zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 12:55:24

ئۆزىڭىزگە زىيادە ئىشىنىپ كەتمەڭ

ئۈچ ئادەم تولىمۇ خەتەرلىك بىر تىك قىيادىن ئۆتمەكچى بۇپتۇ،ئۇلاردىن پەقەت بىرىلا ساغلام ۋە ئەقىللىق ئادەم ئىكەن،قالغان ئىككىسىنىڭ بىر ئەما يەنە بىرى گاس ئىكەن،ئۇنداقتا ئۇلار قايىسىسى بۇ خەتەرلىك قىيادىن بىخەتەر ئۆتەلەيدۇ ؟

ئەما ئادەم جىلغا ئاستىدا شىددەتلىك دۇلقۇنلاپ ئېقىۋاتقان دەريا ئېقىنىنى ،خەتەرلىك تاغ يولىنى كۆرەلمىگەچكە ،ھەر بىر قەدىمىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېلىپ ،كۆۋرۇكتىن بىخەتەر ئۆتۇپ كېتىپتۇ،گاس ئادەممۇ كىشىنى شۈركەندۇردىغان شاۋقۇننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىغاچقا ،پۇتۇن زىھنىنى مەركەزلەشتۇرۇپ ،زەنجىرنى مەھكەم تۇتۇپ مېڭىپ ،كۇۋرۇكتىن ئامان ئېسەن ئۆتۇپ كىتىپتۇ.

ساغلام ۋە ئەقىللىق ئادەم كۆۋرۆكتىن ئۆتىۋاتقاندا ئۇزنىڭ كۆزىگە قىرغاققا زەرب بىلەن ئۇرۇلىۋاتقان ھەيۋەتلىك سۇ دۇلقىنى كۆرۇنۇپتۇ ،قۇلىقىغا دەھشەتلىك شاۋقۇن ئاۋازى سۇرلوك ئاڭلىنىپتۇ--دە شۇ ھامان سۇر بىسىپتۇ ھەم قۇرىققىندىن جىددىلىشىكە باشلاپتۇ،نەتىجىدە ئۇ كۇۋرۇكتىن ئۇتىۋىتىپ ئېھىتىياتدىسزلىقتىن دەرياغا چۇشۇپ كىتىپتۇ .

دەرۋەقە ،بۇ ھىكايىدىن شۇنى چۇشنىۋالغىلى بۇلىدىكى ،كىشىلىك ھايات دەل زەنجىر كۇۋرۇكتىن ئۆتكەنگە ئۇخشايدۇ ،،بىزنى مەغلوبىيەتكە ئۇچرىتدىغىنى قاندۇقتۇر كۇچ -قۇدرەتنىڭ ئاجىزلىقى ،پايىدىسىز ئامىللارنىڭ كۇپلىكى بۇلماستىن ،بەلكى ئۇزىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئارتۇقچە چاغلاپ ئۇزىمزىگە زىيادە ئىشىنىپ كىتىپ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تەرەپلەرگە دىققەت قىلمىغانلىقىمىز ،زىھىن-قۇۋۋىتمىزنى ئاشۇ گاس ،ئەما ئادەملەردەك بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۇرمەسلىكىمىز ،تۇسالغۇغا ئۇچرىغاندا ئېھتىياتچان بۇلماي ،قىلۋاتقان ئىشمىزغا سەل قارىغانلىقىمزدىن دېرەك بىرىدۇ خالاس .


مەنبە:پەن ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىدىن

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 13:16:42

\"\"\"\"


قىزىق ھىكايىلەرنى توقۇيدىلەنسىلەر


يەنە بارمۇ دىگۈدەكلا

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 13:43:30

ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ!


ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ كەتمەڭ!


قانداق قېلىشنى ئۆزىڭىز بىلىڭ!\"\"

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 14:20:58

ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ كەتمەڭ! ئەمەس ئۆزىڭىزگە زىيادە ئىشىنىپ كەتمەڭ دەپتۇ ....



بىلەرمەنلىك،پوچىلىق،مەمەدانلىق ئىنسان ئۈچۈن يامان ئىللەتتۇر...

emperor يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 14:39:21

شۇ ئۆزىگە ئىشەنمىگەچكە چۈشۇپ كېتىپتىغۇ، يۇمۇر  ھېكايىكە

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 14:49:06

\"\"


ماڭىمۇ شۇ يېرى قىزىق تۇيۇلدى

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 20:47:08

ھېلىقى بىر ھېكايە بار ئىدى


بىر توپ چۈمۈلە دەرەخكە يامىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپتۇ ، بەك ئېگىز دەرەخكەنتۇق ، چۈمۈلىلەر بىر بىرلەپ سەپتىن چۈشۈپ قېلىپ ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت بىرلا  چۈمۈلە  يامىشىپ چىقالاپتۇ .شۇنىڭ بىلەن رىياسەتچى چۈمۈلە سوراپتۇ : سىزقانداق قىلىپ مۇشۇنداق ئېگىزگە يامىشىپ چىقالىدىڭىز ، پەسكە قاراپ قورقمىدىڭىزمۇ ؟


ئۇ چۈمۈلە  ھەيران بولغان ھالدا :


-نېمە ؟ شۇنچىۋالا ئېگىزمىدى ؟ مەن تېخى تۈزلەڭلىكتە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بولغان چېغى دەپتىمەن .


ئەسلى ئۇ چۈمۈلە  قارىغۇ ئىكەنتۇق .

بەت: [1]
: ئۆزىڭىزگە زىيادە ئىشىنىپ كەتمەڭ