izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 09:56:58

ئۇيغۇر نەۋائىي(ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي)

ئىزدىنىمەندىن:

يېقىندا پايتەخت بېيجىڭدا ئېچىلغان ئەلىشىر نەۋائىي تىمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇستاز ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ئەلىشىر نەۋائىينى باشقا مىللەتكە تەۋە قىلىپ كۆرسەتكۈچىلەرگە رەدىيە بەرگەن ھەم تارىخى پاكىت،دەلىل-ئىسپاتلىرى ئارقىلىق ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان...



ئۇيغۇر نەۋائىي




(ئەلىشىر نەۋائىي تەۋەللۇتىنىڭ 570 يىللىقىغا ئاتاپ)


مىلادىيە بىر مىڭ تۆرت يۈز قىرىق بىردە،

خۇراساننىڭ پايتەختى ھىرات شەھرىدە.

كۆز ئاچتى دۇنياغا ئەلىشىر نەۋائىي،

غىياسۇددىن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئۆيىدە.


لاپ گەپ ئەمەس بۇ ئۆزىمىزچە دېۋالغان،

جاھان تونۇق ئېنىق ھۆججەت ئاساسى بار،

دەيدۇ «تارىخى رەشىدىي»(1) زەر نامىنى،

«مىرزا ھەيدەر كوراگان» دەپ ئىمزاسى بار.


نەقرات:


نەۋائىي، نەۋائىي، ئى، ئۇيغۇر نەۋائىي،

باشقىلارنىڭ بولماغاي ساڭا دەۋايى!


ئۇنىڭسىزمۇ «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»(2)

شاھىدلىقتا بەجايىكى ئابىدە تاش.

شەرھلەنگەن تۆرت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش،

نەۋائىينىڭ كىملىكىگە بولۇپ قانداش.


ئەلىشىر ئىبنى غىياسۇددىن نەۋائىي،

ئىپتىخارلىق بوۋىسىدۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ،

بۈيۈك مىراس ئەمگەكلىرى ئالەمشۇمۇل.

خەزىنىسى جەسۇر روھى ئەۋلادلارنىڭ.


نەقرات:


نەۋائىي، نەۋائىي، ئى، ئۇيغۇر نەۋائىي،

ساڭا دىلدىن مۇجەسسەم ئەلنىڭ دۇئايى!


2011-يىل 11- مارت، بېيجىڭ.




ئىزاھات:


(1) مىلادىيە 1551-يىلى، مىرزا ھەيدەر كوراگان تەرىپىدىن يېزىلغان مەشھۇر تارىخ كىتابى. ئۇنىڭدا: «ئەلىشىر نەۋائىينىڭ دادىسى ئۇيغۇر ئۇقۇمۇشلۇقلىرىدىن بولۇپ، ئىسمىنى ‹غىياسۇددىن كىچىكىنە› دەر ئەردىلەر» دېيىلگەن.




(2) بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي تەرىپىدىن 1449-يىل يېزىلغان مەشھۇر تىلشۇناسلىق ئەسىرى.





ئاپتورى:مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور، دوكتورانت يېتەكچىسى،ئۇيغۇر تىل-تارىخى،مەدەنىيەت  تەتقىقاتچىسى ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 21:43:54

دوكتۇرە ئامانگۈلنىڭ مۇشۇ يىغىندا سۆزلىگەن \"نەۋائىي ئەسەرلىرىدىكى ئاستورونىمىيىلىك بىلىملەر\" مۇ ئىشقىلىپ شۇنداقراق ماقالىسى بەك يارىغانتى ، يىغىندىن چۈشۈپ ئارقىسىدىن شۇنچە چاپساممۇ يۈتتۈرۈپ قويغان ئۇ قىزنى ،،،، شۇ ماقالىسىنى تاپسام بولاتتى ھەي !!!ئاڭلىسام ئاسپىرانتلىق ئىلمىي ماقالىسىكەنتۇق .

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 22:01:58

ئۇستاز ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينى ئىزدەپ باقسىڭىز چوقۇم تاپالايسىز...

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 22:09:57

ئۈستاز نىمە دىمەكچى بولغانلىغىنى ماقالە قىلدىغان ئىشكەندۇق . نقىرات دىگىنى نىمىسى ئەمدى ؟ بۇ ناخشىما ؟

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-18 08:18:03

ھەر ئىككى كۇبلىت ياكى ئۈچ كۇبلىتلار ئارىسىدا تەكرارلىنىپ كىلىدىغان ئىككى مىسرا نەقرات دىيىلەمدىكىن...
بەت: [1]
: ئۇيغۇر نەۋائىي(ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي)