پارىژ خاتىرىلىرى3
ئەسسالام ئىزدىنىش ئەھلى ،ئىزدىنىش ئاخىرى قاايتا ئېچىلىپتۇ ئالدى بىلەن كۆپچىلىك بىلەن قايتا دىدارلاشقىنىمدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 4ئايىنىڭ ئالدىدا باشلىغان پارىژ خاتىرلىرى ناملىق تېمامنىڭ ئاخىرىنى يېزىپ كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرلىنىشىغا سۇندۇم،بۇ قېتىم كۆپ گەپ قىلىپ يۈرمەي ،مۇشۇ بىر قانچە ئاينىڭ ياقى پارىژ شۇنداقلا فىرانسىيەنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ خېلى كۆپ سۈرەتلەرنى تارتىپتىمەن، كەسپى بولمىسىمۇ باشلانغۇچ سەۋىيەسىدىكى Canon Eos 1000D ماركىلىق تاق يۆلىنىشلىك فوتو ئاپاراتىدىن بىرنى سېتىۋالدىم،ئەلۋەتتە ئۆزۈمنىڭ سەۋىيەرىم تايىنلىق،شۇنداقتىمۇ كۆپچىلىك ئەيىپكە بۇيرۇماي ھوزۇرلۇنۇپ باقارسىلەر
ئالدى بىلەن پارىژنىڭ كېچىلىك مەنزىرلىرىدىن بىر قانچە پارچە:
زەپەر دەرۋازىسىنىڭ ئىچىدىن بىر قانچە كۆرۈنۈش:
ئېففىل تۈمۈر مۇنارى
كېچىلىك كوچا مەنزىرسى
بۈۋى مەريەم ئانا چېركاۋى
سەين دەرياسىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى
ئوڭ تەرەپ <<لۇۋىر>>مۇزىيى...
يولدا كېتىۋېتىپ توساتتىن بۇ خەتنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم، توۋا دەپ قالدىم قايسى <<ئادىل>> ئىسىملىك بىر بۇرادەر سەين دەرياسى بويىدىكى بۇ يەرگە ئىسمىنى يېزىپ قويدىكىنا؟؟؟؟؟ئەمما بۇ خەتنى راستىنلا مەن يازمىغان
لۇۋىر مۇزىيى
مۇزىي ھويلىسىدىكى فىرانسىيە پادىشاھى لۇئىي مانچىنچىنىڭ ھەيكىلى ئىكەن، قانچىنچىلىقى مېنىڭمۇ ئېسىمدە قالماپتۇ
ئەمما ھاۋا ئوچۇق بولغان بولسا ما رەسىم پەيزى چىقاتتى
ئۆزۈمچە ھېسياتىم كېلىپ قېلىپ تارتىپ باقتىم
پارىژ شەھىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىز يەرگە جايلاشقان چېركاۋمىش...بۇ ئېگىزلىكتىن پارىژنىڭ ھەممە يېرىنى كۆرەلەيدىكەنسىز
سەيىن دەرياسىدىن <<لۇۋىر>>ئوردىسىغا نەزەر
بۈۋى مەريەم ئانا چېركاۋىنىڭ ئىچىدىن بىر كۆرۈنۈش
چېركاۋنىڭ ئالدى...
بۇ خەق رومانتىكلىقتا سەل ئېشىپ كەتكەنمۇ قانداق،بۇ كۈنى ھاۋامۇ خېلى سوغۇقتى ئەمما بۇ يىگىت دەريا بويىدا يەنە كېلىپ شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ قايناق يەردە ئولتۇرۇپ كىتاپقا كىرىشىپ كېتىپتۇ دېسە...
تۆۋەندىكىلىرى ئۆزۈمچە تارتىپ باققان سۈرەتلىرىم
ئاخىرى بار
ئاۋۇ ساياھەت خاتىرىسىنىڭ بىرىنچى ئىككىنچىسى نەدە ؟
كونا ئادىتىم بويىچە تېمىغا بىرەر ناخشا قوشۇپ يوللىغان، ئەپسۇس كومپيۇتىرىمدا چاتاق چىقتىمۇ بىلمىدىم ناخشىنى ئۇلىنىش قىلسام چىقمىدى بىرەرسىڭلار ياردەم قىلىپ ئىنكاس شەكلىدە بۇ ناخشىنى قىستۇرۇپ بەسرەڭلار بوپتىكەن رەھمەت.
ئاىدىرسى:http://94.media.v4.skyrock.net/music/941/8ce/9418ce01756ceec7c3ed63049d253698.mp3
داۋاملىق ئەمىسە...
رېپۇبلىك مەيدانى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئەركىنلىك ھەيكىلى
يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىىغان فىرانسىيەنى ئايلىنىش ۋېلسىپىت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىقى بولسا كېرەك
فىرانسىيەنىڭ شىمالى،نورماندىيە ئۆلكىسى:
دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقى ئەنگىلىيە
بۇنداق مەنزىرسى گۈزەل يەردە ياشىاشنىڭ ئۆزى بىر ھوزۇردە
ئاپاراتىمنىڭ كامىراسى يەنە بىرئاز ئۇزۇنراق بولغان بولسا كاشكى...ئارلىق بەك يىراق بولغاچ بۇ بېلىقچىنىڭ چىرايىنى ئېنىق تارتالمىدىم
پارىژ شەھىرىدىكى يېڭى <<زەپەر دەرۋازىسى>>
پارىژدىن يىراق بولمىغان ۋېرسال ئوردىسى
ئاخىرىدا زەپەر دەرۋازىسىنىڭ رەسىمى بىلەن تېمامنى ئاخىرلاشتۇراي كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرلىنىپ بەرگەنلىكىڭلارغا كۆپ رەھمەت،خەير خوش كېلەر ساندا كۆرۈشەيلى
ئۇچۇۋاتقان بىر قۇش بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىدىكى دېڭىزنىڭ رەسىمى پىچەت چىقىپتۇ، ساقلىۋالدىم
دېڭىز بويىغا بېرىپ بىر ساياھەت قىلسام دەيمەن ...
دېڭىز بويى بەكلا چىرايلىق ئىكەن، بىزمۇ بۇ يەردە يوقىغا كايىماي، بارىدىن پايدىلىنىپ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرسىدىكى سۇ ئامبىرىنىڭ بويىدا دېڭىز بويىدا ئايلانغاندەك ئايلىنىپ قويىمىز. يوۋ ............ ما بالا كەسپى پوتوگرافكەن ... رەسىملەر نوچى چىقىپتۇئاۋۇ ناخشا ........توختېماي ئاڭلاپ كەتتىم. شۇ ناخشا توغۇرلۇقمۇ ئازراق ئۇچۇر يوقمۇ؟
ھە راسىت بۇ ساياھەت خاتىرسى، رەسىملەر بەك ئېسىل چېقىپتۇ، رەھمەت تېما ئېگىسىگە، ھارمېغايسىز!!!!!
ئەجەپ ئىچىم قىزىدى، مەن بېرىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان جاينىڭ بىرى-دە بۇ... راست رەسىملەرنى ھەقىقەتەن ياخشى تارتىپسىز، تەسۋىر چۈشۈرۈشكە ئىپىڭىز بار ئىكەن، ھەممە نەرسىنىڭ تەبىئىي ھالىتى ئەڭ جەلىپ قىلارلىق!
سىز پارىژدا تۇرىۋاتقىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان ئىش قايسى؟ ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن قانچىلىك پەرق بارلىقىنى ھېس قىلدىڭىز؟ يۇرتتا شەكىللەندۈرگەن مىللىتىمىزنىڭ بىر قىسىم ئۆرپ- ئادەتلىرىنى پارىژدا داۋاملىق ساقلاپ قالالىدىڭىزمۇ؟ يېڭىچە قوبۇل قىلغان مەدەنىيەت ئېڭى بارمۇ؟... ھازىرچە مۇشۇنچىلىك سوراپ تۇراي. بۇ پەقەت قېرىنداشلارچە ئەركىن پىكىر ئالماشتۇرۇش، كۆز قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلىغۇم بار.
سەيىن دەرياسى دېگەننى سىنا دەرياسى دەپ ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز.
ئۇيغۇرچىسى سىنا، فرانسۇزچىسى لا سەننې.
سىېيىن دەرياسى ئەمەس <غايىن > دەرياسى دەپ ئوقۇلامدۇ يا ؟ La seine بۇ فرانسۇزچىدىمۇ سەيىن دەپ ئوقۇلىدۇ،سىزنىڭ دېگىنىڭىز Rhin(رېيىن دەرياسى)مۇ يا؟ بۇنى فرانسۇزچە <<غەڭ>> دەپ ئوقۇيدۇ،رېيىن دەرياسىمۇ فىرانسىيە دىن كېسىپ ئۆتىدۇ،ئەمما ئاساسلىقى گېرمانىيە چىگرىسى ئىچىدە ئاقىدۇ،پارىژدىن كېسىپ ئۆتىدىغىنى شۇ سەيىن دەرياسىنەقىل
ئەجەپ ئىچىم قىزىدى، مەن بېرىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان جاينىڭ بىرى-دە بۇ... راست رەسىملەرنى ھەقىقەتەن ياخشى تارتىپسىز، تەسۋىر چۈشۈرۈشكە ئىپىڭىز بار ئىكەن، ھەممە نەرسىنىڭ تەبىئىي ھالىتى ئەڭ جەلىپ قىلارلىق!
سىز پارىژدا تۇرىۋاتقىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان ئىش قايسى؟ ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن قانچىلىك پەرق بارلىقىنى ھېس قىلدىڭىز؟ يۇرتتا شەكىللەندۈرگەن مىللىتىمىزنىڭ بىر قىسىم ئۆرپ- ئادەتلىرىنى پارىژدا داۋاملىق ساقلاپ قالالىدىڭىزمۇ؟ يېڭىچە قوبۇل قىلغان مەدەنىيەت ئېڭى بارمۇ؟... ھازىرچە مۇشۇنچىلىك سوراپ تۇراي. بۇ پەقەت قېرىنداشلارچە ئەركىن پىكىر ئالماشتۇرۇش، كۆز قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلىغۇم بار.
رەھمەت،مېنىڭمۇ شۇنداق بىر نەرسىلەرنى يېزىپ باققۇم كېلىدۇيۇ،يازالمايدىكەنمەن،مۇشۇ يېزىقچىلىققا خاملىقىم مېنىڭ ئاللاھ خالىسا كېيىنچە بۇ توغرىلىق يازىدىغانمۇ بوپ قالارمەن
سىز ئايال زاتىمۇ ياكى رەسىمدىكى سىزنىڭ قولىڭىزمۇ؟؟؟؟؟قارسام .ئەر زاتىغا ئوخشىايدۇ؟؟
ئۆزىڭىزنى ئەپ قاچماڭ، بەكلا كەمتەر ئىكەنسىز... مۇنۇ پارىژ خاتىرىلىرىنىڭ ئۈچىلى قىسىمىغا ئىشتىراك قىلغانمەن. شۇنداق ياخشى يېزىپسىزكەن. مەن ئۈستىدە سورىغانلارغا قارىتا چوقۇم يازغۇچىلارغا خاس قەلەم ئىقتىدارى تەلەپ قىلىنىپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلايمەن، قانچىكى تەبىئىي يېزىلسا شۇنچە ياخشى...
1000D دەڭلار !!!ئاپرات ئىسىلغۇ ئادىلجان ، خەلق پۇلىغا قانچە پۇلغا ئالدىڭلار ؟ فىرانسىيەدىن ئالغانمۇ يا؟
ئاۋۇ بېلىقچىنىڭ چىرايىنى تارتىمەن دەپ ئاز ئۆتمەي تىخىمۇ ئۇزۇن فوكۇسلۇق باشتىن بىرنى ئالىمەن دەڭلار ئەمدى.
مىنڭمۇ قاچان مۇشۇنداق ئاپراتىم بولار. كەسپى سۈرەتچى بولمىساممۇ بىرنى ئېلىپ ئوينىسام دەيمەن.
ئامان بولۇڭ !!!!!!!!!!!!!!!!!!
نەقىل
ئاۋۇ ناخشا ........توختېماي ئاڭلاپ كەتتىم. شۇ ناخشا توغۇرلۇقمۇ ئازراق ئۇچۇر يوقمۇ؟
ھە راسىت بۇ ساياھەت خاتىرسى، رەسىملەر بەك ئېسىل چېقىپتۇ، رەھمەت تېما ئېگىسىگە، ھارمېغايسىز!!!!!
ئاداش پۇل بولسا بېرىپ تۇرۇڭلار ، مەنمۇ ئانداق ئاپراتتىن بىرنى سېتىۋالاي دىگەن. ئاندىن مەن سىلىگە تېخىمۇ كۆپ رەسىملەرنى يوللاپ بېرىمەن. ھا اھا
ئىچكىرى-پىچكىرىگە ساياھەت دەپ پۇل ئىسراپ قىلغۇچە، شۇ پۇللارنى بىراقلا يىغىپ مۇشۇ ياۋروپاغا بېرىپ بىر ئون كۈن ئايلىنىپ كەلسە بولىدىكەن.
سۈرەتلەر ھەقىقەتەن ئېسىل چىقىپتۇ.
تۇرمامدۇ ئەنە باشقا تېمىلىرى دىگەن يەردە
پارىژ خاتىرىلىرى2
http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=40134
پارىژ خاتىرىلىرى(ئادىل621)
http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=40099
داۋامى بارمۇ ياكى تۈگىدىمۇ؟مۈمكىن بولسا فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان،جۈملىدىن پارىژدا ئوقۇۋاتقانلار قىرىنداشلىرىمىز، ئايتۇغ تېمىسىدا تىلغا ئالغان ھىلىقى ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا يىغىلىپ،بىرەر پارچە رەسىمگە چۈشۈپ يوللاپ قويۇڭلار.پارىژدا ئىچىلغان ئۇيغۇر ئاشخانىسى ۋە ئوقۇۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنى كۆرەيلى.ئايدا بىرەر كۈن شۇ ئاشخانىغا يىغىلىپ،كىچىك تىپتىكى مەشرەپ ئۇيۇشتۇرساڭلار،ئاۋۇ ھاجىم ئاكىمىزمۇ رەت قىلماس دەيمەنغۇ؟