tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-6-9 15:46:30

«ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى

«ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى



«ئوغۇزنامە» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمقى دەۋرلەردىكى قەھرىمانلىق داستانى بولۇپ، نەسرىي ئۇسۇلدا قەدىمقى زامان قەھرىمانى ئوغۇزخاننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە قەھرىمانلىق كۆرسىتىش، تۆھپە يارىتىش جەريانلىرى ئاساسى ھىكايە ۋەقەلىكى قىىلىنغان. ئايرىم جايلىرىدا نەزمىي بايانمۇ ئۇچرايدۇ. داستان دەسلەپتە رىۋايەت شەكلىدە خەلق ئارىسىدا تارقالغان بولۇپ، ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخىي جەريانلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزىش جەريانىدا ئۆزىگە ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى سىڭدۈرۈپ، مەزمۇن جەھەتتە تولۇقلىنىپ، بەدىئىلىكى مۇكەممەللىشىپ بارغان. داستان كېيىنكى مەزگىللەردە قادىمقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا قەلەمگە ئېلىنىپ، ئۇيغۇر قەدىمقى زامان يازما ئەدەبىياتىمىزنىڭ نەمۇنىسىگە ئايلانغان.


«ئوغۇزنامە» داستانىنىڭ A نۇسخا دەپ قارىلىۋاتقان قەدىمقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرىلگەن نۇسخىسى ھازىر فرانسىيىنىڭ پۇقرالار كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. نومۇرى Sapul tus1001 . جەمىي 21بەت (42 ياپراق) ھەر بىر ياپراقتا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ يازما شەكلىدە يېزىلغان 9 قۇردىن خەت بار. ئەسەرنىڭ 1- 3 – قۇرلار ئارىلىقىدا بۇقا رەسىمى، 6 – بېتىدە قىئاتنىڭ رەسىمى بېرىلگەن. ئەسەرنىڭ بەزى بەتلىرى نەملىك تەسىرىدىن بۇزۇلغان، 17- ۋارىقى يىرتىلغان، 36- بەتتىكى بەزى ئۆچۈپ كەتكەن خەتلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 40- بەتتىن بىر يېرىم قۇر، 42- بەتتىن ئاخىرقى ئىككى قۇر ئوقۇشقا بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان. لېكىن بۇ داستاننىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى چۈشىنىشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.


  داستاننىڭ يۇقىرىقى نۇسخىسىدىن باشقا يەنە تۈركىيىدىن بايقالغان نەزمىي نۇسخىسى، ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ خەلق داستانى «دەدە قۇرقۇت» چۆچىكىدە ساقلانغان نۇسخىسى، 14 – ئەسىردىكى فارىس تارىخچىسى راشىدىنىڭ « تارىخنامە »، 15- ئەسىردە ياشىغان شەرەپىددىن ئەلى يەزدىنىڭ «زەپەرنامە» ۋە ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش مىرزا ئۇلۇغبېكنىڭ «تارىخى ئەربەئى ئۇلۇس »(«تۆت ئۇلۇس تارىخى ») ، 15- ئەسىردىكى بەلىخلىق تارىخچى خاۋەند شاھ مىرخۋاندنىڭ « رەۋزە تۇسساپا»، 16-ئەسىردىكى تارىخشۇناس مىرزا مۇھەممەت ھەيدەرنىڭ« تارىخى رەشىدى »، 17- ئەسىردە ياشىغان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخچىسى ئوبۇلغازىنىڭ «تۈركلەر شەجەرىسى » قاتارلىق تارىخى ئەسەرلىرىدە بۇ داستاننىڭ ھەر خىل ۋاريانتلىرى ساقلانغان. يەنە 19- ئەسىردە ياشىغان يەركەنلىك ئەدىپ موللا مۇھەممەت نىيازنىڭ «قىسسەسۇل غارايىپ» ناملىق ئەسىرىدە، موللا مىر سالىھ قەشقەرىنىڭ « تارىخى قەشقەر» ناملىق ئەسىرىدە ۋە 20 – ئەسىردە موللا موسا سايرامىنىڭ « تارىخى رەشىدى » قاتارلىق كىتاپلىرىدا ئوغۇزخان ھەققىدىكى بايانلارنى كۆرىمىز. ئېيتىشلارغا قارىغاندا « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ ھازىر ئېنىقلانغان ھەر خىل ۋاريانتلىرى 30 نەچچە خىل بولۇپ، بۇ ۋاريانتلارنى يىغىش، رەتلەش ۋە ئىلمىي ھالدا خۇلاسە چىقىرىش بىزنىڭ « ئوغۇزنامە » تەتقىقاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىشىمىزدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايمىز.


چەتئەللەردە 19–ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا « ئوغۇزنامە » ھەققىدىكى تەتقىقاتلار باشلىنىپ كەتكەن. ئەڭ بۇرۇن گوللاندىيىلىك دېتىزDietz) داستاننىڭ بىر قىسمىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن ئۇنىڭدىن كېيىن رادلوف W·W·Radloff، رىزا نۇر Riza·Nur ، پىللىئوت P·Pelliot)、، باڭ W·Bang ، رەشىد رەخمەتى ئارات G·R·Rachmati ،شېرباك[ 11]A·M·Sherbak ، زەكى ۋەلىدى توغان ((A.Zeki Velidi togan زۇھەل ئۆلمەز ((Zuhal Olmez قاتارلىقلار ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بۇ ئەسەرنىڭ فرانسىيەدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىسى ۋە باشقا ۋاريانتلىرى ئۈستىدە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى.


مەملىكىتىمىزدە ئەڭ دەسلەپ بۇ ئەسەر ئۈستىدە رەتلەش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان كىشى گېڭ شىمىن ئەپەندى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇ 1976- يىلى تۈزگەن « قەدىمقى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇقى » (دەرسلىك) تە بۇ ئەسەر ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش ۋە ترانسكىرىپسىيە بېرىلگەن. 1979 – يىلى ئابدۇشۈكۈر تۇردى ۋە خاۋ گۇەنجوڭ بىرلىكتە داستاننىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە تەرجىمىسى ۋە ترانسكىرىپسىيەسىنى ئېلان قىلدى. 1980- يىلى تۇرغۇن ئالماس « بۇلاق » مەجمۇئەسىدە داستاننىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ، يەنە شۇ يىلى گېڭ شىمىن تۇرسۇن ئايوپ بىلەن بىرلىشىپ بۇ داستاننىڭ ئۇيغۇرچە يەككە نۇسخىسىنى نەشر قىلدۇردى. 1982 – يىلىغا كەلگەندە گېڭ شىمىن ئەپەندى يەنە داستاننىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى 1986 – يىلى ماكەن بىلەن بىرلىشىپ قازاقچە نۇسخىىسىنى ئېلان قىلدى. 2006- يىلى گېڭشىمىن ئەپەندى ئەسلىدىكى « قەدىمقى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇقى »( ماي باسما) ئاساسىدا «قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇقى »نى نەشر قىلدۇردى. بۇ كىتاپتا ئوغۇزنامەھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان فاكسىمىلى، ترانسكىرىپسىيىسى، سۆزلۈك، گرامماتىكىلىق ئىزاھات قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.


« ئوغۇزنامە » تەتقىقاتى دېتىسنىڭ 1815 – يىلى داستاننىڭ بىر قىسىم نېمىسچە تەرجىمە نۇسخىسىنى ئېلان قىلدۇرغىنىدىن باشلىغىنىمىزدا ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزدى. گەرچە چەتئەل ئالىملىرنىڭ تەتقىقاتى ئەڭ دەسلەپ تەرجىمە، ترانسكىرىپسىيە، تونۇشتۇرۇشتىن باشلانغان بولسىمۇ، بارا – بارا لېكسىكىلىق بىرلىكلەرنىڭ ئېتمولوگىيەسىنى ئېنىقلاشقىچە، داستاندا ئىپادىلەنگەن تارىخ، مەدەنىيەت، جەمىيەتشۇناسلىق، دىن، ئەدەبىيات مەزمۇنلىرىنى سېلىشتۇرما تەتقىقات نۇقتىسىدىن يورۇتۇپ بېرىشكە چوڭقۇرلىدى. بۈگۈنكى كۈندە چەتئەللەردە ئېلىپ بىرىلغان بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار بىزنىڭ مەزكۇر تەتقىقاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىشىمىزدا بىرىنچى قول ماتىرىيال بولالايدۇ. مەملىكىتىمىزدە بولسا بۇ ھەقتىكى تەتقىقات مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدىن كېيىن باشلاندى دىيىشكە بولىدۇ. ماقالىمىزدا سەھىپە ئېتىۋارى بىلەن دۆلىتمىزدە مەزكۇر داستانىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بىرقانچە نەشر نۇسخىسىنى كۆرسىتىش بىلەن چەكلەندۇق. دۆلىتىمىزدە ئوغۇزنامەداستانى ھەققىدىكى باشقا تەتقىقاتلار ئاساسەن ئەسەرنىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى، تىلى، ھەر خىل ۋاريانتلىرى، ئەسەرنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن دىيىشكە بولىدۇ. ئىشىنىمىزكى، قەدىمقى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىزنىڭ جۈملىدىن تۈركولوگىيە ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ سىرلىرى نامايەن بولىدۇ. يۇقىرىدا مەزكۇر تەتقىقات ھەققىدىكى ھەر خىل ئۇچۇرلار كۆرسىتىلدى. بۇ تەتقىقات ئۇچۇرلىرىنى خاراكتىرى ۋە تەتقىقات ئۇسۇلى جەھەتتىن رەتلەش ۋە خۇلاسە چىقىرىش كېيىنكى تەتقىقاتلىرىمىزدا داۋاملىق قولغا ئېلىنغۇسى. تۆۋەندە داستان ھەققىدىكى باشقا مەزمۇنلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا پەقەت داستاننىڭ موتىف قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى پىكرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇمىز.(تۆۋەندىكى بايانلار داستاننىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى ئاساسىدا يۈرگىزىلىدۇ.)






قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن داستاننىڭ باش – ئاخىرى كەم بولۇپ ،مازۇسىز . ئوغۇزنامەماۋزۇسى دوكتۇر رىزا نۇر تەرەپىدىن قويۇلۇپ باشقىلار تەرەپىدىن ئېتىراپقا ئېرىشكەن.


پائۇل پېللىئوتنىڭ قارىشىچە قوليازما يۈئەن سۇلالىسى (13- ئەسىر)دە شىنجاڭنىڭ تۇرپان رايونىدا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ،ھازىر پارىژدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسى بولسا 15 – ئەسىر ئەتراپىدا ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يەتتۇسى رايونىدا كۆچۈرۈلگەن . گېڭ شىمىن ، تۇرسۇن ئايوپ « قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى ئوغۇزنامە » ، بېىيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1980 –يىلى 6- ئاي بىرىنچى نەشرى،21 – بەت؛ پائۇل پېللىئوت ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئوغۇزخان داستانى توغرىسىدا ، ئەنقەرە 1995 – يىلى تۈركچە نەشرى 103 –بەتكە قاراڭ .


يۇقۇرىقى كىتاپلار : 6 –بەت ، 7 – بەتلەرگە قاراڭ .


دەدە قۇرقۇت چۆچەكلىرى، ئوغۇز ئەپسانىسى230 -بەتكە قاراڭ . توختى تىللا تەرجىمىسى ، مىللەتلەر نەشرىياتى 2001- يىل 3- ئاي بىرىنچى نەشرى.


دىتىز يېڭىدىن تېپىلغان ئوغۇزنامە ، بېرلىن 1815 – يىل.


رادلوف (1837 – 1918) خەلقارادىكى ئەڭ داڭلىق تۈركولوگلارنىڭ بىرى. 1890 - يىلى « قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قۇتادغۇبىلىكنىڭ فاكسىمىلى »(ۋىنا نۇسخىسى) ناملىق داستاننىڭ 8 بېتىنى بەرگەن. 1890- يىل پېتېربوروگ .13+200 بەت .1891- يىلى يەنە بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇبىلىكى(1-قىسىم)ناملىق ئەسىرىدە داستاننىڭ تولۇق 42 ياپرىقىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى(مەتبەدە مانجۇچە ھەرپلەر ئىشلىتىلگەن. 232 –بەتتىن 244 – بەتكىچە) ۋە نېمىسچە تەرجىمىسى (بەتلەر ) شۇنداقلا فارىس تاىخچىسى راشىددىننىڭ تارىخنامەئەسىرىدىكى ئوغۇزخان قىسسىنىڭ چاغاتايچە نۇسخىسى ۋە نېمىسچە تەرجىمىسى( ⅩⅣ ـ ⅩⅩⅤⅢبەتلەر)، ئوبۇلغازىنىڭ تۈرك شەجەرىسىئەسىرىدىكى ئوغۇزخان قىسسىسىنىڭ چاغاتايچە نۇسخىسى ۋە نېمىسچە تەرجىمىسى (ⅩⅩⅤⅢ ـ ⅩⅩⅩⅤ بەتلەر) نى بەرگەن. ئاپتور يەنە 1893 يىلى ئەسەرنىڭ رۇسچە تەرجىمىسىنى ئېلان قىلدۇردى. بۇ نۇسخا 1891 يىلىدىكى نېمىسچە نۇسخا بىلەن ئوخشاش.


رىزا نۇرنىڭ تۈركچە ئېپوس ـ ئوغۇزنامەناملىق ئەسىرى 1928 – يىلى 5-ئايدا نەشر قىلىنغان . فونېتىك ھەرپلەر بىلەن بېرىلگەن ترانسكىرىپسىيە ، قىسقىچە مەزمۇنى ،فرانسۇزچە تەرجىمە ، تۈركىيە تۈركچىسىدىكى مېتىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئسكەندىرىيە ، 4+64 بەت.


پائۇل پېللىئوت (1878- 1945) فرانسىيىلىك داڭلىق سىنولوگ (خەنزۇجشۇناس) ۋە تۈركولوگ . ئۇنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئوغۇزخان داستانى توغرىسىدا ناملىق ئەسىرى 1930 – يىلى توڭباۋ نامىدىكى ئاكادىمىيە ژورنىلىنىڭ 17- سانىدا نەشر قىلىنغان . تۈركىيىلىك ۋەدات كۆكەن مەزكۇر ئەسەرنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ ئاتا تۈرك كۈلتۈر ، تىل ۋە تارىخ ئالىي جەمىيىتى تۈرك تىلى جەمىيىتى نەشرىياتى تەرەپىدىن 1995 – يىلى ئەنقەرەدە نەشر قىلدۇردى . تۈركچە تەرجىمە نۇسخىسى 103 بەت .


ۋىللى باڭ كائۇپ(1869 – 1934 ) گېرمانىيىلىك داڭلىق تۈركولوگ ، ئۇيغۇرشۇناش. ئۇنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىققا قوشقان تۆھپىسى ئاننا مارىيە فون گابائىن خانىم ياردىمىدە نەشرگە تەييارلىغان بەش توملۇق « تۈرك تىلىدىكى تۇرپان تېكىستلىرى » ۋە بۇ تېكىستلەر ئۈستىدە ئىشلىگەن « بەش توملۇق تۇرپان تېكىستلىرىگە ئانالىز خاراكتېرلىك ئىندېكىس » قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . ئۇ 1932 – يىلى رەشىت رەخمەتى ئارات بىلەن بىرلىكتە « ئوغۇزخاقان داستانى » نى ئىشلىگەن . 1932 – يىللىق فىلولوگىيە – تارىخ پەنلەر ئاكدېمىيىسى يىغىن خاتىرىسى، بېرلىن K.ⅹⅹⅴ كە قاراڭ .


رەشىت رەخمەتى ئارات (1900 – 1964) قازاندا تۇغۇلغان . 1933 – يىلى تۈركىيە ئىستانبول ئونۋېرسىتىنىڭ پرففىسورلىغىغا تەكلىپ قىلىنغان. تۈركىلوگىيە ئىلمىغا زور تۆھپە قوشۇپ تۈرك توركولوگىيىسىنىڭ بوۋىسى دىگەن پەخىرلىك نامغا ئېرىشكەن . ئۇ ئەڭ دەسلەپ قۇتادغۇبىلىكتەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان كىشى بولۇپ ، قۇتادغۇبىلىكنىڭ 3 خىل سېلۇشتۇرما نۇسخىسى ئاساسىدا ئۇنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى، لاتىنچە ترانسكىرىپسىيەسى، تۈركچە تەرجىمىسى، سۆزلۈك ۋە ئىندىكىسلىرىنى ئىشلەپ چىققان. ئۇنىڭ ۋىللى باڭ بىلەن ئىشلىگەن « ئوغۇزخاقان داستانى »نى ئىستانبول ئونۋېرسىتى ئەدەبىيات فاكولتېتى تۈرك تىلى تەتقىقاتى نەشرىياتى تەرەپىدىن 1936 – يىلى تۈركچە ئېلان قىلىنغان . تۈرك كۈلتۈر تەتقىقاتى ئىنىستوتى نەشرگە تەييارلىغان رەشىت رەخمەتى ئارات ماقالىلىرى،ئەنقەرە 1987 – يىل، بىرىنچى جىلت 605 – 672 – بەتلەرگە قاراڭ .


ئا . م شېرباك سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركولوگى .1959 – يىلى موسكىۋادا ئوغۇزنامەنىڭ سلاۋيان ھەرپلىرى بىلەن بېرىلگەن ترانسكىرىپسىيىسى بىلەن رۇسچە تەرجىمىسىنى ئېلان قىلغان. شېرباكنىڭ ئاساسلىق ئەمگەكلىرىدىن يەنە 1970 – يىلى تۈزگەنتۈرك تىللىرىنىڭ تارىخى فونولوگىيىسىناملىق كىتاۋى بار .


زەكى ۋەلىدى توغانئوغۇز داستانى، راشىدى ئوغۇزنامەسى، تەرجىمە ۋە تەھلىل، ئىستانبول 1972 – يىل، ئەندەرۇن نەشرىياتى.


زۇخال ئۆلمەزئوغۇزنامە رىۋايەتلىرى ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات،چاغداش تۈرك ئەدەبىياتىغا تەنقىدى بىر نەزەرنامىدىكى يەككە كىتاپچىغا قاراڭ. (مەھمەت ئۆلمەز نەشرگە تەييارلىغان)، ئەنقەرە 1997 – يىل سۇمرۇغ نەشرىياتى.


« تارىم » ژورنىلى 1979 – يىلى 5- سان.


بۇلاقمەجمۇئەسى 1980 – يىلى 2- سان.


گېڭ شىمىن ، تۇرسۇن ئايوپ « قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى ئوغۇزنامە » ، بېىيجىڭ .مىللەتلەر نەشرىياتى 1980 –يىلى 11- ئاي بىرىنچى نەشرى.


گېڭ شىمىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى داستانىئوغۇزنامە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1982 – يىل، (خەنزۇچە).


گېڭ شىمىن، ماكەن رەتلىگەن « تۈركلەرنىڭ قەدىمقى تارىخى داستانى ئوغۇزنامە » ،بېيجىڭ ،1986 يىىل 11 – ئاي بىرىنچى نەشرى.(قازاقچە)


ئاپتورى گېڭ شىمىن ، رەتلىگۈچى مەھەممەترېھىم سايىت، قەدىمقى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇقى بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006- يىل 6 – ئاي بىرىنچى نەشرى.(خەنزۇچە)


بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىلىرى كۆپ بولغاچقا ئوخشىمىغان قاراشلارغا ۋەكىللىك بىرقانچە ماقالىنى كۆرسىتىمىز؛ 1. ئابدۇكېرىم راخمانئوغۇزخان ۋە «ئوغۇزنامە» ئېپوپىيىسى ھەققىدە يېڭى مۇلاھىزىلەر، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى 1981 – يىلى ئۈچىنچى سان. 2. غەيرەتجان ئوسمان «ئوغۇزنامە» تەتقىقاتىدىكى بىرقانچە مەسىلە، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى(خەنزۇچە)، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1999 – يىل 6 – ئاي 1 – نەشرى، 46 – بەتكە قاراڭ. 3 . لى شۇخۇي قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ئوغۇزنامە» داستانىدىكى بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىژورنىلى 2004 – يىل بىرىنچى سان . 4 . بىي شۈن «ئوغۇزنامە» ۋە قازاق ئەپسانىلىرى، قازاق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى،(خەنزۇچە) مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2006 – يىل 6 – ئاي بىرىنچى نەشرى، 78 – بەتكە قاراڭ.


موتىف سۆزى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ساھاسىدە ئىشلىتىلگەندىن بېرى، ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ھەر بىر بايانى بۆلەكنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياشىغان گېرمانىيىلىك داڭلىق ئەدەبىيات تارىخشۇناسى ۋېلھىلىم شېرېر (WLHELEM SCHERER) موتىفنى تۈرلەرگە بۆلۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «موتىف بولسا ئەدەبىياتتىكى قېلىپلاشقان بايانى بۆلەكلەردىن ئىبارەت، ھەر بىر موتىف بىر يەككە ئىدىيەنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر موتىف ئۇنى ياراتقان مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت تارىخى، تەجرىبىلىرى، بىلىشى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە بولىدۇ .» دەپ قارايدۇ .


سېلۇشتۇرما ئەدەبىيات نەزىرىيىسىدە، موتىف تەتقىقاتى بولسا تېماشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم تەرەپ بولۇپ تېماشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. تېماشۇناسلىقتىكى موتىف ئادەمنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردا تەكرار ئۇچرايدىغان ھەركىتى، پىسخىك ھادىسىلىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۇنياغا بولغان چۈشىنىشى، يەنى ــــ تۇغۇم، ئۆلۈم، ھىجران، خوشاللىق، غەزەپ، قايغۇ، شاتلىق، ۋاقىت بوشلۇق، پەسىل، دېڭىز، تاغ-ئېدىر، كېچە قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى موتىف تەتقىقاتىدىكى ئەسلى تىپ تەتقىقاتىغا كىرىدۇ. موتىف تەتقىقاتى دەل ئۇزاق ئۆتمۈشتىن تارتىپ بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە ھىچقانچە ئۆزگىرىشتە بولماي ساقلىنىپ كەلگەن، ئومۇمىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بەزى تېما، ۋەقە ۋە پېرسۇناژلار تىپى تەتقىقاتىنى كۆرسىتىدۇ.


مەلۇم بىر ئەدەبىي ئەسەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، موتىف بولسا كىچىكرەك مەزمۇن بۆلىكى، تېما بولسا چوڭراق مەزمۇن بۆلىكىدىن ئىبارەت. ئەدەبىي ئەسەرلەردە كىچىكلىكىدىن يەنە بۆلۈشكە بولمايدىغان تەركىپلەر بولسا موتىف، ئەمما تېما بولسا بىرقانچە موتىفنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللىنىدۇ. موتىف بايانىي جۈملىدىكى __«ئەڭ كىچىك ئاساسى بىرلىك»، تېما بولسا ئۆزىدە مەلۇم قىممەت قارىشى شەكىللەندۈرگەن بايانىي جۈملە ياكى قوشما جۈملىدىن ئىبارەت. شۇڭا ئوغۇزنامەداستانىنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئىزدىنىشتىمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئەسەرنىڭ ئىچىدىن «ئەڭ كىچىك ئاساسىي بىرلىك» لەرنى ئايرىپ ئېلىپ ئۇنىڭ بايان ئالاھىدىلىكىنى تېپىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.


بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۇچرايدىغان بىر قىيىنچىلىق شۇكى، داستاندا بۇ خىل ئەڭ كىچىك ئاساسى بىرلىك لەر توغرىدىن – توغرىغا ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولۇپ، داستاندا ئۆز زامانى ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى مۇكەممەل بولغان بىر خىل بايانى شەكىل ئەندىزىسى ئەسەر ئىستىلىنى ئزچىللىققا ئىگە قىلالىغان. يەنى ئەسەردە بايان نۇقتىسى ئۈچىنچى شەخسكە مەركەزلەشكەن بولۇپ، بەزى بۆلەكلەردە ئوغۇزنىڭ ئاغزىدىن بېرىلگەن چاقىرىقلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا بۇ خىل بايانى نۇقتىنىڭ مەركەزلىشىشى« ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» نىڭ بايانى نۇقتىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن دىيىشكە بولىدۇ. بۇ داستاننىڭ ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈش ۋە خەلق ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ ئىش قوشۇشى نەتىجىسىدە مۇئەييەن بەدىئى شەكىلگە كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. داستان ئاساسەن نەسرىي ئۇسۇلدا يېزىلغان بولۇپ، بەزى بۆلەكلەرگە نەزىم ئارىلاشتۇرۇلغان. پۈتۈن ئەسەرنىڭ تىل ئۇسلۇبى راۋان، ئوچۇق، يەڭگىل، پېرسۇناژلار ئوبرازى جانلىق، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ھەر خىل، رىئالنى بايان بىلەن قويۇق رومانتىك تۈسكە ئىگە بولغان ئەپسانە، رىۋايەت ئۇسلۇبى ئۆزارا گىرەلىشىپ قەدىمقى زامان ئۇيغۇر بايانىي ئەدەبىياتىنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلغان.


داستانداھەممىنى بىلگۈچى دىن ئىبارەت بايانىي نۇقتا قوللىنىلغان. بۇ خىل بايان نۇقتىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ۋەقەلەرگە يۈزلىنىشتىن ئىبارەت. بۇ خىل بايان نۇقتىسى داستان، ئېپوسلاردا بىرقەدەر كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن،« ئالپامىش »،« گۆر ئوغلى»قاتارلىق داستانلاردىمۇ قوللىنىلغىنى مۇشۇنداق بايان نۇقتىسىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئادەتتە بايانچى كۆپ يۈزلىنىشلىك بايان بوشلۇقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.


« ئوغۇزنامە »داستانى ئوغۇزنىڭ تۇغۇلۇش ۋەقەلىكى بىلەن باشلانغان. كېيىنكى بۆلەكلەر قەھرىماننىڭ ئۆسمۈرلىك – ياشلىق دەۋرى، ھەربىي يۈرۈش، تۆھپە، خانلىقنىڭ قۇرۇلۇشىشى قاتارلىقلار. ئەڭ ئاخىرىدا داستان ئوغۇزنىڭ زىمىنىنى ئالتە ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بېرىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. داستاننى بايان قىلغۇچى ئوغۇزنىڭ ھاياتى ۋە ئۇتۇقلىرىنى بىر پۈتۈنلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان سيۇژىت بۆلەكلىرىنى قەھرىماننىڭ ھەرىكىتى ۋە خاراكتىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە قىلىدۇ. مانا بۇ ھەر بىر سيۇژىت بۆلەكلىرىنى « ئەڭ كىچىك ئاساسىي بىرلىك »قىلىپ ئايرىپ ئېلىپ، موتىف قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش مۈمكىن. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، «موتىف تەتقىقاتىدا ئەڭ ئالدى بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىكى موتىفنىڭ بايان قۇرۇلمىسى، موتىفنىڭ تۈرى ۋە موتىفنىڭ تىپ تەتقىقاتى. بىراق ئېپوس موتىف تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەتمەكچى بولغان نىشانى ــــــ موتىفنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يوشۇرۇنغان مەدەنىيەتتىن ئىبارەت.» دىمەك، بىزنىڭ داستاننىڭ موتىف بۆلەكلىرىنى ئېنىقلىشىمىز مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن بولىدۇ.


داستاننى ئاساسىي مەزمۇن ۋە غول سيۇژېت بويىچە ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ. گەرچە بۇرۇنقى تەتقىقاتلاردا داستان چوڭ ئىككى مەزمۇن بۆلىكى ياكى سيۇژېتقا ئايرىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىز داستاندىكى « ئەڭ كىچىك ئاساسىي بىرلىك »لەرنى تېخىمۇ ئاسان ئايرىش ئۈچۈن داستاننى ئۈچ بۆلەككە ئايرىدۇق. داستاننىڭ دەسلەپكى سيۇژىت بۆلىكىنى ئۈچىنچى قۇردىن 18-قۇرغىچە دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ بۆلەكتىكى ئاساسى ۋەقەلىك ئوغۇزنىڭ تۇغۇلۇش ۋە ئۆسۈش ھالىتىدىن ئىبارەت. ئوغۇز تۇغۇلغاندا چىرايى كۆك، ئاغزى ئاتەشتەك قىزىل، چاچ ۋە قاشلىرى قارا، پۈتۈن بەدىنى تۈكلۈك ھالەتتە تۇغۇلىدۇ. ئۇ پەقەت ئانىسىنىڭ ئوغۇز سۈتىنى ئېچىپلا بولدى قىلىدۇ. قىمىز، گۆش تەلەپ قىلىدۇ ۋە تىلى چىقىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ پۇتلىرى بۇقىنىڭ پۇتىدەك، بەللىرى بۆرىنىڭ بېلىدەك…. داستاننىڭ يىراق قەدىمقى زامانلاردىن قالغان ئەپسانە – رىۋايەت ئۇسلۇبى بىلەن بايان قىلىنغان بۇ قىسمى بىزنى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ سىرلىق قەسرىگە باشلايدۇ.


قەھرىماننىڭ غەيرى ھالەتتە تۇغۇلۇش موتىفى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس – داستانلىرىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان موتف قۇرۇلمىسى. بىز بۇ خىل قۇرۇلمىنى« قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى» دەپ قارىساق بولىدۇ. تۈركىي تىللىق خەلقلەر داستانلىرىدىكى قەھرىمانلار تۇغۇلىشىدىنلا ئۆزىدە ئالاھىدە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ خۇددى تەڭرىنىڭ يەر يۈزىدىكى ئىرادىسىگە تەققاسلانغان دىيىش مۈمكىن. قەھرىماننىڭ جاسارىتى ۋە تۆھپىلىرى ئۇلارنىڭ خەلق قەلبىدىكى يۈكسەك ئوبرازىنى تىكلەش بىلەن بىللە ئۆزلىرىگە زور شۆھرەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىل قەھرىمانلارنىڭ خەلق قەلبىدىكى تۇغۇلۇش ھالىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇغۇلۇشىدىن باشقىچە بولۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ خىل قەھرىمانلارنىڭ تۇغۇلىشى ئادەتتىكىدەك تەسۋىرگە ئىگە بولسا، قەھرىماننىڭ كېيىنكى ھاياتىدىكى ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرى ئىشىنەرلىك بولمايدۇ. مانا بۇ خىل بايان پىسخىسى « ئوغۇزنامە »داستانىدىلا ئەمەس بەلكى تۈركىي تىللىق باشقا خەلقلەر ئېپوس- داستانلىرىدىمۇ ئۇچرىشى يۇقىرىقى پىكرىمىزنى دەلىللەيدۇ. قىرغىز خەلق داستانى« ماناس »تىمۇ ماناس تۇغۇلغاندا چېدىرنىڭ تۆت تەرەپىگە يورۇق نۇرلار تارىلىدۇ، قىرغىز خەلقىنىڭ دۈشمىنى قالماق خانىنىڭ ئوردىسىدا قاتتىق تەۋرىنىش يۈز بېرىپ، قىرغىزلارنىڭ كەلگۈسىدىكى باش كۆتىرىشى ۋە قالماقلارنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن بىشارەتلىنىدۇ. ..


«قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى» تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس – داستانلىرىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان موتىف بولۇپ، ئۇنى چوڭ بىر موتىف سېستىمىسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل موتىف تەبىئى ھالدا بايانچىدىن ئالاھىدە تۇغۇلۇش ئېپىزوتى شەكىللىنىشكە ئاساس بولالايدىغان «غايىپتىن پەرزەنت تىلەش موتىفى»، «ئالدىن (چۈشىدە)بىشارەت بېرىش موتىفى»، «ئانىنىڭ غايىپتىن ھامىلدار بولۇش موتىفى»، «قىيىن تۇغۇت موتىفى» قاتارلىق بىرقاتار موتىفلارنى ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئۇلىشىپ كەلگەن « قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى» دىن كېيىنكى « قەھرىماننىڭ ئاجايىپ ئۆسمۈرلىك دەۋرى موتىفى» قاتارلىق موتىفلارنىڭ بولىشىنى تەقاززا قىلىدۇ.


« ئوغۇزنامە » داستانىدا سيۇژېتنىڭ پەقەت « قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى» دىن باشلانغانلىقىنى كۆرىمىز. داستاندا بۇ موتىفقا ئۇلىشىپ كەلگىنى « قەھرىماننىڭ ئاجايىپ ئۆسمۈرلىك دەۋرى موتىفى». قىرغىزلارنىڭ « ماناس »داستانىدىمۇ مانا مۇشۇنداق قەھرىماننىڭ ئاجايىپ بالىلىق دەۋرى موتىفى ئۇچرايدۇ. ماناسنىڭ ئانىسى سىرلىق ھامىلدار بولىدۇ ۋە تۇغۇت ۋاقتىدا تۇغۇتى بەكمۇ قىيىن توختايدۇ. ماناس بولسا تال شېخىغا ئېسىلىپ بۇ دۇنياغا كېلىدۇ. بەش ئايلىق بولغاندا يۈگۈرىيدىغان بولىدۇ. شىغايخاننىڭ قەلئەسىنى قالماقلار ئىگەللىۋالغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە بېرىپ قالماقلار بىلەن ئېلىشىدۇ. يەنە بىر ئېپوس « ئېرتۆشتۈك »دە قەھرىمان كۈندە يىللاپ چوڭ بولىدۇ. بىر ئايلىق بولغاندا بىر ياشقا كىرگەندەك چوڭىيىدۇ. ئۈچ – تۆت ياشقا كىرگەندە ماڭالايدىغان، سۆزلەيدىغان بولىدۇ. يەنە بىر داستان« شىرزات » تا شىرزات تۇغۇلۇپ بىرقانچە كۈندىن كېيىنلا شىر بىلەن ئېلىشىپ بىر قولى بىلەنلا شىرنى يىقىتىدۇ. مانا بۇلار تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوسلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان «قەھرىماننىڭ ئاجايىپ- غارايىپ بالىلىق دەۋرى موتىفى».


« ئوغۇزنامە » داستاننىڭ ئىككىنچى سيۇژىت بۆلىكى 19- قۇردىن باشلىنىپ 88- قۇردا ئاخىرلىشىدۇ. بۇ بۆلەكتە بايان قىلىنغىنى قەھرىماننىڭ يىگىتلىككە يېتىش موتىفى. ئوغۇزخان ئورمانلىقتىكى ياۋۇز يىرتقۇچ قىئاتنى ئۆلتۈرىدۇ…بىر كۈنى ئوغۇز ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا كۆكتىن بىر يورۇقلۇق بىلەن بىللە بىر گۈزەل قىز پەيدا بولىدۇ. ئوغۇز بۇ قىزغا ئۆيلىنىپ ئۈچ پەرزەنتلىك بولىدۇ. بۇ پەرزەنتلەرنىڭ ئىسىملىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا كۈن، ئاي، يۇلتۇز دەپ ئاتىلىدۇ . ئوغۇز كېيىن يەنە شۇنداق تىلسىملىق مۇھىتتادەرەخ ئىلاھىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىدۇ. ئۈچ پەرزەنتلىك بولىدۇ ۋە پەرزەنتلىرىگە كۆك، تاغ ۋە دېڭىز دەپ ئىسىم قويىدۇ…


قەھرىماننىڭ «يىگىتلىككە يېتىش موتىفى»مۇ چوڭ بىر موتىف سېستىمىسى بولۇپ ئۇ يەنە بىرقانچە «ئەڭ كىچىك ئاساسىي بىرلىك»بولغان كىچىك موتىفلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىيىش مۈمكىن. « ئوغۇزنامە » داستانىدا بۇ خىل موتىف شەكىللىرىدىن «سىناق موتىفى» ۋە «ئۆيلىنىش موتىفى» نى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. داستاندا ئوغۇزنىڭ چوڭ بىر ئورمانلىقتىكى قىئاتنى ئۆلتۈرىشى دەل ئوغۇزنىڭ ئالدىغا قويۇلغان سىناق بولۇپ، ئوغۇزنىڭ ۋەھشى ھايۋاننى قارا كۈچ بىلەن ئەمەس بەلكى بۇغا ۋە ئېيىقلارنى يەمچۈك قىلىپ تۇرۇپ كۈزىتىش ئارقىلىق قىئاتنى يوقىتىشى ئۇنىڭ قارام باتۇر ئەمەس بەلكى ئەقىل – پاراسەتتىمۇ تەڭ يېتىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان تەپسىلاتتىن ئىبارەت.


«ئۆيلىنىش موتىفى» داستانلاردا ھەر خىل شەكىللەردە ئۇچرايدۇ.    « ئوغۇزنامە » داستانىدا ئوغۇزنىڭ ئالدىدا كۆك نۇر ئىچىدە پەيدا بولغىنى كۆك تەڭرىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇنىڭ پىشانىسىدىكى مەڭنىڭ «تۆمۈر قوزۇق»قا ئوخشىشى، «ئۇ كۈلسە تەڭرىمۇ كۈلىدۇ، يىغلىسا تەڭرىنىڭمۇ يىغلىشى» كۆك تەڭرى ئېتىقاتچىلىقىنىڭ مەھسۇلى، چۈنكى قەدىمقى زاماندا كۆك تەڭرى ئېتىقاتچىلىقى تەبىئەت ئېتىقادىدىكى ئنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ «كوك تەڭرى ئالەمنىڭ ئىگىسى» دەپ قارىلىدۇ. ئۇلاردىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كۈن، ئاي، يۇلتۇز ئىسمىدا بولىشى يەنىلا تەبىئەت ئتىقادچىلىقنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار تەبىئەت ئېتىقاتچىلىقىدىكى ئىلاھلاردىن ئىبارەت.


    ئوغۇزنىڭ ئىككىنچى ئايالىنىڭ كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ كاۋىكىدا ئۇچرىشى بۇ قىزنىڭ سۇ ئىلاھى ۋە دەرەخ ئىلاھىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. « ئۆيلىنىش موتىفى »دىكى بىرىنچى ئىپىزوتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىككىنچى قىزنىڭ تەسۋىرى تەبىئەتتىكى كونكىرت ماددىلارنىڭ (كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ) تەسۋىرى بولۇپ، بۇلارمۇ ئىپتىدائى تەبىئەت ئېتىقادچىلىقىنىڭ مەھسۇلى. ئىپتىدائى تەبىئەت ئېتىقادىدا بۇلاق، دەرەخ كاۋىكى، ئۆڭكۈر قاتارلىقلار ئاياللار جىنسىي ئەزاسىنىڭ سىموۋۇلى بولۇپ، جىنسقا چوقۇنۇشنىڭ ئىزنالىرىدىن ئىبارەت.


ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىدائى ئېتىقاد ئوبېكىتلىرى ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان، مەسىلەن، سەييارىلەر، يەر، سۇ، ئوت، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، چاقماق قاتارلىقلار. ئىپتىدائى ئىنسانلار ياشاۋاتقان جۇغراپىۋى مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ئوبېكىتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى بەلگىلىگەن. تاغ تاغلىق رايونلاردىكى ئىنسانلار توپىنىڭ تەڭرىسى بولغان بولسا، سۇ(دېڭىز) بولسا دېڭىز ياقىسىدىكىلەرنىڭ تەڭرىسىگە ئايلانغان. بىراق، كۆك ئاسمان، يەر، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار بارلىق ئىپتىدائى ئىنسانلارغا ئورتاق تەڭرىلەر ئىدى. ئوغۇزنىڭ ئىككىنچى ئايالىدىن بولغان كۆك، تاغ، دېڭىزلار دەل مۇشۇ خىل ئېتىقادنىڭ بەدىئى ئەدەبىياتىمىزدىكى تەسۋىرى. « ئوغۇزنامە » داستانىدىكى «ئۆيلىنىش موتىفى» ناھايىتى چوڭقۇر مەدەنىيەت مەزمۇنىغا تويۇنغان بولۇپ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائى تەبىئەت ئېتىقاد ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشقا ھەم شۇنداقلا ئېتىقاد ئوبېكىتلىرى ئارقىلىق ئۇلار ياشىغان جۇغراپىۋى مۇھىتنى چۈشىنىشكە شۇنداقلا ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئوغۇزخان ھەربىي يۈرىشىنىڭ قىياسىي لىنىيىسىنى سىزىپ چىقىشقا بولىدۇ.


داستاننىڭ ئۈچىنچى سيۇژىت بۆلىكى قوليازمىنىڭ 89- قۇرىدىن باشلىنىپ قوليازما ئاخىرلاشقان يەرگىچە. (376-378-قۇرغىچە) ئاساسىي ۋەقەلىكى ئوغۇزنىڭ « ھەربىي يۈرىشى موتىفى »دىن ئىبارەت. بۇ بۆلەكتە ئۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ بارلىق دۈشمەنلەرگە قارشى جازا يۈرىشى ئېلىپ بارىدۇ ۋە بارلىق تۈرك– ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇ بۆلەكتە قەبىلىلەر ۋە مىللەت ناملىرىنى پەيدا بولىشى رىۋايەتلىك ئاساستا بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ بىر تەرەپتىن داستاننىڭ قەدىمىي ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىسى ئىكەنلىكىنى بىزگە ئەسكەرتسە يەنە بىر تەرەپتىن رىۋايەتلىك تىمساللارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئۇيغۇر – تۈرك تارىخىنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسىگە يەنىمۇ چوڭقۇر ئىچكىرىلىشىمىزگە مەنبە بولالايدۇ.


داستاننىڭ بۇ سيۇژېت بولىكىدە « قەھرىماننىڭ ھەربىي يۈرىشى موتىفى» دىن ئىبارەت موتىف سېستىمىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. داستانلاردا بۇ موتىفقا ياندىشىپ كېلىدىغان موتىف تۈرى «غەلىبە موتىفى» دىن ئىبارەت. ئوغۇزخاننىڭ ھەربىي يۈرىشى تەسۋىرلەنگەن بۇ بۆلەكتە گەرچە نۇرغۇنلىغان «ئەڭ كىچىك ئاساسى بىرلىك» لەر يەنى كۆك بۆرىنىڭ يول باشلىشى، چىپار ئايغىر ئاتنىڭ يوقاپ كېتىشى، ھارۋىنىڭ كەشپ قىلىنىشى، ئۇرۇق – قەبىلەر نامىنىڭ پەيدا بولىشى قاتارلىقلار بولسىمۇ ماقالىمىزدا موتىف نۇقتىسىدىن ئەمەس بەلكى « قەھرىماننىڭ ھەربىي يۈرىشى موتىفى»، «غەلىبە موتىفى» موتىفىغا ياردەمچى تەپسىلات قاتارىدا مۇئامىلە قىلىندى. چۈنكى موتىف يەنە «ئەدەبىياتتىكى قېلىپلاشقان بايانى بۆلەك» بولۇپ، بۇ خىل بايان بۆلەكلەرنىڭ تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئاغزاكى ئەدەبىياتىدا قانچىلىك دەرىجىدە قېلىپلاشقانلىقى ۋە ئىزچىللاشقانلىقىنى يەنىمۇ تەكشۈرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.


كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى داستاننىڭ يۇقىرىقى سيۇژىت بۆلەكلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈش جەريانىدا تېكست قاتلىمىغا يوشۇرۇنغان « ئەڭ كىچىك ئاساسىي بىرلىك »لەر بولغان موتىفلارنى تېپىپ چىقىشقا بولىدۇ. لېكىن « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ بارلىق سيۇژىت بۆلەكلىرىنى يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت دەپ ئالدىراپ خۇلاسە چىقىرىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، «داستاننىڭ باش ۋە ئاخىرىنىڭ كەم» ئىكەنلىكىدەك پاكىت داستاننىڭ موتىف قۇرۇلمىسىنىڭ ھەم كەم ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا بىز سېلۇشتۇرما ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىش ئارقىلىق داستاننىڭ بىر پۈتۈن موتىف قۇرۇلمىسى، بايان ئۇسلۇبى ۋە سيۇژىتىنى ئېنىقلىيالايمىز.







(ئامېرىكا)سىدى تومسېن :دۇنيا چۆچەكلىرىنىڭ تىپولوگىيەسى، شاڭخەي ئەدەبىيات – سەنئەت نەشرىياتى، 1991- يىل نەشرى، 499 – بەت.


يې شۈمىن، جۇ باۋروڭ ،،ۋاڭ شىمىڭلار تۈزگەن:سېلۇشتۇرما ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى،142-بەت ، ۋۇخەن ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2004-يىلى 10- ئاي بىرىنچى نەشرى .


يۇقۇرىقى كىتاپ، 141 – بەت.


گەرچە ئوغۇزنامەداستانى ئۇرخۇن ئابىدىلىرى(مەڭگۈ تاش ئەدەبىي يادىكارلىقلىرى)دىن كۆپ بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەسىرلەر داۋامىدا ئېغىزدىن –ئېغىزغا كۆچۈش جەريانىدا ھەرقايسى دەۋرلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەپ، مۇكەممەل بايان ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن.


لاڭ يىڭ ئېپوسلاردا موتىف تەتقىقاتى، مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى1999 – يىل 4- سان ، 18- بەت .


دىلمۇرات ئۆمەر ئالتاي تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ شامان دىنى تەتقىقاتى(خەنزۇچە)،51 –بەت ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995- يىلى نەشرىياتى.


گېڭ شىمىن ، تۇرسۇن ئايوپ « قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى ئوغۇزنامە » ، بېىيجىڭ .مىللەتلەر نەشرىياتى 1980 –يىلى 11- ئاي بىرىنچى نەشرى . 6 –بەتكە قاراڭ.



سېلىشتۇرما تەتقىقات ئوبېكتىنى تاللاش بۇ خىل تەتقىقاتنى ئېلىپ بېرىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى. بىز قىلچە ئىككىلەنمەستىن « ئوغۇزنامە » داستانى بىلەن سېلىشتۇرىلىدىغان بۇ ئوبېكىتنى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس- داستانلىرىنىڭ ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرىمىز. چۈنكى «تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئورتاق تېرىتورىيەدە ياشىغانلىقى، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئورتاق تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغانلىقى، ئېتنىك كېلىپ چىقىش جەھەتتىن ئورتاق مەنبەگە تۇتىشىدىغانلىقى، تىل تۇققانچىلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەمدە ئورتاق مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدە ئوخشاشمىغان دىنلارنىڭ تەسىرىگە تەڭ ئۇچرىغانلىغىدەك ئوبېكتىپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ مىللىي پىسخىكىسى، مىللىي خاراكتىرى، مىللىي تەپەككۈر ئۇسۇلى ۋە ئېستېتىك زوقىدا كۆپلىگەن ئوخشاشلىقلار ۋە ئورتاقلىقلار ساقلانغان.» ئېنىقكى، بۇ خىل ئوخشاشلىقلار ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەپسانە – رىۋايەت، ئېپوس، شېئىر- قوشاق، مەسەل، ماقال – تەمسىل قاتارلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدۇ.


يۇقىرىقى پىكىرلىرىمىز شۇنى كۆرسىتىدۇكى،« ئوغۇزنامە »داستانىدا خەلق ئېپوسلىرىنىڭ بىر قىسىم قەدىمىي موتىفلىرى ساقلىنىپ قالغان، لېكىن يەنىلا مۇكەممەل دىيىشكە بولمايدۇ.« ئوغۇزنامە »داستانىنىڭ قەدىمىي موتىف تىپلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن چوقۇم باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس – داستانلىرىغا مۇراجەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل موتىف تىپلىرى يەنە قايسى داستانلاردا ئۇچرىشى مۈمكىن؟ «بەزى قەدىمىي موتىفلار باشقا تۈركى خەلق داستانلىرىدا ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، بەكلا تولۇقسىز، بىراق، بۇ قەدىمى موتىفلار« ماناس »داستانىدا بىرقەدەر تولۇق ساقلىنىپ قالغان. مەسىلەن: «قەھرىماننىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تۇغۇلۇش موتىفى»، «يامان ئاتا موتىفى»، «قېرىنداشلار ئاسىيلىق موتىفى»، «باتۇرلارنىڭ ئاسىيلىق موتىفى» شۇنداقلا «قەھرىماننىڭ قايتا تىرىلىش موتىفى» قاتارلىقلار. باشقا ناھايىتى قەدىمىي موتىفلار، يەنى، «قەھرىماننىڭ دىۋىدەك ئۇخلاش موتىفى» مۇ ماناسداستانىدا ساقلىنىپ قالغان.


بىز يۇقىرىدا « ئوغۇزنامە »نىڭ موتىف تەكشۈرىشىمىزدە ئېرىشكەن     « قەھرىماننىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تۇغۇلۇش موتىفى »، «قەھرىماننىڭ ئاجايىپ ئۆسمۈرلىك دەۋرى موتىفى» شۇنداقلا «قەھرىماننىڭ ھەربىي يۈرىشى موتىفى » ۋە « قەھرىماننىڭ غەلىبە موتىفى » قاتارلىقلار « ماناس » داستانىدىكى بۇ خىل موتىف تەركىپلىرى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىدۇ. ئۇنداقتا « ماناس »داستانىدا ساقلىنىپ قالغان باشقا موتىف تەركىپلىرىنىڭ « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ ئەسلى موتىف شەكلىگە ئوخشاش بولۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟ بۇ ئىككى ئېپوس تىپى، تېما، بايان، موتىف ۋە شۇنداقلا قۇرۇلما قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولىشى بىزنىڭ تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس – داستانلىرىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. بىراق ئىككى داستاننىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىمىز بۇ ئىككى داستاننىڭ موتىف تەركىپلىرىدە يەنىلا بەزىبىر ئوخشىماسلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.


مەلۇمكى، داستان ۋە ئېپوسلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۇئەييەن ئىجتىمائى ۋە ئىدىئولوگىيىلىك تەرەققىياتنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولىشى كېرەك. ئەڭ ئالدى بىلەن ئىجادكار خەلق (قەبىلىلەر ئىتتىپاقى) سەرگۈزەشتلىرى، تەجرىبىلىرى ئاساسىدا مىفلار دەۋرىنى بېسىپ ئۆتكەن، ئىلاھىي قەھرىمانلارنىڭ ئورنىنى ئىنسانىي قەھرىمانلار ئىگەللەشكە باشلىغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېتنىك ئېڭى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلىغان بولۇشى كېرەك. « ئوغۇزنامە » داستانىدا ئۇچرايدىغان «مەن ئۇيغۇرنىڭ خاقانىمەن» دىگەن جۈملە بۇ خىل ئېتنىك ئاڭنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ئوغۇزخان تىلىدىن بېرىلگەن جاكاسى بولۇپ، بۇ دەۋردە ئۇيغۇر ئېتنىك ئېڭىنىڭ ئۆسۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئېتنىك فولكلورلۇق دەلىلىدىن ئىبارەت. يەنە ئوغۇزخاننىڭ «مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشۇم كېرەك»(داستان 107 – 108 – قۇرلار) دىيىشى دەل بۇ خىل ئېتنىك ئاڭنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان قەدىمقى جەمىيەتكە خاس بولغان ھەرىكەت مىزانى ئىدى. چۈنكى «خەلقنىڭ ئېتنىك ئېڭىنىڭ تەرەققىياتى قەدىمىدە شۇ خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائى تېررىتورىيىلىك تەشكىلىنى (جۈملىدىن دۆلىتىنى) تىكلەشكە بولغان ئىنتىلىشىدا گويا بىر قانۇنىيەتتەكلا ئىپادىلىنىپ كەلدى.» داستاننىڭ كېيىنكى سيۇژېتلىرىدىكى ئۇرۇق–قەبىلە ناملىرىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئېڭىنىڭ (ئەلۋەتتە ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئېڭى) شەكىللىنىشى بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى تەشكىلىدە شاخلىما ئۇرۇق – قەبىلىلەر ئېڭىنىڭمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە داۋاملىق شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئاڭنىڭ شەكىللىنىشى ئىجتىمائى تارىخى تەرەققىيات جەھەتتىن پەرق قىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە سۈپەت جەھەتتىمۇ كەسكىن پەرقلىنىدۇ. دىمەك بۇ نۇقتىدىن تەكشۈرگەندە « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ شەكىللىنىش دەۋرى ۋە ئۇنىڭ مەنسۇبىيەت مەسىلىسىدە تالاش – تارتىش قىلىشنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىگى ناھايىتى ئېنىق. يەنە بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەككى، داستاننىڭ شەكىللىنىش دەۋرىنى پەقەت ئۇيغۇرلار نامىنىڭ تارىخنامىلەردە پۈتۈلگىنىدىن كېيىنكى دەۋرلەردىن ئىزدەش، ـــــ ئۇلارنىڭ ئېتنىك نامىنى شەكىللەندۈرىشىگىچە بولغان ناھايىتى ئۇزۇن بىر دەۋرىنى كۆرمەسكە سېلىش ياكى قەستەن بۇرمىلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.


« ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى نۇسخىسىدا بۇددا دىنى، مانى دىنى، خرىستيان دىنى، زوروئاستىر دىنى، ئىسلام دىنى قاتالىق دىنلارنىڭ ھىچقانداق ئىزناسىنى ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭدا ساقلانغىنى يىراق قەدىمكى زامانلاردىكى تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى ۋە شامان دىنىنىڭ قالدۇقلىرىدىن ئىبارەت. بۇ پاكىتتىن بىز« ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ شەكىللىنىش دەۋرىنى مىلادى 5- ئەسىرنىڭ ئالدىدا دەپ ئېيتالايمىز. چۈنكى، ئۇرخۇن بويىدىكى تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى بىلەن ئۇچرىشىشىمۇ 5- ئەسىردىن ئىلگىرى ئەمەس. بۇددا دىنى ماۋوريا خانلىقى (مىلالىدىدىن ئىلگىرىكى 322 – يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 185 – يىللار) مەزگىلىدە كەشمىر ۋە قەندىھار(بۈگۈنكى كابۇل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى رايونى، پەنجابنىڭ شىمالىدىكى پىشاۋۇر ۋە راۋالپىندى قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پايتەختى پرۇشابالىق، بۈگۈنكى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىدىكى پىشاۋۇر) قاتارلىق جايلارغا تارقالدى ۋە بۇيەردە بۇددا پەلسەپەسى ۋە گىرىك سەنئىتى بىلەن ئۇچرىشىپ مەشھۇر قەندىھار بۇددا مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى شەكىللەندۈردى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ خىل سەنئەت تارىم ۋادىسىغا سىڭىپ كىرىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. مىرەن، تۇمشۇق، قىزىل ۋە قۇمتۇرا قاتارلىق جايلاردىن قېزىۋىلىنغان سەنئەت بۇيۇملىرىدىن بۇنى ئېنىقلاش تەس ئەمەس. «بۇددا دىنىنىڭ شىنجاڭغا جۈملىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك. شىنجاڭنىڭ ئالاھىزەل ئىككى مىڭ يىللىق يېزىقتا خاتىرىلەنگەن تارىخىدا، بۇددا مەدەنىيىتى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ئىگەللەيدۇ. تۇرپان ۋە كۇچار رايونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇددا مەدەنىيىتى ھەتتا بىر مىڭ بەش يۈز يىلدەك ھۆكۈم سۈرگەن.» دىمەك، ئوغۇزنامەداستانى ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى ئانا ماكانىدا يارىتىلغان بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭ مىلادى بەشىنچى ئەسىردىن ئىلگىرى ھەتتا مىلادىنىڭ ئالدىدا يارىتىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئېپوس- داستانلارنىڭ ئاغزاكى يارىتىلىشىدىن تارتىپ ئۇنىڭ مەزمۇن جەھەتتە تۇراقلىشىپ، شەكىل جەھەتتە مۇقىملىشىشىنىڭ مۇئەييەن دەۋرى بولىدۇ. داستاننىڭ يېزىققا ئېلىنىش دەۋرى يەنە باشقا بىر تېما، ئەلۋەتتە.


« ئوغۇزنامە »داستانىنىڭ بارلىققا كېلىشى قەدىمقى تۈركىي تىللىق خەلقلەر قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ جۈملىدىن قەدىمقى ئۇيغۇرلار قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق ئىجادىيەتكە قاتناشقانلىقىنىڭ مەھسۇلى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەبىلە ئىتتىپاقى دەۋرىنى خېلى يىراق تارىخى دەۋرلەرگە سۈرۈش مۈمكىن. لېكىن « ماناس » داستانىنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ يەنى داستاننىڭ مەركىزى قىسمىنىڭ مۇقىم ھالەتكە كېلىش دەۋرى تەخمىنەن 13 ـ 16 ـ ئەسىرلەر، ئەلۋەتتە داستاننىڭ ئىككىنچى قىسمىدىن سەككىزىنچى قىسمىغىچە بولغان قىسمى تېخىمۇ كېيىنرەك ،يەنى تەخمىنەن 16ــ ئەسىردىن 18ــ ئەسىرگىچە شەكىللەنگەن.» دىمەك، « ماناس » داستانىنىڭ شەكىللەنگەن دەۋرى« ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ شەكىللەنگەن دەۋرىدىن   نەچچە ئەسىر كېيىن. شۇڭا كېيىنكى ئەسەر ئالدىنقىسىغا قارىغاندا بىرقەدەر مۇكەممەل ۋە ھەر خىل دىن ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان. لېكىن ئۇنىڭدا يەنىلا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەنئەنىۋىي داستانچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ داۋاملاشقانلىقى ۋە ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىقى بىزنىڭ بۇ داستاننىڭ سييۇژېتى ۋە موتىف قۇرۇلمىسىدىن پايدىلىنىپ « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ كەم جايلىرىنى تولدۇرىشىمىزنىڭ ئاساسى بولالايدۇ.


« ئوغۇزنامە » داستانىدا رىۋايەت – ئەپسانىلاردىن پايدىلىنىپ ھەرقايسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ نامىنى چۈشەندۈرىدۇ ياكى رىۋايەت–ئەپسانەلەردىن پايدىلىنىپ قەبىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بايان قىلىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئەسەردىن ئىبارەت. بىراق « ماناس » تا بولسا يايلاق مىللەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي توقۇنۇشى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا قەبىلىلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى كوللىكتىپ ئاھاڭغا قارىغاندا، يەككە بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى تىرىشىشلىرى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرۇدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، « ئوغۇزنامە » داستانى تۈركىي خەلقلەر داستانلىرى ئىچىدە شەكىللىنىش تارىخىنىڭ قەدىمىلىكى بىلەن ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ.


« ئوغۇزنامە » داستانى « قەھرىماننىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تۇغۇلۇش موتىفى » بىلەن باشلانغان. بىراق ، داستاننىڭ « باش – ئاخىرىنىڭ كەم» ئىكەنلىكىدەك پاكىت بىزنىڭ بۇ داستاننىڭ موتىف قۇرۇلمىسى ھەققىدە تېخىمۇ تولۇقراق پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىمىزغا دەۋەت قىلىدۇ. تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس – داستانلىرى ياكى چۆچەكلىرىنىڭ باشلانمىسى، بىر جۈپ پەرزەنتسىز قېرىنىڭ « غايىپتىن ياكى تەڭرىدىن پەرزەنت تىلەش» ى ئارقىلىق پەرزەنتكە ئېرىشكەنلىكىدەك موتىف بىلەن باشلىنىدۇ. داستان ۋە چۆچەكلەردە بۇ خىل «غايىپتىن پەرزەنت تىلەش موتىفى» ھەر خىل ۋاريانتتا ئۇچرايدۇ. بۇ خىل تىلەك تەڭرىنى تەسىرلەندۈرگەن ۋاقىتتا، تىلەك تىلۈگۈچى چۈشىدە ئەۋلىيا بەرگەن ئالمىغا ياكى مەلۇم بىر بىشارەتكە ئېرىشىپ، سىرلىق ھالدا قورساق كۆتىرىدۇ. مەسىلەن، « ماناس» داستانىنىڭ بىر نەچچە خىل ۋاريانتلىرىنىڭ ھەممىسىدە چېيېردې ئالمىنى يەپ سىرلىق ھالدا قورساق كۆتىرىپ ماناسنى تۇققانلىقىدەك موتىف بار. ئۇيغۇر خەلق داستانى« غېرىپ – سەنەم »دىمۇ قىز- ئوغۇل باش قەھرىمانلارنىڭ تۇغۇلىشىمۇ ئاپىلىرىنىڭ سېھىرلىك ئالما يىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى باش قەھرىمانلارنىڭ دادىلىرى چۈشىدە خېزىر تەرەپىدىن سېھىرلىك ئالمىغا ئېرىشىدۇ ۋە ئۇنى ئاياللىرىغا بېرىدۇ….مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قەدىمقى مىللەتلەرنىڭ تەبىئەت ئېتىقادچىلىق ئېڭى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دېتاللار. ئۇنداقتا،« ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك موتىف تەركىپلىرى« غايىپتىن پەرزەنت تىلەش موتىفى»، «چۈشىدە بىشارەت بېرىش موتىفى» ۋە «غايىپتىن ھامىلدار بولۇش موتىفى » قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.


« ماناس » داستانىدا ئۇچرايدىغان باشقا موتىفلار، مەسىلەن، «يامان ئاتا موتىفى»، « قېرىنداشلارنىڭ ئاسىلىق موتىفى »، «باتۇرلارنىڭ ئاسىلىق قېلىش موتىفى »، « قەھرىماننىڭ ئۆلۈپ قايتا تۇغۇلۇش موتىفى» شۇنداقلا « قەھرىماننىڭ ئۆلۈم موتىفى » قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدە قايسىلىرى «ئوغۇزنامە» داستانىنىڭ كېيىنكى كەم قىسمىنى تولۇقلىيالايدىغان موتىف تەركىبى بولالىشى مۈمكىن ؟ «ئوغۇزنامە » داستانىدا ئۇچرايدىغان « قەھرىماننىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تۇغۇلۇش موتىفى »، «قەھرىماننىڭ ئاجايىپ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى موتىفى »، « سىناق موتىفى »، « ئۆيلىنىش ۋە پەرزەنتلىك بولۇش موتىفى»، « قەھرىماننىڭ ھەربىي يۈرىشى موتىفى»،    « غەلىبە موتىفى » قاتارلىق موتىف تەركىپلىرى بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ ئايرىلماس بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن، بايان ئۇسلۇبى يېنىك لېكىن جەڭگىۋار، ئەركىن ئەمما تەرتىپلىك بولۇپ، داستانىنىڭ بايان ئۇسلۇبىدىن تەكشۈرگىنىمىزدە داستان بىر خىل شات – خورام، ئازادە كەيپىياتتا ھىكايىنى بايان قىلىدۇ. مەزمۇن ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا داستاندا قەدىمقى زاماندىكى ئەجداتلارنىڭ قەھرىمانلىق روھىغا مەدھىيە ئوقۇش بىلەن بىرگە قەبىلىلەرنىڭ ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ زورىيىش، قۇدرەت تېپىش يەنى قەبىلىلەر ئىتىتپاقى قۇرۇش، ھەرقايسى ئۇرۇق قەبىلىلەرنى بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇپ ئورتاق گۈللىنىشتەك قەدىمقى زامان يايلاق ئوتۇپىيىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. « ئوغۇزنامە » مەيدانغا كەلگەن دەۋرىنى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزىمى ئاخىرلىشىپ ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزىمىنىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى بىلەن باغلاش مۈمكىن. ئوغۇز خاقاننىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە « خان » قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشىمۇ دەل داستان مەيدانغا كەلگەن دەۋرلەرنىڭ دەل ئانىلىق جامائەدىن ئاتىلىق جامائەگە ئۆتۈشتىكى ئىجتىمائى باسقۇچنىڭ قالدۇغى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.


داستاننىڭ يېشىمىدىكى ئوغۇزخاقان ئوغۇللىرىنىڭ ئالتۇن قىسمەتلىك ۋە كۈمۈش قىسمەتلىك بولۇپ ئايرىلىشىمۇ دەل سىنىپىي جەمىيەتنىڭ باشلانغانلىدىن دېرەكلەيدۇ. كىچىك ئوغۇللارنىڭ چوڭ ئوغۇللارغا بويسۇنىشىنىڭ مۇتلەقلەشتۈرىلىشى دەل ھاكىممۇتلەقلىق جەمىيەتنىڭ باشلىنىشى ئىدى. تۈرك شەجەرىلىرىدە ئۇچرايدىغان خاقان – پادىشاھ تېمسالىدىكى « يا » ۋە ۋەزىر تېمسالىدىكى « ئوق » نىڭ ئوغۇزخان ئوغۇللىرىنىڭ قىسمىتىنى بەلگىلىشى قانداقتۇر خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سيۇژېت بولماستىن، بەلكى سىنىپىي جەمىيەتنىڭ باشلىنىشىنىڭ بەدىئى ئەدەبىياتتىكى ئوبرازلىق ئىنكاسى ئىدى.


« يا » ۋە « ئوق » تېمسالى « ئوغۇزنامە »داستانىدا بىرىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان « قىسمەت موتىفى » ياكى « تەقدىر موتىفى » بولۇپ پەقەت قەھرىمانلىق دۋرىدە ياشاۋاتقان خەلقلەردە بولۇشقا تېگىشلىك تەقدىر ئېستېتىكىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. داستاننىڭ« شەجەرەئى تۈرك »تىكى ۋاريانتىدا ئوغۇزخاقاننىڭ يا ۋە ئوق ئارقىلىق تەقدىر بەلگىلەشنى ئەجداتلارنىڭ ئەنئەنىسى دەپ قارىشى بۇ خىل ئېتنىك ـ فولكلۇرلۇق ئادەتنىڭ ئوغۇزخاقان دەۋرىدىن ئىلگىرىلا تۈركىي خەلقلەردە رەسمىلەشكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. كېيىنكى ئۇيغۇر ئاغزاكى ۋە يازما ئەدەبىياتىدا ئۇچرايدىغان « يا » ۋە « ئوق » تېمسالى ئەنە شۇ                 « ئوغۇزنامە » داستانىدىكى «تەقدىر موتىفى» نىڭ ھەر خىل شەكىلدە قايتا ئىپادىلىنىشى بولۇپ، خەلق چۆچەكلىرىدىكى شاھزادە ۋە باتۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرنى يادىن ئېتىلغان ئوقتىن ئىزدىشى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى ۋە ئانىمىزىملىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىنساننى مەركەز قىلغان گۇمانىزىملىق دەۋرىنىڭ باشلانغانلىغىنىڭ سىموۋۇلى بولغان « قۇتادغۇبىلىك » تە :


      بويۇم ئىدى ئوقتەك، كۆڭۈل ئىدى يا،


            كۆڭۈلنى قىلغۇچە ئوق، بويۇم بولدى يا.


شەكلىدە ئىپادىلىنىپ، « يا » ۋە « ئوق » تىمسالىنىڭ تەبىئەت تەقدىرچىلىكى مەناسىدىن ئىنساننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئىزلىنىشىنى مەركەز قىلغان يېڭى تەپەككۈر ئەندىزىسىنىڭ باشلانغانلىقى ھەم « يا » ۋە « ئوق » تىمسالىنىڭ ئۇيغۇر بەدىئى ئەدەبىياتىدا قۇرۇماس ئىلھام مەنبەسى بولۇشىنىڭ تارىخى ـ ئېتنىك باغلىنىشچانلىقىنى دەلىللەيدۇ. چۈنكى « ئىپتىدائى ئوبرازلار شېئىرىيەتتە بارغانسېرى ئۆلچەمسىزلىكتىن مەلۇم ئۆلچەمگە، مۇقىمسىزلىقتىن مۇقىملىققا قاراپ تەرەققى قىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ جەريان دەل كونكېرت ئىپتىدائى ئوبرازنىڭ ئادەتتىكى ئۆلچەملەشكەن بەدىئى شەكىل ۋە ئۇسۇلغا ئىگە بولغان ئوبرازغا ئايلىنىش ۋە تەرەققى قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت شۇنداقلا ئىپتىدائى ئوبرازنىڭ بارغانچە ئەسلىدىكى ئۇقۇم مەناسىنى يوقۇتۇپ ئابىستراكىتلەشكەن شەكىلگە ئۆزگىرىش جەريانىدىن ئىبارەت.»


داستاننىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەۋە نەمۇنە بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بايان قىلغۇچىلارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى سوبېكتىپ ھىسسىياتى سىڭگەنلىكىنى نەزەرگە ئالغان چېغىمىزدا ھىچقانداق سۈنئى دىنلارنىڭ تەسىرى ئارىلاشمىغان پەقەت قەدىمقى تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى ۋە تۇتىم – ئەجدات ئېتىقادچىلىقى ئاساسىي روھىي- پىسخىك تايانچ بولۇۋاتقان دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن « ئوغۇزنامە »داستانىدا « ماناس »داستانىدا ئۇچرايدىغان « يامان ئاتا موتىفى»، «قېرىداشلارنىڭ ئاسىلىق قىلىش موتىفى »، «باتۇرلارنىڭ ئاسىلىق قىلىش موتىفى» قاتارلىق موتىف تەركىپلىرىنىڭ بولۇشى بىزنى دىگەندەك قايىل قىلالمايدۇ. چۈنكى،        « ئوغۇزنامە » داستانى يارىتىلىۋاتقان مەزگىلدە ئىسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەر تېخى ئۇنچىلىك ئۆتكۈرلىشىپ كەتمىگەن بولۇپ، تەبىئەت بىلەن ئادەم شۇنداقلا ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى پەقەت ئىنسانلارنىڭ بالىلىق دەۋرىگە خاس ساددا ماسلىق مۇناسىۋىتىنى داستاننىڭ ئۆزىدىنمۇ كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.


«قەھرىماننىڭ ئۆلۈپ قايتا تىرىلىش موتىفى» ، « ماناس » شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېغىز ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىدە ئۇچرايدىغان موتىف تەركىۋىدىن ئىبارەت. بۇ خىل موتىف تەركىبىنىڭ تېكىست قۇرۇلمىسىدا ئۇچرايدىغان ئورنى ئاساسەن سيۇژېتنىڭ راۋاج نۇقتىسىدا تۇرىدىغان بولۇپ، قەھرىمان قىرانىغا يەتكەن، مەلۇم تۆھپىلەرنى ياراتقان ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ ھەسەت قىلىشى بىلەن قەستكە ئۇچرىغان بولىدۇ. لېكىن« ئوغۇزنامە » داستانىدا «قەھرىماننىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تۇغۇلۇش موتىفى » دىن باشلانغان شادىيەنە ئاھاڭغا داستاننىڭ راۋاج قىسمىدىكى «غەلىبە موتىفى» بىلەن بىرىكىپ كەتكەن زەپەر مارشىنىڭ داستاننىڭ بايان ئىستىلىنى ھىچقانداق تەسىرگە ئۇچراتماي داۋاملاشقانلىقى بۇ خىل موتىفنىڭ ھەم « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ ئەسلى موتىف قۇرۇلمىسى بولۇشىنى ئىنكار قىلىدۇ.


« شەجەرەئى تۈرك » تە ئوغۇزنىڭ دادىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. گەرچە بۇ ۋاريانتقا زور دەرىجىدە ئىسلام دىنى ئامىللىرى سىڭگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ « يامان ئاتا » موتىفىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى « ئوغۇزنامە » داستانىدا بۇ خىل موتىفنىڭ بولۇش–بولماسلىقىنى، داستاننىڭ باشقا تولۇق نۇسخىلىرى ئاساسىدا سېلۇشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى ئارقىلىق يەنىمۇ بىر قەدەم ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. قارىغاندا« ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ يېشىمىنى داستاننىڭ شات – خورام ھەم يەڭگىل يېزىلغان ئۇسلۇبىدىن بەكمۇ يىراقلىشىپ كەتمىگەن ھەم شۇنداقلا قەدىمقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئېستېتىك ئېڭى قوبۇل قىلالايدىغان ھالدا تۈگەللىيەلەيدىغان بىردىن بىر موتىف قۇرۇلمىسى پەقەت «قەھرىماننىڭ ئۆلىمى موتىفى» بولۇشى كېرەكتەك تۇرىدۇ…….


پايدىلانغان ماتىياللار:


1. گېڭ شىمىن ، تۇرسۇن ئايوپ « قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق داستانى ئوغۇزنامە » بېىجىڭ ، مىللەتلەر نەشرىياتى ،1980 – يىل 11 – ئاي بىرىنچى نەشرى .(ئۇيغۇرچە)


2. تۈزگۈچى گېڭ شىمىن، رەتلىگۈچى مەھەممەترېھىم سايىت، « قەدىمقى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇقى» بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006- يىل 6 – ئاي بىرىنچى نەشرى.(خەنزۇچە)


3. ئوبۇلغازى باھادىرخان « شەجەرەئى تۈرك »،جوڭخۇا كىتاپ نەشرىياتى ، بېىجىڭ ،2006 – يىل 8- ئاي 2- نەشرى ،(خەنزۇچە )


4.يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك »،بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984 – يىل 5- ئاي بىرىنچى نەشرى.(ئۇيغۇرچە)


5.رادلوف« بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇبىلىكى » سانتپېتېرسبۇرگ ،1891- يىل نەشرى.1- قىسمى.(نېمىسچە)


6.رەشىت رەخمەتى ئارات « ماقالىلار »،تۈرك كۈلتۈر تەتقىقاتى ئىنىستوتى نەشرگە تەييارلىغان، ئەنقەرە1987 – يىل. (تۈركچە)


7. پائۇل پېللىئوت « ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئوغۇزخان داستانى توغرىسىدا » ۋەدات كۆكان تەرجىمىسى، ئاتا تۈرك كۈلتۈر ، تىل ۋە تارىخ ئالىي جەمىيىتى تۈرك تىلى ئۇيۇشمىسى نەشرىياتى 1995 – يىلى ئەنقەرە نەشرى.(تۈركچە).


8. مەھمەت ئۆلمەز نەشرگە تەييارلىغان « چاغداش تۈرك ئەدەبىياتىغا تەنقىدى بىر نەزەر » ، ئەنقەرە 1997 – يىل سۇمرۇغ نەشرىياتى.(تۈركچە)


9.ئابدۇشۈكۈر تۇردى قاتارلىقلار تۈزگەن« ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېىجىڭ، 2006 – يىل 4- ئاي بىرىنچى نەشرى.(ئۇيغۇرچە)


10.مەھەممەترېھىم سايىت « تۈركىي تىللار تىلشۇناسلىقىغا كىرىش » بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2004 – يىل 7- ئاي بىرىنچى نەشرى.(خەنزۇچە)


11. لاڭ يىڭ « ماناس تەتقىقاتى »،ئىچكى موڭغۇل ئونۋېرسىتى نەشرىياتى 1999 – يىل 8 – ئاي بىرىنچى نەشرى.(خەنزۇچە)


12.گېڭ شىمىن« شىنجاڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى »، مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتى 2006 – يىل 8 – ئاي بىرىنچى نەشرى.(خەنزۇچە)


13. سىدى تومسېن :« دۇنيا چۆچەكلىرىنىڭ تىپولوگىيەسى»، شاڭخەي ئەدەبىيات – سەنئەت نەشرىياتى، 1991- يىل نەشرى.


14. غەيرەتجان ئوسمان« ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1999 – يىل 6 – ئاي 1 – نەشرى. (خەنزۇچە)


15. دىلمۇرات ئۆمەر « ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ شامان دىنى ئېتىقادى تەتقىقاتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995- يىلى نەشرى. (خەنزۇچە)


16. بىي شۈن« قازاق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى»، مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2006 – يىل 6 – ئاي بىرىنچى نەشرى. (خەنزۇچە)


17.لى جىڭشىن « شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ تەرەققىيات تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003 – يىل 10- ئاي بىرىنچى نەشرى.(خەنزۇچە)


18.« دەدە قۇرقۇت چۆچەكلىرى»، توختى تىللا تەرجىمىسى ، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى 2001- يىل 3- ئاي بىرىنچى نەشرى.


19.ئابدۇكېرىم راخمان « ئوغۇزخان ۋە ‹ئوغۇزنامە › ئېپوپىيىسى ھەققىدە يېڭى مۇلاھىزىلەر »، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى 1981 – يىلى ئۈچىنچى سان.


20.غەيراتجان ئوسمان« ‹ئوغۇزنامە›نىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى توغرىسىدا»، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى 1986 –يىل 2- سان.


21.لى شۇخۇي « قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹ئوغۇزنامە› داستانىدىكى بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە »، « شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى » ژورنىلى 2004 – يىل بىرىنچى سان.(خەنزۇچە)


22.جاۋ پېىلىن « ئوبراز ، دىنىي ئاڭ مەزمۇنىنىڭ بەدىئى شەكىلگە مۇجەسسەملىنىشى » ، « تىئەنجىن ئىجتىمائى پەنلىرى » ژورنىلى 1985 – يىلى 5- سان .(خەنزۇچە)


23.مېھراي مەمتىلى« تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئېپوسلىرىدىكى قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى ھەققىدە تەھلىل »، « مىراس»ژورنىلى 1996 – يىل 3 – سان.


24. ئۇيغۇر سايرانى، ھەبىبۇللا خوجا « ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق(نارودنوست) بولۇپ شەكىللىنىشى توغرىسىدا »، « شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى »، 1988 – يىلى 1 – سان.


25.« غەربىي رايون يەر ناملىرى »، جوڭخۇا كىتاپ نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1980 – يىلى.






مېھراي مەمتىلىتۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئېپوسلىرىدىكى قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى ھەققىدە تەھلىل ،مىراسژورنىلى 1996 – يىل 3 – سان، 47 –بەت.


لاڭ يىڭ ماناس تەتقىقاتى،ئىچكى موڭغۇل ئونۋېرسىتى نەشرىياتى 1999 – يىل 8 – ئاي بىرىنچى نەشرى. 401- بەتكە قاراڭ.


گېڭ شىمىن ، تۇرسۇن ئايوپ « قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى ئوغۇزنامە » ، بېىيجىڭ .مىللەتلەر نەشرىياتى 1980 – يىلى 11- ئاي بىرىنچى نەشرى،106 – قۇرغا قاراڭ. (رەشىت رەخمەتى ئارات ماقالىلاربىرىنچى جىلت، تۈرك كۈلتۈر تەتقىقاتى ئىنىستوتى نەشرگە تەييارلىغان، ئەنقەرە 1987 – يىل، 619 – بەت 106 – قۇرغا قاراڭ.)


ئۇيغۇر سايرانى، ھەبىبۇللا خوجائۇيغۇرلارنىڭ خەلق(نارودنوست) بولۇپ شەكىللىنىشى توغرىسىدا، شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى، 1988 – يىلى 1 – سان، 95 – 96 – بەتلەر.


گېڭ شىمىن تۈرك خانلىقىنىڭ ئىجتىمائى تۈزىمى ۋە مەدەنىيىتى، شىنجاڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى،66 – بەتكە قاراڭ. مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتى 2006 – يىل 8 – ئاي بىرىنچى نەشرى.


ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ شەرق ئىستىلاسى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن.


گېڭ شىمىن بۇددا دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشى شۇنداقلا تۈرك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئەھۋالى، شىنجاڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، 136 – بەتكە قاراڭ.


لاڭ يىڭ ماناس تەتقىقاتى،ئىچكى موڭغۇل ئونۋېرسىتى نەشرىياتى 1999 – يىل 8 – ئاي بىرىنچى نەشرى. 100- بەتكە قاراڭ.


گېڭ شىمىن ، تۇرسۇن ئايوپ قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق داستانى ئوغۇزنامە63 – بەتكە قاراڭ. بېىجىڭ ، مىللەتلەر نەشرىياتى ،1980 – يىل 11 – ئاي بىرىنچى نەشرى .


ئوبۇلغازى باھادىرخان شەجەرەئى تۈرك،جوڭخۇا كىتاپ نەشرىياتى ، بېىجىڭ ،2006 – يىل 8-ئاي 2-نەشرى ،(خەنزۇچە ) ، 22 – بەتكە قاراڭ .


يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇتادغۇبىلىك،بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984 – يىل 5- ئاي بىرىنچى نەشرى، 117 – بەت 371 – بېيىت .


جاۋ پېىلىن « ئوبراز ، دىنىي ئاڭ مەزمۇنىنىڭ بەدىئى شەكىلگە مۇجەسسەملىنىشى » ، تىئەنجىن ئىجتىمائى پەنلىرىژورنىلى 1985 – يىلى 5- سان .


مەنبە: « تارىم ژورنىلى» 2007 – يىل 11- سان

بەت: [1]
: «ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى