ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘﮔﯘﻥ (6 ئاينىڭ 10 كۈنى )
) Andre-Marie Ampere,1775 - 1836ئامپىر (
ئامپىر 1775 - يىلى 1 - ئايدا فىرانسىيىدىكى لىوندا تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى كىچىك سودىگەر بولۇپ، پۈتۈن خىيالىدا ئۆزئوغلىنى بىلىملىك ئادەم قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئويلىغان . ئامپىر مەكتەپتە ماتېماتىكىنى ناھايىتى ياخشى ئۈگەنگەن . فىرانسىيە زور ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ دادىسى لىوندىكى يۇرتىغاقايتىپ كەتكەن . ئائىلە تۇرمۇشى يار بەرمىگەنلىكتىن، ئامپىر مەكتەپتىن چىقىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان . كېيىن مىڭ تەسلىكتە يەنە لىونغا قايتىپ ئوقۇشقا كىرگەن .
بىر نەچچە يىلدىن كىيىن، ئۇ ئىھتىماللىق نەزەرىيىسىگە ماتىماتىكىلىق ماقالە ئېلان قىلىپ، شۇچاغدىكى فىرانسىيە ئىلىم - پىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان . 1809 - يىلى ئۇ پارىژ ھۆنەر - سەنئەت ئىنىستىتوتىدا ماتېماتىكا فىروفېسسورى بولۇپ كېيىن فىرانسىيە ئىنىستىتوتىنىڭ فىروفىسسورى بولغان .
ئامپىر ئۇ ئىرىستىتنىڭ توكنىڭ ماگنىتلىق تەسىرىنى تاپقانلىقىغا ناھايىتى قىزىقىدۇ . ئۇ ئىرىستىتنىڭ تەجرىبىسىنى قايتا ئۆيكۈزۈپ، توك ئىقىمىنىڭ ئۆتكۈزگۈچ جىسىمدىن ئۆتكەن چاغدا ھاسىل قىلىدىغان ماگنىتلىق تەسىرىنى دەلىللەش قارارىغا كىلىدۇ . سانسىزلىغان تەجرىبىلەر نەتىجىسىدە ، ماگنىت ئىستىرىلكىسى بىلەن توك ئىقىمىنىڭ يۆلىنىشى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىنىقلايدۇ . تەجرىبە داۋامىدا ئۇ بىر تال تۈمۈر يىڭنىنى بىر دۈگىلەك دائىرە ئىچىگە قويۇپ ئۆتكۈزىدۇ ، بۇچاغدا تۈمۈر يىڭنە ماگنىتلىنىدۇ . بۇقارىماققا ئاددىي تەجرىبە بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭغا ئامپىرنىڭ نۇرغۇن يۈرەك قىنى سەرپ بولغان .
1823 - يىلى ، ئۇ "ئىلىكتىر ماگنىت تەلىماتى" دىگەن كىتاپنى ئېلان قىلىدۇ . بۇ كىتاپ ياۋروپا بويىچە ناھايىتى داڭ چىقىرىدۇ . 1826 - يىلى ئۇ يەنە "ئىلمىنتلار توك تەلىماتى" نى ئېلان قىلىپ، شۇچاغدىكى ماگنت بىرخىل ئالاھىدە ماددا دىگەن سەپسەتىنى بىت چىت قىلىۋەتكەن .
ئامپىرنىڭ قىزىقىدىغانلىرى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، فىزىكا ۋە ماتېماتىكىنىلا تەتقىق قىلىپ قالماي، پەلسەپىنىمۇ تەتقىق قىلغان ئىدى . ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پەنلەرنىڭ تۈرلىرىنى تەتقىق قىلدى . ئۇ 1836 - يىلى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 61 يېشىدا ۋاپات بولغان .