izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 09:43:32

سىلەر ئۈچۈن شائىر بولغانمەن...

سىلەر ئۈچۈن شائىر بولغانمەن





مۇھەممەدجان راشىدىن




بۇ دۇنياغا تەڭرىم چاچقان ئاددى بىر دان مەن،


ئەتىمالىم، ئەلمىساقتىن، شۇڭا دېھقان مەن.


قەلەملىرىم ئۆمرۈم بويى ئانىلارغا قۇل،


دېمەك، ئاۋۋال سىلەر ئۈچۈن شائىر بولغانمەن.




خىياللىرىم كېزىپ يۈرەر مەھەللەڭلارنى،


بىلمەيسىلەر: ئۆيۈڭلاردا كۈندە مېھمانمەن.


يوشۇرمايمەن يۈرىكىمنى، بىلگۈڭلار كەلسە،


شوئارىم شۇ: تەشناغا سۇ، ئاچلارغا نانمەن.




پەزىلەتتە ئانىلارنى كامالەت، دەيمەن.


لېكىن، ئۆزۈم دىيانەتتە جىمىدىن خاممەن.


ئارمانىم بار، دەرمانىم يوق، شۇڭا سىلەرنى ،


تەسۋىرلەشتە، كەچۈرۈڭلار، تالايدىن كاممەن.




تونۇرلاردا پىشقۇم كېلۇر سىلەر نان ياققان،


قايدا بولسام، سىلەر بىلەن بىر تەن، بىر جانمەن.


كۆيۈپ كەتسە شۇ تونۇردا بىر تال چېچىڭلار،


مەنمۇ شۇئان چىدالماستىن كۆيۈپ يانغانمەن.





چىن پۈتمەيمەن: نۇر بار، دېسە يازغانلىرىمدا،


لېكىن ئۆزۈم سىلەر ئۈچۈن يېقىلغان شاممەن.


سىلەر سوزغان لەغمەنلەرگە تەسۋىر تاپالماي،


ياشلىقىمدا قانچە قېتىم داغدا قالغانمەن.




سىرلىرى شۇ ئەل ماختىغان شائىرلىقىمنىڭ،


مەن ئىلھامنى سىلەر ياققان ناندىن ئالغانمەن.


«ئۇۋىسى» دىن ئۇچقان قىزلار ئانا بولماقچى،


شۇڭا، قىزىم شەرىپىگە بەزمە قۇرغانمەن.




تاللا دېسە بۇ دۇنيالىق تۆھپىكارلارنى،


ئەڭ ئاۋۋىلى ئانىلارغا چاۋاك ئۇرغانمەن.


ئانىلار سىز ئامىتىم يوق، قامىتىممۇ يوق،


سىلەر بىلەن خەمەك تاشلاپ، پېلەك يايغانمەن.




قىلىپ قويۇپ ئەزىز ئانام «قىلما!» دېگەننى،


يوشۇرمايمەن: كۈندە تېنەپ، كۈندە قايغانمەن.


چاڭقىغاندا ئانام تۇتقان چۆمۈچنى كۆرسەم،


قانچە قېتىم سۇ ئىچمەيمۇ سۇغا قانغانمەن.




قەيسەرلىكنىڭ سىلەر بەرگەن قىلىچى بىلەن،


تالاي جاپا-مۇشەققەتنى يولغا سالغانمەن.


قانداق روناق تاپتىڭ؟ دېگەن سوئال نە ھاجەت،


چۈنكى، سىلەر ماڭغىن، دېگەن يولدا ماڭغانمەن.




ئانىلارنىڭ دۈشمىنى يوق شەيتاندىن ئۆزگە،


زۆرۈر بولسا، بېغىڭلارغا قاشامەن، تاممەن.


تەبرىكلەيمەن ئەلدىن ئاۋۋال بايرىمىڭلارنى،  


چۈنكى، ئەسلى سىلەر ئۈچۈن شائىر بولغانمەن.  




  2011-يىلى 14-ئاپرېل.

temur يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 10:39:42

بۇ ئاكىمىزنىڭ  شئېرلىرى نىمىدىگەن  تېتىملق-ھە !

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 11:51:16

ھەي...شېئىر مەزمونى بىلەن قاپىيە بەك ماسلىشىپ كېلىدۇ دىسە. ئوقۇسا بىر تىنىقتا ئۇقۇپ تۈگەيدۇ.سۆز ئۇستىسى دىگەن تەرىپ مۇشۇنداق شائىرلېرىمىزغا ماس كېلىدۇ ئەسلى...

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 21:44:29

سۈزۈك سۇ شىلدىرلاپ ئاققان بىر خىل تۇيغۇ بەردى .
بەت: [1]
: سىلەر ئۈچۈن شائىر بولغانمەن...