kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 14:34:18

زىيالىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى

ماۋۇ تېمىنى ئوقۇپ زىيالىنى قايتىپ كەلدىمىكىن دەپ قالدىڭلار ھەقىچان زىيالى شۇ 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيەدە ئوقۇشىنى تاماملاپ تويوتا شىركىتىدە ئىشلىگەچ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىينىشتىيىننىڭ نىسپىلىك نەزىرىيىسىدىكى ھەل بولمىغان بىر مۇھىم مەسلىنى ھەل قېلىپ پۈتۈن دۇنياغا داڭ قازىنىپ كېىتىپتۇ. تەتقىقات تۈگىگەندىكىن دەپ دەم ئالغىلى تۇرپانغا كەپتۇ. بىر نەچچە كۈن دەم ئېلىپ تۇرپان بەك ئىسسىپ كەتكەچكە ئىسسىققا چىدىماي باچكىنىڭ ماشىنىسىنى ئارىيەت ئېلىپ شامالداي دەپ بۇلۇشىغا ھەيدەپ تۆت كوچىغا كەلگەندە قىزىل چىراغقا توختاپ قاپتۇدە، ئۆزىچە ياپونىيىدىكىدەك تىجەشلىك بولاي دەپ ماشىنىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ يىشىل چىراقنىڭ يىنىشىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. يىشىل چىراق يانغاندا ئاچقۇچنى توغلىسا ماشىنا ئوت ئالمىغان گەپ،  يىشىل چىراق يىنىپتۇ، ئاندىن سېرىق قىزىل چىراق يىنىپتۇ ، ئارقىدىكى ماشىنىلار لابا ئۇرۇۋېرىپتۇ، بىر چاغدا بىر چەتتە تۇرغان قاتناش ساقچىسىنىڭ ئىچى پۇشۇپ ۋاقىراپتۇغۇ - ھەي پوۋاش قانداق چىراق يانسا ماڭماقچىتىڭ ھە، پىراۋاڭنى چىقىرە ! زىيالىدا پىراۋا نىمە ئىش قىلسۇن تەمتىرەپ كەتكەن زىيالى كۆزەينىكىنى تۈزەشتۈرۋىلىپ  ۋاتاشىۋا زىيالى ، ئۆزەم بولسا خيالى ، ئوخايو يۇش يۇش يۇش ، بىلگەن بولساڭ پوش پوش پوش، مەندە خاتالىق بوپتۇ خايت، مەن كېتىۋېرەي سەن بولدى قايت دەپلا ماشىنىنى كۈچەپ ئوت ئالدۇرۇپلا قاچقان گەپ.قاچە قاچ ساقچى ماشىنىلېرىنىمۇ تاشلاپتۇ ھەر نىمە بولسا پىراۋىسىز ماشىنا ھەيدىدىڭ دىگەن جەرىمانىدىن قۇتۇلدۇم دەپ خوشال كېتىۋاتسا ئالدىدا بىر ماشىنا يولنىڭ ئوتتۇرىدا توختاپ قالغان گەپ، زىيالى ساقلا ساقلا زېرىكىپ لابانى ئۇرۇۋېرىپتۇ. ئالدىدىكى ماشىنىدىكى يۇسران خانقىزمۇ ماشىنى ئوت ئالدۇرالماي تازا جىلە بۇلۇپ تۇرغانكەن.  قارىسا كەينىدە بىرەيلەن لابا ئۇرۇۋەرگەن . يۇسراننىڭ تازا ئاچچىقى كېلىپ،  ماشىنىدىن چۈشۈپ،  زىيالىغا دەپتۇغۇ- خاپا بولماي ماڭا ياردەملىشىپ ماشنامنى ئوت ئالدۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز، مەن سىزگە ياردەملىشىپ لابا ئۇرۇشۇپ بېرەي.....


زىيالى تۇرپانغا ئۆزلىشىپلا كېىتىپتۇ يۇ لېكىن ئىسسىققا چىدىماپتۇ. تۇرپان بەك ئىسسپ كەتكەچكە زىيالى باچكا بىلەن ئۈرۈمچىگە ئوينىغىلى بارماقچى بوپتۇ.ئۇلار ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ،تەلىيىگە ئۇدا نەچچە كۇن يامغۇر يېغىپ كېتىپ،بەكلا توڭلاپ كېتىپ ياخشى ئوينىيالمايلا تۇرپانغا قايتىپتۇ،ئاپتۇبۇس داۋانچىڭدىن ئۆتكەندە،زىيالى يول بويىدىكى شامال ئېنېرگىيە توك ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ شامالدا پېرقىراۋاتقان چاقپەلىكىنى كورۈپ ھەيرانلىقتا ،باچكىغا دەپتۇ:ياپىرر!!.ھېي!پەرات!گوتوزا پوخۋاش!قارپاقا!تۇرپان نىمانداق ئىسسىق،ئۈرۈمچى نىمانداق سۆرۈن سالقىنكى دىسەم،داۋۇ شامالچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈرۇمچىگە قارىتىپ قويۇپتۇ ئەمەسمۇ!ھا...ھا....ھا


زىيالىنىڭ ئاتا-ئانىسى  بۇدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنى ئۆيلەپ قويماقچى بولۇپ، نۇرغۇن قىزلارنى ئوغلىغا كۆرسىتىپ بىقىپتۇ، لىكىن زىيالى پەقەت ھىچكىم بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر كۇنى ئاتىسى ئالدىغا چاقىرىپ سوراپتۇ:

__ بالام، چوڭ بوپ قالدىڭ، ھىلىمۇ سەن بىلەن تەڭتۇشلارنىڭ2 دىن بالىسى بار، دىگەنىكەن، زىيالى  تۇرۇپ كىتىپ:

__ ۋاي ئاتا، قويغىنا، ھازىرقى زاماننىڭ قىزلىرىنى،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

__ بالام، ئەمىسە ھازىرقى زاماننىڭ قىزلىرى يارىمىسا ئاۋۇ كونا زاماننىڭ قىزلىرىدىن ما 40 يىللىق قوشنىمىز ھاشىخان با، شۇنى ئالامسەيا!!!!!!!


زىيالى ياپونىيەدە كائورى بىلەن ۋەدىلىشىپ قويغاچقا نىمە دەپ باھانە تېپىشنى بىلمەي ۋاي مىنىڭ ئاۋال قاتنىشىدىغان يىغىنىم بار ئاندىن كېيىن مەسلىھەتلىشەيلى -دەپلا ئەتىسى نۇتۇق سۆزلىگىلى توقسۇن تامان يۈرۈپ كېتىپتۇ. زىيالىنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسى، تۇرپان تېلىۋىزىيە ئىستانسىدىن ئۇدا بىر نەچچە ھەپتە زىيارەت قىلغاچقا پۇتۇن تۇرپانلىقلار ئۇنى بېلىپ كەتكەن گەپ. باچكا تەتىل بولغاچ زىيالىغا شوپۇر بۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن تۇرپان توقسۇننى پۈتۈن ئايلىنىپ ئاخىرىدا پىچاننىڭ قۇمۇل تەرەپكە يېقىن خوجەن دىگەن يەرگە بېرىپ نۇتۇق سۆزلىمەكچى بوپتۇ. ئارىلىقتا ماشىنا بۇزۇلۇپ قېلىپ باچكا ياساشنى ئۇقمىغاچقا زىيالى ئۈچ سائەت ھەپىلىشىپ يۈز-كۆزلېرىنى قاپقارا قىلىپ يۈرۈپ ماشىنى ياساپ بۇلۇپتۇ. زىيالى ئاغرىنىپ باچكىغا  قارا ئاداش مۇشۇ قاپقارا چىرايىم بىلەن ئەمدى قانداق نۇتۇق سۆزلەيمەن دىسە باچكا ماشىنىسىنى ھەيدىگەچ -ئاداش بۇ يەردىكى كىشىلەر نامىڭنى ئاڭلىغان بىلەن سېنى كۆرمىگەن سەن بۇ بىر پارچە نۇتۇقنى تۇرپان توقسۇن بۇلۇپ   30-40  يەردە سۆزلەپ كەتتىڭ ھازىرمۇ مىنىڭ قۇلاق تۈۋەمدە ياڭراپ تۇرۇپتۇ . ئۇ يەرگە بارغاندا نۇتۇقنى مەنلا سۆزلەي ، سەن بىر چەتتە ئولتۇرۇپ ئارام ئالغىن. ئۇلار شۇنداق مەسلىھەتلىشىپ باچكا زىيالى بۇلۇپ زىيالىنىڭ نۇتۇقىنى ئوپ-ئوخشاش قېلىپ تاماملاپتۇ. قىزغىن چاۋاك سادالېرى ئىچىدە باچكا ئەمدى سەھنىدىن چۈشەي دەپ تۇرسا،  تۇيۇقسىز پەستىكى بىر مۇئەللىم ئۆزىنى فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى دەپ تۇنۇشتۇرۇپ غەيرىلا بىر سۇئالنى سوراپتۇ.ئاپلا ئەمدى قانداق قېلىش كېرەك ئارقىدا تۇرغان زىيالى بەكمۇ جىددىيىلىشىپ چىرايى تېخىمۇ قارىداپ كېىتىپتۇ. لېكىن باچكىمۇ بوش كەلمەپتۇ ،- ئەپەندىم دەپتۇ ئۇ كۆزەينىكىنى تۈزەشتۈرۋىلىپ - مەن سىزنىڭ ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ مۇشۇنداق ئاددى مەسلىنى بىلەلمىگىنىڭىزدىن بەك ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن.  بۇنداق ئاددى مەسلىگە مەن ئەمەس مېنىڭ شوپۇرۇممۇ مەسلىھەت بېرەلەيدۇ دەپلا زىيالىنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ.....شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردىكىلەر زىيالىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن زىيالىنىڭ شوپۇرى بۇنچىلىك بىلىملىك بولغان يەردە زىيالى ھەقىقەتەن زىيالىكەن دىيىشىپ ماختىشىپ كېىتىپتۇ.



زىيالىنىڭ بۇداقى سەپىرى توغرىلىق بىلىدىغانلېرىم مۇشۇنچىلىككەن. قالغىنىنى كېيىنچە يەنە ئورتاقلىشارمىز ھە!

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 14:44:56

    زىيالىي ھازىر يۇرتتىما؟


izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 14:55:30

ئىزدىنىشنى قىززىتىدىغانلار كەپتىغۇ مانا...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 15:42:16

شۇ چاغدا زىيالى ماشىنىنىڭ كەينىگە لىق تۇز توشقازدى، سورىسام،  \" ئۆتكەندە تاللا بازاردىن بىر يەشىك كۆتىرىپ ئىشىككە كەلسەم، ھەممە پاكار كىشىلەرنىڭ قولىدا بىر بولاق، پەقەت مەن ئېگىزلا بىر يەشىك ئېلىۋاپتىمەن، سەت خىجىل بوپ ھەممىنى قويۇپ يىنىپ چىقتىم، بۇ يەردە چانمايمەنكەن، جىقراق ئېلىۋالاي\"، دەيدۇ، لېكىن ئېلىپ كېتەلمىدى، سەۋەبى، تۇزغا ئايرىم ئايرۇپىلان بېلىتى يوقكەن.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 16:32:51

ما تەيجۈن قىززىق دە، ماشىنا رىمونىت قىلىپ قارىداپ كەتسىمۇ چاندۇرماستىن: ۋاتاشىۋا، مەندە ئەتتىگەن سەھەر قوپسا ئاپپاق ئىدى، يوش، بۇ يەر ناھايىتى ئىسسىق ئىكەن، باگا، بىر دەمدىلا قارداپ كەتتىم، مەن ئەمدى ياپۇنيەگە قايىتماي پاسپورىت كەتمەيدىغان ئافرىقىغا كېتىدۇ دىسىلا ئىش پۈتمەمدۇ دەيمەن.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 18:21:22

<لابا ئۇرۇشۇپ بېرەي> دېگەن يېرىدە تازا كۈلۈپتىمەن ~

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 19:22:03

بۇ قوشنام يوقاپلا كەتتى.مۇنداق سەھەرلەردە سالام قىلىشاتتۇق بولمىسا...

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 00:03:35

زىيالىينىڭ ئالدى بىلەن ئەقىدىسىدە، ئاندىن كەسپىدە يوغان ئىلگىرلەشلەر بولغاي!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 06:45:45

\"\"


شۇنداق قىلىپ مىنى 2015-يىلىغىچە توي  قىلمايدىغان ياكى قىلمىغان بېكىتمە بويىچە باشلىنىپتۇدە بۇ ھىكايە


22ياش ۋاقتىمدا 10 يىلدىن كىيىن توي قىلىمەن دەپ قويۇپتىكەنمەن.بەلكىم ئەستايىدىلمەن ياكى چاقچاقتۇ.ئەمما سائىتى چىقىپ كىتىمەن دىسە چاقچاق دەپ قاراپ ئولتۇرمايدىكەن.


شۇڭا چاقچاقنىڭ يىل سانىنى 2012ياكى 13 كە ئۆزگەرتىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىمەن\"\"

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 08:16:44

__ بالام، ئەمىسە ھازىرقى زاماننىڭ قىزلىرى يارىمىسا ئاۋۇ كونا زاماننىڭ قىزلىرىدىن ما 40 يىللىق قوشنىمىز ھاشىخان با، شۇنى ئالامسەيا!!!!!!!\"\"



زىيالىدىن ئۆتە قىزىقچىمۇ نىمە ئاتىسى\"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 08:42:49

رەھمەتلىك ئاتام راسىت ھايات ۋاقتىدا راسىت قىزىق ئادەم ئىدى.ماڭىمۇ ئاتامنىڭ تەسىرى ئوبدانلا سىڭگەن بولسا كېرەك.


ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 11:46:24

ئۇلۇغ ئىگەم ئاتىڭىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي بۇرادەر!!!


2012 - يىلىغا ئۆزگەرتەي دىسەم مىنىڭ ھوقوقىم يەتمەيدىكەن ئۆزىڭىز ئۆزگەرتىۋىلىڭ بۇرادەر سىزمۇ ئاتامان بولغاندىكىن...سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ئىلىم پەنگە قاتتىق بېغىشلىغانلىقىڭىزدىن تەسىرلىنىپ 2015 دەپ يىزىپ قويغانتىم. سىز يىراقتا بولغاندىكىن ئاچچىقىڭىز كەلسىمۇ ئىچىڭىزگە يۇتىسىز يا يۈگۈرەپ كېلىپ ئۇرالمايسىز  شۇڭا سىزنى ئازراق بوزەك قىلاي دەپ ئالا-جۇقا سۆزلىۋالدىم... {:181:}

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 16:47:55

مىيىت ئۈچۈن جەننەت تىلەش شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولمىغان تىلەك.


سەۋەبى: ئىنساننىڭ جەننەت ياكى دوزاخقا كىرىش ئىشى ئەللاھتىن باشقا بارلىق مەۋجۇدات يوقىلىپ، ئىنسانىيەت ئاخىرەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ سوئال - سوراقتىن كېيىن بولىدىغان ئىش.


توغرىسى: مىيىت گۇناھىنىڭ كەچۈرۈلۈشىنى ئەللاھتىن تىلەش.


شۇڭا مىيىت ئۈچۈن: ئەللاھ  ئۇنىڭ گۈناھىنى كەچۈرگەي،دېيىش توغرا.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 21:48:52

زىيالى، ئېغىزدىن كەتكەن سائەتنى ياندۇرۇپ يۇتۇۋەتكىلى بولامدا؟

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-1-19 07:41:21

ۋۇي ماۋۇ رەسمى خاتىرىدەكلا سەپەر خاتىرىسىكەندۇق ئادەمنى تېلىقتۇرۇپ قويغىدەك ..قېنى بۇنىڭ داۋامى ئاندىن؟

ئەمما تازا كۈلۈپ كۈلۈپ كەينىدىن  ئىنكاسلارنى ئوقۇپ كۆڭلۈم بىر خىل بۇزۇلۇپ قالدى..ئاللاھ كەتكەن ئەزىزلەرگە   جەننەت نىسىپ قىلار.

 
بەت: [1]
: زىيالىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى