zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-14 13:21:36

ئىلى دەريا كۆۋرۈكى كەچمىشىلىرى ..

ئىلى دەرياسى--مىھرى ئىللىق دەريا،ئىككى قىرغاقتىكى خەلىقنى بىقىپ كىلۋاتقان ئانا دەريا،ئىلى دەرياسى شۇنداقلا تەلۋە دەريا،ھەر يىلى كەلكۈن پەسلى كەلگەندە بۇ دەريا ئىككى قىرغاقتىكى سازلىق،ساھىل چاتقاللارنى ھەتتا كىشىلەرنىڭ ئويلىرىنمۇ سۇغا غەرىق قىلىدۇ،مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىلى دەرياسى ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ بېرىشى كىلىشگە تۇسقۇنلۇق قىلىدىغان تۇساق بۇلوپ كەلگەن ئىدى ،مىڭ يىللاردىن بىرى ئىككى قىرغاقتىكى كىشىلەر قۇي تىرىسىدىن ياسالغان سال بىلەن دەريادىن ئۇتۇپ ئۇزئارا بىرىشى كىلىشى قىلىپ كەلگەن چىڭ خاندانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە ئىلى دەرياسىدا كېچىك بەرپا قىلىنىپ ئات ھارۋا ۋە پىيادىلەر مۇشۇ كېچىكتىن قارشى تەرەپكە ئۆتەتتى.ئۇتكەن ئەسىرنىڭ 40-يللىرىغا كەلگەندە كېچىككە پولات سىم ئارغامچىلار باغلىنىپ .سۇ كۈچى بىلەن ئىلگىرلەيدىغان كېچىك كىمىسى قاتناش قۇرالى قىلىنغان ،ماشنىلارمۇ كېچىك كىمىسى ئارقىلىق دەريادىن ئۇتكۈزىلگەن تاكى 60-يىللار كەلگىچە ئىلى دەرياسىدىن ئۇتۈشتە كېچىك كىمىسى ئىشلىتىلگەن .بىراق ھەر قىتىم دەرياغا كەلكۈن كەلگەندە كېچىك كىمىسى قاتناشتىن تۇختىتاتتى،دەريادىن ئۆتمەكچى بۇلغانلار غۇلجا شەھىرىدە تۇرۇپ قىلىپ كەلكۆننىڭ تۇختىشىنى ساقلاشقا مەجبۇر بۇلاتتى،ئىككى قىرغاقتىكى كىشىلەرنىڭ بىرىشى -كېلىشىنىڭ كۇنسىرى كۇپىيىشىگە ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ئىلى دەرياسىغا كۆۋرۇك ياساش چۈشى رېئاللىققا ئايلاندى .   

1971-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلوق قاتناش مىنىستىرلىكى ئىلى دەرياسىدا ئۆلچەش-سزىش ،ئۇرۇن تاللاش ئىلىپ بېرىپ ،قۇرۇلۇش باشلاندى ۋە 1975-يىلى قۇرۇلۇش تاماملىنىپ قاتناش باشلاندى ،كۆۋرۇكنىڭ ئۇمۇمىي ئۇزۇنلىقى 300مىتىر،قۇش ئەگمىلىك بۇلوپ كۇۋرۇك ئاستىدىن پاراخۇت ئۆتەلەيتتى،بۇ ئەينى چاغدىكى ئىلىدىكى ئەڭ چۇڭ كۇۋرۇك ھىساپلىناتتى.

پىشقەدەملەر ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:شۇ يىلى ئىلى دەريا كۇۋرىكىدە قاتناش باشلانغان كۇنى ،دەريانىڭ ئىككى قىرغىقى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بۇلوپ،ئىككى قىرغاق قاتناش باشلانغانلىقىنى كۇرۇش ئۇچۇن يىراق يىقىندىن كەلگەنلەر بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئىدى.

ئىلى ئۇيغۇر ياشلىرى تۇي مەرىكىسىدە چۇقۇم بىرىشقا تىگىشلىك بىر جاي بار ئۇ بۇلسىمۇ ئىلى دەرياسى چۇڭ كۆۋرىكى كۇن پاتارغا يىقىن قىز كۇچۇرۇپ ماڭغان تۇي ماشنىلىرى خۇشال ناغرا سۇناي ئىچىدە شەھەرنى ئايلىنىپ ئاخرى تۇي خاتىرىسى سۇپىتىدە رەسىمگە چۇشۇش ئۇچۇن ئالايتەن ئىلى دەرياسى كۇۋرىكىگە بارىدۇ تۇيلوق كىيىم كىيىگەن قىز يىگىتنىڭ كۇۋرۇك ئۇستىدە تۇرغان ھالىتى خۇددى بىر گۇزەل مەنزىرىدەك ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تاتماي قالمايدۇ ،قىسقىسى  ئىلى دەريا كۆۋرىكى ئىلىلىقلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھىسياتىغا ئەنە شۇنداق سىڭىشىپ كەتكەن ,.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەزمۇت قەد كۇتۇرۇپ تۇرغان بۇ چۇڭ كۇۋرۇكمۇ يىللارنىڭ ئۇتىشى بىلەن كۇنىرىدى ،كۇۋرۇكنىڭ ئىككى قىرغىنقىنىڭ ئىقتىسادى تازا تەرەققى قىلغان مەزگىلىدە كۇۋرۇك يۈزىنىڭ كەڭلىكىنىڭ مۇۋاپىق بۇلماسلىقى كۇتۇرۇشچانلىقى تۇۋەن بۇلوشتەك بىر قاتار نۇقسانلارمۇ كۈنسېىرى كۆرۇلوشكە باشلىدى يۈك ئاپتۇمۇبىللىرىمۇ ئۇتكەندە كۇۋرۇكنىڭ يىنىڭ دەرجىدە سىلكىندىغانلىقى بايقالدى ،ئىلى دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىغا ئۇت ئىلىكتىر ئىستانسى قۇرۇلغاندىن كىيىن كۇمۇر باسقان ئاپتۇمۇبىللارنىڭ ھىلىدىن -ھىلىغا ئۇتۇشى ،كوۋرۇكنىڭ بىسىمىنى تېخمۇ ئاشۇرۋەتتى ،2004-يىلى ئىلى دەرياسى چۇڭ كۇۋرۇكىنىڭ غەربىگە ئانچە يىراق بۇلمىغان تۇۋەنكى ئېقىنىدا ئىلى دەريا ئىككىنچى كۆۋرىكى ياساش قۇرلىشى باشلىنىپ 2007-يىلىغا كەلگەندە كۆۋرۇ پوتۇپ قاتناش باشلاندى ،كۆۋرۇك يۇزىنىڭ ئۇمۇمىي ئۇزۇنلىقى 1580مىتىر ،كەڭلىكى 27مىتىر بۇلوپ بۇ كۇۋرۇك شىنجاڭدىكى ھازىرقى تۇۋرۇك ئارلىقى ئەڭ كەڭ بۇلغان پولات قۇرۇلمىلىق كۇۋرۇك ھىساپلىنىدۇ ئىلى دەرياسى ئىككىنچى كۇۋرۇكىدە قاتناش باشلاندىن كىيىن ئەسلىدىكى ئىلى دەرياسى كۇۋرىكىمۇ تۇلوق بىر يىل رېمۇنىت قىلىنىپ كۇۋرۇك ئەگمىسى ۋە كۇۋرۇك يۇزى تىخمۇ مۇستەھككەملىنپ كۇۋرۇكتە كىچىلىك مەنزىرەكۆپەيتىلدى ،كۆۋرۇكتىن ئۇتىدىغان ماشنىلارنىڭ ئغىرلىقىغا چەك قۇيۇلدى رىمۇنىت قىلىنىپ بولۇنغاندىن كىيىن ئىلى دەرياسى چۇڭ كۇۋرىكى ھاياتى كۈچىنى يېڭىباشتىن نامايەن قىلدى .

يىللار تىۋىشسىز ئۆتىۋەردى ،ھەيۋەتلىك ئىلى دەرياسى ۋە ئىلى دەرياسى چۇڭ كۆۋرىكىنىڭ ئىلى خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئۇرنى مەڭگۇ ئۇزگەرمەي ،مەيلى نەگىلا بارسۇن ئۇنى ئۇنتالمايدۇ.

ئاپتۇرى (گۇ شىنيۇڭ)

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-6-14 14:53:39

زىمىن بۇرادەرنىڭ يوللانمىلىرىنى ئوقۇمىغىلىمۇ ئۇزاق بوپتۇ، بۇ بۇرادىرىمىزمۇ قايتىپ كەپتۇ، ھارماڭ توردشىم.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 15:23:26

سىزنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن ئاكا مۇنۇ مۇنبەردە....

بەت: [1]
: ئىلى دەريا كۆۋرۈكى كەچمىشىلىرى ..