izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-15 17:04:20

مـەدەنىيلىشىشمۇ، ياتـلىشىشمۇ؟~(يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق)



مـەدەنىيلىشىشمۇ، ياتـلىشىشمۇ؟





يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق










توغرىسىنى ئېيتقاندا، ھەممىمىز كۆز ئالدىمىزىكى رېئاللىقتا بىر سەپتە، بىر خىل مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز. كۆز ئالدىمىزدىكى ھايات مەنزىرىسى نەزىرىمىزدىن يىراق ئەمەس. بىراق بۇ ئەمەلىيەتكە بەزىلەر دىققەت قىلغان، بەزىلەر تازا دىققەت قىلالمىغان، بەزىلەر ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئىچىگە تىنىشقان، بەزىلەر پەرۋاسىزلىق بىلەن كۆزىنى يۇمۇشقان. بەزىلەر كۆزنىڭ ئىنكاسىنى جۈرئەتلىك ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ، ئەپسۇسكى نۇرغۇنلىرىمىز ئۈچۈن بەزى ۋايساشلار ئەخمەقلىق بولۇپ تۇيۇلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سىر ئەمەسكى ھازىرقى رېئاللىق، تەرەققىيات، چېكىنىش، مەدەنىيلىشىش ۋە ياتلىشىش توغرىسىدا خېلى كۆپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بۇ توغرا تەۋسىيىلەر بىزگە رېئاكسىيە بېرىۋاتامدۇ قانداق؟ ئەيتاۋۇر نۇرغۇن ئىشلار تېخىمۇ ئەدەپ كەتكىلى تۇردى. بىر ئۇلۇغ زاتتىن: «تەكەببۇرلۇق نېمە؟» دەپ سورىسا، «ھەق سۆزنى تەن ئالماسلىق ۋە باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقتۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن. ئۇنداقتا بىزگە مەسلىھەت، ھەق تەۋسىيىلەرنىڭ تەسىر قىلمايۋاتقانلىقى بىزدىكى بىمەنە تەكەببۇرلۇقمۇ ياكى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىكمۇ؟



مەن يەنە ئەنئەنە، مەدەنىيلىشىش، ياتلىشىش ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپ قېلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن مەقسەت كۆزىمىزدىن ياتلىشىپ مىللىي خاسلىقىمىزنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋاللار، ياخشى ئەنئەنىمىزدىن يىراقلاپ كەتكەن بەزى ئېزىقىشلار ئارقىلىق ئۆزىمىز ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىش ئۈچۈن ئەينەك كۆتۈرۈش. ئۇقمايمەن، قارىغۇنىڭ شەھىرىدە ئەينەك كۆتۈرۈپ ماڭسا خورلۇققا قالغاندەك، بەزىلەرنىڭ قاراڭغۇ قەلب ئۆڭكۈرىگە ئەينەك كۆتۈرۈپ كىرىمەن دەپ، ناكەسلەرنىڭ قارغىشىغا ئۇچرارمەنمۇ؟

«ياتلىشىش»نىڭ لۇغەت مەنىسىدىن قارىغاندا، بىر خىل نەرسىدىن ئىككىنچى خىل نەرسىگە ئۆزگىرىپ كېتىش، ئەكسىگە قايتىش مەنىسىنى بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن يىراقلىشىش، ئايرىلىش دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بېرىدۇ. ھازىرقى دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ياتلىشىشى توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزى توغرىسىدا ئىزدىنىشى ئۈچۈن يوچۇق ئېچىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ياتلىشىش كۆپ تەرەپلىمىلىك مەزمۇنلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن: ئاڭنىڭ ياتلىشىشى، بۇنى گېگىل:«ئاڭ ئۆزىنىڭ پائالىيىتى جەريانىدا ئۆزىنى ياتلاشتۇرۇپ، ئىككىنچى بىر خىل ئوبيېكتقا ئايلىنىدۇ» دەپ قارىغان. ئەمگەكنىڭ ياتلىشىشى توغرىسىدا ماركس ئالدى بىلەن ئەمگەكچىنىڭ ۋە ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياتلىشىشى مەسىلىسىدە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان نەرسە بولماستىن، بەلكى ئەمگەكچىلەر ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. يەنە بىر نۇقتىدىن، ئەمگەك جەريانىنىڭ ياتلىشىشى مەسىلىسىدە ئەمگەك ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن مەجبۇرىيەت ۋە بېسىمغا ئايلىنىپ قالغان. ئەمگەكچىلەر ئەمگەك جەريانىدا خۇشاللىق ۋە ئازادىلىك ھېس قىلماستىن، ئەمگەكتىن بىزارلىق ھېس قىلىدىغان روھىي ھالەت. يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئادەم ماھىيىتىنىڭ ياتلىشىشى، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياتلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ ياتلىشىشى، ئېتىقادنىڭ ياتلىشىشى، جىنسىي ياتلىشىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ياتلىشىشنىڭ بىرقانچە تەرىپى بولىدىكەن. بىرى، پاكلىنىش ۋە تەرەققىيات خۇسۇسىدىكى يېڭىلىنىش، يەنە بىرى، بۇلغىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆز- ئۆزىنى دەپنە قىلىش. يېڭىلىنىش ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن بولىدۇ، بىرى كونا، قالاق، قاتمال، مەنىۋى زەئىپلىك قاتارلىق مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدا ساقلىنىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئىللەتلەردىن پاكلىنىش بىلەن مىللەتنىڭ شان- شەرىپىگە، مەۋجۇتلۇقىغا، تەرەققىياتىغا، كەلگۈسى ئىستىقبالىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىلغار ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى زاماننىڭ تەلىپىگە ماس ھالدا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئىلغار ئىدىيە، ئىلغار مەدەنىيەت ئامىللىرىنى، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بىر خىل يۈزلىنىش، ئاللىبۇرۇن باشقىلار سۈپۈرۈپ تاشلىۋەتكەن ئەخلەت- چاۋالارنى قوبۇل قىلىۋېلىپ ئۆزىنى بۇلغاش. بىزدە ھازىر ئىلغار ئەنئەنىلىرىمىزنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاز، قالاق، قاتمال، چۈشكۈن، خۇراپىي ئەنئەنىنى جاھىللىق بىلەن ساقلاش كۆپرەك. چەت ئەلنىڭ ئىلغار قىممەتلىك ئېڭىنى، مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى قوبۇل قىلىش ئازراق، ئۇلار ئاللىقاچان چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن ئەخلەتلىرىنى، تۈكۈرۈۋەتكەن تۈكۈرۈكلىرىنى قوبۇل قىلىۋېلىپ، مىللىتىمىز-

نىڭ مىللىي روھىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى بۇلغاش، مىللىي خاسلىقىمىزنى بارا- بارا دەپنە قىلىش كۆپرەك بولۇۋاتىدۇ.



مەدەنىيلىشىش بىلەن تەرەققىيات تۇرمۇشقا يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىراق، ئۇ ھەرگىز ئەنئەنىنى چەتكە قېقىش ئارقىلىق ئىپادىلەنمەيدۇ. بەلكى قالاق ئەنئەنىلەردىن يۈرەكلىك ۋاز كېچىش، ئىلغار ئەنئەنىلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئەنئەنىدىن ۋاز كېچىش تەرەققىي قىلىش ئەمەس، بەلكى بارا- بارا ئۆزىنى ئۇتتۇرۇش بىلەن باراۋەر. ياخشى ئەنئەنىدىن ۋاز كەچكەن مىللەت چوقۇم يامان تەقدىرنىڭ قولىغا تۇتۇلىدۇ.



ئۇيغۇر خەلقى مۇكەممەل، گۈزەل ۋە پارلاق ئەنئەنىگە ئىگە مىللەت. بۇ ئەنئەنە ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەت قارىشى، ئېتىقادى، ئېستېتىك ئېڭى، تۇرمۇش ئادىتى، تارىخىي تەرەققىياتى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ئارىسىدا بارا- بارا مۇكەممەللىشىپ، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كاتېگورىيىگە ئايلانغان. ئۇيغۇر خەلقى شۇنى چۈشىنەتتىكى، ئەنئەنىدىن ئايرىلغان مىللەت مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايتتى. ئەنئەنىدىن ئايرىلغان مىللەت قىپيالىڭاچ قۇرۇق گەۋدىگە ئايلانغان تىرىك جەسەتكە ئوخشايتتى.

ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خەلقنىڭ ئورتاق بىر ساداسى شۇكى، ھازىرقى خېلى كۆپلىگەن ياشلاردا غەرب مەدەنىيىتىگە قارىغۇلارچە چوقۇنۇش خاھىشى بىر خىل ئومۇمىيلىققا ئايلانماقتا. بۇنداق ياتلىشىش يالغۇز ئىدېئولوگىيە جەھەتتىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بەلكى مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئۆرپ- ئادەت، مىللىي قىممەت قارىشىغا جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ھەتتا بىز شۇنداق ھادىسىلەرنى بايقىدۇقكى، جىنسىي ئەركىنلىك تەشەببۇسلىرىمۇ بىر قىسىم نادان ياشلىرىمىزنى سېھرى جادۇسىنىڭ تەسىر تورىغا چۈشۈرۈۋېلىشتىن باش تارتمايۋاتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتە ئەخلاقىي جەھەتتىكى ئىجتىمائىي كونتروللۇقىنىڭ تىزگىنىدىن بوشىنىشقا ئۇرۇنۇپ تىپىرلاۋاتىدۇ. ھايانىڭ ئورنىنى ھاياسىزلىق ئىگەللىگىلى تۇردى. مەن ئۇيغۇرلاردىكى ياتلىشىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى سۈپىتىدە مۇنداق بىر قانچە تىپىك ئەھۋالنى مىسال قىلىپ بېرەي:



ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ- ئادىتىدە توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ئىشلىرى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بىراق ھازىر ئەڭ ياخشى، گۈزەل ۋە ھايا ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىلغار ئەنئەنىمىزنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزگە قەتئىي مۇناسىپ كەلمەيدىغان يات بىر ئادەتلەر دەسسىۋالدى.



ئۇيغۇرلاردا بالىلارنىڭ سۈننەت تويى بىر بالىنىڭ يەتتە ياشقا كىرىپ، جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت ھاياتىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش باسقۇچىنى تەبرىكلەش، شۇنداقلا بۇ بالىنىڭ سۈننىتىنى قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىسىنى ئىپادىلەش مۇراسىمى. بۇ تويدا قازان ئېسىپ يۇرتقا ئاش بېرىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ بەخت- سائادەتلىك، ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. بىراق، ھازىر ئاتا- ئانىلارنىڭ قۇرۇق سۆلەتۋازلىقى بىلەن بۇ مەسۇم بالىلارنىڭ بەخت- ئىقبالى توغرىسىدىكى تىلەكلەر رېستوراندىكى ھاراق- شاراب، مەستلىك- نەسلىك، قالايمىقان كۈلكە- چاقچاق ئىچىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتتى.



بىر قېتىم مەن بىر زۆرۈرىيەت بىلەن مەلۇم بىر رېستورانغا باردىم. بۇ يەردە بىر بالىنىڭ سۈننەت تويى ئۆتكۈزۈلىۋاتقانىكەن. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، رىياسەتچى بىلەن توي ئىگىسى سەھنىگە چىقىپ توينىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىدىغان چاغدا ئۇ ھەر ئىككىسى قولىدا لىق مەي تولدۇرۇلغان رومكىلارنى تۇتۇشۇپ ئاجايىپ دەبدەبە، ھەيۋەت بىلەن بالىنىڭ بەخت ئىقبالىنى ۋە ئىستىقبالىنى تىلەشتى. بىر مىللەتكە نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ياتلىشىش بولامدۇ؟

بۇرۇنقى قىز- يىگىت تويىدا ئاۋۋال قىزنى يۆتكەپ كېلىپ، ئىككى ياش بىر ياستۇققا باش قويغاندىن كېيىن، ئەتىسى ئىككى ياشنىڭ بىرىنچى كېچىنى ياخشى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىك شەرىپىگە ئوغۇلنىڭ ئۆيىدە توي بېرىلەتتى. ئەتىسى قىزنىڭ يۈزى ئېچىلغانلىقى ئۈچۈن سىمۋوللۇق ھالدا يۈز ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاندىن قىز كىشىلەرگە يۈزىنى كۆرسىتەتتى. ئەگەر ئالىمادىس قىزدا مەسىلە كۆرۈلۈپ قالغان بولسا، ئەتىسى قازان ئېسىلمايتتى. بۇ ئەنئەنە ئىنتايىن قائىدىلىك، تەرتىپلىك، ئەھمىيەتلىك ئىدى. ھازىر بۇنىڭ پۈتۈنلەي تەتۈرىسىچە، قىزنى ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن يۆتكەپ كېلىپ، ئاۋۋال كوچا- كوچىلارنى سازايى قىلدۇرىمىز، ئاندىن رېستورانغا ئېلىپ بېرىپ ئۇسسۇلغا، تانسىغا سالىمىز، ئاندىن تېخى يۈزى ئېچىلمىغان قىزنىڭ يۈزىنى ئاچىمىز. بۇ ھازىر قىزلارنىڭ يۈزى توي قىلىشتىن بۇرۇن ئېچىلىپ بولغانلىقىنىڭ سىمۋولىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر يوشۇرۇن پاجىئەمۇ بار. ئوغۇلغا توي شادلىقى دەپ كۆپلەپ ھاراق ئىچۈرۈلىدۇ، نەتىجىدە ئۇ بىرى قىزنىڭ ھەقىقىي پاك ياكى پاك ئەمەسلىكىنى بىلىش، ھېس قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قېلىنىۋاتىدۇ. يەنە بىرى، ئەگەر شۇ مەستلىكتە بالا بولۇپ قالسا، ئۇ بالا چوقۇم مۇكەممەل ئادەم بولۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان بولىدۇ. بۇنى پۈتكۈل جەمئىيەت ناھايىتى چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەكقۇ، دەيمەن.



ئۈچىنچى بىر تىپىك مىسال، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، تارىخىي ۋە رېئالنىي قىممەتكە ئىگە بىر بايرىمىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ نورۇز بايرىمى. نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. نورۇز بايرىمىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى قىممىتى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىقتىسادىي قىممىتىمۇ خېلى ئەھمىيەتلىك ئىدى. بىراق، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە نورۇز بايرىمىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىزدە ناھايىتىمۇ زەئىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. پەقەت نورۇز كېچىسى تېلېۋىزوردا بېرىلگەن نورۇز بايرىمى سەنئەت كېچىلىكى بىزنىڭ بىردىنبىر تەبرىكلەش پائالىيىتىمىز بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كالېندارى بويىچە 3- ئاينىڭ 21- كۈنى كۈن بىلەن تۈن تەڭ بولىدۇ. شىنجاڭدا باھار باشلىنىدۇ. يەر- زېمىن تەۋرەيدۇ، قۇرت- قوڭغۇزلارمۇ ئۇيقۇدىن ئويغىنىدۇ، ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق باشلىنىپ كېتىدۇ. يېڭى بىر يىلدىكى مول- ھوسۇل ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ. بۇ خۇشاللىقنى تەبرىكلەپ يېزا- يېزىلاردا ئاجايىپ مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى يېڭى- يېڭى مەزمۇنلار بىلەن بېيىتىدۇ.

بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدىكى، ئەنئەنىسىدىكى ھەرقانداق ئۆرپ- ئادەت ۋە ئەنئەنە ھەرگىزمۇ بىكاردىن- بىكار ئىچ پۇشۇقى ئۈچۈنلا يارىتىلغان ئەمەس. ئۇ شۇ مىللەتنىڭ پۈتكۈل ھايات تارىخى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن. بىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى شۇ مىللەتنى تەشكىل قىلغان ئومۇمىي جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە ياشاش ئادەتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ گۈزەل ۋە قىممەتلىك ئەنئەنىلىرىمىز كېيىنكى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن مۇھىم ئۇل. ئۇ ھەم ئۆزىمىزنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى، ھەتتا ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. قىممەتلىك نەرسىلەر ھەرگىز كونىرىمايدۇ. ئەنئەنىدىن ئۇنىڭ كونا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ۋاز كەچكۈلۈك ئەمەس. ئەگەر ئۇنداق دەپ قارىساق ۋەتەنمۇ بىز ئۈچۈن كونا، ئۇنىڭدىنمۇ ۋاز كېچىش كېرەكمۇ؟ مىللىتىمىزنى كونىتى دەپ ئۇنتۇپ كېتىش زۆرۈرىيىتى توغۇلامدۇ؟



ئومۇمەن، بىزدە ياتلىشىش ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ كەتكەنلىكىمىزدىن، ئەنئەنىمىزنىڭ تەرەققىيات يولىمىزدا پۇتلىكاشاڭ بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ بىر تەرەپتىن بىزدىكى ئەنئەنىنى سۆيۈش، ئەنئەنىنى قەدىرلەش ئاڭلىقلىقىمىزنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ نادانلىقىمىزنى، گۈزەللىكنى ۋە ھەقىقىي قىممەتنى تونۇمىغانلىقىمىزنى، ئۆزىمىزنى قەدىرلەش ئىقتىدارىمىزنىڭ تۆۋەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۈچىنچى تەرەپتىن، ئاتا- ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ يېتەكچىلىك، يادرولۇق رولىنى يوقىتىپ قويغان، ئەنئەنە تەربىيىسىگە تازا كۆڭۈل بۆلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى ياشلاردا مىللىي روھ ئاجىزلاشقان، ئۆزىنى بىلىش، ئۆزىنى قەدىرلەش يېتەرلىك بولمىغان، باشقىلارغا قارىغۇلارچە چوقۇنۇش، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز كەمسىتىش خاھىشى باش كۆتۈرگەن. ئۇلارغا نەسىھەت قىلسا، بۇلار زامان ئۆزگەردى، دەۋر ئۆزگەردى، ھازىرقى زامان سىلەرنىڭ دەۋرىڭلارغا ئوخشىمايدۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇنداقتا زامان ئۆزگەرسە، دەۋر ئۆزگەرسە مىللەتمۇ ئۆزىنىڭ ئىلغار، قىممەتلىك ئەنئەنىسىدىن ئاينىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلامدۇ؟ دەۋر تەرەققىي قىلسا، نادان، مەدەنىيەتسىز مىللەت ئۈچۈن ئۆزىدىن ياتلىشىش، ئۆزىدىن ۋاز كېچىش لازىم بولامدۇ؟ پەقەت روھىي جەھەتتىن زەئىپلەشكەن كىشىلەرلا ئاشۇنداق ئاينىش، ئۆزىنى ئۇنتۇش، قارىغۇلارچە باشقىلارغا چوقۇنۇشنى تەرەققىياتقا يۈزلىنىش دەپ قارايدۇ. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، مىللەتكە بولغان يۈكسەك ھۆرمەت، ئۆزىگە بولغان مۇھەببەت پارلىغان جۇشقۇن روھلۇق ياشلار روھىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆزىنى قايتىدىن قۇرۇش، ئەنئەنىنى زامانغا يارىشا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇكى، ھەرگىزمۇ مىللەتنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسىگە ئاسىلىق قىلمايدۇ. نادان، ھاماقەت، ئازغۇن كىشىلەرلا ياتلىشىش، ئاينىشنى ئەنئەنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دەپ چۈشەندۈرىدۇ، مەنىۋى جەھەتتىكى چۈشكۈنلۈكنى ئەركىنلىتىش دەپ چۈشىنىدۇ.



ھەقىقەتمۇ كونىرامدۇ؟   



مەن كىتاب ئوقۇش ھاياتىمدا ئەڭ چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەسەر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق پەلسەپىۋى ئەسىرى. مەن بۇ ئەسەرنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مەنىۋى مەكتەپ بولدى، دەپ قارىسام ناھايىتى مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى مۇقەررەر. چۈنكى، مەن بۇ كىتاب ئارقىلىق دۇنيا قاراش جەھەتتە بەلگىلىك ئۆزگىرىش ياسىدىم. ئۆزۈمگە بولغان تونۇشنى، ئۆزۈمگە قويغان تەلەپنى يېڭىلىدىم؛ ھاياتنىڭ مەنىسىنى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قىممىتىنى باشقىدىن ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بىر ئالىم «قۇتادغۇبىلىك»نى ناھايىتى نۇرغۇن كوچىلاردىن تۈزۈلگەن بىر ياسىداق شەھەرگە ئوخشىتىپ، «تېخى بىرەر ئادەممۇ بۇ شەھەرنىڭ ھەممە كوچىلىرىنى سەير قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى» دېگەن ئىدى. ھەقىقەتەن مەن ھەر قېتىم بۇ ئەسەرنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا يېڭى- يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولىمەن. ئەڭ مۇھىمى مەندە ئاجايىپ بىر ھەيرانلىق ۋە يەنە بىر چۈشىنەلمەسلىك بار.

ھەيرانلىقىم شۇكى، «قۇتادغۇبىلىك»تىكى بىلىش چوڭقۇرلۇقى ۋە چۈشەنچنىڭ كەڭلىكى بىلەن بىللە ئۇ ئەسەرنىڭ 11- ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بارلىققا كەلگەنلىكىگە بولغان ھەيرانلىق. ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەلسەپىۋى مەسىلىلەر، ھاكىمىيەت مەسىلىلىرى ۋە تۇرمۇشنىڭ كونكرېت ھالقىلىرىغىچە بولغان بارلىق ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچە ئىنتايىن ئىلغار. گەرچە ئالىم 11- ئەسىردىكى فېئودال مۇھىتتا، دىنىي ئىدېئولوگىيە ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھاكىمىيەت، قانۇن ھەققىدىكى تەشەببۇسلار ياۋروپادا شۇنىڭدىن بەش ئەسىر كېيىن تەشەببۇس قىلىنغانىدى. ئەسەردە ئالغا سۈرۈلگەن تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يەكۈنلەر بۈگۈنمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ، ئومۇمەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىنىڭ ھاياتىي قىممىتىگە چەكسىز ئىشەنگەن. ئۇنى «بۇ دۇنيانى ئىزدىسەڭمۇ يول مۇشۇ، ئۇ دۇنيانى تىلىسەڭمۇ يول شۇ»، «ھەرگىز يولۇڭدىن ئازماي ئۇشبۇ يول بىلەن ماڭغايسەن. بۇ مەندىن ساڭا مىراس قالغان سۆز، ھەرقانچە ئالتۇن- كۈمۈشمۇ بۇ سۆزلىرىمنىڭ قىممىتىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ئالتۇننى خەجلىسەڭ تۈگەيدۇ، ئەمما مېنىڭ بۇ سۆزلىرىم ساڭا مەڭگۈ ئەسقاتىدۇ» دېگەن. ھەيرانلىقىمنى تېخىمۇ ئۇلغايتقان يەنە بىر نەرسە -  11- ئەسىردە يۈسۈپ خاس ھاجىپلا ئەمەس، بەلكى مەھمۇد قەشقەرى، ئىمانىددىن قەشقەرى قاتارلىقلارغا ئوخشاش بۈيۈك تىلشۇناسلار ۋە تارىخچىلار بارلىققا كەلگەن. «قۇتادغۇبىلىك»تىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قاراخانىلار دەۋرىدە تەبىئىي پەنمۇ ئاجايىپ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. مانا شۇنداق ئۇلۇغ ئالىملارنى ۋە نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن شۇ چاغدىكى ئىلمىي مۇھىت، شۇ چاغدىكى مائارىپ كېيىن نەگە كەتكەن بولغىيتتى؟



شۇنداق، «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «تۈركىي تىللاردىۋانى» ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ئىلغار ھالقىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلار 21- ئەسىردە ياشاۋاتقان ئەۋلادلىرىغا دائىملىق ئۇستاز بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەن بىر ئۆمۈرلۈك تەتقىقات نىشانىم قىلىپ «قۇتادغۇبىلىك»نى تاللىۋالغانىدىم. ئۇنى جەمئىيەتكە تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭدىكى قىممەتلىك مەنالاردىن، ئۇلۇغۋار مەزمۇن ۋە تەۋسىيەلەردىن خەلقىمنى بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە بىر خىل پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ئويغىتاي دېگەن بىر نىيەتتە مەن. بۇنداق بولۇشتا يەنە ماڭا تەسىر قىلغان مۇھىم بىر ئىش «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ نەزمىي يەشمىسى نەشر قىلىنىپ، بىزدىن ئەسىرلەپ جۇدا بولۇپ تۇرغان بۇ ئەسەر قايتىدىن يورۇقلۇققا چىقتى. ئەسلىدە ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە بىردىن تەۋەررۈك قىلىنىپ ساقلىنىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى ئىش ئۇنداق بولمىدى. ئۆز ۋاقتىدا خەلقىمىز بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى ياخشى ھېس قىلالمىدى. يەنە بىر جەھەتتە نەزمىي بولغانلىقى ئۈچۈن بەدىئىي تەربىيىلىنىشى تۆۋەن ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسى يېتەرلىك بولمىغان كىشىلەر بۇ ئەسەردىن ئۈنۈملۈك مەنپەئەت ئالالمىدى. گەرچە خېلى كۆپ كىشىلەر كىتابنى قەدىرلەپ ئېلىپ قويغان بولسىمۇ، تاكى ھازىرغىچە ئوقۇپ باقمىغان زىيالىيلار ناھايىتى كۆپ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بېسىلغان كىتاب سانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىپ، ئاخىر باھاسى چۈشۈرۈلۈپ سېتىلدى. تاكى يېقىنقى يىللارغىچە شۇنداق بولدى.

مەن ساۋاتلىق دەپ قارىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»نى بىر ئوقۇپ چىقىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم. ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا بارلىققا كەلگەن بىرەر ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»تەك كۆپ تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىمىغان. مەخسۇس مۇشۇ ئەسەرنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن تۆت نۆۋەت مەملىكەتلىك ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى چاقىرىلدى. بىر نۆۋەت خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلدى. مەخسۇس كىتابلاردىن ئون نەچچە پارچە، ئىلمىي ماقالىدىن نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ پارچە ماقالە يېزىلدى. تېلېۋىزور، گېزىت- ژۇرناللارنىڭ سەھىپىلىرىدە بۇ ئەسەرلەردىن ئۈزۈندىلەر بېرىلىپ تۇردى. شۇنداق كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقاتنىڭ تەسىرى بىلەن بولسا كېرەك، ئەسەر نەشر قىلىنغان 1984- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە بولغان ئون تۆت يىلدىن كېيىن بەزى كىشىلەردە «قۇتادغۇبىلىك»كە بولغان قىزغىنلىق قوزغالدى. بۇ ۋاقىتتا كىتابنىڭ باھاسى ئون ھەسسە ئېشىپ يۈز يۈەندىن سېتىلدى.

بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ باھا ۋە چۈشەنچىسى بويىچە كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىدىغان كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇنىڭ ئەڭ تىپىكلىرى مۇنۇ مەزمۇندا: «بىز قاچانغىچە بۇ ئىككى كونا چاپاننى («قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى دېمەكچى) كىيىۋېرىمىز»، «ئىككى كىتابنى تەكىي قىلىپ ياتامدۇق» دېگەندىن ئىبارەت. ھەتتا ماڭىمۇ «كونا چاپان» لەقىمى سىڭىپ قالغىلى ئاز قالغانىدى. ھەتتا ئۆزىنى ئەڭ كاتتا چاغلايدىغان بەزى شائىرلار ئوچۇق- ئاشكارا پۈتۈن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئىنكار قىلىشقان. ئۇنىڭدا بىز ئۈچۈن لازىملىق ھېچ نەرسە يوق دەپ قارىغان.

مېنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغان يەنە بىر تىپىك ئەھۋالمۇ بار. بىر كۈنى بىرقانچە كىشىلەر بىلەن بىر سورۇندا سۆھبەتتە بولۇپ قالدۇق. بۇ سورۇندا يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدا پاراڭ بولۇپ قالدى. بۇ چاغدا بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىسى ئەسكى تامدىن مۇشت چىققاندەكلا: «يۈسۈپ خاس ھاجىپ دېگەن كىم؟ ئۇ نەلىك ئادەم؟» دەپ سوراپ قالدى. بىز ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، «سېنىڭ يۇرتلۇقۇڭ» دەپ جاۋاب بەردۇق. ئۇ يەنە ئۇلاپلا «قەيەردە ئىشلەيدىغان ئادەم ئۇ؟» دېمەسمۇ، سورۇندىكىلەر بىر- بىرىمىزگە ئەجەپلىنىپ قاراشتۇق. ئۇ چاقچاق قىلمايۋاتاتتى، راستتىنلا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىكەن. مېنىڭ ۋۇجۇدۇمنى ئەپسۇسلىنىش ۋە ئۈمىدسىزلىنىش ئىگىلىگەن ئىدى..

−  ئەي سادىغاڭ كېتەي بۇرادەر، ئىنساپ قىل، سەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كىملىكىنى بىلمەي، قانداقمۇ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىم بار دەپ قارايسەن،- دېدىم.

−  بىرەر ئادەمنى بىلمىگەنگە نېمە بوپتۇ، سەن بىلمەيدىغان ئادەملەرمۇ كۆپقۇ،- دەپ تېرىكتى ئۇ.

−  توغرا، بىز بىلمەيدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ، بىراق بىز ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئۇلۇغ ئالىمىمىزنى بىلمىسەك تولىمۇ نومۇسسىزلىق بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپقىمۇ يۈز كېلەلمەيمىز،- دېدىم.

مەن كېيىن بۇ ھەقتە مەخسۇس تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندىم. مەلۇم بولدىكى 90 پىرسەنت ئوقۇتقۇچى «قۇتادغۇبىلىك»نى ئوقۇپ باقماپتۇ. 100 پىرسەنت ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تېخىمۇ يىراق ئىكەن. ھەتتا دەرسلىك مەزمۇنىدا «قۇتادغۇبىلىك»نى ئوقۇپ كېلىش تەلىپىنى قويماپتۇ. بۇنىڭدا يەنىلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ناھايىتى چوڭ. بىرەر چەت ئەللىك بىرەر ئوقۇغۇچىدىن «سىز قۇتادغۇبىلىك»نى ئوقۇپ باققانمۇ؟ دەپ سوراپ قالسا نېمە دەپ جاۋاب بەرگۈلۈك.

بىز تەكىتلەۋاتقان ساپا مائارىپى بويىچە ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ ساپاسى ۋە ئۇنىۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسىنى نېمىگە ئاساسەن ئۆلچەيمىز؟ بىز كىتاب ئوقۇمدۇق، قانداق كىتابلارنى ئوقۇيمىز، پەقەت مۇھەببەت كىتابلىرىلا بىزگە ھەقىقىي ساپا ئاتا قىلالارمۇ؟ «كونا چاپان» دەپ قاراۋاتقان بۇ ئىككى ئەڭگۈشتەرنى قاچان كىيىپ باقتۇق؟ ئۇنى كىيىپ باقماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ كونا- يېڭىلىقىنى، ئۆزىمىزگە مۇناسىپ كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى قانداق ھېس قىلالايمىز؟ «قۇتادغۇبىلىك»تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇن پۈتۈنلەي ھايات ھەقىقىتى ۋە قانۇنىيىتىنىڭ يەكۈنلىنىشى. ھەقىقەتنىڭ كونىرىغىنىنى نەدە ئاڭلىغان؟ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ غالىپلىقىنىڭ نەمۇنىسى، ئۇلارچە بولغاندا، تىلىمىزنى كونىرىدى، دەپ تاشلىۋېتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلامدۇ؟










ھازىر بىزنىڭ ئالدىمىزدا ناھايىتى نازۇك بىر تاللاش تۇرۇپتۇ. تارىخنىڭ بۇ ئاچىلىدا بىر قەدەمنى خاتا باسساق تارىخ چاقى مىجىپ يانچىيدۇ. بىلىش كېرەككى، ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ مۇنداق ئىككى ئالاھىدىلىكى بار: بىرى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئاجايىپ جۇشقۇن، قايناق ۋە رەھىمسىز بازار. يەنە بىرى ئەڭ جىددىي ۋە دەھشەتلىك بەيگە مەيدانى. بازارمۇ نابابلىرىنى شاللىۋېتىدۇ. بەيگىمۇ چىدامسىز، غەيرەتسىز، قابىلىيەتسىزلىرىنى چاڭ- توزان ئارىسىدا قالدۇرىدۇ. چۈنكى تارىخ رەھىمسىز، ئۇ ھەرگىزمۇ كەينىگە قاراپ ساقلاپ تۇرمايدۇ. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق دەھشەتلىك رىقابىتىگە كەڭرى يول ئېچىپ بېرىپ، بۇ رىقابەت خاسىيىتىدىن كەشىپ قىلىنغان رەڭگارەڭ مۆجىزاتلار بىلەن ئۆزىنى ياساندۇرغان بولسا، يەنە شۇ رىقابەت «تىغ»لىرىدىن تۆكۈلگەن دەريا- دەريا قانلار بىلەن ئۆزىنى يۇيۇپ پاكلىماقچى بولىدۇ. مەلۇم مەنىدە بۇ تارىخنىڭ گۇناھى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ شان- شەرىپى ۋە ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىشى ھېسابلىنىدۇ. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىغانكى، رىقابەت بەيگىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان خەلق تارىخ سەھنىسىدىن ئۈن- تىنسىزلا غايىب بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ھايات- ماماتلىق بەيگىدە يېڭىلگەنلەر، بازاردىن شاللانغانلار، توغرا يول تاپالمىغانلار بەيگىدىن، بازاردىن، يولدىن ئاغرىنىشى ئەخمەقلىق. ئەگەر دانا بولماقنى ئىزدەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ نابابلىقىمىزدىن ئاغرىنساق بولىدۇ. مەن تۆۋەندە مىللەتنى خاراب قىلىدىغان بىرقانچە ياتلىشىش ئەھۋاللىرىنى قىسقىچە بايان قىلىمەن:



غەيرىي جىنسىي ئۆزگىرىش ئىپادىلىرى   



    دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلار ئەركەك ۋە چىشى ئىككى جىنستىن يارىتىلغان. ئەركەكتە ئەركەككە خاس ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەت، چىشىدا چىشىغا خاس ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەت ناھايىتى روشەن ئايرىلغان. شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسانلارمۇ ئەر- ئايال ئىككى جىنستىن فىزىئولوگىيىلىك، ئاناتومىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك جەھەتتە روشەن جىنسىي پەرققە ئىگە قىلىنغان. ئەرلەردە ئەرلىك تەبىئەت ناھايىتى روشەن، ئاياللاردا ئاياللىق تەبىئەت ئىنتايىن گەۋدىلىك. بۇ بىر خىل ئومۇمىيلىق. مانا مۇشۇ ئومۇمىيلىقلار قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىش تەقسىماتى جەھەتتە بولسۇن، كىيىم- كېچەك، زىبۇزىننەت ۋە يۈرۈش- تۇرۇش جەھەتتە بولسۇن، روشەن ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.

مىللىي خاسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي خاسلىقىنى ۋە ئەركەكلىك سالاپىتىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك كۆركى بار. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى، ئاياللىق تەبىئىتىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغان ئىنتايىن نازۇك خاسلىقى بار. قەدىمكى ئەسەرلەردىكى بايانلارغا سەپسالىدىغان بولساق، ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئاياللىق خاراكتېرى كۆپىنچە ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي- پەزىلىتى، ھاياسى، دىيانىتى، قەددى- قامىتى، ھۆسن- جامالى، زىبۇزىننىتى قاتارلىقلار تەرەپتىن يورۇتۇپ بېرىلگەن بولسا، ئەرلەرنىڭ تاشقى كۆركىگە ئېتىبار قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، كۆپىنچە ئەرلىك خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدىغان ئەقىل- پاراسىتى، غۇرۇر- ۋىجدانى، باتۇرلۇقى، قەيسەر، قەھرىمانلىقى، ئىلىم- ھۈنەر جەھەتتىكى ئىقتىدارى، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان جاسارىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە كۆپرەك ئورۇن بېرىلگەن. مەسىلەن، كۆلتېكىننىڭ ئەرلىك سۈپىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:«ئۇ يىگىرمە بىر ياش ۋاقتىدا بىز چاچا سەنگۇن (سانغۇن) بىلەن سوقۇشتۇق. دەسلەپتە ئۇ تارقىن چورىننىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى، بۇ ئات ئۇ يەردە ئۆلدى. ئىككىنچى قېتىم ئىشبارا ياقىرانىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى، ئۇ ئات ئۇ يەردە ئۆلدى. ئۈچىنچى قېتىم يەگىن سىلىگ بەگنىڭ ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى، ئۇ ئات ئۇ يەردە ئۆلدى. ئۇنىڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىسى يەكمە (يېپىنچا)سىگە يۈزدىن ئارتۇق ئوق تەگدى. (لېكىن) يۈز- بېشىغا بىر تال ئوقنىمۇ تەگكۈزمىدى...» «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى» 86- بەت.

بۇ بىر ئەرنىڭ باتۇرلۇقىنى، قەھرىمانلىقىنى، قورقماس جاسارىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ئەرلىك خاراكتېر. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى داڭلىق ئىپوسلىرىدىن ۋە خەلق ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم نادىر ناماياندىلەردىن ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى خەلقىمىزنىڭ ئەرلىك سالاپەت ئېڭى ئاساسىدا ئاجايىپ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. «ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخاننىڭ ئوبرازى ھەقىقىي ئەركەكلىك قىياپەت بىلەن خەلق قەلبىدە مۇنداق ئورۇنغا ئىگە بولغان: «بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يورىدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. بۇ ئوغۇلنىڭ يۈز- چىرايى كۆك، ئاغزى چوغدەك قىزىل، كۆزى ھال، چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئىدى. ئۇ ھۆر- پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئىدى. بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ سۈتىنى بىر قېتىم ئېمىپلا ئىككىنچىلەپ ئانىسىنى ئەممىدى. خام گۆش، ئاش، مەي سورىدى. تىلى چىقىشقا باشلىدى. قىرىق كۈندىن كېيىن چوڭ بولدى، ماڭدى، ئوينىدى. ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك، بېلى بۆرە بېلىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇننىڭ مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك ئىدى.» «ئوغۇزنامە»، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 90- بەت.

يۇقىرىقى تەسۋىردىكى ئوغۇزخان ئەگەر ھازىرقى خەلقئارا بەدەن گۈزەللىك ۋە ساغلاملىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ مۇنبەرگە چىقسا ئالتۇن مېدال ئېلىشىدا شۆبھە يوق.

ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ تاشقى ئەرلىك سۈپىتىدىكى يەنە بىر ئۆلچەم ساقال- بۇرۇت خۇسۇسىدا ئىپادىلىنەتتى. چۈنكى، ئۇيغۇرلاردا ئەرلەرنىڭ مۇھىم بىر زىننىتى ساقال دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ئۆز تەبىئىتىگە، ئەرلىك خاراكتېرىگە يانداشقان ھالدا قويۇق، ساقال- بۇرۇت ئاتا قىلىنغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەرلەرنىڭ تاشقى كۆركى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئەرلەرنىڭ ساقال- چېچى ئۇز بولسۇن، ئاۋازى ئەرەنچە ۋە ئوچۇق بولسۇن، يۈرۈش- تۇرۇشى مەردانە بولسۇن، ساقال- چاچ كىشىنىڭ ھەيۋىتىنى، ئەرلىك سالاپىتىنى ئاشۇرىدۇ، بۇ ھەيۋەت بىلەن ئەرنىڭ ھۆرمىتى ئاشىدۇ» دېگەن. مۇنداق تەبىئىي ئۆلچەمنىڭ تەكىتلىنىشى ۋە قەدىرلىنىشى ئۇيغۇرئەرلىرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى يېتىلدۈرگەن تەبىئىي ئۆلچەم ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ھەقىقەتەن ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ئاتا قىلىنغان قويۇق ساقال- بۇرۇت تەبىئەتنىڭ بىزگە بەرگەن بىر ئەرلىك سالاپىتى ئىدى.

ھازىرقى ئەمەلىي رېئاللىقتا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئەرلىك سالاھىيىتى ۋە ئەرلىك خاراكتېرىنى ئۆلچەيدىغان چۈشەنچىلىرىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنى مۇنداق بىرقانچە تەرەپلەردىن كۆرسىتىش مۇمكىن.

بىرىنچى، جىسمانىي ساپادىكى چېكىنىش ئالامەتلىرى   

ئەرلەر ئۈچۈن جىسمانىي ساپا ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيغۇرلاردا «ئادەمنىڭ كىچىكى بولغۇچە ئىتنىڭ كۈچۈكى بول» دېگەن گەپ بار. ھازىر ئۇيغۇرلاردا بىر تەرەپتىن پاكار ئادەملەر كۆپىيىپ كەتتى. يەنە بىرى مېيىپ ئادەملەرنىڭ سانى ئېشىپ كەتتى. بەدەن زەئىپلىكىنىڭ يەنە بىر روشەن ئىپادىسى شۇكى، ھازىر ئوتتۇرا ياش ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ قورسىقى خۇددى توققۇز ئايلىق قورساق كۆتۈرگەن ئانىلارنىڭكىدەك تومپىيىپ چىققان. بەزىلەر چىرايلىق ئەرلىك سالاپەتنى يوقىتىپ، خۇددى بىر پارچە پور كۆتەككە ئايلىنىپ قالغان. بۇ ئىشنىڭ بىر تەرىپى. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق تەرىپى شۇكى، ئەرلەر ئۆزىدىكى مۇشۇنداق نورمالسىز فىزىئولوگىيىلىك ھالەتتىن پەخىرلىنىپ، ئۇنى باياشادچىلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ، كىشىلەرگە كۆز- كۆز قىلدىىغان بىر كۇزۇر قىلىۋالغان. بۇ خىل نورمالسىزلىق ئەمەلىيەتتە ئەرلەردىكى جىسمانىي ئەمگەكتىن قاچىدىغان، يېمەك- ئىچمەككە دىققەت قىلمايدىغان، چىنىقىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، ھۇرۇن، بىكار تەلەپ كىشىلەردە كۆپرەك كۆرۈنىدىكەن. بىلىش كېرەككى سېمىزلىكمۇ بىر خىل كېسەل، شۇنداقلا نۇرغۇن خەتەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئانىسى. شۇڭا، ئۇ خىل بىنورمال بەدەن قۇرۇلۇشىمىز بىزنىڭ زەئىپلىكىمىزنى، كېسەللىكىمىزنى، پالاكەتلىكىمىزنى، يارىماسلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ھەرگىزمۇ بىزنىڭ سالاپەتلىك، ساغلام، بېجىرىم ئەركەك ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلىمەيدۇ. چۈنكى نورمالسىز، كېلەڭسىز بەدەن تۇرمۇش، خىزمەت ۋە باشقا جەھەتلەردە پەقەت بىزگە قۇلايسىزلىق كەلتۈرىدۇ، خالاس.

    ئەرلەردىكى غەيرىي جىنسىي ياتلىشىش توغرىسىدا سۆز ئاچقاندا، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال- بۇرۇتقا تۇتقان مۇئامىلە- مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىمۇ گەپ قىلىش زۆرۈر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەرلىرى بىلەن بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسىدا خېلى كۆپ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. ھازىرقى ئۇيغۇر ئەرلىرى ساقال- بۇرۇتنى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن خاتا چۈشىنىدىغان ئەھۋال پەيدا بولدى. بىرى، ساقال- بۇرۇتنى پەقەت سەھرالىقلارغا ۋە قارىي، ئىماملارغا خاس ئىش. ئۇ مەدەنىيەت كاتوگورىيىسىگە كىرمەيدۇ، دەپ چۈشىنىش. يەنە بىرى، ساقال- بۇرۇت قويۇشنى قېرىغانلىقنى ئاشكارىلاش دەپ قاراپ، قېرىلىقنى يوشۇرۇشنىڭ بىر ئۇسۇلى سۈپىتىدە ساقال- بۇرۇتنى پاكىز قىرىپ يۈرۈش. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن قىرانىغا يەتكەن ئەرلىرىمىزمۇ ساقال- بۇرۇتىدىن نومۇس قىلىدىغان ھالەت شەكىللەندىمۇ قانداق؟ پېشقەدەم، يەتمىش- سەكسەن ياشلىق مۆتىۋەرلىرىمىزنىڭ يۈزلىرى مومايلارنىڭ يۈزىدىن پەرقلەنمەيدىغان بولدى. ئەسلىدىن ئالغاندا ساقال- بۇرۇت ئەرلەرنىڭ قېرىلىقىنى يوشۇرۇپ، يۈزلىرىدىكى قورۇقلارنى يېپىپ، ھەيۋىتىنى ئاشۇراتتىغۇ. تەبىئەت ئاتا قىلغان بۇ ئالاھىدىلىكنى قانداقمۇ يوقىتىۋەتكىلى بولسۇن. بۈگۈن قىرىۋەتسە يەنە ئەتىسى چىقىدىغان تۇرسا. مەن خېلى يىللاردىن بېرى بۇرۇت قويىمەن. ئۇنىڭ مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا، دۇنيا قارىشىمغا، گۈزەللىكىمگە، ئەرلىك سالاپىتىمگە قىلچىلىك تەسىر قىلغانلىقىنى ئۇقمايمەن. ئەكسىچە مەن بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن. ساقال- بۇرۇت دېگەن بىزگە نىسبەتەن بۇرنىمىزنىڭ قاڭشارلىق، كۆزىمىزنىڭ قارا، قاپاقلىرىمىزنىڭ قاتلاق، چاچلىرىمىزنىڭ قوڭۇر ۋە قارا يارىتىلغانلىقىغا ئوخشاش تەبىئەتنىڭ بىر ئىلتىپاتى. ئەخمەق نادانلار شۇنى ھېس قىلىشى كېرەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىدىن تۇغما تەبىئىتى يەتتە ياشقا توشقاندا سۈننەت قىلىنىدۇ. ئەمدى كېلىپ، ساقال- بۇرۇتلىرىمىزنى پۈتۈنلەي قىرىپ سۈننەت قىلىش قايسى مەزھەپتە باركى؟

ئىككىنچى، ئەلەرنىڭ زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىشى مەدەنىيلىكنىڭ ئىپادىسىمۇ؟

ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا بىر خىل غەيرىي جىنسىي ياتلىشىشقا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىمەنە «مەدەنىيلىشىش» خاھىشى باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىلىرى شۇكى، بىز بەزى ئۇيغۇر ئەركەكلەرنىڭ ئارىسىدا بويۇنلىرىدا زەنجىر، قوللىرىدا ئۈزۈك، بەزىلەرنىڭ بىلىكىدە بىلەزۈك تاقىغان غەيرىي مەدەنىي ياشلارنى ئۇچرىتىمىز. بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت. بىرى زامان تەرەققىي قىلدى، پۇل بولسا زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىغاننىڭ نېمە يامىنى، ئۇمۇ بىر خىل مەدەنىيەت ۋە گۈزەللىككە ئىنتىلىشنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراش. يەنە بىرى «ئۇچامدا ئىشتان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى» دەپ ئەرلىك خۇسۇسىيەت، ئەرلىك قەددى- قامەت، ئەرلىك ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىش نېمىدىگەن قىلىقسىزلىق، ئاياللار ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلغانلىققۇ بۇ، دەپ تەنقىدلەش. مېنىڭچە ئىككىنچى خىل پىكىردىكى كىشىلەرنى مۇتەئەسسىپلىك قىلدى، دەپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئاساسىمۇ، مىللىي ئەنئەنە ئاساسىمۇ بار. مۇقەددەس كىتابلاردا «ئەردەك بولۇۋالغان ئاياللارغا، ئاياللاردەك بولۇۋالغان ئەرلەرگە لەنەت» دېيىلگەن. بۇ ئەر ئەر بولسۇن، ئەرلىك ئالاھىدىلىكىنى ساقلىسۇن، ئايال ئايال بولسۇن، ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى ساقلىسۇن دېگەن تەلەپ ئىدى. ئەگەر بۇنى مەدەنىيەت نۇقتىئىنەزەرىدىن قارايدىغان بولسا، تەرەققىيات، مەدەنىيەت ھەرگىزمۇ ئەرلىك خۇسۇسىيەتتىن، ئەرلىك سالاھىيەتتىن مەھرۇم قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان نەرسە ئەمەس. ئەگەر پۇل بىزنىڭ ئەرلىرىمىزنى ئەرلىك خۇسۇسىيەتتىن، ئەرلىك سۈپەتتىن قول ئۈزدۈرۈپ، ئالتۇن- جابدۇقلار بىلەن ئۆزىنى بېزەشكە مەجبۇر قىلىدىغان بولسا، بۇ زادى قانداق پىسخىك تەقەززالىقنىڭ كۈچىدۇ؟ مەن زىبۇزىننەت بىلەن ئۆزىنى پەردازلىۋالغان «ئەركەك»لەرنىڭ پسىخىكىسى، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئىگىلەپ باقتىم. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئازراق پۇل تاپقان، چەللىدە ئات چېپىۋاتقان نادان، ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان بايچاقلار ئىكەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ پۇلدارلىقىنى ۋىۋىسكا بىلەن ياكى پۇللىرىنى مەيدىسىگە چاپلاپ ياكى ئېسىپ نامايىش قىلىشنى ئەپسىز كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا، زىبۇزىننەتلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بايلىقىنى كۆز- كۆز قىلىدىكەن. يەنىمۇ مۇھىم تەرەپ شۇكى، بۇ خىل ئادەتنى مەدەنىيلىك نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئاساسىمىز يوق. چۈنكى، پۇل ھېچقاچان مەدەنىيەتلىك ئىنساننىڭ بەلگىسى بولغان ئەمەس. پۇل پەقەت مەدەنىيەتلىك بولۇش ئۈچۈن ۋاسىتە بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، كلاسسىكلىرىمىز پۇل- بايلىقىلا بولۇپ بىلىمى، مەدەنىيەت ساپاسى يوق كىشىلەرنى «بىر خۇرجۇن ئالتۇن ئارتىلغان ئېشەك» دەپ سۈپەتلىگەن. زىبۇزىننەتلەرنىڭ مەنسۇبىتىدىن قارىغاندىمۇ ئالتۇن، زىبۇزىننەتلەر ئاياللارنىڭ نازۇك بەدەنلىرىگە، ئۇلارنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ ئاياللىق خۇسۇسىيىتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىدى. ئەرلەرنىڭ يۇڭلۇق بەدەنلىرى، ئارىدەك قوللىرى، تارشىدەك بىلەكلىرىگە نازۇك ھالقا، ئۈزۈك، زەنجىر، بىلەزۈكلەرنى تاقاشقا قانداقمۇ مۇناسىپ كەلسۇن؟

    قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە ئۇيغۇر ئەرلىرى ئەرلىك سالاپىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان بىرمۇنچە ئادەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئىشلەپچىقىرىش زۆرۈرىيىتى بىلەن بېلىگە پوتا باغلاش، پىچاق ئېسىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئەرلەرگە خاس ئادەتلەر بارلىققا كەلگەن. بىز ھازىر بارلىق ئۇيغۇر ئەرلىرى بېلىگە پوتا باغلىسا، پىچاق ئاسسا بولاتتى دېمەكچى ئەمەسمىز، بىراق بېلىگە پوتا، پىچاق ئېسىشنىڭ ئورنىنى بوينىغا زەنجىر، قولىغا ئۈزۈك سېلىش ئىگىلىگەن. بىز بۇ نەرسىلەر بىلەن تۇرمۇشتىكى قايسى بىر ئىشنى ئەرلەرچە بېجىرىش ئۈچۈن پايدىلىنارمىز. پەقەت ھاياتىمىزنى خەتەر ئىچىگە قويۇشنىڭ بىر كۈلكىسى بولۇش رولىنى ئوينار. ئۇيغۇرلارنىڭ بەلۋېغى بىلەن پىچىقى تۇرمۇش ئېھتىياجى، ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى ئۈچۈن ھەرقاچان زۆرۈر لازىمەتلىكلەر ئىدى. ھەتتا بەلۋاغ سىمۋوللۇق ھالدا ئەرلەرنىڭ ئىرادىسىگە، ئىشەنچىسىگە، جۈرئىتىگە، باتۇرلۇقىغا ئىشارە قىلىناتتى. ئالتۇن- جابدۇقلار ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ نېمىسىگە سىمۋول قىلىنار؟

ئەي، ئۆزىنى ئەركەك دەپ سانايدىغان ئۇيغۇر ئوغۇللىرى، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىڭلار! بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەت چەت ئەل ئەمەس. بىز مۇشۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئىكەنمىز ئۆز خەلقىمىزنىڭ يوللۇق قائىدە- يوسۇنلىرىغا، تۇرمۇش مىزانىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز، ئۆز ئەھۋالىمىز بىلەن ئوبدان ھېسابلىشىپ كۆرۈپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئەرلىك ئۆلچەم تارازىسىغا سېلىپ تۇرىشىمىز لازىم. قەلبىمىز قۇرۇق، ساۋاتسىز، مەدەنىيەتسىز تۇرۇپ، تېرە- گۆشلىرىمىزنى بېزىۋالغانلىقىمىز بىزنىڭ قەدىر- قىممىتىمىزنى، مەدەنىيلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. بۇنى ئاتا- بوۋىلىرىمىز «بوياقلىق ھەيكەل» دەپ ئاتىغان.

بىر پەيلاسوپتىن ئادەم بىلەن ھايۋاننى پەرقلەندۈرىدىغان شەكلەن پەرق توغرىسىدا سورىغاندا مۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىكەن: بىرى، ھايۋاننىڭ يېمىكىنىڭ نامخالىسى بولمايدۇ، نېمە ئالدىغا كەلسە يەۋېرىدۇ. ئادەم بولسا ئۆزىگە مۇناسىپ نەرسىلەرنى يەيدۇ. ئىككىنچى، ھايۋانلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراق ۋەتىنى بولمايدۇ، قەيەردە ياشاشقا توغرا كەلسە ياشاۋېرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ بولسا ئۆز ۋەتىنى بولىدۇ، يۇرتى بولىدۇ، ئۇلار ۋەتىنى ئۈچۈن تۇغۇلىدۇ، ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆلىدۇ. ئۈچىنچى، ھايۋانلارنىڭ ئەركەك چىشىسىنى بىر قارىماققا پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ، بىراق ئادەمنىڭ ئەر- ئاياللىق پەرقى ناھايىتى روشەن زاھىر بولۇپ تۇرىدۇ.

دېمەكچى، ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي پەرق جەمئىيەتتىكى مۇھىم قانۇنىيەتلەرنىڭ بىرى، ئىنسانلار مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى. گەرچە تاشقى ئىپادە جەھەتتىكى غەيرىي ئۆزگىرىش ماھىيەتلىك پەرقنى ئۆزگەرتىۋېتەلمىسىمۇ، لېكىن مۇئەييەن نۇقتىدا غەيرىي جىنسىي ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شەكلەن ئۆزگىرىش بارا- بارا مەزمۇن جەھەتتىكى ئۆزگىرىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل بولۇپ قالىدۇ. شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىش مەزمۇننىڭمۇ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ئەمەسمۇ؟



ئەرلىك ۋە مەردلىك تارازىسى



ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىن ئەرلىك ۋە مەردلىك قەدىرلىنىپ كەلگەن، نامەردلىك ئەيىبلەنگەن. شۇڭا، ئەرلەر ئۈچۈن ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ ۋە يۇقىرى ئۆلچەملەرنى قويغان. ئەزەلدىن ئەرلىك جىنسلا ئەرلىك تەبىئىتىنى ۋە ئەرلىك خاراكتېرىنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ باققان ئەمەس. شۇنداقلا تەققى - تۇرقى، كىيىم - كېچىكى ۋە زىبۇزىننىتى ئەرلىك سالاھىيەت ۋە ئەرلىك سالاپىتىنى باھالاشنىڭ شەرتى بولۇپ باقمىغان. ئەلىشىر نەۋائى تاشقى كۆركى بىلەن مەنىۋى پۈتۈنلۈكنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا مۇنداق تەۋسىيىلەرنى قىلغانىدى:«ئۆزىنىڭ ھۆسن - جامالىدىن لاپ ئۇرىدىغان مۇنداق سۆزنى ھېچكىم سۆزلەپ باقمىغان، بۇنداق سۆزنى گۆدەك بالىلارمۇ، گول - گومۇشلارمۇ، ساراڭ - مەجنۇنلارمۇ قىلمايدۇ. پاھىشە ئاياللارمۇ خىلمۇخىل ۋە رەڭگارەڭ كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئەمما ھۆسن، زىبۇزىننەت توغرىسىدا پو ئېتىشنى ئۇلارمۇ ئار - نومۇس دەپ بىلىدۇ. بۇ خىل سۆزلەرنى قىلغۇچىلار ئەڭ ياخشىسى ئۇ پادىشاھنىڭ يولىغا قەدەم قويمىغىنى تۈزۈك. سەن خوتۇن كىشىلەردەك ئۆزۈڭنى كۆرسىتىشكە ئامراق ئىكەنسەن، دېمەك، ۋۇجۇدۇڭدا ئەركەكلىك نىشانىسى يوق ئىكەن. چۈنكى، بۇنداق دەۋالارنى قىلغانلارنى ئەركەكلەر قاتارىغا قوشقىلى بولمايدۇ. ئەركەكلەر ئۆزىنىڭ غەيرىتى ۋە ھىممىتى بىلەن ئەرەنلەر قاتارىدا تۇرالايدۇ، زىبۇزىننىتى بىلەن پەخىرلەنگەنلەر ئەر ئەمەس. بۇ ھەقتە ئۇلۇغلار: <زىبۇزىننەت ۋە كىيىم بىلەن ماختىنىش ئاياللارنىڭ ئادىتى> دېگەن. ئەر كىشىنىڭ گۈزەللىكى ۋە زىننىتى ياخشى ئەخلاق ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ھاسىل بولىدۇ».

ئەرلەر قەدىمدىن تارتىپ جەمئىيەتنىڭ ۋە ئائىلىنىڭ ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئەرلەرگە خاس جاسارەت، ئەرلەرگە خاس باتۇرلۇق، ئەرلەرگە خاس ۋىجدان ۋە غۇرۇر بىلەن ياشاپ، بۇ زېمىنغا جان ۋە روھ بېغىشلاشتى. ئۇلار مىللەتنىڭ ئار - نومۇسىنى ئاقلاش، مىللەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، مەۋجۇدلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاز بولمىغان قانلارنى تۆكۈپ، ئەرلىك خاراكتېرىنى ۋە ئەرلىك جاسارىتىنى ھەرقاچان نامايان قىلىپ كېلىشتى. قەدىمكى ئاتا - بوۋىلىرىمىز دۈشمەن ئالدىدا تىز پۈكۈشنى، دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىشنى ئۆلۈم بىلەن باراۋەر ھېسابلايتتى. تارىخىمىزدىكى خاسىيەتلىك ئىزلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مىللىتىمىزدىن يېتىشىپ چىققان باھادىر ئوغلانلارنىڭ بۇ زېمىندا بۈيۈك ئەرلىك خىسلەتلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۈيۈك مۆجىزىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرىمىز. قەدىمكى قەھرىمانلىق ئىپوسلىرىدا خاتىرىلەنگەن ئوغۇزخان، باتۇر تەڭرىقۇت، ئالپ ئەرتۇڭا (ئافراسىياب) قاتارلىق باھادىر ئوغلانلار ئەلنىڭ تەقدىرى ۋە گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن مۆجىزىلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ، سەلتەنەت تارىخىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەرلىك خاراكتېرىنى تولۇق نامايان قىلغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زامان تارىخىدىمۇ مىڭلىغان قاپ يۈرەك نوچىلىرىمىز بارلىققا كەلگەن. ئۇلار ھايات - ماماتلىق سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە گىگانت ئادەم سۈپىتىدە قەددىنى تىك تۇتۇپ، ئۆلۈمنى مەنسىتمىگەن. شۇڭىمۇ ئۇلار ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاش شەرىپىگە ئېرىشكەن.

ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ھار ئېلىنغان ۋە خار كۆرۈنىدىغان ئىش نامراتلىقمۇ ئەمەس، كۆرۈمسىزلىكمۇ ئەمەس، بەلكى خۇمسىلىق، يەنى ئەرلىك تەبىئىتىگە داغ تەگكۈزۈش، ئەركەكلىك ئوبرازىنى نامەردلىك بىلەن بۇلغاش ئىدى. ھەتتا ئۇيغۇرلاردا بىلىمسىزلىك، نادانلىق، بىكار تەلەپلىك، ھورۇنلۇق شۇنچىلىك پەس كۆرۈلسىمۇ، لېكىن خۇمسى، نامەرد ئەرلەرنى ھەرگىز ئەرلەر قاتارىدا سانىمايدۇ. ئوغرىلىق، قاراقچىلىق، زىناخورلۇق، ھاراقكەشلىك قاتارلىق ئىشلارنى شۇنچىلىك يامان ئالسىمۇ، لېكىن ئۇلار تۆۋە قىلسىلا كەچۈرۈشكە ئېرىشكەن، لېكىن ئەرلىك خاراكتېرىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان خۇمسىلىق، نامەردلىك ۋە ساتقىنلىققا ئوخشاش رەزىل قىلمىشلار ھەرگىزمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشمىگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەرلىك ئۆلچىمى ۋە ئەرلىك گىر تېشىنى مۇنداق بىرقانچە نۇقتىلارغا سۈرۈپ باھالايدىغانلىقىنى كۆرىمىز:



مەردلىك ئەرلىكنىڭ مۇھىم شەرتى



ئەسلىي تەبىئىتىدىن قارىغاندا ئۇيغۇرلارنى مەرد خەلق دەپ قارىساق بولىدۇ. چۈنكى، قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلاردا مەردلىك قەدىرلىنىپ، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن قەتئىي شوئارى بولۇپ كەلدى. شۇڭا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنتلەردىن مەردلىك خىسلەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مەكتىپىنىڭ مۇھىم بىر دەرسخانىسى بولغان مەشرەپ دەل ئەركەكلەرنى، مەردلەرنى ئايرىپ چىقىدىغان، ئۇلارنى تەربىيىلەيدىغان ئەنئەنىۋى مەكتەپ بولغانىدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «بىرنى بىر، ئىككىنى ئىككى دېيىش»، «يولۋاس ئىزىدىن قايتماس، يىگىت سۆزىدىن»، «مەرد ئەر دۈشمەنگە كەينىنى قىلماس» دېگەنگە ئوخشاش مەردلىكنى مەزمۇن قىلغان جەڭگىۋار خىتابلىرى بار ئىدى. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ چېلىشىش پائالىيەتلىرى شۇنداق گاڭگۇڭ، مەردلەرچە چېلىشىش ئادىتى بولغانكى، چېلىشقاندا پۇت قويۇش ۋە باشقا شەكىلدىكى نامەردلىكلەرنى قىلىش نومۇسلۇق ئىش دەپ قارالغان. شۇڭا، ھەرقانداق بەسلىشىش ۋە رىقابەت لىللا، مەردلەرچە ئېلىپ بېرىلاتتى. بولۇپمۇ دۈشمەن بىلەن بولغان ھايات - ماماتلىق ئېلىشىش پەيتلىرىدە قەتئىي تىز پۈكمەسلىك تەكىتلەنگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇنۇ بايانلىرى ئەرلەرگە قويۇلغان بىر سىناق تېشى ئىدى:«دۈشمەن بىلەن تۇتۇشۇش ئۈچۈن ئەردە يەنە نومۇس بولۇشى كېرەك. نومۇس كۈچى بىلەن ئەر دۈشمىنىنى يېڭىپ، ھاقارەتنى يۇماي تۇرۇپ ئارقىغا يانمايدۇ. قورقۇنچاقلارمۇ نومۇسىنى ساقلاش ئۈچۈن باتۇرلۇق قىلىدۇ. ئەركەك دېگەن ماختىنىش ئۈچۈنمۇ ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئاتىدۇ. يۈرەكلىك، باتۇر ئەر دېگىنىمىز دەل نومۇسلۇق ئەردۇر. ئار - نومۇسلۇق ئەر ئۆلسە جەڭدە ئۇرۇشۇپ ئۆلىدۇ. نومۇسسىزلار جەڭدىن ئەڭ بۇرۇن قاچىدۇ.» يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى بايانلىرىدا ھەقىقىي مەردلىك بىلەن نومۇس ۋە ۋىجداننىڭ مۇناسىۋىتىنى يورۇتۇپ بەرگەن بولسا، تۆۋەندىكى بايانلىرىدا ئەرلىك خىسلەتلىرىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ:«دۈشمەن بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەندە قىلىچ - پالتا ئىشلەت، ھەتتا چىش بىلەن چىشلە، تىرنىقىڭ بىلەن تاتىلا، ياقىسىدىن ئېلىپ جان - جەھلىڭ بىلەن ئېلىشقىن. جەڭ دېگەندە يا ئېلىشىپ ياۋنى يوقاتقۇلۇق، يا جەڭدە ئۆلگۈلۈك. قاتتىق تىركەشكىنكى، ھەرگىز دۈشمەنگە ئارقا تەرىپىڭنى تۇتۇپ بەرمە. چىداملىق بول، چىداملىق ئەر دۈشمەننى يەر چىشلىتەلەيدۇ. بىلگىنكى، قىزنىڭ سۆيۈنچى تويى بولغان كۈنلىرى بولسا، باھادىر ئوغلانلارنىڭ ئىپتىخارى جەڭدە ئۆتكەن كۈنلىرىدۇر» مانا بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى مەرد ئوغلانلارنىڭ بىر خىل سىماسى.

دېمەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەن باتۇر، مەرد دەپ ئۆزىنى قارىغۇلارچە دۈشمەنگە يەم قىلىپ بېرىش ھەقىقىي مەردلىك ئەمەس، بەلكى پەم - پاراسەت، جاسارەت كۆرسىتىپ ھەتتاكى چىشلەپ، تاتىلىساڭمۇ دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىش ھەقىقىي مەردلىك بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

تارىخىي خاتىرىلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، «ئۇيغۇر» دېگەن ناممۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باتۇرلۇقى، قەھرىمانلىقى، قورقماس جاسارىتى، ۋەتەن سۆيەرلىكى، ياۋۇزلۇققا، تاجاۋۇزلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇش روھى ئاساسىدا ئاتا قىلىنغان شەرەپلىك ۋە شۆھرەتلىك نام ئىدى. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «ئۇيغۇر»غا بەرگەن تەبىرىدىن مۇنداق قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز.

«ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار. بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن.

ماڭا مۇھەممەت چاقىر تونغاخان ئوغلى نىزامىددىن ئىسرافىل توغان تېكىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: زۇلقەرنەين ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قانىتىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە «ئىنان خۇزخۇرەن» - بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي، ئۆز ئوزىقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يېيەلەيدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن «خۇزخۇر» فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساش نەتىجىسىدە، «ئۇيغۇر» دېگەن نامغا ئۆزگۈرۈپتۇ.

دېمەك، يۇقىرىقى مەلۇماتتىن «ئۇيغۇر» نامى مەردلىك نامى، باھادىرلىق نامى، غۇرۇر، ۋىجدان نامى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەردلىك، باتۇرلۇق، جەڭگىۋارلىقىغا بېرىلگەن نام ئىدى. ئەپسۇسكى، ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئەر سۈرەتلىك كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىك خاراكتېرىنى نامەردلىك رەزىللىكى بىلەن بۇلغاپ، «ئۇيغۇر»دىن ئىبارەت شەرەپلىك نامغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان؛ مىللەتنىڭ يارقىن ئوبرازىنى چاكىنىلىق، چۈپرەندىلىك بىلەن خۇنۈكلەشتۈرىدىغان؛ يۈرەكسىزلىك ۋە قورقۇنچاقلىق، تەمە قۇلچىلىقى ۋە نەپسى مەھكۇملۇقى بىلەن ئەرلىك تەبىئىتىنى يوقاتقان غۇرۇرسىز، ۋىجدانسىز، مەيدانسىز، نامەردلەر بارلىققا كەلدى. بىز تاشقى قىياپىتىنى پەردازلىۋېلىپ ئۆزىنى ئەركەك ھېسابلاۋاتقان، ئەمەلىيەتتە ئىچكى دۇنياسى رەزىللىك بىلەن توشقان؛ تاشقى كۆرۈنۈشتە مەردلىك دەۋاسى قىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە نامەردلىكنى جان بېقىشنىڭ پەلسەپىسى قىلىۋالغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى گىرغا چۈشۈپ ئۆزىگە توغرىراق باھا بېرىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ھەق - ناھەق مەسىلىسىدە ئېنىق مەيدانى بولماسلىق، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلاردا كۆزىنى يۇمۇپلا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىش، مەسئۇلىيەت ئېڭى تۆۋەن بولۇش نامەردلىكنىڭ بىرىنچى خىل ئىپادىسى.

ئىتالىيىنىڭ بۈيۈك شائىرى ئاگلىرى دانتى ئۆزىنىڭ «ئىلاھىيەت» دېگەن ئەسىرىدە تەكىتلىگەن:«دوزاخنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايلىرى بۈيۈك مەنىۋىلىكنى سىنايدىغان مىنۇتلاردا بىتەرەپ تۇرىۋالغان ئادەملەر ئۈچۈن قالدۇرۇلغان» دېگەن مەشھۇر سۆزنى يۇقىرىقىدەك ئادەملەرگە تەدبىقلاشقا بولىدۇ. رومىن روللان:«ھەربىر باتۇر، ھەربىر ھەققانىيەتچى ئادەم ۋەتىنىگە شان - شەرەپ كەلتۈرىدۇ» دېگەن. بۇنىڭ ئەكسىچە تەسەۋۋۇر قىلغاندا، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ھەقىقەت دەپسەندە قىلىنىۋاتقاندا سۈكۈتتە تۇرىدىغان ۋە ئۇنى قوللىغان، قورقۇنچاق ئادەم ۋەتىنىگە ۋە مىللىتىگە ھاقارەت كەلتۈرىدۇ. بۇنداق ئادەم ھەقىقەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ. ئادالەت ۋە ھەقىقەت قوغدالمايدىكەن، ھاياتنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان، ئەرلىكنى نامايان قىلىدىغان ھېچ نەرسە بولمايدۇ. ھەققانىيلىك ئادەمدىكى ئەڭ ئېسىل پەزىلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەققانىيلىك بولمىغان ئەلدىن ئەرلىكمۇ ۋە مەردلىكمۇ ئۆچكەن بولىدۇ. ئوغۇل بالا دېگەن گەرچە ئادالەت ۋە ھەققانىيلىك بىلەن ئىش قىلىش قولىدىن كەلمىسىمۇ، ھېچبولمىغاندا، ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرۇشى، ھەققانىيەتكە ئاسىيلىق قىلماسلىقى، ھەققانىيەتكە كۆز يۇمماسلىقى كېرەك. كىشىلىك ھايات ئۆلچىمىدە نامەردلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكلى مۇناپىقلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە ھەققانىيەتتىن يۈز ئۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق مۇناپىقلىق بولمايدۇ. تولىستوي شۇنداق بىر سۆز ئېيتقانىكەن: ئادەمنىڭ قانچىلىك ھەققانىيلىكى ئەخلاقىي مۇكەممەلىكنىڭ ئۆلچىمىدۇر. چۈنكى، ھەققانىيلىك بىز تىلغا ئالىدىغان بۈيۈك پەزىلەتلەرنىڭ ئانىسى. ئادەم ھاياتقا ھەققانىيلىك تۇيغۇسى بىلەن نەزەر سالغاندىلا توغرا ۋە ھالال ياشاشنىڭ يولىنى ئاچالايدۇ.

تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلاردا نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئىقتىدارى يوق. ئۇلار ھەققانىيەتسىزلىكنىمۇ تەبىئىي يوسۇندا ۋە رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. بىراق بەزى كىشىلەر باركى، توغرا، ھەققانىي ئىشلارنى قەستەن قارىلاشتىن نومۇس قىلمايدۇ. ھەققانىيەتسىز، ئادالەتسىز ناھەقچىلىقنى قاراپ تۇرۇپ ئاقلايدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن شەمسۇلمەئالى قابۇس:«يالغانلىقى بۇرۇندىن مەلۇم بولۇپ كېلىۋاتقان نەرسىنى ھەقىقەت دېيىشتىنمۇ ئارتۇق ھاياسىزلىق يوق» دېگەن.

ئادەم تۇرمۇشتا ھەرقاچان چوڭ - چوڭ ھەق - ناھەق مەسىلىلىرىگە دۇچ كېلىپ قالماي، بەلكى نۇرغۇن ئاددى، ئۇششاق - چۈششەك ئىشلاردىمۇ بۇنداق ھەق - ناھەق سىنىقىغا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: بىر مۇشتۇمزورنىڭ بىر ئاجىز بىچارىنى بوزەك قىلىۋاتقىنى، بىر ئۆكتەمنىڭ بىرىنىڭ مېلىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋاتقانلىقى، بىر لۈكچەكنىڭ بىر قىزغا پوخورلۇق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلارغا ئۇخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ تۇرىمىز. بەزى مەرد ئوغلانلار باركى، كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ھېلىقى بېسىمدار، مۇشتۇمزورلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىدۇ. بەزى زەئىپ مىجەزلىك «بايۋەچچى»لەر باركى، قاراپ تاماشا كۆرىدۇ. بۇ ناھەقچىلىق ئۇنىڭ غۇرۇرىغا ھەرگىزمۇ تەسىر قىلمايدۇ. ھەتتا بەزى لالما مىجەزلىك نامەردلەر باركى، دەرھال ناھەق بولسىمۇ كۈچلۈك، مۇشتۇمى چوڭراقى تەرەپكە ئۆتۈۋېلىپ، ئۇۋالچىلىققا ئۇچراتقان ئادەمنى ھاقارەتلەيدۇ، ئەيىبلەيدۇ. بۇنداق مىساللارنى ھەر كۈنى كۆپلەپ ئۇچرىتىپ تۇرىمىزغۇ.

بۇلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىزدىكى غەرەز شۇكى، كىچىك ئىشلاردا ھەققانىي بولالمىغان ئادەم چوڭ ئىشلاردا ھەرگىزمۇ ھەققانىي بولالمايدۇ. ئىرادىسىز، جۈرئەتسىز، غۇرۇرسىز ئادەمدە قانداقمۇ ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولسۇن. ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولمىغان ئادەمدە ئاددىيسى ئىنسانىي سۈپەتمۇ بولمايدۇ. ئادەم ھەقىقىي مەردلىك بىلەن ياشايمەن دەيدىكەن، بېشىدا ئۆلۈم پۇراپ تۇرسىمۇ، ھەقىقەتكە خىيانەت قىلماسلىق كېرەك. «بىر سائەتلىك ئادالەت پۈتۈن ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئىبادىتىدىنمۇ ياخشىراقتۇر» دېگەن ئەقىدە بويىچە، ئادالەت تەرەپتە تۇرۇش كېرەك. ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ھەرقاچان خەلق تەرەپتە بولىدۇ. جاھالەت بار جايدا ئادالەت خارلىنىدۇ، بىراق ھەققانىيەت قوغدالمىسا، ئاخىر ھەققانىيەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

ئەلنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئۆزىنى ئەلنىڭ پەرزەنتى دەپ بىلىش - مەردلىك، شەخسىيەتچىلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىك - نامەردلىكتۇر.








ھەرقانداق بىر ئادەم بۇ دۇنيادا ئەل بىلەن بىرگە ياشايدۇ، ئەل بىلەن بىرگە تۇغۇلىدۇ، ئەل بىلەن بىرگە ئۆلىدۇ؛ ئەل بىلەن بىرگە يىغلايدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ تەقدىرى ئەلنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتگەن بولىدۇ. بىر پۈتۈن خەلق بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۇيغۇرلار «ئايرىلغاننى بۆرە يەر» دەپ سۈپەتلىگەن ئىدى. ئادەم بۇ تۇپراققا تۆرىلىشى بىلەنلا، تەييار نېمەت ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ. مۇشۇ زېمىننىڭ مەئىشىتى ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. ئەل ئۇنى تەربىيىلەپ ئۆستۈرىدۇ. بەلكىم بۇنداق دېسە بەزىلەر «مېنى ئاتا - ئانام بېقىپ چوڭ قىلغان» دەپ ئېتىراز بىلدۈرۈشى مۇمكىن. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئاتا - ئانىمۇ مانا مۇشۇ ئەلنىڭ بىر ئەزاسىغۇ. ھەقىقىي ئىنساپ ۋە ۋىجدان بىلەن ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق، ھەربىر ئادەمنىڭ بۇ تۇپراقتا بىر ئۆمۈر ئەمەس، ھەتتا بىرقانچە ئۆمرى بولسىمۇ ئادا قىلىپ بولالمىغۇدەك قەرزى بولىدۇ. ۋەتەننىڭ تۇپرىقى، سۈيى، ھاۋاسى بولمىسا، بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق كەچۈرەلىشى مۇمكىنمۇ؟ شۇ ئەلنىڭ قەدىمدىن داۋاملىشىپ بېيىپ كېلىۋاتقان تەييار تۇرمۇش ئەندىزىسى، نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە ھاسىل قىلغان تۇرمۇش ۋە ياشاش تەجرىبىسى، شۇنداقلا تەييار ھايات ئېتىكى بولمىغاندا، قانداق ئىجتىمائىي ئاساسقا تايىنىپ ئادىمىيلىك ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈش مۇمكىن؟ ئەگەر ئانا تىل بايلىقى بولمىغاندا، قانداق ئالاقە ۋاسىتىلىرىغا تايىنىپ ۋە كىم بىلەن ئالاقە قىلىپ ياشاش مۇمكىن؛ ئەگەر مائارىپتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىجتىمائىي تەلىم - تەربىيە سىستېمىسى ھازىرلانمىغان بولسا، ئىنسان ئۆزىدە قانداقمۇ ئادىمىيلىك ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان بولاتتى؟ ئاددىيسى بىز سۆيگەن قىزنى، بىز سۆيگەن يىگىتنى مانا شۇ ئەل تۇغۇپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەنغۇ. بىز يەۋاتقان ۋە بىز كىيىۋاتقان كىيىم - كېچەكلەرنى مانا شۇ خەلق ھازىرلاپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئەلدىن ئىبارەت ئومۇمىي كوللېكتىپنىڭ بىر پۈتۈن قانۇنىيەتلىك باغلىنىشى بولمىغاندا، بىر قازان ئاش ئېتىپ يەپ ھايات كەچۈرۈشنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ ئىنسانلار ئىچىدىكى بۇنداق قانۇنىيەتلىك باغلىنىشنى ۋە ئۆزئارا ھاجەتمەنلىكنى قەدىمكى ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئاجايىپ ئوبرازلىق ۋە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىپادىلەپ بەرگەن.

- دۇنيادىن ۋە ئادەملەردىن قېچىش ياخشى ئادەت ئەمەس - دەپ بايان قىلىدۇ «كەلىلە ۋە دېمىنە» دېگەن كىتابتا - سۆھبەتنىڭ پايدىسى خىلۋەتنىڭ مەنپەئىتىدىن كۆپرەك. ئاللاتائالا ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئىنسانلارنى بىر - بىرىگە موھتاج ۋە بىر - بىرىگە لازىم قىلىپ ياراتقان تۇرسا، كىشىلەرگە خىلۋەت قانداقمۇ راۋا بولسۇن؟ ئادىمىزاتنىڭ تەبىئىتى تەبىئەت مەدەنلىرىدىن بەرپا بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر - بىرىگە قوشۇلماققا مايىل كېلىدۇ ۋە بىر - بىرىدىن ياردەم تىلەشكە ئېھتىياجى چۈشىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر بىر كىشى تائام پىشۇرماقچى بولسا ياكى بىرەر كىيىم كىيمەكچى بولسا، ئاۋۋال قازان ياساش ۋە كەتمەن سوقۇشى كېرەك بولىدۇ. شۇڭا لاي ئېتىپ بىر قاچا ياساپ، ئۇنىڭدا سۇ ئېلىپ كەكە سوقۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوتۇن كېسىپ، ھەر ئىشنى ئۆز تەرتىپى بىلەن قىلىش لازىم بولىدۇ. قازان ۋە كەكە سوقۇشقا بولقا، سەندەل، كۆرەك ۋە كۆمۈر كېتىدۇ. ئاددىيسى كۆرەك ياساش ئۈچۈنمۇ تېرە ئەيلەش كېرەك. تاغقا بېرىپ كۆمۈر كۆيدۈرۈپ ئەپكېلىشكە تاغا توقۇش كېرەك. تاغار توقۇش ئۈچۈن يۇڭ بولۇشى لازىم بولىدۇ. يۇڭنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوي، تۆگە بېقىش كېرەك. قىسقىسى، ئەنە شۇنداق نۇرغۇن ئاۋارە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئاشۇنداق بولسا، ھەرقانداق ئادەم بىر كىمنىڭ ياردىمىسىز پۈتۈن ئۆمرى ئىچىدە بىرەر قېتىم ئاش پىشۇرۇپ يا يېيەلەيدۇ يا يېيەلمەيدۇ. ھەتتا يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالمايدۇ. شۇڭا زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن بىرى قازان ياسايدۇ، بىرى كەكە سوقىدۇ، بىرى كۆمۈر كۆيدۈرىدۇ، ئالاھازەل قىياس، ھەر كىم بىر ئىشقا مەشغۇل بولۇپ، ئۆز ئېھتىياجىدىن ئارتۇقىنى باشقىلارغا بېرىپ، بۇ ئىقلىمنىڭ ئادەملىرى بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ ھايات كەچۈرگەچكە، ھەرقانداق ئىش ئاسانلىق بىلەن ھەل بولىدۇ، ئادەملەر بىر - بىرىگە زۆرۈر. يالغۇزلۇق بىلەن ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ. مانا بۇلار ئادەملەرنىڭ بىر - بىرىگە ئېھتىياجى چۈشىدىغانلىقى، بىرلەشمىسە ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ»

مانا بۇ ئوبيېكتىپ ھەقىقەت. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ خىل قانۇنىيەتلىك باغلىنىشنى خۇلاسىلەپ، ئەل - ۋەتەننىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ ۋە ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ياشا، ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىل، چۈنكى سېنىڭ جانىجان مەنپەئىتىڭ ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئىچىدە بولىدۇ، دەپ تەۋسىيە قىلغان. ئۇ يەنە «مال - دۇنيا تارقاتماق سېخىيلىق ئەمەس، ھەقىقىي سېخىي شۇكى، ئەل ئۈچۈن جانۇ تېنىنى تەسەددۇق قىلىپ پۇشايمان قىلماس» دېگەن. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي مەنپەئەت بىلەن ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئوتتۇرىسىدىكى مەردلىك بىلەن نامەردلىكنى سىنايدىغان گىر تېشى. شۇڭا ئۇلار ئەل ئۈچۈن تۇغۇلۇپ، ئەل ئۈچۈن ئۆلدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەل قەلبى ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك جەننىتى بولۇپ قالدى. مانا بۇ ھەقىقىي قەدىر - قىممەت، مانا بۇ مەڭگۈلۈك دېئالىكتىكا. ئەل بىلەن بولغان مۇنداق باغلىنىشنى ئېتىراپ قىلماسلىق، ئەلنىڭ مەۋجۇدىيىتى شەخسنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئاساسى، ئەلنىڭ تەقدىرى شەخسنىڭ تەقدىرىنىڭ كاپالەتلەندۈرگۈچىسى ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمۇش نامەردلىك ۋە ۋىجدانسىزلىق بولىدۇ. ئۆزىنىڭ كىچىككىنە كېكىرتىكى ئۈچۈن، ئۆتكۈنچى، ئازغىنا، كۆپۈكتەك مەنپەئىتى ئۈچۈن ئەلگە ئاسىيلىق قىلىش، خەلقنى زىيانغا ئۇچرىتىش، خەلقنى ھۆرمەت قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن جان پىدا قىلماسلىق، ئەلنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك ۋاپاسىزلىق ۋە كەچۈرگۈسىز نامەردلىك ھېسابلىنىدۇ.

ۋاپا ۋە ساداقەت مەردلىكنىڭ يارقىن سىماسى، ۋاپاسىزلىق ۋە ساداقەتسىزلىك نامەردلىكنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىسى

ۋاپادارلىقنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ. ئۇيغۇرلاردا «ئاتاڭنىڭ ئوغلى بولغۇچە، ئەلنىڭ ئوغلى بول»، «ئەل رازى خۇدا رازى» دېگەنگە ئوخشاش ۋاپادارلىققا دائىر ماقال - تەمسىللەر ناھايىتى كۆپ. بۇ تەشەببۇسلار ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇدۇم. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا بارلىققا كەلگەن نۇرغۇن داستانلار ۋە خەلق چۆچەكلىرىدە ۋاپادارلىق مەسىلىسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئەلگە ۋاپادار بولۇش، ۋاپادارلىق تەلىپىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى خەلق بىلەن شەخس ئۇقۇمىنى دېڭىز بىلەن سۇنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەققاسلاپ چۈشەندۈرىدۇ. بىر تامچە سۇ يەككە - يېگانە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بىر تامچە سۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت خەلقتىن ئىبارەت دېڭىز مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. ھېكايە قىلىنىشىچە:

بىر كۈنى بىر كىچىك كۆلچەك بىلەن دەريا مۇنازىرىلىشىپ قاپتۇ.

- ھەي دەريا، سەن نېمە دېگەن ئەخمەق،-دەپتۇ كۆلچەك دەرياغا مەسخىرىلىك قاراپ،-قارىسام ئۈچيۈز ئاتمىش كۈن توختىماي ئاقىسەن، بىرئازمۇ ئارام ئالغىنىڭنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بەزىدە قارىسام ھەر - ھەر ئېغىر كېمىلەرنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ يۈرۈيدىكەنسەن، ھەتتا بەزىدە كۆيۈپ پىشىدىكەنسەن. ئۆزۈڭگە ئىچىڭ ئاغرىمامدۇ؟! سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن بولىدىغان بولسام، قۇرۇپ كېتىشكە رازى بولاتتىم.

- سېنىڭ نېمە راھىتىڭ بار،-دەپ سوراپتۇ دەريا كۆلچەكتىن.

- مېنىڭ ھېچقانداق غېمىم يوق. ھەپتىدە، ئايدا بىر قېتىم كۆزۈمگە سۇ توشقۇزىۋالسام بەخىرامان ياتىمەن. دۇنيانىڭ قانداق بولۇپ كېتىشى بىلەن چاتىقىم نېمە،-دەپتۇ كۆلچەك.

- ھەي بىغەم ئەقىلسىز، مەن ئېقىپ تۇرمىسام، سەن قانداقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايسەن. مېنىڭ تىنماي ئېقىپ تۇرۇشۇم ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشۇمنىڭ ئاساسى، ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭمۇ كاپالىتى.

كۆلچەك دەريانىڭ سۆزىگە قايىل بولماي ئۆزىچە تېخىمۇ يوغان گەپ قىلىپ تۇرغان ئىكەن، دەريا ئۆزىنىڭ ئېقىش يولىنى باشقا ياققا يۆتكەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆلچەك بارا - بارا قۇرۇغىلى تۇرۇپتۇ. ئاۋۋال ئۈستىنى لەش بېسىپتۇ، ئاندىن قۇمۇشلار ئۈنۈپتۇ، ئاخىرى مەنبەدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن قۇرۇپ قاپتۇ. دەريا بولسا توختىماي ئېقىپ باغلارنى ياشارتىپتۇ.

ئەلىشىر نەۋائى بۇ ھېكايەتتە ئەل بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە شەخسى تەقدىرىنى ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا خۇلاسىلەپ بەرگەن. دۇنيادا بۇ مەڭگۈلۈك قانۇنىيەتنى ئېتىراپ قىلماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ بىغەرەزلىك بولىدۇ. ھېس قىلىپ تۇرۇپمۇ بۇ رېئاللىقتىن ئۆزىنى تارتىش نامەردلىك دېگەن شۇ.

شۇڭا ۋەتىنى ئۈچۈن ۋاپادار بولمىغان، ۋەتىنى ئۈچۈن باش قاتۇرمىغان، ۋەتىنىنىڭ تەقدىرىنى ئويلىمىغان ئادەم ئۆزىگىمۇ مەنسۇپ ئەمەس. ئۇنداق ئادەمنى بېجىرىم ئادەم دېگىلى بولمايدۇ.

ۋاپادارلىق ۋە ساداقەتسىزلىك تەلىپى ئەجداتلارغا ۋاپادار بولۇش، ئاتا - ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش، ئائىلىسىگە ساداقەتمەن بولۇش، دوستلارغا ۋاپادار بولۇش قاتارلىق يەنە نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھازىر جەمئىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ۋاپا، ساداقەت كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكى، ۋاپاسىزلىق، ساداقەتسىزلىك ئەدەپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنماقتا.

توغرىسىنى ئېيتقاندا، ھەربىر ئادەم ھەربىر قەدەمدە ۋاپاسىزلىق ۋە ساداقەتسىزلىكنىڭ دەرد - ئەلەملىرىنى تارتىۋاتقانلىقىنى، ھەربىر سورۇندا ۋاپاسىزلىق توغرىسىدىكى ۋايساشلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرىمىز. بۇ خۇسۇستا بىز ئالدى بىلەن دەۋرىمىزدىن مىڭ يىل بۇرۇنقى ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش ۋە ۋاپاسىزلىقنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەلىمى بىلەن سىزىپ بېرىلگەن كارتىنىسىنى كۆرۈپ باقايلى:

«زامانىڭغا ئوبدان نەزەر سال، ھەممە ئىش - ھالەتلەر تامامەن باشقىچە بولۇپ كەتتى. بىلىملىكلەر خارلاندى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئايايدىغان بولۇپ قالدى. ئەقىللىقلار كېكەچ بولۇپ ئېغىز ئاچالماس بولدى. ئەل ئىچىدە يارىماس پەس كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى. ياۋاشلار دەپسەندە بولۇپ، بېشىنى كۆتۈرەلمەس بولدى، مەي بىلەن يۈزىنى يۇغان بىنامازلار مەرد، باتۇر ئاتىلىپ، ئەلگە كۈچ كۆرسىتىۋاتىدۇ. پىتنە - پاساتچىلار ئەر ئاتىلىپ، مەي ئىچمەيدىغان پاك كىشىلەر خەسىس دەپ تونۇلىۋاتىدۇ. ھەي ئەل ھۆكۈمدارى! ناماز، روزا بىلەن يۈرگۈچى كىشىلەر مۇناپىق ئاتالدى، شۇنداقلا ھارام ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ھالال يوقالدى. ھارام يېگۈچىلەرنىڭ كۆڭلىنى قارا بېسىپ كەتتى. ھالالنى قەيەردىن ئىزدەپ تاپقۇلۇق؟ ھالالنىڭ نامىلا قالدى، لېكىن ئۇنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ھارام بولسا تالاشتا قالدى. ئۇنىڭغا ھېچكىم تويمىدى. ھارامنى ھارام دېگۈچى، ھارامنى تاشلاپ ھالال يېگۈچى قېنى؟ قىيامەت كۈنىنى بىلىدىغان ھەقىقىي توغرا، تەقۋادار كىشىلەردىن كىم قالدى؟ قارا! دۇنيانىڭ قىلىقلىرى تامامەن ئۆزگىرىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى تىلىدىن باشقىچە بولۇپ كەتتى. خەلقتىن ۋاپا كۆتۈرۈلۈپ، جاپا غالىب كەلدى. ئىشەنچلىك بىرەر ئادەمنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. قېرىنداشلار يېقىنلىقنى تاشلاشتى، دوستلار ساداقەتنى تەرك ئەتتى. كىچىكتە ئەدەپ قالمىدى، چوڭدا بىلىم كەملىدى. قوپال، نادانلار كۆپىيىپ پەزىلەت ئىگىلىرى ئازايدى. ھەممە يېقىنلىق پۇل، يارماق ئۈچۈنلا بولدى. ھەممە ئادەم پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ قالدى. كىمدە كۈمۈش كۆپ بولسا شۇنىڭغا بويۇن ئەگدى. ھەقىقەت ئۈچۈن دۇرۇس ئىش قىلىدىغانلار قېنى؟ ئامانەتنىڭ ئورنىنى خىيانەت ئىگىلىدى، «نەسىھەت» دېگەن سۆزلا قالدى. ئۇنى ئادا قىلغۇچى قېنى، قېنى يامانلىقتىن توسقۇچى، قېنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى...

نەزەر سال! ئوغۇل ئاتىسىغا ئاتىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئوغۇل بەگ بولۇپ، ئاتا بولغۇچى قۇل بولۇۋاتىدۇ. ئوغۇل - قىزلار ئاتا ھۆرمىتىنى تاشلىدى. <قېرى> دېگەن ھۆرمەتلىك نام ئەمدى ھاقارەت بولۇپ قالدى. تۇرمۇش ئېغىرلىشىپ، تەشۋىش ئەدەپ كەتتى. ئاچ كۆزلۈك ئەدەپ، خۇشاللىق سۇسلاشتى. پېقىر، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارغا شەپقەتچى يوق، جاھان ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. بۇنىڭغا ئەجەپلەنگۈچى قېنى؟»

مانا بۇ ۋاپاسىزلىق ۋە ساداقەتسىزلىكنىڭ ئەلنى قانچىلىك خاراب ئەھۋالغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنىڭ يارقىن سىماسى. ئۇنىڭدىن ئەلگە بولغان ۋاپاسىزلىقنىڭ نىشانلىرىنىمۇ، ئەجداتلارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقنىڭ ئىزنالىرىنىمۇ، ئاتا - ئانا ۋە ئەقىدە - ئېتىقادقا قىلىنغان ساداقەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسىنىمۇ، قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇققا قىلىنغان ئاسىيلىقنىڭ كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرىنىمۇ ھېس قىلالايمىز. يۇقىرىقى كونكرېت مىساللارنى ھازىرقى جەمئىيىتىمىزگە تەدبىقلىغاندىمۇ نۇرغۇن تەرەپلەردە ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئوچۇق بايقايمىز.

دېمەك، ھەرقانداق بىر ئەلدە ۋاپا ۋە ساداقەت كۆتۈرۈلسە، ئۇ ئەلدىن ئامەت ۋە نۇسرەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، بەخت - سائادەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ھەتتا بىر ئائىلىدە ساداقەتسىزلىك، ۋاپاسىزلىق باش كۆتۈرسە، شۇ ئائىلىمۇ تېز ئارىدىلا سورۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. شۇنىڭغا ئوخشاشلا كىشىلەردىكى چوڭقۇر ۋاپا ساداقەتنىڭ خاسىيىتى ئەلگە ئامەت ئېلىپ كەلسە، ساداقەتسىزلىك ۋە ۋاپاسىزلىق ئەلگە كاساپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھېكايەت قىلىنىشىچە: تۆت ئۈلۈش خانى - قۇدرەتلىك شاھ ئەمىر تېمۇر كۆرەگان ئەتراپتىكى جايلارغا ھەربىي يۈرۈش قىلغاندا، ھىندى دىيارىدا قاتتىق جەڭ بولۇپتۇ. دەۋران غەلىبە نۇسرىتىنى ئۇنىڭغا يار قىلىپ، دۈشمەنلىرىنىڭ باغرىنى تىلىپتۇ. ھەر كىشى ئۆز ئالدىغا قىرغىنغا ئاتلىنىپ، كېسىلگەن باشلار ساينىڭ تېشىدەك يېتىپتۇ. پۈتكۈل دەشتنى جەسەت قاپلاپ، قانلار دەريا بولۇپ ئېقىپتۇ. ھەممە تەرەپتە ئۆتكۈر قىلىچلار يالتىراپ گويا قىيامەت قايىم بوپتۇ.

قىرغىن بولۇۋاتقان ئاشۇ مەھەلدە ئىككى بىچارە دوست قىرغىنغا دۇچ كەپتۇ. بىر نۆۋكەر ئۇلارنىڭ بىرىنى چاپماق ئۈچۈن قىلىچنى قېنىدىن سۇغۇرۇپتۇ، دوستىنى قىلىچ ئاستىدا كۆرگەن ئۇنىڭ دوستى ئۆز بېشىنى قىلىچ ئاستىغا سۇنۇپ:

- ئەگەر ساڭا باش كېرەك بولسا، ئۇنى چاپما، مانا بۇ مېنىڭ بېشىم ئۇنىڭغا ئەرزىيدۇ،-دەپ نۆۋكەرگە ئىلتىماس قىپتۇ. نۆۋكەر ئۇنى چاپماق بولۇپ يۈزلەنگەندە، ئۇنىڭ دوستىمۇ يەنىلا شۇ سۆزنى تەكرارلاپتۇ. قايسىنى چاپاي دېسە، ئۇلارنىڭ يەنە بىرى تاقەتسىزلىنىپ يالۋۇرۇپتۇ:

- ئاۋۋال مېنى چاپ، مەن كۆزۈمنى يۇمغۇچە ئۇ تىرىك تۇرسۇن!-شۇ يوسۇندا ئۇلار ئۆز دوستىنىڭ بىردەملىك ھاياتى ئۈچۈن بېشىدىن كېچىپ، ئۆز بوينىغا چۈشىدىغان قىلىچنى تالىشىپتۇ.

شۇنداق قىلىپ ئارىدا خېلى تالاش - تارتىش بوپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەنلەر ئارىسىدا غوۋغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. ئىككى دوستنىڭ بىر - بىرى ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن كەچكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان شاھ تەسىرلىنىپ، ئەلنىڭ قېنىدىن كېچىپ، قەتلىئام قىلىشنى توختىتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ۋاپادارلىق ۋە ساداقەتمەنلىكنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئۆزلىرىمۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپتۇ، خەلقمۇ قىرغىندىن خالاس بوپتۇ.

**

چىڭغىز ئايتماتوف نەسلىگە ۋاپاسىزلىقنىڭ كەلتۈرىدىغان ئاپىتى توغرىسىدا مۇنداق دېگەنىكەن: بىر مىللەت ئۆزىنىڭ تارىخىنى يوقاتسا، مەدەنىيەت تارىخىنى يوقاتسا، ئىلغار ئەنئەنىسىنى ئۇنۇتسا، ئىتائەتمەن قۇلغا، ئىتائەتمەن ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىغانكى، ھەرقانداق بىر مىللەت ياخشى ئەنئەنىسىدىن ۋاز كەچسە، ئىلغار ئەنئەنىسىگە ۋاپاسىزلىق قىلسا، يامان تەقدىرنىڭ قولىغا تۇتۇلىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئەنئەنە.

ھازىر بىر قىسىم ياشلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەنئەنىلىرىدىن بىرى بولغان ھايا ۋە نومۇسنى تەكچىۋاشقا ئېلىپ قويدى. شۇنچىلىك قەبىھ ۋە يىرگىنىشلىك ئىشلارنى قىلىپمۇ ئازراقمۇ يۈزى قىزارمايدىغان، ھەتتا شۇنداق رەزىللىكى ئۈچۈن پەخىرلىنىدىغان نامەردلەر مەيدانغا كەلدى. كوچا - كويلاردا ھاياسىزلارچە قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ يۈرگەن ياشلىرىمىز ئۆزىنى نېمە چاغلايدىغاندۇ؟ ئۇلار باشقا ئادەمدە مۇھەببەت ھېسسىياتى، سۆيگۈ تەقەززاسى ۋە سۆيگۈنى يوق دەپ ئويلاپ، بىرەر قىزنى كەلتۈرىۋالغانلىقىنى كۆز - كۆز قىلىۋاتامدىغاندۇ؟ شۇنداق تۇيغۇدا شۇ چاكىنا ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن شۇ ياش نېمىدېگەن بىچارە - ھە؟! ئۇلارغا تېخى توغرا نەسىھەت قىلىپ قوياي دېسە، قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ. تېخى بىزنى مەدەنىيەتسىزلىك، قالاقلىقتا، مۇتەئەسسىپلىكتە ئەيىبلىشىدۇ. بىر كۈنى مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىدىن بىرىنچى يول ئاپتوبوسىغا چىقتىم. مەن بىلەن يەنە بىر جۈپ قىز - يىگىتمۇ چىقتى. مەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇردۇم. ئازراق مېڭىپلا ئۇ يىگىت قىزغا ئەدەپسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى، بىردەمدىن كېيىنلا قىزنىڭ بېشىنى قايرىپ تېخىمۇ ئەدەپسىزلىك، ھاياسىزلىق بىلەن قىلىقسىز ئىشلارنى قىلغىلى تۇردى. ئۇلار بۇ چاغدا ئۆزلىرىنىڭ نەدە ئولتۇرغانلىقىنىمۇ، ئەتراپىدا كىملەرنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇنۇتقان، ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى. مەن بىر تۇرۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋالاي، دەپ ئۆزۈمنى ئاران - ئاران تۇتۇپ ئولتۇرغان بولساممۇ، بىراق مەندىكى مەسئۇلىيەت ۋە ھايا ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقىغا تاقەت قىلىشقا يول قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يىگىتنىڭ مۈرىسىگە ئاستا نوقۇدۇم. بۇ چاغدا ھېلىقى يىگىت دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ ماڭا شۇنداق بىر قاتتىق ھومايدىكى، ئەلپازى ئىنتايىن يامان ئىدى:«ھە، نېمە بولدى؟» دېدى ئۇ مېنى چاينىۋەتكۈدەك ئەلپازدا. «يىگىت، ماۋۇ ئاممىۋى سورۇن، دۇرۇسراق ئولتۇرۇپ ماڭساڭلار ياخشى بولامدىكىن؟» دېدىم مەن. ئۇ دەرھاللا «سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئولتۇرۇشىڭىزنى ئولتۇرىۋېرىڭە، كۆپ ئىشلارغا ئارىلىشىۋالىدىغان ئادەم ئىكەنسىز، ھەممە ئىشقا ئارىلىشىۋالسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ» دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە تەھدىت ئارىلاشقانىدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭمۇ ئاچچىقىم بىرئاز تۇتتى - دە، مۇنداق دېدىم:

- توغرا گەپ قىلسا ھۆكىرەپلا قوپسا بولمايدۇ. مەن سىزگە دەپ قوياي، سىزدەك چۈپرەندە ئادەمنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ، نەسىھەت قىلىدىغانغا ئەخمەق بولۇپ قالمىدىم. لېكىن، ھازىر قىلىۋاتقان ئىش ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى ئەمەس، ئولتۇرغان يېرىڭىز دادىڭىزنىڭ ئايۋان سارىيى ئەمەس، ئاممىۋى سورۇن، چەت ئەل ئەمەس، بەلكى شىنجاڭ. سىزنىڭ ھازىرقى ھاياسىزلىقىڭىز مىللىتىمىزنىڭ ئىلغار ئەخلاقىي ئەنئەنىسىگە ھاقارەت كەلتۈرگەنلىك. يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىزنىمۇ ھاقارەتلەۋاتىسىز، ئۆزىڭىزنىمۇ ھاقارەت قىلىۋاتىسىز. ئۈچىنچى تەرەپتىن، مۇشۇ ئاپتوبوستىكىلەرنى كۆزگە ئىلماي، ئەخلاقسىزلىق قىلدىڭىز، ھەرقانداق ئىشنىڭ جايى ۋە يولى بولىدۇ.

- سىز خۇددى ماڭا دادامدەك تەربىيە قىلىپ كەتتىڭىزغۇ؟ داداممۇ ماڭا بۇنداق گەپ قىلىپ باقمىغان،-دېدى يەنىلا گەپتىن قالماي.

- توغرا، ئەگەر دادىڭىز تەربىيە قىلغان بولسا، بۇنداق ئىشلارمۇ بولمايتتى،-دېدىم مەن.

- بىزنى سەھرالىق چاغلاپ قالماڭ جۇمۇ، بىزمۇ ئوقۇغان،-دېدى ئۇ.

- گەپنى ئاز قىل ئۇكام، راست ئوقۇپتىكەنسەن. مەن ساڭا شۇنى دەپ قوياي، سەن قىلىۋاتقان مۇشۇ قىلىقنى سەن ھاقارەتلەۋاتقان ھەرقانداق بىر سەھرالىق قىلىشنى راۋا كۆرمەيدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىسى بولمىسىمۇ، سەندە يوق بىر ئۇلۇغ بايلىق بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۇلاردا گۈزەل ئەخلاق پەزىلەت بار، شەرم - ھايا بار،- دېدىم. شۇ ئارىدا ماشىنا مەن چۈشىدىغان بېكەتكە يېتىپ كەلدى.

بۇنداق ياتلىشىش، ئەنئەنىگە ۋاپاسىزلىق قىلىشنىڭ ئىپادىلىرىنى ناھايىتى كۆپ تەرەپتىن مىساللار ئېلىپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قائىدىسى ۋە قانۇنىيىتى بار. ھايۋانلار دۇنياسى بىلەن كىشىلىك جەمئىيەتنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئاجايىپ روشەن، نازۇك بەلگە بار. شۇڭا، ھەربىر ئادەم ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەخلاقىي پرىنسىپلىرىغا، قائىدە - يوسۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ناھايىتى مۇھىم تەلەپ ھېسابلىنىدۇ.

ھەربىرىمىز مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنمىز، جەمئىيەتتە ھەر جەھەتتە ئۆزىمىزنىڭ رولىنى، مەسئۇلىيىتىمىزنى جارى قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. چېخوپ:«بىپەرۋالىق قەلبنىڭ پالەچلىكى، شۇنداقلا ئۇ ۋاقىتسىز ئۆلۈمدۇر» دېگەن. مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئىنسان خاراكتېرىنى نۇرلاندۇرىدىغان چىراغ دېسەك، بىپەرۋالىق ئىنسان خاراكتېرىنى كۆمىدىغان گۆركار. ھەرقانداق قورقۇنچلۇق ھالەتمۇ بىپەرۋالىقتەك ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. چۈنكى، بىپەرۋا ئادەم خۇددى ئۇخلاپ ماڭغان يولۇچىغا ئوخشاش ئۇنىڭ نە مەقسىتى، نە نىشانى بولسۇن. ئۇنداق تۇيغۇ تەرەققىي قىلىۋەرسە ياخشى بولامدۇ، يامان بولامدۇ ھەممىگە بىپەرۋا قارايدۇ. مانا بۇ ئەڭ قورقۇنچلۇقى، شۇڭا بىپەرۋا ئادەمنى ئۆز كونتروللۇقىنى يوقاتقان پالەچ ئادەمگىمۇ ئوخشىتىش مۇمكىن. ھەربىرىمىزنىڭ جەمئىيەتكە، ئەنئەنىگە مەسئۇل بولۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار. ئەڭ مۇھىمى مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا، گۈللىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيىتىمىز بار. «جاھاننى سەل باسسا تەرەپ - تەرەپتە، ئېشەكنىڭ غېمى بولارمىش ھەلەپتە» دېگەندەك، «كارىم نېمە؟» دېگەن پوزىتسىيىنى تۇتساق، بۇنى ھەرگىزمۇ ئەركەكلىك ۋە مەردلىك دېمەيمىز.

يەنە بىر نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، قىممەت قارىشىمىزدىمۇ خېلىلا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمىز. يەنە بىر جەھەتتىن ئەخلاق جەھەتتىكى ئىجتىمائىي كونتروللۇقنىڭ تىزگىنىدىن بوشىنىشقا ئۇرۇنۇپ تىپىرلاۋاتقانلىق نەزىرىمىزدىن نېرى ئەمەس. كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئۆزئارا قوللاش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئاجىز - كەمبەغەللەرگە يار - يۆلەك بولۇشتەك ئىلغار ئەنئەنىلىرىمىز ئورنىغىمۇ شەخسىيەتچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىك، پۇلغا ھەددىدىن ئارتۇق چوقۇنۇش، پۈچەك - يارماق ئۈچۈن ۋىجداننى، ئىماننى بۇلغاش قاتارلىق ئىللەتلەرگە يول بەردۇق. چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئاممىۋى سورۇنلاردا شەرم - ھايانى ساقلايدىغان، قىز - ئوغۇللار ئارىسىدىكى ئىلمىي مۇئامىلە مۇناسىۋەتلەر ۋە ياخشى ئەنئەنىنىڭ ئورنىنى قوپاللىق، ھۆرمەتسىزلىك، ھاياسىزلىق قاتارلىق يامان ئىللەتلەر ئىگىلەپ كەتتى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بۇ خىل ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ پەرۋا قىلمايۋاتىمىز. گەرچە قىسمەن قارشىلىق، نارازىلىق ئىپادىلىرىنى ئۇچراتساقمۇ، ئۇ بىر ئومۇمىيلىققا ئايلانمىغانلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىمىغانلىقى ئۈچۈن ئاساسەن رولى بولمايۋاتىدۇ. بەزى ياشلار ئۆزىنىڭ ياتلىشىش، ئاينىشلىرىغا زامان ئۆزگەردى، دەۋر ئۆزگەردى، ھازىرقى زامان سىلەرنىڭ دەۋرىڭلارغا ئوخشىمايدۇ، دەپ ئىنكاس قايتۇرىۋاتىدۇ.

ئۇنداقتا زامان، دەۋر ئۆزگەرسە، مىللەتنىڭ ئىلغار، قىممەتلىك ئەنئەنىسىدىن، ئەجدادلىرىدىن ئاينىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلامدۇ؟ دەۋرنىڭ تەرەققىياتى مىللەتنىڭ ئۆزىدىن ياتلىشىشىغا سەۋەب بولامدۇ؟ پەقەت روھىي جەھەتتىن زەئىپلەشكەن كىشىلەرلا ئاشۇنداق ئاينىش، ئۆزىنى ئۇنتۇش، قارىغۇلارچە باشقىلارغا چوقۇنۇش خاھىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، مىللىتىگە بولغان يۈكسەك ھۆرمەت، ئۆزىگە بولغان مۇھەببەت پارلىغان جۇشقۇن، روھلۇق ياشلار روھىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆزىنى قايتىدىن قۇرۇش، ئەنئەنىنى زامانغا لايىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇكى، ھەرگىزمۇ مىللىتىگە، مىللەتنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسىگە ۋە نەسلىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ. چۈشكۈن، زەئىپ، ئىرادىسىز كىشىلەرلا ئاينىشنى ئەنئەنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەنىۋى جەھەتتىكى چۈشكۈنلۈك ۋە زەئىپلىكنى ئەركىنلىشىش دەپ چۈشىنىدۇ.

**

ۋاپادارلىق ۋە ساداقەت تەلىپىنىڭ يەنە بىر نۇقتىسى ئاتا - ئانىلارغا بولغان ھۆرمەت، ۋاپا ۋە ساداقەت جەھەتتە سىنىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئىلغار ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى ئاتا - ئانىنى مۇقەددەس بىلىدۇ، ئاتا - ئانىنى قاقشىتىشنى گۇناھ ھېسابلايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتقانلار جەمئىيەتنىڭ لەنەت - نەپرىتىگە قالىدۇ. چۈنكى، ئاتا - ئانا دېگەن ھەربىر كىشى ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك ۋە ئەڭ ھۆرمەتكە لايىق كىشىلەر. ئۇلار بىزنىڭ ھاياتلىق دۇنياسىغا كېلىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاسىتچىسى. شۇڭا، ئاتا - ئانىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئادەم ئۆزىنىڭ يارىلىشىغا سەۋەب بولغۇچىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ. بۇ ئېنىق ھايۋانىي سۈپەتنىڭ ئىپادىسى، چۈنكى ھايۋانلارلا چوڭ بولىۋېلىپ ئاتا - ئانىسىنى تونۇمايدۇ.

دىنىي ئەقىدىلەردىمۇ ئاتا - ئانىلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇلارغا كۆز ئالايتماسلىق، ئۇلار بىلەن قارشىلىشىپ دىلىنى ئاغرىتماسلىق، ئاتا - ئانىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ھەققىدە ناھايىتى قىممەتلىك دەۋەتلەر بار، قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن:

«بىز ئىنساننى ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئاتا - ئاناڭلارغا، خىش - ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنا، يىراق قوشنا، ياندىكى ھەمراھقا (سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا) مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل - چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللانى خۇش قىلىشتا ئانىنى رازى قىلىشتىن ياخشىراق ھېچبىر ئامالنىڭ بارلىقىنى مەن بىلمەيمەن. ئەگەر ئاتا - ئاناڭ ساڭا زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنى ھەرگىز رەنجىتمىگىن».

قەدىمكى ئاتا - بوۋىلىرىمىزمۇ ئاتا - ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ۋىجدانى ۋە ئىنسانىي بۇرۇچ دەپ تەكىتلىگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق تەۋسىيىلەرنى قىلغان:

ئاتا پەندىنى سەن قاتتىق تۇت قاتتىق،

كۈنۈڭ قۇتلۇق بولۇر كۈنسايىن تاتىق.

خىزمەتلە خۇش قىلساڭ ئاتا - ئاناڭنى،

تاپارسەن تۈمەن مىڭ كۆپ پايدا - ئاسىغ.



ئەلىشىر نەۋائى مۇنداق دېگەن:



بېشىڭنى پىدا ئەيلە ئاتا قاشىغا،

جىسمىڭنى قىل پىدا ئانا باشىغا.



دېمەك، ئاتا - ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارغا ۋاپادار بولۇش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك ئەنئەنىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا - ئانىسىغا ۋاپا قىلمىغان نامەرد ئادەمگە «نامەرد، ۋاپاسىز» دېگەن تامغا بېسىلىدۇ. ئاتا - ئانىسىغا ۋاپا قىلمىغان ئادەمدىن ھەرگىزمۇ ئەلگە ۋە باشقىلارغا ۋاپا كەلمەيدۇ. شۇڭا، بىر ئادەمنىڭ ۋاپادارلىقىنى ئاۋۋال ئاتا - ئانىسىغا بولغان ۋاپادارلىقتىن ئىزدەش كېرەك. ۋاپاسىز ئادەمدىن ھەرقاچان ئۆزىنى تارتقۇلۇق، ئۇنداق ئادەم بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈشنىڭ ئۆزىمۇ مەردلىك جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. ۋاپاسىز ئوغۇللار چايان مەسەللىككى، چاياننىڭ تۇغۇلۇشى باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش مۇئەييەن ئادەت بويىچە بولمايدىكەن. يەنى ئۇ ئانىسىنىڭ ئىچ قارنىنى يەپ، قورسىقىنى يىرتىپ چىقىدىكەن - دە، چۆل - باياۋانلارغا كېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئۇۋۇسىدا كىشىلەر كۆرىدىغان چايان پوستى شۇنىڭ بەلگىسى ئىكەن. بىر ھۆكۈما بۇ سۆزنى ئاڭلاپ دەپتۇركى، بۇ سۆزنىڭ راستلىقىغا كۆڭلۈم گۇۋاھلىق بېرىدۇ، باشقىچە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار كىچىكلىكىدە ئاتا - ئانىسىغا ئاشۇنداق مۇئامىلە قىلغاچ، ئەلۋەتتە چوڭ بولغاندا شۇنداق سۆيۈملۈك ۋە ھۆرمەتلىك (كىنايە قىلىپ ئېيتىلغان سۆز) بولىدۇ - دە.

كىشىلەر چاياندىن سوراپتۇ:

- نېمىشقا قىشتا تاشقىرى چىقمايسەن؟

چايان دەپتۇ:

- يازدا تۈزۈك ھۆرمىتىم بولمىسا، قىشتا چىقىپ نېمە قىلاي.

ھازىرقى جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ ئەرلىك خىسلىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقانچە نامرات بولۇپ كەتسىمۇ، قانچىلىك قىيىنچىلىققا يولۇققان بولسىمۇ، يەنىلا ساداقەت ۋە ۋاپادارلىقنى ئۇنۇتماي ۋاپادارلىقتا بايراقدار بولۇۋاتقان ئەزىمەتلەر خېلى بار. لېكىن، ئاتا - ئانىسىنىڭ قېنىنى شوراپ، ئىچ - باغرىنى يەپ، يىلىكىنى قۇرۇتۇپ، ئاتا - ئانىسىنى مەڭگۈلۈك داغدا، ھەسرەت - نادامەتتە قويۇۋاتقان چايان تەبىئەتلىك نامەرد مەلئۇنلارمۇ ئاز ئەمەس. بەزىلەرنىڭ تەبىئىتى ئۇلارنى ئاتا - ئانىسىدىن ھەر خىل باھانە سەۋەب تېپىپ يۈز ئۆرۈشكە ئىشتراك قىلغان، بەزىلەر خوتۇنىنىڭ كەينىگە كىرىپ، خوتۇنىنىڭ يالغان - ياۋىداق گەپلىرىگە ئىشىنىپ ئاتا - ئانىسىدىن يۈز ئۆرىگەن. بەزىلەر ئۆزىنىڭ زەئىپلىكى، ئىقتىدارسىزلىقى، نابابلىقى تۈپەيلى، بىر ئۆمۈر ئاتا - ئانىسىغا يۆلىنىۋالىدىغان تەمەخورلۇققا ئادەتلەنگەن. ئاتا - ئانىسىنىغۇ باقمىسۇن، ئۆزىنىمۇ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىمۇ بېقىش ئىقتىدارى بولمىغان ئادەمنى قانداقمۇ ئەر قاتارىغا قوشقىلى بولسۇن؟

بىز شۇنى ياخشى بىلىمىزكى، ئاتا - ئانىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئادەمنىڭ بېشىدا ھەرقاچان خارلىق، زەبۇنلۇق ۋە بالا - قازا ئەگىپ يۈرىيدۇ. ئاتا - ئانىسىنى رازى قىلمىغان ۋاپاسىزلار قاچان روناق تاپقان؟



**

بىز ئەمدى ۋاپادارلىق ۋە ساداقەتنىڭ تېشىنى دوستلۇق تەرەپكە سۈرىمىز. بۇ چاغدا نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ يەڭگىل كېلىپ قالىدىغانلىقىمىزنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولىمىز.








ھازىرقى رېئال مۇناسىۋەتلەر تۈرىدىن شۇنىسى ناھايىتى روشەنكى، خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېيتقاندەك، ھەقىقىي ئىنسانىي دوستلۇقنىڭ ئورنىنى پۇل، مەنپەئەت تەمەسىدىن ئىبارەت ساختا دوستلۇق قەسىمى ئىگىلىدى. «يېغا (ياغى) ياندىن قوپۇر، بالا كەلسە قېرىنداشتىن» دېگەندەك، نۇرغۇن ياخشى خۇيلۇق، دۇرۇس، ئوڭلۇق، مەرد، مەردانە يىگىتلەر نامەرد دوستىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. يەنى نۇرغۇن نامەردلەر دوستىنىڭ پوستىغا ئۇردى. يەنى نۇرغۇن گاڭگۇڭ يىگىتلەر ساتقىنلىقنىڭ تورىدا ھالاك بولدى. بەزى خۇمسىلار دوستلۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ دوستىنىڭ خوتۇنىغا بەدنىيەتلىك قىلدى. بەزىلەر دوستىنى ئالداپ سېتىپ خانىۋەيران قىلىۋەتتى. يەنە بەزى نامەردلەر «پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق» دېگەندەك، ئازراق پۇل تېپىپ ياكى تىرناقتەك ئەمەلنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇۋېلىپلا بۇرۇنقى نامرات چاغلىرىدىكى، بالا ۋاقىتلىرىدىكى ئۆزىگە يار - يۆلەك بولغان، نۇرغۇن ئىشلاردا قولداش، يولداش بولغان دوستىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇلارنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاندەك تونۇماس بولىۋالدى. ھېكايەتتە كەلتۈرۈلۈپتۇركى، بىر كىشىنىڭ دوستى چوڭ مەنسەپكە ئولتۇرغانىكەن، ئۇنىڭ يېقىن بىر دوستى ئۇنى مۇبارەكلەش ئۈچۈن يوقلاپ بېرىپتۇ.

- سەن كىم بولىسەن،-دەپتۇ ئەمىلى ئۆسكەن كىشى دوستىنى قەستەن تونۇماسلىققا سېلىپ. يوقلاپ كەلگۈچى كىشى ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن ئوسال ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ ۋە:

- مېنى تونۇمامسەن؟ مەن سېنىڭ كونا دوستۇڭ بولىمەن، سېنى كور بولۇپ قاپتۇ، دەپ ئاڭلاپ يوقلاپ كەلگەنىدىم،-دەپتۇ.

شۇڭا، ئادامىس «ئەمەلدار بولغان دوست يوقالغان دوست» دېگەن. ھەقىقىي دوستلۇق ئوتتۇرىسىدا ئورۇن، مەرتىۋە، بايلىق، كەمبەغەللىك پەرقى بولمايدۇ. تەمەگە، مال - دۇنياغا، ئەمەل - مەنسەپكە باغلانغان دوستلۇق دوستلۇق ئەمەس، بەلكى قۇلچىلىقتۇر. دوست دېگەن قان دوستكى، ھەرگىز نان دوست ئەمەس. كىمىكى يەنە بىرىگە تەمە بىلەن دوست بولماقچى بولسا، ئۇ خۇددى قۇشلارنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز پايدىسى ئۈچۈن دان چاچقان ئوۋچىغا ئوخشايدۇ. غەرەز ئارىلاشقان دوستلۇق دوستلۇق ئەمەس نامەردلىكتۇر. بىر بۇزرۇكتىن كىشىلەر «نەچچە دوستۇڭ بار؟» دەپ سورىغانىكەن، ئۇ كىشى:«بىلمەيمەن، ھازىر دۆلىتىم پاراۋان، نېمىتىم كەڭرىچىلىك، شۇڭا ماڭا ھەممە كىشى دوستلۇق ئىزھار قىلىشىدۇ، مەن بىلەن قەلبى بىر ئىكەنلىكى توغرىسىدا لاپ ئۇرىشىدۇ. خۇدا ساقلىسۇن، ئەگەر ئىززەتنىڭ كۆزىنى مېھنەت قارىغۇ قىلسا، ئۇ چاغدا ئاندىن كىمنىڭ دوست، كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن. دېمەك، ئەل خارەزمى دېگەندەك «ئۇرۇش باتۇرنى، جاھىل دانانى، يوقسۇزلۇق دوستنى سىنايدۇ.» بۇزرۈكلار شۇڭا:«تۆت گۇرۇھنى مۇنداق تۆت ۋاقىتتا سىناش كېرەك، يەنى باھادىرلارنىڭ شىجائىتىنى جەڭدە، خىيانەتسىز، ئىنسابلىق كىشىلەرنىڭ دىيانىتىنى ئېلىم - بېرىمدە، خوتۇن - پەرزەنتلەرنىڭ ۋاپاسىنى نامراتلاشقان چاغدا، ھەقىقىي دوستلارنى بالا - قازا كەلگەن ۋاقىتتا سىناش كېرەك» دېگەن.



دوستلىرىڭ دوست بولغىنىدۇر ئېشىڭغا،

يەتسە مېھنەت بىرى كەلمەس قېشىڭغا.

بولسا كىم مېھنەتتە دوست، ئۇ جانغا دوست،

دوست ئەمەس دۆلەتتە دوست، ئۇ نانغا دوست.



بۇ شېئىر ھېكمەت كىتابلىرىدا يېزىلغان مۇنۇ ھېكمەتنى ئىپادىلىگەن: پادىشاھلارنىڭ بىرى بىر پازىل كىشىدىن:«خالايىقلارنىڭ مالدار كىشىلەرنى دوست تۇتۇشىدا نېمە ھېكمەت بار؟» دەپ سورىغانىكەن. ئۇ پازىل كىشى:«مال ئۇلارنىڭ مەشۇقىدۇر، مەشۇق قەيەرگە بارسا، ئاشىق شۇ يەرگە كېلىدۇ، مەشۇق كەتسە ئاشىقمۇ كېتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن





  مەنىۋى دۇنياسى پۈچەك، ياشاش ئىقتىدارى تۆۋەن ئادەملەر نامەرت كېلىدۇ.





رېئال تۇرمۇش ئەمەلىيىتى تولۇق ئىسپاتلىغانكى، مەرد ئادەمنىڭ قارنى - كۆكسى كەڭ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى يۇقىرى، تەبىئىتىدە نومۇس ۋە ۋىجدان بار، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، ئۆز نەپسى ئۈچۈن باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىشنى نومۇس بىلىدىغان، تەمەخورلۇق، قۇلچىلىق بىلەن جان بېقىشنى ئۆلۈم دەپ بىلىدىغان ئالىيجاناب خاراكتېر بولىدۇ. نامەردلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم كەمتۈكلۈكى، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى ئىنتايىن زەئىپ بولىدۇ، ئۇلاردا نومۇس، ۋىجدان بولمايدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ھالاللىق بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزى كىچىك، دىلى شۇنداق زەھەركى، ئۇلار ئۆزىدىن ئالدىغا كەتكەن ھەرقانداق ئىنسان ئۈچۈن ھەسەت، كۆرەلمەسلىك ئوتىدا پۇچۇلىنىدۇ. كۆڭلىدە ئۇلارغا ئاداۋەت ساقلايدۇ، تۆھمەت قىلىپ، ياخشىلارنى يىقىتىپ ئۆزىنىڭ مەجرۇھ گەۋدىسى بىلەن ئالدىغا چىقىشنى ئويلايدۇ. مانا مۇشۇنداق چۈپۈرەندىلەر قانچىلىك كۆپەيسە مىللەتكە كېلىدىغان ئاپەت شۇنچىلىك كۆپىيىدۇ، تارتىدىغان دەرد - ئەلەم شۇنچىلىك ئاشىدۇ. شۇڭا جەمئىيەت ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتنىڭ بەخت - سائادەت مەنزىلىدىكى پۇتلىكاشاڭ قوتۇرلارنى ئوبدان بايقاش، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ھەرگىز يول قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى چاكىنا، چۈپۈرەندە، مەرەز ئادەملەر ھەرگىزمۇ ئۆزىگە ئوخشاش يارىماسلار بىلەن ئېتىشمايدۇ، بەلكى ياخشىلارغا ئورا كولاش ئۇلارنىڭ ئادىتى ۋە خۇمارى، ئۆزىدىن ھالقىپ كەتكەنلەرگە پۇت قويۇش ئۇلارنىڭ ياشاش مەنتىقىسى.

كەڭ قورساقلىق، ياخشىلارنى قوللاش، ئاجىزلارغا يار - يۆلەك بولۇش مەردلىكنىڭ مۇھىم نىشانىسى؛ ھەسەتخورلۇق، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش، ياخشىلارغا ئورا كولاش يارىماس نامەردلەرنىڭ ئادىتىدۇر.

«ئادەم ياخشىلىقنىڭ بەندىسىدۇر». ياخشىلىق قىلىش قارنى - كۆكسى كەڭ، سېخىي، مەرد ئادەملەرنىڭ ھاياتلىق مىزانى، ئۇ ئاجايىپ ئۇلۇغ پەزىلەتلەرنىڭ كانى، ئىنسان قەدىر - قىممىتىنىڭ رەھنىماسى. ياخشىلىقنىڭ چەك - چېگرىسى يوق، ياخشىلىققا چوڭ - كىچىك دەپ باھا بېرىشنىڭمۇ ئورنى يوق؛ ياخشىلىقتا باي، كەمبەغەللىك ئۆلچىمىمۇ يوق. بىر ئادەمنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش يولىدا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىشمۇ بىر ياخشىلىق، يولدا ئۇچرىغان بىر زىيانلىق تىكەننى باشقىلارنىڭ پۇتىغا سانچىلمىسۇن، دەپ سىرتقا ئېلىپ تاشلىۋېتىشمۇ ياخشىلىق؛ مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ پۇل چىقىرىپ نامرات بىچارىلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشمۇ ياخشىلىق؛ بىرەر كېسەلمەن بوۋاي ياكى موماينىڭ سۈيىنى ئەكىرىپ بېرىش، ئوتىنىنى يېرىپ بېرىشمۇ ياخشىلىق ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتى ۋە شارائىتىغا قاراپ ياخشىلىق قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىم مەسىلە نىيەتتە. نىيەت دۇرۇس، ياخشى بولسا گەرچە ياخشىلىق قىلىش قولىدىن كەلمىسىمۇ ئۇنى ياخشى ئادەم دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردا: سەن ياخشىلىق قىلالمىساڭمۇ يامانلىق قىلما، يامانلىق قىلمىغانلىقىڭ ياخشىلىق قىلغانلىقىڭ ھېسابلىنىدۇ. (ئەلىشىر نەۋائى) دېگەن تەۋسىيەلەر بار. بۇ مۇقەددەس كىتابلاردىكى «باشقىلارغا يامانلىق قىلماسلىقمۇ سەدىقە ھېسابلىنىدۇ» دېگەن ئەقىدە بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە.

كىشىلىك تۇرمۇشتا ياخشىلىقمۇ كۆپ، بىراق خاراكتېرى ئوخشاش بولمايدۇ.

بىرىنچى، ياخشىلىق قىلىش  -  مەردلىك ۋە سېخىيلىق. بىراق ئۇنى مىننەت قىلىش، ياكى ئۇنىڭدىن بەدەل تەلەپ قىلىش نامەردلىك ۋە خەسىسلىك ھېسابلىنىدۇ. ياخشىلىق قىلىپ ئارقىدىن بەدەل تەلەپ قىلىشنى ئۇلۇغلار: چوشقىنىڭ يۇيۇنۇپ بولۇپ، يەنە چىلىسىگە مىلەنگىنىدەك ئىش، دەپ تەرىپلىگەن. ھازىر جەمئىيىتىمىزدە سېخىيلىقى بىلەن ئەل ئارىسىدا قەدىر - قىممەت تاپقان ئوغلانلىرىمىز خېلى بار. ئۇلار مىڭ بالادا تاپقان ئىقتىسادىنى نامراتلارنى يۆلەشكە، يېتىم - يېسىرلارنى ئوقۇتۇشقا، ئىقتىسادىي ئامىل سەۋەبلىك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان مۇنەۋۋەر، ئۈمىدلىك ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇشقا، مەكتەپ سېلىشقا سەرپ قىلىپ، پۇلنىڭ ھەقىقىي قىممىتى، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىنسانىي ئوبرازىنى نامايان قىلدى. بۇ مەرد ئوغلانلار بىلەن خەلققە ياخشىلىق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش، خەلقنى قاقتى - سوقتى قىلىش ئارقىلىق جان بېقىۋاتقان نامەردلەر ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك زور پەرق بار - ھە!؟ شۇ مەرد ئوغلانلارنى كۆرگەن، ئۇلارنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ئاڭلىغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن ئۇلارغا ئاپىرىن ئوقۇش، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ كۈنسېرى روناق تېپىشىغا دۇئا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى:«ئېسىت! شۇ پۇل مەندە بولۇپ قالسىچۇ؟ ئەخمەق ئادەملەر جىق جۇمۇ، بۇ جاھاندا» دېگەن پۇچۇلىنىشلارنى ئاڭلاپ، «يا ھەزرەت ما ئادەملەرنىڭ كۆڭلى نېمىدېگەن قارا» دەپ قالىدۇ كىشى. بەزىلەر بىر مو پۇلنىڭ ئۈستىدە تىك تۇرىدۇ، ھەتتا بىز جەمئىيەتتە ئون كوي، يۈز كوي چاغلىق پۇل ئۈچۈن بىر - بىرسىگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان نامەردلەرنى خېلى كۆپ ئۇچراتتۇق. پۇل تاپقان ئاشۇ مەرد ئوغلانلار ئۈچۈنمۇ پۇل شۇنداق تاتلىق، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ - تېشىپ كەتكىنى يوق. بىراق كۆز ئالدىدىكى خەلقى ئاچ - يالىڭاچلىقتا ئىڭراۋاتسا ئۇلارنىڭ گېلىدىن غىزا ئۆتمىگەن، ئۇلارنىڭ يېگەن ئېشى زەھەر، كىيگەن تونى كىپەن بولغان. ئۇلار تەڭ يېگەن تەنگە سىڭار دېگەن ئەقىدىنى بىلىدىكەن. يۇرتداشلىرى، خەلقى ئېغىر تۇرمۇش شارائىتىدا تۇرسا تاپقان پۇلنى كۆز - كۆز قىلىپ، ئۇلارغا بويۇنتاۋلىق قىلىشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل دەپ قارايدىكەن.

ھەي خەسىس بىچارە! ئۆزۈڭنىڭغۇ قولىدىن زىياندىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ، ئۇلارغا ئىچىڭ تارلىق قىلىدىغان، ئۇنى كۆرەلمەيدىغان سەندىكى قانداق بىر قەلبتۇ؟...

ساخاۋەت ھەققىدە توختالغاندا، يەنە شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ھاجەتكى، مەجبۇرىي، زورلۇق بىلەن قىلىنغان ياخشىلىقنىڭ ھەم قىممىتى بولمايدۇ. تولىستوينىڭ بىر سۆزى بار:«ساختا ساخاۋەت ھەممىدىن يامان، ئاشكارا يامانلىققا قارىغاندا ئادەم ساختا ساخاۋەتتىن كۆپرەك نەپرەتلىنىدۇ». بەزىدە غەرەز ئارىلاشقان ياخشىلىق، يوشۇرۇن دۈشمەنلىككە ئوخشايدۇ. بەزىلەر باركى گېزىتكە يېزىلىپ ماختىنىش ئۈچۈن، تېلېۋىزوردا تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ باي ئىكەنلىكىنى خەلققە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن «ساخاۋەتلىك» بولىۋالىدۇ. ھەي بۇرادەر، بىزنىڭ ئەقىدىمىزدە ئوڭ قولۇڭ بەرگەن سەدىقىنى سول قولۇڭغا بىلدۈرمە دېگەن ئەنئەنە بار. قىلغان ياخشى ئىشىڭلارنى يامان تەمە بىلەن بىكار قىلغۇلۇق ئەمەس.

جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن يېتىم - يېسىر بالىلار بۇ ھايات داستىخىنىدىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھېچقانداق مەئىشەتتىن، مېھرىبانلىقتىن بەھرىمەن بولالمايۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاتا - ئانىلىرى شۇم ئەجەلنىڭ سەۋەبىدىن بۇ دۇنيادىن كېتىشكەن. بەزىلەرنىڭ ئاتىسى ھالال، پاك ياشاپ بۇ دۇنيادىن كەتكەن، ئۇلار خەلق ئۈچۈن ياشاپ، خەلق ئۈچۈن ئۆلگەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا ھېچقانداق مىراسى قالمىغان. ئۇلار ئۆز بالا - چاقىلىرىنى ساخاۋەتلىك خەلقىمىزگە قالدۇرۇپ كېتىشكەن. ئەجەبا ئۇلارنىڭ شۇنچە ئۇلۇغۋار تۆھپىلىرىنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى ئۈچۈن ئاشۇ يىتىم بالىلارنىڭ بېشىنى سىلاپ قويغۇدەكمۇ مېھىر - شەپقەت بولمىسا، ئاشۇ پىداكارلارنىڭ كۆزى قانداقمۇ يۇمۇلىدۇ. بىزنىڭ ئارىمىزدا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان خەلقپەرۋەر، ئىنسانپەرۋەر كىشىلىرىمىز بار، بىراق ئۇلارمۇ ئادەم. ئۇلار قاباھەت دېڭىزىغا سەكرەپ، ھالاكەت گىردابىدا ئىڭراۋاتقان بىر مەسۇمنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۆزىنىڭ جېنىنى پىدا قىلغان بولسا، ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشتا يوق، ئەكسىچە، ئۇنى ئەخمەقلىقتا ئەيىبلىسە، ئۇنىڭ بالىلىرى يېتىملىك دەردىدە زارلانسا، كىشىلەرگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ ئۇلار «بولدىلا، بۇ خەلققە بۇنچىلىك قۇربان بېرىشكە ئەرزىمەيدۇ» دەپ پىداكار قەلبىگە ئىلاجىسىز پەردە تارتىشقا مەجبۇر بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ كىلۋېتىس:«جاسارەت بەك قەدىرلىنىدىغان، قورقۇنچاقلىق قاتتىق ئەيىبلىنىدىغان دۆلەت ئەڭ قەدىرلىكتۇر» دېگەن ئىكەن. چۈنكى «جاسارەتلىك يۈرەك ھەرقانداق مۇسىبەتلەرنىمۇ بىتچىت قىلالايدۇ» (سىرۋانىتىس). بىراق ئاشۇنداق جاسارەتلىك سېخىي ئوغلانلىرىمىزنى قوللايدىغان، ئۇنىڭغا ياندىشىدىغان، ئۇنىڭ ئىزىنى باسالايدىغان ئادەم بولۇشى كېرەكتە.

سەن يېتىملارنىڭ قانچىلىك بىچارە، قانچىلىك ئاجىزلىقىنى بىلەمسەن؟ يىلتىزسىز دەرەخنىڭ كۆكلەپ مېۋە بەرگىنىنى كۆرگەنمۇ سەن؟ يېتىم يىغلىسا ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدىغان ئادەم بولمىسا بولامدۇ؟ يېتىمنىڭ يىغا - زارى ئەرشى ئەلانى تىترىتىدۇ، دېگەن گەپ بار. شۇڭا يېتىملەرگە رەھىم قىلىپ ھېچ بولمىسا كۆز يېشىنى بولسىمۇ ئېرتىپ قوي، يۈز - كۆزىدىكى چاڭ - توزانلارنى سۈرتۈپ قوي، شۇنداق قىلساڭ سېنىڭ بالىلىرىڭ يېتىم بولۇپ قالغان چاغدا ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلايدىغانلار چىقىدۇ. بۇنىڭدىن شۈبھىلەنمە. «بىر يېتىمنىڭ بوينى قىسىق، كۆڭلى سۇنۇق كۆرگىنىڭدە، - دەيدۇشەيخ سەئدى - ئۆز بالاڭنى ئەركىلىتىپ سۆيمە. ئاجىزلارنىڭ قولىدىن تۇتقاننىڭ قولىنى ئەتە ئۆزى ئاجىزلاشقاندا تۇتىدىغانلار چىقىدۇ. كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن ئاجىزلارنىڭ بېشىغا ئۇرما، بىر كۈنلىرى چۈمۈلىگە ئوخشاش ئۇنىڭ ئايىغىغا چۈشۈپ قالىسەن».

بىزنىڭ خەلقىمىزدە ياخشى، ئەل سۆيەر، ئىنسانپەرۋەر كىشىلەرنىڭ تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللىرىغىلا خەير - ساخاۋەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ چوڭ بولۇشى ئۈچۈن ھامى بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ قالماي، بەلكى يامان دەپ قارالغان ئادەملەرنىڭ بالا - چاقىلىرىغىمۇ خەيرىخاھلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى مۇھىم دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئاتىسى گۇناھكار بولغان بولسا، خوتۇن - بالىلىرىنىمۇ شۇ گۇناھغا شېرىك قىلىش ئىنسانلىق ئەمەس. ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، توغرا يولغا باشلاش، خەلقنىڭ ئارىسىغا باشلاپ كىرىش كېرەك.

ئادەم ياخشىلىق قىلغان ئىكەن ئاداققىچە قىلىشى كېرەك. مانا بۇ ھەقىقىي مەردلىك بولىدۇ. بەزىلەر باركى بىر دوستى ئەمەلدار، پۇلدار بولسا، ئۇ ھايات چېغىدا ئاجايىپ يېقىن بولىۋالىدۇ، ھەتتا ئۇ ئۆزىنى پۈتۈن بارلىقىنى دوستى ئۈچۈن تەسەددۇق قىلىدىغاندەك كۆرسىتىدۇ. بىراق دوستى ئالەمدىن ئۆتسە، ئەمەلدىن چۈشسە ياكى نامراتلىشىپ قالسا، دەرھال يۈزىنى ئۆرۈيدۇ. ئۇنىڭ بالا - چاقىلىرىغا بىرەر ئاياغ ئېلىپ بېرىشكە يارىمايدۇ. مانا بۇ ئۇچىغا چىققان نامەردلىك ۋە شەرمەندىلىك ئەمەسمۇ؟

ئىككىنچى، ياخشىلىقنى ياخشىلىق قىلىش لازىم بولغان ئادەمگە ۋە ئورۇنغا قىلىش كېرەك. زۆرۈرىيەتسىز جايغا قىلىنغان ياخشىلىق ۋە يامانلارغا قىلىنغان ياخشىلىق يامانلىق قىلغانلىق بىلەن باراۋەر. يامانلارغا قىلىنغان ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى نېمە؟ ئەلۋەتتە يامانلىق ۋە يۈز ھەسسە يامانلىق. بۇ ھەقتە تارىختا نۇرغۇن ئىبرەتلىك ھېكايىلەر بولغان سەئدىنىڭ ھېكايەت قىلىشىچە: بىر توپ ئەرەب قاراقچىلىرى تاغ بېشىدا ماكان تۇتۇپ كارۋانلارنىڭ يولىنى توسايتتى. ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرى ئۇلارنىڭ بۇلاڭچىلىقىدىن ۋەھىمىگە چۈشكەن، سۇلتان لەشكەرلىرىمۇ يېڭىلىپ قالغانىدى. چۈنكى قاراقچىلار تاغ چوققىسىدا قىيىن يوللارنى قولىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ئۇ يەرلەرنى ئۆزلىرىگە پاناھ جاي قىلىۋالغانىدى. شۇڭا مەسلىھەت بويىچە بىر ئادەمنى چارلاشقا ئەۋەتىپ ئەپلىك پۇرسەت كۈتمەك بولۇشتى.

بىر كۈنى قاراقچىلار خەلقنى بۇلاشقا كېتىپ ئۇۋىسى خالىي قالغان چاغدا، بىرقانچە ئىش كۆرگەن جەڭ تەجرىبىسىگە ئىگە يىگىتلەر ئەۋەتىلدى. ئۇلار تاغنىڭ بىر ئۆڭكۈرىگە مۆكۈپ تۇرۇشتى. قاراقچىلار كەچتە ئولجىلىرىنى ئېلىپ قايتىپ كېلىشتى. ئۇلار قورال - ياراغلىرىنى يېشىپ تاشلاپ، ئولجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان دەسلەپكى دۈشمەن ئۇيقۇ بولدى. بىرىنچى جىسەك ۋاقتى ئۆتكەندە باتۇر يىگىتلەر پىستىرمىدىن چاچراپ چىقىشتى - دە، قاراقچىلارنىڭ قولىنى بىر - بىرلەپ ئارقىسىغا باغلاپ، بامدات ۋاقتىدا پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشتى، پادىشاھ بۇ قاراقچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلدى. شۇ ئارىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ياش بالا كۆزگە چېلىقىپ قالدى. ئۇنىڭ ياشلىقىنىڭ كۆچىتىنىڭ مېۋىسى ئەمدىلەتىن يېتىلگەن، جامال گۈلىستانىنىڭ مايسىلىرى يېڭىلا كۆكۈرۈشكە باشلىغانىدى. ۋەزىرلەردىن بىرى شاھ تەختىنىڭ بوسۇغىسىنى ئۈپۈپ، شاپائەت يۈزىنى يەرگە قويدى - دە: بۇ بالا تېخى ھايات بېغىدىن بىرەر تال مېۋىنى تېتىپ كۆرمىگەن ۋە ياشلىق باھارىدىن بەھرىمەن بولمىغان. شۇڭا پادىشاھىمىزنىڭ سېخىيلىق ۋە ئالىيجانابلىقىدىن ئۈمىدىم شۇكى، ئۇنىڭ خۇنىدىن ئۆتۈپ مەن بەندىگە بېرىۋەتسە ئىكەن.

پادىشاھ بۇ سۆزدىن بوينىنى تولغىدى، بۇ پىكىر ئۇنىڭ يۈكسەك رەيىگە مۇۋاپىق كەلمىگەچ مۇنداق دېدى:



ياخشىلارنىڭ نۇرى يۇقماس زاتى پەسكە ھېچقاچان،

تەربىيە نائەھلىگە گۈمبەزدىكى ياڭاقسىمان.



ئۇلارنىڭ ناپاك نەسلىنى قىرىپ تاشلاپ، ئۇرۇق ئەۋلادىنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇۋېتىش ياخشىراق. چۈنكى ئوتنى ئۆچۈرۈپ چوغنى قالدۇرۇپ قويۇش، يىلاننى ئۆلتۈرۈپ تۇخۇمىنى ساقلاپ قېلىش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس.



ئابىھايات تۆكسىمۇ ئاسماندىن بۇلۇت،

تال سۆگەتتىن مېۋە يېيەلمەيسەن.

پەسكەشكە ۋاقتىڭنى زايا قىلمىغىن،

بورا قومۇشىدىن شېكەر ئالالمايسەن.





ۋەزىر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ خالار، خالىماس ماقۇل كۆرگەن بولدى ۋە شاھنىڭ گۈزەل پىكرىگە ئاپىرىن ئوقۇپ يەنە مۇنداق دېدى: شاھنىڭ ئىلتىپات قىلىپ ئېيتقىنى چىن ھەقىقەت. ئەگەر بۇ بالا ئاشۇ يامان ئادەملەرنىڭ ئۈلپەتچىلىكىدە ئۆسكەن بولسا، ئۇلارنىڭ خۇيىنى ئۆزلەشتۈرۈۋالغان بولاتتى. ئەمما مەن قۇلىڭىز ئۈمىدۋارمەنكى، ئۇ ياخشىلارنىڭ ئارىسىدا تەربىيە كۆرسە، ئاقىللارنىڭ خۇلقىنى ئۆزلەشتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ تېخى كىچىك بالا، بۇ گۇرۇھنىڭ بولاڭچىلىق، توپىلاڭچىلىق ئادەتلىرى ئۇنىڭغا ئانچە سىڭگىنى يوق. ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:«ھەربىر بوۋاق تۇغۇلغاندا ئىسلام بىلەن تۇغۇلىدۇ. كېيىن ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنى يا يەھۇدى قىلىپ چىقىدۇ، يا خرىستىيان قىلىپ چىقىدۇ، يا مەجۇسى قىلىپ چىقىدۇ.



يامانغا يار بولغاچ لۇتنىڭ جورىسى،

بولدى پەيغەمبەرلىك خانىدان ۋەيران.

ئەسھاب كەھفنىڭ ئىتى نەچچە كۈن،

ياخشىلارغا ئەگەشكەچ بولغانتى ئىنسان.»





ۋەزىر پەيغەمبەر سۆزىنى شىپى كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن پادىشاھ ئۇ كىچىك قاراقچىنىڭ خۇنىدىن ئۆتتى - دە:«بولۇپتۇ، گەرچە بۇ ئىشنى مەسلىھەت كۆرمىسەممۇ كەچۈرۈم قىلدىم!» دېدى.

شۇنداق قىلىپ، ۋەزىر بالىنى ئېلىپ قېلىپ، ئۇنى تۈرلۈك نازۇ - نېمەتلەرگە كۆمۈۋەتتى. ئۇنىڭ تەربىيىسىگە ئۇستاز، ئەدىبلەرنى تەيىنلەپ، سۆزلەش ۋە گەپ قايتۇرۇش سەنئىتىنى ۋە شاھقا خىزمەت قىلىش قائىدىلىرىنى ئۆگەتتى. ئەمەلدارلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىش ناھايىتى ماقۇل كۆرۈندى. دېمەكلىكچە، ئۇ خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغانىدى. بىر قېتىم ۋەزىر پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۇ بالىنىڭ سۈپەتلىرى توغرۇلۇق سۆز ئېچىپ، ئاقىللارنىڭ تەربىيىسى ئۇنۇڭغا تەسىر قىلغانلىقىنى، بۇرۇنقى نادانلىقى ئۇنىڭ تەبىئىتىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. پادىشاھ كۈلۈپ قويدى - دە، دېدى:



ئاقىۋەت بۆرە كۈچۈكى بۆرە بولۇر،

گەرچە ئۇ ئادەم ئىچرە ئۆرە بولۇر.



ئارىدىن بىر - ئىككى يىل ئۆتكەندە ئاشۇ مەھەللىنىڭ بىر توپ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۈلپەتچىلىك ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن پۇرسەت تېپىپ ۋەزىرنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ھەددى - ھېسابسىز مال - مۈلكىنى بۇلاپ كەتتى ۋە قاراقچىلارنىڭ غارى ئىچىدە ئاتىسىنىڭ ئورنىدا ئولتۇردى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھەيرەت بارمىقىنى چىشلەپ دېدىكى:



ئەسكى تۆمۈردىن ياسالمايدۇ كىشى ئۆتكۈر قىلىچ،

رەزىل ئادەم تەربىيىدە، ئەي ھەكىم بولماس ئىنسان.

گەرچە يامغۇر ياخشىلىقتا ھەممىگە ئوخشاش بىراق،

باغدا لالە ئۆسىدۇ، شورلۇقتا يانتاق ھەرقاچان.



شورلۇقتا ھېچقاچان سۇنبۇل ئۆسمەيدۇ،

ئۇرۇقنى، ئەمگەكنى قىلمىغىن زايا.

يامان ئادەملەرگە ياخشىلىق قىلىش،

ياخشىغا يامانلىق قىلغانلىق گويا.



بۇ ئەقىدە شەرقنىڭ مۇھىم تەجرىبە - ساۋاقلىرىدىن بىرى. ئۇزۇن ئەسىرلىك تەجرىبە ساۋاقنىڭ يەكۈنى. شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «ياخشى ئۇرۇقتىن چاتاق چىقمايدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىدىنمۇ، بۇ ھەقىقەتنىڭ سىماسى چاقنايدۇ. چۈنكى ياخشى ئۇرۇقتىن چاتاق چىقمىغانىكەن، يامان ئۇرۇقتىن ياخشىلىق كەلمەيدۇ. ئاق كۆڭۈللۈكنىڭمۇ، مېھرىبانلىقنىڭمۇ چېكى بار. تارىخىمىزدا نۇرغۇن پاجىئەلەر قارىغۇلارچە يۇمشاق كۆڭۈللۈك بىلەن رېئاللىققا مۇئامىلە قىلغانلىقتىن كېلىپ چىقتى. يەنە نۇرغۇن پاجىئەلەر بىزنىڭ ياخشى، ياراملىق ئادەملىرىمىزنى قوغداپ قالالمىغانلىقىمىزدىن يۈز بەردى. (بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي پىكرىمىزنى كېيىنكى مەخسۇس تېمىدا ئوتتۇرىغا قويىمىز).

بەزىلەرنىڭ كۆزقارشى ۋە كلاسسىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى قاراشلىرىدا يامانلارغىمۇ ياخشىلىق قىلىش ھەققىدىكى تەشەببۇسلار بار. بىراق بۇ ئىشقا مۇئامىلە قىلىشتا شۇ ئادەمنىڭ ياخشى يامانلىقىنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بىر قىسىم ئادەملەر نادانلىقى، نامراتلىقى سەۋەبلىك يامان يولغا مېڭىپ قالغان بولسا، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ يامان يولدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالساق، بۇ ياخشىلىق بولىدۇ. بىراق كىشىلەرگە قەستەن زىيانكەشلىك قىلىدىغان، خەلققە دۈشمەنلىك ئورۇندا تۇرۇپ ئېغىر زىيانلارنى سالغان، خاراكتېرى يامان، قەبىھ، رەزىل، زەھەرخەندە، رەھىمسىز، تەبىئەتسىز مەخلۇقلارنى ھەرگىزمۇ كەچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش مەردلىك ھېسابلانمايدۇلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا يانتاياق بولغانلىق، ئۇلارنى قوللىغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداق كىشىلەرنىڭ رەزىللىكىنى بىر كۈن چەكلىمىسە خەلققە كەلتۈرىدىغان زىيىنى شۇنچىلىك كۆپ بولىدۇ. ئۇنداقلارغا رەھىمدىللىق قىلىش ئەل ۋەتەنگە زىيانكەشلىك قىلىش بولۇپ، بىزدىن ئىنتايىن زور بەدەل بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا بەزىدە كەچۈرۈشنى بىلىش مەردلىك ھېسابلانسا، بەزىدە قەتئىي كەچۈرمەسلىكمۇ مەردلىك ھېسابلىنىدۇ.

تارىختىكى ئاچچىق تەجرىبە - ساۋاقلاردىن چوڭقۇر ئىبرەت ئېلىش كېرەكقۇ؟ بىز يېقىنقى تارىخىمىزدا، مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى مۇھىم ئىشتا ئەڭ ئېغىر گۇناھ سادىر قىلدۇق. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىم ئەسىرىگىچە بولغان بىر ئەسىر جەريانىدا خەلقىمىز ئىچىدىن نەچچە يۈز مىڭ سەرخىل ئوغلانلىرىمىز ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپتۇ. ئۇلار ئەسلىدە شۇ دەۋر ئېتىبارىدىن قارىغاندا مىللەتنىڭ غۇرۇرى، مىللەتنىڭ ۋىجدانى، مىللەتنىڭ ۋەكىلى، مىللەتنىڭ سەركەردىسى، ئاقىلى، ئالىمى، سىياسىيئونى ۋە باشلامچىلىرى ئىدى. ھەرگىزمۇ چاكىنا - چۇكىنا، كېرەكسىز ئادەملەر ئەمەستى. بىراق ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە دەھشەتلىك باستۇرۇلدى. ئۇلار ئەلنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن. بىز ئۇلارنى قوغداپ قالالمىدۇق، ئۇنداق ئەزىمەتلىرىمىزنى ئاسرىيالمىدۇق. نەتىجىدە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت خەلقنى ئەقىلدار، يىراقنى كۆرەر باشلاردىن ئايرىۋەتكەندىن كېيىن، نادان خەلقنى خالىغانچە ئۆزىنىڭ ساماسىغا ئۇسسۇل ئويناتتى. خەلق سەركىسىدىن ئايرىلغان قوي پادىسىغا ئوخشاپ قالدى. بىر مىللەتتىن بۈيۈك ئەقىلدار باشلامچىلاردىن قانچىلىك چىقىشى مۇمكىن. دۇنيا تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي، مەدەنىي ھاياتىغا بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئادەملەر بارماق بىلەن سانىغىدەكقۇ؟ دۇنيادا قانچە ماندىلا بار، جۇڭگودا ۋە دۇنيادا قانچە ماۋزېدۇڭ ۋە قانچە دىڭشياۋپىڭ بار؛ لىنكولىندىن قانچىسى، مۇستاپا كامالدىن نەچچىسى بار. ئارىستوتىلدىن قانچىسى بار، كۇڭزىدىنچۇ، ئوغۇزخاندىن قانچىسى بار. يۈسۈپ خاس ھاجىپتىنچۇ؟ دېمەك، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە  -  بەزىدە بىر ئەسىردە، بەزىدە 10 ئەسىردە، ھەتتا بەزىدە 20-30 ئەسىردە بىردىن بۈيۈك شەخسلەر بارلىققا كېلىپ، دۇنيانىڭ سىياسىي، مەدەنىي ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. ئەگەر ماۋزېدۇڭ بىلەن دېڭشياۋپىڭ چىقمىغان بولسا، جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى كىم تەسەۋۋۇر قىلالايتتى. شۇڭا جۇڭگو خەلقى بۇ ئۇلۇق داھىيلىرىدىن قانچىلىك پەخىرلەنسە ئەرزىيدۇ.




داۋامى ئىنكاس شەكلىدە تاماملىنىدۇ...

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 09:05:13

داۋامى....




ئەپسۇسكى بىز ئۆز دەۋرىدە نۇرغۇن ئادەملىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆز قولىمىز بىلەن قەتلى قىلدۇق. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى، ل.مۇتەللىپنى ۋە باشقا نۇرغۇن ئوغلانلارنى ئۆز قولىمىز بىلەن تۇتۇپ بەردۇق. ساناپ كەلسەك بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. بىر مىللەتكە نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق مەجرۇھلۇق بولامدۇ؟ ئەسلىدە شۇنداق ئۇلۇق ئادەملىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قانچىلىك قۇربانلارنى بەرسەك ئەرزىيتتى. بىراق بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق.



ئىككىنچى تەرەپتىن، بىز خەلقنىڭ دۈشمەنلىرىگە يول بەردۇق ۋە كەڭ بازار ئېچىپ بەردۇق. مىللەتنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم زىيانداش مەخلۇقلارغا ئۈنۈملۈك قارشى تۇرمىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئۇلار ياخشى، ياراملىق ئادەملىرىمىزگە زىيانكەشلىك قىلىپ، بىزگە ئېغىر مۇسىبەتلەر يۈكىنى ئارتتى. بىراق ئۇلار ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ قول چۇماقچىلىرى بولۇپ، خەلنىڭ بېشىدا داۋاملىق قامچا ئوينايتتى. ئۇنىڭ بىلەن ساتقىن، ئاسىيلار بارغانسېرى كۆپىيىۋەردى.

بۇنداق ئېغىر زىيانكەشلىكنىڭ تېگىنى ۋە ماھىيىتىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئىنتايىن ئاددى مەنپەئەت تەمەسى ياكى كىچىككىنە شەخسى ئاداۋەت سەۋەبلىك شۇنچە چوڭ پاجىئەلەرنى تۇغدۇرغان. بەزىلەر ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىكتىن ئۆز بۇرادىرىنى ساتقان ۋە ياكى ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قول سالغان. مەسىلەن: ئابدۇقادىر داموللام مانا شۇنداق ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىكنىڭ قۇربانى بولغان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ساتقىنلىقنىڭ قۇربانى بولغان... بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. كۆپلىگەن قۇربانلار چوڭ سىياسىي گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش داۋامىدا قۇربان بولمىغان، بۇ ئەلۋەتتە ئۆكۈنۈشكە تېگىشلىك تارىخىي ساۋاق.

دېمەك، خەلقىمىز ئىچىدە مەۋجۇت بولغان مەردلەر بىلەن نامەردلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتە ئاساسلىق رول ئوينىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى كەڭ قورساقلىق، ياخشىلىق ۋە مەردلىك بىلەن، ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك ۋە زىيانكەشلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەسەتخورلۇق ۋە پىتنە پاسات ھەققىدىمۇ ئازراق توختىلىپ ئۆتىمىز.



ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك، پىتنە - پاسات مەنىۋىيىتى ئىنتايىن زەئىپ يارىماس ئادەملەردە بولىدىغان يامان سۈپەتلىك كېسەل بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ تەڭ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىشقا يارايدۇ. ئىنسانغا ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يېيىش جايىز ئەمەس. لېكىن ھەسەت، شۇ ھەسەتكە مۇپتىلا بولغان ئادەمگە ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزىگە يىگۈزىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى خاراب قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزگىلەرنىمۇ خاراب قىلمىغۇچە توختىمايدۇ. شۇڭا ھەسەتنى «ھەممە سۈپەتلەرنىڭ ناچارراقى، بارچە خىسلەتلەرنىڭ خارراقىدۇر» دەيدۇ. ھەسەت ھىممەتنىڭ سۇسلۇقىدىن، خاراكتېرىنىڭ ناچارلىقىدىن بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ شەرمەندە نومۇسسىزلىقنىڭ نەتىجىسى. بىلمەك كېرەككى ھەسەتخور باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن ھەسەت ئوتىدا كۆيىدۇ، ھەر سائەتتە مىڭ غەم - غۇسسىنىڭ زەھەرلىك شەربىتىنى ئىچىدۇ. باشقىلار ئىشرەت داستخىنىنى يەرگە يايسا، ھەسەتخور كىشى ھەسەت قولىنى بېشىغا ئۇرىدۇ. ھەسەت توغرىسىدا دانالىرىمىز ئاجايىپ قىممەتلىك، ئىبرەتلىك مەلۇماتلارنى قالدۇرغانىدى.



يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەسەت توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:



ھەسەت بىر كېسەلدۇر، داۋاسى ئۇزاق،

ئۆزىنى ئۆزى يەپ، سېزەر ئۇ ئاداق.



تۈپۈڭ - يىلتىزىڭنى پاساتلىق قىرار،

بۇ ياخشى ئىزىڭنى پاساتلىق بۇزار.



ئەلىشىر نەۋائى مۇنداق دەيدۇ:

«بېخىلنىڭ مېلىنى ئاسراشتىن مېھنىتى قاتتىق، ھەسەتخورنىڭ خۇي - پەيلىدىن تۇرمۇشى ئاچچىق. دېمەككى، بىرىنچىسى ئۆز بايلىقىدىن خار، ئىككىنچىسى ئۆز قىلىقىدىن مۇسىبەتدار»

مۇھەممەت ئىبنى ئابدۇللا خاراباتى مۇنداق دەيدۇ:

پىتنىخورلۇق قىلىش ناھەق قان تۆكۈشتىنمۇ يامان.

بىلىمسىز كىشى ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى پىتنە - پاسات تېرىشتىنلا ئىبارەت.

ئالەم پىتنە - پاساتتىن خاراب بولىدۇ.

مانا بۇ ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ھاياتتىن چىقارغان خۇلاسىسى. دېمەككى، قايسى ئەلدە ھەسەت، پىتنە - پاسات كۆپ بولىدىكەن، ئۇ ئەلدە بەخت - سائادەت، خاتىرجەملىك ئاز بولىدۇ. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«پىتنە - پاسات قەيەردە باش كۆتۈرسە، شۇ يەردە خارلىق بولىدۇ» دېگەن. بۇ خۇسۇستا تارىختىكى مۇنداق بىر مەشھۇر ھېكايىنى مىسال ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈر:

ئىسكەندەر زامانىسىدا بىر جانۋار پەيدا بولدى. ئۇنىڭ كۆزى چۈشكەن ھەرقانداق نەرسە ھالاك بولاتتى. ئىسكەندەر بۇ ئىشقا تەئەججۈپلىنىپ ھەيران بولدى. ھېچبىر تەدبىر بىلەن ئۇنىڭ ئىلاجىنى قىلالمىدى. ئاخىر ئەرىستۇ ئۇنىڭغا چارە تەدبىر قىلدى.

ئۇ بۇيرۇتۇپ چوڭ بىر ئەينەك ياساتتى. ئارقىسىغا بىر كىشىنى مەخپىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەينەكنى ھارۋىغا سالدى. ئەينەكنىڭ ئارقىسىدا بىر كىشى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ، ئۇ جانۋار تۇرغان تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ جانۋار ئادەمنىڭ ھىدىنى ئېلىپ، ئەينەككە قاراپ ماڭغانىدى، ئەينەكتىكى ئۆز ئەكسىنى كۆرۈپ يىقىلدى. جان تەسلىم قىلىپ شۇ زامان ئۆلدى.

ئىسكەندەر بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ ئەرىستودىن سورىغاندا، ئەرىستو: بۇ جانۋار نەچچە يىل يەر ئاستىدا ياتقان ئوخشايدۇ. خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇ بەدبۇي نىجاسەتتىن تۆرەلگەندۇر. ھالا يەر يۈزىگە چىققاندا، ئۇنىڭ كۆزىدە ھەسەت زەھىرى بار ئىكەن. مانا بۇ ئۇنىڭ كۆزى چۈشكەن ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۆلۈشىدىكى سەۋەبتۇر. ئۇنىڭ ئالدىغا ئەينەكنى توغرىلىغاندا ئۇنىڭ كۆزى ئۆز ئەكسىگە چۈشتى - دە، شۇ ۋاسىتە بىلەن (كۆزىدىكى ھەسەت زەھىرى ئۆزىگە تەسىر قىلىپ) ھالاك بولدى، دەپ جاۋاب بەردى.

مىللەتنىڭ ھۈجەيرىسىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ۋە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىك - مىللەتنى خاراب قىلىۋاتقان، خەلقنىڭ ئىچىگە نىزا - ئاداۋەت ئۇرۇقىنى چېچىپ، دۈشمەنلىك ۋە ئىتتىپاقسىزلىققا سەۋەب بولۇپ روناق تاپتۇرمايۋاتقان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئەمەسمۇ؟

چېقىمچى، ھەسەتخور، پىتنە - پاساتچى نامەردلەرگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ھايات ۋە مەئىشەت داستىخىنىنى بۇلغاشقا يول قويۇش جەمئىيەتنىڭ بىر ئىللىتى بولماقتا. ئۇلار بۇنداق يوچۇقتىن ئۈنۈملۈك ۋە ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، خەلققە كەلتۈرىدىغان زىيانكەشلىكلىرىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈۋاتىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە يەنىلا ئەرلىك خاراكتېر ئۈستۈنلۈكىنى ئالغان، ئاجايىپ ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق، مەرد ئەزىمەتلەر ناھايىتى كۆپ. بىراق يامانلارغا بولغان قارشىلىق روھى ئومۇمىيلىققا ئايلانمىغان. شۇڭا بۇ خىل ئىجتىمائىي يوچۇق يامانلار ئۈچۈن شوتا بولۇپ بەرگەن.

ھېكايە قىلىنىشىچە: بىر پادىشاھ بىر ئەسىرنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان. بىچارە ئۈمىدسىز ھالەتتە پادىشاھنى يامان تىل بىلەن تىللاشقا باشلىغان. چۈنكى كىشىلەر ئېيتقاندەك، كىمىكى جېنىدىن ئۈمىد ئۈزسە كۆڭلىدىكى ھەممە گېپىنى ئېيتىۋالىدۇ.

پادىشاھ سوراپتۇ:«نېمە دەيدۇ ئۇ؟». ئالىيجاناب ۋەزىرلەردىن بىرى جاۋاب بېرىپ:«ئەي پادىشاھىم، ئۇ ئېيتىدۇركى، جەننەت غەزىپىنى يۈتكۈچىلەر ۋە خەلقنىڭ كەمچىللىكلىرىنى كەچۈرگۈچىلەر ئۈچۈن تەييارلانغاندۇر»  ①  قۇرئان كەرىم، 3 - سۈرە، 134 - ئايەت.

دەيدۇ.

پادىشاھنىڭ ئۇ ئەسىرگە رەھمى كېلىپ خۇنىدىن ئۆتتى. بۇ ۋاقىتتا بايىقى ئالىيجاناب ۋەزىرگە زىت بولغان ۋە ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىدىغان يەنە بىر ۋەزىر:«بىزنىڭ خىلىمىزدىكى كىشىلەرگە پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا راست سۆزدىن باشقىنى دېيىش لايىق ئەمەس. بۇ ئەسىر پادىشاھقا دەشنام بېرىپ، نالايىق سۆزلەرنى قىلدى» دېدى. پادىشاھ بۇ سۆزدىن بوينىنى تولغىدى - دە، دېدى:«ماڭا سېنىڭ راست سۆزۈڭدىن كۆرە، ئۇنىڭ يالغان سۆزى ماقۇل كەلگەنىدى، چۈنكى ئۇنىڭ يالغان سۆزى يارىشىش جەھەتتىن ئېيتىلغانىدى، سېنىڭ بۇ سۆزۈڭ يامانلىق قىلىشقا قارىتىلغان. ھالبۇكى، ئاقىللار: پىتنە تۇغدۇرىدىغان راست سۆزدىن ياخشىلىق يەتكۈزىدىغان يالغان سۆز ئەۋزەل دېگەن.»

دېمەك، دۇنيادىكى يامانلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى يول قويۇشتىن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. ئەگەر يول بېرىلمىسە، ئۇلار ئۈچۈن سورۇن بولمىسا، بۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش مۇمكىن.

ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، ئالدىدا بىر خىل، ئارقىدا يەنە بىر خىل بولۇش، تىلى باشقا، دىلى باشقا بولۇش نامەرد ساتقىنلىقنىڭ يەنە بىر ئالامىتى.

بۇ خۇسۇسىيەتتىكى ئادەملەرمۇ ئەرلىك سۈپەتكە مۇناسىپ كەلمەيدۇلا ئەمەس، ئەقەللىسى ئادەم بولۇش سالاھىيىتىمۇ ھازىرلىمىغان بولىدۇ. ھەقىقىي ئەركەك دېگەن، لىللا، گاڭگۇڭ، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك، ئىشەنچكە يارىغۇدەك بولىدۇ. ئامانەتكە ھەرگىزمۇ خىيانەت قىلمايدۇ. بۇ ھەقتە قەدىمكى ھېكايەتلەردە كىشىلەرگە ئۈلگە بولغۇدەك مۇنداق بايانلار خاتىرىلەنگەن:

بەھرام ئىلگىرى نۇئمان ئىبنى مەنزەرگە خىزمەتكار ئىدى. ئۇ بىر كۈنى شىكارغا چىقىپ، بىر كىيىكنى ئۇچراتتى. ئۇنى جەھد بىلەن قوغلىدى. كۈن چۈش بولدى. ھاۋا ئىسسىق ئىدى.

قەبزى ئاتلىق بىر ئەرەبى بار ئىدى، كىيىك ئاخىرى قېچىپ، بىتاقەت بولۇپ، ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. قەبزى ئۇنى تۇتۇپ باغلاپ قويدى. شۇ ھالدا بەھرام يېتىپ كەلدى. تىركەشتىن ئوق چىقىرىپ قەبزىگە ھەملە قىلدى:

   -  ئەي ئەرەبى، مېنىڭ ئولجامنى چىقىرىپ بەرگىن!

قەبزى بەھرامغا مۇنداق دېدى:

   -  ئەي ئاتلىق، بۇ خۇدانىڭ مەخلۇقىدۇر، مېنىڭ قېشىمغا پاناھلىق ئىزدەپ كەپتۇ. مېنى ئۆلتۈرسەڭمۇ، ئۇنى ساڭا تۇتۇپ بەرمەيمەن. چۈنكى ئۇ مەردلىك ئەمەس، - دېدى. بەھرام بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قوپاللىق ئىزھار قىلدى. قەبزى:

   -  ئەي يىگىت، بىھۇدە سۆزلەرنى ئېيتمىغىن. ئوق قولۇڭدا، تا مېنى ئۆلتۈرمەي، ئول جانۋارنى ئالالمايسەن. ئەگەر مېنى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈرسەڭ ئۇرۇق - ئەۋلادىم، قەبىلەم خەلقى سېنى ھەم تىرىك قويمايدۇ. ئۆزۈڭنىڭ جېنىغا كۆيگىن. ئەگەر خالىساڭ بىر دۇلدۇل، چاپقۇر ئېتىم بار. ساڭا بېرەي، كەلگەن يولۇڭغا يانغىن، - دېدى. بەھرامغا قەبزىنىڭ مەردلىكى ۋە ھىممىتى خۇش كەلدى. قەبزىنىڭ مەردلىكىگە ھەيران قېلىپ ئارقىسىغا ياندى.

مانا بۇ شىجائەت، مانا بۇ مەردلىك. ئۇ بىر ھايۋان ئۈچۈن شۇنچىلىك مەردلىك ۋە ھىممەت كۆرسىتىۋاتقان يەردە ئادەم ئۈچۈن قانچىلىك مەردلىك كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ ئارىمىزدا شۇنچىلىك نامەردلەر باركى، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىرەر ئادەم پاناھلىق تىلەپ كەلسە، ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا بىرەر ئېغىز سۆزنىمۇ ئامانەت قويغىلى بولمايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتېرىدە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشنى، گەپ بولسا يۈز تۇرانە دېيىشنى، ياخشى كۆرىدۇ. ئالدىدا ساختىلارچە «ھە، ھە» قىلىپ ھىجىيىپ، ئارقىدىن غاجايدىغان، تىلى شېكەر، ئىچى زەھەر ئادەملەرنى ئىنتايىن يامان كۆرىدۇ. ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«ھەقىقىي مەرد ئەركەك ئەل ئارىسىدا يۈرىكىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ ئۇياتماي يۈرەلەيدۇ» دېگەنىدى. ئەسلىدىن ئالغاندا مانا بۇ بىزنىڭ ئەسلى مىللىي خاراكتېرىمىز. چۈنكى قورسىقىدا كىر يوق ئادەم، ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار ئادەم، غۇرۇر ۋە ۋىجدانلىق ئادەم ئاشۇنداق ئوچۇق ئاشكارا، ئۇياتماي ياشىيالايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قۇرسىقىدا غۇم يوق. ھازىرقى جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئەرلەر سىرلىق بىر پەردە ئىچىگە ئۆزىنى يوشۇرىۋالدى. گەپ - سۆزلىرىگە قارىسا ئاجايىپ مەردانىلارچە سۆزلەيدۇ، گەپ بىلەن شەھەر ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئىنتايىن قورقۇنچاق ۋە رەزىل؛ بىرەر مۇھىم ئىشنى بېجىرىۋالغۇچە ۋاي تاغام، دادام، چوڭ دادام دەۋالغان، ئىشى پۈتكەندىن كېيىن ئەزەلدىن كۆرمىگەن كىشىدەك تۇزكورلۇق قىلىدىغان؛ ساماننىڭ تېگىدىن سۇ قۇيىدىغان، ئارقىدىن پىچاق ئۇرىدىغان نامەردلەر كۆپىيىپ كەتتى. شۇڭا ئۆتكەندە بىر مۆتىۋەر: ھازىرقى ئادەملەر ئالدىڭدا مەن دېگەن ئۇنداق ياخشى ئادەم، ئۇنداق ئاق كۆڭۈل، مۇنداق قورسۇقۇم كەڭ، مەن دېگەن ئوغرى قاچانىڭ تېغىنى ئۆرۈپ بېرەلەيمەن، ماڭا قاتتىق ئىشىنىڭ، دەپ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىسە، كۆڭلۈمدە «يالغان، يالغان، ئىشەنمەيمەن، ئىشەنمەيمەن» دەپ ئۆزۈمگە ئاگاھ بولىدىغان بولۇپ قالدىم، دەيدۇ. دېمەك، ئەرلىك سۇسلاشسا ئىشەنچمۇ سۇسلىشىدىغان ئىش ئىكەن. ئۆزئارا ئىشەنچ بولمىسا بىرلىك، ھەمدەملىك، بىر نىيەتلىك، بىر مەقسەتلىك بولمايدۇ، ئۇنداقتا ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ.

تەمەخورلۇق ۋە قۇلچىلىق بىلەن جان بېقىش - يارىماسلىق ۋە ئەرلىك غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىشنىڭ يەنە بىر قورالى.

بىزدە بىر مۇقەددەس ئەقىدە بار، يەنى «تەمە ھارام» دەيدىغان. يەنە بىرى ئادەمنىڭ ئادەمگە قۇلچىلىق قىلىشى گۇناھ دەپ قارىلىدۇ. ئادەمنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەبىرلەرنىڭ بىرىدە ئادەم ئىككى پۇتلۇق، ئۆرە ماڭالايدىغان مەخلۇق، دەپ تەبىر بېرىلگەن. بىراق ھازىر جەمئىيىتىمىزدە باشقىلارغا يادەك ئېگىلىپ، ھايۋاندەك تۆت پۇتلۇق بولۇپ ياشايدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى. بولۇپمۇ ئازراق مەنپەئەت ئۈچۈن باشقىلارنىڭ تاپىنىدا ئەرلىك سۈپىتى، ھەتتا ئادەملىك غۇرۇرىنى ئۇنتۇپ كۈچۈكتەك ئۆمىلەپ يۈرگەن مەخلۇقلارنى تولا ئۇچرىتىدىغان بولۇپ كەتتۇق. ھەتتا بەزىلەر پەسلىشىپ شۇنچىلىك ھالەتكە يەتكەنكى، ئۇ تەكەببۇر مەنمەنچىلەرنىڭ ماختاپ قويۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ قالىدىغان بولسا، بۇ دۇنيادا ھېچ كىمنى مەنسىتمەسلىك تەرەپكە ئۆتىدۇ. ھەتتا ئۇلار ئۇ خوجىلىرىدىن بىرەر تەستەك يەپ قالسا، ياكى بىرەر قېتىم تىللاپ قويغان بولسا شۇنىڭدىن كېرىلىپ ماختىنىپ كېتىدىكەن. بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولمىش بىر تونۇشۇم بار ئىدى، ھەر قېتىم ئۇچراشسام، پوكونى باينىڭ ئۇنداق ئىشىنى قىلىپ بەردىم، پالانى باينىڭ مۇنداق ئىشىنى قىلىپ بەردىم، دەپ ماختىناتتى. بىر كۈنى يەنە بىر ئۇچراشقىنىمىزدا ئالدىمنى توسۇپ، يەنە ماختىنىپ گەپ باشلىدى. «كۆرمەمسەن، كېچىچە پۇل ساناپ تۈزۈكمۇ ئۇخلىيالماپتىمەن» دەيدۇ. مەن:«بىر يەردىن بىر خەزىنىگە ئۇچراپ قالغان ئوخشىمامسەن» دېسەم، «ياق پوكۇنى باينىڭ مانچە مىليون پۇلىنى سانىشىپ بەردىم» دېمەسمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن نومۇس قىلىپ كەتتىم. ھەي بۇرادەر، سەن دېگەن بىر ئوقۇتقۇچى ئادەم، نېمىدىن پەخىرلىنىشنى، نېمىدىن نومۇس قىلىشنى بىلىپ سۆزلىگىن. باشقىلارنىڭ پۇلىنى سانىشىپ بەردىم، دەپمۇ پەخىرلىنىدىغان ئىشمۇ. سەن بولسا، مۇنداق ماقالە يازدىم، مۇنداق كىتاب چىقاردىم، مۇنداق دەرس ئۆتتۈم دەپ ماختانساڭ بولىدۇ، دېدىم.

لۇشۈننىڭ مۇنداق بىر مەشھۇر خىتابى بار «كالا بولۇپ باش ئىگىمەن سەبىي بالىلارغا، غەزەپ بىلەن ھومىيىمەن قەبىھ زالىملارغا» مانا بۇ مەردلىك بولىدۇ. بىراق تەمەگەرلەرنىڭ يەنە بىر ئىللىتى شۇكى، ئۆزىنىڭ تەمە ئوبيېكتىلىرىغا شۇنداق قۇلچىلىق بىلەن خۇشامەت قىلغان بىلەن، ئۆزىدىن تۆۋەنلەرگە بولسا شۇنچىلىك تەكەببۇرانە مۇئامىلە قىلىدۇكى، باشقىلار ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەرزىمىگەن خەس - خەشەك بىلەن ئوخشاش. ئۇلارنى ئۆزىگە ئاشۇنداق خۇشامەت قىلسىكەن، دېگەننى تەمە قىلىدۇ.

تەمەخورلارنىڭ پەس تەبىئىتىنى ئۇلۇق شائىر ئەلىشىر نەۋائى بىر ھېكايەتتە ناھايىتى تىپىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئىدى.

«خەلق ئارىسىدا بىر غەيرەتسىز كىشى بار ئىدى، - دەيدۇ ئەلىشىر نەۋائى، - خالايىق ئۇنىڭ ئۆلۈمتۈك ۋە غەيرەتسىزلىكىنى كۆرۈپ، ھەربىرى بىردىن مۇشت ياكى جاپا تەستەكلىرىنى ئۇراتتى. شۇ ئارقىلىق ئۇ كىشىلەردىن بىر لوقمىدىن نان ئېلىپ يەيتتى. كىشىلەر قوغلىسىمۇ كەتمەيتتى. بەلكى ئۇ باغرى تاش زالىملارنىڭ ئۆيىدىن چىقمايتتى. كىشىلەر ئۇنى بۇ جاپالارغا ئۆگىتىۋالغانىدى. ئۇنى خارلىغان بىر كىشى كېلىپ تەپسە بىر چۆرگىلەپ توختايتتى، ئۇ غەيرەتسىز پەس كىشى بۇنىڭ بەدىلىگە تەپكۈچى كىشىدىن بىر نەرسە ئالاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ نەرخى شۇنىڭغا توختىغانىدى. ھەر كىشى ئۇنىڭغا بىر پارچە نان بەرسە، نەپسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئۇنى ئېلىپ ئاغزىغا سالاتتى. نان بەرگۈچى شۇ ھامان بىر مۇشت سالاتتى - دە، ئۇ كىشى يەرگە يىقىلاتتى. گەرچە ناننى يەپ قورسىقى تويسىمۇ، لېكىن مۇشتىنى يەپ ھېچ نەرسە يېمىگەندەك يۈرىۋېرەتتى...»

جەمئىيەتتە مانا مۇشۇنداق ھاقارەت تەستەكلىرىنى، خورلۇق تېپىكلىرىنى يەپ تۇرۇپمۇ كىچىككىنە ئاشقان - تاشقان لوقمىنىڭ تەگكىنىگە مەمنۇن بولۇپ، موللا مۈشۈكتەك ياشاۋاتقان ئادەملەر ئازمۇ. قېنى ئۇلاردىكى ئەرلىك تەبىئەت، قېنى ئۇلاردىكى ئىنسانىي خىسلەت. ئەسلى، بۇ دۇنيادا ئادەم بىلەن ئادەم باپباراۋەر. ھېچكىمنى ھېچكىم بېقىپ قويمايدۇ. باشقىلارنىڭ پېشىدە ناماز ئوقۇپ، باشقىلارنىڭ مىننەتلىك بىر لوقما گۆشىنى يېگەندىن، ئۆزىنىڭ ھالال ئەجرىگە تايىنىپ ئېرىشكەن بىر بۇردا نان نېمىدېگەن قىممەتلىك ھە!

ئادەم تەمەگە قانچىلىك بېرىلگەنسېرى قەدىر - قىممىتىنى شۇنچىلىك يەرگە ئۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلۇغلىرىمىز «تەمەخور ھەرقانچە بەگ بولسىمۇ، ئۇ قۇلدۇر، تەمەخور كىشىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋىنىدۇر» (يۈسۈپ خاس ھاجىپ) دېگەن. «ئادەم تەمەخور بولسا، نەپسىگە قۇل بولىدۇ» (يۈسۈپ خاس ھاجىپ). «كىمنى تەمەخورلۇق قۇل قىلىۋالغان بولسا، بۇ قۇللۇقتىن ئۆلۈپ قۇتۇلمىغىچە قۇتۇلمايدۇ» (يۈسۈپ خاس ھاجىپ). «كىمىكى بىر تاۋاق ئاش ئۈچۈن قۇل بولىدىكەن، ئۇنىڭ يۈزىگە قازاننىڭ قارىسىنى سۈرۈش كېرەك» (ئەلىشىر نەۋائى). «ئەگەر سەن تەمەدىن خالى بولالىساڭ شۇنداق ئۇلۇغ ئىش بولىدۇكى، پۈتۈن ئالەمدىكى كىشىلەر بىر تەرەپ بولسىمۇ، يالغۇز ئۆزۈڭ ئۇلارغا تەڭ كېلەلەيسەن» (ئەلىشىر نەۋائى). يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەمەخورلارنىڭ پەس تەبىئىتىنى يەنە مۇنداق نۇقتىدىن كۆرسىتىپ بېرىدۇ:«ئەگەر تەمەخور تەمە قىلغىنىغا ئېرىشسە، ئۇ سېنى ئاكام ياكى ئۇكام دەپ ئاتايدۇ، ئەگەر ئېرىشەلمىسە يۈزىنى ئۆرۈيدۇ، ھەتتا تۇغۇلۇپ سېنى زادى كۆرۈپ باقمىغاندەك ئۆزىنى يىراقلاشتۇرىدۇ.»

شەيخ سەئدىنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرى تەمەخور قۇللارغا ئۇرۇلغان ئەڭ جايىدىكى تەستەكتۇر بەلكىم:

«بىر كىشى بىر تەلەپ بىلەن ئەتىگەندە خارەزىمشاھنىڭ ئوردىسىغا باردى. ئۇ شاھ ھۇزۇرىغا قوبۇل قىلىنغاندا، ھۆرمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال روكۇغا بارغاندەك ئېگىلدى، ئاندىن قەددىنى رۇسلاپ، سەجدە قىلغاندەك دۈم بولۇپ يۈزىنى يەرگە سۈردى.

يېنىدىكى ئوغلى بۇ ھالنى كۆرۈپ ئاتىسىدىن سورىدى:

   -  ئاتا، بىر سوئالىم بار جاۋاب بېرەمسىز؟

ئاتىسى سورا، دېگەندە، ئوغلى:

   -  سىز ھەر دائىم قىبلە ھىجاز تەرەپتە دېمىگەنمىدىڭىز؟ ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بۈگۈن نامازنى پادىشاھقا قاراپ ئوقۇدىڭىز، - دېدى.

شۆھرەتپەرەس نەپسىڭنىڭ كەينىگە كىرمە، ئۇنىڭ ھەر سائەتتە باشقا قىبلىسى بار. ئاچ كۆزلۈك، تەمە سېنىڭ ئېتىبارىڭنى چۈشۈرىدۇ. بىر تال ئارپا ئۈچۈن بىر ئىتەك ئۈنچە تۆكىسەن. تەمە قىلىشتەك يامان خۇي سېنى ھەممە سورۇندىن چىقىرىۋېتىدۇ. بۇ خۇينى تاشلىغىنكى، سېنى ھېچكىم قوغلىۋەتمىسۇن. ئەي نەپس! ئۆزۈڭدە بارىغا قانائەت قىل، شۇنداق قىلساڭ، شاھ بىلەن گاداينى ئوخشاش كۆرىسەن. نېمە دەپ ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا بىر نەرسە تىلەپ بارىسەن؟ تەمەنى تاشلاپ ئۆزۈڭ سۇلتان بول. ئەگەر نەپسىڭنىڭ كەينىگە كىرسەڭ قارنىڭنى تاۋاق قىلىپ، ئۇنىڭ بۇنىڭ ئۆيىنى ئۆزۈڭگە قىبلە قىلىسەن. ئەگەر ھەر نەپەستە نەپسىڭ ساڭا بەر - بەر دەپ ھۆكۈم قىلسا، سېنى خورلاش ۋە ھاقارەتلەش بىلەن يېزىمۇ يېزا سازايى قىلىدۇ. ئەي ئەقىللىق ئىنسان! قانائەت ئىنساننىڭ بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، تەمەخور ئادەمنىڭ بېشى بولسا مۈرىسىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيدۇ. بىر كىشى تەمە دەپتىرىنى پۈكلەپ تاشلىۋەتسە، ھېچكىمگە <قۇلىڭىز>، <چاكىرىڭىز> دەپ مەكتۇب يازمايدۇ»

يۇقىرىقى بايانلاردىن قارىغاندا قەدىمكى ئاتا - بوۋىلىرىمىز تەمەگەرلىكنى ئىنتايىن يامان كۆرگەن. ئۇلار تەمەگەرلىكنىڭ تۈپ سەۋەبىنى ئىككى نۇقتىدىن ئىزدىگەن. بىرى، يارىماسلىق، مۇستەقىل ياشاش روھى بولماسلىق؛ يەنە بىرى، نەپسى يامان بولۇش، نەپسى ئۈچۈن ھەرقانداق خورلۇق تارتسىمۇ ھەرگىز ھار ئالماسلىق.

ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىكى ناھايىتى نۇرغۇن رەزىل قىلمىشلار ۋە ۋىجدان، غۇرۇرىنى سېتىشلارنىڭ تۈپ نېگىزىنى تەكشۈرگەندە تار شەخسى مەنپەئەتپەرەسلىك ۋە تەمەگەرلىكتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. تەمەگەرلىك ۋە تار مەنپەئەتپەرەسلىك نامەرد ئادەملەرنى، زەئىپ خاراكتېرلىك مەخلۇقلارنى مەنبە قىلىدۇ. ھەقىقىي ئەركەك بىر نان يېسە تويىدىغان شۇ قورسىقى ئۈچۈن ھەرگىز باشقىلارنىڭ ئايىغىدا تۆت پۇتلۇق بولۇپ ئۆمىلىمەيدۇ.

سەئدىنىڭ ھېكايە قىلىشىچە: بىر مەرد كىشىگە خوتەن ئەمىرى بىر يىپەك تون كىيگۈزدى. ئۇ كىشى بۇ ئىلتىپاتقا نائىل بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق خۇرسەن بولغان ۋە خانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېگەن:

   -  خوتەن ئەمرىنىڭ بۇ تونى نېمىدېگەن ئېسىل، لېكىن ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ تونى تېخىمۇ ئېسىلدۇر.

دېمەك بۇ يەردە گەپ ناھايىتى چوڭقۇر مەنادا يۈرگۈزۈلگەن. چۈنكى مىننەتلىك ئاش قورساقنى ئاغرىتىدۇ. شۇڭا سەئدى بۇ ھېكايىسىنى خۇلاسىلاپ مۇنداق ھېكمەتلىك تەۋسىيەنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:«ئەگەر ھېچكىمنىڭ مىننىتى ئاستىدا ياشاشنى خالىمىساڭ داق يەردە يات، بىر پارچە پالاس ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەرنى سۆيمە.» ئەقىللىق مەرد كىشى چىرايىغا كىبىر سىركىسى سۈرىۋالغان ئادەمنىڭ ھەسىلىنى يېمەيدۇ.

بەزىلەر كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىدىكى بۇنداق بۇزۇلۇشنى زاماننىڭ تارلىقى، تىرىكچىلىك بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ چۈشەندۈرىدىكەن. بۇ نېمىدېگەن ئازغۇن ۋە زەئىپ پىكىر - ھە. ئۇيغۇرلاردا «ئۆتمە نامەرد كۆۋرۈكىدىن سەل سېنى ئاقتۇرسىمۇ، يېمە نامەرد ئېشىنى ئاچلىق سېنى ئۆلتۈرسىمۇ» دېگەن مەردلىك خىتابى بار. نامەردلىك ھەرگىزمۇ تۇرمۇشنىڭ قىستىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىش ئەمەس. قاراپ باقساق، تۇرمۇشتا نى - نى كەمبەغەل، نامرات ئادەملەر بار. بىراق ئۇلار ئۆتۈۋاتقان تۇرمۇشىغا قانائەت قىلىپ كىچىككىنە نەپسى ئۈچۈن ئۆزىنى خار قىلىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمىگەن. چوڭقۇرراق كۈزەتسەك تەمەخورلۇق ۋە نامەردلىكنىڭ كۆپىنچىسى يوغان قورساق، پۇلدار مەخلۇقلاردىن كۆپ كۆرۈلىۋاتىدۇ. بەزىلەر بىر بالداق يۇقىرى چىقىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەمنىڭ جەسىتىگە دەسسەپ كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزىلەر خوتۇن - قىزلىرىنى دەسمايە سېلىش ھېسابىغا رەزىل مەقسىتىگە يېتىشتىن باش تارتمايۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار ئاچ قالغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغانمۇ؟ ياق! بۇ ئۇلارنىڭ قېنىدىكى ئىپلاسلىقنىڭ نەتىجىسى.

جەمئىيىتىمىزدىكى نامەردلىكلەرنىڭ ئىپادىلىرىنى بىرمۇبىر كۆزىتىدىغان بولساق، بارلىق قاتلاملاردىن ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئىپادىلەرنى تاپالايمىز. بەزىلەر ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىن ئىلگىرىكى نامرات چاغلىرىدا ھەمدەم بولغان، جاپا - مۇشەققەتنى تەڭ تارتقان، ئېغىرىنى كۆتۈرگەن قەدىناس خوتۇنىدىن چېنىپ، «مەدەنىي» قىزلاردىن بىرنى تېپىۋېلىپ بالىلىرىنى يېتىم قىلغان. بەزىلەر تەييارتاپلىق، ھۇرۇنلۇق ۋە يارىماسلىقى تۈپەيلىدىن بىر ئۆمۈر ئاتا - ئانىسىنىڭ شىللىسىگە مىنىۋېلىپ ئۇلارنى دوك قىلىۋەتكەن. بەزىلەر ئۆكتەملىك، زومىگەرلىك، كۆكەمىلىك قىلىپ باشقىلارنى بوزەك قىلىش ھېسابىغا جان بېقىشقا ئادەتلەنگەن. بەزىلەر باشقىلارنىڭ رىزقىغا توپا چېچىش، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش ۋاسىتىسى بىلەن ئۆزىنى سەمرىتكەن؛ يەنە بەزىلەر نومۇس قىلماي تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارنىڭ رىزقىغا چاڭ سالغان. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ.

ئەي نامەرد! نامەردلىك بىلەن ئېرىشكەن قىلدەك ئامىتىڭگە مەغرۇرلىنىپ ئۇنچە كۆرەڭلەپ كەتمە، ئەلگە ئۇنچە غادايما! گۆرەن تومۇرۇڭنى نېمانچە كۆپتۈرىسەن، تۈتۈننىڭ دەردىنى مورا بىلىدۇ،دەپ سەن شۇ ئىمتىيازغا ئۆزۈڭنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدارى، بىلىم قابىلىيىتىڭ ۋە ئەلگە قوشقان تۆھپەڭ بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇۋلۇق، شۇملۇقلىرىڭ بىلەن، ئەرلىك ۋە مەردلىكىڭنى، ۋىجدانىڭنى گۆرۈگە قويۇش، ئىنسانىي قەدىر - قىممەتكە ھاقارەت كەلتۈرۈش ئادىمىيلىك ئوبرازغا داغ تەگكۈزۈش ھېسابىغا ئېرىشتىڭ.

ئەگەر بۇلارنى ئىنكار قىلىدىغان بولساڭ قېنى ئىقتىدارىڭنىڭ مېۋىسىدىن ئەلنى بەھرىمەن قىلىپ باقمامسەن. قېنى بولمىسا مانا مەن ھاياتىمدا ئەل ئۈچۈن مۇنداق ئىش قىلىپ بەردىم، دەپباقمامسەن؟!

بەزىلەر ھازىرقى مىللىي ساپايىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى، مەدەنىيەت جەھەتتە كەينىدە قالغانلىقىمىز، نىزا - ئاداۋەت، تەپرىقىچىلىك، يۇرتۋازلىق، ھەسەت ۋە چېقىمچىلىق ۋە باشقا بەختسىزلىكلەرنى تۆۋەن تەبىقە خەلقىمىزنىڭ ئۈستىگە يۈكلەۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئۇچىغا چىققان نامەردلىك. «بارچە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرۇپ قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي» دېگەندەك ئىش. خەلقىمىزدە گۇناھ يوق، ئۇلاردا گۇناھ بار دېيىلسە، ئۇلار تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان، كۆپىنچىسى ساۋاتسىز، ئۇلار قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، نېمە يەپ، نېمە ئىچىۋاتىدۇ، نېمە كىيىۋاتىدۇ، قانداق ئۆيدە ئولتۇرىۋاتىدۇ، نېمە قالاۋاتىدۇ، بۇنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىلەر؟ پرولېتارىياتنىڭ داھىيسى ئىنگلىس مۇنداق دېگەن:«دارۋىن ئورگانىك دۇنيانىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى بايقىغانغا ئوخشاش، ماركس ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىنىڭ قانۇنىيىتىنى بايقىدى. يەنى ئۇ، كىشىلەر سىياسەت، دىن ۋاھاكازالار بىلەن مەشغۇل بولۇشقا قادىر بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن يېمەك - ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ جايغا ئىگە بولۇشلىرى ھەمدە كېيىنىشلىرى كېرەك. دېمەك، تىرىكچىلىك ئۈچۈن توغرىدىن توغرا زۆرۈر بولغان ماددىي ۋاسىتىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە دەۋرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ھەربىر مەلۇم باسقۇچى شۇنداق بىر نېگىز بولۇپ تۇرىدۇ. دۆلەت مۇئەسسەسەلىرى، ھوقۇق قاراشلىرى، سەنئىتى ۋە ھەتتا كىشىلەرنىڭ دىنىي تەسەۋۋۇرلىرىمۇ شۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئەنە شۇ نېگىزگە ئاساسلىنىپ چۈشەندۈرۈش كېرەك، دېگەن ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلارغىچە كەينى - كەينىدىن ئېدىئولوگىيىلىك پەردىلەر ئاستىدا بېسىلىپ ياتقان ئاددىي پاكىتنى كەشپ قىلدى». ① ف.ئېنگلىس:«ماركس قەبرىستانلىقىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق» 2 - توم 254 - بەت.

ئەگەر بىز بۇ قانۇنىيەتنى ھېس قىلغان بولساق خەلقىمىزگە ئۇنچە كۆپ لىڭگىرچاقلارنى ئارتماس ئىدۇق. بىراق خەلقىمىز يەنىلا قەھرىمان خەلق. ئۇلار ناھايىتى زور تىرىشچانلىق قىلىپ دۆلەت بەلگىلەپ بەرگەن ئەمىر - پەرمانلارنى ئورۇنلاۋاتىدۇ. ھېچبولمىغاندا ئۇلاردا يۇقىرى تەبىقىلەردىكىدەك ياتلىشىش يوق، بىزنىڭ ساپ مەدەنىيىتىمىز، ساپ تىلىمىز، مىللەتنىڭ كەڭ قورساقلىق، سېخىيلىق ۋە ھەمكارلىقتىن ئىبارەت مىللىي خاراكتېرىنى مانا شۇ ئاددىي خەلقلەرنىڭ ئارىسىدىن تاپقىلى بولىدۇ. بىراق ئۇلار شەھەرلىكلەر ۋە يۇقىرى تەبىقىلەر بەھرىمەن بولغان نۇرغۇن ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. شۇ خەلققە ئەيىب قويۇۋاتقانلار ئېيىغا ئەر - ئايال نەچچە مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ ياشايدۇ، دېھقانلىرىمىز شۇنداق نەچچە مىڭ كوينى بىر يىل خەجلەيدۇ.

ئەسلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ ئارىسىدىكى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى، زىيالىيلار ئەلۋەتتە ھەر جەھەتتىن خەلققە ئىجابىي يېتەكچى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، بىز ئەيىبلەۋاتقان، بىز تەنقىدلەۋاتقان ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى يەنىلا ئۆزىمىزدە ئىكەن. مىللەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «مەدەنىي» قاتلامنىڭ بۇنچە ياتلىشىشى خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زور زىيانلارنى سېلىۋاتقان ئاساسىي ئامىل دەپ قاراشقا بولىدۇ.

بىز بۇ خۇسۇستا ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئالىم ۋە بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋائىنىڭ تۆۋەندىكى ئىبرەتلىك تەۋسىيەلىرىنى ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشىڭلارغا ھاۋالە قىلىمىز.



ئۆزئارا دۈشمەنلىشىشنىڭ ئاپىتى، ساداقەتنىڭ خاسىيىتى



دۈشمەنلىشىشنىڭ يامانلىقى





ئەي دوست، ھوشيار بولغىنكى،دۈشمەنلىشىش ئىنتايىن يامان ئادەتتۇر. بۇ ئادەت ھەسەتخورلۇق بىلەن ئۈلپەتتۇر، ئۇنىڭ ئۆزى غەم - ئەندىشە ھەم بالايىئاپەتتۇر. ئەمما، ئۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇلسا، سەمىمىي سادىقلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، دۈشمەنلىشىشنى تاشلاش كىشىنى بەخت - سائادەت كوچىسىغا يەتكۈزىدۇ. دۈشمەنلىشىش ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ ئەسل - ۋەسلىنى قۇرۇتۇپ، خانۇ مانىنى خاراب قىلىدۇ. ئەگەر پادىشاھلار ئارىسىدا يۈز بەرسە، پۈتكۈل جاھاننى خاراب قىلىدۇ.

جاھان ئەھلىدىن ۋاپا كەلمەيدۇ. ئۇلاردىن دوستانىلىك ناھايىتى يىراق. ئەگەر ياخشى ئويلايدىغان بولساڭ، جاھان ئەھلى ئارىسىدا تۈگىمەيدىغان بىر ھۈنەر بار. ئۇ بولسىمۇ ئۆچلىشىش، ئاداۋەت بىلەن ئۆزىنى زايا قىلىشتىن ئىبارەت. بىرنەچچە خىل ئادەملەر باركى، ئۇلار ھەمىشە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار بىلەن بىرى قاچانىكى ھەمكارلاشسا، ئۇنىڭغا شۇ ھامان ئازار بەرمەي قالمايدۇ. كىمىكى بىرەر ھۈنەرنى ئىگىلىسە، ئۇنىڭغا دەل ھۈنەردىشى دۈشمەن بولىدۇ. بىرى بىرەر ئىشتا ماھارەت كۆرسەتسىلا، يەنە بىرىمۇ شۇ ئىشقا چاڭ سالىدۇ - دە، ھەر تەرەپتىن لاپ ئۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن زىتلىشىدۇ. ئۇلار بىر - بىرىگە قارشى ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاداۋىتى كېچە - كۈندۈز كەم بولمايدۇ. ئەمما، ئۇنداق ئىشلار كۆپىنچە ھۈنەرۋەنلەر ئارىسىدا كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، پادىشاھلار يۈزمىڭلىغان چېرىكلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزئارا شاھلىقىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىشىپ، بىر - بىرىگە قارشى ئىشلارنى قىلىشىدۇ. ھاكىملار بولسا، ئۆزلىرىنى پادىشاھنىڭ ئورۇنباسارى دەپ بىلىشىپ، ھاكىمىيىتىنى تالىشىپ ئۆزئارا زىددىيەتلىشىدۇ. لەشكەر بېشى قوماندان، چېرىك بەگلىرى لەشكىرىي ئىشلاردىكى ھوقۇق - ئىمتىيازىنى تالىشىپ، بىر - بىرىگە ئورا كولايدۇ. ئۇلار پادىشاھقا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، مەنسىپى قانچە ئۆسكەنسېرى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دۈشمەنلىشىش شۇنچە كۈچىيىدۇ. بىلىشى ئازراق بولغان ئاددىي خەلقنىڭ ئارىسىدا دۈشمەنلىشىش، ئۆچلىشىش ئوردىدىكىگە ۋە دىۋان - مەھكىمە ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكىگە قارىغاندا ئاز كۆرۈلىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ ۋەيرانچىلىق ۋە سورۇقچۇلۇقى يەنىلا دۈشمەنلىشىش - ئۆچلىشىشتىن كېلىپ چىققان. ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئۆچلىشىشى بىرنەچچە ئائىلىنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىللە شۇ قاتاردا ئۆزىنىمۇ خاراب قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەمما دۈشمەنلىشىشنى پادىشاھلار ئۆزىگە ئادەت قىلسا، ئۆز مەرتىۋىسىنى باشقا پادىشاھلاردىن ئۈستۈن بىلىپ، ئۇلارنى ئۆز پەرمانىغا كىرگۈزۈشنى قەستلىسە، بۇنداق خىيال پۈتكۈل ئالەم خەلقىنى خانىۋەيران قىلىدۇ. بۇ گوياكى بىر توپان بالاسى، بۇ بەئەينى دەريالارنىڭ تاشقىنى، دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ شىددەتلىك چايقىلىشىدۇر. بۇنداق مەملىكەتتە ئامانلىق ۋە ئاۋاتلىقتىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ. بۇنداق بالا - قازا تاشقىنىدىن ھېچكىم ئامان قالمايدۇ. پۈتكۈل خەلق جەبىر - زۇلۇمغا دۇچار بولىدۇ. ئەگەر ئىككى پادىشاھ دۈشمەنلىشىشكە بەل باغلىسا، جاھان ئەھلى ئۇ ئىككىسىگە لەشكەر بولۇپ، ھەممىسى بىر - بىرىنى قىرغىن قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇلار ھېچنېمىگە قارىماستىن قىلىچ يالىڭاچلاپ، بىر - بىرىگە ھالاكەت تىغلىرىنى تەڭلەيدۇ. ئاتا بىر پادىشاھقا، ئوغۇل يەنە بىر پادىشاھقا لەشكەر بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ بىر - بىرىگە يول قويمايدۇ. ئاداۋەت ۋە قەھرى - غەزەپ شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى، ئوغلىنى ئۆلتۈرۈشكە ئاتىسى ئالدىرايدۇ. ئوغۇلمۇ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشتىن يانمايدۇ. قېرىنداش قېرىنداشنىڭ بېشىنى كېسىشتىن تەپ تارتمايدۇ. دوستلار دۈشمەنگە ئايلىنىدۇ. بىر ئۆيدىكى كىشىلەرمۇ بىر - بىرىدىن كېچىشىدۇ. ئۇرۇق تۇغقانلار شۇ دەرىجىگە يەتكەن ئەھۋالدا يات كىشىلەر قانداق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق شىددەتلىك قارا بوران جاھاننى قاپلايدىدىغان بولسا، پىتنە - پاساتنىڭ چاڭ - توزانلىرى خالايىقنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز خۇدىنى بىلمەيدىغان، ئاق - قارىنى پەرق ئەتمەيدىغان، ھەق - ناھەقنى ئايرىمايدىغان بولىدۇ. جاھان ئەھلى بىر - بىرىنى ئۆلتۈرىدىغان، بۇلاپ - تالايدىغان ۋە بىر - بىرىنى ۋەتەنلىرىدىن قوغلاندى قىلىدىغان ھادىسىلەر ئومۇملىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالەم بىر ۋەيرانە خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. گەرچە جەڭ ئىككى پادىشاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئاداۋەتمۇ پەقەت ئىككى پادىشاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ زىيان - زەخمەتلىرى، بالايىئاپەتلىرى پۈتكۈل خەلقنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. ئاشۇ ئىككى شاھنىڭ دۈشمەنلىكى سەۋەبىدىن سان - ساناقسىز ئاجىز بىچارىلەر ئاياغ ئاستىدا پايخان بولۇپ يانجىلىدۇ، ھالاك بولىدۇ. ئىككى پادىشاھ بىچارە پۇقرالارنىڭ جېنىغا رەھىم قىلماستىن جەڭ مەيدانلىرىنى تۈزۈشۈپ، ئۆزئارا كۈچ سىنىشىدۇ. نەتىجىدە غەلىبە قىلغان بولىدۇ. بىراق شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇنداق كۈن ھەر ئىككى تەرەپ پۇقرالىرى ئۈچۈن ئاپەت كۈنى، ياق بەلكى قىيامەت كۈنىدۇر. بۇنداق پادىشاھلاردىن كۆرە، بىر - بىرىگە مۇھەببەتلىك بولغان ئىككى نامرات بىچارىنىڭ ھال - كۈنى ياخشىراقتۇر. چۈنكى ئۇلار بىر - بىرىگە يول قويۇپ، بىر - بىرىنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ، بىرى قوللىغاننى يەنە بىرىمۇ قوللاپ، بىرى قارشى تۇرغانغا يەنە بىرىمۇ قارشى چىقىپ، دوستانە ئۆتىدۇ. شۇڭا، بىر - بىرىگە مۇخالىپ ئىككى پادىشاھتىن بىر - بىرىگە مۇۋاپىق ئىككى قەلەندەر ياخشىراق.

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 09:07:27

داۋامى....




دوستلۇق ۋە ۋاپادارلىقنىڭ خاسىيىتى توغرىسىدا بىر ھېكايە   



  شۇنداق بىر مەشھۇر ۋەقە باركى، چىڭگىزخان بىلەن خارەزمشاھ ئاداۋەتلىشىپ جەڭ مەيدانلىرىنى تۈزگەندە ئالەم شۇ دەرىجىدە بۇزۇلدىكى، ئۇنى شەرھلەپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس.

ۋاقتىكى، بۇ جەڭدە چىڭگىزخان غەلىبە قىلىپ، خارەزمشاھنىڭ مەملىكىتىنى ئېلىپ، ئۇنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئوردىسىغا ئورۇنلاشتى. ئاندىن خارەزمشاھنىڭ پۇقرالىرىغا ئاداۋەت قىلىچىنى يالىڭاچلاپ، ئەلنى قىرغىن قىلىشقا باشلىدى. جەبىر - زۇلۇم دېڭىزى قەھرى - غەزەپ قايناملىرىنى ھاسىل قىلدى. ئاتا ئوغۇلدىن، ئانا قىزىدىن خەۋەر ئالالماي پەرياد چەكتى. ھاياتلىق بىناسىنى ئەجەل ماتەملىرى تەۋرىتىشكە باشلىدى. ھېچ يەردە تىنچ - ئامانلىق قالمىدى.

ئەلقىسسە، شۇ ۋاقىتلاردا شام شەھىرىدە بىر - بىرىگە مۇھەببەتلىك ئىككى دوست بار ئىدى. ئۇلار بىر - بىرىنى جېنىدىن بەكرەك ئەزىزلەيتتى. ئۇلارمۇ بىر كۈنى چىڭگىزخاننىڭ قەتلىئام قىلغۇچى سىپاھلىرىغا ئۇچراپ قالدى. ئۇ سىپاھلارنىڭ كۆزلىرى قانغا تولغان ۋە قاتىللىق خۇمارى تۇتقانىدى. ئۇلارنىڭ قولىدىن ئامان - ئېسەن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلگەن بۇ ئىككى دوست ئۆز جانلىرىدىن ئۈمىد ئۈزۈشتى. جاللاتلار بۇ ئىككىسىنى ئۆلۈم مەيدانىغا سۆرەپ كېلىشتى. بۇ ئىككى دوست بىر - بىرىگە جېنىنى پىدا قىلىشقا رازى ئىدى. ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان جاللات قىلىچىنى يالىڭاچلاپ بىرىنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى، يەنە بىرى نالە قىلغان ھالدا:

   -  ئاۋۋال مېنى ئۆلتۈرگىن، ئۇ بىردەم بولسىمۇ ئۇزۇنراق ياشىۋالسۇن، - دەپ يالۋۇردى. جاللات بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ يەنە بىرىنىڭ يېنىغا قىلىچ تەڭلەپ كەلگەنىدى ئالدىنقىسى نالە - زار قىلىپ تىلەپ تۇرۇۋالدى:

   -  خۇدا ھەققى، ئۇنى بالدۇر ئۆلتۈرمىگىن، ئالدى بىلەن مېنى ئۆلتۈرگىن. ئۇنىڭ جان ئازابى تارتىپ قىينالغانلىقىنى كۆرۈش ماڭا ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر ئازاب، مەن بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمايمەن.

دەل مۇشۇ چاغدا چىڭگىزخان ئۇخلاۋاتقانىدى، بۇ ئىككى دوستنىڭ ئىشلىرى ئۇنىڭ چۈشىدە ئايان بولدى. ئۇھەيرانلىق ئىچىدە تۇرغاندا، بىرەيلەن چىڭگىزخانغا: «بۇ ئىككىسىدىن مېھىر - مۇھەببەت، ۋاپادارلىق يولىنى ئۆگەن. خالايىققا جەبىر - زۇلۇم قىلىشىڭنى توختات. خارەزمشاھ سەن بىلەن ئۆچەكەشكەن بولسا، بۇ ئىشتا خالايىقنىڭ نېمە گۇناھى بار؟! ئىككى پادىشاھ ئۆچ - ئاداۋەت بىلەن جاھاننى بۇزۇپ، خاراب قىلدىڭلار. بۇ ئىككى دوست بولسا بىر - بىرىگە مېھىر - مۇھەببىتىنى بېغىشلاپ، ساداقەت - ۋاپادارلىق كۆرسىتىشتى. بۇلاردىن ئىبرەت ئال» دەپ بېشارەت بەردى. چىڭگىزخان ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، قەتلىئام قىلىشنى دەرھال توختىتىشقا پەرمان چۈشۈردى. ئۇ ئىككى دوستنىڭ ساداقىتى، ۋاپادارلىقىدىن بىر مەملىكەتنىڭ خەلقى بالا - قازادىن نىجادلىققا ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ چىن دوستلۇقى باشقا دىندا بولغان بۇ قەتلىئام قىلغۇچىلارغىمۇ تەسىر قىلىپ، ئالەم خەلقىنىڭ تىنچ - ئامانلىقىغا سەۋەبچى بولدى. ھەرقانداق بىر كىشى دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق يولىنى تۇتۇشنى بىلمىسە، ئۇلارغا بۇ تەمسىل قىيامەتكىچە يەتكۈدەك دەرس بولالايدۇ.





يوقىلىشقا يۈز تۇتىۋاتقان مىللىي خاسلىقىمىز

1. تارىختا ئۇلۇغلۇق تاجىنى كىيگەن مىللەت

«ئۇيغۇر» دېگەن شەۋكەتلىك نام بىلەن تونۇلغان خەلقىمىز نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە ئۇلۇغ مىللەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تارىخىدا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، كۆمۈلمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتە بولسۇن ۋە ياكى  ماددىي مەدەنىيەت سەھنىسىدە بولسۇن، جاھان مەدەنىيىتىنىڭ نۇرانە مەشئىلىنى نەچچە مىڭ يىللار جەۋلان قىلدۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نامى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تۇتقان ئورنى ئوتتۇرا ئاسىيادىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن شەرق دۇنياسىدا پەخىرلىك ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكى تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇم. ئۇلار ئاشۇنداق پارلاق مەدەنىيىتى ۋە شۆھرىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي خاراكتېرى، مىللىي روھى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ناھايىتى روشەن نامايان قىلغان. بۇ جەھەتتە بىز قەدىمكى ئاتا − بوۋىلىرىمىزنى پەخىر بىلەن تىلغان ئېلىشقا ھەقلىقمىز.

مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4 − ئەسىردە ئۆتكەن ماكىدونىيە پادىشاھى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين بۈيۈك كۈچ − قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ سەلتەنەت بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىنىڭ تەسەررۇپى ئاستىغا ئېلىشقا تۇتۇش قىلدى ۋە تەرەپ − تەرەپكە يارلىق چۈشۈرۈپ، مەكتۇپ يوللاپ، باشقا ئەللەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى. بۇ مەكتۇپلار ئىچىدە چىن  − تۇران پادىشاھىغا يازغان مەكتۇپى ئالاھىدە خاراكتېرلىك ئىدى. جانابىي ئەلىشىر نەۋائى ئۆزىنىڭ «سەددى ئىسكەندەر» ناملىق داستانىدا تارىخىي ۋە رىۋايەتلىك ئامىللارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىسكەندەرنىڭ مەكتۇپىنى مۇنداق بايان قىلىپ بېرىدۇ.

«مېنى ئىسكەندەر، دەپ ئاتىشىدۇ، يەتتە ئىقلىمنى ئۆزۈمگە بويسۇندۇرۇش مېنىڭ سۈپىتىم ۋە خۇسۇسىيىتىمدۇر. سېنى <خاقانى چىن> دېيىشىدۇ، تۇران زېمىنى سېنىڭ مەملىكىتىڭ، تۇرانلار بولسا سېنىڭ لەشكەر ۋە پالۋانلىرىڭدۇر …» يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن ئىسكەندەر ئۆزىنىڭ شاھلىق تەختكە چىقىشىنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەپ بولۇپ، مۇنداق مەسخىرىلىك قۇرلارنى يازغان. «… بۈگۈن ئىران مەملىكىتى ماڭا تەۋە بولدى، ھەممە شاھلار پەرمانىمدا بولدى … ساڭىمۇ ئەگەر بەخت − تەلىيىڭ مەدەت بېرىدىغان بولسا، ئورنىڭدىن تۇرۇپ، پەلەك سۈپەت ئاستانەمگە كەلگىن. قانداق پەرمان قىلسام، سۆزۈمنى ئۇلۇغ دەپ بىلگىن، بوسۇغامدا باش قويۇپ ئايىغىمنى سۆيگىن. ساڭا ۋە بارلىق تاۋابىئاتىڭغا ئىنئام − ئېھسان قىلىپ، مۇرەسسە، مادارا بىلەن لايىقىدا ئىززەت − ھۆرمىتىڭنى قىلىمەن … ئەگەر ئىتائەت قىلماي، جاھىللارچە يول تۇتۇپ، دۈشمەنلىك ۋە گۇناھكارلىقنى ئىختىيار قىلساڭ، ئۇ ھالدا بېشىڭغا بۇ تەتۈر پەلەكتىن نېمە كۈن كەلسە، مەندىن ئاغرىنما، مەندىن مېھرىبانلىق ۋە مۇرەسسە − مادارا كۆزلىمە، قالغان سۆزلەرنى ئەلچى بايان قىلىدۇ، شۇنىڭدىن بىلەرسەن، تامام ۋەسسالام.»

يۇقىرىقى تەھدىت ۋە ھاقارەت بىلەن تولغان مەكتۇپنى تاپشۇرۇپ ئالغان خاقانى چىن  − تۇران پادىشاھى تەمكىنلىك ۋە ئالىيجانابلىق بىلەن سۇغۇرۇلغان مۇنۇ مەكتۇپنى ئەلچىلەردىن ئەۋەتىپ بېرىپتۇ:

«ئىسكەندەرنىڭ ئەۋەتكەن بۇ مەكتۇپى زەھەردىن ئاچچىق، قىلىچتىن ئىتتىك تەلەپپۇزدا يېزىلىپتۇ. ئۇ جانابىي ئەلچىلەرگە بۇ خەتنى يېزىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتتا يا ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغان ياكى ئالدىراپ كېتىپ، سۆز ئىبارىلەرنى ئويلىماي، دەڭسەپ باقماي يېزىپ قويغان ئوخشايدۇ، لەشكىرىم كۆپ، خەلقىم باياشاد، ئۇنىڭدىن ھېچبىر قالغۇچىلىكىم يوق. ئۆزىگە تەۋە بولمىغان بىر پادىشاھقا مۇنداق تەلەپپۇزدا مەكتۇپ يېزىش ھېچقانداق رەسىم − قائىدىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش. مۇنداق ئەھۋال كىتابلاردىمۇ ئۇچرىمايدۇ. ئىسكەندەر خېتىدە ئۆزىنى <ھېكىم ۋە دانىشمەن> دەپ كۆككە كۆتۈرۈپ پەخىرلىنىپتۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئەقلى جايىدا بولغان بولسا، بۇنداق سۆزلەرنى دېمىگەن بولاتتى، چۈنكى مۇنداق تەلەپپۇز بىلەن مەكتۇپ يېزىش ئەقىل − ھوشى بار كىشىلەرگە زادى مۇناسىپ ئەمەس. يەنە تېخى <خاقانى چىن ئالدىمغا كەلسۇن> دەپتۇ. ماڭا مۇنداق سۆزنى قىلىشقا بۇ پىرقىراۋاتقان پەلەكمۇ پېتىنالمايدۇ. دارامۇ بىر نەچچە ۋاقىت جاھاندارلىق قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا دوستلۇق، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى بارئىدى. بىر − بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ كەلگەنىدۇق. ئۇمۇ ھېچقاچان ماڭا قارشىلىق ۋە دۈشمەنلىشىشنى قوزغايدىغان مۇنداق تەكلىپنى قويۇپ باقمىغان، ئىسكەندەرنىمۇ ئىككىنچى دارا دەپ بىلىپ، جاھان مۈلكىنىڭ شاھلىرىدىن بىرى دەپ قارايمەن، بىراق ئۇ چىن مەملىكىتىنىڭ باشقا بىر جاھان ئىكەنلىكىنى بىلمەي قاپتۇ. شۇڭا، ئالدىراپ − تىنەپلا يېزىپ ئەۋەتكەن بۇ مەكتۇپقا ئۇنچە ھودۇقۇپ كەتمەيمەن؛ ئۇ گەرچە خەتنى ناھايىتى قاتتىق − يىرىك سۆزلەر بىلەن يازغان بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۇنداق قىلمايمەن. ئەگەر ئۇ دارادەك قائىدە − يوسۇن بىلەن سۆز قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە سۆزلىرىگە خېرىدارلىق قىلغان بولاتتىم. ئەگەر ئۇنىڭ خىيالى مۇشۇ مەكتۇپتىكىدەك بولىدىغان بولسا، ئۆزىنىڭ مىجەز − خۇلقىنى نورمال تۇتمىسا، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن جەڭگى − جېدەلدىن باشقا ئىشنى قىلمايمەن. ئۇ قەيەردە جەڭ مەيدانى تۇۈزسە مەنمۇ شۇ يەرگە يۈرۈش قىلىپ تۇتىشىمەن، ئەگەر دىيارىمغا لەشكەر تارتىپ كەلسە، شەھەر دەرۋازىسىنى يېپىپمۇ قويمايمەن، سىپاھلىرىم بىلەن بۇ ئاسمان ئاستىنى چاڭ − توزانغا تولدۇرۇپ، ئىسكەندەر بىلەن يۈزمۇيۈز ئېلىشىمەن.»

ئەلچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن يۇقىرىقى جاۋابنى ئاڭلىغان ئىسكەندەر سەلدەك قوشۇنى، دىۋىدەك سەركەردىلىرىنى، ئەۋلىيادەك مەسلىھەتچىلىرىنى باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلغان. تۇران پادىشاھى ئېيتقاندەك ئىسكەندەر تۇران خەلقنى خاتا مۆلچەرلەپ قالغانىدى.

تارىخىي خاتىرىلەر ۋە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ئېنىق خاتىرىلەرگە قارىغاندا، ئىسكەندەر چىن زېمىنىنى ئىشغال قىلالمىغان، تۇران پادىشاھىنىڭ ئالىيجاناب تىرىشچانلىقى، تۇران قوشۇنلىرىنىڭ تەڭداشسىز جەڭگىۋارلىقى ئاستىدا ئىسكەندەر سۇلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، زۇلقەرنەين قوشۇنلىرى تۇران زېمىنىغا يېقىنلاشقاندا، تۇران شاھى ئۇنىڭغا قارشى خىللانغان تۆت مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى ئالدىن يۈرەر قىسىم قىلىپ ماڭدۇرغان، ئۇلار زۇلقەرنەيننىڭ ئالدىنقى قىسىملىرى بىلەن باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشقان. ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى ئات ئۈستىدە شۇنداق ئۇستىلىق ۋە چەبدەسلىك بىلەن ھەرىكەت قىلغانكى، ئوقنى ئالدىغا قانداق ئۈزسە، كەينىگىمۇ شۇنداق ماھىرلىق بىلەن ئۈزگەن. ئۆزلىرىگە بولسا ھەرگىز ئوق تەگكۈزمىگەن، بۇنداق چەبدەسلىكنى، جاسارەت ۋە ماھارەتنى، ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پىدا قىلىۋاتقان روھنى كۆرگەن ئىسكەندەر ھەيرەتتە بارمىقىنى چىشلىگەن ھەمدە زوقمەنلىك ۋە قايىللىق بىلەن «ئىنان خوزخورەند» (بۇلار باشقىلارغا بېقىنماي ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يېيەلەيدىغان خەلق ئىكەن، ئۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يېيەلەيدۇ) دەپتۇ. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تىلشۇناسلىق قانۇنىيىتى بويىچە تەبىر بېرىشىچە، «خوزخور» بارا − بارا فونىتېكىلىق ئۆزگىرىش ياساش جەريانىدا «ئۇيغۇر»غا ئۆزگەرگەن، دەپ ئىلمىي يەكۈن چىقىرىدۇ .



ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئىتىدىكى باتۇرلۇق، زېرەكلىك ۋە ئەخلاقىي − پەزىلىتى ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە روشەن ھالدا نامايان بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۈكسەكلىكى، ئىجادچانلىق روھى، تەرەققىي قىلىش، يېڭىلىققا ئىنتىلىشچانلىقى جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل − پاراسەتلىك خەلق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانىدى. ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى ۋە ئالىيجاناب قەھرىمانلىق روھى، گۈزەل مەنىۋى قىياپىتى بىلەن ئۇلۇغ ئاللانىڭ ۋە ئاللانىڭ ئەلچىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنىڭ قوللىشىغا، يۇقىرى باھاسىغا ۋە نەزەرىگە سازاۋەر بولغان، بۇ خۇسۇستا مەھمۇد قەشقەرى مۇنداق بىر ھەدىسنى ئىپتىخار بىلەن مىسال ئالىدۇ: «بىز <تۈرك> دېگەن ئىسىمنى ئۇلۇغ تەڭرى ئۆزى قويغان، دېدۇق. چۈنكى، قەشقەرلىك خەلەف ئوغلى تەقۋادار ئىمام ئۇستاز ھۈسەيىننىڭ <ئىبنولفەرقى> دېگەن ئادەمدىن ئاڭلاپ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، <ئىبنۇئەبى ئەددۇنيا> دېگەن نام بىلەن تونۇلغان جەلجارالىق ئۇستاز ئەبۇبەكرى موفىد ئاخىر زامان توغرىسىدا يازغان بىر كىتابىدا پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇنداق بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان: <ئۇلۇغ تەڭرى ئېتىدۇ: مېنىڭ بىر تائىپە قوشۇنۇم بار، ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدىم، ئۇلارنى كۈن چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىرەر قوۋمغا غەزەپلەنسەم تۈركلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن>» مەھمۇد قەشقەى يۇقىرىقى ھەدىسنى شەرھلەپ: «بۇ ھال ئۇلارنىڭ باشقا خەلقلەرگە نىسبەتەن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇلارغا تەڭرى ئۆزى ئات قويغان، ئۇلارنى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئېگىز، ئەڭ ھاۋالىق جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە «ئۆز قوشۇنۇم» دېگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركلەر كۆركەم، يېقىملىق، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان، ئاددىي − ساددا، كەمتەر، دادىل، مەرد ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سان − ساناقسىز پەزىلەتلەرگە ئىگە. شۇڭا شېئىردا مۇنداق كەلگەن:



«قاچان ئۇنى تۈرك دەپ تونۇسا،

خەلق ئۇنىڭغا شۇنى ئېيتىدۇ.

ئۇنىڭغا ئۇلۇغلۇق تېگىدۇ،

بۇنىڭدىن باشقىسىغا ئاشمايدۇ.»① «تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1 − توم، 454 −، 455 − بەتلەر.

   





يۇقىرىقى بايانلار قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماھىيەتلىك مىللىي ئالاھىدىلىكىنى  ئىنسانىيەت دۇنياسىدا تۇتقان ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، بەلكى يۇقىرىقى ھەدىس ئۆزىدە يۇغۇرغان چوڭقۇر مەزمۇن بىلەن بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار تەڭرىنىڭ ئۇلۇغلىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنداق قوللاش ۋە ئۇلۇغلاشنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئىتىدە مەۋجۇت بولغان يۈكسەك پەزىلىتىنىڭ ۋە مەدەنىيەت ساپا سېلىشتۇرمىسىدا ناھايىتى يۇقىرى تۇرغانلىقىنىڭ خاسىيىتىدىن بولغانلىقى روشەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سىر ئەمەسكى، ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇيغۇرلارغا سېغىنىش، ئۇيغۇرلارغا ئەگىشىش ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتقانلىق ھېسابلىنىپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ يولىنى تۇتۇش ۋە ئۇيغۇرلاردىن مەدەنىيەت ئۆگىنىش، تىل ئۆگىنىش ۋاجىپ قاتارىغا ئۆتكەنىدى.

مەھمۇد قەشقەرى بۇ خۇسۇستا مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ:

«ئىشەنچلىك بىر بۇخارالىق ئالىم بىلەن نىشاپۇرلۇق باشقا بىر ئالىمنىڭ تەڭرى ئەزىز كۆرگەن پەيغەمبىرىمىزدىن دەلىل كەلتۈرۈپ ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئېنىق ئاڭلىغانىدىم: پەيغەمبىرىمىز قىيامەت بەلگىلىرىنى، ئاخىر زامان پىتنىلىرىنى ۋە ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىگىنىدە <تۈرك تىلىنى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ> دېگەنىكەن.

بۇ ھەدىسكە شۇ ئېيتقۇچى كىشىنىڭ ئۆزى جاۋابكار. بۇ ھەدىس راس بولسا، تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش ۋاجىپ بولىدۇ، راست بولمىغان تەقدىردىمۇ، تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش زۆرۈرلۈكىنى ئەقىل تەقەززا قىلىدۇ.»② «تۈركىي تىللار دىۋانى»   

   

ناھايىتى روشەنكى، قەدىمكى ئۇيغۇرلار رېئال كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە ئەزىزلىنىپ، ھۆرمەتلىنىپ قالماي، بەلكى ئۆزلىرىدىكى يۈكسەك پەزىلەت ۋە ئالىيجاناب مىللىي خاراكتېرى بىلەن دىنىي ئەقىدىلەردىمۇ قەدىرلىك ھەم ھۆرمەتلىك ئورۇن ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان، ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا خەلقى ئالدىدىكى شان − شەرىپىنى مەدەنىيەت جەھەتتە تۇتقان ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقى، شانۇ شەۋكەتلىك ئورنى ۋە پەزىلەتلىك خەلق بولغانلىقىدىن دەپ چۈشەنگەن. شۇڭا، ئۇلار ئۆزلىرىدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىشەنچ بىلەن پەخىرلەنگەن. بىز بۇ يەردە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن ئەسىرىدىن ئۆز دەۋرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خەلقنىڭ پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن تۆۋەندىكى خىتابىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز:

«مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرجىدا تۇغدۇرغانلىقىنى كۆردۈم ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆرگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم. تەڭرى ئۇلارنى <تۈرك> دەپ ئاتىدى ۋە سەلتەنەتكە ئىگە قىلدى؛ دەۋرىمىزنىڭ خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ، زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى؛ ئۇلارنى ئىنسانلارغا باش قىلدى؛ ھەق ئىشلاردا ئۇلارنى قوللىدى؛ ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەشكەنلەرنى ئەزىز قىلدى ۋە تۈركلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھەممە تىلەكلىرىگە ئېرىشتۈرۈپ، يامانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى. تۈركلەرنىڭ ئوقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يولىنى مەھكەم تۇتۇش ھەربىر ئەقىل ئېگىسىگە لايىق ۋە مۇناسىپ ئىش بولۇپ قالدى. ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق. كىمكى ئۆز گۇرۇھىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئايرىلىپ، تۈركلەرگە سېغىنىپ كەلسە، تۈركلەر ئۇلارنى ئۆز قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، خەۋپتىن قۇتقۇزىدۇ؛ ئۇلار بىلەن بىللە باشقىلارمۇ پاناھ تاپىدۇ.»① «تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1 − توم، 1 −، 2 − بەت

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 09:08:36

داۋامى....





يۇقىرىقى خىتابلار قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە قانچىلىك مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى پاكىت تەلەپ قىلمىغۇدەك دەرىجىدە يورۇتۇپ بەرگەن.



2. ئۇيغۇرلار يۈكسەك مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي مىللەت ئىدى

بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرى «قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر لۇشۈن ئەپەندى: «بۇرۇن يول يوق ئىدى، ئادەملەر ماڭغاندىن كېيىن يول پەيدا بولغان» دەپ كۆرسەتكەن. يۇقىرىقى يول ۋە ئىزلار ئادەتتىكى ئىز ۋە يولنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ يولى، ئىنسانىيەت تارىخى بېسىپ ئۆتكەن مەدەنىيەت يولىنى كۆرسىتىدۇ.

تارىختا ئىنسانىيەت تارىخى بېسىپ ئۆتكەن مەدەنىيەت ئىزلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، جۇڭگو، ھىندى، گرېك، ئىران ۋە ئەرەبلەرنىڭ قەدىمكى ئاتا بوۋىلىرى ئىنسانىيەتكە كۆزنى چاقنىتىدىغان ئەڭ باي مىللىي مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى يارىتىپ، جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس پارلاق تۆھپىلىرىنى قوشقانلىقىنى كۆرىمىز.



جاھان مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلۇغ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى توغرىسىدا سۆز ئاچىدىغان بولساق، بۇ مەدەنىيەت ھالقىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقى تارىخىي پاكىتلاردىن مەلۇم، شۇڭا پروفېسسور ك. ئا. بىرونىكۋ «ئۇيغۇرلار ئۆتكەن دەۋرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇش تارىخىدا چوڭ ئورۇن ئېلىپ كەلگەن بىر خەلق. ئۇيغۇرلار قەدىمكى زامانلاردا يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان شەرق خەلقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن باھالىرىمۇ تارىختىدىكى نۇرغۇن مەدەنىي ئىزلارغا ئاساسەن چىقىرىلغان خۇلاسە ئىدى.

راست! تارىخ سەھىپىسىگە ئەقىل كۆزىمىز بىلەن قارىغىنىمىزدا، شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرغان «يىپەك يولى»دىن ئىبارەت خەلقئارا ئالتۇن لىنىيە خەلقئارا سودا مەھسۇتلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى ۋە بازىرى بولغانىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل − پاراسىتىدىن ياشنىغان بۇ مۇقەددەس تۇپراق ئاتا قىلغان قىممەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئارتقان تۇنجى كارۋان تۆگىسى بۇ دىياردىن دۇنيادىكى باشقا مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرگە بارىدىغان دەسلەپكى يولنى ئاچقانىدى. بۇ يول ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە روناق تېپىپ، گۈللەپ ياشنىشىدا ئەڭگۈشتەرلىك رول ئوينىغانىدى. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى بۇ خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىدە ئالتۇن كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرغانىدى. چۈنكى، ئۇيغۇرلار خېلى قەدىمكى دەۋرلەردىلا تاۋار سودىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي قۇرۇلۇشىدا ئوينايدىغان غايەت مۇھىم تۈرتكىلىك رولىنى ئەقەللىي ھېس قىلىشقانىدى. 11 − ئەسىرنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ سودىگەرلەر تەبىقىسىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتقا ۋە سىياسىي ھاياتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا قويغان: ئۇلار «شەرقتىن غەربكە كېزىپ يۈرۈپ، سەن ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. مىڭ تۈرلۈك تاۋار − دۇردۇن، دۇنيانىڭ قىممەتلىك نەرسىلىرى شۇلاردا بولىدۇ، جاھان كەزگۈچى سودىگەر بولمىغان بولسا، قارا سۆسەر جۇۋىنى قاچان كىيەلەيتتىڭ، سودىگەر جاھان كېزىپ يۈرمىگەن بولسا ئۈنچە − مارجان، تىزىقلارنى كىم كۆرەلەيتتى؟»

قەدىمدىن تارتىپ سودا ئىگىلىكىدە قانۇنىيەتلىك ئىككى خىل باغلىنىش مەۋجۇت. بىرى، ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنى سىرتقا چىقىرىش، يەنە بىرى، باشقىلارنىڭ ئىلغار مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈش. ئۇيغۇرلار سودا ئىگىلىكىدىكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. چۈنكى، نوقۇل باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقىلا تايانغاندا، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچىدىكى قول سانائەتچىلەرنىڭ ئىلگىرىلەش يولى توسۇلۇپ قالاتتى، ئىستېمالچىلارمۇ زور دەرىجىدە زىيان تارتاتتى. بۇ خىل ئەھۋال سودا ساھەسىدە ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا كۈچلۈك رىقابەت ئېڭىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنداق كۈچلۈك رىقابەت ئۇيغۇر ئۇستىلىرى ۋە سودىگەرلىرى تەبىئىي ئەۋزەللىكتىن، خام ماتېرىيال ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، قول سانائەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى  − توقۇمىچىلىق سانائىتى، زەرگەرچىلىك سانائىتى، كېگىز ئىشلەپ چىقىرىش سانائىتى، گىلەمچىلىك سانائىتى، قاش تېشى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى، ئىشلەپ چىقىرىش قوراللىرى سانائىتى قاتارلىقلار جەھەتتە ئۆز ئېھتىياجىدىن ئېشىپ، دۇنيا بازارلىرىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئىگىلىگەنىدى. تارىخىي كىتابلاردا بۇ ھەقتە قىممەتلىك مەلۇماتلار ساقلىنىپ قالغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى دېگەن قامۇس خاراكتېرلىك ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى − يېڭى ئىختىرالىرى توغرىسىدا نۇرغۇن ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن. مەھمۇد قەشقەرى مۇنداق بىر توقۇلما مەھسۇلاتنى تىلغا ئالىدۇ: «ياتۇق  − ئىككى خىل نەرسىدىن توقۇلغان رەخت. ئۇنىڭ ئۆرۈمى يۇڭ يىپتىن، ئارقىغى پاختا يىپتىن بولىدۇ». بۇنداق ئىككى خىل يىپنى ئارىلاشتۇرۇپ رەخت توقۇشنىڭ قانچىلىك تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەسقۇ دەيمەن. يەنە بىر ئۇچۇر: «يالما  − يامغۇرلۇق، پارسلار بۇنى تۈركلەردىن ئېلىپ <يەكمە> دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. ئەرەبلەر پارسلاردىن ئېلىپ <يەلمۇق> شەكلىدە قوللىنىدۇ. ھېچكىم بۇ سۆزنى تۈركلەر پارسلاردىن ئالغان دېيەلمەيدۇ. چۈنكى، مەن بۇ سۆزنى ئەڭ يىراق چېگرىدا ياشىغۇچى قارا تۈركلەردىنمۇ ئاڭلىغانىدىم. ئۇلارنىڭ يۇرتىدا قار − يامغۇر كۆپ ياغقاچقا، ئۇلار باشقىلارغا قارىغاندىمۇ يامغۇر يىپىنچىغا كۆپرەك موھتاج ئىدى». ئەمدى ئىشلەپچىقىرىش قورالىدىن بىرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى. مەھمۇد قەشقەرى «ئىرغاق»نى تونۇشتۇرىدۇ. ئۇنى مۇزنى مۇزخانىغا تارتىپ ئەكىرىشتە ئىشلىتىدىغان ئىلگەك، دەپ ئىزاھ بېرىدۇ. يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى كۆرگىنىمىزدە، بىزنىڭ 21 − ئەسىردە ياشاۋاتقان نۇرغۇن مۇزچىلىرىمىزنىڭ مۇزنى گەمىگە ئېلىپ كىرىشتە ياكى مۇز كۆللىرىدىن مۇز تارتىۋاتقاندا ئاشۇنچىلىك بىر ئىلغا ياساپ ئىشلەتمەي، قولى ۋە ئارغامچىلار بىلەن تارتىپ ناھايىتى مۇشەققەت چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. يەنە بىر ئۇچۇر تېخىمۇ بىزگە ئۈلگە ۋە ئىلھام بولۇشى مۇمكىن: «ئاقچاق  − ئېغىزغا دورا قۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىچى كاۋاك ئەسۋاب»، ھازىر بىزنىڭ ئاتا − ئانىلىرىمىز بالىغا دورا ئىچكۈزۈشتە ئاشۇنچىلىك بىر ئەسۋابنىڭ يوقلۇقىدىن، دورىنىڭ كۆپىنى بالىنىڭ كىيىم − كېچەكلىرىگە ئىچكۈزۈۋاتقانلىقى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى مۇز تارتىش سايمىنى بىلەن دورا ئىچكۈزۈش ئەسۋابى ھازىرقى زامان پەن − تېخنىكىسىغا تايىنىپ ياسالسا، پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشىشى مۇمكىنغۇ، دېگەن ئارماننى قىلىمىز.

قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۆتمىڭ  يىل بۇرۇنقى مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن گۇۋاھلىق بەرگۈچى كىروران ئانا، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى مەدەنىيەت جەھەتتىكى ساپايىمىزنى ئەسلىتىدىغان شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئارقا − ئارقىدىن بايقىلىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مىڭ ئۆيلەردىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سەنئەت نەمۇنىلىرى، دۇنيادا كەمدىن − كەم ئۇچرايدىغان «مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرى»، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي ۋە بەدىئى ئىدىئالنىڭ مەسئۇلى بولغان «ئوغۇزنامە»، «قۇتادغۇبىلىك»، «چاھار دىۋان»، «خەمىسە» قاتارلىق دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە نەمۇنىلەر، دۇنيا مۇزىكا − سەنئەت تارىخىدىكى مۆجىزە دەپ تونۇلغان «ئون ئىككى مۇقام»، خەلقىمىزنىڭ ئەقىل − پاراسىتىدىن چاقنىغان مىخ مەتبەئە، قەغەز ئىختىرالىرىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجاد قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا، ئىسلاھ قىلىشقا، تەرەققىي قىلىشقا ماھىر، ئەمگەكچان، باتۇر خەلق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.



شۇنداق، ئۇيغۇر خەلقى ئەقىل بەيگىسى، ئىختىرا بەيگىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن، بۇنىڭ خاسىيىتى شۇ بولغانكى، بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي خاسلىقى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىنى روشەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەتراپتىكى ئەللەرنىمۇ ئوخشىمىغان شەكىلدە ئۇيغۇرلاشتۇرغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھايات − ماماتلىق بەيگىسىدە غالىپلىق تۇغىنى كۆتۈرگەن ئەجرى بەدىلىگە ھېچبولمىغاندا مەۋجۇتلۇقتىن ئىبارەت ئەڭ شەۋكەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

3. تارىخىمىزدا مەدەنىيەت جەھەتتە ياتلىشىش ۋە مىللىي خاسلىقنى يوقىتىۋېتىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاچچىق ساۋاقلار

«ئادەمنىڭ روھى چۈشسە ئېتى يۈگۈرەلمەيدۇ» دېگەن بىر ھېكمەت بار. ھەقىقىتىنى ئېيتقاندا، ئىنسانلار دۇنياسى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن روھلار دۇنياسى، روھلارنىڭ ئۆزئارا كۈرەش قىلىش جەريانى؛ تارىخ بولسا روھلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇش جەريانى؛ جەمئىيەت بولسا روھنى يېڭىلىشىدىكى سەھنىسى. مانا شۇنداق قارىمۇقارشى روھىيەت ئالىمى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مەۋجۇدىيىتىنىڭ مەنبەسى. ئىنسانلاردا روھ بولمىسا ئىنسانىيەتمۇ بولمايتتى، رەڭگارەڭ روھلار جىلۋىسى بولمىغاندا ئىنسان ئۆز كامالىتىنىڭ نۇرانە مەشئىلىنى يورۇتۇشنىڭ سېھرىي كۈچىدىن مەھرۇم بولۇپ قالاتتى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، روھنىڭ ئەركىن پەرۋاز قىلىشى، روھنىڭ روھ ئۈستىدىكى ئىسيانى مەڭگۈلۈك مۇقەددەس جەريانى. بۇنداق چەكسىز مۇساپە ئىچىدە سەپەر قىلىۋاتقان ئىنسانلار بېشىدىن ئىنتايىن جەلپكار، سېھرىي كۈچكە باي بولغان ئىجابىي روھلارنىڭ يېتەكلىشىنىمۇ، روھنىڭ روھ ئۈستىدىكى دەھشەتلىك، رەھىمسىز شاللىشىنىمۇ كەچۈرۈشكە مەجبۇر. بۇ ھەرگىزمۇ روھلارنىڭ ئۆز ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى تارىخ تەرەققىياتىنىڭ مەڭگۈلۈك قانۇنىيىتى.



تارىخ ئۆزىنىڭ جەلپكار چېھرىنى ناھايىتى نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتتى. تارىخنىڭ ھەم روھنىڭ ھەر قېتىمقى يېڭىلىنىشى مېھمان كۈتكەندەك ئۇنداق سىلىق − سىپايە بولغىنى يوق، بەلكى ئۈمىد بىلەن ئۈمىدسىزلىك، يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كونىدىن قىيالماسلىق، غايە بىلەن رېئاللىق، تەرەققىيات بىلەن مۇتەئەسسىپلىك، ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىق، ھەسرەت بىلەن سۆيۈنۈش، بەھرىمەنلىك بىلەن مەھرۇملۇق ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك روھىيەت پرۇتىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈرەش ئارقىلىق قايتىدىن تۇغۇلغان. تارىختا يۈز بەرگەن ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشلىرى، ئېتىقاد سەھىپىسىدىكى سەھنە ئۆزگەرتىشلەر، ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئوينالغان تراگېدىيىلىك ۋە كومىدىيىلىك ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرقى ھېسابتا تارىخنىڭ ۋە روھنىڭ يېڭىلىنىشىنىڭ مۇقەددىمىسى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي بايقاشلىرى بىلەن تارىختىكى خاتا بىلىش ۋە خاتا ھۆكۈملەرگە جەڭ ئېلان قىلغان ۋە مۇشۇ يولدا رىيازەت چەككەن ھەم دارغا ئېسىلغان. پىلاتون، گالىلى، مەنسۇر ھەللاجى … ۋە تۈمەنلىگەن كىشىلەر «يەر يەنىلا ئايلانماقتا»، «ئىنەل ھەق، مىنەل ھەق» دېگەنگە ئوخشاش ئىسيانلىرى بىلەن دارغا ئېسىلغاندا، بۇ پاجىئەلەرگە شاھىت بولۇپ تۇرغان دەۋرداشلىرى ئۇلارنىڭ چۇقانىنىڭ  روھىنىڭ ئىسيانى، ئۇلارنىڭ تراگېدىيىسى روھىنىڭ تراگېدىيىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تېڭىرقىماسلىقى ئۈمىد، ئىشەنچ مۇقەددەسلىكىنىڭ يىمىرىلمەس ئۇچقۇنىنىڭ ئەتىكى جىلۋىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشمىغانىدى. شۇنداق! ئەركىن، مۇقەددەس روھقا مەڭگۈ كىشەن سېلىپ بولغىلى بولمايدۇ. قەلب بوستانىدا يېنىۋاتقان مۇقەددەس پىكىرنى، روھنىڭ يېڭى ئىستەكلىرىنى ئۇجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھاكىم مۇتلەقلىق بىلەن قاپلانغان ئاشۇ دەۋرلەردە ئەمدى تۈك چىقىرىۋاتقان بۈركۈتنىڭ قانىتىنى يۇلغانغا باراۋەر ئىش ئىدى. لېكىن، يۇلۇنغان قانات كېيىن بۇلۇتلار باغرىنى يارالايدىغان تېخىمۇ مۇستەھكەم تۆمۈر قاناتقا ئايلانغانىدى.

ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئىلغار ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىلغار روھىمۇ، زەئىپ، چۈشكۈن روھىمۇ، شۇنىڭدەك ئىلغار ئەنئەنىسىمۇ، ھەم قالاق ئەنئەنىسىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شۇنداق، ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئاشۇنداق قارىمۇقارشى روھلار كۈرىشى داۋامىدا بەزىدە غالىپ كەلدى ۋە بەزىدە چۈشكۈن، زەئىپ روھلار غالىپ كېلىپ، ئىلغار روھ چەتتە قىپقالدى ۋە بەزىدە خارلاندى.



بىز بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمانلىقى، جاپادىن قورقمايدىغانلىقى، ۋەتەنپەرۋەرلىكى، قۇربان بېرىش روھىغا بايلىقى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش روھىنىڭ يۇقىرىلىقى، مەرىپەتنى سۆيۈش قىزغىنلىقى، ھەققانىيەتنى ياقىلاش مەيدانى، ئەدەپ − ئەخلاق جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى قاتارلىق ئىلغار مىللىي خاسلىقلىرىنى ئېغىزىمىز بېسىلماي تىلغا ئېلىپ ماختاپ كەلدۇق. بىراق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا قانداق چوڭ سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكى، قانداق پسىخىك ئاجىزلىقلىرىنىڭ بارلىقى، ئىستىقبالىنى بەربات قىلىشقا سەۋەب بولغان قانداق ناچار ئىللەتلىرىنىڭ بولغانلىقى، تارىختىن بىزگە مىراس بولۇپ قالغان قانداق − قانداق ئىللەتلىرىمىزنىڭ يەنىلا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇنى قانداق قىلغاندا تۈگەتكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە تېخى تولۇق، ئەتراپلىق ئىزدىنىشكە، تەجرىبە − ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە ئۈلگۈرۈپ بولالمىدۇق. بىراق، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرنىڭ ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق شاھىتلىرى مىللەتنىڭ روھىدا ساقلانغان چىرىتكۈچى باكتىرىيىگە ئوخشاش يامان ناچار ئىللەتلەرنى يۈرەكلىك پاش قىلغان، شۇنداقلا ئۇنداق ناچار، يامان ئىللەتلەرگە قارشى رەھىمسىزلەرچە ئىسيان كۆتۈرۈپ، مىللەتنىڭ روھىنى ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەجىرلەرنى قىلغان، شۇنداق قىلىپ ئۇلار مىللەتنى خاراب قىلىدىغان، ھالاكىتىنى تېزلىتىدىغان يامان ئىللەتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارە − تەدبىرلىرى ئۈستىدە بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىشقانىدى.

7 − ئەسىردىن بۇرۇنقى تارىخىي تەجرىبە − ساۋاقلارنى مۇپەسسەل ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن تارىخىي خاتىرىلەر ناھايىتى ئاز. «ئورقۇن مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى» ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزلىرىگە قويغان دىئاگنوزنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى مەلۇماتى. مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىنىڭ ئاپتورلىرى كۆلتېكىن، بىلگە خاقان، تونيوقۇقلار ئۆز دەۋرىنىڭ مىلودىيىسىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن، ئۆزلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالىغان گىگانت ۋەكىللىرى ۋە ئەزىمەتلىرى ئىدى.

قاراخانىيلار سۇلالىسى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مۇنبىرىدە ئەڭ شانلىق سەھىپە ئاچقان پارلاق دەۋرى. شۇنداق گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان تارىخىي باسقۇچتىمۇ دۆلەت، خەلقنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرىدىغان زىيانلىق ئىللەتلەر باش كۆتۈرۈپ، دۆلەتنى خاراب قىلىش، ۋەتەننى مۇنقەرز قىلىش خەۋپىنى تۇغدۇرغان.



بۇنداق يامان كېسەلنى داۋالاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى دەپ بىلگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ باتۇرلار بېگىدەك قورقماس يۈرەك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىر تەرەپتىن جەمئىيەتتە باش كۆتۈرگەن ئىللەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى، مەنبەسىنى، ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتنىڭ بۇنداق چىرىتكۈچى مەرەز كېسەلنىڭ ئۈنۈملۈك رېتسېپىنىمۇ بايقاپ چىققان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ خەلق ئىچىدىكى مەنىۋى بۇزۇلۇشقا، ئاق − قارىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىغا، ھەق بىلەن ناھەقنىڭ ئاستىن − ئۈستۈن بولۇپ كېتىپ بارغانلىقىغا، ئەسلىدىكى پاك روھنىڭ شەخسىيەتچىلىك، تەمەخورلۇق، قۇلچىلىق بىلەن پەسكەسلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىغا قاتتىق ئېچىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋىجدانى ۋە خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى بۇنداق نابۇت بولۇپ كېتىشكە يول قويمايدۇ. ئۇنىڭ پاك روھى دەھشەتلىك تىپىرلايدۇ، ۋىجدان تارىسى ئۇنىڭغا تېخىمۇ قاتتىق جاكا بېرىدۇ − دە، ھۆكۈمدارلارغا ۋە خەلقىگە ھەقلىق يوسۇندا مۇنداق مۇراجىئەت قىلىدۇ:

«ئەي ئالىم، بۈگۈنكى بۇ زامانىڭغا نەزەر سال! ھەممە ئىش − ئەمەللەر تامامەن باشقىچە بولۇپ كەتتى، بىلىملىكلەر خارلاندى، ئەقىللىقلار كېكەچ بولۇپ ئېغىز ئاچالماس بولۇپ قالدى. ئەلدە يارىماس كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى، ياۋاشلار ئازار يەپ بېشىنى كۆتۈرەلمىدى. قاراپ باققىن، مەي بىلەن يۈزىنى يۇيۇپ ناماز تاشلىغانلار مەرد، باتۇر ئاتالدى، پىتنە − پاسات قىلغۇچىلار ئەركەك سانالدى، مەي ئىچمەيدىغان ئوغلانلار خەسىس دەپ ئاتالدى. ئەلدە ھالا يوقالدى، ھەممىدە ھارام ئۈستۈنلۈكنى ئالدى، ھارام يېگۈچىلەرنىڭ كۆڭلىنى قارا كىر بېسىپ كەتتى، ھالالنىڭ نامىلا قالدى، ئۇنى كۆرگىنى بولمايدۇ، ھارام بولسا تالاشتا قالدى، ئۇنىڭغا ھېچكىم تويمىدى. قاراپ كۆر! دۇنيانىڭ قىلىقلىرى تامامەن باشقىچە بولۇپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى تىلىدىن باشقىچە بولۇپ كەتتى. خەلقتىن ۋاپا كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جاپا ئۈستۈنلۈكنى ئالدى. ئىشەنچلىك بىرەر ئادەمنىمۇ ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى. قېرىنداشلار ئارىسىدا يېقىنلىق يىراقلاشتى، ياخشى دوستلارمۇ مېھرىبانلىقتىن كەچتى. كىچىكتە ئەدەپ قالمىدى، ئۇلۇغدا بىلىم سۇسلاشتى. قوپال − نادانلار كۆپىيىپ، سىلىقلار ئازايدى. كىشىلەر ئارىسىدىكى يېقىنلىق پەقەت پۇل ئۈچۈنلا بولدى، ھەقىقەت ئۈچۈن توغرا، ھەق ئىش قىلىدىغانلار قېنى؟ قېنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى كىشى، قېنى يامانلىقتىن توسقۇچى كىشى؟ سودىگەرلەر ئامانەت مەجبۇرىيىتىنى ئۇنۇتتى، ھۈنەرۋەن − ئۇستىلار نەسىھەتلىرىدىن ۋاز كەچتى. بىلىملىكلەر سۆزلىرىنى توغرا سۆزلىيەلمەيدىغان بولدى. خوتۇنلاردىن ھايا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. توغرىلىق يوقالدى، ئۇنىڭ ئورنىنى ئەگرىلىك ئىگىلىدى. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ كەتتى، كىمدە پۇل بولسا شۇنىڭغا باش ئەگدى، مۇسۇلمانلار قارشىلىشىپ بىر − بىرىنىڭ گۆشىنى يېيىشمەكتە، كاپىرلار بولسا ھۇزۇر − ھالاۋەتتە ياشىماقتا. مۇسۇلمانلارنىڭ مال − دۇنياسى تالان − تاراج قىلىندى. ھارامنى ھالالدىن پەرقلەندۈرىدىغان كىشى قېنى؟ كۆر، پىتنە − پاسات شاۋقۇنى قىلچە ئۇخلاتمايدۇ، ئىلمى قۇرئان ئاۋازى قېنى، كۆڭۈل قاتتىقلاشتى، تىل يۇمشىدى، ھەقىقەتنىڭ ئۆزى يوقاپ كەتتى، پۇرقى قالدى. نەزەر سالغىن، ئاتىغا ئوغۇل دادىلىق قىلىۋاتىدۇ، ئوغۇل بەگ بولۇپ، ئاتا قۇل بولدى. كەمبەغەل، تۇل − يېتىملارغا شەپقەتچى يوق، جاھان ئاستىن − ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. بۇنىڭغا ئەجەبلەنگۈچى قالمىدى. ئوغۇل − قىزلار ئاتا ھۆرمىتىنى تاشلىدى. <قېرى> دېگەن نام كىشى ئۈچۈن ھاقارەت بولۇپ قالدى. قانۇن − قائىدىلەر پۈتۈنلەي ئاستىن − ئۈستۈن بولۇپ كەتتى، ئاق بىلەن قارا ئارىلىشىپ كەتتى. بۇنىڭ ھەممىسى قىيامەت ئالامىتىدۇر، ئالامەت كۆرۈلسە كېلىدىغىنى كېلۇر. قۇدرەتلىك تەڭرىم ئىمانىمىزنى ساقلىسۇن، پىتنە، بالا − يامانلىقلارنى ئوتتۇرىدىن كۆتۈرسۇن.»

مانا بۇ فېئودالىزم تۈزۈمى ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر گىگانت جەڭچىنىڭ ئىسيانى. بۇ قەتئىي ئىسيان بىلەن يۈسۈپ دارغا ئېسىلىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق، شاھ ۋە دەۋر ئۇنىڭ ئىسيانىنى قوبۇل تاپتى. ھەققانىيەت ئۈستۈنلۈك قازاندى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ شاھتىن قالسىلا ئەڭ ئالىي ھۆكۈمدارى  − ئۇلۇغ خاس ھاجىپلىق شان − شەرىپى بىلەن تارتۇقلاندى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى دەۋردىكى خەتەرلىك مەنىۋى كېسەلنىڭ تۈپ يىلتىزىنى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ كۆرسەتكەن. بىرى، نادانلىق، ئىككىنچى، قانۇن − تۈزۈمنىڭ توغرا، ھەق بولماسلىقى، ئۈچۈنچى، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىق ۋە موھتاجلىق.

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 09:10:52

داۋامى....




يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى ئۇلۇغ بايقىشى بىلەن قانائەت قىلمايدۇ. ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى مەنىۋى ئىللەتلەرنى داۋالاشنىڭ ئۇلۇغ مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلق ئارىسىدا ئەۋج قىلىشقا يۈز تۇتقان مەنىۋى ئىللەتلەرنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك رېتسېپىنى ھەم كۆرسىتىپ بەرگەن:

بىرىنچى رېتسېپ، بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ بارچىسى كېسەلچان كېلىدۇ، بۇ كېسەلنى داۋالىمىسا، ئادەمنىڭ تېزلا روھى ئۆلۈپ كېتىدۇ (1757 − بېيىت).

بىلىمنىڭ مەنىسىنى بىل، بىلىم نېمە دەيدۇ، بىلىملىك ئەردىن ھامان كېسەل يىراقلىشىدۇ (156 − بېيىت).

يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۆرسىتىپ بەرگەن مەنىۋى كېسەل، ئىنساننى ئىنسانلىقتىن، ۋىجداندىن، ئىماندىن، ئەقىل − ئىدراكتىن، رېئاللىقنى بىلىش، چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن، ئومۇمەن ياشاش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلاتتى. نادانلىق جاھالىتى قەيەردە بولسا، پالاكەت ۋە ئاپەت قابائىتى شۇ يەردە بىخ سۈرەتتى. بىلىمسىزلىك − ئىقتىدارسىلىق ھۆكۈم سۈرگەن جايدا ئادالەتمۇ، ھەققانىيەتمۇ، بەخت − سائادەتمۇ، ئەقىل − ئىدراكمۇ، گۈزەل ئىستىقبالمۇ ئۆز نىشانىدىن ئېزىقىدۇ. كۆزى ئوچۇق قارىغۇنىڭ ئالدىدا پۇتلىكاشاڭ كۆپ بولىدۇ، ئىرادە مۇقەددەسلىكىمۇ، يېڭىلمەس كۈچ − قۇدرەتمۇ، ئېگىلمەس ھەقىقەت تۇيغۇسىمۇ بىلىم شەربىتىدىن سۇغۇرۇلغان مەنىۋى تۇپراقتا ئاندىن ئۆسۈپ − يېتىلىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولالايتتى. چۈنكى، توغرا بىلىش پاراسەتنىڭ قانىتى، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى، مەنىۋى زەئىپلىكنىڭ شىپاسى، ھاياتلىق يىلتىزىنىڭ ئابى ھاياتى بولالايتتى. بىلىپ ياكى بىلمەي قىلىنغان بارلىق رەزىللىكلەر، ئىنسانىيەتسىزلىكلەر توغرا بىلىشتىن مەھرۇم بولغان كىشىلەردىنلا سادىر بولاتتى.

ئىككىنچى رېتسېپ، توغرا، ئادىل، ھەققانىي قانۇن − تۈزۈم ئەلنى روناق تاپقۇزۇشنىڭ، روھنى ساپلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئۈنۈملۈك رېتسېپى ئىدى. شۇڭا، يۈسۈپ ئەل ئىچىدىن ناھەقچىلىقنى، زوراۋانلىقنى، تەڭسىزلىكنى يوقات، ھەققانىي قانۇننى خەلققە بەر. قانۇندىن ئۇلار بەھرىمەن بولسۇن، توغرا قانۇن سۇغا ئوخشاش چۆلنى بوستان قىلالايدۇ، ئادالەتسىز قانۇن پۈتۈن خانۇمانىڭنى ۋەيران قىلىشقا يارايدۇ، دەپ يەكۈنلەيدۇ. بۇ نۇقتىدا ئەڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى شاھ ئۈستىگە تىرەيدۇ ۋە شاھ يالغۇز قانۇن چىقارغۇچى بولۇپ قالماستىن، ئەڭ ئالدى بىلەن قانۇنغا بويسۇنغۇچى بولۇشى كېرەك، شاھ ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ، يەنىلا قانۇن شاھتىن ئۈستۈن بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئەلنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئەلدىن كۆرمە، ئۆزۈڭدىن كۆر، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى ۋە قانۇن − تۈزۈمىڭنى توغرىلا، شۇندىلا خەلق توغرا يولغا ماڭىدۇ.

ئۈچىنچى رېتسېپ، خەلق تۇرمۇشتىن خاتىرجەم بولسۇن. ھەرقانداق ياخشى خۇلقلىق، پاك ۋىجدانلىق، دۇرۇس خۇيلۇق، ساغلام روھلۇق كىشىلەرمۇ قولى قىسىقلىق، موھتاجلىق تۈپەيلىدىن ئۆزىنى بۇزۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھەي شاھ، خەلقىڭنى نامراتلىقتىن، كەمبەغەللىكتىن، ئاچ − يالىڭاچلىقتىن قۇتۇلدۇر، ئۇلارنى باياشاد ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە قىل، شۇندىلا دۆلەت روناق تېپىپ، ئەلدە خاتىرجەملىك قارار تاپىدۇ.

يۇقىرىقى ئۈچ رېتسېپ، ئۆز دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي رېئاللىققا نىسبەتەن ئەڭ شىپالىق كۆرسەتمىلەر ئىدى. بۇ رېتسېپنىڭ شىپالىق رولىنى ئەسەردە ئەمەلىي كۆرسىتىش بىلەن مەنىۋى جەھەتتىن ئىسپاتلىغان.

     تارىخ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرگە قەدەم قويغاندا، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۆزىنى قايتىدىن ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۆزلىرىگە يېڭىدىن باھا بېرىشكە يۈزلەندى. نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزۇن تارىخى مۇساپىدە غاپىللىق، مەجبۇرىيەت ۋە زورلۇق ئاستىدا يول قويۇشقا، قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان نۇرغۇن سەۋەنلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالىدى. ئۆزى ئۈستىدىكى بۇنداق قايتا ئويلىنىش ۋە روھ ئۈستىدىكى ئىسيان ياۋروپادىكى خەلقلەرنى ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىگە ئېلىپ كىرگەنىدى. بۇ باسقۇچتىكى روھلار كۈرىشى ئىنتايىن كەسكىن، دەھشەتلىك ۋە رەھىمسىز بولدى. بۇ روھىي كۈرەشنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، ئالدى بىلەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئىنسانىي قىممىتى، جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رولىنى تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ خىل يېڭى چۈشەنچە ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى بىلىش، مەھكۇم بولغان، ئالدانغان، خورلانغان روھىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغانىدى. روھنى ئازاد قىلىش يەنىلا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋە مەڭگۈلۈك مەقسىتى بولۇپ قالىدۇ.



دەل ياۋروپا ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىگە كەلگەندە بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ياشاۋاتقان شەرق زۇلمەت ئىسكەنجىسىگە بەنت بولغانىدى. خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك ئىزدىنىشلىرى بەدىلىگە ئېرىشكەن قىسمەن روھىي ئازادلىقى چەكتىن ئاشقان خۇراپاتلىق پاتقىقىدا ئېڭراشقا، قوش زۇلۇم قامچىسى، زورلۇق − زۇمبۇلۇق كىشەنلىرى، روھىيەتكە قىلىنغان دەھشەتلىك بېسىملار ئاستىدا ھاقارەتلىنىشكە، خارلىنىشقا دۇچ كەلدى. مىللەت ئىچىدە سەلبىي ئېقىم ئۈستۈنلۈك قازاندى. نەتىجىدە نەچچە ئەسىرلىك بېسىم، خورلۇق ۋە بۇلغاشقا ئۇچرىغان ساغلام روھ ئۆزىنىڭ ئورنىنى زەئىپ، چۈشكۈن، تېڭىرقىغان، ھالسىزلانغان، ئازغان بىر پۇچەك روھقا بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن مىللەتنىڭ جۇشقۇن، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئۈمىدۋارلىققا تولغان روھى نادان، ئالدامچى، قارا نىيەت، پۇرسەتپەرەس سوپىلارنىڭ توزىقىدا ماغدۇرسىزلاندى ۋە ئەركىن قانات قېقىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم ھالەتتە ياشاشقا مەجبۇر بولدى.

بۇنىڭ ئىپادىلىرى نېمە؟ مىللەت ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئادىمىيلىك ئورنىنى، ئادىمىيلىك قىممىتىنى ئۇنتۇپ قالدى، ئەكسىچە، ئۆزلىرىنى بۇ دۇنيادىكى بىر گۇناھكار، ئازغۇن، ھېچقانداق ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان مەجروھ مەخلۇق دەپ تونۇپ، بالدۇرقى قەددىنى تىك تۇتۇپ ماڭىدىغان بۇ خەلق ھەرقاچان پۈكۈلۈپ، تۆت قاتلىنىپ، بېشىنى ئېگىز كۆتۈرەلمەيدىغان، تىكىلىپ بىرسىگە قارىيالمايدىغان، يەرگە يۈرەكلىك دەسسىيەلمەيدىغان بىر بىچارە مېجەزنى يېتىلدۈرۈۋالدى. ئەسلىي قانۇنىيەتتىن ياتلاشتۇرۇلدى. ئەسلىي قانۇنىيەت بويىچە قارىغاندا، ئىنسان بۇ دۇنيانىڭ خەلىپىسى (ئورۇنباسارى) ئىدى، ئادەم دۇنيادىكى بارلىق مەخلۇقلاردىن ۋە بارلىق مەۋجۇدادلاردىن ئەزىز ۋە شەرەپلىك ئورۇنغا ئىگە قىلىنغانىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئاللا بارلىق ئىنسانلارنى باراۋەر ياراتقانىدى، ھەرگىزمۇ بىرىنى يەنە بىرىگە قۇل قىلىپ بېرىشكە، بىرىنىڭ يەنە بىرىگە قۇللارچە چوقۇنۇشىغا ئەمىر قىلىنغان ئەمەس ئىدى. ئەڭ مۇھىم تەرەپ شۇكى، پۈتۈن ئالەم ۋە زېمىن ئىنسانلارغا بويسۇندۇرۇلۇپ بېرىلگەنىدى، ئۇنى ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ بەرگەنىدى، ئادەمنى بولسا يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن ئەركىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلغانىدى. بىراق، كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلار ئازغۇن يولنى تاللاپ، ئەسلىي ماھىيەتكە خىلاپلىق قىلدى، ئۆزىنىڭ ئەسلىي تەبىئىتىگە ئاسىيلىق قىلدى، ئاللانىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان مەئىشەتلىرىدىن يۈز ئۆرىدى. نەتىجىدە ئاللانىڭ «بىزنى ئۇنۇتقان قوۋمنى بىزمۇ ئۇنتۇيمىز» دېگەن ھۆكمىگە ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇلۇغلۇق ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ، بارا − بارا ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ مىللەت نامىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىش ھالىتىگە بېرىپ قالغانىدى. پۈتۈن دۇنيامۇ ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ كېتىشكە باشلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ يارقىن ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ قويۇشقا سەۋەب بولغان يەنە نۇرغۇن تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋە روھىي سەۋەبلەرمۇ بار. ئۇنى ئومۇملاشتۇرغاندا، مۇنداق بىر قانچە تەرەپكە يىغىنچاقلاش مۇمكىن: بىرىنچىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھاكىمىيەت تالىشىش ئۇرۇشلىرىدا بۇ زېمىن ئاپەت ئوچۇقىغا ئايلىنىپ قالغان، سىياسىي كۈچلەر، دىنىي مەزھەپلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىدىغان جەڭگى − جېدەل بارگاھىغا ئايلىنىپ قالغان، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى خەلقنىڭ بېلىنى مۈكچەيتكەن، يىلىكىنى قۇرۇتقان. ئۇلار جان ساقلاش ئۈچۈن ھەدەپ ئۇياندىن بۇيانغا قېچىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان، تىنچ − خاتىرجەم تۇرمۇش ئۇلاردىن يۈز ئۆرىگەن.

ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىنىڭ مۇھىم ئومۇرتقىسى بولغان سودا كارۋان يولى (يىپەك يولى) دېڭىز قاتنىشى ئېچىلغاندىن كېيىن، تەدرىجىي چۆلدەرەپ قالغان، بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتىغا زور زىيانلارنى سېلىپلا قالماي، يەنە ناھايىتى ئۇزۇن زامان دۇنيا بىلەن بولغان قويۇق باردى − كەلدى مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ قويدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتە، جۈملىدىن ئىدىئولوگىيە جەھەتتە ئۇزۇن مەزگىل بېكىنمە ھالەتتە ياشاشقا مەجبۇر بولدى.

ئۈچىنچىدىن، مائارىپ ۋەيران بولدى، ئۇيغۇرلار نەچچە ئەسىر ئىزچىل ھالدا ئىلىم − پەندىن چەتنەشتۈرۈلدى. ئىلىم − پەن بىلەن دىن قارىمۇقارشى قىلىپ قويۇلۇپ، پەقەت قىسمەن دىنىي ساۋاتتىن باشقا نەرسىلەرنى ئۆگىنىش گۇناھ دەپ قارالدى. نەتىجىدە پۈتۈن مىللەت مىللەت سۈپىتىدە نادان قالدى. نەتىجىدە مۇقەددەس ئىسلام دىنىمۇ مۇشۇ زېمىندا ئەسلىي ماھىيىتى بۇرمىلىنىپ ھاقارەتكە ئۇچرىدى. ئادىمىيلىك ماھىيىتىنى يوقىتىش ھېسابىغا تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگىمۇ خىلاپلىق قىلىندى. چۈنكى، بىلىش، تەرەققىي قىلىش تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئەڭ قىممەتلىك شەپقىتى ئىدى.



بۇنداق نادانلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتنى، مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىللەتلەرنى 18 − ئەسىر ئەدەبىياتىمىزنىڭ ناماياندىلىرىدىن بىرى بولغان سالاھى ئۆزىنىڭ «گۈل ۋە بۇلبۇل» داستانىدا ناھايىتى سىمۋوللۇق ئاساستا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنىدى. ئۇ ئالدامچىلىق، كاززاپلىق، پوچىلىق، نەپسانىيەتچىلىك، مەنىۋى زەئىپلىك بىلەن تولغان رېئاللىقتىن بىزار بولغان، ھۆرلۈككە، پاكلىق بىلەن تولغان دۇنياغا تەشنا بولغان بۇلبۇل ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىدۇ. ئۇنى شۇ دەۋرگە ۋە شۇ دەۋردە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان چۈشكۈن، زەئىپ، ئۆزىدىن مەھرۇم بولغان دۇنياغا قارشى ئىسيانكار قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تېڭىرقىغان، ئالدانغان، زەئىپلەشكلەن، قۇللۇق قەپىسىگە بەنت بولغان، نەپسىگە ئەسىر بولغان روھنى ئازاد قىلماقچى بولىدۇ. ئەسەردە بۇلبۇل سابانىڭ يول باشلىشى بىلەن رەزىللىك بىلەن تولغان قاباھەت دۇنياسىدىن ئايرىلىپ، ھۆرىيەت دۇنياسىغا سەپەر قىلىپ، ھۆرىيەت دۇنياسىنىڭ سىمۋولى بولغان قىزىل گۈل دىيارىغا قەدەم قويۇشىغا دىيانەتسىز باغۋەن بۇلبۇلنى تۇتۇۋېلىپ قەپەسكە سولايدۇ، ئۇ بۇلبۇلنى قەپىسى بىلەن ئۆزىنى «مەرد جاھانى» دەپ ئاتىۋالغان بىر رەھىمسىز، قەلبسىز، روھىسز، ۋىجدانسىز، ئىنسانىي تەبىئەتتىن مەھرۇم بولغان بىر نائەھلىگە سېتىۋېتىدۇ. بۇلبۇل بۇ خورلۇققا قەتئىي كۆنمەيدۇ، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئەركىنلىك روھىنىڭ قۇللۇق قەپىسىگە بەنت قىلىنىشىدىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل بىلىدۇ − دە، ئۆزىنى قەپەسگە ئۇرۇپ ئۆلۈش ئارقىلىقلا روھىنى ئازاد قىلىدۇ. «مەرد جاھانى» بولسا بۇلبۇلنىڭ ئۆلۈمىگە قىلچە ئېچىنمايدۇ، ئۇنىڭ مەقسەت − نىشانىنى، ئۇنىڭ روھىدىكى ئۇلۇغۋارلىقنى ھېس قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ئۇنداق قەلب، ئۇنداق چۈشەنچە ئۇنداق رەھىمدىللىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك دېگەن نەرسە نېمە ئىش قىلسۇن. شۇڭا، ئۇ «مەرد جاھانى» بۇلبۇلنى سېتىۋالغان پۇلى ئۈچۈن پەرياد چېكىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئەخمەق بۇ ھەسرەتتىن ئۆز بېشىنى تاشقا ئۇرۇپ، ئون پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرىدۇ.



بۇ ئەسەر ماھىيەتتە ئۆز دەۋرىدىكى دەھشەتلىك تراگېدىيىنىڭ بۇلبۇل پاجىئەسى ئارقىلىق ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى ئىدى. بۇلبۇل گۈزەللىككە، ئەركىنلىككە يۈرەكلىك ئىنتىلگەن، جاھان زۇلمىتىگە جەڭ ئېلان قىلغان، ئۆزىنىڭ روھىنى زۇلمەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىسيانكار ئىدى. ئەپسۇسكى، شۇ تارىخىي رېئاللىقتا جاھىل، مۇتتەھەم، تەپرىقچى، نەپسانىيەتكە ئەسىر بولغان، ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى ئۇنۇتقان ئۇ قارا كۈچلەر ھۆكۈم سوراۋاتقان بۇ زۇلمەت ئوچىقىدا بۇلبۇل ئۈچۈن ياخشى كۈن يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇ دەۋردە بىر تەبىقە تەركى دۇنيالىقنى تەرغىب قىلىپ خەلقنى بىخوتلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار پۇل، مەنسەپ ئۈچۈن ھەرقانداق رەزىللىكنى قىلىشتىن باش تارتمايتتى. يامانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ياخشىلارغا كۈن بولمىغانىدى.



شائىر ناھايىتى مۇھىم بىر ئىجتىمائىي قانۇنىيەتنى بايقىغانىدى. تارىختىن بۇيان ياخشىلار ئۈستۈنلۈك قازانسا، ياخشى، ئىلغار مەقسەتلەر ئۈچۈن قۇلايلىق شارائىت تۇغۇلسا، يامانلارنىڭ يولى تارىيىدۇ، ئۇلار مەجبۇرىي ھالدا ئۆزلىرىنىڭ پەسكەشلىكىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەكسىچە، ئەسكى، چىرىك، ياۋۇز كۈچلەرگە كەڭ بازار بولغاندا، ياخشىلارغا يول توسىلىدۇ، ياخشىلار كۆپلەپ ئازاب − ئوقۇبەت، خورلۇق تارتىشقا مەھكۇم بولىدۇ. چۈنكى، ياخشىلارغا كېلىدىغان ئازاب بەك كۈچلۈك بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار جەمئىيەتتىكى ناھەقچىلىك، بۇزۇقچىلىق، ئىنسانلىقتىن مەھرۇم بولۇۋاتقان جەمئىيەتنى ناھايىتى ئوچۇق ھېس قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتنىڭ ھىمايىچىلىرى، ھەقىقەتنى بايقىغۇچىلار بولغاچقا، ھەققانىيەتنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەھشەتلىك ئازاب دېڭىزىدا ئۈزىدۇ. نادان، ئەقىلسىز ئادەملەرلا بۇنداق ئازابنى ھېس قىلمايدۇ، شۇڭا ئۇلاردا قورسىقى ئاچقاننى ھېس قىلىشتىن باشقا ئازاب بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، جاھالەت ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رېئاللىقتا ياخشىلار ھەرقانچە ھەققانىىي بولغان بىلەن رەزىل كۈچلەر بىلەن بولغان كۈرەشتە يالغۇز قالىدۇ − دە، جاھىل كۈچلەرنىڭ ھاقارىتىگە، كەمسىتىشىگە، مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ. مانا بۇ ئازاب ئۈستىگە ئازاب بولىدۇ.

ئۆز دەۋرىدىكى نادانلىقنىڭ تراگېدىيىسىنى، خوجىلارنىڭ ساختا (ئەۋلىيا) لىق، ساختا تەقۋادارلىق بىلەن خەلقنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سېلىپ، خەلقنى ھايات مەئىشىتىدىن قول ئۈزۈشكە، زۇلمەت دېڭىزىغا ئۆزلىرىنى بەخشەندە قىلىشقا ھەدەپ ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئەھۋالنىڭ ئەسلىي ماھىيىتى بەزى سەزگۈر، ئوقۇمۇشلۇق ئەربابلارنىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. مەسىلەن، موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ نازىم تارىخىي رېئالنى پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ «چاڭموزا يۈسۈپخان» داستانىنى يازغانىدى. ئەسەردە ئالداش بىلەن ئالدىنىش ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تراگېدىيىلىك ھەم كومىدىيىلىك ئىجتىمائىي پاجىئە ئىنتايىن ئۆتكۈر ھەجۋى يول بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن. داستاندا يۈسۈپ خوجا ئۆزىنى ئەۋلىيا قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنى يوشۇرىدۇ. ئالدانغان نادان خەلق ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ نىجاتكارى ھېسابلاپ، ئۇنىڭ رەزگى تونىنىڭ پېشىنى سۆيۈشتى، ئۇنىڭغا چوقۇنۇش بىلەن ئاللاغا شېرىك كەلتۈرۈش ھېسابىغا ئۇنىڭدىن نىجاتلىق تىلەشتى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا مۇرىت بولۇپ، ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئالماق بولۇشتى، ھەتتا يۈسۈپ خوجىنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشمەك ئۈچۈن، مەسۇمە قىزلىرىنى نەزىر قىلىپ، ئۇ ئالدامچىغا تۇتۇشتى. يۈسۈپ خوجا بولسا بۇ نادان، ئەخمەق، ھاماقەت خەلق ئېلىپ كەلگەن ئامەتلىرىدىن پەخىرلىنىپ، ئېسىل كىمخاپ تونلارنى كېيىپ، ياسىداق ئۆيگە پەردە تارتىپ «ئەلنىڭ بەختى ئۈچۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتىمەن» دەپ نەزىر قىلىنغان قىزلار بىلەن ئەيش − ئىشرەت ھوزۇرىنى سۈرىۋەرگەن.



موللا بىلال يۈسۈپ خوجىنىڭ بۇ ساختا چۈمپەردىسىنى يىرتىپ تاشلاش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆز دەۋرىدىكى خەلقنى گۇمراھلىققا سۆرەپ كىرگەن نادانلىقنىڭ خەلققە كەلتۈرگەن پاجىئەسىنى ھېس قىلدۇرماق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلققە نادانلىقنىڭ ئادەمگە قانچىلىك ھاقارەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، قانچىلىك مەھرۇملۇقلارغا دۇچار قىلىدىغانلىقنى ئۇقتۇرماقچى بولغان. قارىغۇلارچە چوقۇنۇشنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتقان خەلققە خوجىلارنىڭ ساختا ماھىيىتىنى تونۇتۇش بىلەن ئۇلارغا سەگەك، ھوشيار ياشاشنى تەۋسىيە قىلغان.

بۇ دەۋردىكى ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش شۇ بولغانكى، خوجا − ئىشانلار ئۆزلىرىنىڭ سېھرىي ئەپسۇنىنى كۈچەپ تەرغىب قىلىۋاتقان ئاشۇ جاھالەتلىك دەۋردە بەزى ئوقۇمۇشلۇق ئەربابلىرىمىزمۇ ئۇلارنىڭ جىن − شاياتۇن دىپىغا ئۇسسۇل ئويناپ، خەلقنى بىخوتلاشتۇرۇشتا مەلۇم رول ئويناپ قالغان.



ئەۋلىياغا جان دىلى بىرلە مۇرد بولسا كىشى،

ئىككى ئالەمدە ئانىڭ ئورنى گۇلى گۇلزارىدۇر.



                                                    − نەۋبەتى



جاھان بولدى كوپپارلارغا بېھىش،

ئاڭا قىلدى، ئالەمنى راھەت سىرشىت.

جاھان ئاخىرەت بىرلە خەندان ئۇرۇر،

جاھان ئەھلىئوقباغە زىندان ئېرۇر.



كىشىگە يېتىشسە جاھان راھەتى،

چېكەر ئاخىرەتتە بەسى مېھنەتى.

كىشى چەكسە ئالەم ئارا زارلىغ،

قىلۇر ئاقىبەتتە تەڭرى دىلدارلىغ.



                                     − تورودوش ئاخۇن غەرىبى

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 09:13:09

ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىن بەھرىمەن بولۇشىغا ئىرادە قىلىنغان بۇ چەكسىز ئالەمنىڭ مەئىشىتىنى ھارام دەپ قاراشقا ئېلىپ بارغان چىكىدىن ئاشقان ئازغۇن ئىدىئولوگىيە خەلقىمىزنى قانچىلىك زور مەھرۇملۇقلارغا دۇچار قىلمىغان − ھە! بۇ خىل خاتا ئىدىئولوگىيىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان روھ تا ھازىرغىچە تېخى ئۇنىڭ زەھىرىدىن قۇتۇلالىغىنى يوق.



شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئىنتىلىشچان، ئىجادچان، تىرىشچان، كۈرەشچان روھ ئۆلگەن. ئۇلار خوجا − ئىشانلارنىڭ پېشىگە يۈزىنى بىر سۈرتۈۋېلىشنى چەكسىز بەخت − سائادەت ھېسابلاشقان. ئۇلار بەختنىڭ، ھاياتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەن. بارا − بارا ئۇيغۇرلارنىڭ مەغرۇر خاراكتېرىنىڭ ئورنىنى قۇلچىلىق ئىگىلەپ كەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى «ئات ئۈستىدە جەڭگىۋارلىق كۆرسىتىپ، تىكلىگەن نامىنى ئۇنۇتقان. بۇنىڭدىن ئىككىمىڭ يىللار بۇرۇنلا كىيىملىرىگە دەزمال سېلىپ كىيىدىغان، ئاياغلىرىغا پېتەك سېلىپ كىيىش مەدەنىيىتىگە كىرگەن، قوللىرىدا پەلەي، ئۇچىلىرىدا ساۋۇت − دوبۇلغا، ئاياغلىرىدا خۇرۇم ئۆتۈك، ئېسىل تونلارنىڭ ئۈستىدە يەنە كېپىنەك تون كېيىپ يۈرگەن ئەركەكلىرىمىزنىڭ ئەپتىنى ۋەيرانلىق باسقان. باشلىرىدا مەزھەپلىرىنى ئۇقتۇرىدىغان ئاق ۋە قارا تەقىي دوپپا ۋە ياكى كۇلا − جەندە، ئۇچىسىدا كېپەنلىك تون، پۇتلىرى يېرىلىپ تىلىم − تىلىم بولۇپ كەتكەن، يالاڭ ئاياغ، رەڭگىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان تىرىك مۇردىغا ئايلىنىپ قالغان. ئاياللىرىمىز تېخىمۇ خورلۇق ئۈستىگە خورلۇق تارتقان، ئۇلارنى ھە دېگەندە ئۆزلىرىنى گۇناھكار ھېسابلاشقا مەجبۇر قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي قىممىتىنى جارى قىلىش ئىمكانىيىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلغان. كىروران ئانا ياشىغان بۇنىڭدىن تۆتمىڭ يىل بۇرۇن پۇتلىرىغا گۈللۈك ئۆتۈك كىيگەن، ئۇچىسىغا قاتلاق گارمۇن ئىشتان كېيىپ يۈرىيدىغان، يۈزلىرىگە ئەڭلىك سۈرتۈپ پەدازنى تاشلىمايدىغان ئانىلار، قاراخانىيلار دەۋرىدە باغرىداق مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۇنيا ئاياللىرىغا باغرىداق مەدەنىيىتىنى ئۆگەتكەن ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ دەۋرگە كەلگەندە قارا چۈمپەردىنىڭ ئىچىدە خورلىنىشقا، ئىنسانىي ئەركىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولۇشقا باشلىغان. خان − پادىشاھلارنىمۇ پىسەنت قىلماي، تىپىپ يىقىتىۋېتىپ، «قىز بىلەن چېلىشما، تۇغمىغان بايتال بىلەن چېپىشما»① مۇشۇ ماقالىنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا مەھمۇد قەشقەرى مۇنداق ھېكايەت قىلغان: خاقانىيە قىزلىرىدىن بىرى نىكاھ كېچىسى سۇلتان مەسئۇدنى تېپىپ يېقىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن خاقانىيىلىكلەر ئارىسىدا سۇلتان مەسئۇد توغرىلىق بىر ماقال چىقىرىلغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1 − توم، 619 − بەت.»

   دېگەندەك تەمسىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئۇيغۇر خوتۇن − قىزلىرى خوجا − ئىشانلارغا نەزىر قىلىپ بېرىدىغان بويۇمغا ئايلىنىپ قالغان.

ئومۇمەن، يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ئىجتىمائىي − تارىخىي ۋە ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى ئېزىقىشلار، ئۇزۇنغا سوزۇلغان خورلۇق ۋە ئازاب − ئوقۇبەتلەر، تەلىم − تەربىيىدىن مەھرۇم بولۇپ نادان قېلىشلار، دۇنيادىن بىخەۋەر بېكىنمىچىلىككە ئۆزىنى بەنت قىلىشلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ئىلغار مىللىي خاسلىقىنى دەپنە قىلىشقا يۈزلەندۈرگەن.

ئۇيغۇر خەلقى ئاشۇنداق ھالسىزلانغان، تېڭىرقىغان، ئۆزلىرىنى يوقىتىپ قويغان ھالىتىدە 20 − ئەسىر بوسۇغىسىدىن ئاران − ئاران كىرگەن. بىراق، بۇ دەۋردە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆزى ئېچىلغان، دۇنيا بىلەن ئۇچراشقان، شۇڭا ئۇلار يېڭى بىر كۆز، يېڭى بىر ئىدىئولوگىيە بىلەن ئۆزلىرىگە دىئاگنوز قويۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن 20 − ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە روھنىڭ روھ ئۈستىدىكى ئىسيانى ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئىزدەش، زەئىپلىك دەستىدىن ئېڭراۋاتقان مەجرۇھ روھنى قۇتۇلدۇرۇش دولقۇنىنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. چۈنكى، خۇراپاتلىق توزىقىغا بەنت بولغان، قۇللۇق زەنجىرىدىن قۇتۇلۇشقا ئىمكان تاپالمىغان خەلق نىدا قىلماقتا ئىدى. ئەگەر بۇنداق نادانلىق ۋە ئازغۇنلۇق داۋاملىشىۋەرسە، خەلق ھەرگىزمۇ چىقىش يولىنى ۋە ئىستىقبالىنى تاپالمىغان بولاتتى. بۇ خىل ئېغىر تەقدىرنى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرگەن، روھى بالدۇرراق ئويغانغان ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلارنىڭ يۈرىكى ئەلەم زەرداپلىرى بىلەن ئۆرتەندى. ئۇلار ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان، مەنىۋى ئىللەتلەر تورىغا بەنت بولۇپ ئېڭراۋاتقان، جان تالىشىپ تىپىرلاۋاتقان روھنى كېسەلدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئاتاشتى. شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئاقارتىش ھەرىكىتى باشلاندى. خەلققە ھەق − ناھەقنى تونۇتۇش، ۋۇجۇدىدىكى يامان، مەرەز كېسەلنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلىشتى. بىز بۇ خۇسۇستا پەقەت ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ 20 − ئەسىرنىڭ 21 − يىللىرى يازغان «ئـۇيغۇرۇم» دېگەن دىئاگنوز خاراكتېرلىك شېئىرىدىن ئازغىنە مىسال ئېلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىمىز:



جاھالەت سەمەرىسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ خاتا باردۇر،

ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرسىدە ساپا باردۇر؟



...................



خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بولۇپ قالسا،

يوشۇرماي بىرگە ئونىنى قوشۇپ چاققانىمىز باردۇر.



خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم كامدۇر،

قوۋلۇق − شۇملۇق بىلەن رەڭمۇرەڭ يالغانىمىز باردۇر.



ئىلىم − پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۈزەر سۇدا،

مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.



بوۋىلار شۆھرىتىنى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،

قېلىپ غەپلەت − جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز، پو ئاتقانىمىز باردۇر.



ھۈنەر بىلەن سانائەتتە يېتىشتۇق، بولدى ئىش پۈتتى،

ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا ھېجىر قۇيغانىمىز باردۇر.



...................



قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋەيا ئۆزى قىلالماسلىق،

قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.



ئەل يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچە دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،

كېلۇر بىر كۈن، ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشايمانىمىز باردۇر.



ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى، ئۆز پاجىئەسىگە سايە بولۇۋاتقان ئىللەتلەر بۇنىڭدىنمۇ ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلمەس. بۇ تىرىشچانلىقلار يوقۇلۇشقا يۈز تۇتقان مىللىي خاسلىقنى ئويغىتىش، ئۆزلىرىنى قايتا تونۇتۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇنۇشلارنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى.





تۈگىدى






مەنبە: ﻳﺎﺭﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺗﺎﮬﯩﺮ ﺗﯘﻏﻠﯘﻗﻨﯩﯔ «ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻠﯩﺸﯩﺸﻤﯘ ،ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻤﯘ؟» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮى

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 18:49:51

6511 قېتىم كۆرۈلۈپتۇ، لېكىن بىرمۇ ئىنكاس يېزىلماپتۇ...



مەرھۇمنىىڭ قەدرى يىللاردىن كېيىن بىلىنىشى مۇمكىن. بىر چاغلاردا «قۇتادغۇبىلىك بولمىسا، بۇ ئادەم نېمىمۇ يازار بولغىيتتى» دىگەندەك پاراڭلارنى قىلغانلارمۇ بولغان.

بىزدە بۇ خىل تېراگىدىيە داۋاملىق تەكرارلانسا بولمايتتى...

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ قەدرىگە يەتمەپتۇق، كەتتى، بىز يىغلاپ قالدۇق. يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇقمۇ ياشلا كېتىپ قالدى، «ئسىت» دەپ قالدۇق.

ھاياتلارنىڭ قەدرىگە يېتەيلى، تىرىكلىكىدە قەدرىنى قىلايلى، ئۆلۈم ھەركىمنىڭ بېشىدا ئەگىپ يۈرۈيدىكەن.

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2014-4-15 16:54:40

موشۇ تىمامنى ئىزدەۋاتاتتىم{:112:}
بەت: [1]
: مـەدەنىيلىشىشمۇ، ياتـلىشىشمۇ؟~(يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق)