكەن ئىككى ساۋاقدىشىم مەزكور مەكتەپكە ئۆتكەنتى،ھازىر مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىدىكى شىركەتلەردە ئىشلەۋېتىپتۇ.

tograq يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 16:05:30

مەكتەپنىڭ ئوقوتۇش سۈپىتى خېلىلا ياخشى، گەپ باللىرنىڭ ئۆزىدە بولۇپ قالدى. قارىسام باللاردا چۈشكۈنلىشش، نارازى بولۇش ئالامىتى كۈچلۈككەن .

بەت: [1]
: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى...