izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 09:13:14

پاتېنت ئىجادىيەتچىلىرىدىكى بەش تۈرلۈك خاتا ئۇقۇم


نۆۋەتتە، نۇرغۇن ئىقتىدارلىق ياشلىرىمىز كەينى- كەينىدىن بارلىققا كېلىپ، يېڭىدىن- يېڭى مەھسۇلاتلارنى كەشىپ قىلىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەكتە.ئۇلار ئىجاد قىلغان مەھسۇلاتلار مۇئەييەن زامان ۋە ماكان ئالاھىدىكىگە ئىگە بولۇپ، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە تولىمۇ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.ئەنە شۇ ياش كەشپىياتچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە پاتېنت ئىلتىماس قىلىشنى ئەستىن چىقارماي، ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان مەھسۇلاتلىرىغا پاتېنت ئىلتىماس قىلماقتا.



ئەمما، پاتېنت ئىجادىيەتچىلىرىگە نىسبەتەن شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى لازىمكى، بىر تۈرلۈك پاتېنت ھوقوقى ئالغانلىق ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق ھىسابلانمايدۇ. بۇ مۇۋەپپەقىيەتكە قاراپ بېسىلغان بىرىنچى قەدەم بولۇپ، پاتېنتقا ئېرىشكۈچى پاتېنتقا ئېرىشكەن مەھسۇلاتنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ.ھەر قانداق ياخشى تۈر بولغاندىمۇ پاتېنت تاۋارغا ئايلانمىسا، جەمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلالمىسا، ئۇ بىر پارچە قۇرۇق قەغەزدىن ئىبارەت.ئۇنداق بولسا قانداق مەھسۇلاتنى قانداق قىلىپ تاۋارغا ئايلاندۇرىمىز؟ قانداق قىلغاندا پاتېنتنى ئۈنۈملۈك مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ پاتېنت ئالغۇچىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە بولۇپ، بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار مەھسۇلاتنى پاتېنتقا ئايلاندۇرۇش جەريانىدا خاتا مەشغۇلات قىلماقتا. پاتېنت كېڭەيتىشتىكى خاتا ئۇقۇملارنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.



بىرىنچى خاتا ئۇقۇم، دەرەخ تۈۋىدە مىدىرلىماي يېتىپ: «ئۈجمە پىش ئاغزىمغا چۈش دەپ ساخلاش». بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار پاتېنت ئالغاندىن كېيىن ھەممە ئىش پۈتتى دەپ قاراپ سودىگەرلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ سېتىۋىلىشىنى ساقلايدۇ.لېكىن، ھېچكىم سىزنىڭ مەھسۇلات كەشىپ قىلغانلىقىڭىزنى بىلمەيدۇ.شۇنداق ئىكەن، سودىگەرلەر ۋە كارخانىچىلار سىزنىڭ بۇ پاتېنتتىڭىزنى نەدىن بىلسۇن؟ بۇ خىل مۇمكىنچىلىك ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، لاتارىيە ئېلىپ مۇكاپات چىققاندىنمۇ تەس.شۇڭا ساخلاش ئۆلۈمنى كۈتكەنلىك بىلەن باراۋەر بولۇپ، پاتېنت قوغداش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىلا پاتېنتىڭىزنى باشقىلار ئىگەللىۋالىدۇ.



ئىككىنچى خاتا ئۇقۇم، پادىشاھنىڭ كىنزىكى ئەرسىز قالماس دەپ، «ئۆزىڭىزگە بەك تەمەننا قويۇپ غادىيۋالماڭ». بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئۆزىنىڭ تەتقىقات تۈرىنى تىللا تۆكۈلدىغان دەرەخ دەپ ئويلاپ، مېنىڭ تۈرۈمنىڭ تېخنىكىلىق سالمىقى يۇقىرى، دۇنيادا ھىچكىمدە يوق، سېتىشتىن ئەنسىرىمىسەممۇ بولىدۇ دەپ، ناھايىتى يۇقىرى باھا قويىۋىلىپ، دېگەن يەرگە بارمىسا ساتمايدۇ، بۇ ئىنتايىن خاتا قاراش.دۆلەت بىلىم-مۈلۈك ئىدارىسىدا قانچىلىك ياخشى تۈرلەرنىڭ ئىشلىتىلمەي قۇرۇق قەغەز دۆۋىسىگە ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سىز بىلمەيسىز. كونىلار:«ئاق مۈشۈك قارا مۈشۈك چاشقان تۇتقىنى ياخشى مۈشۈك»دىگەن، دېڭشياۋپىڭ: «تېخنىكا ئەۋزەل، پەن- تېخنىكا قارىشىدىن ئىشلىتىش ئەۋزەل» دىگەن. بازار قارىشىغا جىددى ئۆتۈڭ، يادىڭىزدا بولسۇنكى ياخشى تېخنىكىنىڭ ياخشى بازارغا ئېرىشەلىشى ناتايىن.



ئۈچىنچى خاتا ئۇقۇم، ئالدىراقسانلىق بىلەن قارىغۇلارچە كېڭەيتىش.بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار پاتېنت كېنىشكىسىنى قولىغا ئېلىپلا كېڭەيتىشكە ئالدىراپ ناھايىتى زور مەبلەغ سالىدۇ، ئۆزىنىڭ پاتېنت كېڭەيتىش، كەسپلەشتۈرۈش جەھەتتە بىلىمى ناھايىتى كەم بولغاچقا ئاسانلا قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئەخمەق بولىدۇ، نەتىجىدە، چىقىم تارتقىنىنى ئاز دەپ پاتېنت كېڭەيتىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ كويىدۇ ۋە ئاخىرىدا ھەممىدىن قۇرۇق قالىدۇ.



تۆتىنچى خاتا ئۇقۇم، ئەجىر قىلماي ھالاۋەتنى ئويلاش.ھەقسىز مۇلازىمەت بولسىلا قالايمىقان قاتنىشىش، ھەق ئالىدىغان مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلماسلىق. مۇنداق بىر تەمسىل بار: «مىھنەتسىز ئاش باشقا چىقار». ھازىر ئاز بولمىغان كارخانا ۋە چەت ئەلنىڭ ۋاكالەتچى ئورگانلىرى دۆلىتىمىز تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقات ماتېرىيالىنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئاندىن قانۇنسىز ھالدا دوراپ ياساۋاتىدۇ ياكى ئۆز دۆلىتىدە خەلقئارالىق تېخنىكا قوغداشقا ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ، پاتېنت كېڭەيتىش بەدەل تۆلەيدىغان «پۇل خەجلەش» ئىشى بولۇپ، خەجلىگەن پۇلىڭىز ئەرزىمدۇ، ئەرزىمەمدۇ، دىگەنلەرنى ئەتراپلىق ئويلىشىڭ، پۇلنى دەل جايىغا ئىشلىتىڭ، يادىڭىزدا بولسۇنكى، سېلىنما بولمىسا مەھسۇلات بولمايدۇ.



بەشىنچى خاتا ئۇقۇم، كەسپىي بىلىمى كەم بولۇش سەۋەبىدىن ھوقوقىنى قوغداشنى بىلمەسلىك.كۆپ قىسىم تەتقىقاتچىلار كەسپى تەتقىقاتچى بولمىغاچقا كەسپى بىلىمى يېتەرسىز،كېڭەيتىش جەھەتتىكى ئۇقۇملاردىن خەۋەرسىز.مۇمكىنچىلىك دوكلاتى ۋە سودا پىلانى يېزىشنى بىلمەيدۇ، ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ.مەسىلەن، پاتېنت ئۇقۇمى، ئۆتۈنۈپ بېرىش، تېخنىكىنى پايغا ھىسابلاپ قوشۇش، مۇستەقىل ئىگەللەش...بەزى كەشپىياتچىلار تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش تەرتىپى ۋە رەسمىيەتلىرىنى بىلمەيدۇ، ھەتتا بەزىلەر ئۆزىنىڭ تۈرىگە توغرا باھا قويۇشنى بىلمەيدۇ، قايسى ماتېرىيالنى ئاشكارىلاش قايسى ماتېرىيالنى مەخپىي تۇتۇشنى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن ھوقوقى دەخلى- تەرۈزگە ئۇچرىسا، ئالدانسا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقوقىنى قوغدىيالمايدۇ. شۇڭا، كەشپىياتچىلار پاتېنتىنى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش جەريانىدا چوقۇم كەسپلەشكەن مەسلىھەتچىلىك ئورگانلىرىنى ئۆزىگە مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىشى كېرەك.




مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 11:21:34

ھەممىدىن ئېچىنىدىغىنىم پاتنىت ئالغانلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىگە مۇكاپات بېرىشنى داۋراڭ قىلىپ كېتىدىكەن.


پاتنىت دىگەندە ئەمەلى قوللىنىشچانلىق بولمىسا بىكار، پاتنىت ئالغان مەھسۇلاتنىڭ ئەمەلى قوللىنىشچانلىقىنى ئىنىق مۆلچەرلەپ ئاندىن بىر ئىش تۇتمىسا زىياننىڭ چوڭىنى تارتىدىغان گەپ.

بەت: [1]
: پاتېنت ئىجادىيەتچىلىرىدىكى بەش تۈرلۈك خاتا ئۇقۇم