Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 17:53:30

تىرلىيون يانتاق (بۆسۈش خاراكتىرلىق نادىر تېما)

1-قىسىم.



جىمجىت سەھرا يولىدا قاپقارا رەڭلىك ئالدى تويوتا ، يامان ئەمەسراق سوناتا ، ئاخىرىغا سانتانا ماركىلىق ، ئېسىل بولمىسىمۇ يېڭىراق ماشىنىلار قاتارلىشىپ ماڭماقتا ئىدى .يىراقتىنبۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تۇرغان دېھقانلار <بىرەر چوڭ باشلىق كېلىۋاتامدىغاندۇ ياكى بىرەر كانچى لوبەنمۇ؟> دەپ يول بويلىرىغا قاتار تىزىلىپ تۇرۇشقان ئىدى . ماشىنىلار قوشۇنى ئاستا مېڭىپ ، دېھقانلار تۇرغان جايغا كەلگەندە ئەڭ ئالدىدىكى ماشىنىنىڭ شوپۇرى ئەينەكتىن بېشىنى چىقىرىپ ، <كېتىشە مېڭىشە ، ئىشىڭ يوقتەك يول بويىغا چىقىۋېلىپ ئۆتكەن-كەچكەنگە قاراپ تۇرۇپ ، كۆرگەن كۈنۈڭ مۇشۇ شۇ..> دېۋىدى ،دېھقانلار راستىنلا بىرەر چوڭ باشلىقلارنى تەكشۈرگىلى كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشتى دە ، دەرھال ئۇياق-بۇياققا تارقاپ كېتىشتى .



ماشىنىلار قوشۇنى شۇ تەرىقىدە يېزا يوللىرىنى ئىككى ئايلىنىۋەتكەندىن كېيىن ، يېزا سىرتىدىكىراق يەرگە جايلاشقان قەبرىستانلىققا كېلىپ توختىدى .


ھەممە ماشىنىنىڭ ئىشىكى تەڭ ئېچىلىپ ، ئوپمۇ-ئوخشاش پاسوندىكى قاپقارا رەڭلىك كاستىيۇملارنى كىيگەن كىشىلەر ماشىنىدىن تەڭلا چۈشۈپ ، قول قوشتۇرۇپ تۇرۇشتى .ئىككىنچى قاتاردا ماڭغان ماشىنىدىن چۈشكەن كاستىيۇملۇق ، ماشىنىنىڭ كەينى ئىشىكى ئالدىغا قىپقىزىل پايانداز سالدى ۋە ئىشىكنى ئاۋايلاپ ئاچتى . ئىشىكتىن ئالدى بىلەن قاپقارا شىبلىت كىيگەن بىر پاچاق چىقىپ ، پاياندازغا دەسسىدى .ئاندىن ئاۋايلاپ ماشىنىدىن چۈشىشىگە ئوڭ تەرىپىدىكى كاستىيۇملۇق دەرھال سىگارتتىن بىرنى چىقىرىپ تەڭلىدى .سول تەرىپىدىكى كاستىيۇملۇق چاقماق يېقىپ تەڭلىدى . ماشىنىدىن چۈشكەن بايۋەتچە سىگارتنى يۇلۇپ ئىككىنى تارتىۋەتكەندىن كېيىن ، تۇيۇقسىز بىرنەرسە ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ سىگارتنى چۆرىۋېتىپ ، تاسمىسىنى چىقىرىپ يېنىدىكى ئىككىسىنى ساۋىداپ كەتتى.

-ھۇ دۆت كالۋالار ، قەبرىستانلىقتىمۇ تاماكا چېكەمدۇ ؟ شۇنچىلىك قائىدىنىمۇ بىلىشمەيدۇ... ۋاس..ۋاس...ۋاس...


-كەچۈرۈڭ ئاكا ، ۋايجان ...ۋاي بىزدىن ئۆتۈپتۇ ،.. جېنىم ئاكا بولدى قىلىڭ ، ئا....


بايۋەتچە ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ، تازا بېرىلىپ ئۇرۇۋاتقاندا يەنە بىر كاستىيۇملۇق ئاستا بايۋەتچىنىڭ يېنىغا كېلىپ قۇلىقىغا پىچىرلىدى.


-بايۋەتچە ، ئىشتىنىڭىز چۈشۈپ قالدى...


بايۋەتچە ھودۇقۇپ كېتىپ<ۋوي ، سەت بولدى ھە ، قايتا..قايتا ...>دەپ ھوشۇقىغا چۈشۈپ قالغان ئىشتاننى كىيىپ ، تاسمىسىنى باغلاپ ، ئۇلارنى يەنە ئۇرۇش ئۈچۈن قولىغا چىۋىق ئېلىۋېدى ، تاياق يېگەن ئىككىسى ۋارقىراپلا كەتتى..


-ھې ، ئۇرىۋېرەمسەن كالۋا ، تاسما بىلەن ئۇرۇپ بولدۇڭغۇ؟ ئەمدى قەبرىستانلىققا كىرمەمسەن!


بايۋەتچە نېمىشقا بۇيەرگە كەلگەنلىكى ئېسىگە كەلدى-دە ، ئاستا قەدەملەر بىلەن يالغۇز قەبرىستانلىققا كىردى . ئۇ قەبرىستانلىققا كىرىشى بىلەن يەنە غايىپتىن مۇڭلۇق مۇزىكا ئاڭلاندى. ئۇ بىر قەبرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇيان ئۆتۈپ باقتى ، بۇيان ئۆتۈپ باقتى ، قەبرىنى تۇتۇپ باقتى ، ئاندىن قەبرىنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ، بىردەم سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ مۈگدەك بېسىپ ئۇخلاپ قالدى.


-كااااااااااااااااااااااااااااااااااااااات!!!!!!!!!


تۇيۇقسىز بۇ ئاۋازنىڭ جىمجىتلىقنى بۇزۇشى بىلەن بايۋەتچى قاتارلىقلار ئۆپۈر-تۆپۈر بولۇشۇپ كەتتى .


-ۋاي رېجىسۇر ، نىمىش بولدى ؟ نەرى قاملاشمىدى ؟.... دېيىشىپ ھەممىسى باياقى كۆرۈنۈشلەردە پەيدا بولمىغان <رېجىسۇر>ئىسىملىك ئادەمنى چۆرىدىۋېلىشتى .


-كۆرۈنۈش شۇنداق ياخشى چىقىۋاتسا ماۋۇ گۇي ئۇخلاپ يۈرۈيدا ، دېدى رېجىسور ...قايتا كېلە قايتا ، بۇ قېتىم ئۇخلاپ قالمايراق تۇرالا باشرول غوجام ، سىلىگە قاتتىق گەپ قىلسام ئىچلىرىگە ئۆتەپ كىتىپ ما فىلىمنى ئىشلىيەلمەي قالمايلى .


-ھېلىمۇ ئۇنى-بۇنى قىلىپ ئاران ئون مىنۇتنى ئۆتكۈزدۈم ،-دېدى بايۋەتچە باتناپ ،- قەبرىنىڭ ئالدىدىكى كۆرۈنۈشنىمۇ يېرىم سائەت ئالغان بارمۇ ؟...


-ھېي ، سەن رېجىسورمۇ مەنمۇ ؟ قەبرىنىڭ ئالدىدا ئۇزاق تۇرساڭ ماۋۇ كۆرۈنۈش تەسىرلىك چىقىدۇ ، ماڭ بېرىپ تۇر...


-يېرىم سائەت قەبرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ زېرىكىپ كېتىدىكەنمەن ، ئۇنداقتا ماڭا تەسىرلىك مۇزىكا قويۇپ بېرىڭلار ،شۇنىڭ مىلودىيەسىگە ماسلىشىپ تازا تەسىرلىك كۆرۈنۈش يارىتاي ، قانداق؟


-بولىدۇ ، دېدى رېجىسۇر ،-ياخشى ... ئۇنداقتا بۇ كۆرۈنۈش تېخىمۇ جانلىق چىققۇدەك ، ئەمىسە باشلايمىز ، سەن ، ئەر ، يى ، مىيۇزىك!


بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەنلا قويۇلغان مۇزىكا قەبرىستانلىقنى كۆتۈرۋەتتى.<مۇبارەك بولسۇن!~،مۇبارەك بولسۇن ، مۇبارەك بولسۇنەي ... مۇبارەك بولسۇن ....> ئۇف ... لېنتا قويغۇچى بالا مۇزىكىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان ئىدى ... بايۋەتچە بۇ مۇزىكىغا قانداق چىراي ئىپادىسى چىقىرىشنى ئويلاپ تۇرغىنىدا بىر ياش يىگىت كېلىپ ئۇنى ساۋىداپ كەتتى...


-ۋاي دېجىسور، ۋاي داد ... بۇنداق كۆرۈنۈش يوقتىغۇ ؟... تۇتىۋېلىڭلار ما ساراڭنى ... ئاپا ... دەپ ھەر تەرەپكە قاچماقچى بولاتتى بايۋەتچە .لېكىن رېجىسۇرمۇ ئۇنى قۇتقۇزىۋېلىشقا ئامالسىز قالغان ئىدى. چۈنكى بۇ ياش يىگىت بىلەن پەيدا بولغان بىر نەچچە تەمبەل كىشى ، بۇ كاسىيۇملۇقلار قوشۇنىنى سۈر-توقاي قىلىپ ساۋىداپ كېتىپ باراتتى.


-ئاپاڭ دادامنىڭ يېنىدىمىتى ؟-يىگىت ئەلپازىنى بۇزۇپ، بايۋەتچىنى تېخىمۇ قاتتىق ساۋىداپ كەتتى،-ئاپاڭ ئەرگە تەككىلى دادامنىڭ قەبرىسىگە كىرىپ كەتكەنما ؟...نومۇس قىلماي <مۇبارەك بولسۇن> دەپ قەبرىستانلىقتا مەشرەپ قىلىپ كېتىشىپسەنا ؟....يوقىلىش!


بۇ بىرتوپ كاستىيۇملۇقلار ئۆپۈر-تۆپۈر بولۇپ قېچىشىپ ، ماشىنىلىرىغا چىقىشىپ يۈرۈپ كېتىشتى.


ئەھۋال چۈشىنىشلىك بولدى ... بۇ ماشىنىلارنىڭ قەبرىستان تەرەپكە ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ ، قىزىقىپ ئەگىشىپ كەلگەن بىرنەچچە دېھقان يىراقتىن بۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدى . دەسلىپىدە <قەبرە يوقلاپ كەلگەنلەر ئوخشايدۇ> ،دەپ جىم تۇرۇشقان بولسا ،كېيىن دېھقان يىگىتنىڭ دادىسىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا <مۇبارەك بولسۇن>نى قويۇشى ئۇلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ ، كەلگەن پېتى بۇلارنى سۈر-توقاي قىلىپ ھەيدىۋېتىشكەن ئىدى .



كاستىيۇملۇقلار ماشىنا ئىچىدە بىسەرەمجان كېتىۋاتاتتى . بايۋەتچە بولسا ئېڭىكىنى تۇتۇپ ئۈن-تىنسىز ئولتۇراتتى . ماشىنىلار يەنە شۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلىپ ، بىرمۇنچە يەرلەرنى ئايلىنىۋەتكەندىن كېيىن بىر مېھمانخانا ئالدىغا كېلىپ توختىدى .بايۋەتچە ، ۋە ئۇنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدىكى ئىككى كاستىيۇملۇق ئۈچى مېھمانخانا ئىچىگە كىرىپ كەتتى . بۇلارنى مېھمانخانا ئالدىغا توختىتىلغان يەنە بىر ماشىنا ئىچىدىكى ئىككى مەخپى ساقچى كۆزىتىپ ئولتۇرغان ئىدى .


-نىشان مېھمانخانىغا كىردى ، ئاتلىنامدۇق؟ دېدى بىر ساقچى مانگو ئىچىملىكىنى ئىچكەچ .


يەنە بىر ساقچى بولسا ئۇنىڭ قولىدىكى ئىچىملىكتىن كۆزىنى ئۈزمەي شۆلگىيىنى ئېقىتىپ تۇراتتى .ئۇ شۆلگىيىنى يۇتىۋېتىپ،


-بۇنداقلا كىرمەيلى ، قولۇڭدىكىنى ئىچىپ بولۇپ كىرەيلى،-دېدى.


باش ساقچى يانچۇقىدىن يەنە بىر ئىچىملىكنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردى . ئىككىسى ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ ئىككى ئىچىملىكنى ئىچىپ تۈگىتىۋەتتىدە ، ئېكرانغا قاراپ تۇرۇپ<مانگو ئىچىملىكلىرى خىزمەت ئۆتەۋەتقاندىكى ئەڭ ياخشى ھەمرايىڭىز!> دەۋېتىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ مېھمانخانىغا كىرىپ كەتتى . ئۇلار ھەرقانچە ئىزدەپمۇ بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ قايسى ياتاققا چۈشكەنلىكىنى ئېنىقلىيالمىدى. چۈنكى ئۇلار مانگو ئىچىپ ئولتۇرغان ۋاقتىدا ، ئۇلارنى بايقاپ قالغان بايۋەتچىنىڭ سىرتتىكى قولچوماقچىسى تېلفوندا ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ، ئۇلار ئاللىقاچان باشقا مېھمانخانىغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ بولغان ئىدى .



بۇ ئۈچەيلەن ئېسىل ياتاققا كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن ، بايۋەتچە ئىككى كاستىيۇملۇقنى ئىشقا بۇيرۇپ چىقىرىۋېتىپ ، ئۆزى مۇنچىغا كىرىپ بولۇشىغا يىغلىدى .


-ھۈ..ھۈ،..ھۈ.،ھۇ سەرالىق تومپاي ...ئەجەپ ئۇردى يۈزۈمگە...ھۈ..ھۈ..ھۈ ...ئۇ بېشىنى چاڭگاللاپ ، تولغىنىپ تۇرۇپ يىغلىماقتا ئىدى ...


سىرتقا چىقىپ كەتكەن بىرسى بازاردىن بىرقۇر يېڭى كىيىم سېتىۋېلىپ ياتاققا كىردى ، ۋە بايۋەتچىنىڭ مۇنچىدا يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ، يەنە سىرتقا چىقىپ كەتتى .


بايۋەتچە ئىككى سائەت يىغلىۋالغاندىن كېيىن كۆزلىرى قىزارغان پېتى مۇنچىدىن چىقتى . ئۇ ئاستا مېڭىۋېتىپ تۇيۇقسىز بىرسىنى كۆرۈپ قالدى ۋە چۆچۈپ كېتىپ ، قولى بىلەن بەدىنىنى توسىۋالدى .


-يا..ياتاقتا ئادەم يوقتىغۇ ؟ سەن..سەن كىمۇ ؟...بايۋەتچە قورقۇپ كەتكەن ئىدى .


-مەن ئاۋازغا ئالغۇچى ،... ما كىنونى نەق مەيدان ئاۋازغا ئالىمىز دىگەنمۇ يا غوجام ؟ تېرىكتى ئاۋازغا ئالغۇچى بالا .


-ماڭەۋاي ، چىقە ياتاقتىن! ما شېشاڭچىنىڭ تۇرۇپ بەرگىنى يېتەر ، ئادەمنى ۋەقەلىككە چۆككىلى قويماي... يوقىلە!-بايۋەتچە ئۇنىڭ كۆتىگە تېپىپ چىقىرىۋېتىپ ، كارۋات يېنىغا كېلىپ تۇرۇپ قالدى . ئۇنىڭ چوماقچىسى سىرىتتىن سېتىۋېلىپ ئەكىرىپ قويۇپ قويغان كىيىملەر كارۋات ئۈستىگە شۇنداق رەتلىك قويۇلغان ئىدى . كىيىملەرنىڭ ئوراپ قاچىلىنىشى ،...ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن ماتىرياللار ،... قېپىنىڭ ئۈستىگە چىرايلىق قىلىپ ھۆسنىخەت بىلەن يېزىلغان < قامەت كىيىملىرى..> دېگەن خەتلەر نۇر چېچىپ ، كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى .بايۋەتچە شۇنچىلىك تەپسىلى ھالدا بۇ كىيىملەرگە 20 مىنۇت قاراپ تۇرۋەتكەندىن كېيىن كىيىملەرنى كىيىپ ، ئەينەككە قاراپ مەمنۇن بولدى،-دە،<ئەرلىك سالاپىتىڭىزنىڭ نامايەندىسى ، قامەت كىيىملىرى!> دەپ توۋلىۋەتكەندىن كېيىن ياتاقتىن چىقىپ كەتتى .


مېھمانخانا ئالدىدا ئۇنىبڭ قولچوماقچىلىرى ماشىنىلارنى تەييارلاپ ساقلاپ تۇرۇشقان ئىدى . بايۋەتچە سالماق قەدەملەر بىلەن ماشىنىنىڭ ئالدىغا كەلدى . چوماقچىسى ئىشىكنى ئاچتى ، بايۋەتچە چىقتى ...


-ھەيدە...دېدى بايۋەتچە سۈرلۈك تۈستە.


-نەگە ھەيدەيمىز ؟ دەپ سورىدى شوپۇر.


-نەگە ھەيدىسەڭ ھەيدىمەمسەن؟ ئىشقىلىپ ئايلىنىمىز!-بايۋەتچە تېرىككەن ئىدى.


-نېمانداق تولا ئايلىنىش بۇ ، يا نەگە بارىدىغانلىقىنى ھېچكىم دەپ بەرمىسە ؟.. بۈگۈن ماڭا يە نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى دەپ بېرىشىسەن ، يا بولمىسا ماۋۇ ماشىناڭنى ھەيدىمەيمەن ، ئۇقتۇڭمۇ؟ -ئەلپازىنى بۇزدى شوپۇر.


-ياق،ياق..چېچىلمىغىنە ، دېدى بايۋەتچىنىڭ تەلەپپۇزى يۇمشاپ ،- نەگە بارغۇڭ كەلسە بىر ھەيدىگىنە سادىغاڭ كېتەي ، ماشىنىلارنىڭ قاتارلىشىپ ماڭغان كۆرۈنىشى بەك ئاقسا چىقىدۇ ، فىلىمگە ھۆسۈن قوشىدۇ ، شۇڭا بىرەر سائەت ئايلانساقلا بولدى ، بۇ دېگەن رېژىسورنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى...


شوپۇر بالىمۇ قايىل بولۇپ كۆپ گەپ قىلماي ماشىنىنى ھەيدەپ مېڭىپ كەتتى .



.....................


ئۇلار ماشىنا بىلەن تازا ئايلىنىۋاتقاندا ، يىراق يەردە يەنە باشقا ئىككى بايۋەتچە بۇلارنىڭ غەيۋىتىگە چۈشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى ساقاللىق ، بىرى توكۇر ئىدى .


ھەشەمەتلىك ساراينىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان ئۈستەلدە ئىككى پىيالە ، ئىككى پىيالىدە بىردىن ناۋات ، ئۇنىڭغا قىززىق چاي قۇيۇلماقتا ئىدى . قىززىق چاينىڭ قۇيۇلىشىدىن ناۋاتلارنىڭ ئېرىپ كېتىۋاتقاندىكى <چىرىس-چىرىس> قىلغان ئاۋازىمۇ ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى . بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ تەپسىلىلىكىدىن ، كۆرگەن كىشىنىڭ بۇ ناۋات چاينى خويمۇ ئىچكۈسى كېلەتتى ...


ساقاللىق بايۋەتچە ناۋات چاينى ئالدىرىماي ئىچكەچ ، سۈر بىلەن سۆزلىدى..


-ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ،.. دېدى ئۇ توختىۋېلىپ ، سالماقلىق بىلەن قولىدىكى پىيالىنى ئۈستەلگە قويۇپ قويغاچ ،- بايۋەتچىنى تۈرمىدىن چىقىپتۇ دەيدۇ.


بۇ گەپنى ئاڭلاپ توكۇر بايۋەتچىنىڭ كۆزلىرىدە قورقۇش ئالامەتلىرى كۆرۈنىدۇ-دە، چاندۇرماستىن ؛


- چىقسا چىقمامدۇ ، سۇ كېتىپ تاش قالىدۇ ، چاچ چۈشۈپ باش قالىدۇ ... نېمىدىن قورقاتتۇق... دېدى ئۇ سۈرلۈك قىياپەتتە.


-ئۇنداق دېگەن بىلەن ، ھاياتلىق دېگەن مۇھىم نەرسىدۇر ، يىلان چاقسا زەھەرنى ۋاقتىدا قايتۇرماق لازىم ...دېدى ساقاللىق بايۋەتچە ساقىلىنى سىلاپ تۇرۇپ .


-ياق!دېدى توكۇر بايۋەتچە ئەلپازىنى بۇزۇپ ، - بۆرىلەر قانخور كېلىدۇ ، توشقان قورقۇنچاق بولىدۇ!


-چېچىلماڭ ، توكۇر بايۋەتچە ... ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ، ناۋات چاي ئىچىپ نان يېدۇق قورساق توق ....


بۇ گەپتىن توكۇر بايۋەتچىنىڭ يۈرىگى سەل ئىزىغا چۈشكەندەك بولدى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ؛


-توڭۇپ كەتسەڭ چوغ ياخشى ، ئۇسساپ كەتسەڭ دوغ ...دېدى.


-بىلىم ئالمىغان ياش ، تام تۈۋىدىكى تاش...


-ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا ، رەڭگى رويىڭ سامان بولماس...


-كېچە بولسا قاراڭغۇ بولۇر ، كۈندۈز بولسا يوپيورۇق...


- بولدى بەس ! تۇيۇقسىز چىققان بۇ ئاۋازدىن ھەر ئىككى بايۋەتچە توختاپ قېلىشتى.


ئىككىڭگە يېرىم كۈن قاراپ تۇرۇپ نېمە دىيىشىۋاتقىنىڭنى پەقەت چۈشەنمىدىم ، چوپ-چوڭ ئىككى ئادەم بۇ يەردە نېمىگە تەمسىل ئېيتىشىپ كېتىشتىڭلار؟


- شۇ ،.....شۇ ،...دەپ سەل دۇدۇقلاپ قالدى بايۋەتچىلەر . بۇ يوچۇن كىشىنىڭ ئەلپازى ھەقىقەتەنمۇ غەزەبلىك ئىدى... ئۇلار قورققىنىدىن تىترەپ ، ئاران-ئاران گەپ قىلىۋاتاتتى .


-شۇ .... گە...گەپلىرىمىزنى ئا..ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئو..ئوخشىمايدىغان ، سۈ..سۈرلۈكرەك قىلىپ چى...چىقىرىمىز دەپ شۇ،... سى..سىز كىم بولىسىزكىن ؟


-مەن دېگەن ئوقۇرمەن!



=============================================


بىرىنچى قىسمى تۈگىدى . بايۋەتچىنىڭ كەينىدىن ماقال-تەمسىللەر بىلەن غەيۋەت قىلغان ئىككى بايۋەتچە قانداق رەزىل پىلانلارنى تۈزۈپ چىقتى؟ ئۆزىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەي يەتتە ماشىنا بىلەن ئايلىنىپ يۈرگەن بايۋەتچە بۇ سۈيقەستلەرگە تاقابىل تۇرالامدۇ يوق؟ تېخىمۇ مۇھىمى ئاخىرىدا پەيدا بولغان سىرلىق ئوبراز <ئوقۇرمەن> زادى كىم ؟ ئۇ قانداقسىگە بۇ ئىككى بايۋەتچىنى قورقۇتۇپ سىيدۈرۋېتەلەيدۇ ؟ ئۇنىڭ مەقسىدى زادى نېمە ؟ بۇ جىددىي ۋەقەلىكلەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز ، فىلىمىمىزنىڭ ئىككىنچى قىسمىغا نەزەر تاشلىغايسىز .



ئىزاھات؛


ئىقتىسادى قىممەت يارىتىش ئۈچۈن ئىككىنچى قىسمى مۇنبەرگە يوللانمايدۇ ، چ چ ، چايخانا قاتارلىق جايلاردىمۇ ئېيتىپ بېرىلمەيدۇ . كۆچۈرۈلۈپ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پىلاستىنكىسىمۇ چىقىرىلمايدۇ. قىزىققۇچىلار بولسا بىۋاستە ئاتۇشقا كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشسەڭلار ئاغزاكى بايان قىلىپ بېرىمەن . 50 سوم تۆلىگۈچىلەرگە چوڭ كوچىدا پىچىرلاپ تۇرۇپ دەپ بېرىمەن . 500 سوم تۆلىگۈچىلەرگە ئاشخانىنىڭ ئايرىم خانىسىدا ئولتۇرۇپ غىزالانغاچ دەپ بېرىمەن . 5000 سوم تۆلىگۈچىلەرگە ئاتۇشنىڭ ھاۋالىق بۇلاق بېشى ئارامگاھلىرىدا دۇتتار بىلەن مۇڭلۇق ئاتۇش كۈيلىرىنى تەڭكەش قىلغاچ ئېيتىپ بېرىمەن .



ئاگاھلاندۇرۇش؛


داۋامىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ، يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، بايانىمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن سەنلۇ سۈت پاراشوكى بىلەن مەرگىمۇشنى ئارلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ئىچۈرۈپ ، مېڭىسىنى يۇيۇپ خاتىرىسى يوقىتىۋېتىلىدۇ . ئەگەر ساقىيىۋېلىپ قالايمىقان سۆزلىگۈچىلەر بولسا تەلتۆكۈس ئىسپات يوقىتىشىمىزدىن ھەزەر ئەيلىگەيسىز ، شۇڭا ھەرگىز يامان نىيەتتە بولۇشنى خىيال قىلىشمىغايسىزلەر ، بولمىسا ، بارلىق ئاقىۋەتكە ھەسسىلەپ مەسئۇل بولىسىزلەر .... ...

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 03:00:57

   يا كېچىچە ئۇخلىماي كاللام گاراڭلىشىپ كەتتى، ياكى چۈشىنىش ئىقتىدارىمدىن چاتاق چىقتى. بۇ ئىككىلىسى بولمىسا مەسىلە Comeon دا...


ئەتە يەنە بىر ئوقۇي

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 06:52:56

\"\"


مىليون ئەتتىرگۈل بىلەن بوي تالاشقىدەك


نوچى ئەسەركەن

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 08:33:51

رەسمىي پىچەتكەن ، ئىزدىنىش ئېچىلىپ تۇنجى تېتىغان تېما ماۋۇ


مىليون گۈلنى ئېسىمگە سالدى

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 08:56:11

ۋەقەلىك خۇددى تېلىۋىزوردىكى تېتىقسىز ئېلاندەك كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتتى.ئۆزۈمنى نەق مەيداندا باردەك ھىس قىلىپمۇ قالدىم، ئەمما لىكىن شۇ تاپتا قاتتىق كۈلكە قىستىماقتا(بەرى،،،،،،،،،،،،، سۆيدۈم دىگىنىڭ نەرى،،)

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 09:58:23

بۇ كىنورىڭىزنىڭ بىرىنچى قىسمى مۇشۇنداق تۇزسىز چىققىنىغا قارىماي بەزى ئائىلىنى ۋەيران قىلىپ شۇم كىنو بولۇپ قالدى.ئەمدى چىقمىسۇن. ئاشۇنى كىنو دەپ داغدۇغا قىلىپ بازارغا سالغىنىڭىزغا ھەيرانمەن.كوردلار ۋادىسىنى دوراپمۇ ئوخشىتالماپسىز. ساپانىڭ تۆۋەنلىكى..... ئامال يوق.



Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 10:43:55

مەن سىلەر دەپ ئۆتكەن كىنولارنىمۇ كۆرمەپتىكەنمە

almashan يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 10:55:04

نىمە گەپ بۇ،باشلانغاندا نىمە دىمەكچىدۇ دەپ ئاغزىمنى ئېچىپ باشلىغان. ئوقۇپ بولغىچە تېخىمۇئېچىلىپ كەتتى. يۇقىرىدىكى ئىنكاس ئادەمنىڭ ئاغزىنى تېخىمۇ ئېچىۋىتىدىكەن.نىمە كىنونىڭ گىپى؟

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 10:58:48

ئو ، يېڭى گەپلەر چىقتى ...


ئۇ فىلىمنى ئەگەر مەن ئىشلىگەن بولسام ئۇتۇقلۇق چىقىراتتىم . ھازىر بىر فىلىمگە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز ، باش رول مەن بولغانلىقىم ئۈچۈن بەدەن چېنىقتۇرۇپ ،ئوبرازغا يېقىنلىشىۋاتىمەن . ئەمدى بىز كەسپى كىنو شىركىتى بولمىغاندىكىن ، ھۆكىمەتنىڭ رۇخسىتى ، كەسپى ئۈسكىنە ، رولچىلارغا ئېھتىياجىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن دەسلەپكى تەييارلىق خىزمىتىمىزگە بىرەر يىل كېتىدۇ ، بىرەر يىلدا ئىشلىسەك ، ئىككى-ئۈچ يىلغىچە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپمۇ قالىدۇ . \"\"ئەسلى بىز كىنو ئىشلەپ يۈرمىسەكمۇ بولاتتى ، ئالدىنقى سەپتىكى ئۇستازلارنىڭ ئادەم كۆزگە ئىلمىغاندەك بىر نەرسىلەرنى ئىشلەپ يۈرگىنى بىزنى ئويغاتتى . قارىغاندا بىزنىڭ كىنو ساھەسىمىزدىكى بوشلۇق تېخى بۇنداق ئوڭاي تولۇقلانمىغۇدەك ، شۇڭا دەرھال مەھەللە - كويلار بويىچە فىلىم ئىشلەپ ۋەتىنىمىزگە تۆھپە قوشۇپ ، مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشمىساق بولمايدۇ ...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 10:59:51

نەقىل

نىمە گەپ بۇ،باشلانغاندا نىمە دىمەكچىدۇ دەپ ئاغزىمنى ئېچىپ باشلىغان. ئوقۇپ بولغىچە تېخىمۇئېچىلىپ كەتتى. يۇقىرىدىكى ئىنكاس ئادەمنىڭ ئاغزىنى تېخىمۇ ئېچىۋىتىدىكەن.نىمە كىنونىڭ گىپى؟

سىزمۇ ھىكايىڭىزنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىڭە


كىنو قىلىپ ئىشلىسە نوچى كىنو بولىدۇ چوقۇم


almashan يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 11:02:43

ھازىر كىنو ئىشلىسە پۇل تاپقىنى بۇلامدىكەن

almashan يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 11:06:39

پۇل تاپقىنى بۇلىدىغان ئىش بولسا مەنمۇبىرنى چىقىرايچۇ.40قىسىملىق بىر كىنو ئىشلەيلى

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 11:07:29

نەقىل

ھازىر كىنو ئىشلىسە پۇل تاپقىنى بۇلامدىكەن

سىزنىمۇ كىنو ئىشلەپ پۇل تاپىدىغان كۈنگە قالدى دىمىدۇققۇ تېخى\"\"


ئەل قاتارى ئىشلەپ قويىدىغانلار چىقسا چىقار


بولمىسا ھىكايىڭىز نوچى مېڭىۋاتقان،ئاخىرىنى ساقلاۋاتقانلار نۇرغۇن


Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 11:08:24

ئالماسخان ، ئوبدان تۇتۇلدىڭىز ، ھېكايىڭىزنىڭ ئاخىرىنى يازمىسىڭىز ئەدىپىڭىزنى بېرىمىز دەپ تۇرغان ... يازامسىزيازمامسىز بىر جاۋاب بېرىۋېتىڭە~

almashan يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 11:10:31

مەنمۇ شۇ ئاشۇ تىمىنى ئىزدەۋاتىمەن. مىنىڭ تىمىللىرىمنىڭ ھەممىنى يۇيىۋەتكەن ئوخشىمامدۇ. ھىچقايسىسى يوققۇ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 11:13:27

باشقا تېمىلىرىم دىگەن يەرگە قارىسىڭىز بار


مەن ھازىر شۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىپ قويدۇم\"\"


يىڭى ئىنكاس يېزىلغان تېمىلار قاتارىدا بار

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 11:39:35

زىيالى ، ياپوندىكى يەر تەۋرەش ئەھۋالى ، كۆرگەن بىلگەنلىرىڭىزنى قاچان يېزىپ قالاركىن دەپ دىققەت قىلىپلا تۇرۇۋاتىمەن ... سىزمۇ يېزىڭە ھورۇنلۇق قىلماي ... مەنلام ئەمەس نۇرغۇن تورداشلار سىزنىڭ مۇشۇ تېمىنى يېزىشىڭىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ ...

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 12:14:16

كاماننىڭ كىنوسىدا رول ئالغۇم بار،خېلى قاملاشتۇرىمەن جۇمۇ......


ئەمما تېما بەك تىتىدى،،،،،،،،،،،،،ھازىرغىچە كۈلۈۋاتىمەن........پوستمودىرنىزىم دىگەن مۇشۇمۇ؟

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 15:16:12

تېما ئىگىسىنىچېلىۋاتامسىلەرياكى بۇ \"ئەسەرنى\" راستماختاۋامسىلەر ؟؟؟؟؟ ياكىمېنىڭچۈشۈنۈش ئىقدىدارىم يېڭىئىزدىنىشقاماسلاشمايۋاتامدۇيا ؟؟؟ ھەڭمىڭلارمەسمۇيا ..............................


Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 15:41:36

مەتۇغا يازغان ئىنكاسىم يوقاپ كەتتىيا ..؟



ئەركتېكىنكا ، بۇ پەقەت يۇمۇر-چاقچاق سەھىپىسى . ئازراق كۈلكىلىك تۇيۇلسىلا بولغىنى ... بالىلارمۇ چاقچاق قىلىۋاتىدۇ... مەن ئاۋۇ ئېلان سۆزىنى سەل ئاشۇرۋېتىپ قاپتىمەن ...


......................................


مۇشۇ كىنوچىلىقتىمىچۇ ، ئېلان-تەشۋىقات بېرىشمۇ ناھايىتى چوڭ ھۈنەر . ئېلان-تەشۋىقاتقىمۇ نۇرغۇن بىلىم ، نۇرغۇن ئىجادچانلىق كېرەك .قالايمىقان ماختاپ بېرىۋەرگىلى بولمايدۇ . ئېلان-تەشۋىقاتنى ( بۆسۈش خاراكتىرلىق ، ئۇيغۇرلىرىمىز ئىشلىگەن كىنونىڭ ئەڭ يامىنى ) دەپ بېرىپ قويغان بىلەن كۆرۈرمەندە ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيە تەلىپىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ . ئاقىۋەت كۆرۈپ بولغاندا ( دەششەت كىنو دەۋاتاتتى ، شۇنچىلىكلىكەنغۇ...) دەيدىغان پىكىرلەر چىقىپ كىنونىڭ بېلەت كىرىمىنى ئازايتىۋېتىدۇ .

بەت: [1] 2
: تىرلىيون يانتاق (بۆسۈش خاراكتىرلىق نادىر تېما)